باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 14085 قېتىم كۆرۈلدى
«2345»Pages: 5/5     Go
تېما: سۈننەتكە ئەگىشىشتىكى سەۋەپ( ئەڭ موھىم)
بىلمىگەن نەرسە توغرىلىق توختالما!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 396
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 519
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە519دانە
ئۆسۈش: 820 %
مۇنبەر پۇلى: 6634 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-24
ئاخىرقى: 2012-09-10
40-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-12 02:44

Re:Re:Re:Re:Re:Re:21-قەۋەت (نۇرس) نىڭ يازمىسىغا

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 38قەۋەتتىكى نۇرس نىڭ 2011-09-11 07:31 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل Re:Re:Re:Re:Re:21-قەۋەت (نۇرس) نىڭ يازمىسىغا :
[attachment=12315]
قېرىندىشىم، ئۇ كىتاپنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى تەرجىمان قېرىندشلىرىمىز ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپتۇ، مەندە ئەرەپچىسى يوق، ئۇيغۇرچىسى بار ئىدى. رەسىم ئۈستىگە چىقىپ قاپتۇ، رەسىم: فىقھى ھەنەفى (ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)،37-بەت. ئابدۇلھەمىد مەھمۇد تاھماز.


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
بۇ كىتابنىڭ ئەرەبچىسى: ئەلفىقھۇل ھەنەفىييۇ فى سەۋبىھىل جەدىد. يەنى:يېڭى كىيىملىك ھەنەفىيە فىقھىسى. ئۇيغۇرچە كىتاب مۇقاۋىسىدىكى نامى: يېڭى ئۇسلۇبتىكى ھەنەفىيە فىقھىسى(5 قىسىم)

سىزگە تەكلىپ:
كىتاب ئوقۇسىڭىز پاكىتنى بۇرمىلىمايدىغان، ئەللاھتىن قورقىدىغان، پېشقەدەملەرگە تۆھمەت قىلمايدىغان يازغۇچىنىڭكىنى ئوقۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.مۇنۇ ئاپتورنىڭ مۇنۇ كىتابى ھەنەفىيە مەزھىبىنى ئاقلاشنى ئاساسى تېما قىلىپ تۇرۇپ يېزىلغان  خاتالىقلار كۆپ كىتاب. پۇرسەت بولسا، ئۇ كىتابتىكى خاتالىقلارغا رەددىيە يازماقچى. ئەسلىدە ئادىل مەيداندا تۇرۇپ ھەنەفىيە فىقھىسىنى يازغاندا،قۇرئان، ھەدىسكە توغرا كەلگىنىنى ئەللاھ رەھىم قىلغاي، دەپ خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىش؛ خاتا كېتىپ قالغان جايلىرى بولسا، ئەللاھ گۇناھىنى ئەپۇ قىلغاي، دەپ توغرىلاپ قويۇش ئەڭ ئەقەللىي ئادالەتلىك مەيدان. بىز سۈننەتچىلەر ئەبۇھەنىفەنى رەسۇلۇللاھ مەدھىيلىگەن سەلەف سالىھلەر قاتارىدىكى تەقۋا، بىدئەت بىلەن قىلچە كېلىشەلمەيدىغان سۈننەتچى، مۇجتەھىد ئالىم، ئاجىز قاراشتا تابىئىن. كۈچلۈك قاراشتا تەبىئى تابىئىن. بۇ كىشىنىڭ شۇئارى: ئىشەنچلىك ھەدىس مەزھىبىم، دەيدۇ، دەيمىز. ئۇ كىشىدە يوق سۈپەتلەرنى يۈكلىمەيمىز. بىدئەتچىلەر بولسا تاس قالىدۇ، رەسۇلۇللاھتىن ئارتۇق تەرىپلىۋەتكىلى! ئەمما، مۇنۇ ئاپتور قاراپ تۇرۇپ كىتاب كىرىش سۆزىدىلا ئەبۇ ھەنىفەگە تۆھمەت قىلىپ، بۇ ئالىمىمىزدا سادىر بولمىغان ئىشنى ئۇنىڭغا يۈكلەپتۇ.
ھايۋاندىن پەرقى بار ئاقىلغا مەلۇمكى، تارىخ ئىشەنچلىك كىشىلەر تەرىپىدىن يېزىلغان خاتىرىلەرگە ئاساسەن بىكىتىلىدۇ. ئۇنداقتا، ئەبۇ ھەنىفە كۆرۈشكەن 20 ساھابىنىڭ ئىسمى، ۋاپات بولغان يىلى ئىسلام تارىخچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان مەنبە بويىچە كۆرسىتىلىپ باقسۇنچۇ؟ مۇمكىن ئەمەس، ئۇنداق قىلالمايدۇ. ئەگەر، پاكىت كەلتۈرەلىسە، ئەللاھ رەھىم قىلغاي. دەپ ئېتىراپ قىلىمەن. ئەمما،تارىختا ئۇنداق ئىش بولۇپ باقمىغان يەنى ئەبۇ ھەنىفە 20 ساھابە بىلەن كۆرۈشىمىگەن. خەتىبنىڭ باغدات تارىخى، دېگەن كىتابىدا  ئەبۇ ھەنىفە 13 ياشلاردىكى چاغدا ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كۇفە شەھىرىگە كەلگەندە كۆرگەن، دېيىلىدۇ.
ئەمما، بىرەر ئېغىز پاراڭ خاتىرىسى توغرۇلۇق پاكىت يوق. مۇشۇنداق تۆھمەتچى كىتابلىرىنى ئوقۇپ، ئىشەنچ قىلىپ نەقىل قىلىپ يۈرۈش بىھۇدە ئاۋارىچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.



شۇڭا،سىزدەك ئىخلاسمەن قېرىنداشلار دىنىي كىتابلارنى ئوقۇغاندا تاللاپ ئوقۇش،باشقىلاردىن كۆپرەك ساۋابقا ئېرىشەي، ياكى باشقىلارغا شەرىئەت مەسىلىلىرىنى يەتكۈزۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلاي، دېگەن قارارغا كەلگەندە، بىردىنبىر توغرا تاللاش---- كلاسسىك ئەرەب تىلىنى پۇختا ئۆگىنىپ، ئەرەبچە مەنبەنى ئېنىق كۆرۈپ گەپ قىلغان تۈزۈك. بولمىسا ئۇيغۇرچە، تۈركچە، ياكى خەنزۇچە ۋە ياكى ئىنگلىزچە تىللار يەنى ئىككىنچى مەنبە تىل بىلەن شەرىئەتنى چۈشەندۈرگەندە، بۇرمىلاشتىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ.
[ بۇ يازمىنىqutluq 2011-09-12 16:28قايتا تەھرىرلىدى ]
قەلبىنى مەزھەب مۇتەئەسسۇبلۇقى چىرماپ كەتكۈچىدە كامىل ئىمان بولمايدۇ. مۆرىتى كەلسە، مەزھەبنى دەپ قۇرئان، ھەدىستىن تانىدۇ. ۋەھالەنكى مەشھۇر 4ئىماملار: ئىشەنچلىك ھەدىس مەزھىبىمدۇر،دېيىشكەن.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6798
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 103
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە103دانە
ئۆسۈش: 490 %
مۇنبەر پۇلى: 1108 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 251 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2012-01-14
41-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-12 06:39

40-قەۋەت (qutluq) نىڭ يازمىسىغا

كىتاپقا، ئاپتورغا، ئەسىرىنىڭ زەھەر ياكى باللىقىغا ئاللاھ باھا بەرسۇن.  ۋەللاھۇ ئەئلەم.
تەۋسىيىڭىزنى قۇبۇل قىلىمەن. ئاللاھ رازى بولسۇن.    
يازغىن شۇنداق نەرسىنى،ئەتەخۇش قىلارسىنى..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 902
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 236
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە236دانە
ئۆسۈش: 1480 %
مۇنبەر پۇلى: 3836 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-08
ئاخىرقى: 2012-09-10
42-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-12 15:51

Re:Re:Re:Re:21-قەۋەت (نۇرس) نىڭ يازمىسىغا

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 39قەۋەتتىكى نۇرس نىڭ 2011-09-11 08:30 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل Re:Re:Re:21-قەۋەت (نۇرس) نىڭ يازمىسىغا :



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قېرىندىشىم. ئاۋۋال شۇنى بىلىشىمىز كېرەك: خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇشنىڭ تەۋسىيە قىلىنغان ۋاقتى كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرى ياكى يېرىمىغىچە داۋام قىلىدۇ. چۈنكى رەسۇلۇللاھ شۇنداق دەيدۇ(ئائىشە رادىيەنلاھۇ ئەنھادىن):«ئۈممىتىمگە ئېغىر چۈشمىسۇن دېمىسەم، خۇپتەن نامىزىنى كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرى ھەتتا يېرىمىغا قەدەر كېچىكتۈرۈشنى بۇيرىيتتىم»‹بۇخارى رىۋايىتى›.  ئەنەس رادىيەنلاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خۇپتەن نامىزىنى كېچىنىڭ يېرىمىغا قەدەر كېچىكتۈرىدىغانلىقىنى ئيتقان.
       ئىمام ئەزەم ھەزرەتلىرىمۇ خۇپتەن نامىزىنى شۇ ۋاقىتقا قەدەر كېچىكتۈرۈپ، كېيىن بامداتقا قەدەر ئىلىم بىلەن مەشغۇل بولغان بولۇشى مۇمكىن. خۇپتەننى بالدۇر ئوقۇدى دېسەكمۇ، بۇنىڭ ئەقىلدىن ئۆتمىگىدەك يېرى يوق. چۈنكى تىرىشچان كىشىلەر ئاز ئۇخلايدۇ.
.......

ۋەئەلەيكۇم قېرىندىشىم. بىر نەچچە كۈندىن بۇيان تورغا چىقالماي دوستلار بىلەن پىكىرلىشەلمەي قالدىم. قۇتلۇق بۇرادەرنىڭ ئىنكاسىغا رەنجىمەڭ. سىزنىڭ ئېغىر -بېسىقلىق بىلەن ئىنكاس يازغىنىڭىزغا سۆيۈندۈم. ئەسلىدە مۇنبەرنى بىر ئۆگىنىش سورۇنى دەپ بىلىپ بىر -بىرىمىز بىلەن پىكىرلىشىپ بىلمىگەنلىرىمىزنى بىلىۋالساق،خاتالىقىمىزنى تۈزىتىۋالساق،ھەم خاتالىقىمىزنى تونۇپ رەھمەت ئېيتساق مانا بۇ- سۆيۈنگىدەك ئىشلار . مانا سىزنىڭمۇ قۇتلۇق بۇرادەرنىڭ ئىنكاسى ئارقىلىق ھەرقانداق بىر كىتاپنى ئوقۇۋەرسە بولمايدىغانلىقىنى،دەلىل قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدىغانلىقىنى بىلىۋالغانلىقىڭىز- بىر نىئمەت. بۇندىن كىيىنمۇ مۇشۇ لىنىيە بويىچە مېڭىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. ھەتتا تەفسىر بەيداۋىدەك بىر مەشھۇر تەفسىرمۇ يالغان ،ئويدۇرما ھەدىسلەردىن خالى بولالمىغان. ئاشۇ ھەدىسلەرنى قانچىلىغان ئادەملەرنىڭ قادى بەيداۋىغىچە نەقىل قىلىپ يەتكۈزگەنلىكىمۇ ئۇ ھەدىسنى يالغانلىقتىن قۇتقۇزالمىغان.  گەرچە مۇشۇ ئارىدا نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكەن بولسىمۇ.

 دىمەك ھەدىس ساھەسىدە ھەر قانچە ئىشەنچلىك كىشىلەرنىڭ نەقىل قىلغانلىقى،كىتاپلىرىغا كىرگۈزگەنلىكى ئۇ ھەدىسنى زەئىفلىكتىن،يالغانلىقتىن قۇتقۇزالمايدۇ. بۇ يەردە گۇۋاھلىق ئىشلىمەيدۇ. گىپىمنى چۈشەنگەنسىز.

 
قۇتلۇق بۇرادەرگىمۇ اللە رەھمەت قىلسۇن. ئەمما كىتاپلارغا باھا بىرىشتە سەل سىلىقراق سۆزلەرنى ئىشلەتسە دەيمەن. ئوبزورچى دىگەن ئىنتايىن سىلىق -سىپايە ھەم  پۈتۈن ۋۇجۇدىنى ھەقىقەتنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈنلا ئاتىسا ئاندىن باشقىلارنى تەسىرلەندۈرەلەيدۇ.
ئەمدى يۇقۇرىدىكى گەپكە كەلسەك سىز دىگەندەك چۈشەنسەك ئۇنداقتا ئىمام ئەزەم خۇپتەن نامىزىنى جامائەت بىلەن مەسجىدتە ئوقۇماي ئۆيىدە ئوقۇغان بولۇپ يەنە بىر بىدئەت ئىشنى قىلغان بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى ئۇنداق ۋاقىتقىچە مەسجىد جامائىتى ساقلاپ تۇرمايدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە قىرىق يىلغىچە....
 ئىمام ئەزەم ئىككىنجى جامائەتنى مەكروھ دەيدىغان كىشى. ھەم يەنە سىز دىگەندەك ئىمام ئەزەم قىرىق يىلغىچە كىچىچە ئۇخلىماي ياشىسا بۇمۇ بىر بىدئەت ئىش قىلغانلىق بولىدۇ.چۈنكى رەسۇلۇللا ھىچقاچان كىچىچە ئۇخلىماي ئىبادەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشنى سۈننەت قىلمىغان. بۇ دىگەنلىرىم قىززىققانلىق قىلغانلىق ئەمەس.بەلكى سىزنىڭ مۇشۇنداق ئىمام ئەزەمنى ئۇچۇرۇپ ماختىغان قۇرلارنى نەقىل قىلىپ مۇنبەرگە يوللىغانلىقىڭىز قىززىققانلىق .
بولمىسا مەن ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا بىر كىتاپتا ئىمام ئەزەم اللەنى يۈز قېتىم كۆرگەن دىگەن قۇرلارنىمۇ ئوقۇغانمەن.شۇ چاغدا ناھايىتىمۇ ھەيران قېلىپ بىزنىڭ مەزھىبىمىزنىڭ ئىمامى نىمەدىگەن ئۇلۇغ ئادەم -ھە ! نىمەئۈچۈن كىشىلەر مۇشۇ مەزھەب بويىچە ماڭماي نەدىكى ئىمام شافىئى....دىگەندەكلەرنىڭ مەزھىبىدە مېڭىپ يۈرىدىغاندۇ  دەپ  بالىلارچە ھىسسىياتتا ھاياجانلانغان ئىدىم.
يەنە تېخى" مەندىن كىيىن ئەبۇ ھەنىفە دەپ بىر ئادەم مەيدانغا كىلىدۇ،ئۇ كىشى- ئۈممىتىمنىڭ چىرىغى" دەيدىغان ھەدىسلەرنىمۇ ئوقۇغان ئىدىم. سىز تېخى بۇنداق ماختاشلارنى كۆرمىگەن ئوخشايسىز.مۇشۇنداق گەپلەرنى كىتاپلىرىغا كىرگۈزۈپ يۈرگەنلەرمۇ پالان-پوكۇن ئۇستاز دەيدىغان لەقەملەر بىلەن ئاتىلىپ جاھانغا پاتماي يۈرگەن بولغىتى..
كىتاپ يېزىش ئاسان.ئۇنى ئۆيگەن كىرىپلا دەپتەرگە يازسىلا بولىدۇ. ئۇنى باسىدىغان ئادەم چىقىدۇ.ئەمما ھەقىقەتنى يازماق ،سۆزلىمەك تەس.
 
سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئاندىن ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدىغان بەندىلىرىمگە بىشارەت بەرگىن.ئەنە شۇلار اللە ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر.ئەنە شۇلار ئەقىللىق كىشىلەردۇر.
miras
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10151
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 8
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە8دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 80 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-22
ئاخىرقى: 2012-01-22
43-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-04 13:02

اللاھقا  ئەڭ يېقىن  كىشلەر   ئاللاھنىڭ   سۇننەت  ۋە  پەرىزلىرىنى ئادا  قىلغۇچىلاردۇر  !!!    ئۇلارغا  ھەر  ۋاقىت جەننەتنىڭ ئىشىكى  ئۇچۇقتۇر !!!   ئاللاھ  ھەممىمىزنىڭ دىلىغا   ئىمان ئاتا  قىلغاي ...
قىيامەت كۇنى رەببىمىز ئالدىدا  ھەربىر نەپھ ..
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10181
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 654
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە654دانە
ئۆسۈش: 50 %
مۇنبەر پۇلى: 6852 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-03
ئاخىرقى: 2012-07-26
44-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-05 00:20

ئاللاھنىڭ قانۇنىغا بويسۇنۇش ھەم پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىش ھەر بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم .
{  جەننەت  ئانىلارنىڭ  ئايىقى  ئاستىدا  }
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1073
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 9
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە9دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 90 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-20
ئاخىرقى: 2012-02-05
45-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-20 15:20

بەك  ياخشى تېما يوللاپسىز.
ئاللاھ  رەخمەت قىلسۇن!
دوستلىشىش
0998ئاستانە
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 12060
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە1دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 10 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-06-20
ئاخىرقى: 2012-06-23
46-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-06-20 03:33

ئەسسالامۇ ئەلە يكۇم قىرىنداشلارمەن سىللەرگە شۇنى ئەسكەر تمەكچى بۇ تىمىنىڭ بىشىنى  تەپسىلى كۇردۇڭلارمۇ بۇنى بۇلمۇدۇم پەيغەمبەر مۇھەممەدنىڭ  دەپ مۇشۇنداق گەپ كلۋاتقان مۇرتەدنىڭ تىمىسىنى نىمىشقا تەستقلايسىلە  تىما تەستىقلىگۇچى قىرىنداشلارتەپسىلى ئوقۇپ تەستىقلاڭلا بۇلمىسا گۇناھكاربۇلۇپ قالىسىلە  قارايسىلە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللاھۇئەلەيھىسسالام دىيەلمىگەن  ئادەمنىڭ تىمىسىنى تەستىقلىماڭلا قىرىنداشلار خاپا بۇلماڭلا ر قىرىنداشلار