مىللى مائارىپنى ئامرىكىلىق ئالىم تەتقىق قىلىپ بەرگەننىڭ بىزگە نىمە پايدىسى؟ مىللى مائارىپقا مەبلەغ سىلىپ بىرەمدىكەن يا؟ گەپ يەنىلا ئۆزىمىزدە شۇ.ئوخشاش ياشتىكى مىللى بالىلارنى ئوخشىمىغان تىلدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇتۇپ بىقىڭ. نەتىجىسى قانداق بولدىكىن؟ بۇ يەردىكى مەسىلە شۇ يىتەكلىگۇچىنىڭ ساپاسى مەسىلىسى بولۋاتىدۇ.
ئىتىراپ قىلايلى دوستلار، مىللى مائارىپىمىز راستىنلا ئارقىدا قىلۋاتىدۇ.
غۇلجا 2-ئوتتۇرا مەكتىۋى ئالدىدىن ئۆتكەن ھەرقانداق كىشى، بۇ مەكتەپنىڭ ئالدىدىكى ھۆپپىدە ئىچىلىنىپ كەتكەن رەڭگا رەڭ گۈللەرگە ، مەكتەپ ھۆيلىسىدىكى يىشىللىقلارغا قاراپ بۇ بىر باغچىمىكىن دەپ قالىدۇ. دىلى سۈيۈنمەي قالمايدۇ. لىكىن مەكتەپ دىگەن ئادەم تەربىيەلەيدىغان يەرغۇ؟ مۇھىتىنىڭ ياخشى بولۇپ كىتىشى نمىنى ھەل قىلىپ بىرىدۇ؟
ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ،بۇ مەكتەپكە ئىدارىدىن ئورۇنلاشتۇرغان ئىنتىھانغا قاتنىشىش ئۇچۇن بىرىپ، تامغا چاپلاپ قۇيۇلغان شۇ يىللىق ئالى مەكتەپكە ئۆتكەن بالىلارنىڭ تىزىملىكىگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى.ئەڭ يۇقۇرى مەكتەپكە ئۆتكىىنى پەقەت شۇ شىنجاڭ كەسپى ئۇنۋىرسىتىكەن. ھەتتا شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتىغا ئۆتكەن ئادەمنىڭمۇ تايىنى يوق.مۇشۇنداق چوڭ مەكتەپتە يىلدا بىرنەچچە يۈز ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۇتتۇرىدۇ. شىنجاڭ تەۋەسىدىكى ئالى ماكتەپلەرگىمۇ بارالمىسا نىمە دىگۈلۈك؟
3-ئوتتۇرا (خەنزۇ تىلدىكى )مەكتەپنىڭ ئالدىغا چاپلاپ قۇيۇلدىن بۇ يىلقى ئالى مەكتەپكە ئۆتكەن بالىلارنىڭ تىزىملىكىنى كۆرۈپ بەك خوشال بولدۇم. ئالغان يۇقۇرى نۇمۇر بويىچە ھەم بىيجىڭ، چىڭخۇا قاتارلىق داڭلىق ئالى مەكتەپلەرگە ئۆتكەن بالىلارنى رەتكە تىزغاندا ئالدىنقى 50ئادەمنىڭ ئىچىدە ساپلا ئۇيغۇر، قازاق دىگەندەك ئاز سانلىق مىللەت باللىرى ئىكەن. يىنىمدا تۇرغان خەنزۇ يولداشقا <ئاز سانلىق مىللەت باللىرى يامانكەنغۇ؟ >دەپ ماختىنىپ قويسام <ھە، بولىدىكەن، بىراق ئاز سانلىق مىللەت بالىرىغا نۇمۇر قۇشۇپ بىرىدۇ ئەمەسمۇ> دەپ ئۆزىنىڭ خىجىللىقىنى يۇشۇرماقچى بولدى.
يىقىندا غۇلجىدا مىللى تىلدىكى مەكتەپلەر بىلەن خەنزۇ تىلدىكى مەكتەپلەرنى قۇشۋىتىپ بارىدۇ. مەن بالامغا <ئەمدى ئۇيغۇر باللار بىلەن كۆپرەك ئاغىنە بولۇپ، ئۇيغۇر تىل، يىزىغىنى ئۇلاردىن ئۈگەنگىن بالام > دىسەم، < ئاپا، ئۇيغۇر ئايال مۇئەللىملەر بىزگە دەرس ئۆتمەيدۇ. دەرس ئاڭلىغىلى كىرىدۇ. بىرنەچچە ئاپالار بىزنىڭ سىنىپقا دەرس ئاڭلىغىلى كىرگەنتى. قۇيۇق ئەتىر پۇرىقىدىن بىشىم ئايلىنىپ كەتتى. بىزنىڭ مۇئەللىملەر ئەزەلدىن ئەتىر چاچمايدۇ >دەيدۇ.
مەنمۇ يولدىن ئۆتۈپ كىتىپ بىرىپ خەنزۇ مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چاچلىرىنى ئۇششاق بۇدۇر قىلىپ يەلكىسىگە تاشلىۋەتكەن، جەمىيەتتە مودا بولىۋاتقان ھەرقانداق مودا كىيىمنى كىيىپ ئۇلگۈرگەن، پاكىستاننىڭ قىزىلگۈل ئەتىرىنى بولۇشىغا چىچىپ، قولتۇقلىشىپ چىقىۋاتقان ئاشۇ مودا(مىللى )ئوقۇتقۇچىلارنى كۆرۈپ ئۇلارغا< نۆۋەتتىكى رىقابەتكە سىز پەقەت خۇدا ياراتقا ئاشۇ چىرايلىق بەدەن قۇرۇلۇشۇڭىز بىلەن مودا كىيىملىرىڭىز بىلەن قاتناشماقچىمۇ ؟> دەپ سورىغۇم كىلىپ كىتىدۇ.