باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 14295 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: فېنبېي 分贝تورىدىكى سەتچىلىكلەر
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 198
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 7
ئومۇمىي يازما: 334
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە334دانە
ئۆسۈش: 2364 %
مۇنبەر پۇلى: 5106 سوم
تۆھپىسى: 41 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-07
ئاخىرقى: 2012-01-07
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-08-30 11:52

فېنبېي 分贝تورىدىكى سەتچىلىكلەر

ئەسكەرتىش: بۇ يازما kangsay تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-08-30)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

ئەسلى بۇ يازمىنى دىيارىمىزدا ئېچىلغان مەلۇم بىر بىلوگ سۇپىسى بىلەن تەمىنلەيدىغان تور بىكەتكە قارىتىپ يازغان ئىدىم .لېكىن مەن قانونىي مەسئولىيەتكە چېتىلىپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىپ،سېرىق فىلىم سەتچىلىكى بىلەن دۆلەت تەرىپىدىن ئىتىلگەن ، فېيجۇلىيوچىلار ، پاھىشىلەر،پاھىشىۋازلارنىڭ   ئۇۋىسىغا ئايلىنىپ قالغان

فېنبېي تورىنى مسالغا ئېلىشقا مەجبور بولدۇم ......ئاگاھ

 

بەزىلەر ماڭا سەن ئۇيغۇرنىڭ سەتچىلىكىنى ئاچىدىغانلا يازمىلارنى يازىدىكەنسەن .ئۇيغۇرنى روھلاندۇرىدىغان ،ئۇيغۇرغا روھى ئوزۇق بىرىدىغان تېمىلارنىمۇ يازساڭ بولمامدۇ دىدى.مەنمۇ

ئەمەلىيەتتە سەلبىي نەرسىلەرنى يېزىشقا ئۆچ !!!چىش تىرنىغىمغىچە ئۆچ !كىمنىڭ يىرىڭلىق يارىنى تاتىلىغۇسى كىلىدۇ !!!تەكلىپنى قۇبۇل قىلىپبەزى تېمىلارنى يېزىپ باقتىم .لېكىن ئىسىمنى ئاگاھ دەپ قويۇپتىمەن .ئەسلى تور دۇنياسىغا ئاگاھدەپ كىرىشىمدە مەقسەت بار ئىدى .بۇنىڭدىن بەش يىل

 مۇقەددەم تور دۇنياسىدا ئانىسىغا ھاقارەت قىلىپ چوشقىسىمان مەخلۇققا ئايلىنىپ كەتكەن قىزنىڭ

 رەسىمى دەپ بىر نىمە چىققانتى .شۇ چاغدامەن بۇنىڭ ساختىلىقىدىن گۇمانلىنىپ ئىزىدىنىش

 ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق بۇ رەسىمنىڭ ئاۋۇستىرالىيەدىكى بىر مۇم

سەنئىتى تور بىكىتىدىن كىسىپ ئېلىنغا رەسىم ئىكەنلىكى ،ئىسلام دۇشمەنلىرىنىڭ

قىلغان سۈيقەستى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتىم .شۇ چاغدا مەن مۇنبەرگە كىرىش ئۈچۈن ئسىم

ئىزدەۋاتاتتىم .بۇ ۋەقەدىن كېيىن مەن ئۇيغۇرۇمنى ئاشۇنداق ئازغۇنلۇقلاردىن ئاگاھلاندۇرۇپ

تۇرالايدىغان ئادەم بولسام نەقەدەر ياخشى بولاتتى ھە دەپ ئاگاھ دىگەن ئىسىمنى تاللىدىم

شۇنىڭدىن كېيىن ئاگاھلاندۇرۇش خارەكتىرىدىكى نۇرغۇن نەرسىلەرنى يازدىم .

شۇڭا مەن ئىسمىمغا ماس كىلىدىغان يازمىلارنى يېزىپ كۆنۈپ قاپتىمەن .تېمامدىن زىرىككەن

قېرىنداشلارنىڭ مېنى توغرا چۇشۇنىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .

ئەمدى باش تېمىغا قايتاي

_______________________________________________________

مەن فېنبېي تورىنى(http://www.fenbei.com) كۈزىتىپ يۈرگىلى ئۇزۇن ۋاقىت بولغان ئىدى.
 ئۇنىڭ ئىچىدىكى سەتچىلىكلەرنى

تىل بىلەن تەسۋىرلەش قىيىن .بۇ تور بىكەت تۈزىلىشىدىنلا روك ۋە فېيجۇلىيۇ ئۇسلۇبىدا تۈزىلگەن

بولغاچقا بۇ تورغا چىقىدىغانلارمۇ ئاساسەن روك ،دى جى موزىكا مەستانىلىرى،فېيجۇلىيو ئېقىمىدىكەر

ۋە بەزى ئاخلاقسىز ياشلار بولدى .ئەڭ ئېچىنىشلىغى بۇ تورغا نۇرغۇن قۇرامىغا يەتمىگەن ئۇيغۇر

ياش ئۆسمۈرلەرمۇ خۇمار بولۇپ قالدى .بۇ تور ئوچۇق ۋاقىتلاردا ئاڭلىسام فېنبېي توردىنى بىلوگ

 ئېچىش ياش ئۆسمۈرلەر ئىچىدە بىر خىل ئابروي ئىكەن .بەلكىم فېنبېي تورىغا چىقىپ باققان قېرىنداشلار

بىلىدۇ .بۇ ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلەر ئاچقان بىلوگلار ئەمەلىيەتتە بىلوگلۈق خۇسوسىيىتىنى يوقىتىپ

ئاقسالىق ،شەيتانىۋى مۇھەببەت ،سېرىق مەدەنىيەت تارقىتىدىغان بىر نىمىگە ئايلىنىپ قالغان

ئىدى .

مەلۇم بىر ياشنىڭ فېنبېيسىدە (بىلوگنىڭ سۈپىتىنى چۇشۇرمەي فېنبېي دەپ ئاتىدىم ) مۇنداق

لاھىلەنگەن .

باش بەت ئوڭ تەرىپىدە ئاللاھ دىگەن خەت سول تەرىپىدە مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسە

للەم ) دىگەن خەت بەت ئوتتۇرسىدا موزىكا قويغۇچ ئۇنىڭدىن چىقىۋاتقىنى دى جى يەنى دېسكو

موزىكىسى ،بەت ئارقا كۆرۈنشكە يېرىم يالىڭاچ ئاياللارنىڭ رەسىمى ،چاشقانچاقنىڭ بەلگۈسىنى

زەھەر ئۇرىدىغان ئوكولنىڭ رەسىمىگە ئايلاندۇرىۋالغان ھالەتتە لاھىلىگەن ئىدى ..

يەنە بىر ياشنىڭ فېنبېيسى بولسا

بەت پۈتۈنلەي فېيجۇلىيۇ ئۇسلۇبىدا قارامتۇل رەڭدە ،باش سۈرەت بولسا مۇھەببىتى بىلەن سۆيۈشۈپ

تۇرغان رەسىم ،موزىكا قويغۇچتا شەيتانىۋى دېسكو موزىكىسى قويۇلدىغان قىلىپ لاھىلەنگەن

ئىدى .

يەنە بىر ياشنىڭ بولسا بۇنىڭدىنمۇ دەھشەت ئىدى .

باش باتنىڭ ئارقا كۆرىنىش ۋە باشقا يېرىگە ساپلا يېرىم يالىڭاچ رەسىملەرنى چىقارغان ،تېكىست

يازىدىغان يېرىگە ئەڭ ئەپسانى سۆزلەرنى يازغان ھالەتتە ئىدى .

ئەڭ ئېچىنىشلىغى بىر ياشنىڭ فېنبېيسى ساپلا زەھەر چىكىدىغانلارنىڭ ئۇۋىسى بولۇپ قاپتۇ .

رەسىملەرمۇ زەھەر چىكىۋاتقان ھالەتتىكى رەسىملەر ئىكەن .

يوقىرقىلار پەقەت بىر قىسمى يەنە نۇرغۇن ئىنسان قېلىپىدىن چىققان  ئۇيغۇر ئەخلاقىغا زىت

ھالەتتىكى ئۇيغۇر فېنبېي بەتلىرى نۇرۇغۇن .

ئۇلارنىڭ شەخسى ماتىرياللىرنى كۆرۈپ باقتىم .تۆۋىنى 9-10 ياش يوقىرىسى 21-22 ياش ئىدى.

بۇ ياشلار ئاساسەن قوش تىل مۇھىتتا ئۆسكەن ،ياكى خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقىۋاتقان ياشلاردەك

قىلاتتى .لېكىن مىللى تىل يېزىقتا ئوقىغانلارمۇ ئاز ئەمەسكەن .

ئەسلى مەن فېنبېيدىكى سەتچىلىكلەرنى پاش قىلىپ بىر نەرسە يېزىش ئويۇم باتتى لېكىن مەن

تەييارلىق قىلىپ يازغىچە مېنىڭ دۇئايىم ئىجابەت بولدىمۇ ياكى باشقا ئىشمۇ فېنبېي تورى

دۆلەت قانون ئاپراتلىرى تەرىپىدىن كۆزدىن يوقىتىلدى .

مەن توردىن بۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قەۋەتلا خوشال بولغان ئىدىم .

لېكىن چاتاق يېرى يېقىندا مۇشۇ فېنبېي تورىغا تەقلىد قىلىپ ئىشلەنگەن فېبېيچىلار سۇپسى

دىيارىمىزدا قۇرۇلدى . شەخسى بىخەتەرلىكىمنى كۆزلەپ بۇ تور بىكەتنىڭ ئىسمىنى ئاتىمىدىم .

بەلكىم بۇ تورنى بىلىسىلەرغۇ دەيمەن ..

يېقىندا مەن بۇ تور بىكەتكە زىيارەت قىلىدىم .ئەمەلىيەت ھەقىقەتەن

بۇرۇنقىدىن قېلىشمايتتى .تور بەتلەردە يەنە شۇ سېرىق مەدەنىيەت ،يەنە شۇ ئەخلاقسىز

رەسىملەر يەنە شۇ دېسكو موزىكىلىرى ئىدى .ئەڭ غەزەپكە سالىدىغنى زەھەر چىكىشكە

ئىشلتىدىغان ئوكولنىڭ رەسىمى تور بىكەت باشقۇرغۇچىلىرى تەرىپىدىن ئۆچىرىلمىگىنى .

ئەسلى مەن بۇ يەرگە شۇ بىلوگ سۇپىسىدىكى شەيتانىۋى بەتلەرنى ئىسپات قىلىپ

كۆرسىتەي دىگەن .لېكىن يوقىرىقى سەۋەپ تۈپەيلى كۆرسەتمىدىم .

قىسقىسى ھازىر بەزى ياشلار بىلوگنى غەيرى نەرسىلەرنى تارقىتىدىغان ،ئازغۇنلۇق قۇبۇل

قىلىدىغان ،شەھۋانى ھەۋىسىنى قاندۇرۇدىغان ،شەيتانىۋى ئۇۋىغا ئايلاندۇرۋالدى .

بۇ توردىكىلەرنىڭمۇ ئەڭ كىچىكى 10 ياشقىمۇ يەتمەيدۇ ..لېكىن ئەۋەتكەن رەسىملىرى

بەكمۇ ئېچىنىشلىق ..ئۇلار ناۋادا ئاشۇنداق بىلوگ سۇپىسىغا ئۇزۇن

ۋاقىت چىقدىغان بولسا بىر ئەخلاقسىز ۋە ئىپپەتسىز بالىغا ئايلىنپ قېلىش كۆز بىلەن

كۆرۈكلۈك .

كەڭ ئاتا ئانىلاردىن ۋە ئاكا ھەدىلەردىن ئۆتىندىغىنىم ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ توردا نىمە

قىلىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىپ قويايلى . 

 
[ agahتەرىپىدىن2010-08-30 12:21قايتا تەھرىرلەندى ]
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+5(kangsay) مۇنەۋۋە ماقا ..
  • ئاللاھ، ئىيياكە نەئبۇدۇ ۋە ئىيياكە نەستەئىيىن!
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4557
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 243
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە243دانە
    ئۆسۈش: 480 %
    مۇنبەر پۇلى: 2766 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-12-08
    ئاخىرقى: 2012-01-09
    يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-01-11 17:18

    بۇنداق ناچار تور بەتلەرنىڭ زېيىنىنى ھەقىقەتەن سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ.
    ئىچكىرىدىكى بىر خۇيزۇ ساۋاقدىشىمنىڭ دەپ بېرىشىچە، ئۇلارنىڭ مەھەللىسىدە پۈتۈنلەي خۇيزۇلار ئولتۇرىدىكەن. بىر كۈنى خوشنىسىنىڭ 15 ياشلىق ئوغلى توردىن شەھۋانىي نەرسىلەرنى كۆرۈپ، ئۆزىنى تۇتالماي چىقىپ خوشنىسىنىڭ 7 ياشلىق قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلپ قويۇپتۇ. قىز مېيىپ بولۇپ قالغانمىش. قىزنىڭ دادىسى چىقىپ 15 ياشلىق بالىنى ئۇرۇپ بىلىنى سۇندۇرىۋېتىپتۇ. ئۇغۇل پالەچ بوپتۇ. زىيانكەشلىكە ئۇچرىغان 7 ياشلىق قىزنىڭ دادىسى تۇرمىگە كىرىپتۇ. 15 ياشلىق ئۇغۇلنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ئەھلى جامائەت بالاڭنى باشقۇرمىدىڭ دەپ ئەيىپلەۋەرگەندىن كېيىن، مەھەللىدە يۈزىنى كۆتىرىپ تۇرالماي، ئۆي ماكانىنى تاشلاپ باشقا يەرگە كۆچۈپ كېتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئىككى ئائىلە خانىۋەيران بولدى دېگەن گەپ.
    قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلارنى ئازدۇرىدىغان سېرىق تەشۋىقاتلارنى توسۇش ھەمەيلەننىڭ باش تارتقىلى بولمايدىغان بۇرچ ۋە مەسئۇلىيىتىمىزدۇر.
    بۇ تېمىنى يوللىغان ئاگاھ قېرىندىشىمىزغا كۆپ رەھمەت!