ئىبراھىم ئەلەيھىسالام ئۆز ئوغلىنى ئۇنتۇپ قالمىدى . ئۇ ئوغلىنىڭ ئەھۋالىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلەتتى ھەمدە بۇ يەرگە دائىم كېلىپ ئوغلىنى يوقلاپ تۇراتتى . ئىسمائىل بارا -بارا چونە بولۇپ ، مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغان ۋە ئەمگەك قىلالايدىغان بولدى . بىر كېچىسى ئىبىراھىم ئەلەيھىسالام چۈش كۆردى ، كۆرگەن چۈشىدە ئاللا ئۇنىڭغا ئوغلىنى ئۆلتۈرۈپ قۇربانلىق قىلىشنى بۇيرىدى . پەيغەمبەرلەرنىڭ چۈشىدىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى راست ئىدى ، چۈشىدە كۆرگەنلىرى چوقۇم ئەمەلگە ئاشاتتى .
زەربە ئۈستىگە زەربە ، ئاپەت ئۈستىگە ئاپەت ئۈزۈلمەي كەلمەكتە ئىدى . ئىبراھىم ئەلەيھىسالام ئۆمرىنىڭ تولىسىنى جاپا – مۇشەققەت ئىچىدە ئۆتۈزۈپ ، ياشانغان چاغدا ئاران بىر ئوغۇل كۆرگەنلىكىگە ناھايىتى خوشال ئىدى . لېكىن ، كېيىنكى چاغلاردا ئۇ ئوغلىنى ئانىسى بىلەن بىللە ئادەم قەدىمى بېسىلمىغان بىر قاقاس چۆلگە تاشلىۋېتىشكە مەجبۇر بولغان بولسىمۇ ، لېكىن ئاللا ئۇلارنى ئۆز پاناھىدا ساقلاپ ، ئۆلۈم يىتىمدىن قۇتۇلدۇردى . ئەمدى ئوغلى چوڭ بولۇپ يېتىشىپ كېلىۋىدى ، ئۇنى قۇربانلىق قىلىشقا توغىرا كەلدى . ئىسمائىل ئۇنۇڭ بىردىن بىر ئوغلى ئىدى ، ئەمدى ئۇنۇڭغا ئوغلىنى ئۆز قولى بىلەن ئۆلتۈرۈپ قۇربانلىق قىلىشقا توغىرا كەلدى . بۇ نىمە دىگەن ئازاپلىنارلىق ئىش -ھە ! بۇنداق ئازاپقا يۈرىكى تاشتىن پۈتكەن ئادەممۇ چىداپ تۇرالمايدۇ .
پەيغەمبەر دىگەن بەرىبىر پەيغەمبەر-دە ! ئىبراھىم ئەلەيھىساللام ئۆزىنىڭ ئاللاغا بولغان قەتئىي ئېتىقادى بىلەن بۇ ئازاپنى تارتىشنى راۋا كۆرۈپ ، ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنۇش قاراراغا كەلدى-دە ، ئوغلىنىڭ يېنىغا بېرىپ :
__ ئى ئوغلۇم ! ئالاتائالا چۈشۈمدە مېنى سېنى ئۆلتۈرۈپ ئۇنۇڭ يولىدا قۇربانلىق قىلىشقا بۇيرىدى . ئۇنۇڭغا سەن رازى بولامسەن ؟ __ دىدى . ئۇنۇڭ ئۆز چۈشىدە كۆرگەنلىرىنى ئوغلىغا ئېيتىشى قۇربانلىق قىلىشنىڭ ئاللانىڭ ئىرادىسى ئىكەنلىگىنى ئوغلىغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىدى .
__ دادا ، __ دىدى ئوغلى ئىتائەتمەنلىك بىلەن ، __ سىز پەرمان بويىچە ئش قىلىڭ ! ئەگەر بۇ ئاللانىڭ ئىرادىسى بولىدىغان بولسا ، سىز مېنىڭ بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىمنى كۆرەلەيسىز .
ئاتىغا ھۆرمەت قىلىش __ ئالىجاناپلىق ، ئاللانىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنۇش ، ئاللانىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئىتائەت قىلىش بولسا تېخىمۇ ئالىيجاناپلىق .
دادىسىنىڭ ئازابىنى يەڭگىللىتىش ، دادىسىغا ئاللانىڭ ئەمرىنى تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق ئىجىرا قىلىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن ، ئىسمائىل دادىسىغا مۇنداق دىدى :
__ دادا ، جان ئاچچىقىمدا پۇت ئېتىپ تولغىنىپ كەتمەسلىگىم ئۈچۈن ، مېنى مەھكەمرەك باغلاڭ ، كىيىملىرىمنى سالدۇرىۋېتىڭ ، بولمىسا قان چاچىراپ كېتىدۇ ، بۇنى ئانام كۆرۈپ قالسا كۆڭلى بۇزىلىدۇ ؛ پىچىقىڭىزنى بىلەپ ئىتتىكلىتىپ ، كېكىرتىگىمگە توغرىلاپ بىر پىچاق بىلەن ئۆلتۈرۈڭ ، شۇنداق قىلسىڭىز كۆپ ئازاپلانماسلىقىم مۈمكىن . مەندىن ئانامغا سالام ئېيتىپ قويۇڭ . ناۋادا خالىسىڭىز ، كىيىم - كېچەكلىرىمنى ئانامغا تاپشۇرۇپ بېرىڭ . بۇ مېنىڭ ئانامغا قالدۇرغان خاتىرەم بولۇپ قالسۇن . ئانام مېنى سېغىنغاندا ، كىيىملىرىمنى كۆرسە كۆڭلى تەسەللى تاپار ھەم كىيىملىرىمدىن مېنىڭ ھىدىمنى پۇرار .
__ئى جېنىم ئوغلۇم ، __ دىدى ئىبراھىم ئەلەيھىسالام ، __ سەن ئاللانىڭ ئەمرىنى ئورۇندىشىمغا ياردەم بېرەلىسەڭ ، بەكمۇ ياخشى قىلغان بولىسەن ! __ ئىبراھىم ئەلەيھىسالام سۆزلەۋېتىپ ئوغلىنى باغرىغا بېسىپ يۈز – كۆزلىرىنى توختىماي سۆيۈپ كەتتى . ئاتا - بالا ئىككەيلەن بېشىنى بېشىغا يېقىشىڭ قاتتىق يىغا - زار قىلىشتى .
ئىبراھىم ئەلەيھىسالام ئوغلىنىڭ ئىككى قولىنى باغلاپ ، يەرگە ياتقۇزدى – دە ، قولىغا پىچاق ئالدى . ئۇ ئوغلىغا قاراپ ، كۆزىدىن يامغۇردەك ياش تۆكۈپ ، ئاھ ئۇرۇپ كەتتى ، ئارقىدىن پىچاقنى ئوغلىنىڭ كېكىرتىكىگە توغۇرلاپ بىر ئۇرىۋىدى ، پىچاق ئۆتمەي توختاپ قالدى ، چۈنكى ئالا پىچاقنىڭ بىسىنى كەينىگە ياندۇرىۋەتكەن ئىدى .
__ ئى دادا ، __ دىدى ئوغلى ، __ يۈزۈمنى دۇم قىلىڭ ، بولمىسا يۈزۈمنى كۆرۈپ ئىچ ئاغرىتىسىز – دە ، ئالانىڭ ئەمىر – پەرمانىنى ئىجرا قىلىشىڭىزغا دەخلى يېتىدۇ .
دادىسى ئوغلىنىڭ دىگىنى بويىچە قىلدى ، ئاندىن پىچاقنى ئېلىپ ئىسمائىلنىڭ بوغىزىغا توغۇرلاپ يەنە ئۇردى . لېكىن ، پىچاق يەنىلا ئۆتمىدى . ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام تەمتىرەپ قېلىپ ، ئاللاغا قانداق قىلىش توغۇرسىدا مۇراجىئەت قىلدى . ئالا ئۇنۇڭغا :
ئى ئىبراھىم ! سەن چۈشۈڭدىكى بۇيرۇق بويىچە ئىش قىلدىڭ . مەن بارلىق ئاق كۆڭۈل بەندىلىرىمگە مۇشۇنداق مەرھەمەت قىلىمەن ، __ دەپ ۋەھىي يەتكۈزدى .
ئاتا – بالا ئىككەيلەن قۇتۇلۇپ قالدى . ئۇلار ئالاغا تەشەككۈر ئېيىتتى . شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئاللاغا بولغان ئىشەنچىسى تېخىمۇ قەتئىيلەشتى .
ئاللا ئىسمايىلنىڭ بەدىلىگە قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن جەننەتتىن بىر قوشقار چىقاردى . ئاتا - بالا ئىككەيلەن كەينىگە قارىۋىدى ، يېنىدا بىر قوچقار تۇرغانلىقىنى كۆردى . ئىبراھىم ئەلەيھىسالام بايا ئىشلەتكەن پىچاقنى قوچقارنىڭ بوينىغا توغۇرلاپ ئۇرىۋىدى ، قوشقار شۇ ئان يىقىلدى ، يەر قانغا بويالدى . بۇ قوچقار ئىسمائىلنىڭ بەدىلىگە ئۆلتۈرۈلدى . شۇنۇڭدىن تارتىپ ، بارلىق مۇسۇلمانلار بۇ ۋەقەنى خاتىرىلەپ ، ئاللاغا ئۆزلىرىنىڭ تەشەككۈرىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ، ھەر يىلى شۇ كۈندە قۇربانلىق قىلىدىغان بولدى . قۇربان ھېيىتنىڭ كېلىپ چىقىشى مانا شۇنداق .
مەنبە:چوغلان تورى