باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 12034 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئۇيغۇر مائارىپىغا نەزەر
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1359
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 14
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە14دانە
ئۆسۈش: 170 %
مۇنبەر پۇلى: 285 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-31
ئاخىرقى: 2011-04-07
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-09-01 04:18

ئۇيغۇر مائارىپىغا نەزەر

ئەسكەرتىش: بۇ يازما kangsay تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-09-01)
ئۇيغۇر مائارىپىغا نەزەر
ئاپتورى: ئامېرىكا ئالىمى، پىسخولوگ جىك ھونتېر
تەرجىمە قىلغۇچى: ئابباس مونىياز
مۇقەددىمە
   مەن ئۇيغۇر نامى بىلەن ئاتالغان ئەلدە خېلى ئۇزۇن تەلىم ئالدىم. لېكىن مەندە قالغان تەسىرات شۇ بولدۇكى، ئۇ يەردە ھەقىقىي مەنادىكى مائارىپ تېخى شەكىللەنمەپتۇ. ۋەتەنگە ۋاقتىدا قايتىپ كەلمىگەن بولسام، مەنمۇ تەربىيىسىز قالاركەنمەن. زاۋۇتتىن چىققان خىشتەك، بىر خىللا ئىدىيىلىك، بىر قىلىپتىكى ئادەملەرنى تەربىيىلەپ چىقىشنى مەقسەت قىلغان ئۇ سىستېما ھەققىدە بەك كۆپ توختالغۇم يوق. ئۇلار تېخى ئۆزلىرىچە مائارىپتا ئىسلاھ ئىلىپ بېرىۋاتىمىز، دەپ قارايدىكەن. ئۇلار ئىسلاھات دەپ چۈشەنگەن ئىشنىڭ ماھىيىتىنى قىسقىلا قىلىپ ئۈچ نۇقتىغا يىغىش مۇمكىن.

1-باب: ئۇيغۇر مائارىپىدىكى «ئىسلاھات»قا ئىزاھات
   ئۇلار بىز ئىسلاھات ئىلىپ بېرىۋاتقىلى يىگىرممە نەچچە يىل بولدى دەپ ماختىنىدىكەن، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر مائارىپىدا ئەزەلدىن ئىسلاھات بولۇپ باقماپتۇ. بىر زاماندا روسلارنىڭ ئەندىزىسى بىلەن شەكىللەنگەن مائارىپىدىن پەخىرلەنگەن ئىكەن. مانا ئەمدى خەنزۇ مائارىپىنىڭ كۆچۈرۈلمىسىدىن ماختىنىپ يۈرۈپتۇ. بۇ خىل كۆچۈرۈلمە ئەندىزىسىمۇ يىل ساناپ ئۆزگىرىپ تۇرىدىكەن. بۇ يىل نىشانلىق ئوقۇتۇش دېگەن شوئارنى كۆتۈرۈپ چىقسا، كېلەر يىلى ساپا مائارىپى دېگەن گەپنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن، ھازىر «ئېمتىھان مائارىپى» دېگەن ئۇقۇمنى پەيدا قىلسا، ئەتە تۇرۇپلا ئامېرىكىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ 70-يىلىلىرىدىكى پېداگوكى بۆلۈمىنىڭ نەزەرىيسىنى بازاراغا سالىدىكەن. مەھمۇت قەشقىرى، نىزامىدىن ئەلشىر ناۋايى... قاتارلىق يىتۈك ئۆلىما ئۇستازلىرى ياراتقان تەربىيىلەش تەجربىلىرىنى تەتقىق قىلىپ كۆرمەي، چەتئەلنىڭ سۇخۇلمىنىسكى، كۇڭزى كەبى پېداگوكلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە ماس كەلمىگەن تەشەببۇسلىرىغا ئىسىلىۋالىدىكەن. ئىسلاھات دەپ كۈچىگەنسىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسلىك كىتابلىرى كۆپىيىپ كېتىدىكەن، ئۇ دەرسلىكلەر ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان بولۇپ، ئۇنى ئوقۇپ چىققانلار رېئاللىققا، تۇرمۇشقا زادىلا ماسلىشالمايدىكەن. ئەقەللىيسى، فىزىكا ئوقۇغانلار ھەمىشە كۆرۈپ تۇرغان شال بىلەن بۇغداي مايسىسىنى پەرقلەندۈرەلمەيدىكەن. باشلىق كۆپەيتىش-ئۇلار دېگەن ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى ئىكەن. «ئادەم كۆپ بولسا ئىش كۆپ بولىدۇ» دېگەن گەپ ئۇلارنىڭ دەستۇرى سانلىدىكەن. ئادىمى يۈزگىمۇ يەتمەيدىغان مەكتەپنىڭ 8-10 نەپەر مۇدىرى بولىدىكەن. بۆلۈم، گۇرپپا مەسئۇللىرى، سىياسى خىزمەتچىلەر ... دېگەنلىرىنى قوشقاندا مەكتەپ خادىمىنىڭ 40-50 پىرسەنتىنى باشلىقلار تەشكىل قىلىدىكەن.
      باشلىقلار كۆپىيىپ تۇرغىنى بىلەن «ئىخچاملاش»نى ئېغىزدىن چۈشەرمەسلىك ئۇلارغا ئورتاق ئۇدۇم ئىكەن. ئىخچاملىدۇق دەپ بىر-بىرىگە مۇناسىۋەتسىز بىر تالاي مەكتەپلەرنى زورمۇ-زور بىرلەشتۈرۈپ قويۇپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاپپارات كېلەڭسىزلىشىپ ئادەم تېخىمۇ كۆپىيىپ كېتىپتۇ. «شتات قىسقارتىمىز» دېگەن گەپ شۇنىڭدىن چىقىپتۇ. ئۇلار شتات قىسقارتىشنى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن جاي-جايلاردا «شتات قىسقارتىشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى» دەيدىغان مەخسۇس شتاتلىق ئورگاننى كۆپەيتىپتۇ.
ئۇلارنىڭ «ئىسلاھات» دەپ چۈشىنىدىغان يەنە بىر ئىشى - ئۆز تىلىدا ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ بولالمايۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا باشقا تىلدا دەرس ئۆتۈش ئىكەن.
     
قىسقىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ خاس مائارىپ ئەندىزىسى يوق ئىكەن. ھازىرقى شارائىتتا ئۇلارنىڭ مائارىپىدا ئىسلاھاتنىڭ بولىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. ئەگەر يېڭىلىق بار دېيىلسە ئۇ خورىتىش ۋە قورقۇتۇش ئىكەن!

2-باب: خورىتىش
       ئىنسانىيەتنى ئۈزلۈكسىز ئىسلاھات ئىلىپ بېرىشىدىكى تۈپ مەقسەت - ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش. بۇ ئاز ئىشلەپ، كۆپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش دېگەنلىك. لېكىن ئۇيغۇر مائارىپى بۇنىڭ ئەكسىگە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتىپتۇ.
      
ئۇلار «ئىسلاھات» دېگەن بۇ ئۇقۇمنى «كۆپ ئىشلىتىش، كۆپ باشقۇرۇش، كۆپ چارچىتىش» دەپ چۈشىنىدىكەن. ئۇلاردا ئوقۇتقۇچىلارنى قانداق قىلغاندا ئىشتىن باش كۆتۈرەلمەيدىغان قىلغىلى بولىدۇ. دېگەن مەسىلە ھەققىدە ئىزدىنىش ئەڭ چوڭ ئىسلاھات سانلىلىدىكەن. شۇڭا ھەر قانداق مەكتەپ مۇدىرى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ھامان مۇشۇ توغرۇلۇق باش قاتۇرىدىكەن. كىم ئوقۇتقۇچىلارغا ئىش تېپىپ بېرەلىسە، يېڭىدىن-يېڭى ئۈنۈمسىز ۋەزىپىلەرنى ئارتالىسا، شۇ ئىقتىدارلىق مۇدىر ھېسابلىنىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىسى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇش كويىدا پالاقلايدىكەن. بىر مۇدىر دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنى قايسى ئۇسۇلدا ھاردۇرۇشنىڭ ئامالىنى ئىزدەپ، ئون-ئون بەش خىل قوللانما تۈزسە، يەنە بىر مۇدىر ئۇنىڭدىن قالماسلىق ئۈچۈن، كېچە-كۈندۈز باش قاتۇرۇپ يۈرۈپ، سىنىپ تەربىيەچىلىرىنى جازالاش ھەققىدە 20-25 تۈرلۈك مەخسۇس قوللانما تۈزۈپ چىقىدىكەن. ئۈچىنچى بىرسى ئۇنىڭدىن ئېشىپ چۈشىدىغان بىمەنلىكلەرنى ئويلاپ تاپىدىكەن.
      
ئوقۇتقۇچىلار كېچە-كۈندۈز ئارام ئالماي، تۈرلۈك ئەھمىيەتسىز جەدۋەل، قوللانمىلارنى تولدۇرۇپ ھالىدىن كېتىدىكەن. ئۇلارغا ئارام خۇدا دەرس تەييارلىغۇدەكمۇ ۋاقىت بېرىلمەيدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە دەرسلىك ئۆزگەرمىگەن ئەھۋال ئاستىدىمۇ بۇ يىلقى تۈزگەن كونسىپىكنى كېلەر يىلى ئىشلىتىشكە بولمايدىكەن.
      
ئۇلارنىڭ «گۇرپپا باشلىقى» دەپ ئاتىلىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك باشلىقى كانسىپىكنى قايتا-قايتا كۆچۈرتۈپ ئۇنىڭ ئاخىرىغا سەت خەتلەر بىلەن ئىسمىنى يېزىۋالمىسا ئۇنىمايدىكەن. ئاڭلىسام، ئۇلارنىڭ ئىشى مۇشۇ ئىشتىن ئۆسىدىكەن. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۈنى دەرسلىكتىن كونسىپىككە، پايدىلىنىش ماتىرىيالدىن دەپتەرگە، دەپتەردىن دەپتەرگە، دەپتەردىن يېڭى دەپتەرگە كۆچۈرۈش بىلەن ئۆتىدىكەن.
      
 مەكتەپ باشلىقلىرىنىڭ دەرسلەرنى باھالاش ئۇسۇلىمۇ غەلىتە ئىكەن. ئۇلار ئالدىن بېكىتىۋالغان مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغان باھالاش ئۆلچىمىنى مەخسۇس دەپتەر قىلىپ باستۇرۇپ، ھەممە ئوقۇتقۇچىغا بىردىن تارقىتىپ بېرىدىكەن. بارلىق ئوقۇتقۇچى مۇشۇ دەپتەر بويىچە دەرس ئۆتۈشى كېرەك ئىكەن، يەنە كېلىپ ئوقۇتۇشنىڭ ھەر بىر باسقۇچىغا مۇقىم ۋاقىت بېكىتىلگەن بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ۋاقىت چىكىنى بۇزۇشقا ھەرگىز بولمايدىكەن، دەرس ئۆزلەشسۇن، ئۆزلەشمىسۇن مۇشۇ ۋاقىت بويىچە قىلىپقا چۈشۈرۈپ دەرس ئۆتۈپ بەرگەن ئوقۇتقۇچى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالىنىدىكەن. سەل چوڭقۇرلاپ كەتكىنى بېكىتىلگەن ئۆلچىمىگە چۈشمەي قالىدىكەن-دە، لاياقەتسىز باھالىنىدىكەن. شۇڭا ھەممە ئوقۇتقۇچى بىر ئادەمدەك دەرس ئۆتىدىكەن. ھېچقايسىسى قائىدىدىن چىقىپ كەتمەيدىكەن. تېخىمۇ قىزىق بولغىنى ئوقۇتۇشتىن ئىبارەت سوبىكتىپ جەريان قېلىپلاشقان، مېخانىك پائالىيەتكە ئايلىنىپ قاپتۇ.يىل بويى ئارام ئالماسلىق، ئۇلارنىڭ نەزىرىدىكى يەنە بىر ئىسلاھات ئىكەن. مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلارنى قىشۇ-ياز تەتىلگە قويۇپ بەرمەي، تۈرلۈك ئۆگىنىشلەرگە سالىدىكەن. شەنبە-يەكشەنبىلەرمۇ ئىشلەۋىرىدىكەن. قانۇنىيەتكە خىلاپ بۇ ئادەت ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى ئاسانلا كاردىن چىقىرىدىكەن. شۇنداق بولغانلىقتىن ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى گومۇش، يىراقنى كۆرەلمەس...قاتارلىق كېسەللەر بىلەن، ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆپكە، يۈرەك، بۆرەك...دېگەندەك رەئىس ئەزالار كېسىلى بىلەن ئاغرىيدىكەن. مەن بۇ ئەلدىكى ئىلى، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق ئەللەرنى ئارىلاپ يۈرگەنلىرىمدە تالاي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ شۇ خىلدىكى كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم.
    
ئۇلاردا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكى ئىنتايىن ئېغىر ئىكەن، مەكتەپ مۇدىرلىرى دەل مۇشۇ ئىشتىن پەخىرلىنىدىكەن. ئوقۇتقۇچىلارنى قانچىكى كۆپ قاقشاتسا، قانچە كۆپ ئۈنۈمسىز ئىشلارغا مەلىكە قىلالىسا بۇ ئىسلاھات ھېسابلىنىدىكەن. دوكتور، يازغۇچى، تەتقىقاتچى...دېگەندەك كەم تېپىلىدىغان ئىختىساس ئىگىلىرى بولغان ھالەتتىمۇ تۈرلۈك شەكىلۋازلىقلىرىغا كۆنۈشى كېرەك ئىكەن. بۇ شەكىلۋازلىققا چىداپ ئىشلىگەنلىرى بولسا بەش-ئالتە يىلغا بارمايلا بەلگىلەنگەن قېلىپ بويىچە ئۆلچەملىك دەرس ئۆتۈشتىن باشقىغا يارىمايدىغان ئادەتتىكى «مۇئەللىم»گە ئايلىنىدىكەن. بۇ نېمە دېگەن ئېغىر پاجىئە-ھە!؟
شۇڭا دەيمەن، ئۇلاردا ھەقىقىي مائارىپ يوق. ئىسلاھات يوق. قەستەن خورىتىشلا بار ئىكەن!

3-باب: قورقۇتۇش
   ئەقىللىق باشلىققا نىسبەتەن دۇنيادا ئۇنىڭ باشقىلارنى قورقىتۇپ ئىشلتىشىدىنمۇ ئېغىر پاجىئە بولمىسا كېرەك.لېكىن، ئۇيغۇر مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرى «قورقۇتۇش»نى ئىسلاھاتنىڭ يەنە بىر تۈرى ئۆز نوپۇزىنىڭ ئاشقانلىقى دەپ بىلىدىكەن. قورقۇش - ھەقىقىي مەنادىكى ھۆرمەت ئەمەس، ئوقۇتقۇچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئامالسىزلىقىدىن بويسۇنىشىدۇر. ]ئادەمنىڭ غىدىقىنى كەلتۈرىدىغىنى، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ مۇدىرلىرى بۇنىڭ ئەكسىچە قارايدىكەن. ئۇلار ئوقۇتقۇچىلارنى قانچىلىك قورقىتىۋالسا، ئۇلارغا قانچە زور تەھدىت سالالىسا شۇنچە سۆيۈنۈپ كېتىدىكەن. «ئىش ئورنۇڭدىن قالىسەن» - بۇ ئۇيغۇر مۇدىرلىرىنىڭ دائىملىق دەيدىغان گېپى ئىكەن.  «ئىسلاھات» دېگەن سۆز ئۇلارغا ناھايىتى ياخشى باھانە تېپىپ بېرىپتۇ.
«ئىسلاھات»نى «ئىش ئورنى بىكارلاش» دەپ چۈشەنگەن مۇدىرلار ھە دېگەندىلا مۇشۇ سۆزنى چىڭقىلىپ دەپ، ئەسلىدىنلا تېنى ئاجىز مۇئەللىملەرنى قورقۇتۇپ يۈرەك ئالدى قىلىۋېتىپتۇ.
دەرستىن توختىتىش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈش - تەھدىت سىلىشنىڭ يەنە بىر خىل ئۇسۇلى ئىكەن.  ئايرىم مەكتەپ مۇدىرلىرى بىلەن كۆرۈشسەم، بۇ تېخى ئەڭ ئۈنۈم بەرگەن ئىسلاھات ئىكەن.
كىم ئالدىن بېكىتىلگەن قېلىپ بويىچە دەرس ئۆتمىسە، دەرس ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلىنمايدىكەن. دەرسكە كىرگۈزۈلمىگەن ۋاقتى بەك ئۇزىراپ كەتسە «لاياقەتسىز» قىلىنىپ ناھىيە مەكتىپىدىن يېزا مەكتىپىگە، يېزا مەكتىپىدىن كەنت مەكتىپىگە چۈشۈرۈلىدىكەن. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار ئۇخلىماي، ئارام ئالماي يۈرۈپ ساراڭ بولۇپ كەتسىمۇ، ناھىيىدىكى مەكتەپلەردە ئىشلەشكە رازىكەنكى، ساق كاللىسى بىلەن تۆۋەندىكى مەكتەپلەرگە چۈشۈشنى خالىمايدىكەن. چۈنكى مەكتەپ قانچە كىچىكلىگەنسىرى، ئۇنىڭ «ئىسلاھات» تەدبىرلىرى شۇنچە كۆپىيىپ ۋە چوڭقۇرلۇشۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنى نېرۋا ئاجىزلىقىدىنمۇ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.
      
ئۇلارنىڭ قارىشىچە، سەھرادا يۈرەك كېسىلى بولغاندىن ناھىيە، شەھەرلەردە ساراڭ بولغىنى ياخشىراق ئىكەن. سەۋەب: ئۇلار ساراڭ بولۇپ قالغان ھالەتتىمۇ، پەرزەنتلىرى سەھرا مەكتەپلىرىدىكى تېخىمۇ قاتتىق «ئىسلاھات» شامىلىدىن ساقلىنىپ قالالايدىكەن.
  
قاراڭ بۇ نېمە دېگەن ئاجىز قوغدىنىش؟ نېمە دېگەن بىچارىلەرچە تەدبىر-ھە؟! بۇلارنى كۆرگەن كىشىنى ئىختىيارسىز يىغا تۇتىدۇ، موشۇنى ئىسلاھات دېگىلى بولامدۇ؟ موشۇنىمۇ مائارىپ دېگىلى بولامدۇ؟
ئۇلارنىڭ كۆچۈرۈلمە ئەندىزنىمۇ ئەسلى مەنىسىدە قوللىنالمىغان ئاتالمىش مائارىپى توغرىسىدا بۇنىڭدىن كۆپ توختالغۇم يوق. «ئىسلاھات» دەپ ئاتىلىۋىلىشقان بىر قاتار شەكىلۋازلىق ھەرىكەتلىرىدە بىچارە ئوقۇتقۇچىلارنى قورقۇتۇش ۋە خورىتىشتىن باشقا ھېچقانداق يېڭىلىقىمۇ يوق. شۇڭا بۇنىڭدىن ئارتۇقچە توختالمايمەن.

       («دۇنياۋى مەتبۇئاتتا كىملەرنىڭ گېپى» ناملىق ماقالىلەر توپلىمىدىن ئىلىندى)


 

باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+5(kangsay) مۇنەۋۋە ماقا ..
  • www.hisyat.com
    kelgusi uchun  algha
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 942
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 301
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە301دانە
    ئۆسۈش: 300 %
    مۇنبەر پۇلى: 3275 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-08-11
    ئاخىرقى: 2012-03-23
    يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2010-11-24 22:59

    بىر ۋاقىتتا مەن قارمايدىن شەھرىمىزگە دەرس ئۆتۈش ئۈچۈن كەلگەن ئوقۇتقۇچى بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم  ئۇ ئوقۇتقۇچى بىزنىڭ قارامايدىمۇ شەكىلۋازلىق بەك ئىغىر .يىقىنڭياقى قۇش تىل يولغا قۇيۇلغاندىن كيىن بالىلار غا خەنزۇچە ئوقۇتۇشنى كۈچەپ ئىلىپ بىرىۋاتىمىز .ئويغۇررچە تۈۋەن يىللقتا ئۆتۈلمەيتى،لىكىن كىين يەنىلا ئۆتىدىغان يولغاكىرۋالغانلىغىنى ئىيتتى. مەن ئۇ ئوقۇتقۇچىغا بىزنىڭ ئۈرۈمچىدە(تەڭرىتاغ رايۇنىدا)مىللى سىنىپلاردا 60دىن 70 كىچە ئوقۇغۇچى بولۇپ بالىلىرىمىز ھەر ھالدا ئانا تىل دەرسى ئاڭلىيالايدۇ دىدىم .لىكىن باللىرىمز يا ئانا تىلغا يا خەنزۇچىغا راۋان ئەمەس .ئەبجەش .ئەگەر  يۇقىرىدىن سۈپەت تەكشۈرۈشكە كەلسە بالىلارغا ئىمتىھان جاۋابىنى دەپ بىرىپ نەتىجىنى يۇقىرى چىقىرىمىز .قۇش تىل كۆرەك دەرسى بولسا خەنزۇچە سەۋيىسى ياخشى بالىلارنى يىغىپ خەنزۇچە سەۋيىسى ئالاھىدە ياخشى ئوقۇتقۇچى دەرس ئۆتۈپ ياخشى كۆرۈندۇق .ئەمليەتتەھەقىقى  خەنزۇچە ،ماتىماتكىدىن ئىمتىھان ئالسا  بىر سىنىپتا بىر ياكى ئىككىسى ئۆتىدۇ.تەتىل تاپشۇرۇقىنى    %  90پىرسەنتتىن يۇقىرى ئوقۇغۇچى ئىشلىيەلمەي كىلىدۇ. بۇنى يۇقىردىكى بىزنىڭ رەھبەرلەر ئوبدان بىلىدۇ . مەن بۇيىل مەكتىتكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ قۇش تىل سىنىپدا تەبي پەن ئىمتھاندا ئىككىدىن ئۈچكىچە ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆتكەنلىگىنى ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىدىم. بۇنداق ئەملىي مىساللار بەك كۆپ.ئۈرۈمچىدە ئۇزۇن تۇرغانلار بالامنى ئەبجەش قىلىپ مىڭىسنى ئوماچ قىلغۇچە خەنزۇچىغا بىرىمەن دەيدىغانلار بەك كۆپ.
    جاھاندا كۈندە يېڭىلىق بولۇپ تۇرىدۇ.
    kelgusi uchun  algha
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 942
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 301
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە301دانە
    ئۆسۈش: 300 %
    مۇنبەر پۇلى: 3275 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-08-11
    ئاخىرقى: 2012-03-23
    2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-11-24 23:36

    بىزنىڭ مەكتىۋىمىز    2004-يىل بىرلەشۈرۈلگەنىڭياقى بىر قىتىممۇ ئۇيغۇرچە پائاليەت قىلىپ باقمىدى. يىڭى بىرلەشكەندە كوممۇنىزىم ناخشىسنى ئۇيغۇرچە ئىيتاتتى كىيىن سنىپلار ئارا مۇسابىقە دەپ بۇ ناخشىنى خەنزۇچە ئىيتىدىغان بوپكەتتى.ئشقىلىپ ئۇيغۇرچىنىڭ ئورنىنى خەنزۇچە تامامەن ئىلىپ بولدى.بىزنىڭ مەكتىۋىمىزدە 2000دەك ئوقۇغۇچى بار .ئۈرۈمچى شەھىردىكى چوڭ مەكتەپلەرنىڭ بىرى.بىزنىڭ  مىللەت ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچىلىرى 80  پىرسەنتتىن كۆپ.بىزنىڭ باشلىىقنىڭ گىپى بىر تىيىن ھەي بولدى سۆزلىمەي........
    جاھاندا كۈندە يېڭىلىق بولۇپ تۇرىدۇ.
    kelgusi uchun  algha
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 942
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 301
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە301دانە
    ئۆسۈش: 300 %
    مۇنبەر پۇلى: 3275 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-08-11
    ئاخىرقى: 2012-03-23
    3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-11 23:45

    ئۈرۈمچىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئوقۇتۇشى توغرىسىدا بىر ئاز توختىلاي،مەن بولسام تەڭرىتاغ رايۇنىدىكى باشلانغۇچنىڭ ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىسى .مەكتەپلىرىمىزدە قوشتىل ئوقۇتۇش چىڭ تۇتىلىدۇ، لىكىن شەكىلۋازلىق ئىغىر. بىز يۇقىرىدىن سۈپەت تەكشۈرۈش ئىمتىھانى ئالىدۇ دىسە ، ئىمتىھاننى راسىت ھەقىقى ئالالمىدۇق. يۇقىرىدىن ،بالىلارنىڭ سەۋيىسى يۇقىرىكەن دەپ ،قۇشتىل ئوقۇتۇش تەلىپىنى بالداقمۇ بالداق يۇقىرلاتتى. ئاخىرى ئۆز پۇتىمىزغا ئۆزىمىز پالتا چاپتۇق. ئەمىليەتتە بىچارە بالىلارغا ئۇۋال بولغاچقا يا ئۇيغۇرچە يا خەنسۇچە پىششىق ئىگەللىيەلمىدى.مائارىپىزدىكى ئاجىزلىق بارغانسىرى گەۋدىلەندى.ياش 40ياشقا بارمايلا، بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپتە بىكارچىغا ئايلاندى. نىمە ئۈچۈن دىگەندە ئۇلار قوشتىل ئوقۇتۇش ھۆددىسىدىن چىقالمىدى.ئاددىيسى مۇشۇ قىتىمقى ئۈرۈمچى شەھىرى بۇيىچە، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش( ماتىماتىكا ،خەنسۇچە )ئىمتىھاندا مەكتىۋىمىزدىكى 209 نەپەر ئوقۇغۇچىدىن، ماتىماتكىدا 35، خەنسۇچىدا 90نەپەر ئوقۇغۇچىلا لاياقەتىلىك بولدى .يۇقارقىلار دىن شۇنى كۆرۋىلىشقا بۇلىدىكى،بۇنىڭ سەۋەبى بىزنىڭ مائارىمىز ئۈچۈن ھەقىقى سۆزلەيدىغان كىشىلەر بەكلا ئازكەن.بىزنىڭ مائارىپىمىزدىكى ساقلانغان مەسىللەر بىزنىڭ ھەل قىلىشىمزنى كۆتۈپ تۇرۇپتۇ. بىز يەنە داۋاملىق سۈكۈت ئىچىدە تۇرامدۇق؟
    جاھاندا كۈندە يېڭىلىق بولۇپ تۇرىدۇ.
    kelgusi uchun  algha
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 942
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 301
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە301دانە
    ئۆسۈش: 300 %
    مۇنبەر پۇلى: 3275 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-08-11
    ئاخىرقى: 2012-03-23
    4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-12 12:02

    بىز مىللەتكە يۈز كىلەلىگىدەك ئىش قىلساق دىلىمىز يۇرۇق بۇلىدۇ. ئانا تىلدا بولسىمۇ بىر نەرسە بىلدۈرەيلى .ھازىر قوش تىلىنى خەنزۇچە تىل بىلەن ئوقۇتۇش ئىلىپ بېرىش دەپ خاتا چۈشىنىۋالغانلار كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدىكەن .بولۇپمۇ جەنۇبى شىنجاڭدا.بالىلارنىڭ ئاساسىنىڭ ئاجىزلىقى ھەقىقەتەن كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار تېخى بالىمىزنى ئۇيغۇرچىغا بەرسەك كەلگۈسىدە مەدىكارلىققىمۇ يارىمايدۇ دەيدىغان قاراش شەكىللىنىپتۇ.بۇ قىسمەنلىك بولسىمۇ ئاتا-ئانىلار نىمە ئۈچۈن بىزنىڭ ئوقۇتۇشىمىزدىن نارازى.مەن ئۈرۈمچىدە باشلانغۇچ مەكتەپتە ماتىماتىكا ئوقۇتۇشى بىلەن شوغۇللىنمەن. بالىلارنىڭ ئۆگىنىشى ھەرھالدا چىڭ تۇتىلىدۇ.بىزمۇ كۈچەيمىز.  يۇقىردىن قوش تىل ئوقۇتۇشنىڭ تەلەپلىرىنى بىزگە يەتكۈزۈلۈپلا تۇرىدۇ. لىكىن سۈپەت يوق. سۈپەت تەكشۈرۈش دەيدۇ. ساختىلىق ،شەكىلۋازلىق كۆپ . نىمە ئۈچۈن ؟مەكتەپلەرنى رەتكە تېزىدۇ ،شۇڭلاشقا .بۇ يەردە ئاتا-ئانىلار بىزنىڭ خىزمەتلىرىمىزگە ھەر ھالدا ئازراق بولسىمۇ ماسلىشىدۇ.بىز شۇنىڭغا خۇش.  مەركىزىمىز بولغان ئۈرۈمچى شەھىردە  بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇشىدا يېڭىلىق ،ئىسلاھات ، ئادىل سۆزلەيدىغان تەتقىقاتچىلار كەمچىل بۇلۇشى نىمىدىن دىرەك بىرىدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن ئەملىي  ئىشلەيدىغان ،سۆزلەيدىغان كىشىلەر زادى چىقماسمۇ؟ مەركەزدە ئىشلار بۇنداق تۇرسا تۆۋەندە قانداق بۇلاتتى.....
    جاھاندا كۈندە يېڭىلىق بولۇپ تۇرىدۇ.