ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 38قەۋەتتىكى نۇرس نىڭ 2011-09-11 07:31 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل Re:Re:Re:Re:Re:21-قەۋەت (نۇرس) نىڭ يازمىسىغا :
[attachment=12315]
قېرىندىشىم، ئۇ كىتاپنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى تەرجىمان قېرىندشلىرىمىز ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپتۇ، مەندە ئەرەپچىسى يوق، ئۇيغۇرچىسى بار ئىدى. رەسىم ئۈستىگە چىقىپ قاپتۇ، رەسىم: فىقھى ھەنەفى (ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)،37-بەت. ئابدۇلھەمىد مەھمۇد تاھماز.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
بۇ كىتابنىڭ ئەرەبچىسى: ئەلفىقھۇل ھەنەفىييۇ فى سەۋبىھىل جەدىد. يەنى:يېڭى كىيىملىك ھەنەفىيە فىقھىسى. ئۇيغۇرچە كىتاب مۇقاۋىسىدىكى نامى: يېڭى ئۇسلۇبتىكى ھەنەفىيە فىقھىسى(5 قىسىم)
سىزگە تەكلىپ:
كىتاب ئوقۇسىڭىز پاكىتنى بۇرمىلىمايدىغان، ئەللاھتىن قورقىدىغان، پېشقەدەملەرگە تۆھمەت قىلمايدىغان يازغۇچىنىڭكىنى ئوقۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.مۇنۇ ئاپتورنىڭ مۇنۇ كىتابى ھەنەفىيە مەزھىبىنى ئاقلاشنى ئاساسى تېما قىلىپ تۇرۇپ يېزىلغان خاتالىقلار كۆپ كىتاب. پۇرسەت بولسا، ئۇ كىتابتىكى خاتالىقلارغا رەددىيە يازماقچى. ئەسلىدە ئادىل مەيداندا تۇرۇپ ھەنەفىيە فىقھىسىنى يازغاندا،قۇرئان، ھەدىسكە توغرا كەلگىنىنى ئەللاھ رەھىم قىلغاي، دەپ خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىش؛ خاتا كېتىپ قالغان جايلىرى بولسا، ئەللاھ گۇناھىنى ئەپۇ قىلغاي، دەپ توغرىلاپ قويۇش ئەڭ ئەقەللىي ئادالەتلىك مەيدان. بىز سۈننەتچىلەر ئەبۇھەنىفەنى رەسۇلۇللاھ مەدھىيلىگەن سەلەف سالىھلەر قاتارىدىكى تەقۋا، بىدئەت بىلەن قىلچە كېلىشەلمەيدىغان سۈننەتچى، مۇجتەھىد ئالىم، ئاجىز قاراشتا تابىئىن. كۈچلۈك قاراشتا تەبىئى تابىئىن. بۇ كىشىنىڭ شۇئارى: ئىشەنچلىك ھەدىس مەزھىبىم، دەيدۇ، دەيمىز. ئۇ كىشىدە يوق سۈپەتلەرنى يۈكلىمەيمىز. بىدئەتچىلەر بولسا تاس قالىدۇ، رەسۇلۇللاھتىن ئارتۇق تەرىپلىۋەتكىلى! ئەمما، مۇنۇ ئاپتور قاراپ تۇرۇپ كىتاب كىرىش سۆزىدىلا ئەبۇ ھەنىفەگە تۆھمەت قىلىپ، بۇ ئالىمىمىزدا سادىر بولمىغان ئىشنى ئۇنىڭغا يۈكلەپتۇ.
ھايۋاندىن پەرقى بار ئاقىلغا مەلۇمكى، تارىخ ئىشەنچلىك كىشىلەر تەرىپىدىن يېزىلغان خاتىرىلەرگە ئاساسەن بىكىتىلىدۇ. ئۇنداقتا، ئەبۇ ھەنىفە كۆرۈشكەن 20 ساھابىنىڭ ئىسمى، ۋاپات بولغان يىلى ئىسلام تارىخچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان مەنبە بويىچە كۆرسىتىلىپ باقسۇنچۇ؟ مۇمكىن ئەمەس، ئۇنداق قىلالمايدۇ. ئەگەر، پاكىت كەلتۈرەلىسە، ئەللاھ رەھىم قىلغاي. دەپ ئېتىراپ قىلىمەن. ئەمما،تارىختا ئۇنداق ئىش بولۇپ باقمىغان يەنى ئەبۇ ھەنىفە 20 ساھابە بىلەن كۆرۈشىمىگەن. خەتىبنىڭ باغدات تارىخى، دېگەن كىتابىدا ئەبۇ ھەنىفە 13 ياشلاردىكى چاغدا ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كۇفە شەھىرىگە كەلگەندە كۆرگەن، دېيىلىدۇ.
ئەمما، بىرەر ئېغىز پاراڭ خاتىرىسى توغرۇلۇق پاكىت يوق. مۇشۇنداق تۆھمەتچى كىتابلىرىنى ئوقۇپ، ئىشەنچ قىلىپ نەقىل قىلىپ يۈرۈش بىھۇدە ئاۋارىچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
شۇڭا،سىزدەك ئىخلاسمەن قېرىنداشلار دىنىي كىتابلارنى ئوقۇغاندا تاللاپ ئوقۇش،باشقىلاردىن كۆپرەك ساۋابقا ئېرىشەي، ياكى باشقىلارغا شەرىئەت مەسىلىلىرىنى يەتكۈزۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلاي، دېگەن قارارغا كەلگەندە، بىردىنبىر توغرا تاللاش---- كلاسسىك ئەرەب تىلىنى پۇختا ئۆگىنىپ، ئەرەبچە مەنبەنى ئېنىق كۆرۈپ گەپ قىلغان تۈزۈك. بولمىسا ئۇيغۇرچە، تۈركچە، ياكى خەنزۇچە ۋە ياكى ئىنگلىزچە تىللار يەنى ئىككىنچى مەنبە تىل بىلەن شەرىئەتنى چۈشەندۈرگەندە، بۇرمىلاشتىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ.
[ بۇ يازمىنىqutluq 2011-09-12 16:28قايتا تەھرىرلىدى ]