ahatmamut |
2010-11-15 01:38 |
تور دۇنياسى دىلكىشىم مېنىڭ ، تورداشلىرىم سىردىشىم مېنىڭ . كومپىيوتىر ، تور ۋە ئائىلە تاغدىن ئېغىر كۈلپىتىم مېنىڭ .
يار ئىچىدىن يار ئىزدەپ باقتىم ، دوسىت ئىچىدىن دوست ئىزدىگەندەك . ئازابلارغا قۇشۇلۇپ ئاقتىم جەننەتتىمۇ ئوت ئىزدىگەندەك . مايمۇنلاردىن شۇملۇق كۆرمىدىم ئادەملەردىن ئەيلەيمەن ھەزەر . ئاشىقلىقتا تازا ئالجىدىم، مۇھەببەتە تۇلمەن شۇ قەدەر ...
ئائىلىدە كۈلمىسە ئەركەك كوچىلاردىن ئىزلەيدۇ ئەرمەك . نۇمۇسۇمىدى جاننىڭ راھىتى چۇقانىمغا كېرىيمەن كۆكرەك.
نان بۇزۇلسا ئېچىيدۇ مەيدە ، قان بۇزۇلسا ھۇرەك مەڭزىڭدە . كىم بىلىدۇ ئادەم بۇزۇلسا يەردە ئەمەس بەلكى قەلبىڭدە .
ئائىلە بىر ماكاندۇر پىنھان ئەر ئۇنىڭدا ئەڭ ئەزىز مېھمان . تاڭدا ھۆرمەت ، تۈندە لەززىتى خۇتۇن ئەمەس ئەرگە بولمىغان .
بولسا كۈندە يوقنىڭ غەلۋىسى ئۆينىڭ ھالى ئەينەكتىن ئايان . ئەر قالسىمۇ يالىڭاچ پېتى ئۇ مۇقەددەس ئەركەكتۇر ھامان .
زار يېغلايتتى ئانام بەزىدە كۈندە تاياق خورلۇق دەستىدىن . بىھوشلاندى ئاتام ئۆلگەندە كىرمەك بولدى يەرگە كەينىدىن ...
ئانام تارتقان كۈنلەرنى ھەرگىز ئوماقلىرىم تارتسا دېمەيمەن . ئەزىزلەشنى چۈشەنمىەسلىكتىن قالمىسىدى تۇل دەپ غەم يەيمەن ...
چىكىت ئۇرسام پەشلىرىم يالغۇز خوشال بولسام دەرتلىرىم يالغۇز . قانداق قىلسۇن ئۆيى بار بويتاق خۇتۇن تۇرۇپ قەلبىدە يالغۇز `
ئاھ چۈشەنمەك تەسكەن ھاياتنى مۇھەببەتمۇ تۇلكەن بەزىدە . نادانلىقتا زەن سالماپتىمەن تازا بىلدىم تازا ئەمدىزە .
ئايال ئەر ۋە كەچتىكى كارۋات يىنىڭ پىنھان چېلىنغان بەدەن بېسىلمايدۇ ئەرنىڭ كۈلپىتى كارۋاتتىكى شۇھەركەت بىلەن .
ئەي ئاياللار ، مۇدھىش ئاياللار مۇمكىنمىدۇ يار ئۈچۈن ئۆلۈش . بېسىقمايدۇ ئۆيدە غوۋغاڭلار جىنايەتتۇر بۇنىڭغا كۆنۈش .
كەچتە كىرسە ئۆيىگە بوۋاي . قېرى موماي ئاچمىسا چىراي كېرەك كېلەر كوتمەك ھاسىسى ئىككىلەنمەس ئۇرايمۇ ئۇرماي .
ئادىمى بىز يېڭى دەۋىرنىڭ يېڭىلىققا كۆنسەكمۇ تاكى . دۇنيا سۇندى غورۇر سۇنمىسۇن ئەرنىڭ ئەردەك بولسۇن ھۆرمىتى. 2010.11 كۇچا چىمەن ئەھەت مامۇت |
|