تور دۇنياسى دىلكىشىم مېنىڭ ،
تورداشلىرىم سىردىشىم مېنىڭ .
كومپىيوتىر ، تور ۋە ئائىلە
تاغدىن ئېغىر كۈلپىتىم مېنىڭ .
يار ئىچىدىن يار ئىزدەپ باقتىم ،
دوسىت ئىچىدىن دوست ئىزدىگەندەك .
ئازابلارغا قۇشۇلۇپ ئاقتىم
جەننەتتىمۇ ئوت ئىزدىگەندەك .
مايمۇنلاردىن شۇملۇق كۆرمىدىم
ئادەملەردىن ئەيلەيمەن ھەزەر .
ئاشىقلىقتا تازا ئالجىدىم،
مۇھەببەتە تۇلمەن شۇ قەدەر ...
ئائىلىدە كۈلمىسە ئەركەك
كوچىلاردىن ئىزلەيدۇ ئەرمەك .
نۇمۇسۇمىدى جاننىڭ راھىتى
چۇقانىمغا كېرىيمەن كۆكرەك.
نان بۇزۇلسا ئېچىيدۇ مەيدە ،
قان بۇزۇلسا ھۇرەك مەڭزىڭدە .
كىم بىلىدۇ ئادەم بۇزۇلسا
يەردە ئەمەس بەلكى قەلبىڭدە .
ئائىلە بىر ماكاندۇر پىنھان
ئەر ئۇنىڭدا ئەڭ ئەزىز مېھمان .
تاڭدا ھۆرمەت ، تۈندە لەززىتى
خۇتۇن ئەمەس ئەرگە بولمىغان .
بولسا كۈندە يوقنىڭ غەلۋىسى
ئۆينىڭ ھالى ئەينەكتىن ئايان .
ئەر قالسىمۇ يالىڭاچ پېتى
ئۇ مۇقەددەس ئەركەكتۇر ھامان .
زار يېغلايتتى ئانام بەزىدە
كۈندە تاياق خورلۇق دەستىدىن .
بىھوشلاندى ئاتام ئۆلگەندە
كىرمەك بولدى يەرگە كەينىدىن ...
ئانام تارتقان كۈنلەرنى ھەرگىز
ئوماقلىرىم تارتسا دېمەيمەن .
ئەزىزلەشنى چۈشەنمىەسلىكتىن
قالمىسىدى تۇل دەپ غەم يەيمەن ...
چىكىت ئۇرسام پەشلىرىم يالغۇز
خوشال بولسام دەرتلىرىم يالغۇز .
قانداق قىلسۇن ئۆيى بار بويتاق
خۇتۇن تۇرۇپ قەلبىدە يالغۇز `
ئاھ چۈشەنمەك تەسكەن ھاياتنى
مۇھەببەتمۇ تۇلكەن بەزىدە .
نادانلىقتا زەن سالماپتىمەن
تازا بىلدىم تازا ئەمدىزە .
ئايال ئەر ۋە كەچتىكى كارۋات
يىنىڭ پىنھان چېلىنغان بەدەن
بېسىلمايدۇ ئەرنىڭ كۈلپىتى
كارۋاتتىكى شۇھەركەت بىلەن .
ئەي ئاياللار ، مۇدھىش ئاياللار
مۇمكىنمىدۇ يار ئۈچۈن ئۆلۈش .
بېسىقمايدۇ ئۆيدە غوۋغاڭلار
جىنايەتتۇر بۇنىڭغا كۆنۈش .
كەچتە كىرسە ئۆيىگە بوۋاي .
قېرى موماي ئاچمىسا چىراي
كېرەك كېلەر كوتمەك ھاسىسى
ئىككىلەنمەس ئۇرايمۇ ئۇرماي .
ئادىمى بىز يېڭى دەۋىرنىڭ
يېڭىلىققا كۆنسەكمۇ تاكى .
دۇنيا سۇندى غورۇر سۇنمىسۇن
ئەرنىڭ ئەردەك بولسۇن ھۆرمىتى.
2010.11 كۇچا چىمەن ئەھەت مامۇت