بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى kroran2010 نىڭ 2012-04-27 02:42 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
گۇناھنىڭ ئغىر يىنىكى بولىدۇ ،پەيغەمبىرىمىز گۇناھنى ئىشنىڭ ئنسانغا يەتكۇزگەن زىيىنى ۋە شۇ ئشنى قىلغان ئادەمنىڭ مۇدداسىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىگە ئاساسەن ھۆكۇم قىلىغانلىقىنى ھەدىسلەر ئارقىلىق بىلگىلى بولىدۇ،سىنغا ئىلىش زادى مۇسۇلمان ئۇممەتلىرىمىزگە شۇنداق زىيانلارنى ئىلىپ كەلدىمۇ؟كەلگەن بولسا قانچىلىك ئىلىپ كەلدى؟بۇنى يەنىمۇ بىلىشىمىز كىرەك،پەيغەمبىرىمىز زامانىدا سىن ئىلىش ئەسۋابلىرى مەۋجۇد ئەمەس ئىدى ،ئەمدى ئۇ ئەسۋاب كەشىپ قىلىنغاندا بىزگە ئۇنىڭ ئشلىتىلىشى تۇغۇرلۇق ھۆكۇم لازىم بولۇپ قالدى.
سىنغا ئىلىشنى ئىغىر گۇناھ دەيلى ، شۇ توي بولۋاتقان مەيداندا بىر ياۋاش مۇسۇلمان ئايال ناھەقچىلىققا ئۇچىراپ ئۇلۇپ كەتتى ،جىنايەت سادىر قىلغۇچى قىچىپ كەتتى دەيلى ،بۇ جەريان بىز ھازىر ھارام دەپ ھۆكۇم قىلغان ئاشۇ سىن ئىلىش جەريانىدىكى ئاپاراتىغا ئىلىنىپ قالدى،شۇ ئەھۋالدا ئاشۇ ھارام دەپ قارالغان سىندىن پايدىلىنىش كىرەكمۇ ؟ بۇنى يەنىمۇ ئىلگىرلەپ ھۆكۇم قىلىشىمىز كىرەك. پايدىلانساق ھالاللقىنى ئتىراب قىلغان بوپ قالىمىز ،پايدىلانمىساق مۇسۇلماننىڭ ھوقوقىنى قوغدىغىلى بولمايدۇ؟
ئەلۋەتتە ئوغىرلىقچە سىنغا ئىلىش ۋە غەرىبچە كىينگەن ئايالنى سىنغا ئىلىشىنى گۇناھ دىسەك خاتا بولمايدۇ.ئەگەر ئسلامغا لايىق ئۆتكۇزۇلگەن توينى سىنغا ئلىشىنى ئغىر گۇناھ دىسەك ،ھەقىقەتەن ئغىر گۇناھ بولىدىغان ئشقا تەسۋىرلەيدىغانغا سۆز قالمايدۇ.
