查看完整版本: [-- فېنبېي 分贝تورىدىكى سەتچىلىكلەر --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> كۆڭۈلدىكى سۆز -> فېنبېي 分贝تورىدىكى سەتچىلىكلەر [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

agah 2010-08-30 11:52
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

ئەسلى بۇ يازمىنى دىيارىمىزدا ئېچىلغان مەلۇم بىر بىلوگ سۇپىسى بىلەن تەمىنلەيدىغان تور بىكەتكە قارىتىپ يازغان ئىدىم .لېكىن مەن قانونىي مەسئولىيەتكە چېتىلىپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىپ،سېرىق فىلىم سەتچىلىكى بىلەن دۆلەت تەرىپىدىن ئىتىلگەن ، فېيجۇلىيوچىلار ، پاھىشىلەر،پاھىشىۋازلارنىڭ   ئۇۋىسىغا ئايلىنىپ قالغان

فېنبېي تورىنى مسالغا ئېلىشقا مەجبور بولدۇم ......ئاگاھ

 

بەزىلەر ماڭا سەن ئۇيغۇرنىڭ سەتچىلىكىنى ئاچىدىغانلا يازمىلارنى يازىدىكەنسەن .ئۇيغۇرنى روھلاندۇرىدىغان ،ئۇيغۇرغا روھى ئوزۇق بىرىدىغان تېمىلارنىمۇ يازساڭ بولمامدۇ دىدى.مەنمۇ

ئەمەلىيەتتە سەلبىي نەرسىلەرنى يېزىشقا ئۆچ !!!چىش تىرنىغىمغىچە ئۆچ !كىمنىڭ يىرىڭلىق يارىنى تاتىلىغۇسى كىلىدۇ !!!تەكلىپنى قۇبۇل قىلىپبەزى تېمىلارنى يېزىپ باقتىم .لېكىن ئىسىمنى ئاگاھ دەپ قويۇپتىمەن .ئەسلى تور دۇنياسىغا ئاگاھدەپ كىرىشىمدە مەقسەت بار ئىدى .بۇنىڭدىن بەش يىل

 مۇقەددەم تور دۇنياسىدا ئانىسىغا ھاقارەت قىلىپ چوشقىسىمان مەخلۇققا ئايلىنىپ كەتكەن قىزنىڭ

 رەسىمى دەپ بىر نىمە چىققانتى .شۇ چاغدامەن بۇنىڭ ساختىلىقىدىن گۇمانلىنىپ ئىزىدىنىش

 ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق بۇ رەسىمنىڭ ئاۋۇستىرالىيەدىكى بىر مۇم

سەنئىتى تور بىكىتىدىن كىسىپ ئېلىنغا رەسىم ئىكەنلىكى ،ئىسلام دۇشمەنلىرىنىڭ

قىلغان سۈيقەستى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتىم .شۇ چاغدا مەن مۇنبەرگە كىرىش ئۈچۈن ئسىم

ئىزدەۋاتاتتىم .بۇ ۋەقەدىن كېيىن مەن ئۇيغۇرۇمنى ئاشۇنداق ئازغۇنلۇقلاردىن ئاگاھلاندۇرۇپ

تۇرالايدىغان ئادەم بولسام نەقەدەر ياخشى بولاتتى ھە دەپ ئاگاھ دىگەن ئىسىمنى تاللىدىم

شۇنىڭدىن كېيىن ئاگاھلاندۇرۇش خارەكتىرىدىكى نۇرغۇن نەرسىلەرنى يازدىم .

شۇڭا مەن ئىسمىمغا ماس كىلىدىغان يازمىلارنى يېزىپ كۆنۈپ قاپتىمەن .تېمامدىن زىرىككەن

قېرىنداشلارنىڭ مېنى توغرا چۇشۇنىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .

ئەمدى باش تېمىغا قايتاي

_______________________________________________________

مەن فېنبېي تورىنى(http://www.fenbei.com) كۈزىتىپ يۈرگىلى ئۇزۇن ۋاقىت بولغان ئىدى.
 ئۇنىڭ ئىچىدىكى سەتچىلىكلەرنى

تىل بىلەن تەسۋىرلەش قىيىن .بۇ تور بىكەت تۈزىلىشىدىنلا روك ۋە فېيجۇلىيۇ ئۇسلۇبىدا تۈزىلگەن

بولغاچقا بۇ تورغا چىقىدىغانلارمۇ ئاساسەن روك ،دى جى موزىكا مەستانىلىرى،فېيجۇلىيو ئېقىمىدىكەر

ۋە بەزى ئاخلاقسىز ياشلار بولدى .ئەڭ ئېچىنىشلىغى بۇ تورغا نۇرغۇن قۇرامىغا يەتمىگەن ئۇيغۇر

ياش ئۆسمۈرلەرمۇ خۇمار بولۇپ قالدى .بۇ تور ئوچۇق ۋاقىتلاردا ئاڭلىسام فېنبېي توردىنى بىلوگ

 ئېچىش ياش ئۆسمۈرلەر ئىچىدە بىر خىل ئابروي ئىكەن .بەلكىم فېنبېي تورىغا چىقىپ باققان قېرىنداشلار

بىلىدۇ .بۇ ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلەر ئاچقان بىلوگلار ئەمەلىيەتتە بىلوگلۈق خۇسوسىيىتىنى يوقىتىپ

ئاقسالىق ،شەيتانىۋى مۇھەببەت ،سېرىق مەدەنىيەت تارقىتىدىغان بىر نىمىگە ئايلىنىپ قالغان

ئىدى .

مەلۇم بىر ياشنىڭ فېنبېيسىدە (بىلوگنىڭ سۈپىتىنى چۇشۇرمەي فېنبېي دەپ ئاتىدىم ) مۇنداق

لاھىلەنگەن .

باش بەت ئوڭ تەرىپىدە ئاللاھ دىگەن خەت سول تەرىپىدە مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسە

للەم ) دىگەن خەت بەت ئوتتۇرسىدا موزىكا قويغۇچ ئۇنىڭدىن چىقىۋاتقىنى دى جى يەنى دېسكو

موزىكىسى ،بەت ئارقا كۆرۈنشكە يېرىم يالىڭاچ ئاياللارنىڭ رەسىمى ،چاشقانچاقنىڭ بەلگۈسىنى

زەھەر ئۇرىدىغان ئوكولنىڭ رەسىمىگە ئايلاندۇرىۋالغان ھالەتتە لاھىلىگەن ئىدى ..

يەنە بىر ياشنىڭ فېنبېيسى بولسا

بەت پۈتۈنلەي فېيجۇلىيۇ ئۇسلۇبىدا قارامتۇل رەڭدە ،باش سۈرەت بولسا مۇھەببىتى بىلەن سۆيۈشۈپ

تۇرغان رەسىم ،موزىكا قويغۇچتا شەيتانىۋى دېسكو موزىكىسى قويۇلدىغان قىلىپ لاھىلەنگەن

ئىدى .

يەنە بىر ياشنىڭ بولسا بۇنىڭدىنمۇ دەھشەت ئىدى .

باش باتنىڭ ئارقا كۆرىنىش ۋە باشقا يېرىگە ساپلا يېرىم يالىڭاچ رەسىملەرنى چىقارغان ،تېكىست

يازىدىغان يېرىگە ئەڭ ئەپسانى سۆزلەرنى يازغان ھالەتتە ئىدى .

ئەڭ ئېچىنىشلىغى بىر ياشنىڭ فېنبېيسى ساپلا زەھەر چىكىدىغانلارنىڭ ئۇۋىسى بولۇپ قاپتۇ .

رەسىملەرمۇ زەھەر چىكىۋاتقان ھالەتتىكى رەسىملەر ئىكەن .

يوقىرقىلار پەقەت بىر قىسمى يەنە نۇرغۇن ئىنسان قېلىپىدىن چىققان  ئۇيغۇر ئەخلاقىغا زىت

ھالەتتىكى ئۇيغۇر فېنبېي بەتلىرى نۇرۇغۇن .

ئۇلارنىڭ شەخسى ماتىرياللىرنى كۆرۈپ باقتىم .تۆۋىنى 9-10 ياش يوقىرىسى 21-22 ياش ئىدى.

بۇ ياشلار ئاساسەن قوش تىل مۇھىتتا ئۆسكەن ،ياكى خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقىۋاتقان ياشلاردەك

قىلاتتى .لېكىن مىللى تىل يېزىقتا ئوقىغانلارمۇ ئاز ئەمەسكەن .

ئەسلى مەن فېنبېيدىكى سەتچىلىكلەرنى پاش قىلىپ بىر نەرسە يېزىش ئويۇم باتتى لېكىن مەن

تەييارلىق قىلىپ يازغىچە مېنىڭ دۇئايىم ئىجابەت بولدىمۇ ياكى باشقا ئىشمۇ فېنبېي تورى

دۆلەت قانون ئاپراتلىرى تەرىپىدىن كۆزدىن يوقىتىلدى .

مەن توردىن بۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قەۋەتلا خوشال بولغان ئىدىم .

لېكىن چاتاق يېرى يېقىندا مۇشۇ فېنبېي تورىغا تەقلىد قىلىپ ئىشلەنگەن فېبېيچىلار سۇپسى

دىيارىمىزدا قۇرۇلدى . شەخسى بىخەتەرلىكىمنى كۆزلەپ بۇ تور بىكەتنىڭ ئىسمىنى ئاتىمىدىم .

بەلكىم بۇ تورنى بىلىسىلەرغۇ دەيمەن ..

يېقىندا مەن بۇ تور بىكەتكە زىيارەت قىلىدىم .ئەمەلىيەت ھەقىقەتەن

بۇرۇنقىدىن قېلىشمايتتى .تور بەتلەردە يەنە شۇ سېرىق مەدەنىيەت ،يەنە شۇ ئەخلاقسىز

رەسىملەر يەنە شۇ دېسكو موزىكىلىرى ئىدى .ئەڭ غەزەپكە سالىدىغنى زەھەر چىكىشكە

ئىشلتىدىغان ئوكولنىڭ رەسىمى تور بىكەت باشقۇرغۇچىلىرى تەرىپىدىن ئۆچىرىلمىگىنى .

ئەسلى مەن بۇ يەرگە شۇ بىلوگ سۇپىسىدىكى شەيتانىۋى بەتلەرنى ئىسپات قىلىپ

كۆرسىتەي دىگەن .لېكىن يوقىرىقى سەۋەپ تۈپەيلى كۆرسەتمىدىم .

قىسقىسى ھازىر بەزى ياشلار بىلوگنى غەيرى نەرسىلەرنى تارقىتىدىغان ،ئازغۇنلۇق قۇبۇل

قىلىدىغان ،شەھۋانى ھەۋىسىنى قاندۇرۇدىغان ،شەيتانىۋى ئۇۋىغا ئايلاندۇرۋالدى .

بۇ توردىكىلەرنىڭمۇ ئەڭ كىچىكى 10 ياشقىمۇ يەتمەيدۇ ..لېكىن ئەۋەتكەن رەسىملىرى

بەكمۇ ئېچىنىشلىق ..ئۇلار ناۋادا ئاشۇنداق بىلوگ سۇپىسىغا ئۇزۇن

ۋاقىت چىقدىغان بولسا بىر ئەخلاقسىز ۋە ئىپپەتسىز بالىغا ئايلىنپ قېلىش كۆز بىلەن

كۆرۈكلۈك .

كەڭ ئاتا ئانىلاردىن ۋە ئاكا ھەدىلەردىن ئۆتىندىغىنىم ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ توردا نىمە

قىلىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىپ قويايلى . 

 

avam0507 2010-11-05 23:04
بەك  ياخشى  تېمىكەن  بۇ  ،رەخمەت  سىزگە.
مېنىڭغۇ  ئەزەلدىن ئۇششاق  بىلوگلار  بىلەن  خوشام  كەلمەيدۇ.
بلوگلاردىكى  ئۆچۈپ  يېنىپ  تۇرغان  رەسىملەرنى  كۆرسەملا  چېكىنىپ    كېتىدىغان.
شۇڭا  كەڭسايغا  چىقىپ  سىلەر  بىلەن  مۇنازىرىلىشىشكە  ئامراق  بوپ  قالدىم.

dartman554 2010-11-17 13:51
ياخشىكەن

iltebir 2010-11-21 13:16
مىنڭمۇ بىلوگىم بار ئىدى .لىكىن كىيىن ئشلەتمىگەن ئىدىم .

ئويچان 2010-12-05 23:31
ھەي ، بەلكىم شۇلار بلوگىمنى پىچەت بىزىۋەتتىم دەپ خۇش بولۇپ يۈرگەندۇ.

.............................



ھەي!!!!!!!!

kahar0995 2010-12-12 21:16
بەك ياخشى سۆزلەپسىز ئاداش.
مىنىڭ بىلوگىمنى كۆرۇپ بېقىڭلار.http://kahar0995.33591.com/

asma 2010-12-15 04:26
ھەي ئىسىت ، بۇ تور بەتمۇ كىيىنچە تاقىلىپ قالامدۇ تىخى ! مىنىڭچە ئاللاھ خالىسا تاقىلىپ  قالىدۇ.

yawayi321 2010-12-15 17:45
قاھار0995 سىزنىڭمۇ تايىنلىقكەن نىمانداق ئېلانلار ئۇ .يەنىلا  قاملاشماپتۇ

akbar886 2011-01-11 16:58
بەك  ياخشى  تېمىكەن  بۇ  ،رەخمەت  سىزگە. gwT"o  

dilara 2011-01-11 17:18
بۇنداق ناچار تور بەتلەرنىڭ زېيىنىنى ھەقىقەتەن سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ.
ئىچكىرىدىكى بىر خۇيزۇ ساۋاقدىشىمنىڭ دەپ بېرىشىچە، ئۇلارنىڭ مەھەللىسىدە پۈتۈنلەي خۇيزۇلار ئولتۇرىدىكەن. بىر كۈنى خوشنىسىنىڭ 15 ياشلىق ئوغلى توردىن شەھۋانىي نەرسىلەرنى كۆرۈپ، ئۆزىنى تۇتالماي چىقىپ خوشنىسىنىڭ 7 ياشلىق قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلپ قويۇپتۇ. قىز مېيىپ بولۇپ قالغانمىش. قىزنىڭ دادىسى چىقىپ 15 ياشلىق بالىنى ئۇرۇپ بىلىنى سۇندۇرىۋېتىپتۇ. ئۇغۇل پالەچ بوپتۇ. زىيانكەشلىكە ئۇچرىغان 7 ياشلىق قىزنىڭ دادىسى تۇرمىگە كىرىپتۇ. 15 ياشلىق ئۇغۇلنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ئەھلى جامائەت بالاڭنى باشقۇرمىدىڭ دەپ ئەيىپلەۋەرگەندىن كېيىن، مەھەللىدە يۈزىنى كۆتىرىپ تۇرالماي، ئۆي ماكانىنى تاشلاپ باشقا يەرگە كۆچۈپ كېتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئىككى ئائىلە خانىۋەيران بولدى دېگەن گەپ.
قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلارنى ئازدۇرىدىغان سېرىق تەشۋىقاتلارنى توسۇش ھەمەيلەننىڭ باش تارتقىلى بولمايدىغان بۇرچ ۋە مەسئۇلىيىتىمىزدۇر.
بۇ تېمىنى يوللىغان ئاگاھ قېرىندىشىمىزغا كۆپ رەھمەت!

ajayipbala 2011-01-11 22:38
مەن  تور بېتىمنى ئىسلامچە لاھىيلىگەن لېكىن  دىينى تەشۋىقات تۇسى باركەن دەپ تاقىۋەتتى  

orhun520 2011-01-22 23:06
بۇ بىلوگنى مەنمۇ بىلىمەن،ئەمما قىزلا دەرىستىن قىچىپ چىقىپ تورخانىدا كەچكىچە ئولتۇرۇپ ئويناپ كىتەتتى جۇما!

qakar 2011-01-22 23:42
ئىزدەنگىنىڭىزگە رەخمەت

dulbarqin310 2011-01-23 11:20
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ. مەنچە يەنىلا كەڭساي ياخشى ئەركىن پىكىر قىلغىلى بولىدۇ. ياخشى تېمىلارنى كۆرگىلى بولىدۇ. يىڭى ھەم ئاڭلىمىغان كۆرمىگەن خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولغىلى بولىدۇ. شۇنداقمۇ قېرىنداشلىرىم . بولسا كەڭساينىڭ مۇنبەردىكى ئۆمرى ئۇزۇن بولسۇن .

rambal 2011-01-23 13:34
ناھايىتى ياخشى تىما يوللاپسىز،ئەمەلىيەتتە شۇ تور بەتلىرىنى بىزدىن چىققان خاككىرلىرىمىز بىر نەرسە قىلىۋەتكەن بۇلسا بەك ياخشى بۇلاتتىكەن،نىمانداق ياش يۇپۇرماق بالىلار ھە!ئادەمنىڭ كۆڭلى بەكلا يېرىم بۇلىدكەن،باشقا مەدەنيەت كۈچەپ تەرغىپ قىلىنىپ شۇنداق مۇھىتقا مەجبۇرلىنىپ قالغان مىللەتنىڭ  ئەۋلاتلىرى ئاخرى چۇشكۇن،ئۆز مىللىتىنى كەمسىتىدىغان،زەھەرخۇمار،بەربات مىللەتكە ئايلىنىپ قالىدىكەن ،بۇ كانادا دۆلىتىدە كۆرۇلگەن ئەھۋال بۇلۇپ،ئىندىئانلارنى ئاق تەنلىكلەر خىرىستىئان دىنى،ئىىگېلىس تىلى ،ياۋرۇپا مەدىيىتىدە قىرىق نەچچە يىل تەربىلىگەندىن كېيىن ،بۇ مىللەتنىڭ بارغانسىرى چۇشكۈنلىشۇپ كەكەنلىگىنى سەزگەن ،كانادادىكى بىر تەشكىلات ،نامايىش،ئەرز قىلىش يولى بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆز مەدەيىتىدە تەربىلىنىشنى ،قىرىق نەچچە تىلللىق قىلغان ئەتكەنلىرىگە تۆلەم بىرىپ .ئۇلاردىن ئەپۇ سۇراشقا كانادا ھۆكۇنىتىنى مەجبۇر قىلغان ھەم ئاخىرى شۇنىڭغا كۆندۇرگەن،كانادا ئىككى ئۈچ يىل بۇلدى مۇشۇنداق قىلغىلى،مەن ماتىريالدىن كۆرگەەن ئىدىم.تىمىڭزغا رەھمەت قېرىندىشىم .

asanat 2011-02-21 01:51
ياخشى تىما يۇللاپسىز .
پەرزەنتلىرىمىزنىڭ غىمنى قىپسىز ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن.

نازىگۈل 2011-02-21 10:44
مەنمۇ بالامنى تورغا چىققاندا كۈزىتىپ باقسام بولغىدەك ، مۇشۇنداق مەزمۇنلاردىن ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت !

uyghur 2011-02-21 11:33
شۇنداق بۇنداق بىكەتلەرنى ئاچماسلىقى لازىم.  ئۈسمۈرلەرنىڭ ئۆزىنى تۇتىۋېلىش قابىلىيىتى تېخى تۇلۇق يىتىلىپ بۇلالمىغانلىقى ئۈچۈن بۇنداق شەھۋانى تۈسنى ئالغان بىكەتلەرگە كىرىپ كۈنۈپ قالسا كىيىن تۇسۇپمۇ تۇسۇپ بۇلالمايمىز.  
شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تورغا چىقىشىنى تۇسۇش كىرەك.  ئۈسمۈرلەرگە ياخشى چۈشىنىشلىك، تەربىيە قىلساق بۇنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ دەپ قارايمەن. بولسا ئۇلارنىڭ يامان يولغا كىرىپ قېلىشىدىن بۇرۇن ئۇلارغا ئەسكەرتىش بىرىپ تۇرايلى.

muslima32 2011-02-22 00:51
ھەي تۆۋە توردا تېخى مۇنداقمۇ ئىشلار بار دەڭلار مەن پەقەتلا بىلمەيدىكەنمەن نىمىشقا شۇنداق تور بەتلەرنى تاقىۋەتمەيدىغاند
ۇ.

tarim0996 2011-02-22 01:53
ئەيمىھرىبان ئاللاھ  ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ  ئىمان ئاتاقىلغايسەن  ئامىن

zarbidar 2011-03-02 23:17
رەھمەت سىزگە      

taranqi217 2011-03-03 10:54
ياۋايى123 ئاداش باش سورىتىڭنى ئالماشتو بوماپتۇ` ئىغىرئاياق خوتۇنلا تورغا چىقىپقاسا بويىدىن ئاجىرمىسۇن .......
چاقچاق جۇمۇ ئاداش يىڭ كەلداخۇنكە دەپ ئۇركەتمە...............
مەخسەت ئامما تىما ئىسىل..........مۇشۇ ئۆسمۇر پەرزەنىتلە قاتارىدا ماڭىمۇ كۆڭۇل بۆلگىنىڭىزگە رەھمەت...چۇنكى مەنمۇ .........................................................................
راس ما تىما ماڭا يامان ياختى تالاش-تاتىش يوق ھەممىسى <<ۋاي ياخشى تىمىكەن >>دەپ ماختاۋاتقان ..بىرلىك ئاساستا مۇنازىرە ..............
كەڭ سايغا ئەزا بوپ توۋۋا دەقاغانتىم تىللىشىپ 9...10 بەتنى توشقۇزۋىتىدىكەن .بىرىنىڭ گىپىنى بىرى ئاڭلا ئەمەس...............
مانا مانداق مۇنازىرىلەمۇ شۇنداق ئىسىل بولدىكەنغۇ..........ئىناقلىق بوماي ھىشنىم بومايدۇ ......

hakanxp 2011-03-03 23:46
ھازىر فېنبى دىگەن تور يوقالدى، قۇرغۇچىسى تۈرمىدىمىكىن

ira0996 2011-03-11 11:08
بىزدە مۇشۇنداق بىلوگ بەتلەرنمۇ ئېچىلىشى كېرەك ئىدى. سىلەر دەۋاتقان 33581 بىلوگىدىكى ئەسقەر رېقىپنىڭ بىلوگىنى كۆرۈپ غىدىقىم كېلىپ كەتتى، بۇ ئەسقەر رېقىپنىڭ يۈزىنى تۆكۈپ بوپتۇ. (بەلكىم بۇنى ئەسقەر رېقىپ ئۆزى ئاچمىغاندۇ).
تۆۋەندە يېڭى شۇجىيىمىز جاڭ چۈنشىيەن بىلەن جۇڭگونىڭ داڭلىق رىژىسسورى فېڭ شىياۋ گاڭنىڭ  بىلوگىنىڭ ئادرېسى بېرىلدى، كۆرۈپ بېقىڭلار:
جاڭ چۈنشىيەننىڭ  بىلوگىنىڭ ئادرېسى
http://t.qq.com/zhangchunxianlx

فېڭ شىياۋ گاڭنىڭ  بىلوگىنىڭ ئادرېسى
http://t.qq.com/fengxiaogang0818

avam0507 2011-03-11 11:44
باللا بۇنداق ۋالدۇر-ۋۇلدۇر بەتلەرنى بلوگ دېمەيدۇ. ئانا بەت (يەنى主页) دەيدۇ.  بلوگ دېگەن شەخىسنىڭ توردىكى كۈندىلىك خاتىرىسدۇر.  مانا 80خالتا، تەدبىركار، ئۇيغۇربەگ، تورخۇمار  دېگەن بېكەتلەرنى ھەقىقىي بلوگ دەيمىز.
مانا مېنىڭمۇ بار، كىرىپ كۆرۈپ بېقىڭلار ، توردا نېمىنى ياقتۇرسام شۇنى يازىمەن، ئىچىم پۇشقاندا تازا خۇش ياقىدۇ.
http://nurluq.tk
http://nurluq.tk/t ماۋۇ مىكروبلوگىم.

agah 2011-03-24 12:52
http://omaksaidi.33591.com/  ھە سۆيىشە ..
http://aysadat.33591.com/ ھە ئىچىشە كالۋا قىز
http://b8780b.33591.com/ ئىزا تاتماي سۆيىشىۋاتقان كۆرىنىشىنى چىقىرىپ قويغىنىنى
http://maryamgul520.33591.com/ جېنىم سىڭلىم بۇ يەردىكى شەيتانلارغا يەم بوغىلى كىرىپسىز ..
http://860303.33591.com/ ۋۇھ ھاياسىزلار !!!!!!!!!

http://yohti.33591.com/ ۋۇھ ئەركەك بولۇپ تۇغۇلۇپ قالغىنىڭغا نىمە دەۋاتاي .

http://rizwanai.33591.com/ رىزۋان دىگەن جەننەتنىڭ گۈلى دىگەن گەپ .سىز دوزاقنىڭ
گۈلى بولماقچىمۇ بۇ يەردە ؟

http://1360320070.33591.com/ چىكە چەك ..نەشىمۇ چىكىۋاتقىنىڭ ..قومۇللۇق دەپ يېزىۋاپتا ماۋۇ مەرەز ..

http://bazaqibz.33591.com/ ئەركەكمۇ سەن ھوي..

مەريەم 2011-03-24 14:59
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بەك ياخشى يېزىپسسىز،اللە سىزگە كۆپ ئەجىر بەرگەي،امىن.
پەرزەنتلەرنىڭ بۇنداق ئازغۇنلۇققا چۆكۈپ كېتىشىدە،ئاتا ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيۇتى ئېغىر! توردۇنياسى بەك چوڭ،ياخشى پايدىلىنىشنى بىلسە نۇرغۇن ياشلار ياختۇرۇپ كۆرگىدەك بىلىم بار. ئۇنىڭسىز مەخسۇس ئوقۇغۇچىلار ئىشلىتىدىغان كومپيۇتېرمۇ بار .شۇنى ئېلىپ بەرسە بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ ئۆزىمۇ چۈشەنمەيدىغان نەرسىنى بالىغا تاشلاپ بېرىپ قانداق خاتىرجەم ئولتىرىدىغاندۇ؟

گۈلچى 2011-04-04 01:41
توۋا مەن پەقەت ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن. نىمىدىگەن قورقۇنۇچلۇق، گۇمراھلىقنىڭ يولىغۇ بۇ. خۇدا ئۆزەڭ ساقلىغايسەن.   

ياۋۇز 2011-04-05 00:22
تىما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت،ئەھمىيەتلىك تىما .ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر

yaxlima 2011-04-05 12:32
مەنمۇ بىراز قاھشاي دىگەن ئىدىم بىراق باشقىلار دەيدىغان گەپنى دەپ بولۇپتۇ ئەمەسمۇ  

agah 2011-04-05 12:54
بۇ تور بىكەت جىنسىيەت ۋە تاماكا ھاراققا مۇناسىۋەتلىك باش سۈرەتلەرنى يوقاتسا بولاتتى ..
ئۇيغۇر ئەخلاقىغا خىلاپ باش سۈرەت ۋە ئىنكاسلارغا چەك قويسا بولاتتى .
قېرىنداشلار ھازىر بۇنداق تور بىكەتلەر روھىي زەھەرلىك چىكىملىك بولۇپ قالماقتا ..ئاشۇنداق
تور بىكەت ئاچقانلارغا تىل تۈكرۈك ياغدۇرماي ئۇلارغا ياخشى تەكلىىپ بىرىپ باقايلى .
ئاڭلاپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .

دولاتا 2011-06-29 13:59
ياخشى تېمما ئىكەن.

aydingkiqa 2011-06-30 12:07
بەك ياخشى تېما يوللاپسىز....

رىشتە 2011-08-04 15:45

سەبىرە 2011-08-04 16:32
بىر مىللەت ئۆز ھالىنى ئۆزگەرتمىسە ئاخىر بېرىپ ھالاك بولىدۇ.
ئۇلۇغ رەببىم بالىلىرىمىزغا ئىنساب بەرسۇن،ھازىر بەزى قىزلىرىمىزغا سىنجىلاپ قاراپ،گېپىنى ئاڭلىمىغۇچە قايسى مىللەتلىكىنىمۇ بىلگىلى بولمايدۇ.ئۇلارنىڭ قارىشىچە بۇ دىگەن ئاتالمىش دەۋىرگە ماسلاشقانلىق.

ئومىتۋار 2011-08-07 17:51

ھون 2011-08-07 19:58
ھەي... بۇنداق قىلمىشلارنى ئاللاھ ئىگەم ئۆزى بىر تەرەپ قىلمىسا بىز ئاجىزلىق قىلىمىز..

ئۇلۇغ ئاللاھ ئىگەم ئاشۇ زالالەتتە يۈرگەن قېرىنداشلىرمىزنىڭ دىلىغا ئىمان نۇرى بەرسۇن ..( ھەمممەيلەننىڭ دۇۋا قىلىشنى يەنىلا شۇ ئۇلۇغ ئاللاھ ئىگەمدىن تىلەيمەن ) ئامىن ....

دىلناز 2011-08-12 18:52
قاھار 0995سىزنىڭمۇ تايىنلىقكەن   نەلەردىن تېپىپ  سا قلىۋالغان ئىدىڭىز  ئۇ گۈزەللەرنى

!adiyat 2011-08-12 20:39
ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن توي قىلىشنىڭ كىچىكىشى ياشلاردىكى چۈشكۈنلۈكنىڭ ئەڭ ئاساسى سەۋەبى.
پەيغەمبىرىمىز < توي قىلىشقا ئالدىراڭلار > دىگەن.

ئەنى-بەنى 2011-08-14 18:40
    123659656+
30.
2312.  6

deyarem 2011-08-16 13:10
بەك  ياخشى  تېمىكەن  بۇ  ،رەخمەت  سىزگە

astroboy 2011-08-23 23:34
非常好


查看完整版本: [-- فېنبېي 分贝تورىدىكى سەتچىلىكلەر --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.061478 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us