بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى نامسىزمەن نىڭ 2012-04-27 16:45 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم مۇسۇلمان قېرىنداشلار اللاھ ھەممىمىزنى توغرا يولدا مۇستەھكەم قىلسۇن .
دىنىمىز ئىسلام جانلىقلارنىڭ رەسىمىنى سىزىشتىن مەنئى قىلىدۇ. لېكىن جانلىق ۋە جانسىز نەرسىلەرنى سىنئالغۇغا ئېلىشتىن ۋە فوتۇ ئاپپارات بىلەن رەسىمگە تارتىشتىن مەنئى قىلمايدۇ. چۈنكى قولدا سىزىشتا ياراتقۇچىلىق مەيدانغا كېلىدۇ. بۇ توغرا ئەمەس.
ئەمما سىنئالغۇغا ئېلىشقا ۋە فوتۇ ئاپپارات بىلەن رەسىمگە تارتىشقا كەلسەك، بۇنىڭدا بار نەرسىنىڭ ئۆز ئەينىسى ئېلىنىدۇ ۋە تارتىلىدۇ. بۇ، خۇددى ئەينەككە ياكى سۇغا قاراشقا ۋە ئەينەكتىكى، سۇدىكى سۈرەتنى قاتۇرۇۋېلىشقا ئوخشايدۇ.
بىر يەردە بولۇپ ئۆتكەن بىر ۋەقەنى تەپسىلىي بىر شەكىلدە ئېسىدە ساقلىۋېلىپ ياكى تەپسىلىي بىر شەكىلدە يېزىۋېلىپ، كېيىنچە ئۇنى ئەسلەش، ئۇ قەغەزنى ئوقۇپ مەزكۇر ۋەقەنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈش ياكى ئۇ ۋەقەدىن خەۋەرسىز قالغانلارنىڭ قۇلىقىغا ئۇ ۋەقەنى تەپسىلىي دەپ بېرىش ۋە قەغەزدىكىنى ئوقۇپ بېرىش توغرا بىر ئىشتۇر.
خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، بىر يەردە بولغان بىر ۋەقەنى سىنئالغۇغا ئېلىۋېلىپ ياكى رەسىمگە تارتىۋېلىپ كېيىنچە ئۇنى كۆرۈش ۋە باشقىلارغا كۆرسىتىش توغرا ئىشتۇر. ئۇ ۋەقەنى بۇ ئىككى ئىشنىڭ بىرى قۇلاققا، يەنە بىرى كۆزگە ئېيتىپ بېرىدۇ. نەتىجىدە قارشى تەرەپ ئۇ ۋەقەدىن خەۋەردار بولىدۇ.
.......
