بۇنداق ناچار تور بەتلەرنىڭ زېيىنىنى ھەقىقەتەن سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ.
ئىچكىرىدىكى بىر خۇيزۇ ساۋاقدىشىمنىڭ دەپ بېرىشىچە، ئۇلارنىڭ مەھەللىسىدە پۈتۈنلەي خۇيزۇلار ئولتۇرىدىكەن. بىر كۈنى خوشنىسىنىڭ 15 ياشلىق ئوغلى توردىن شەھۋانىي نەرسىلەرنى كۆرۈپ، ئۆزىنى تۇتالماي چىقىپ خوشنىسىنىڭ 7 ياشلىق قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلپ قويۇپتۇ. قىز مېيىپ بولۇپ قالغانمىش. قىزنىڭ دادىسى چىقىپ 15 ياشلىق بالىنى ئۇرۇپ بىلىنى سۇندۇرىۋېتىپتۇ. ئۇغۇل پالەچ بوپتۇ. زىيانكەشلىكە ئۇچرىغان 7 ياشلىق قىزنىڭ دادىسى تۇرمىگە كىرىپتۇ. 15 ياشلىق ئۇغۇلنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ئەھلى جامائەت بالاڭنى باشقۇرمىدىڭ دەپ ئەيىپلەۋەرگەندىن كېيىن، مەھەللىدە يۈزىنى كۆتىرىپ تۇرالماي، ئۆي ماكانىنى تاشلاپ باشقا يەرگە كۆچۈپ كېتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئىككى ئائىلە خانىۋەيران بولدى دېگەن گەپ.
قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلارنى ئازدۇرىدىغان سېرىق تەشۋىقاتلارنى توسۇش ھەمەيلەننىڭ باش تارتقىلى بولمايدىغان بۇرچ ۋە مەسئۇلىيىتىمىزدۇر.
بۇ تېمىنى يوللىغان ئاگاھ قېرىندىشىمىزغا كۆپ رەھمەت!