查看完整版本: [-- ئۇيغۇر مائارىپىغا نەزەر --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> كۆڭۈلدىكى سۆز -> ئۇيغۇر مائارىپىغا نەزەر [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

<<   1   2  >>  Pages: ( 2 total )

hisyat 2010-09-01 04:18
ئۇيغۇر مائارىپىغا نەزەر
ئاپتورى: ئامېرىكا ئالىمى، پىسخولوگ جىك ھونتېر
تەرجىمە قىلغۇچى: ئابباس مونىياز
مۇقەددىمە
   مەن ئۇيغۇر نامى بىلەن ئاتالغان ئەلدە خېلى ئۇزۇن تەلىم ئالدىم. لېكىن مەندە قالغان تەسىرات شۇ بولدۇكى، ئۇ يەردە ھەقىقىي مەنادىكى مائارىپ تېخى شەكىللەنمەپتۇ. ۋەتەنگە ۋاقتىدا قايتىپ كەلمىگەن بولسام، مەنمۇ تەربىيىسىز قالاركەنمەن. زاۋۇتتىن چىققان خىشتەك، بىر خىللا ئىدىيىلىك، بىر قىلىپتىكى ئادەملەرنى تەربىيىلەپ چىقىشنى مەقسەت قىلغان ئۇ سىستېما ھەققىدە بەك كۆپ توختالغۇم يوق. ئۇلار تېخى ئۆزلىرىچە مائارىپتا ئىسلاھ ئىلىپ بېرىۋاتىمىز، دەپ قارايدىكەن. ئۇلار ئىسلاھات دەپ چۈشەنگەن ئىشنىڭ ماھىيىتىنى قىسقىلا قىلىپ ئۈچ نۇقتىغا يىغىش مۇمكىن.

1-باب: ئۇيغۇر مائارىپىدىكى «ئىسلاھات»قا ئىزاھات
   ئۇلار بىز ئىسلاھات ئىلىپ بېرىۋاتقىلى يىگىرممە نەچچە يىل بولدى دەپ ماختىنىدىكەن، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر مائارىپىدا ئەزەلدىن ئىسلاھات بولۇپ باقماپتۇ. بىر زاماندا روسلارنىڭ ئەندىزىسى بىلەن شەكىللەنگەن مائارىپىدىن پەخىرلەنگەن ئىكەن. مانا ئەمدى خەنزۇ مائارىپىنىڭ كۆچۈرۈلمىسىدىن ماختىنىپ يۈرۈپتۇ. بۇ خىل كۆچۈرۈلمە ئەندىزىسىمۇ يىل ساناپ ئۆزگىرىپ تۇرىدىكەن. بۇ يىل نىشانلىق ئوقۇتۇش دېگەن شوئارنى كۆتۈرۈپ چىقسا، كېلەر يىلى ساپا مائارىپى دېگەن گەپنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن، ھازىر «ئېمتىھان مائارىپى» دېگەن ئۇقۇمنى پەيدا قىلسا، ئەتە تۇرۇپلا ئامېرىكىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ 70-يىلىلىرىدىكى پېداگوكى بۆلۈمىنىڭ نەزەرىيسىنى بازاراغا سالىدىكەن. مەھمۇت قەشقىرى، نىزامىدىن ئەلشىر ناۋايى... قاتارلىق يىتۈك ئۆلىما ئۇستازلىرى ياراتقان تەربىيىلەش تەجربىلىرىنى تەتقىق قىلىپ كۆرمەي، چەتئەلنىڭ سۇخۇلمىنىسكى، كۇڭزى كەبى پېداگوكلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە ماس كەلمىگەن تەشەببۇسلىرىغا ئىسىلىۋالىدىكەن. ئىسلاھات دەپ كۈچىگەنسىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسلىك كىتابلىرى كۆپىيىپ كېتىدىكەن، ئۇ دەرسلىكلەر ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان بولۇپ، ئۇنى ئوقۇپ چىققانلار رېئاللىققا، تۇرمۇشقا زادىلا ماسلىشالمايدىكەن. ئەقەللىيسى، فىزىكا ئوقۇغانلار ھەمىشە كۆرۈپ تۇرغان شال بىلەن بۇغداي مايسىسىنى پەرقلەندۈرەلمەيدىكەن. باشلىق كۆپەيتىش-ئۇلار دېگەن ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى ئىكەن. «ئادەم كۆپ بولسا ئىش كۆپ بولىدۇ» دېگەن گەپ ئۇلارنىڭ دەستۇرى سانلىدىكەن. ئادىمى يۈزگىمۇ يەتمەيدىغان مەكتەپنىڭ 8-10 نەپەر مۇدىرى بولىدىكەن. بۆلۈم، گۇرپپا مەسئۇللىرى، سىياسى خىزمەتچىلەر ... دېگەنلىرىنى قوشقاندا مەكتەپ خادىمىنىڭ 40-50 پىرسەنتىنى باشلىقلار تەشكىل قىلىدىكەن.
      باشلىقلار كۆپىيىپ تۇرغىنى بىلەن «ئىخچاملاش»نى ئېغىزدىن چۈشەرمەسلىك ئۇلارغا ئورتاق ئۇدۇم ئىكەن. ئىخچاملىدۇق دەپ بىر-بىرىگە مۇناسىۋەتسىز بىر تالاي مەكتەپلەرنى زورمۇ-زور بىرلەشتۈرۈپ قويۇپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاپپارات كېلەڭسىزلىشىپ ئادەم تېخىمۇ كۆپىيىپ كېتىپتۇ. «شتات قىسقارتىمىز» دېگەن گەپ شۇنىڭدىن چىقىپتۇ. ئۇلار شتات قىسقارتىشنى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن جاي-جايلاردا «شتات قىسقارتىشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى» دەيدىغان مەخسۇس شتاتلىق ئورگاننى كۆپەيتىپتۇ.
ئۇلارنىڭ «ئىسلاھات» دەپ چۈشىنىدىغان يەنە بىر ئىشى - ئۆز تىلىدا ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ بولالمايۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا باشقا تىلدا دەرس ئۆتۈش ئىكەن.
     
قىسقىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ خاس مائارىپ ئەندىزىسى يوق ئىكەن. ھازىرقى شارائىتتا ئۇلارنىڭ مائارىپىدا ئىسلاھاتنىڭ بولىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. ئەگەر يېڭىلىق بار دېيىلسە ئۇ خورىتىش ۋە قورقۇتۇش ئىكەن!

2-باب: خورىتىش
       ئىنسانىيەتنى ئۈزلۈكسىز ئىسلاھات ئىلىپ بېرىشىدىكى تۈپ مەقسەت - ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش. بۇ ئاز ئىشلەپ، كۆپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش دېگەنلىك. لېكىن ئۇيغۇر مائارىپى بۇنىڭ ئەكسىگە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتىپتۇ.
      
ئۇلار «ئىسلاھات» دېگەن بۇ ئۇقۇمنى «كۆپ ئىشلىتىش، كۆپ باشقۇرۇش، كۆپ چارچىتىش» دەپ چۈشىنىدىكەن. ئۇلاردا ئوقۇتقۇچىلارنى قانداق قىلغاندا ئىشتىن باش كۆتۈرەلمەيدىغان قىلغىلى بولىدۇ. دېگەن مەسىلە ھەققىدە ئىزدىنىش ئەڭ چوڭ ئىسلاھات سانلىلىدىكەن. شۇڭا ھەر قانداق مەكتەپ مۇدىرى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ھامان مۇشۇ توغرۇلۇق باش قاتۇرىدىكەن. كىم ئوقۇتقۇچىلارغا ئىش تېپىپ بېرەلىسە، يېڭىدىن-يېڭى ئۈنۈمسىز ۋەزىپىلەرنى ئارتالىسا، شۇ ئىقتىدارلىق مۇدىر ھېسابلىنىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىسى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇش كويىدا پالاقلايدىكەن. بىر مۇدىر دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنى قايسى ئۇسۇلدا ھاردۇرۇشنىڭ ئامالىنى ئىزدەپ، ئون-ئون بەش خىل قوللانما تۈزسە، يەنە بىر مۇدىر ئۇنىڭدىن قالماسلىق ئۈچۈن، كېچە-كۈندۈز باش قاتۇرۇپ يۈرۈپ، سىنىپ تەربىيەچىلىرىنى جازالاش ھەققىدە 20-25 تۈرلۈك مەخسۇس قوللانما تۈزۈپ چىقىدىكەن. ئۈچىنچى بىرسى ئۇنىڭدىن ئېشىپ چۈشىدىغان بىمەنلىكلەرنى ئويلاپ تاپىدىكەن.
      
ئوقۇتقۇچىلار كېچە-كۈندۈز ئارام ئالماي، تۈرلۈك ئەھمىيەتسىز جەدۋەل، قوللانمىلارنى تولدۇرۇپ ھالىدىن كېتىدىكەن. ئۇلارغا ئارام خۇدا دەرس تەييارلىغۇدەكمۇ ۋاقىت بېرىلمەيدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە دەرسلىك ئۆزگەرمىگەن ئەھۋال ئاستىدىمۇ بۇ يىلقى تۈزگەن كونسىپىكنى كېلەر يىلى ئىشلىتىشكە بولمايدىكەن.
      
ئۇلارنىڭ «گۇرپپا باشلىقى» دەپ ئاتىلىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك باشلىقى كانسىپىكنى قايتا-قايتا كۆچۈرتۈپ ئۇنىڭ ئاخىرىغا سەت خەتلەر بىلەن ئىسمىنى يېزىۋالمىسا ئۇنىمايدىكەن. ئاڭلىسام، ئۇلارنىڭ ئىشى مۇشۇ ئىشتىن ئۆسىدىكەن. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۈنى دەرسلىكتىن كونسىپىككە، پايدىلىنىش ماتىرىيالدىن دەپتەرگە، دەپتەردىن دەپتەرگە، دەپتەردىن يېڭى دەپتەرگە كۆچۈرۈش بىلەن ئۆتىدىكەن.
      
 مەكتەپ باشلىقلىرىنىڭ دەرسلەرنى باھالاش ئۇسۇلىمۇ غەلىتە ئىكەن. ئۇلار ئالدىن بېكىتىۋالغان مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغان باھالاش ئۆلچىمىنى مەخسۇس دەپتەر قىلىپ باستۇرۇپ، ھەممە ئوقۇتقۇچىغا بىردىن تارقىتىپ بېرىدىكەن. بارلىق ئوقۇتقۇچى مۇشۇ دەپتەر بويىچە دەرس ئۆتۈشى كېرەك ئىكەن، يەنە كېلىپ ئوقۇتۇشنىڭ ھەر بىر باسقۇچىغا مۇقىم ۋاقىت بېكىتىلگەن بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ۋاقىت چىكىنى بۇزۇشقا ھەرگىز بولمايدىكەن، دەرس ئۆزلەشسۇن، ئۆزلەشمىسۇن مۇشۇ ۋاقىت بويىچە قىلىپقا چۈشۈرۈپ دەرس ئۆتۈپ بەرگەن ئوقۇتقۇچى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالىنىدىكەن. سەل چوڭقۇرلاپ كەتكىنى بېكىتىلگەن ئۆلچىمىگە چۈشمەي قالىدىكەن-دە، لاياقەتسىز باھالىنىدىكەن. شۇڭا ھەممە ئوقۇتقۇچى بىر ئادەمدەك دەرس ئۆتىدىكەن. ھېچقايسىسى قائىدىدىن چىقىپ كەتمەيدىكەن. تېخىمۇ قىزىق بولغىنى ئوقۇتۇشتىن ئىبارەت سوبىكتىپ جەريان قېلىپلاشقان، مېخانىك پائالىيەتكە ئايلىنىپ قاپتۇ.يىل بويى ئارام ئالماسلىق، ئۇلارنىڭ نەزىرىدىكى يەنە بىر ئىسلاھات ئىكەن. مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلارنى قىشۇ-ياز تەتىلگە قويۇپ بەرمەي، تۈرلۈك ئۆگىنىشلەرگە سالىدىكەن. شەنبە-يەكشەنبىلەرمۇ ئىشلەۋىرىدىكەن. قانۇنىيەتكە خىلاپ بۇ ئادەت ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى ئاسانلا كاردىن چىقىرىدىكەن. شۇنداق بولغانلىقتىن ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى گومۇش، يىراقنى كۆرەلمەس...قاتارلىق كېسەللەر بىلەن، ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆپكە، يۈرەك، بۆرەك...دېگەندەك رەئىس ئەزالار كېسىلى بىلەن ئاغرىيدىكەن. مەن بۇ ئەلدىكى ئىلى، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق ئەللەرنى ئارىلاپ يۈرگەنلىرىمدە تالاي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ شۇ خىلدىكى كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم.
    
ئۇلاردا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكى ئىنتايىن ئېغىر ئىكەن، مەكتەپ مۇدىرلىرى دەل مۇشۇ ئىشتىن پەخىرلىنىدىكەن. ئوقۇتقۇچىلارنى قانچىكى كۆپ قاقشاتسا، قانچە كۆپ ئۈنۈمسىز ئىشلارغا مەلىكە قىلالىسا بۇ ئىسلاھات ھېسابلىنىدىكەن. دوكتور، يازغۇچى، تەتقىقاتچى...دېگەندەك كەم تېپىلىدىغان ئىختىساس ئىگىلىرى بولغان ھالەتتىمۇ تۈرلۈك شەكىلۋازلىقلىرىغا كۆنۈشى كېرەك ئىكەن. بۇ شەكىلۋازلىققا چىداپ ئىشلىگەنلىرى بولسا بەش-ئالتە يىلغا بارمايلا بەلگىلەنگەن قېلىپ بويىچە ئۆلچەملىك دەرس ئۆتۈشتىن باشقىغا يارىمايدىغان ئادەتتىكى «مۇئەللىم»گە ئايلىنىدىكەن. بۇ نېمە دېگەن ئېغىر پاجىئە-ھە!؟
شۇڭا دەيمەن، ئۇلاردا ھەقىقىي مائارىپ يوق. ئىسلاھات يوق. قەستەن خورىتىشلا بار ئىكەن!

3-باب: قورقۇتۇش
   ئەقىللىق باشلىققا نىسبەتەن دۇنيادا ئۇنىڭ باشقىلارنى قورقىتۇپ ئىشلتىشىدىنمۇ ئېغىر پاجىئە بولمىسا كېرەك.لېكىن، ئۇيغۇر مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرى «قورقۇتۇش»نى ئىسلاھاتنىڭ يەنە بىر تۈرى ئۆز نوپۇزىنىڭ ئاشقانلىقى دەپ بىلىدىكەن. قورقۇش - ھەقىقىي مەنادىكى ھۆرمەت ئەمەس، ئوقۇتقۇچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئامالسىزلىقىدىن بويسۇنىشىدۇر. ]ئادەمنىڭ غىدىقىنى كەلتۈرىدىغىنى، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ مۇدىرلىرى بۇنىڭ ئەكسىچە قارايدىكەن. ئۇلار ئوقۇتقۇچىلارنى قانچىلىك قورقىتىۋالسا، ئۇلارغا قانچە زور تەھدىت سالالىسا شۇنچە سۆيۈنۈپ كېتىدىكەن. «ئىش ئورنۇڭدىن قالىسەن» - بۇ ئۇيغۇر مۇدىرلىرىنىڭ دائىملىق دەيدىغان گېپى ئىكەن.  «ئىسلاھات» دېگەن سۆز ئۇلارغا ناھايىتى ياخشى باھانە تېپىپ بېرىپتۇ.
«ئىسلاھات»نى «ئىش ئورنى بىكارلاش» دەپ چۈشەنگەن مۇدىرلار ھە دېگەندىلا مۇشۇ سۆزنى چىڭقىلىپ دەپ، ئەسلىدىنلا تېنى ئاجىز مۇئەللىملەرنى قورقۇتۇپ يۈرەك ئالدى قىلىۋېتىپتۇ.
دەرستىن توختىتىش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈش - تەھدىت سىلىشنىڭ يەنە بىر خىل ئۇسۇلى ئىكەن.  ئايرىم مەكتەپ مۇدىرلىرى بىلەن كۆرۈشسەم، بۇ تېخى ئەڭ ئۈنۈم بەرگەن ئىسلاھات ئىكەن.
كىم ئالدىن بېكىتىلگەن قېلىپ بويىچە دەرس ئۆتمىسە، دەرس ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلىنمايدىكەن. دەرسكە كىرگۈزۈلمىگەن ۋاقتى بەك ئۇزىراپ كەتسە «لاياقەتسىز» قىلىنىپ ناھىيە مەكتىپىدىن يېزا مەكتىپىگە، يېزا مەكتىپىدىن كەنت مەكتىپىگە چۈشۈرۈلىدىكەن. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار ئۇخلىماي، ئارام ئالماي يۈرۈپ ساراڭ بولۇپ كەتسىمۇ، ناھىيىدىكى مەكتەپلەردە ئىشلەشكە رازىكەنكى، ساق كاللىسى بىلەن تۆۋەندىكى مەكتەپلەرگە چۈشۈشنى خالىمايدىكەن. چۈنكى مەكتەپ قانچە كىچىكلىگەنسىرى، ئۇنىڭ «ئىسلاھات» تەدبىرلىرى شۇنچە كۆپىيىپ ۋە چوڭقۇرلۇشۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنى نېرۋا ئاجىزلىقىدىنمۇ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.
      
ئۇلارنىڭ قارىشىچە، سەھرادا يۈرەك كېسىلى بولغاندىن ناھىيە، شەھەرلەردە ساراڭ بولغىنى ياخشىراق ئىكەن. سەۋەب: ئۇلار ساراڭ بولۇپ قالغان ھالەتتىمۇ، پەرزەنتلىرى سەھرا مەكتەپلىرىدىكى تېخىمۇ قاتتىق «ئىسلاھات» شامىلىدىن ساقلىنىپ قالالايدىكەن.
  
قاراڭ بۇ نېمە دېگەن ئاجىز قوغدىنىش؟ نېمە دېگەن بىچارىلەرچە تەدبىر-ھە؟! بۇلارنى كۆرگەن كىشىنى ئىختىيارسىز يىغا تۇتىدۇ، موشۇنى ئىسلاھات دېگىلى بولامدۇ؟ موشۇنىمۇ مائارىپ دېگىلى بولامدۇ؟
ئۇلارنىڭ كۆچۈرۈلمە ئەندىزنىمۇ ئەسلى مەنىسىدە قوللىنالمىغان ئاتالمىش مائارىپى توغرىسىدا بۇنىڭدىن كۆپ توختالغۇم يوق. «ئىسلاھات» دەپ ئاتىلىۋىلىشقان بىر قاتار شەكىلۋازلىق ھەرىكەتلىرىدە بىچارە ئوقۇتقۇچىلارنى قورقۇتۇش ۋە خورىتىشتىن باشقا ھېچقانداق يېڭىلىقىمۇ يوق. شۇڭا بۇنىڭدىن ئارتۇقچە توختالمايمەن.

       («دۇنياۋى مەتبۇئاتتا كىملەرنىڭ گېپى» ناملىق ماقالىلەر توپلىمىدىن ئىلىندى)


 


kangsay 2010-09-01 11:23
بۇ تىمىنى كۆرىۋاتقان ھەر قانداق ئىنساننىڭ ...تىمىنى باشقا  ياققا  بۇرمىلاپ كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن...
ئەمىلىيەتكە باغلاشتۇرايلى ئەمىسە:
       مەنمۇ ئوقۇتقۇچى بولغان ،بۇ مەزمۇن غا تامامەن ئۇيغۇن ھالدا..
راست ھازىرقى ئەھۋال شۇ چاغلاردىن تولىمۇ ئىغىر ... ئاۋۇ بىچارە بالىلارنىڭ بوخچىسى 10 كىلوگىرامدىن
ئىشىپ كەتتى دەپ باش قاتۇرمىغان مۇدىردىن ...نىمە ئۈمىد كۈتەرمىز ئەمدى...

marwayit 2010-09-01 11:46
   نىمە ئامال غوجامنىڭ غوجىسى بار-دە، ئادەمنىڭ ئىچىنى سېرىيدۇغۇ، شۇڭا مەن بالامنى خەنزۇ مەكتەپكە بەردىم، ئۆي ئىچىدە پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە سۆزلەيمىز، مەخسۇس ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىپ ساۋادىنى چىقىرىپ قويدۇم، مىللىي تەربىيەنى چىڭ تۇتسىلا ياخشى ئۈنۈم بېرىدىكەن...

ediqut 2010-09-01 14:57
يىڭى مەۋسۇم كېلىشى بىلەن ئاتا - ئانىلارنىڭ غېمىگە يېڭى بىر غەم قېتىلدى .
ئۇ بولسىمۇ بالامنى قايسۇ مەكتەپتە ئوقۇتارمەن ؟  قايسۇ سىنىپتا ئوقۇتارمەن ؟ ئىشىك ئالدىمدىكى مەكتەپ بالامنى ئالمىدى ، شۇنچە يىراق يەرگە كىم ئاپىرىپ ئەكىلەر ؟ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپقا ئۆتكەن بالامنى ياتاقلىق سىنىپتا ئوقۇتىدىكەن مانچە يۇەن ئەكەلسۇن دەپتۇ ، بۇنچە پۇلنى نەدىن تاپارمەن دىگەندەك  

almiliq 2010-09-01 15:01
        ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغىلى 30 يىلدىن  ئاشتى، ئۇلۇغ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى.
مائارىمىز قانداق كىشىلەرنى تەربىيەلەپ چىقتى. مائارىپ ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزىنى تونۇش ئاندىن ئۆزگىنى تونۇشنى مەقسەت قىلىشى كېرەك. تاكاممۇللۇق ئۆزىدىن باشلىنىدۇ، ئاندىن باشقىلارغا ئۈلگە بولىدۇ.

          40 ياشلار چامىسىدىكىبىر ئۇقۇتقۇچى تونۇشۇم شۇنداق دەپ ۋايساپ بەرگەنلىرى ئېسىمدە:
ھازىرقى بەزى ياش ئوقۇتقۇچىلارغا نىمە بولدى، بىغىشلاش روھى دىگەن بىز  ئوقۇتقۇچى بولغان كىشىنىڭ پەزىلىتى ئىدى،  كۆيۈنۈش خىسلىتى ئىدى، ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇتۇقىنى كۆرۈش - پەخىرلىك ئىشى دەپ بىلەتتى.
ھالى بۈگۈنگە كەلگەندە ئۇلار شۇ توغرىسىدا قىلچىمۇ ئويلىنىشنى خالىمايدىغان بولۇپ كەتتى. بۇنىڭغا زادى نىمە سەۋەپ بولدى، ئۇقۇتقۇچىلىرىمىزنى تەربىيەلەۋاتقان پىداگوكىيكا مائارىپى شۇ بولدىمۇ ئەمدى؟

kangsay 2010-09-01 16:26
ئىدىسون كىچىك ۋاقتىدا، ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئۇنى «دۆت» ئوقوغۇچى دەپ قارايدىكەن. ئەمما ئىدىسوننىڭ ئانىسى ئوقۇتقۇچىنىڭ بالامنى «دۆت» دەپ قارىغانلىقى، ئەمەلىيەتتە ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ دەپ قاراپ، بالىسىنى ئۆيىگە قايتۇرۇپ كىتىپ، بالىلارنىڭ پىسخىكىسىغا خاس ھالدا ئۆزى تەربىيلەيدۇ، تۈرلۈك ئاماللارنى قىلىپ، بالىسىنىڭ تۈرلۈك تەجىرىبىلەرنى ئىشلىشىگە ئىلھام بىرىدۇ. ئىدىسوننىڭ چوڭ بولغاندىن كىيىن دۇنياغا مەشھۇر بۈيۈك كەشپىياتچى، ئۇلۇق ئالىم بولۇپ چىقىشىنى ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ تەربىيىسى ۋە ئۇنىڭغا بولغان ئىلھام بىرىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
ئاتا ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا بولغان ئۈمىدىنىڭ بالىلارغا بولغان تەسىرى ناھايىتى زور بولىدۇ. پىسخولوگىيەلىك تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولىشىچە، ئاتا ئانىلارنىڭ بالىلارغا بولغان ئۈمىدى قانچە كۇچلۈك بولسا، پەرزەنتلىرىنىڭ ئەقلى ۋە ئۆگىنىش نەتىجىسىمۇ ماس ھالدا يۇقۇرى بولىدىكەن.

ھەمزە 2010-09-01 19:46
ئۇلارنىڭ «ئىسلاھات» دەپ چۈشىنىدىغان يەنە بىر ئىشى - ئۆز تىلىدا ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ بولالمايۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا باشقا تىلدا دەرس ئۆتۈش ئىكەن.

مەن باشقا گەپ قىلماي بۇ تىمىنى ساقلىۋالاي

xaxatux 2010-09-01 20:57
مەن بۇ ماتىريالنى  ئوقۇغۇنۇمغا  دەل 5-يىل بولاي دەپ قاپتۇ.....ھېلىمۇ ھەم يادىمدا...ب...بۇ ماتىريالنى يولىغان دوستىمىز  تۇلۇق يوللىماپسىزغۇ دەيمەن........ئەسىلى  ناھايىتى كۆپ ئىدى ......بولسا ئاشۇنىڭ ھەممىسىنى يوللسىڭىز ........  ساقلىۋالغان بولساق.....

xaxatux 2010-09-01 21:01
مەن بۇتىمىنى ئەڭ ئەڭ ئەڭ نادىر تىما قىلىشنى ئۇمۇد قىلىمەن

yangen 2010-09-01 23:21
ئەلقىسسە، ياپۇنلار جۇڭگۇنىڭ شەرقى شىمالىنى بىسىۋالدىلەر، ئاندىن قۇللۇق مائارىپ تۈزۈمىنى يولغا قويدىلەر،ئاتالمىش قۇللۇق تۈزۈمدىكى مائارىپى ئىشغال قىلىنغان رايۇنلاردا ئانا تىلى بولغان خەنزۇتىلدا دەرس ئۆتۈش ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ ،ياپۇن تىلى
ئىشلىتىش دەپ ئىزاھات بىرىشتىلەر!!بۇنىڭغا 8يىلغىچىە قوغلاپ چىقىرالماي سوۋىت ياردىمىگە ئىرىشكەن باتۇر خەلىق چەكسىز قاتتىق قارشىلىق بىلدۈردىلەر!!!!

yangen 2010-09-01 23:24
ھازىر دىگەن باشلىقلار  پەقەت سىياسى جەھەتتىكى سەزگۈرلىكى بىلەنلا تاللىنىدۇ،شۇنداق بولغانكەن ،قولغا كەلتۈرگەن نەتجلەرلا بولىدۇ،سەۋەنلىك مۇتلەق مەۋجۇت بولمايدۇ!

yangen 2010-09-01 23:27
ئىشلىتىش
引用第1楼kangsay于2010-09-01 11:23发表的 :
بۇ تىمىنى كۆرىۋاتقان ھەر قانداق ئىنساننىڭ ...تىمىنى باشقا  ياققا  بۇرمىلاپ كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن...
ئەمىلىيەتكە باغلاشتۇرايلى ئەمىسە:
       مەنمۇ ئوقۇتقۇچى بولغان ،بۇ مەزمۇن غا تامامەن ئۇيغۇن ھالدا..
راست ھازىرقى ئەھۋال شۇ چاغلاردىن تولىمۇ ئىغىر ... ئاۋۇ بىچارە بالىلارنىڭ بوخچىسى 10 كىلوگىرامدىن
ئىشىپ كەتتى دەپ باش قاتۇرمىغان مۇدىردىن ...نىمە ئۈمىد كۈتەرمىز ئەمدى...


خەنزۇچە مەكتەپ بالىلارنى تىخىمۇ قۇللاشتۇرۋىتىدۇ دەپ قارايمەن،ئۇيغۇرچە مەكتەپتە ھىچ بولمىسا ئۇيغۇردەك ياشاشنى ئۈگنىدۇ،خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇسا ھەي..................

yangen 2010-09-01 23:28
ئاپلا   نەقىل خاتا بولۇپ قاپتۇ !!!كەچۈرۈڭلار!!1

bura 2010-09-02 15:09
بالىلارنى خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇتۇپ  ئۆيدە ئاناتىلىنى ساۋادىنى چىقارساق   بۇمۇ بولغىدەك  ؟

xaxatux 2010-09-03 01:16
ئاڭلىسام بۇ قېتىم يانا بىر مائارىپ چىقىپتۇ  ئۇ
يېڭى مائارىپ ئىكەن....
بالدۇرقىسى كونا مائارىپ مىش

tanha520 2010-09-03 16:41
ھۇ ھۇي

tayyar 2010-09-03 20:00
چەتئەللىك بىر يازغۇچىنىڭ يەككە تەسىراتى پەقەت ئۇنىڭ ئۆزگە خاس چۈشەنچسى. بۇنىڭلىق بىلەن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان مائارىپىنى يوققا چىقىرىشقا بولماس، مائارىپنىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى رايون ئەللەردە ئوخشىمىغان ئەندىزىدە  ئۆزگە خاس تۈزۇلمە، باشقۇرۇرش تەرتىپى بولدىغانلىقى تەبىيئى ئەھۋال. ئەلۋەتتە ئامىركىچە ياكى غەرپچە مائارىپ بىلەن دۆلتىمزنىڭ مائارىپ تۈزۇلمسىىدە پەرق چوقۇم بولغىنىدەك ئۇيغۇر مائارىپنىڭ نۆۋەتتىكى ئىسلاھات ئۆزگىرىش جەريانىدا كۆرۇلگەن سەۋەنلىكلەر داۋاملىق تۈگۇتلىدۇ.   شۇنڭلاشقا بىز بۇ  چەتئەللىك ئوقۇغۇچنىڭ  تەسىراتىنى سوغۇققانلىق بىلەن ئوقۇپ كۆرسەك بولىدۇ.

merwa 2010-09-04 04:33
ئە سسالامو ئە لە يكوم وەرە ەمە توللاەي وە بە ركا تەو  !
ئاللاھىم ئىلىم ئەھلىلىرىمىزگە ، مائارىپچىلىرىمىزغا ، ئۆز خەلىقىگە كۆيۈندىغان ، ئەۋلادلارغا مەسئۇل بولىدىغان يۈرەك بەرگىنكى ئۇلارنى غەپلەتتە قالدۇرمىغىن ، خەلقىمىزگە مۇنەۋۋەر يول باشچىلارنى بەرگىن ، ئۇلارنى خەلىقى ئۈچۈن يۈرىكىنى بىرىدىغان قىلغىنكى خەلىقنىڭ قىنىنى شۇرايدىغان پارازىت قۇرۇت قىلمىغىن ...

turditohti 2010-09-07 20:41
مائارىپتا ھۇقۇق قارىشى توغرىلانغاندا بۇ مەسىلىلەر ئۆزلىگىدىن ھەل بولىدۇ...

xahadat 2010-09-07 20:59
ھەقىقىەتەن ئادەمىنى ئويلاندۇرىدىغان ئىسل تېما ئىكەن... بۇ تىمىنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇن رەھبەرلىرى كۆرسە بولغىدەك،

kokbura 2010-09-08 13:02
ھىلىمۇ ياخشى ،ئوقۇتقۇچى بولماپتىكەنمەن بىردەم 4 ئاساسەن دە ۋھتقان  

kokbura 2010-09-08 13:11
ئەلقىسسە، ياپۇنلار جۇڭگۇنىڭ شەرقى شىمالىنى بىسىۋالدىلەر، ئاندىن قۇللۇق مائارىپ تۈزۈمىنى يولغا قويدىلەر،ئاتالمىش قۇللۇق تۈزۈمدىكى مائارىپى ئىشغال قىلىنغان رايۇنلاردا ئانا تىلى بولغان خەنزۇتىلدا دەرس ئۆتۈش ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ ،ياپۇن تىلى
ئىشلىتىش دەپ ئىزاھات بىرىشتىلەر!!بۇنىڭغا 8يىلغىچىە قوغلاپ چىقىرالماي سوۋىت ياردىمىگە ئىرىشكەن باتۇر خەلىق چەكسىز قاتتىق قارشىلىق بىلدۈردىلەر!!!!

ياپون ئەسلى بىر تاجاۋۇزچى  دۇلەتقۇ دەيمەن

rukuya 2010-09-14 15:51
تۇلۇقلاپ  مائارىپ تور بەتلىرىگە يوللىساڭلار  قانداق؟

tumars 2010-09-15 00:36
ئىشلىتىش
引用第13楼bura于2010-09-02 15:09发表的 :
بالىلارنى خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇتۇپ  ئۆيدە ئاناتىلىنى ساۋادىنى چىقارساق   بۇمۇ بولغىدەك  ؟

ئۇف! كىرە -كىرمەيلا يامان تېمىدىن بىرسىگە ئۈسسۈپتىمىنا،ھەي.................نىمىمۇ دەرمەن؟ ھەر بىر ئەزانىڭ ئويلىغىنى بۇيىچە پىكىر قىلىش ھۇقۇقى بار، ئەمما ھىچ ئىدىيەمدىن ئۆتمەيدۇ مۇشۇ خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇتۇپ، ئانا تىلدىن ساۋادىنى ئۆيدە چىقاساق دىگەن گەپ.
  ئوقۇتقۇچى بولىغنىم ئۈچۈن بۇ ھەقتە بەك چۇڭقۇرلاپ پىكىر قىلماي، تەۋىسسىيە قىلىدىغىنىم يەنىلا شۇ:پەرزەنتىڭلارنى ئۆز مەكتىۋىمىزدە ئوقۇتۇڭلار!!!!

顺其自然 2010-09-17 10:51
ھەقىقەتەنمۇ توغرا ، ئاز ساندىكى ئوقۇتقۇچىلىرىمىزدا بېغىشلاش روھىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ ، ۋاقىت ئۆتكۈزۈش خالاس . ئەتىگىنى يوقلىمىغا ئۈلگۈرۈپ كەلسە ، كەچتە بالدۇر كەتسە .....

顺其自然 2010-09-17 10:57
بارغانسىرى 民考民 بىلەن 民考汉 نىڭ پەرقى قالمايدۇ ، قالغاندىمۇ پەقەت پەرقلەندۈرگىلى بولىدىغان يېرى ، 民考汉ھېچ بولمىغاندا خەنزۇتىلىغا پىششىق ، لىكىن 双语班نىڭ باللىرى يا ئانا تىلىنى يا خەنزۇتىلىنى بىلمەيدۇ ، ئەبجەش .......
   ئەسلى قوش تىل ئىددىيىسى توغرا ، ئومومىي مىللەتنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ، يېڭىلىقلارنى تېز قوبۇل قىلىش . لىكىن ئىجرا قىلىنىش جەريانىدا بەزى جايلار نوقۇل ھالدا خەنزۇتىلىنىلا ئاساس قىلىۋېلىپ بالىلارنى ھەم ئوقۇتقۇچىلارنى قىيناۋاتىدۇ . ئەمەلىيەتتە دۆلەتنىڭ سىياسىتىدە قوش تىل ئوقۇتۇشى شۇ مىللەتنىڭ ئانا تىلىغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئاساسلىق پەنلەرنى دۆلەتنىڭ ئورتاق تىلى (خەنزۇتىلى) دا ئۆتۈش دەپ كۆرسىتىلگەن .

aptor0998 2010-09-19 00:01
ھازىر قوش تىل دىگىنى ئەمەلىيەتتە خەنزۇ تىلى دىگىنى ئىكەن. مەن يېقىنغىچە بىلمەي يۈرۈپتىمەن.

bilim 2010-09-19 00:03
مائارىپ توغرۇلۇق كۆپىرەك مۇنازىرە بولغىنى ياخشى  ئىش

tengriqut 2010-10-06 17:17
ھازىرقى مائارىپتىكى بەزى ئەھۋاللار ھەققەتەن كىشىنى ئويغا سالىدۇ....دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى مەخسۇس قانۇن چىقىرىپ قوشتىل ئوقۇتۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇشى،قانۇنى رامكىغا دەسسىتىشى شۇئارقىلىق «ئورتاق تىلنى ئومۇملاشتۇرۇش، يەرلىك تىلنىڭ قانۇنىي ئورنىنى كاپالەتكە ئىگە قلىش»تىن ئىبارەت مەقسەتنى كاپالەتلەندۈرۈشى كىرەك.   مېنىڭچە، دۆلەتنىڭ تىل يېزىق قانۇنى، ئاساسىي قانۇن ۋە مىللىي تېرىتورىيەلىك قانۇن نىزاملارنىڭ روھىغا ئۇيغۇن بولغان، قوشتىل ئوقۇتۇشىنى كۈچلۈك قانۇنىي ئاساس بىلەن تەمىن ئىتىدىغان قانۇنىي ئاساسنىڭ روياپقا چىقىشى تولىمۇ زۆرۈر..................................................

era13 2010-10-06 17:43
ھازىر بالىلارنىڭ ۋاقتنى ....
ئىشقىلىپ بو جانباقتى مائارىپ ......

upukjan 2010-10-06 18:21
ھازىر جۇڭگۇ مەتبۇئاتلىرىدا جۇڭگۇ مائارىپىنىڭ بۇگۇنى ۋە كەلگۇسى توغرىسىدا ،جۇملىدىن مائارىپ ئىسلاھاتى توغرىسىدا كۆپ مۇلاھىزىلەر بۇلىۋاتىدۇ.مائارىپتا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش جەمئىيەتنىڭ تەقەززاسى ،بۇجۇڭگۇدا  پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى  خالاس.شىنجاڭ رايۇنىغا نىسپەتەن قانداق بۇلىشى ۋەتەن سۇيەر رەھبەرلەرنىڭ ھەركىتىگە باغلىق ئىشتۇر.

basturuk 2010-10-07 01:17
مائارىپىمىز تەرەققىي قىلمىسا مىللىتىمىز تەرەققىي قىلمايدۇ دىگەن گەپ ، مىللىتىمىز تەرەققىي قىلمىسا كىملەرگە پايدىلىق .
خەنزۇچە ئوقوغانلارنىڭ كۆپ قىسىمى  ئاساسىي جەھەتتىن مىللىي كىملىكىنى بىلمەيدۇ ، مىللەتنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن سۆيەلمەيدۇ ، ئۇيغۇرچە ئوقوغانلارنىڭ پەقەت ئاز بىر قىسمىلا مۇشۇنداق خالاس .

matnuri 2010-10-07 11:11
مەنمۇ بىر ئۇقۇتقۇچى .ھەقىقەتەن مائارىپىمىزدا مۇشۇنداق مەسىلە بار .بۇنى قانداق قىلغاندا تۇزەتكىلى بۇلىدۇ؟

كامران 2010-10-10 16:14
ئۇنى بۇنى دېگەن بىلەن مەكتەپ رەھبەرلىرىنى ساپاسى بەك تۆۋەنلەپ كەتتى. ھازىر مەكتەپلەردە نېمە جىق، ئۇششاق-چۈششەك سوكال باشلىقلار بەك جىق جۇمۇ، گوروھۋازلىق قىلىدىغان ئىشلىرىچۇ تېخى، بىر-بىرى بىلەن ھوقۇق تالىشىپ، كىچىككىنە مەكتەپتە تالىشىدىغان نېمە باردۇ دەپ قالىمەن، ئوقۇتۇشنى چىڭ تۇتسا، يېقىنلىرىغا يان باسماي قانۇن-تۈزۈم بويىچە مەكتەپنى باشقۇرسا ھېچكىم نارازى بولمايدۇ، ئوقۇتۇش سۈپىتىمۇ ئۆسۈپ ماڭىدۇ.  ھھھھھھھھھھھھھھھھھھھھھھھھھھھھھھھھھھھھھھەي، مەكتەپ باشلىقلىرى، يېڭى دەرس ئىسلاھاتى دەپ گېلىڭلار يىرتىلىپ كەتكۈچە قۇرۇق شۇئار توۋلايسىلەر، يېڭى دەرس ئىلاھاتى دېگەننى ئازراقمۇ چۈشەنمەيسىلەر، ئەڭ ئاۋۋال سىلەر كاللاڭلارنى ئىسلاھ قىلساڭلار بولاتتى جۇمۇ.

sultan3837 2010-10-10 17:16
قوش تىل  بولۇش ياخشى  لىكىن ئانا  تىلىمىزنى مۇ  قەدىرلەيلى   !!!!!!!!!!!!!!

iltarixhakan 2010-10-15 13:31
بىزنىڭ مەكتەپتە ئشلەمدۇ نىمە ؟  بىز نىە مەكتەپنىڭ ئەينەن ئەھۋالىنى يېزپتۇ غۇ

alpacino 2010-10-26 00:44
ھازىر مىللەت 50 پىرسەنت تۈگەشتى ..  ھەنىم  بولسا يەنە 50 پىرسەنت ئۈمۈت  بار  .

uran0999 2010-10-26 19:07
ئۇيغۇر مائارىپى يوق  بولدى

uran0999 2010-10-27 12:42
مائارىپنى  پېتىقلاۋاتىدۇ  ئۇلار  

sardar1 2010-10-27 16:01
ھازىر نىمە ئامال ،خۇدايىم بۇ كۇنلەرنىمۇ بىزدىن بىر كۇنى كۆتۇرىۋىتەر.

uran0999 2010-10-27 18:26
شۇ  مىللى مائارىپى   قېنى    سۆزلىسەم   قايناپ قالىمەن

hikimat 2010-11-04 19:34
بۇ  تېما ياخشې تېما ېكان

bahtiyar21 2010-11-06 18:30
ئانا تىل بەك مۇھىم .

bislik 2010-11-06 22:31
ھەييييييييييييييييييييييييييييييييييييييييييييييييييي!!!!!!!!!!      

kokbura 2010-11-07 00:01
مىللى مارىپ بولسا مىللى كىملىكنىڭ ئاساسى ،مىللى كىملىك بولمىسا مىللەتنىڭ كەلگۇسى

esma0999 2010-11-07 12:49
       مىللى مائارىپنى ئامرىكىلىق ئالىم تەتقىق قىلىپ بەرگەننىڭ بىزگە نىمە پايدىسى؟ مىللى مائارىپقا مەبلەغ سىلىپ بىرەمدىكەن يا؟ گەپ يەنىلا ئۆزىمىزدە شۇ.ئوخشاش ياشتىكى مىللى بالىلارنى ئوخشىمىغان تىلدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇتۇپ بىقىڭ. نەتىجىسى قانداق بولدىكىن؟ بۇ يەردىكى مەسىلە شۇ يىتەكلىگۇچىنىڭ ساپاسى مەسىلىسى بولۋاتىدۇ. 
     ئىتىراپ قىلايلى دوستلار، مىللى مائارىپىمىز راستىنلا ئارقىدا قىلۋاتىدۇ.
  
    غۇلجا 2-ئوتتۇرا مەكتىۋى ئالدىدىن ئۆتكەن ھەرقانداق كىشى، بۇ مەكتەپنىڭ ئالدىدىكى ھۆپپىدە ئىچىلىنىپ كەتكەن رەڭگا رەڭ گۈللەرگە ، مەكتەپ ھۆيلىسىدىكى يىشىللىقلارغا قاراپ بۇ بىر باغچىمىكىن دەپ قالىدۇ. دىلى سۈيۈنمەي قالمايدۇ. لىكىن مەكتەپ دىگەن ئادەم تەربىيەلەيدىغان يەرغۇ؟ مۇھىتىنىڭ ياخشى بولۇپ كىتىشى نمىنى ھەل قىلىپ بىرىدۇ؟
   ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ،بۇ مەكتەپكە ئىدارىدىن ئورۇنلاشتۇرغان ئىنتىھانغا قاتنىشىش ئۇچۇن بىرىپ، تامغا چاپلاپ قۇيۇلغان شۇ يىللىق ئالى مەكتەپكە ئۆتكەن بالىلارنىڭ  تىزىملىكىگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى.ئەڭ يۇقۇرى مەكتەپكە ئۆتكىىنى پەقەت شۇ شىنجاڭ كەسپى ئۇنۋىرسىتىكەن. ھەتتا شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتىغا ئۆتكەن ئادەمنىڭمۇ تايىنى يوق.مۇشۇنداق چوڭ مەكتەپتە يىلدا بىرنەچچە يۈز ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۇتتۇرىدۇ. شىنجاڭ تەۋەسىدىكى ئالى ماكتەپلەرگىمۇ  بارالمىسا  نىمە دىگۈلۈك؟

   3-ئوتتۇرا (خەنزۇ تىلدىكى )مەكتەپنىڭ ئالدىغا چاپلاپ قۇيۇلدىن بۇ يىلقى ئالى مەكتەپكە ئۆتكەن بالىلارنىڭ تىزىملىكىنى كۆرۈپ بەك خوشال بولدۇم. ئالغان يۇقۇرى نۇمۇر بويىچە ھەم بىيجىڭ، چىڭخۇا قاتارلىق داڭلىق ئالى مەكتەپلەرگە ئۆتكەن بالىلارنى رەتكە تىزغاندا  ئالدىنقى 50ئادەمنىڭ ئىچىدە ساپلا ئۇيغۇر، قازاق دىگەندەك ئاز سانلىق مىللەت باللىرى ئىكەن. يىنىمدا تۇرغان خەنزۇ يولداشقا  <ئاز سانلىق مىللەت باللىرى يامانكەنغۇ؟  >دەپ ماختىنىپ قويسام <ھە، بولىدىكەن، بىراق ئاز سانلىق مىللەت بالىرىغا نۇمۇر قۇشۇپ بىرىدۇ ئەمەسمۇ> دەپ ئۆزىنىڭ  خىجىللىقىنى يۇشۇرماقچى بولدى.
       يىقىندا غۇلجىدا مىللى تىلدىكى مەكتەپلەر بىلەن خەنزۇ تىلدىكى مەكتەپلەرنى قۇشۋىتىپ بارىدۇ.  مەن بالامغا <ئەمدى ئۇيغۇر باللار بىلەن كۆپرەك ئاغىنە بولۇپ، ئۇيغۇر تىل، يىزىغىنى ئۇلاردىن ئۈگەنگىن بالام > دىسەم، < ئاپا، ئۇيغۇر ئايال مۇئەللىملەر بىزگە دەرس ئۆتمەيدۇ. دەرس ئاڭلىغىلى كىرىدۇ. بىرنەچچە ئاپالار  بىزنىڭ سىنىپقا دەرس ئاڭلىغىلى كىرگەنتى. قۇيۇق ئەتىر پۇرىقىدىن بىشىم ئايلىنىپ كەتتى. بىزنىڭ مۇئەللىملەر ئەزەلدىن ئەتىر چاچمايدۇ >دەيدۇ.
    مەنمۇ يولدىن ئۆتۈپ كىتىپ بىرىپ خەنزۇ مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چاچلىرىنى ئۇششاق بۇدۇر قىلىپ يەلكىسىگە تاشلىۋەتكەن، جەمىيەتتە مودا بولىۋاتقان ھەرقانداق مودا كىيىمنى كىيىپ ئۇلگۈرگەن، پاكىستاننىڭ قىزىلگۈل ئەتىرىنى بولۇشىغا چىچىپ، قولتۇقلىشىپ چىقىۋاتقان ئاشۇ مودا(مىللى )ئوقۇتقۇچىلارنى  كۆرۈپ ئۇلارغا< نۆۋەتتىكى رىقابەتكە سىز پەقەت خۇدا ياراتقا ئاشۇ چىرايلىق بەدەن قۇرۇلۇشۇڭىز بىلەن مودا كىيىملىرىڭىز بىلەن قاتناشماقچىمۇ ؟> دەپ سورىغۇم كىلىپ كىتىدۇ.    

abdul 2010-11-07 16:05
ئۇيغۇر مائارىپىدىن سوز ئېچىش ناھىيىتى ئېغىر چۇنكى بىر ئوقۇغۇچى بىركۇنلۇك مەكتەپكە بېرېپ قايتسا بىركۇنلۇك  جەنۇپچە ئالۋەن  ياساقنى ئادا قىلىدۇ  چۇنكى يۇقۇرى سەۋىيىدىكى  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  ئازلىقى مەن ئوقۇتقۇچى بۇلۇشنى بەكلا ئارزۇ قىلاتتىم بىراق مۇئەللىمنىڭ بىرلا ئېغىز ھاقارەتلىشى تۇپەيلىدىن  ئوقۇمىدىم سەۋەبىنى سوزلەشكە جۇرئەت قىلالمەيمەن  كەچۇرۇڭلا دوسلا

zam 2010-11-10 15:41
ئەلقىسسە، ياپۇنلار جۇڭگۇنىڭ شەرقى شىمالىنى بىسىۋالدىلەر، ئاندىن قۇللۇق مائارىپ تۈزۈمىنى يولغا قويدىلەر،ئاتالمىش قۇللۇق تۈزۈمدىكى مائارىپى ئىشغال قىلىنغان رايۇنلاردا ئانا تىلى بولغان خەنزۇتىلدا دەرس ئۆتۈش ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ ،ياپۇن تىلى
ئىشلىتىش دەپ ئىزاھات بىرىشتىلەر!!بۇنىڭغا 8يىلغىچىە قوغلاپ چىقىرالماي سوۋىت ياردىمىگە ئىرىشكەن باتۇر خەلىق چەكسىز قاتتىق قارشىلىق بىلدۈردىلەر!!!!

arduan 2010-11-10 21:44
ئەڭ ياخشىسى مەن گەپ قىلماي مەن دەرىس بەرگەن بالىلار قانداق قىلىشنى بىلىدۇ.

iltebir 2010-11-24 22:59
بىر ۋاقىتتا مەن قارمايدىن شەھرىمىزگە دەرس ئۆتۈش ئۈچۈن كەلگەن ئوقۇتقۇچى بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم  ئۇ ئوقۇتقۇچى بىزنىڭ قارامايدىمۇ شەكىلۋازلىق بەك ئىغىر .يىقىنڭياقى قۇش تىل يولغا قۇيۇلغاندىن كيىن بالىلار غا خەنزۇچە ئوقۇتۇشنى كۈچەپ ئىلىپ بىرىۋاتىمىز .ئويغۇررچە تۈۋەن يىللقتا ئۆتۈلمەيتى،لىكىن كىين يەنىلا ئۆتىدىغان يولغاكىرۋالغانلىغىنى ئىيتتى. مەن ئۇ ئوقۇتقۇچىغا بىزنىڭ ئۈرۈمچىدە(تەڭرىتاغ رايۇنىدا)مىللى سىنىپلاردا 60دىن 70 كىچە ئوقۇغۇچى بولۇپ بالىلىرىمىز ھەر ھالدا ئانا تىل دەرسى ئاڭلىيالايدۇ دىدىم .لىكىن باللىرىمز يا ئانا تىلغا يا خەنزۇچىغا راۋان ئەمەس .ئەبجەش .ئەگەر  يۇقىرىدىن سۈپەت تەكشۈرۈشكە كەلسە بالىلارغا ئىمتىھان جاۋابىنى دەپ بىرىپ نەتىجىنى يۇقىرى چىقىرىمىز .قۇش تىل كۆرەك دەرسى بولسا خەنزۇچە سەۋيىسى ياخشى بالىلارنى يىغىپ خەنزۇچە سەۋيىسى ئالاھىدە ياخشى ئوقۇتقۇچى دەرس ئۆتۈپ ياخشى كۆرۈندۇق .ئەمليەتتەھەقىقى  خەنزۇچە ،ماتىماتكىدىن ئىمتىھان ئالسا  بىر سىنىپتا بىر ياكى ئىككىسى ئۆتىدۇ.تەتىل تاپشۇرۇقىنى    %  90پىرسەنتتىن يۇقىرى ئوقۇغۇچى ئىشلىيەلمەي كىلىدۇ. بۇنى يۇقىردىكى بىزنىڭ رەھبەرلەر ئوبدان بىلىدۇ . مەن بۇيىل مەكتىتكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ قۇش تىل سىنىپدا تەبي پەن ئىمتھاندا ئىككىدىن ئۈچكىچە ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆتكەنلىگىنى ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىدىم. بۇنداق ئەملىي مىساللار بەك كۆپ.ئۈرۈمچىدە ئۇزۇن تۇرغانلار بالامنى ئەبجەش قىلىپ مىڭىسنى ئوماچ قىلغۇچە خەنزۇچىغا بىرىمەن دەيدىغانلار بەك كۆپ.


查看完整版本: [-- ئۇيغۇر مائارىپىغا نەزەر --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.081142 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us