يوللىغۇچى:كىتابپۇرۇش يوللانغان ۋاقتى:ئۆكتەبىر - 1 - 2011 2 ئىنكاسلىق

ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە

ئاپتورى: زۇلپىقار بارات ئۆزباش

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشىرياتى

2011-يىلى 4-ئاي 1-نەشىرى

2011-يىلى 4-ئاي 1-بىسىلىشى

تىراژى: 001-3000

32 فورمات،  14 باسما تاۋاق

ھەممىسى: 438 بەت

ISBN:  9787563124640

باھاسى: 38 يۈەن (يۇمشاق مۇقاۋا)

دوكتور زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ «ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە: ھونولۇلۇ خىياللىرى»

ناملىق كىتابى رەسمىي نەشردىن چىقتى

كىتابنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

ئەتراپىمىزدا تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا بىزدىن ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىشنى، ئۆزىمىزگە جەڭ ئېلان قىلىشنى، ئۆزىمىزنى چوڭقۇرلاپ قېزىشنى ۋە كىملىكىمىزنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تونۇشنى تەلەپ قىلماقتا. ئەمما بۇ جەريان قانداق ئىشقا ئاشىدۇ؟ بىز خرىسلار ۋە تېپىشماقلار ئالدىدا نېمە قىلالىشىمىز مۇمكىن؟ يوشۇرۇن كۈچىمىزنى قانداق قازىمىز؟ بۇلار ئېيتىلىشقا ئاسان بولغىنى بىلەن، ئادەمنى گاڭگىرىتىدىغان، ۋەزنى ئېغىر سوئاللاردۇر. قولىڭىزدىكى بۇ كىتاب ئەنە شۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىش مەقسىتىدە جاپالىق سىناقلارنى ئۆز ھاياتىدا تەجرىبىدىن ئۆتكۈزگەن بىر ئىزدىنىشچان ياشنىڭ چەت ئەل ۋە يۇرتىمىزدىكى ئۆزىنى ئىزدەش سەپىرىدە ھېس قىلغان، ئويلىغان خاتىرىلىرىنىڭ دەسلەپكى قىسمىدۇر. كىتابنىڭ قۇرلىرىدىن يېڭى ئۇچۇر، يېڭى پىكىر خۇرۇچلىرى ۋە تىنىم تاپماس بىر روھنىڭ ئىزنالىرى بايقىلىپ تۇرىدۇ. كىتابنى ۋاراقلىغىنىڭىزدا، ئىنسان كۈچىنىڭ چەكسىز ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزىنى قېزىش، ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىش، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنىڭ ئادەمنى نۇرانە مەنزىللەرگە باشلايدىغان روھىي مۇساپە ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ ھېس قىلىسىز. ئاپتور ئاشۇ بىر قاتار ھېس- تۇيغۇلىرىنى، پىكىرلىرىنى سىزگە يېقىن بىر جايدا شىۋىرلاپ ئېيتىپ بېرىۋاتقاندەك، يىراقلاردا تۇرۇپ ئۆز قېرىنداشلىرى بىلەن غايىبانە پىچىرلىشىۋاتقاندەك بىر تەرىزدە، يەڭگىل ئۇسلۇبتا قەلەمگە ئالىدۇ.

ئاپتور كىتابىدا ئۆزىنىڭ كۆپ قىرلىق تالانتىنى نامايان قىلغان بولۇپ، جەمئىيەتشۇناسلىق، مائارىپشۇناسلىق، ئەخلاقشۇناسلىق، تارىخشۇناسلىق، پسىخولوگىيە پەنلىرىنىڭ كېسىشمە نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ياشاش ئەندىزىمىز، مۇرەككەپ جەمئىيەت قوينىدىكى روھىي ھالىتىمىز، جەمئىيىتىمىزدىكى شەھەرلىشىش، زامانىۋىلىشىش مۇساپىسى داۋامىدا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە يېڭىچە بىر مېتودتا پىكىر يۈرگۈزىدۇ. بىز جاۋابىنى ئىزدەۋاتقان خىلمۇخىل نۇقتىلار ھەققىدىكى كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان تەلقىنلىق بايانلىرى ئارقىلىق بىزگە بىر قېتىملىق ئىدىيە يېڭىلاش، قاسراق تاشلاش، ئۆزىمىزنى تونۇش زۆرۈرىيىتىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. كىتاب نوقۇل ھالدا مەلۇم ساھەدىكى كىشىلەرنىڭ قىممەت قارىشىنى تۇتقا قىلىپ يېزىلمىغان بولغاچقا، كەڭ ئوقۇرمەنلەر قاتلىمىنىڭ ــ ئىلىم تەتقىقاتچىلىرىنىڭ، ھەرقايسى قاتلامدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ، چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىقىشنى ئويلاۋاتقان ياكى تىل ئۆگىنىۋاتقان ئالىي، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ، ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلارنىڭ، ئورگان خىزمەتچىلىرىنىڭ ۋە ئاتا- ئانىلارنىڭ ئوقۇشىغا ماس كېلىدۇ. ئىشىنىمىزكى، بۇ كىتابنى ئوقۇغان كىتابخان بىر قېتىملىق ئۆزىنى يېڭىلاش ۋە تەپەككۇرنى قوزغىتىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايدۇ.

كىتاب ھەر قايسى جايلاردىكى شىنخۇا كىتابخانىلىرى ۋە شەخسىي كىتابخانىلاردا سېتىلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

خەتكۈچلەر:

بۇ يازمىغا ھازىرچە 2 تورداش پىكىر يازدى، سىزنىڭ پىكىرىڭىز يوقمۇ؟

  1. ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم…
    مەزكۇر كىتابنى ئىچكىرىگە ئەۋەتسە كىرا ھەققى بىلەن قانچە دوللارغا توختاپ قالار

    • كىتابپۇرۇش مۇنداق يازغان:

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
      ئىچىكىرى تەرەپلەرگە جىق كىتاب سەپباقمىدىم، ئۆتكەندە بىرسىگە پوچتىدىن 2پارچە كىتابنى 15-16 يۈەنگە سالغىنىم ئىسىمدە.
      لىكىن يامان يىرى 12-10 كۈندە ئاران تېگىدىكەن.
      تىز پوچتىدىن ئىچكىرىگە كىتاب سىلىپ باقمىدىم.
      ئەمدى جاۋاپقا كەلسەك، كىتاب باھاسى 38يۈەن+كىرا = 50 يۈەندىن ئاشمايدۇ.
      ئەگەر ئۇيغۇربەگ قارىمغا لازىم بولسا جىددىي يولغا سالىمىز .

无觅相关文章插件,快速提升流量