يوللىغۇچى:كىتابپۇرۇش يوللانغان ۋاقتى:ئاپرېل - 4 - 2011 ئىنكاسسىز

موللا مۇسا سايرامىتارىخى ھەمىدى

نەشىرگە تەييارلىغۇچى:

ئەنۋەر بايتۇر

مىللەتلەر نەشىرياتى

2007-يىلى 9-ئاي 1-نەشىرى

2010-يىلى 8-ئاي 4-بېسىلىشى

تىراژى 9001-12000

باھاسى: 36 يۈەن

ISBN: 9787105084838

موللا مۇسا سايرامى يەنى موللا مۇسا بىننى موللا ئەيسا خوجا سايرامى (1836-1917-يىللار) يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخ ئالىمى ۋە شائىرى. ئۇ ئۆز ئۆمرىدە بىر مۇنچە قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يېزىپ، ئۆز دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە مۇھىم تۆھپە قوشقان.
———————————–
ئاپتور بۇ ئەسەرنى يازغاندا، ئاساسەن 1864-يىلىدىكى كۇچا دېھقانلار قوزغىلىڭى ۋە بەدۆلەتنىڭ باسقۇنچىلىق ئۇرۇشلىرىنى بايان قىلىشنى مەقسەت قىلىپ، بۇ ھەقتە تەپسىلىي ۋە كەڭ توختالغان.
————————————————–
موللا مۇسا سايرامى بۇ كىتابتا تارىخ ئەھلى ئۇزاقتىن بۇيان دىققەت بىلەن قاراپ كەلگەن ۋە ئۇلارنىڭ ئاساسىي تەتقىقات تېمىلىرى بولغان بىر مۇنچە مۇھىم مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە خېلى ئوبيېكتىپ ۋە توغرا خۇلاسىلەرنى چىقارغان.
بىرىنچى، ئاپتور بۇ ئەسەردە 1864-يىلدىكى پۈتۈن شىنجاڭ رايونىنى قاپلىغان دېھقانلار قوزغىلاڭلىرىنىڭ، بولۇپمۇ كۇچا دېھقانلار قوزغىلىڭى، بەدۆلەتنىڭ بۇ دېھقانلار قوزغىلاڭلىرىغا قارشى جازا يۈرۈشلىرى، دېھقانلار قوزغىلاڭلىرىنىڭ ئۇنىڭغا قارشى باتۇرلارچە كۈرەشلىرىنى تۇنجى قېتىم تەپسىلىي، مۇكەممەل ۋە سىستېمىلىق ئوتتۇرىغا قويغان.
ئىككىنچى، ئاپتور بۇ ئەسەردە ئەينى زاماندا جۇڭگودىكى مىللەتلەر زىندانى بولغان چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەشەددىي مىللىي زۇلۇم سىياسىتى ۋە يەرلىك ئاقسۆڭەكلەرنىڭ فېئوداللىق زۇلۇمىنى قاتتىق پاش قىلغان.
ئۈچىنچى، ئاپتور بۇ ئەسەردە شۇ قېتىمقى دېھقانلار قوزغىلاڭلىرىنىڭ مەغلۇپ بولۇشتىكى تۈپكى سەۋەبلىرى ھەققىدە نۇرغۇن جايدا تەپسىلىي توختىلىدۇ ۋە ناھايىتى ئوبيېكتىپ خۇلاسە چىقىرىدۇ.
تۆتىنچى، ئاپتور گەرچە بەدۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسىي ئەمەلدارىدىن بىرى بولغان مىرزا بابابەگ ھىسارىنىڭ قول ئاستىدا ئون يىل مىرزا بولۇپ ئىشلىگەن بولسىمۇ، لېكىن، ئۇ بەدۆلەت ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا خېلى نەپرەت بىلەن قاراپ، ئۇلارنى پاش قىلىدۇ. بولۇپمۇ بەدۆلەتنىڭ ياش ۋاقتىدىن باشلاپلا ھىيلە – مىكىرلىك يوللارنى ئۆگەتكەنلىكى، ئۇنىڭ ئالدامچىلىقى، ئىككى يۈزلىمىچىلىكى، قانخورلۇقى، ئىستېداتلىقى ئەسەرنىڭ بىر مۇنچە جايلىرىدا ئوچۇق پاش قىلىنىدۇ. بولۇپمۇ، ئۇ بەدۆلەتنىڭ دېھقانلار قوزغىلاڭلىرىنى قانلىق باستۇرغانلىقىغا قاتتىق نەپرەت بىلەن قارايدۇ. ئۇنىڭ بەزى جەڭلەردە مەغلۇپ بولغانلىقىنى مەسخىرە قىلىدۇ. ئۇنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىنى بولسا شىنجاڭدىكى دېھقانلار قوزغىلاڭلىرىنىڭ مەغلۇپ بولىشىدىكى تۈپ سەۋەبلىرى دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ قوقەن خانلىقى، تۈركىيە سۇلتانلىقى، ئەنگلىيە، چارروسىيە مۇستەملىكچىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ يەتتە شەھەرنى تۈركىيە سۇلتانلىقىنىڭ ھامىيلىقىغا تاپشۇرغانلىقىنى پاش قىلىدۇ. ئومۇمەن، <<تارىخى ھەمىدى>> بۇ دەۋردىكى شىنجاڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن مۇھىم ئىلمىي ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

تارىخى ھەمىدىگە دائىر تىخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلار

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

خەتكۈچلەر:

无觅相关文章插件,快速提升流量