مۇقەددىمە
قەدەم ئىزى- بىراۋنىڭ ماڭغانلىغىنى كۆرسىتدۇ.
مەھمۇد كاشغەرى
ياش ئىدۇق مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلىنىپ ماڭغاندا بىز،
ئەمدى ئاتقا مىنگۈدەك بوپ قالدى ئەنە نەۋرىمىز.
ئاز ئىدۇق مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلىنىپ چىققاندا بىز،
ئەمدى چوڭ كارۋان ئاتالدۇق قالدۇرۇپ چۆللەردە ئىز.
قالدى ئىز چۆللەر ئارا گاھى داۋانلاردا يەنە،
قالدى نى-نى ئارسلانلار دەشتى-چۆلدە قەۋرىسىز.
قەۋرىسىز قالدى دىمەڭ يۇلغۇن قىزارغان دالىدا،
گۈل چېچەككە پۈركىنۇر تاڭىنا-باھاردا قەبرىمىز.
قالدى ئىز، قالدى مەنزىل ،قالدى ئۇزاقتا ھەممىسى،
چىقسا بوران كۆچسە قۇملار ھەم كۆمۈلمەس ئىزىمىز.
توختىماس كارۋان يولىدىن گەرچە ئاتلار بەك ئۇرۇق،
تاپقۇسى ھىچبولمىسا، بۇ ئىزنى بىر كۈن، نەۋرىمىز-يا ئەۋرىمىز.
ھۆرمەتلىك كىتاپخانىلار:
شۇنداق غەزەللەرنى ياڭرىتىپ،بىپايان دالىلاردا كۆمۈلمەس ئىزلارنى قالدۇرۇپ ئۆتكەن كارۋانلار يۈرۈش باشلىغان چاغلاردا، بەلكى سىز تېخى تۇغۇلمىغان،ياكى تۇغۇلغان بولسىڭىزمۇ <تالچىۋىقنى ئات ئىتىپ>ئويناپ يۇرگەن بولغۇيدىڭىز ؛كىم بىلدۇ، شۇ يۈرۈشلەرنىڭ بىرەرسىدە قارا بوراندەك ئوچقۇر ئاتلارغا مىنگەن ئەزمەتلەر بىلەن بىللە جەڭ مەيدانلىردا قىلىچ ئويناتقانسىز ئېڭىزلىقلارنى كۆكرىكىڭىز بىلەن تىلغاپ،چۆچەكلەردىكى ئەجدىھالاردەك ئاغزىدىن ئوت چىچىپ تۇرغان پوتەيلەرگە ئۆزىڭىزنى ئۇرغاندا،بەدىنىڭىزنىڭ بىريېرى <پىژ>قىلىپ قالغاندۇ دە.ئۆزىڭىز شېرىن ئۇيقۇغا كەتكەندەك بۇلۇپ قالغانسىز. ئەمدىلىكتە بۇلسا ،بەدىنىڭىزدىكى تاتۇقلارنى ھەر كۆرگەندە،شۇ كۈنلەر يادىڭىزغا كىلىپ،كۈلۈپ قويدىغانسىز …كىم بىلدۇ بەلكى بايىلا سىزنى خوش چاقچاقلىرى بىلەن كۈلدۈرۈپ ئولتۇرغان سەپدىشىڭىزنى بىردەمدىن كىيىن،يۇلغۇن تۈۋىگە كۈمۈپ قۇيۇشقا تۇغرا كەلگەندە كۆزلىرىڭىزدىن تارام-تارامياشلار تۈكۈلگەندۇ،ياكى قاراڭغۇ كامىرلار يۇتۇپ كەتكەن يولداشلىرىڭىزنى ھەر ئەسلىگەندە يۈرەك باغرىڭىز ئېزىلىپ كېتدىغاندۇ…
ئاھ، كىسىلگەن باشلار تۈكۈلگەن قانلار،دەريا-دەريا ئاققان ياشلار…
شۇنداق، شۇنداق.بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆتمۈش،ھەممىسى تارىخ،ھەممىسى يورۇق دۇنيا ئۈچۈن بولغان ئىشلار.چۈنكى ئۇ چاغلاردا،دۇنيا بەكمۇ قاراڭغۇ ئىدى،بۇ قاراڭغۇ زۇلمەتتىن قۇتۇلۇپ يورۇقلۇق يۈزىنى كۆرۈش ئۈچۈن،بەك ئۇزون مەنزىللەرنى بىسىپ،ئاسمان پەلەك داۋانلاردىن ئىشىشقا توغرا كىلەتتى ۋە خۇددى ماكسىم گورگى ئېيتقاندەك،دانكوغا ئوخشاش پىداكار يول باشلىغۇچىلار لازىم ئىدى.