ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 26قەۋەتتىكى sayram0998 نىڭ 2011-09-07 22:14 يوللىغان يازمىسىغا :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇرادەر بۇلار ئاساسى يوق ئەپقاچتى گەپلەر.بۇنداق تايىنى يوق گەپلەرنى مۇتەئەسسىپ مەزھەپچىلەر ئىمام ئەزەمنى كۆككە كۆتۈرۈش ئۈچۈن كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ. ئويلاپ باقايلى ئىمام ئەزەم 7 يېىشىدا ئەڭ چوڭ ئىمام نامىغا ئىرىشكەن بولسا بۇ نامغا ئوقۇمايلا ئىرىشكەنمۇ ياكى ئوقۇپمۇ؟ ئەگەر ئوقۇپ ئىرىشكەن بولسا ئۇ نىمە ئۈچۈن ئۆزىدىن تۆۋەن بولغان ئۇستازى ھەممادتىن 18 يىل دەرس ئېلىپ ئۈگىنىدۇ؟ ياكى تۇغۇلۇشتىن 11 يىل بۇرۇن ئوقۇغاچ تۇرغانمۇ؟
.......

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قېرىندىشىم. ئاۋۋال شۇنى بىلىشىمىز كېرەك: خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇشنىڭ تەۋسىيە قىلىنغان ۋاقتى كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرى ياكى يېرىمىغىچە داۋام قىلىدۇ. چۈنكى رەسۇلۇللاھ شۇنداق دەيدۇ(ئائىشە رادىيەنلاھۇ ئەنھادىن):«ئۈممىتىمگە ئېغىر چۈشمىسۇن دېمىسەم، خۇپتەن نامىزىنى كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرى ھەتتا يېرىمىغا قەدەر كېچىكتۈرۈشنى بۇيرىيتتىم»‹بۇخارى رىۋايىتى›. ئەنەس رادىيەنلاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خۇپتەن نامىزىنى كېچىنىڭ يېرىمىغا قەدەر كېچىكتۈرىدىغانلىقىنى ئيتقان.
ئىمام ئەزەم ھەزرەتلىرىمۇ خۇپتەن نامىزىنى شۇ ۋاقىتقا قەدەر كېچىكتۈرۈپ، كېيىن بامداتقا قەدەر ئىلىم بىلەن مەشغۇل بولغان بولۇشى مۇمكىن. خۇپتەننى بالدۇر ئوقۇدى دېسەكمۇ، بۇنىڭ ئەقىلدىن ئۆتمىگىدەك يېرى يوق. چۈنكى تىرىشچان كىشىلەر ئاز ئۇخلايدۇ.
داۋۇتى تائى(قۇدسىررۇھ) دەيدۇكى:« دەل يىگىرمە يىل ئەبۇ ھەنىفەنىڭ خىزمىتىدە بولدۇم. بىر قېتىممۇ پۇتىنى ئۇزالتىپ ئولتۇرغىنىنى كۆرمىدىم. بىر كۈنى سورىدىمكى:
«كىشىلەرنىڭ ئالدىدا پۇتىڭىزنى تۈگۈپ ئولتۇرسىڭىزمۇ، كىشىلەر يوق ۋاقىتتا پۇتىڭىزنى ئۇزالتىپ خاتىرجەم ئولتۇرىۋالسىڭىز بولمامدۇ؟»
ئۇنىڭ جاۋابى شۇ بولدىكى:«مەن تېخى كىشىلەر يوق چاغدا پۇتۇمنى ئۇزالتىشتىن قورقىمەن. چۈنكى يالغۇز ۋاقتىمدا راببىمنىڭ ھوزۇرىدالىقىمنى تېخىمۇ ھېس قىلىمەن.»
بىر كۈنى بىر كىچىك تالىبىسى ئىمام ئەزەمدىن:«باشقىلار سىزنى كېچىسى ئۇخلىمايدۇ دەيدىغۇ؟» دەپ سوراپتۇ. ئىمام ئەزەم جاۋاپ بېرىپ:
« ۋەدە بېرىمەنكى، بۇندىن كېيىن كېچىلىرى ئۇخلىمايمەن.» تالىبىلىرى نېمە ئۈچۈنلىكىنى سوراپتۇ، ئىمامنىڭ جاۋابى بولسا:«ئاللاھ تائالا «شۇنداق كىشىلەر باركى، قىلمىغان ئىشى ھەققىدە باشقىلارنىڭ ماختىشىنى خالايدۇ » دېگەن. مەن شۇنداق كىشىلەردىن بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ئەمدى ئۇخلىمايمەن.» بولدى. شۇندىن كېيىن بىر رىۋايەتتە 30يىل، يەنە بىر رىۋايەتتە 40 يىل خۇپتەننىڭ تاھارىتى بىلەن بامدات ئوقۇدى.
رىۋايەتلەر « ‹تۆت مەزھەپنىڭ ئىسلام فىقھى ۋە مۇجتەھىدلەرنىڭ پەرىقلىق قاراشلىرى›(ئۆزبەكچە)،1-توم،2-بۆلۈم. » دىن.