باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1500 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئەرنىڭ ھەسرىتى  (ئەھەت مامۇت دېھقان )
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3829
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 32
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە32دانە
ئۆسۈش: 590 %
مۇنبەر پۇلى: 731 سوم
تۆھپىسى: 3 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-14
ئاخىرقى: 2011-02-12
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-11-15 01:38

ئەرنىڭ ھەسرىتى  (ئەھەت مامۇت دېھقان )

تور دۇنياسى دىلكىشىم مېنىڭ ،
تورداشلىرىم سىردىشىم مېنىڭ .
كومپىيوتىر ، تور ۋە ئائىلە 
تاغدىن ئېغىر كۈلپىتىم مېنىڭ .

يار ئىچىدىن  يار ئىزدەپ باقتىم ،  
دوسىت ئىچىدىن  دوست ئىزدىگەندەك .
ئازابلارغا قۇشۇلۇپ ئاقتىم
جەننەتتىمۇ ئوت ئىزدىگەندەك . 
 
مايمۇنلاردىن شۇملۇق كۆرمىدىم
ئادەملەردىن ئەيلەيمەن ھەزەر .
ئاشىقلىقتا تازا ئالجىدىم، 
مۇھەببەتە تۇلمەن شۇ قەدەر  ...   

        
ئائىلىدە كۈلمىسە ئەركەك
كوچىلاردىن ئىزلەيدۇ ئەرمەك .  
نۇمۇسۇمىدى جاننىڭ راھىتى 
چۇقانىمغا كېرىيمەن كۆكرەك.  


نان  بۇزۇلسا ئېچىيدۇ مەيدە ،  
قان بۇزۇلسا ھۇرەك مەڭزىڭدە .
كىم بىلىدۇ ئادەم بۇزۇلسا  
يەردە ئەمەس بەلكى قەلبىڭدە .


ئائىلە بىر ماكاندۇر پىنھان
ئەر ئۇنىڭدا ئەڭ ئەزىز مېھمان .
تاڭدا ھۆرمەت ، تۈندە لەززىتى
خۇتۇن ئەمەس ئەرگە بولمىغان . 


بولسا كۈندە يوقنىڭ غەلۋىسى
ئۆينىڭ ھالى ئەينەكتىن ئايان .
ئەر قالسىمۇ يالىڭاچ پېتى
ئۇ مۇقەددەس ئەركەكتۇر ھامان .


زار يېغلايتتى ئانام بەزىدە
كۈندە تاياق خورلۇق دەستىدىن .
بىھوشلاندى ئاتام ئۆلگەندە
كىرمەك بولدى يەرگە كەينىدىن ...  


ئانام تارتقان كۈنلەرنى ھەرگىز
ئوماقلىرىم تارتسا دېمەيمەن .
ئەزىزلەشنى چۈشەنمىەسلىكتىن  
قالمىسىدى تۇل دەپ غەم يەيمەن ...


چىكىت ئۇرسام پەشلىرىم يالغۇز  
خوشال بولسام دەرتلىرىم يالغۇز .  
قانداق قىلسۇن ئۆيى بار بويتاق  
خۇتۇن تۇرۇپ قەلبىدە يالغۇز ` 


ئاھ چۈشەنمەك تەسكەن ھاياتنى 
مۇھەببەتمۇ تۇلكەن بەزىدە  .  
نادانلىقتا زەن سالماپتىمەن  
تازا بىلدىم تازا ئەمدىزە  .


ئايال ئەر ۋە كەچتىكى كارۋات
يىنىڭ پىنھان چېلىنغان بەدەن  
بېسىلمايدۇ ئەرنىڭ كۈلپىتى  
كارۋاتتىكى شۇھەركەت بىلەن .


ئەي ئاياللار ، مۇدھىش ئاياللار  
مۇمكىنمىدۇ يار ئۈچۈن ئۆلۈش .
بېسىقمايدۇ ئۆيدە غوۋغاڭلار
جىنايەتتۇر بۇنىڭغا كۆنۈش .  


كەچتە كىرسە ئۆيىگە بوۋاي .  
قېرى موماي ئاچمىسا چىراي
كېرەك كېلەر كوتمەك ھاسىسى
ئىككىلەنمەس ئۇرايمۇ ئۇرماي .

  
ئادىمى بىز يېڭى دەۋىرنىڭ
يېڭىلىققا كۆنسەكمۇ تاكى .
دۇنيا سۇندى غورۇر سۇنمىسۇن
ئەرنىڭ ئەردەك بولسۇن ھۆرمىتى.  
 
2010.11     كۇچا چىمەن  ئەھەت مامۇت
قاراقاش
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2872
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1262
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1262دانە
ئۆسۈش: 19850 %
مۇنبەر پۇلى: 26458 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-11
ئاخىرقى: 2012-01-17

دەششەت شائىر  ئىكەنسىز جۇما .ھارماڭ
ۋەتەندۇر بەخىت ،ۋەتەندۇر تەخىت .
ۋەتەنسىز ئامىتىڭ مازغاپ.