يوللىغۇچى:كىتابپۇرۇش يوللانغان ۋاقتى:ئاپرېل - 5 - 2011 ئىنكاسسىز

مەھمۇد شاكىر (سەئۇدى)

تۆت خەلىپە

مەھمۇد شاكىر (ئەرەبىستان)

تەرجىمە قىلغۇچى: ئۆمەرجان نۇرى

باھاسى: 28.00 يۈەن

2009-يىلى 12-ئاي 1-نەشرى

2010يىلى 3-ئاي 3-بېسىلىشى

تىراژى:19001-39000

ISBN: 9787105104642

مۇندەرىجە

ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى

1. ھەزرىتى ئەبۇ بەكرىنىڭ جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ھاياتى

2. ھەزرىتى ئەبۇ بەكرىنىڭ ئىسلامىيەت دەۋرىدىكى ھاياتى

3. ھەزرىتى ئەبۇ بەكرىنىڭ خەلىپىلىككە تەيىنلىنىشى

4. ھەزرىتى ئەبۇ بەكرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك خىزمەتلىرى ۋە فەتھىلىرى

5.زەيد ئىبنى ئۇسامە قوشۇنى

6. ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن فەتھىلەر

7.فەتھى سەپلىرى

8.ئىران سېپى

9.شام (سۈرىيە) نىڭ فەتھى قىلىنىشى

10. ھەزرىتى ئەبۇ بەكرىنىڭ ۋەسىيەتلىرى

11. ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى دەۋرىدىكى جەمئىيەتكە بىر نەزەر

ھەزرىتى ئۆمەر

1. ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ھاياتى

2. ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىنكى ھاياتى

3. ھەزرىتى ئۆمەر دەۋرىدىكى فەتھىلەر

4. يەرمۇك جېڭى

5. فەھل ئۇرۇشى

6.دەمەشق (شام) نىڭ فەتھى قىلىنىشى

7.بەقائە ۋەقەسى

8.مارجۇررۇم ئۇرۇشى ۋە ھۇمۇسنىڭ فەتھى قىلىنىشى

9.قىننەسرىنىڭ فەتھى قىلىنىشى

10.ئەجنادەيننىڭ فەتھى قىلىنىشى

11.قۇددۇسنىڭ فەتھى قىلىنىشى

12.ھۇمۇس شەھىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىم فەتھى قىلىنىشى

13.جەزىرەنىڭ فەتھى قىلىنىشى

14.سۈرىيە ساھىللىرىنىڭ فەتھى قىلىنىشى

15.مىسىرنىڭ فەتھى قىلىنىشى

16. شەرقى سەپلەرنىڭ ئەھۋالى

17.نەمارىق ئۇرۇشى

18.جىسىر ئۇرۇشى

19.بۇۋەيىب ئۇرۇشى

20.قادىسىيە ئۇرۇشى

21.مەدائىننىڭ فەتھى قىلىنىشى

22.جەلۇلەننىڭ فەتھى قىلىنىشى

23.ھەلۋاننىڭ فەتھى قىلىنىشى

24.تىكرىت ۋە مۇسلنىڭ فەتھى قىلىنىشى

25.مەسەبزاننىڭ فەتھى قىلىنىشى

26.ئەھۋازنىڭ فەتھى قىلىنىشى

27 ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلىشى

28. ھەزرىتى ئۆمەر ھەزرىتى ئۆمەر دەۋرىدىكى ئىسلام جەمئىيىتى


ھەزرىتى ئوسمان

1.ھەزرىتى ئوسماننىڭ ھاياتى

2.ھەزرىتى ئوسماننىڭ خەلىپىلىكى

3.ھەزرىتى ئوسمان دەۋرىدىكى فەتھلەر

4.ھەزرىتى ئوسمان دەۋرىدىكى فەتھى سەپلىرى

5.غەربىي سەپ

6.شەرقى سەپتە ئېلىپ بېرىلغان فەتىھلەر

7.ھەزرىتى ئوسمان دەۋرىدىكى جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى

ھەزرىتى ئەلى

1.ھەزرىتى ئەلىنىڭ ھاياتى

2.ھەزرىتى ئەلىنىڭ خەلىپىلىككە تەيىنلىنىشى

3.ھەزرىتى ئەلى دەۋرىدىكى ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئەھۋالى

4. ھەزرىتى ئەلىنىڭ سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلىشى

ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە

ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى ھىجرەتتىن 51 يىل بۇرۇن دۇنياغا كەلگەن .ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن.

ئەسلىي ئىسمى: ئابدۇللا ئىبنى ئوسمان ئىبنى ئامىر ئىبنى ئەمرۇ ئىبنى كەئب ئىبنى سەئد ئىبنى تەييىم.

لەقىمى: ئەتىيق ؛ تەخەللۇسى : ئەبۇ بەكرى . كىشىلەر ئۇنى ”سىددىق راستچىل“ نامى بىلەن تونۇيدۇ.

دادىسىنىڭ ئىسمى : ئوسمان ئەبۇ قۇھافە.

ئانىسىنىڭ ئىسمى:ئۇممۇل خەير سەلمە بىنتى سەخر

ھەزرىتى ئۆمەرتوغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە

ھەزرىتى ئۆمەر ھىجرەتتىن 42 يىل بۇرۇن مەككىدە تۇغۇلغان . پەيغەمبەر ئەلەيھسالامغا ۋەھىي كەلگەندە ،ئۇ 29 ياشتا ئىدى . ۋەھىي كېلىپ ، ئالتە يىلغىچە جاھىليەت ھاياتىنى داۋاملاشتۇردى ، يەنى ئۆمەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋەھىي كېلىپ ئالتە يىلدىن كېيىن ئىمان ئېيتتى . شۇنداق بولغاندا ، ئۇ جاھىليەتتە 35 يىل ، ئىسلامدا 30 يىل ياشىغان

ھىجرىيىنىڭ 23-يىلى ، زۇلججە ئېيىنىڭ 23-كۈنى سەھەر ۋاقتى ئىدى . ھەزرىتى ئۆمەر بامدات نامىزىنى باشلاشتىن بۇرۇن ئادىتى بۇيىچە سەپلەرنى رۇسلاپ چىقتى . ئاندىن تەبىر ئېيتقاندىن كېيىن ، نامازغا تۇردى.

دەل شۇ چاغدا ، ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ :«ئاھ مېنى ئۆلتۈردى!» دەپ ئېڭىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى . ئەبۇ لۇئلۇئە دېگەن مەلئۇن ئۇنىڭ ئالتە يېرىگە سالغانىدى. ئۇ بۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلماي خەنجىرىنى ئەتراپقا قالايمىقان شىلتىپ جامائەتتىن ئون ئۈچ كىشىنى يارىدار قىلدى، ئۇلۇغ ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن.

ھەزرىتى ئوسمان توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە

ھەزرىتى ئوسمان ھىجرەتتىن 47 يىل بۇرۇن تائىپتا تۇغۇلغان بولۇپ ، پەيغەمبەر ئەلەيىھسالامدىن ئالتە ياش كىچىك ئىدى .

ھەزرىتى ئوسماننىڭ دادىسى ئەففان باي سودىگەر ئىدى ئۇ تىجارەت ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلىنىپ ، شامدا ۋاپات بولغان .

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تۇنجى ۋەھىي كەلگەندە ھەزرىتى ئوسمان 34 ياش ئەتراپىدا ئىدى . ئۇ كۆپ ئۆتمەي ئىسلامنى قوبۇل قىلىپ مۇسۇلمان بولدى ۋە ساھابىلەرنىڭ ئالدىنقىلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى . تارىخىتا قەيت قىلىنىشىچە ، ئۇ ئالدىنقى ئون مۇسۇلماننىڭ بىرى ئىكەن . ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن.

ھەزرىتى ئەلى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە

ھەزرىتى ئەلى ھىجرەتتىن 23 يىل بۇرۇن تۇغۇلغان بولۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن 30 ياش كىچىك ئىدى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋەھىي كەلگەندە ئۆز ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن مۇسۇلمان بولۇشقا ئىمان ئېيتتى . ئۇلار ئارىسىدا ئەلىمۇ بار ئىدى . ئەلىمۇ باشقىلارغا ئوخشاش ئىمان ئېيتتى ، بۇ چاغدا ئۇ تېخى ئون ياشقىمۇ توشمىغان ئىدى. ھەزرىتى ئەلى ئىسلامنى قۇبۇل قىلغان تۇنجى بالا مۇسۇلمان ھېسابلىنىدۇ . ئۇ سەنەم – بۇتلارغا چوقۇنۇپ باقمىغان بولۇپ ، پۈتۈنلەي ئىسلام تەربىيىسىدە چوڭ بولغانىدى .

بەزى مەزمۇنلار: كىتاب يۇرتى تورىدىن كۆچۈرۈلدى

http://www.kitapyurti.com/?p=1086

خەتكۈچلەر: