查看完整版本: [-- توي مۇراسىملىرىنى سۈرەتكە تارتىش  ئىسلام دىنىمىزدا چەكلەنگەنمۇ؟ --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> كەڭ ساي تور ئەسەرلىرى -> توي مۇراسىملىرىنى سۈرەتكە تارتىش  ئىسلام دىنىمىزدا چەكلەنگەنمۇ؟ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

kar 2012-04-26 23:09
  توي مۇراسىملىرىنى سۈرەتكە تارتىش ۋە ۋىدىئوغا ئېلىش ئىسلام دىنىمىزدا چەكلەنگەنمۇ؟
 
         توي مۇراسىملىرىنى سۈرەتكە تارتىش ۋە ۋىدىئوغا ئېلىش ئىسلام دىنىمىزدا چەكلەنگەنمۇ؟

     مەن يېقىندا توي قىلماقچى ئىدىم، توي مۇراسىمىنى سۈرەتكە تارتىش ۋە ۋىدىئوغا ئېلىش ئىسلام دىنىمىزدا چەكلەنگەنمۇ؟، چۈنكى بىزنىڭ توي مۇراسىمىمىزنى كۆرۈشنى ئىختىيار قىلغان دوستلىرىمىز بار، مۇراسىمىنى سۈرەتكە تارتماستىن ۋىدىئوغا ئالساق بولامدۇ؟ بۇ ھەقتە شەرىئي چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
 
جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار جانابى ئاللاھقا خاستۇر.            

توي مۇراسىملىرىدا ئاياللارنى سۈرەتكە تارتىش دىنىمىزدا چەكلەنگەن ئىشلاردىندۇر، بۇ ئاپپارات بىلەن سۈرەت چېكىش ياكى ۋىدىئوغا ئىلىش يولى بىلەن بولسۇن ئوخشاشلا ھارامدۇر. بەلكى ۋىدىئوغا ئىلىشنىڭ گۇناھى ئېغىردۇر. سەھىھ ھەدىسلەردە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئايال كىشى ئېرىگە يات بىر ئايالنى خۇددى كۆرۈپ تۇرغاندەك سۈپەتلەپ بېرىشتىن چەكلىگەن.» [بۇخارى رىۋايىتى]. ئەمما ۋىدىئوغا ئىلىش بولسا سۈپىتىنى بايان قىلىپ بەرگىنىدىنمۇ ئوچۇقراق بولۇپ، ئۇ ئايالنى ھەقىقەتتە كۆرگەندەك بولىدۇ. (يەنى خىيال قىلىش ھاجەتسىز). بۇ پەقەت ئاياللارنىلا سۈرەتكە ئالغاندا شۇنداق. ئەگەر ئەر-ئاياللار ئارىلىشىپ ئولتۇرىدىغان مۇراسىملار بولسا، بۇنىڭ جىنايىتى سۈرەتكە تارتقاننىڭ جىنايىتىدىن ئايرىم ۋە ئېغىر بولىدۇ. كۆپىنچە ئاياللار ئادەتتە، ئولتۇرۇش ۋە توي مۇراسىمى قاتارلىق سورۇنلارغا يىغىلغاندا يىرىم يالىڭاچ كىيىملىرى بىلەن بىر-بىرى بىلەن بەسلىشىدۇ، ئۇلارنىڭ مۇشۇ ھالەتلىرىنى سۈرەتكە تارتىپ كىشىلەرگە تارقىتىش دېگەن گۇناھ-پاھىشە ئىشلارنى تۆۋەن كۆرۈپ كىشىلەرنى ئۇنىڭغا رىغبەتلەندۈرگەنلىكتىن ئىبارەتتۇر. گەرچە بەزى قىز-خانىملار مۇراسىملاردا سۈرەت ياكى ۋىدىئوغا ئېلىنىشىنى ئىستىمىگەن ھالدا ۋە ئۆزلىرى تۇيمىغان ھالەتتە تولۇق زىننەتلىرى بىلەن سۈرەتكە چىقىپ قالىدۇ، ئۇنداقتا ئۇلار قانداق قىلىدۇ؟، ئاللاھ ئازغۇنلۇقتىن توغرا يولغا ھىدايەت قىلغاندىن كىيىن سۈرەتلىرى مۇراسىم فىلىملىرىدا تارقىتىلغان قىز-خانىملارچۇ؟. ئۇلار قانداق قىلىدۇ؟.

شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: مەن يۇقىردا بايان قىلىنغان ئىشلارغا توي مۇراسىملىرىدا خەتەرلىك بولغان بەزى ئىشلارنى قوشۇپ قويماقچىمەن؛ بىزنىڭ ئاڭلىشىمىزچە، بەزى قىز-خانىملار مۇراسىمغا كەلگەنلەرنى سۈرەتكە ئىلىۋېلىش ئۈچۈن يوشۇرۇن سۈرەت تارتىش ئاپپاراتلىرىنى ئىلىپ كېلىدىكەن، ئۇلارنىڭ مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز بۇ مۇراسىم سۈرەتلىرىنى كىشىلەرگە تارقىتىشقا نېمە سەۋەپ بولغانلىقىنى بىلمەيمەن، ئۇلارنىڭ بۇ ئىشىغا سۈرىتى تارتىلغان ئاياللار رازى بولارمۇ؟ مېنىڭچە ھېچ قانداق ئايال بۇ ئىشقا رازى بولمايدۇ، ھېچ كىشى ئۆزىنىڭ قىزىنىڭ ياكى ئايالىنىڭ بۇ شەكىلدە سۈرەتنىڭ ئاشكارا بولىشىنى ۋە رەزىل كىشىلەرنىڭ خالىغاندا كۆرىدىغان  ئويۇنچۇقى بولىشىنى ھەرگىزمۇ ياقتۇرمايدۇ، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى چىرايلىق بولسا پىتنە قوزغايدىغان ئۇنىڭ ئەكسىچە بولسا مەسخىرىگە ئۇچرايدىغان بولىشىغا رازى بولامسىلەر؟!.

بۇنىڭدىنمۇ ناچار بولغىنى: بەزى ئەخلاقسىزلار توي مۇراسىمىنى ئەمەلىي سۈرەتكە ئېلىش ئۈچۈن يوشۇرۇن ۋىدىئو ئاپپاراتلىرىنى ئىلىپ كېلىپ سۈرەتكە ئىلىپ خالىغاندا ئۆزى ۋە باشقىلارغا كۆرسىتىدىكەن، يەنە بەزى يۇرتلاردا بىر بۆلەك ياشلار توي مۇراسىملىرىدا ئايرىم ياكى ئاياللار بىلەن ئارىلىشىپ بىرگە تۇرۇپ سۈرەتلەرگە ئېلىشىدىكەن، ئەقلى ھوشى جايىدا ۋە شەرىئەت ھۆكۈملىرىنى بىلىدىغان كىشىلەر بۇنداق ئىشنىڭ چەكلەنگەن ھارام ئىش ئىكەنلىكىدىن شەك قىلمايدۇ، بۇ مىللى غۇرۇرىنى يوقىتىپ دىنسىزلارغا ئەگىشىپ ئەخلاقسىزلىقنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكتۇر.

ئەرەبىستاننىڭ ئۇنەيزە شەھىرىدىكى چوڭ مەسچىتتە بىر جۈمە كۈنى: توي مۇراسىمىدا چەكلەنگەن ئىشلار دېگەن تېمىدا سۆزلەنگەن خۇتبىدا شەيخ مۇنداق دېگەن: توي مۇراسىمىنى ئاپپارات بىلەن سۈرەتكە ئېلىشنىڭ  قەبىھ-ناچار ئىش ئىكەنلىكىدىن، ئۆزلىرىنىڭ ھەدە-سىڭىللىرى، ئاياللىرى ۋە قىزلىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى رەزىل كىشىلەرنىڭ خالىغاندا كۆڭۈل ئاچىدىغان ئويۇنچۇقى بولىشىغا مۆمىن تۈگۈل ئەقلى جايىدا كىشىلەرمۇ  رازى بولمايدۇ ۋە بۇنىڭ چەكلەنگەن ئىش ئىكەنلىكىدىن شەك قىلمايدۇ، بۇنىڭدىنمۇ ناچار بولغىنى ۋىدىئوغا ئىلىش بولۇپ بۇ ئاڭلىغۇچى ۋە كۆرگۈچىگە جانلىق سۈرەتنى نامايەندە قىلىدۇ، بۇنداق ئىشنى ئىمانلىق، ھايالىق، دىندا مۇستەھكەم تۇرىدىغان، ئەقىل پاراسەتلىك، مىللى غۇرۇرى بولغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىنكار قىلىدۇ ۋە چەكلەيدۇ. [ئىككى ھەرەمدىكى ئالىملارنىڭ پەتىۋاسى ناملىق ئەسەر 439-بەتكە مۇراجىئەت قىلىنسۇن].

خۇلاسە: توي-توكۇنلەردە  خاتىرە ئۈچۈن سۈرەت ۋە ۋىدىئوغا ئىلىش دىنىمىزدا چەكلەنگەن ئىشلاردىن ھېسابلىنىدۇ.

ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچى جانابى ئاللاھتۇر.

كەڭساي مۇنبىرىگە يوللىغۇچى ئابدۇللاھ

مەنبە : مۇسۇلمان بىز تورى

kroran2010 2012-04-27 02:42
گۇناھنىڭ ئغىر يىنىكى بولىدۇ ،پەيغەمبىرىمىز گۇناھنى  ئىشنىڭ ئنسانغا يەتكۇزگەن زىيىنى ۋە شۇ ئشنى قىلغان ئادەمنىڭ مۇدداسىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىگە ئاساسەن ھۆكۇم قىلىغانلىقىنى ھەدىسلەر ئارقىلىق بىلگىلى بولىدۇ،سىنغا ئىلىش زادى مۇسۇلمان ئۇممەتلىرىمىزگە شۇنداق زىيانلارنى ئىلىپ كەلدىمۇ؟كەلگەن بولسا قانچىلىك ئىلىپ كەلدى؟بۇنى يەنىمۇ بىلىشىمىز كىرەك،پەيغەمبىرىمىز زامانىدا سىن ئىلىش ئەسۋابلىرى مەۋجۇد ئەمەس ئىدى ،ئەمدى ئۇ ئەسۋاب كەشىپ قىلىنغاندا بىزگە ئۇنىڭ ئشلىتىلىشى تۇغۇرلۇق ھۆكۇم لازىم بولۇپ قالدى.
سىنغا ئىلىشنى ئىغىر گۇناھ دەيلى ، شۇ توي بولۋاتقان مەيداندا بىر ياۋاش مۇسۇلمان ئايال  ناھەقچىلىققا ئۇچىراپ ئۇلۇپ كەتتى ،جىنايەت سادىر قىلغۇچى قىچىپ كەتتى دەيلى ،بۇ جەريان بىز ھازىر ھارام دەپ ھۆكۇم قىلغان ئاشۇ  سىن ئىلىش جەريانىدىكى ئاپاراتىغا   ئىلىنىپ قالدى،شۇ ئەھۋالدا ئاشۇ ھارام دەپ قارالغان سىندىن پايدىلىنىش كىرەكمۇ ؟ بۇنى يەنىمۇ ئىلگىرلەپ ھۆكۇم قىلىشىمىز  كىرەك. پايدىلانساق  ھالاللقىنى ئتىراب قىلغان بوپ قالىمىز ،پايدىلانمىساق مۇسۇلماننىڭ ھوقوقىنى قوغدىغىلى بولمايدۇ؟
ئەلۋەتتە ئوغىرلىقچە سىنغا ئىلىش ۋە غەرىبچە كىينگەن ئايالنى سىنغا ئىلىشىنى  گۇناھ دىسەك خاتا بولمايدۇ.ئەگەر ئسلامغا لايىق ئۆتكۇزۇلگەن توينى سىنغا ئلىشىنى ئغىر گۇناھ دىسەك ،ھەقىقەتەن ئغىر گۇناھ بولىدىغان ئشقا تەسۋىرلەيدىغانغا سۆز قالمايدۇ.      

omer 2012-04-27 11:55
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى kroran2010 نىڭ 2012-04-27 02:42 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    اللە ۋە اللەنىڭ رەسۇلى بىز ئۈممەتكە چەكسىز مېھرىبانلىق قىلىپ تاكى قىيامەتكىچە ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك قۇرئاندىن ئىبارەت مۇقەددەس قانون، ھەمدە ھەدىستىن ئىبارەت نۇرلۇق ماياكنى ھەدىيە قىلدى! شۇڭا ھەرقانداق چوڭ-كىچىك مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىدە قۇرئان، ھەدىستىن دەلىل ئىزدىشىمىزگىلا بولىدۇكى، ھەرگىزمۇ << مېنىڭچە... قارىغاندا... ئەمما، بىراق... ناۋادا... دەۋر ئالماشتى... >> دېگەندەك مۇجىمەل، شەكلىك قاراش ھەم ھۆكۈملەرگە قەتئىي ئورۇن يوق! چۈنكى اللەنىڭ ئىلمىنىڭ سىرتىدا قالغان ھىچقانداق نەرسە يوق!!!...
    قېرىندىشىم، ئۆزىگە قۇرئان، ھەدىسنى مەنىۋىي تۈۋرۈك قىلغان، ئەقلىي ۋە نەقلىي جەھەتتىن دەلىللىنىپ شۇنداق ياخشى يېزىلغان پەتىۋانى ئۆز خاھىشىڭىز بويىچە رەت قىلىشتىن اللەقا سېغىنىپ تۆۋبە قىلسىڭىزچۇ؟!... بەنىي ئىسرائىل قەۋمىنىڭ اللەنىڭ ھۆمىگە قارىتا ھەرخىل پۇتىماق سوئاللارنى تولا سوراپ قانداق ئاقىۋەتكە قالغانلىقىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟!... شۇنى ئېنىق بىلىپ قېلىڭكى: اللە ۋە اللەنىڭ رەسۇلى ھۆكۈم قىلغان ئىشتا ئىنساننىڭ تاللىشى بولمايدۇ!...
    اللە ھەممىمىزگە ھەقنى تونۇيدىغان دىل، زىكر قىلىدىغان تىل، سەبر قىلىدىغان تەن ئاتا قىلغاي، امين!...

kroran2010 2012-04-27 12:45
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام   قىرىندىشىم ،يۇقارقى پەتۋانى يازغۇچى توينى  سىنغا ئىلىشنىڭ توغرا خاتالىقىغا  ھۆكۇم  قىپتۇ،سىن ئاپاراتى پەيغەمبەرمىز  زامانىدا يوق ئىدى،يۇقارقى ھۆكۇم قىلغۇچى  پەيغەمبىرىمىز سىن ئاپاراتىنى قانداق  ئشلىتىش توغۇرسىدا  سۆزلىمىگەن بولسىمۇ پەقەت بىرلا ھەدىسنى تۇتۋىلىپ بۇنىڭغا ئغىر گۇناھ دەپ ئۆز ئالدىغا ھۆكۇم قىپتۇ ،  مەن تخى ھۆكۇم قىلغۇنۇم يوق ،پەقەت ئەمىلىيەتتە ھىچكىم يۇز بەرمەيدۇ دەپ ھۆددە قىلالمايدىغان مىسال ئارقىلىق ئنساننىڭ ئەمىلى ئەھۋالغا بولغان پۇزىتسىيسىنى ئىپادىلەپ قويدۇم ،سىزنىڭمۇ پىكىر قىلىش ئەركىنلىكڭىز بار ۋە تەھلىل قىلىش ئقتىدارىنى ئاللا سىزگە بەرگەن،ئەمىلىيەت ۋە ھەقىقەتنىمۇ ئاللا ياراتقان ،بىزدىكى ھۆكۇم قىلىش ئقتىدارىنىمۇ شۇنداق ، سىز ئۇنداق ئەمەس دىيەلەمسىز؟؟      

atuxboy 2012-04-27 13:22
ئەلۋەتتە، ئۇيغۇر باشقا گەپ ، ئىسلام باشقا گەپ ، مىنڭچە كۆپىنچە كىشىلەر مۇشۇ نوقتىنى ئىنىق ئايرىۋەتمەي ،
يامان ئشلەرنىمۇ ئۆزىگە پەتىۋا قىلىۋالغان ، شۇنداق بولغاچقا بەزىبىر ئۆلىمالىرىمىزمۇ بۇ نوقتىغا سەل قارايدۇ ،
يۇقرىدا دىيىلگەندەك ، قىز-ئاياللارنىڭ يالڭاچ،يىرىم يالىگاچ يۈرۈشىنى سۈرەتكە ئىلىش دىگەنلىك ، شۇلارغا شىرىك بولغانلىق دىمەكلىكتۇر،  قىزلارنىڭ بىشى ئۆچۇق، پاچىقى ئوچۇق ھالىتىنى ئوغۇللانىڭ كۆرىشمۇ گۇنا تۇرسا
ئۇ يامان ئىللاتنى خاتىرە قىلش ئەلۋەتتە گۇناھ بولىدۇ دە ،

ئەمدى ئوپىراتور، سۈرەتچى دوسلىرىمز قانداق قىلسا بولا ؟؟؟
بولۇپمۇ ئىمانى بار، ناماز ئوقۇيدىغان قىرىنداشلىرىمىز بەكرەك دىققەت قىلسا بولغىدەك !!!
            
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن !

pakdiyar 2012-04-27 13:33
ياخشى تىما  ئىكەن  

pakdiyar 2012-04-27 13:38
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى kroran2010 نىڭ 2012-04-27 12:45 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  2-قەۋەت (omer) نىڭ يازمىسىغا :
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام   قىرىندىشىم ،يۇقارقى پەتۋانى يازغۇچى توينى  سىنغا ئىلىشنىڭ توغرا خاتالىقىغا  ھۆكۇم  قىپتۇ،سىن ئاپاراتى پەيغەمبەرمىز  زامانىدا يوق ئىدى،يۇقارقى ھۆكۇم قىلغۇچى  پەيغەمبىرىمىز سىن ئاپاراتىنى قانداق  ئشلىتىش توغۇرسىدا  سۆزلىمىگەن بولسىمۇ پەقەت بىرلا ھەدىسنى تۇتۋىلىپ بۇنىڭغا ئغىر گۇناھ دەپ ئۆز ئالدىغا ھۆكۇم قىپتۇ ،  مەن تخى ھۆكۇم قىلغۇنۇم يوق ،پەقەت ئەمىلىيەتتە ھىچكىم يۇز بەرمەيدۇ دەپ ھۆددە قىلالمايدىغان مىسال ئارقىلىق ئنساننىڭ ئەمىلى ئەھۋالغا بولغان پۇزىتسىيسىنى ئىپادىلەپ قويدۇم ،سىزنىڭمۇ پىكىر قىلىش ئەركىنلىكڭىز بار ۋە تەھلىل قىلىش ئقتىدارىنى ئاللا سىزگە بەرگەن،ئەمىلىيەت ۋە ھەقىقەتنىمۇ ئاللا ياراتقان ،بىزدىكى ھۆكۇم قىلىش ئقتىدارىنىمۇ شۇنداق ، سىز ئۇنداق ئەمەس دىيەلەمسىز؟؟      

مەقسەت : ھۇكۇم توغرا  گەپ كەتمەيدۇ    ....   بۇيەردە  سىن ئاپاراتىدىن  پايدىلانساق  بولامدۇ   .   ئەگەر  بولسا  قانداق  پايدىلىنىش  كىرەك  ،  دىمەكچى  ئوخشا يدۇ     ياكى پەقەت  پايدىلىنىشقا  بولمامدۇ  .  مۇشۇ نوقتىنى بىلىۋالساق  دىمەكچى  بولىشى مۇمكىن  . شۇنداقمۇ  ؟

arzuyum 2012-04-27 14:53
ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ، تېما - ئىنكاسلىرى ئارقىلىق بىزگە ھەقنى تەۋسىيە قىلغان قېرىنداشلىرىمىزغا اللە ئىككى دۇنيالىق بەخىت - سائادەت ئاتا قىلسۇن ،اميىن!

نامسىزمەن 2012-04-27 16:45
ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم مۇسۇلمان قېرىنداشلار اللاھ ھەممىمىزنى توغرا يولدا مۇستەھكەم قىلسۇن .
     دىنىمىز ئىسلام جانلىقلارنىڭ رەسىمىنى سىزىشتىن مەنئى قىلىدۇ. لېكىن جانلىق ۋە جانسىز نەرسىلەرنى سىنئالغۇغا ئېلىشتىن ۋە فوتۇ ئاپپارات بىلەن رەسىمگە تارتىشتىن مەنئى قىلمايدۇ. چۈنكى قولدا سىزىشتا ياراتقۇچىلىق مەيدانغا كېلىدۇ. بۇ توغرا ئەمەس.
ئەمما سىنئالغۇغا ئېلىشقا ۋە فوتۇ ئاپپارات بىلەن رەسىمگە تارتىشقا كەلسەك، بۇنىڭدا بار نەرسىنىڭ ئۆز ئەينىسى ئېلىنىدۇ ۋە تارتىلىدۇ. بۇ، خۇددى ئەينەككە ياكى سۇغا قاراشقا ۋە ئەينەكتىكى، سۇدىكى سۈرەتنى قاتۇرۇۋېلىشقا ئوخشايدۇ.
بىر يەردە بولۇپ ئۆتكەن بىر ۋەقەنى تەپسىلىي بىر شەكىلدە ئېسىدە ساقلىۋېلىپ ياكى تەپسىلىي بىر شەكىلدە يېزىۋېلىپ، كېيىنچە ئۇنى ئەسلەش، ئۇ قەغەزنى ئوقۇپ مەزكۇر ۋەقەنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈش ياكى ئۇ ۋەقەدىن خەۋەرسىز قالغانلارنىڭ قۇلىقىغا ئۇ ۋەقەنى تەپسىلىي دەپ بېرىش ۋە قەغەزدىكىنى ئوقۇپ بېرىش توغرا بىر ئىشتۇر.
خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، بىر يەردە بولغان بىر ۋەقەنى سىنئالغۇغا ئېلىۋېلىپ ياكى رەسىمگە تارتىۋېلىپ كېيىنچە ئۇنى كۆرۈش ۋە باشقىلارغا كۆرسىتىش توغرا ئىشتۇر. ئۇ ۋەقەنى بۇ ئىككى ئىشنىڭ بىرى قۇلاققا، يەنە بىرى كۆزگە ئېيتىپ بېرىدۇ. نەتىجىدە قارشى تەرەپ ئۇ ۋەقەدىن خەۋەردار بولىدۇ.
كۈنىمىزدە تېلېۋىزورلاردا خەۋەرلەر بېرىلىدۇ. مەسىلەن: پالانى دۆلەتنىڭ رەئىسى پالانى دۆلەتكە باردى دېگەن خەۋەر سۆزلىنىش بىلەن بىللە ئۇ رەئىسنىڭ شۇ دۆلەتتە كامېرغا ئېلىنغان سۈرىتى ۋە ھەرىكەتلىرى تېلېۋىزورنىڭ ئېكرانغا چىقىرىلىدۇ. شۇنىڭدەك پۈتۈن خەۋەرلەر كۆز بىلەن ئېنىق كۆرگىلى بولىدىغان بىر شەكىلدە بېرىلىدۇ. بۇ خەۋەرلەرنى بەرگەنلەر بۇ ئىشلارنى بىز ياراتتۇق دەپ دەۋا قىلمايدۇ، ئەكسىچە بولۇپ ئۆتكەن بىر ۋەقەدىن ئىنسانلارنى خەۋەردار قىلدۇق دەپ چۈشىنىدۇ. كۆرگەنلەرمۇ ئۇنداق بىر تەسەۋۋۇردا بولمايدۇ.
بۇ ئىشتا ھەدىس شەرىپلەردە مەنئى قىلىنغان «ئاللاھ بىلەن يارىتىش مۇسابىقىسىگە كىرگەنلىك» ھېسابلىنىدىغان «سۈرەت ئىجاد قىلىش» مەۋجۇت ئەمەس. بەلكىدە بۇ بار نەرسىنىڭ ئۆز ئەينىسىنى قاتۇرۇۋېلىشتۇر. بىر كىشىنىڭ ئېكراندىكى ياكى رەسىمدىكى سۈرىتىنى كۆرمەسلىك لازىم بولىدىغان ئىش بولسا، ئۇ كىشىنىڭ ئۆزىنىمۇ كۆرۈشكە بولماسلىقى لازىم. يولدا، بازاردا ۋە باشقا سورۇنلاردا ئۆزىنىڭ ئەۋرەت يەرلىرىنى يۆگەيدىغان شەكىلدە كىيىم-كېچەك كىيىپ تۇرۇاۋتقان بىر ئادەمنى كۆرۈش قانداق دۇرۇس بولسا، ئۇنىڭ ئۇنداق كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىپ تۇرۇپ ئېلىنغان ياكى تارتىلغان سۈرەتلىرىنى كۆرۈشمۇ شۇنداق دۇرۇس.
تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا بۇ بىر كىشىنىڭ ئەيننەككە ياكى سۈزۈك سۇغا قاراپ ئۆزىنىڭ شۆلىسىنى ئۆزى كۆرىشى بىلەن ياكى باشقا بىر كىشىنىڭ كۆرىشى بىلەن ئوخشاش ئىشتۇر. كۈنىمىزدىكى فوتو ئاپپاراتلاردا، قول تېلېفونلىرىدا تارتىلغان رەسىملەرمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر. يەنى بۇ ماكىنىلاردا رەسىمگە چۈشۈشكە، كېيىن بۇ رەسىملەرنى كۆرۈشكە ۋە باشقىلارغا كۆرسىتىشكە بولىدۇ. بۇنىڭدا ھېچ چەكلىمە يوق.
بۇنىڭغا بەزى ئۆلىمالار قارشى چىقىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەرنى خاتا چۈشىنىۋېلىشىدىن، ھەدىسلەرنى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر بىلەن بىرلىكتە مۇلاھىزە قىلمىغانلىقىدىن كېلىپ چىققان خاتا ئىجتىھادىدۇر.
( مۇسۇلمانلار تور بىتىدىن پايدىلاندىم )

جاللات 2012-04-27 17:23
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھ
مۇشۇ مۇسۇلمانلار تورىنىڭ پەتىۋالىرىنىڭ بىر يىرىدىن بىريىدە ئازراق بىر نەرسىنى قىېتىپ قويمىسا كۆڭلى ئۇنمايدىغان ئوخشايدۇ

يەنى بۇ ماكىنىلاردا رەسىمگە چۈشۈشكە، كېيىن بۇ رەسىملەرنى كۆرۈشكە ۋە باشقىلارغا كۆرسىتىشكە بولىدۇ. بۇنىڭدا ھېچ چەكلىمە يوق.
بۇنىڭغا بەزى ئۆلىمالار قارشى چىقىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەرنى خاتا چۈشىنىۋېلىشىدىن، ھەدىسلەرنى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر بىلەن بىرلىكتە مۇلاھىزە قىلمىغانلىقىدىن كېلىپ چىققان خاتا ئىجتىھادىدۇر.
دەل مۇشۇ پەتىۋانىڭ دەستىدىن ،ئاۋام تورى(رېنرېن)دا،باشقا بىلوگلاردا ياغلىق ئارتىپ،ھىجابلانغان قېزلار ئۆزلىرىنڭ سۈرەتلىرى باش سۈرەت قىلىپ چىقىرىپ،ناماھرەملەرنىڭ قارىشىغا سەۋەب بولدى.
مۇسۇلمان تورى گەرچە بەزىدە توغرا پەتىۋا بەرسىمۇ،ئەمما بۇرۇنقى ئۆتكۈزگەن چوڭ سەۋەنلىكلىرى سەۋەبلىك ھەقنى سۆزلەشكە تامامەن سالاھىيتى توشمايدۇ.
ئالىملىرىمىزنىڭ ئىجتىھادىكى خاتالىقمىش،بۇ پۈتۈنلەي كىينلىكنى ئويلاپ قىلىنغان سەل چىڭ تۇتۇش خالاس.ھازىرقى زامان بۇرۇنقى زامانغا ئوخشىمىغانلىقى،ھەرخىل گۇناھلاردىن خالي بولۇشنىڭ تەسلىكى بولغانلىقى ئۈچۈن،ئاسانلىق يارتىلدىغان بەزى ئىشلاردا بەكرەك چەكلىمە قويغانلىق،ئىجتىھادنىڭ يىتەرسىزلىكىدىن بولامدۇ؟! قۇرۇق گەپ!
بىر پەتىۋا ھەركىمگە ئوخشاش چۈشمەيدۇ،بۇنى بىلىش كىرەك،خۇددى پەيغەمبىرىمىز زامانىدا،بىر قېرى كىشى پەيغەمبىرىمىزدىن رامزان مەزگىلدە ئايالىنى سۆيسە بولامدۇ بولمامدۇ دەپ سورىغاندا،بولىدۇ دەپ،ياشراق كىشى  كەلگەندە ،بولمايدۇ دەپ جاۋاب بىرىشى، بىزگە مەسىلنىڭ ئىھتىياجىغا قاراپ ئىش تۇتۇش كىرەكلىكىنى ئۆگىتىدۇ.
زامانىمزى قانداق زامان؟ قانداق جايدا ياشاۋاتىمىز؟! مۇسۇلمان تورى ئىشلارنى ئاسان قىلىش ئۈچۈن،ھەتتا ھەيىزدار ئايالنى روزا تۇتسا بولىدۇ دەپ پەتىۋانى ئاللاھتىن قورقماي بەرگەن. گەرچە بۇ يەردە توغرا ئىش ئۈچۈن ھەركەت قىلىش بولسىمۇ،چوڭ خاتالىققا يول قويغان،ئۇ بولىسمۇ ئۆزىنى چاغلىماسلىق!
ماتىريالنى بولسا ئۇنىڭدىنمۇ ئىشەنچىلك جايدىن ئىلىڭ،قېرىندىشىم،ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن!

atuxboy 2012-04-27 17:29
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى نامسىزمەن نىڭ 2012-04-27 16:45 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم مۇسۇلمان قېرىنداشلار اللاھ ھەممىمىزنى توغرا يولدا مۇستەھكەم قىلسۇن .
     دىنىمىز ئىسلام جانلىقلارنىڭ رەسىمىنى سىزىشتىن مەنئى قىلىدۇ. لېكىن جانلىق ۋە جانسىز نەرسىلەرنى سىنئالغۇغا ئېلىشتىن ۋە فوتۇ ئاپپارات بىلەن رەسىمگە تارتىشتىن مەنئى قىلمايدۇ. چۈنكى قولدا سىزىشتا ياراتقۇچىلىق مەيدانغا كېلىدۇ. بۇ توغرا ئەمەس.
ئەمما سىنئالغۇغا ئېلىشقا ۋە فوتۇ ئاپپارات بىلەن رەسىمگە تارتىشقا كەلسەك، بۇنىڭدا بار نەرسىنىڭ ئۆز ئەينىسى ئېلىنىدۇ ۋە تارتىلىدۇ. بۇ، خۇددى ئەينەككە ياكى سۇغا قاراشقا ۋە ئەينەكتىكى، سۇدىكى سۈرەتنى قاتۇرۇۋېلىشقا ئوخشايدۇ.
بىر يەردە بولۇپ ئۆتكەن بىر ۋەقەنى تەپسىلىي بىر شەكىلدە ئېسىدە ساقلىۋېلىپ ياكى تەپسىلىي بىر شەكىلدە يېزىۋېلىپ، كېيىنچە ئۇنى ئەسلەش، ئۇ قەغەزنى ئوقۇپ مەزكۇر ۋەقەنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈش ياكى ئۇ ۋەقەدىن خەۋەرسىز قالغانلارنىڭ قۇلىقىغا ئۇ ۋەقەنى تەپسىلىي دەپ بېرىش ۋە قەغەزدىكىنى ئوقۇپ بېرىش توغرا بىر ئىشتۇر.
خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، بىر يەردە بولغان بىر ۋەقەنى سىنئالغۇغا ئېلىۋېلىپ ياكى رەسىمگە تارتىۋېلىپ كېيىنچە ئۇنى كۆرۈش ۋە باشقىلارغا كۆرسىتىش توغرا ئىشتۇر. ئۇ ۋەقەنى بۇ ئىككى ئىشنىڭ بىرى قۇلاققا، يەنە بىرى كۆزگە ئېيتىپ بېرىدۇ. نەتىجىدە قارشى تەرەپ ئۇ ۋەقەدىن خەۋەردار بولىدۇ.
.......

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،  سۇئال ؟؟؟
قارسام ياخشى ئىنكاس يىزىپسىز، لىكىن گەپنى سىز دىگەندەكلا بىر تەرەپ قىلىۋەتسەك،
بىرىنجى قەۋەتتىكى kar نىڭ بەرگەن جاۋابى خاتا، دىگەندەك مەنا چىقىپ قالمامدۇ ؟
سىزنىڭچە ۋىدىئو نىڭ خانىم قىزلانىڭ ئەۋرەتلىرىنى ئىچىۋىلىش بىلەن مۇناسىۋىتى يوقما ؟

dulbarqin310 2012-04-27 17:52
ھەممىنىڭ كەينىدە كىرىپ كۆرسەم تېخىمۇ كۆپ بىلىمگە ئىگە بۇلغۇدەكمەن.

ئاللاھ تېما ئىگىسىگە ۋە ئىنكاس يازغان قېرىنداشلارنىڭ ئەجىرىنى بەرسۇن.

ئەلمۇسلىم 2012-04-27 22:06
پەتىۋا بەرگۇچىنىڭ سۆزى:

كۆپىنچە ئاياللار ئادەتتە، ئولتۇرۇش ۋە توي مۇراسىمى قاتارلىق سورۇنلارغا يىغىلغاندا يىرىم يالىڭاچ كىيىملىرى بىلەن بىر-بىرى بىلەن بەسلىشىدۇ، ئۇلارنىڭ مۇشۇ ھالەتلىرىنى سۈرەتكە تارتىپ كىشىلەرگە تارقىتىش دېگەن گۇناھ-پاھىشە ئىشلارنى تۆۋەن كۆرۈپ كىشىلەرنى ئۇنىڭغا رىغبەتلەندۈرگەنلىكتىن ئىبارەتتۇر.

ھەرخىل مۇراسىملارغا يېرىم يالىڭاچ كىيىم كىيىپ بارغان ئايالدا قانچىلىك ئىمان بولماقچى ئىدى، ئىمان بولسا ئۇنداق كىيىملەرنى كىيمىگەن بولاتتى، بۇنداق كىيىملەر بىلەن مۇراسىملارغا بارغاننىڭ سىنغا ئالغان بىلەن نىمە پەرقى،
سىنغا ئالسىمۇ باشقىلار كۆرىدۇ، ئالمىسىمۇ يەنىلا كۆرىدۇ،
ظوخشاشلا ھارام بولىدۇ،

ئىنسان. 2012-04-28 00:33
مەزكۇر پەتىۋانى كىم بەرگەن بولغىيتتى بولسا تۇلۇق ئادرىسى بىلەن يوللانغان بولسا

ھەقىقىي مۇسۇلمانلار توي قىلسا ئەر ئاياللار ئارلاش ئولتۇرمايدۇ ھەم تويدىكىلەرمۇ ئۇنداق ئەۋرەتلىرنى ئېچىپ يۈرمەيدۇ
مەنمۇ باشقى يۇرۇتتىن توي قىلغان سەۋەپلىك تويغا بارغاندا شۇ يۇتتىكى چوڭ جامەنىڭ ئالدىدا تويغا بارغان قېرىنداشلار ھەممىمىز بىرلىشىپ سۈرەتكە چۈشتۈق
كىيىن تاماق يىگەن ھەم نكاھ ئۇقۇلغان سورۇننى دوسلىرىم تىلپۇن بىلەن سىنغا ئېلۋاپتۇ
بىز تاماقنى ئەرلەر بىر ئۆيدە ئاياللار بىر ئۆيدە يىگەن ئىدۇۇق ئۇنداقتا بىزنىڭ سۈرەتكە چۈششىمىز ھەم دوستىمىزنىڭ سىنغا ئېلشى ھاراممۇ؟
بۇيەردىكى مەسلە توينى سۈرەتكە ئېلىش ئەمەس بەلكى قانداق ئادەمنى سۈرەتلكە ئېلىش بۇلشى مۇمكىن
ئەگەر تويدا شۇنداق ياخشى تەبلىغ قىلىپ بەرسە بۇنى سىنغا ئېلۋالمىساق ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بۇلشى مۇمكىن
دىمەك شۇنداق خۇلاسە چىقىدۇكى ئىسلامغا زىت قىلمىشلار ھەم كۈرنۈشلەرنى سۈرەتكە ھەم سىنغا ئېلىش چەكلىندۇ ئەمما ئىسلامنغا زىت بولمىغان كۈرنىشلەرنى سىنغا ھەم سۈرەتكە ئېلىشنى چەكلەيدىغان بىرە بۇيرۇق بولمىسا كىرەك

paris 2012-04-28 13:27
ياخشى ئىنكاس بولۇپتۇ.......

newruz 2012-04-28 17:11
ھىجاپلانغان بولسىمۇ ئايال كىشىگە قاراۋېرىش خاتا. چۈنكى كۆزنىڭ زىناسىغا كىرىدۇ. سىنغا ساقلىۋېلىپ قاراش قانداق توغرا بولىدۇ. ئەينەكتە كۆرسىغۇ، ئۆزىنى كۆرىدۇ....ھازىرقى گەپ باشقىلارغا يەنە- يەنە قاراش مەسىلىسى....بۇ مەسىلىگىمۇ چاقچاق قىلغان بارمۇ؟!

مەيمۇنە 2012-04-29 13:47
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،بەك ياخشى ئنكاسلار بولۇۋېتىپتۇ ، قېنى ئاخىرىنى كورۇپ باقاي ،جاۋابى نىمىكىن؟

kar 2012-04-29 15:05
ئەسسا لامۇ ئەلەيكۇم 8 قەۋەتتىكى ھورمەتلىك قىرىندىم ئەگەردە سىز بۇتىمىنى ئېشەن جىسىز قارىسىڭىز تۇشۇشلۇق جايدىكى
دىنى ئېلىم ئەھلى بولغان ئالىم ئۆلىمالەردىن سوراپ كۆرسىڭىز بولىدۇ -بۇتىمىنىڭ  دىنى ئاساسى كۈچلۈك

نارات 2012-04-29 15:19
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى نامسىزمەن نىڭ 2012-04-27 16:45 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم مۇسۇلمان قېرىنداشلار اللاھ ھەممىمىزنى توغرا يولدا مۇستەھكەم قىلسۇن .
     دىنىمىز ئىسلام جانلىقلارنىڭ رەسىمىنى سىزىشتىن مەنئى قىلىدۇ. لېكىن جانلىق ۋە جانسىز نەرسىلەرنى سىنئالغۇغا ئېلىشتىن ۋە فوتۇ ئاپپارات بىلەن رەسىمگە تارتىشتىن مەنئى قىلمايدۇ. چۈنكى قولدا سىزىشتا ياراتقۇچىلىق مەيدانغا كېلىدۇ. بۇ توغرا ئەمەس.
ئەمما سىنئالغۇغا ئېلىشقا ۋە فوتۇ ئاپپارات بىلەن رەسىمگە تارتىشقا كەلسەك، بۇنىڭدا بار نەرسىنىڭ ئۆز ئەينىسى ئېلىنىدۇ ۋە تارتىلىدۇ. بۇ، خۇددى ئەينەككە ياكى سۇغا قاراشقا ۋە ئەينەكتىكى، سۇدىكى سۈرەتنى قاتۇرۇۋېلىشقا ئوخشايدۇ.
بىر يەردە بولۇپ ئۆتكەن بىر ۋەقەنى تەپسىلىي بىر شەكىلدە ئېسىدە ساقلىۋېلىپ ياكى تەپسىلىي بىر شەكىلدە يېزىۋېلىپ، كېيىنچە ئۇنى ئەسلەش، ئۇ قەغەزنى ئوقۇپ مەزكۇر ۋەقەنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈش ياكى ئۇ ۋەقەدىن خەۋەرسىز قالغانلارنىڭ قۇلىقىغا ئۇ ۋەقەنى تەپسىلىي دەپ بېرىش ۋە قەغەزدىكىنى ئوقۇپ بېرىش توغرا بىر ئىشتۇر.
خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، بىر يەردە بولغان بىر ۋەقەنى سىنئالغۇغا ئېلىۋېلىپ ياكى رەسىمگە تارتىۋېلىپ كېيىنچە ئۇنى كۆرۈش ۋە باشقىلارغا كۆرسىتىش توغرا ئىشتۇر. ئۇ ۋەقەنى بۇ ئىككى ئىشنىڭ بىرى قۇلاققا، يەنە بىرى كۆزگە ئېيتىپ بېرىدۇ. نەتىجىدە قارشى تەرەپ ئۇ ۋەقەدىن خەۋەردار بولىدۇ.
.......

نامسىز ئۇكام ھەرقېتىم ئىنكاس يازسىڭىز كۈرىپ بەك سۈيىنىمەن ،بۇ ئىنكاسىڭىزمۇ ماڭا بەك يارىدى ئوغىل بالىدەك ئىنكاس قىلىپسىز ئىسلام دىنىمىزنى ئالىملىرىمىز سىزگە ئوخشاش ئىلمى چۈشىنىشكەرەك.رەخمەت ئۇكام ئاللاھ ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن .بۇندىن كېيىن سىزنى ئۇستاز تۇتۇپ دئىننى بىلىمنى سىزدئىن ئالغۇمبار.

نارات 2012-04-29 15:45
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 9قەۋەتتىكى جاللات نىڭ 2012-04-27 17:23 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل 8-قەۋەت (نامسىزمەن) نىڭ يازمىسىغا :
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھ
مۇشۇ مۇسۇلمانلار تورىنىڭ پەتىۋالىرىنىڭ بىر يىرىدىن بىريىدە ئازراق بىر نەرسىنى قىېتىپ قويمىسا كۆڭلى ئۇنمايدىغان ئوخشايدۇ

يەنى بۇ ماكىنىلاردا رەسىمگە چۈشۈشكە، كېيىن بۇ رەسىملەرنى كۆرۈشكە ۋە باشقىلارغا كۆرسىتىشكە بولىدۇ. بۇنىڭدا ھېچ چەكلىمە يوق.
بۇنىڭغا بەزى ئۆلىمالار قارشى چىقىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەرنى خاتا چۈشىنىۋېلىشىدىن، ھەدىسلەرنى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر بىلەن بىرلىكتە مۇلاھىزە قىلمىغانلىقىدىن كېلىپ چىققان خاتا ئىجتىھادىدۇر.
.......

توغرا سۈزلەپسىز

نارات 2012-04-29 16:39
مەسىلىنىڭ ئەمىلىيىتىگە قاراپ باقىلى ئەمىلىيەتتە راس بولىۋاتقان توينىڭ ئەمىلى ھەۋالىنى ئەينەن خاتىرە سۈرەتكە ئىلىۋېلىش ئىشقانداق دىننى چەكلىمىگە ئۇچىرماسلىق كېرەك ھەرقانداق نەرسىنىڭ سەلبى تەرىپى ۋە ياخشى تەرپىبولىدۇ.بىز قۇبۇل قىلغاندا چوقۇم ئۇنۇڭ ياخشىتەرپىنى قۇببۇل قىلىشىمىز كېرەك دىمەك گەپ بىزنىڭ قۇبۇل قىلىشىمىزدا مېنىڭ چە بۇ مەسىلىگە نامسىز قېرىندىشىمىز بىرقەدەر چۈشەنچە بېرىپ توغرا سۈز قىلغان مەن توينىڭ ئەمىلى پىلىمىدىن پايدىلىنىۋاتقان ھەقىقى كۈزىمبىلەن كۈرگەن بىر ۋەقەنى سۈزلەپ بېرەي سىلەر باھا بېرىپ بېقىڭلار .مىنڭ بىر قېرىندىشىم 8-ئىنىم خەنسوچە ئوقىغان يېقىندا تويقىلماقچى بىركۈنى بۇ ئىنىم بىرتوپ دوسلىرىنى باشلاپ ئۇيگە كېلىپ قالدى ھەمدە مەندىن سىن قويغۇنى سورىدى مەن ئۇلارغا  سىن ئالغۇ بار ئۈينى ئېچىپ بەردىم ئۇلار ئەسلىدە بىر دوستىنىڭ توي خاتىرە دېيىنى كۈرمەكچىلىگىنى بىلدىم ئاندىن بىر بالىدىن ئالدىراپ بۇ خاتىرنى كۈرمەكچى بولۇپ قالغىننى سورىسام بۇ بالا كۈلىپ كېتىپ ئنىڭىزنىڭ بېشىغا كۈنتۈشتى ئۈلىنىشنىڭ قايدىسىنى ئۈگەنمەكچى دەپ مۇنداق دىدى بىز ئنىڭىزگە نىكا دا ئىمىم نىكالانغۇچىلاردىن ئىماندىن سۇۋالسۇرايدۇ  بىلمىسەڭ نىكا ئوقىلمايدۇ ئوقىسىمۇ ھارام بولىدۇ  ھىساپ بولمايدۇ دىسەك ئۇنىماي ۋاتىدۇ يالغان دەيسىلەردەپ بىر ئاينىڭ ئالدىدا قاسىم ئاغىنىمىز توي قىلغان ۋاختىدا ئىمام نىكالانغۇچىلاردىن كىلمەشاھادەت كىلمە تەۋبە دىن سۇۋالسوراپ قىز ئوغىلنىڭ ئۇنلىك ئۇنلىك ئوقىغىنىنى ئاڭلاپ ئاندىن نىكا ئوقىغان كۈرىنىشى بارئىدى بىز بۈگىن بۇ ئىنڭىزگە كۈرسىتىپ ئىمانىڭ بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم لىغىنى ئۈگەتمىسەك خەنسو بوپ كىتىپتۇ بۇ ئاداش تويىغا ئاز قالدى دەپ گېپىنى تۈگەتتى مەن بۇ ياشلارنىڭ بۇ ئىشىدىن رازى بولۇپ ياخشى ئۈگىتىڭلار ئۈز ۋاختىدا دادام رەمەتلىك ئايەتلەرنى ناماز قايىدئىلىرىنى  ئۈگەتكەندە ئويناپ كېتىپ ياخشى ئۈگەنمەي رەخمەتلىك دادامنى رەنجىتەتتى ئەمدى بېشىغا كۈنچۈشىپتۇ ،ئەشۇ نىكادا بالىلاردىن ئىماننى سوراپ نىكا ئوقىغان ئىمامغا رازئىبولۇپ مىننەتدارلىق بۈلدۈردىم.بىرنەتچە كۈندىن كېيىن قارىسام ھېلىقى ئۇيغۇرچىنىمۇ ياخشى ئوقىيالمايدىغان ئىنىم يەڭگىسىگە ئۈزى ئۈگىنىۋاتقان سۈرە ئايەتلەرنى خېلى ياخشى ئوقىپ بېرىۋاتىدۇ قارىغاندا دوسلىرى تويدەينى كۈرسىتىپ دىننى تەربىيەنى كۈچەيىتكەن ئوخشايدۇ 3جۈمە بولدى خۇداغا مىڭ شۈكرى بۇ ئۇكام نامزغا چىقىۋاتىدۇ ئەمدى بەشۋاخناماز ئوقىيمەن دەپ تىرىشىۋاتىدۇ .مەن ۋە قېرىنداشلىرىم بۇ بەڭ ۋاش قېرىندىشىمىزنىڭ ئاللاھ كۈڭلىگە ئىنساپ بېرىپ ئادەم بولغىنىغا بەك خوش .قارىغاندا دوسلىرىنىڭ ئىچىدە تەقۋادار باللار  خېلى جىق ئوخشايدۇ خوش ئەندى گىپىمىز گە كەلسەك مەنە بۇ توي خاتىرسىنى سىنغا ئالغان ئىشنىڭ پايدىلىق تەرىپىدىن ئەمىلى بىر مىسال.بۇنىڭدىن باشقىمۇ پايدىلىق تەرەپ لىرىمۇ جىق بولىشىمۇكىن .قالغىننى ئۈزاڭلار ئويلىنىپ كۈرىپ بىر نەرسە دەسىلەر،

ئۆزئۇيغۇر 2012-04-30 01:39
پەيغەمبىرىمىزنىڭ بىر ئىشتا شۈنھىلەنسەڭلار شۈبھىدىن يىراق بولغىنىنى تۇتۇڭلار  دىگەن ھەدىسىگە ئەمەل قىلايلى.
گۇناھقا يېقىن تۇرغان كىشى كۆكتاتلىق يېنىدا مال باققان كىشىگە ئوخشايدۇ، سەل دىققەت قىلمايدىكەن ماللار كۆكتاتلىققا كىرىپ قالىدۇ. شۇڭا  ئۆزىمىزنى گۇناھتىن ساقلاش ئۈچۈن بۇنداق گۇناھلىق ئىشلار بار بولۇش ئېىھتىماللىقى بار ئىشتىن يىراق تۇرايلى. ئۇ يا سۈننەت، يا مۇستەھەپ ئەمەلمۇ ئەمەس.گەرچە دۇرۇس بولغان تەقدىردىمۇ  پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ.  نەپسىمىز ئۈچۈن زورۇقۇپ پەتىۋا ئالمايلى.

رەسسام 2012-04-30 12:18
ئۇتكەندە 20يىل ئالدىدىكى بىر تۇي فىلىمى كۇرسەك مەھەللمىزىدىكى تۇگەپ كەتكەن نۇرغۇن مۇيسىپىتلار بار ئىكەن ،ئاۋۇ پالانچىكامغۇ؟ماۋۇ پالانچى خىندەمغۇ،،،دەپ كۇزلىرمىزگە ياش ئىلىپ كەتتۇق،،،ئۇتكەن ئىشلاردىن خاتىرى قالدۇرۇش ،ئەسلەپ تۇرۇش خاتا ئەمەستۇ ،،،،

لۇتفى 2012-05-01 13:29
قېرىنداشلار ،نەپسىمىزگە ئەگەشمەيلى . بۇنداق بىر مەسىلىنىڭ كىچىككىنە بىر يېرىگە ئېسىلىۋېلىپ ،ئاددى ئويلىمايلى . سىلەردىن سوراپ باقاي ، ھاراق ھالالمۇ ھاراممۇ ؟ بۇ ئېنىق ھارام . لېكىن ھا راق  مۇتلەق ھالدا زىيانلىقمۇ ؟ ياق ھاراقنىڭ مەلۇم پايدىلىق تەرەپلىرىمۇ ئەلۋەتتە بار . ئۇنداقتا مۇشۇنىڭ ئۈچۈنلا  ھاراقنىڭ ھاراملىقىدىن شۈبھە قىلىش پەقەتلا بىر ئەقىلسىزلىق . بىلىملىك بىر كىشى بىرئەرسە دېگەندە ،ئۇنى ئاڭلىغۇچىلار ئارىسىدا ناھايىتى تۆۋەن سەۋىيىدىكى كىشىلەرنىڭمۇ بارلىقىنى ، ئۇلارنىڭ خاتا چۈشىنىپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى ئويلىشقىپ قويۇشى كېرەك . بۇ پىتنىدىن ساقلايدۇ .

atuxboy 2012-05-01 14:29

ئەڭ ياخشى بىر پىكىر بولسا ئەجەپ ياخشى بولاتتى !!!

dulbarqin310 2012-05-02 18:00
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 13قەۋەتتىكى ئىنسان. نىڭ 2012-04-28 00:33 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مەزكۇر پەتىۋانى كىم بەرگەن بولغىيتتى بولسا تۇلۇق ئادرىسى بىلەن يوللانغان بولسا

ھەقىقىي مۇسۇلمانلار توي قىلسا ئەر ئاياللار ئارلاش ئولتۇرمايدۇ ھەم تويدىكىلەرمۇ ئۇنداق ئەۋرەتلىرنى ئېچىپ يۈرمەيدۇ
مەنمۇ باشقى يۇرۇتتىن توي قىلغان سەۋەپلىك تويغا بارغاندا شۇ يۇتتىكى چوڭ جامەنىڭ ئالدىدا تويغا بارغان قېرىنداشلار ھەممىمىز بىرلىشىپ سۈرەتكە چۈشتۈق
كىيىن تاماق يىگەن ھەم نكاھ ئۇقۇلغان سورۇننى دوسلىرىم تىلپۇن بىلەن سىنغا ئېلۋاپتۇ
.......

بۇ ئىنكاس ياخشىكەنغۇ.

مۇسىلىم 2012-05-06 19:19
ئاللاھ تېما ئىگىسىگە ۋە ئىنكاس يازغان قېرىنداشلارنىڭ ئەجىرىنى بەرسۇن

مۇسىلىم 2012-05-06 19:23
26-قەۋەت  لۇتفى قېرىندىشىمنىڭ يازمىسىغا:
قېرىنداشلار ،نەپسىمىزگە ئەگەشمەيلى . بۇنداق بىر مەسىلىنىڭ كىچىككىنە بىر يېرىگە ئېسىلىۋېلىپ ،ئاددى ئويلىمايلى . سىلەردىن سوراپ باقاي ، ھاراق ھالالمۇ ھاراممۇ ؟ بۇ ئېنىق ھارام . لېكىن ھا راق  مۇتلەق ھالدا زىيانلىقمۇ ؟ ياق ھاراقنىڭ مەلۇم پايدىلىق تەرەپلىرىمۇ ئەلۋەتتە بار . ئۇنداقتا مۇشۇنىڭ ئۈچۈنلا  ھاراقنىڭ ھاراملىقىدىن شۈبھە قىلىش پەقەتلا بىر ئەقىلسىزلىق . بىلىملىك بىر كىشى بىرئەرسە دېگەندە ،ئۇنى ئاڭلىغۇچىلار ئارىسىدا ناھايىتى تۆۋەن سەۋىيىدىكى كىشىلەرنىڭمۇ بارلىقىنى ، ئۇلارنىڭ خاتا چۈشىنىپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى ئويلىشقىپ قويۇشى كېرەك . بۇ پىتنىدىن
ناھايىتى توغرا دەيسىز قېرىندىشىم.

مۇسىلىم 2012-05-06 19:59
شەخسەن مىنىڭ يۇرتۇمنى مىسالغا ئالسام توي مۇراسىملىرىنى سۈرەتكە تارتىش زور كۆپچىلىك توي قىلغۇچىلارنىڭ نەزىرىدە ئۇتكەن ئىشلاردىن خاتىرى قالدۇرۇش ،ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن بولماستىن بەلكى  ئۇرۇق -تۇققان،تونۇش-بىلىش،ئەل-ئاغىنە،قۇدا-باجىلارنىمە ئەكەلدى ،نىمەقويدى ......دىگەنلەرنى تولۇقى بىلەن خاتىرلەيدىغان سۆرەتلىك ددپتەر،
تېخى بەزىبىر ئاتالمىش مۇسۇلمانلىرىمىزنىڭ توي دېيىنى كۆرسە ئادەمنىڭ نەپرىتى قوزغىلىدۇ.
  
2-قەۋەت ئۆمەر قېرىندىشىمنىڭ يازمىسى ناھايىتى ئەتىراپلىق ،مۇكەممەل بوپتۇ.يەنى:
      
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    اللە ۋە اللەنىڭ رەسۇلى بىز ئۈممەتكە چەكسىز مېھرىبانلىق قىلىپ تاكى قىيامەتكىچە ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك قۇرئاندىن ئىبارەت مۇقەددەس قانون، ھەمدە ھەدىستىن ئىبارەت نۇرلۇق ماياكنى ھەدىيە قىلدى! شۇڭا ھەرقانداق چوڭ-كىچىك مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىدە قۇرئان، ھەدىستىن دەلىل ئىزدىشىمىزگىلا بولىدۇكى، ھەرگىزمۇ << مېنىڭچە... قارىغاندا... ئەمما، بىراق... ناۋادا... دەۋر ئالماشتى... >> دېگەندەك مۇجىمەل، شەكلىك قاراش ھەم ھۆكۈملەرگە قەتئىي ئورۇن يوق! چۈنكى اللەنىڭ ئىلمىنىڭ سىرتىدا قالغان ھىچقانداق نەرسە يوق!!!...
    قېرىندىشىم، ئۆزىگە قۇرئان، ھەدىسنى مەنىۋىي تۈۋرۈك قىلغان، ئەقلىي ۋە نەقلىي جەھەتتىن دەلىللىنىپ شۇنداق ياخشى يېزىلغان پەتىۋانى ئۆز خاھىشىڭىز بويىچە رەت قىلىشتىن اللەقا سېغىنىپ تۆۋبە قىلسىڭىزچۇ؟!... بەنىي ئىسرائىل قەۋمىنىڭ اللەنىڭ ھۆمىگە قارىتا ھەرخىل پۇتىماق سوئاللارنى تولا سوراپ قانداق ئاقىۋەتكە قالغانلىقىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟!... شۇنى ئېنىق بىلىپ قېلىڭكى: اللە ۋە اللەنىڭ رەسۇلى ھۆكۈم قىلغان ئىشتا ئىنساننىڭ تاللىشى بولمايدۇ!...
    اللە ھەممىمىزگە ھەقنى تونۇيدىغان دىل، زىكر قىلىدىغان تىل، سەبر قىلىدىغان تەن ئاتا قىلغاي، امين!...

اللە بىلىمىڭىزنى تېخىمۇ زىيادە قىلسۇن قېرىندىشىم.امين!
سىز دىگەندەك اللە ھەممىمىزگە ھەقنى تونۇيدىغان دىل، زىكر قىلىدىغان تىل، سەبر قىلىدىغان تەن ئاتا قىلغاي، امين!...

نامسىزمەن 2012-05-07 11:03
   ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار اللاھ ھەممىمىزگە رەھمەت قىلسۇن .
بۇ تېمىغا چۇشكەن ئىنكاسلارنى بىر قۇر كۆرۇپ چىقتىم ، ياخشى نىيەتتە ئىنكاس يازغان قېرىنداشلىرىمنى اللاھ ئەجىردىن نىسىپدار قىلسۇن .
    ئىسلام دىنىمىز بىر ئىشنىڭ بولۇش - بولماسلىقى ، ھالال - ھاراملىقى  قاتارلىق جەھەتلەرگە ھۆكۇم قىلىشتا  شەيئىلەرنىڭ ياكى ھادىسلەرنىڭ ئوخشاشلىق تەرەپلىرىگە قارىماي بەلكى ئۇلارنىڭ پەرقىگە قاراپ ھۆكۇم قىلىدۇ . مەسىلەن : مۇسۇلمان بىلەن كاپىرمۇ نۇرغۇن ئوخشاشلىقلارغا ئىگە ، بىراق بىز مەزكۇر شەخستىكى پەرىقلەر بويىچە بىرنى مۇسۇلمان ، بىرنى كاپىر دەپ ئاتايمىز .
   جىما بىلەن زىنامۇ نۇرغۇن ئوخشاشلىققا ئىگە ، بىراق بىز ئۇنىڭدىكى پەرىق بويىچە بىرىنى ھالال ، بىرىنى ھارام دەيمىز .
ھاراق ، ئاچچىقسۇ ، خېمىرتۇرۇچ ، قېتىق ... قاتارلىق نەرسىلەرمۇ قىسمەن ئوخشاشلىققا ئىگە ، بىراق بىز ئۇلاردىكى پەرىققە قاراپ بىرنى ھالال ، بىرىنى ھارام دەپ ھۆكۇم قىلىمىز .
شۇڭا بىز نوقۇل ھالدا شەيئى - ھادىسلەرنىڭ ئوخشاشلىقى بويىچە مەسىللەرنى قىياس قىلىپ ھۆكۇم قىلۋەرسەك ئاسانلا دىنى يولنى تارلاشتۇرىمىز ھەم بىلىپ بىلمەي تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىمىز .
    يەنە بىر نوقتا شەرىئەتتە ئىشنىڭ روخسەت دائىرىسى ، ئەۋزەل دائىرىسى بولىدۇ ، خالىسىڭىز روخسەت دائىرىسىدا ياشاپ مۇسۇلمانلىق قىلىڭ ، خالىسڭىز ئەۋزەل دائىرىسدە ياشاپ مۇسۇلمانلىق قىلىڭ . ئىنشائاللاھ ھەر ئىككىلا يول بىلەن اللاھقا ياخشى بەندە ، رەسۇلىللاھقا ياخشى ئۇممەت بولغىلى بولىدۇ  . ( اللاھقا ئامانەت )

ۋەتەن88 2012-05-08 17:35
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ئەزىز قېرىنداشلار!
سۇرەتكە،چۇشۇش،رەسىم تارتىش مەسىلىسىسى،دىنىمىزدىكى نازۇك مەسىللىەرنىڭ بىرىدۇر،ئەلۋەتتە،بۇ مەسىلىگە نىسەبەتەن،پەيغەمبىرىمىزدىن بىزگىچە جانلىقلارنىڭ رەسىمىنى سىزماسلىق مەزمۇنىدىكى سەھىھ ھەدىسلەرنىڭ يىتىپ كەلگەنلىكى بىر ھەقىققەتتۇر.تورداشلارنىڭ ئېيتقىنىدەك،پەيغەمبىرىمىز ۋە خەلەف شۇنداقلا سەلەف ئۆلىمالىرىمىز دەۋرىدە،بۇ مەسىلە مۋجۇت بولمىغانلىقتىن،بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن پەتىۋا بىرىش مەسىلىسىمۇ مەۋجۇت بولمىغانلىقىمۇ بىر ھەقىققەتتۇر.زامانىمىزدىكى ئۆلىمالارنىڭ بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن رۇخسەت قىلىشى،سۇكۇتتە تۇرىشى ۋە قارشى تۇرىشىمۇ ئوخشاشلا رىئاللىقتۇر. بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن رۇخسەت قېلىشمۇ،سۇكۇتتە تۇرۇشمۇ ۋە قارشى تۇرۇشمۇ ئوخشاشلا،ئىجمائ ۋە قىياس ئاساسىدا چىقىرلغاندۇر،شەرىئەتنىڭ بىرىنچى ئاساسىي بولغان مۇبارەك قۇرئان كەرىمدە رەسىمگە چۇشۇش ۋە ۋىدىئو قىلىش مەسىلىگە نىسبەتەن جاۋاپ يوقتۇر،شەرىئەتنىڭ ئىككىنچى ئاساسىي بولغان ھەدىستە،مۇشۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ،رەسىم سىزىشنى چەكلەش توغرىسىدا ھەدىس باردۇر.بۇ مەسىلىنىڭ پەتىۋاسى،شەرىئەتنىڭ ئۈچىنچى ۋە تۇتنىچى ئاساسىي بولغان ئىجمائ ۋە قىياس ئاساسىدا بىرىلگەندۇر.توغرا يولدا ۋە ھەقلىق رەۋىشتە رەسىم تارتىش ۋە ۋىدىئو قىلىش قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسنىڭ ھېچقانداق يىرىدە چەكلەنگەن ئەمەستۇر!!! شۇنڭدەك توردىكى قىسمەن قېرىنداشلارنىڭ دىگىنىدەك،نامەھرەم،زىنا،ئەۋرەتنىڭ ئېچىلىشىمۇ رەسىم تارتىش ۋە ۋىدىئو قىلىش ئىشى بىلەن بىردىنبىر مۇناسىۋەتلىك سەۋەپ ئەمەستۇر.رەسىمگە چۇشۇش ۋە ۋىدىئو قىلىشنى ھارام (ئەمەلىيەتتە،ھارام قۇرئاندىكى ساناقلىق ئىشلاردۇر)دەپ قارىغان زىيادە ئىھتىياتچان قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللاھدىن،تەقۋادارلىقىغا مۇناسىپ ساۋاپلار بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. لىكىن ئۇلارنىڭ  بۇ قارىشىنى پۇتۇن ئۈممەتكە تېڭىشىنى راۋا كۇرمەيمىز. مەن سۇئالغا جاۋاپ بەرگۇچى قېرىندىشىمىزنىڭ جاۋابىنى تەپسىلىي قايتا قايتا ئۇقۇدۇم،بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ تەقۋالىقىدىن سۇيۇندۇم،شۇنداقلا بەزى قۇرلاردىن چوڭقۇر ئويغا چۇمدۇم،ئەلۋەتتە،جاۋاپتا،مۇبارەك ھەرەمدىكى بىر مەسچىتىنىڭ ئىمامنىڭ جاۋابى نەقىل ئېلىنپىتۇ.مەسچىت ئىمامىمۇ بۇ ئىشلارنىڭ چەكلەنگەن،ناچار ئىشلىقنى تىلغا ئېلىپتۇ،بىراق،شەرىئەت نامىدىن ھارام قالپىقىنى كەيگۇزمەپتۇ.ئەلۋەتتە،بىزمۇ،چېكىدىن ئاشقان سۇرەت ۋە ۋىدىئو ھادىسىنى چەكلەنگەن ۋە ناچار ئىشلار قاتارىدىن سانايمىز.
بىراق،جاۋاپ بەرگۇچىنىڭ،سۇئالغا نىسبەتەن،رەسىم ۋە ۋىدىئو قىلىشنىڭ مەقسىتى توغرىسىدا،رەسىمگە تارتىلغان ئايالنى باشقىلارغا سۇپەتلەپ برىش،رەسىمگە چۇشمەكچى بولغان ئاياللارنىڭ يېرىم-يالىڭاچ سۇرۇنغا بېرىشى دەپ ئادىل بولمىغان بايانلارنى بىرىپتۇ.مىنىڭچە،بۇنىڭ مەقىسىتى نىمە بۇلۇشىدىن قەتئىنەزەر،ئىسلام ئادىللىقغا ۋە ئەخلاقىغا ياتتۇر.بۇ ھەتتە،شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھمۇ ناھايىتى ئىھتىياتچانلىق بىلەن،بىزنىڭ ئاڭلىشىمىزچە،بەزى...دىگەندەك سۇزلەرنى قېتىپ قۇيۇشنى ئۇنتۇپ قالمىغان. ئاللاھ بىزنى ئادىل بۇلۇشقا بۇيرۇغان.ئىنشائاللاھ،سۇئال سورىغۇچى قېرىندىشىمنىڭ ئىمانلىق مۇسۇلمان كىشى ئىكەنلىككگە ئىشىنىمەن،بولمىسا بۇ سۇئالنى سىزدىن ۋە بىزدىن سورىماي،باشقىلاردىن سورىغان بۇلاتتى.شۇنىڭ ئۇچۇن،بىرىلگەن،جاۋاپ،مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمانغا بەرگەن جاۋابى بۇلۇشى كىرەك،قانداقتۇر،قېرىندىشىمىزنىڭ رەسىمگە چۇشۇش مۇشكىلاتنى ئاياللانىڭ يالىڭاچ سۇرۇنىغا تاقاش جاۋاپ بەرگۇچىنىڭ ئەخلاقىدىن ئەمەس!
خۇلاسە قىلغاندا،رەسىمگە چۇشۇش ۋە ۋىدىئو قىلىش،ئىسلام جامائىتىگە ۋە مۇسۇلمانلار تۇرمۇشىغا پايدىلىق بولسا(مەسلەن،خەۋەر،ئۇغۇرلۇقتىن ساقلىنىش دىگەندەك) ئۇنىڭ ھېچقانداق يامان يىرى يوق.ئەگەر مۆسۇلمان ئەرلەر ۋە ئاياللار زۇرۇر ئىھتىياجقا ئاساسەن رەسىم چۇشۇش ئىھتىياجى تۇغۇلسا،ئۇ دۇرۇس ئىشلار قاتارىدىن.ھەقىقەتەن،رەسىمگە چۇشۇشنى ۋە ۋىدىئو قىلىشنى شەھۋانىيلىقنىڭ،جامائەتكە تارقىتىشىنىڭ ۋاستىسىغا ئايلاندۇرۋالغان بولسا-ئۇ ئىش ھارام ۋە گۇناھ قاتارىدىكى ئىشتۇر.(ئىنكاس،ئىشخانىدا يېزىلغاچقا،خاتا نەقىل ئېلىشتىن ساقلىنىش مەقسىتدە،مۇناسىۋەتلىك بايانلار نەقىل ئېلىنمىدى)
ئاخىرىدا،ئاللاھنىڭ ھەممەيلەننى توغرا يولدا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

查看完整版本: [-- توي مۇراسىملىرىنى سۈرەتكە تارتىش  ئىسلام دىنىمىزدا چەكلەنگەنمۇ؟ --] [-- top --]

Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.062048 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us