ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم!
ئەي ئەزىز قېرىنداشلىرىم ئاللاھ ھەممىمىزنى مەغفىرەت قىلسۇن!
ئەسەبىي مەزھەپچىلىك كىم ئالدىراپ تۇتسا شۇنۇڭ قولى كۆيىدىغان ئوتتۇر.
ئاللاھ تائاللا پەيغەمبىرىمىزنى بىزگە ئۈلگە(دوراڭلار) دەپ ئەۋەرتتى. دورامچىلىقتا(ئۇممەت بولۇشتا) دائىملىق ئىش-ئىزلىرىنى دورايمىز.
يىمەك ئىچمەكتە؛ ئۇچتەن بىرىگە تاماق، ئۈچتەن بىرىگە ئۇسلۇق، ئۇچتەن بىرىنى بوش قالدۇرغان ئىدى. بىزمۇ شۇنداق يەيلى! ئاشقازىنىمىزغا، تەن سېستىمىساغا زۇلۇم بولۇپ قالمىسۇن.
نامازدا؛ بەش ۋاق نامازدىن باشقا، كېچىلىرىنىڭ ئۇچتەن بىرىدە، ئۇچتەن ئىكىسىدە، يېرىمىدا تۇرۇپ ناماز ئوقۇيتتى. ئاللاھقا يېقىنلىشىشنى ئىزدەيدىغان نەفلە نامازلارنىمۇ قولدىن بەرمەيتتى. ھەر چاغ ئاللاھقا تەسبىھ، ھەمدۇ، شۈكرى ئېيتاتتى. ھەممە ئىشىنى ئاللاھتىن سورىۋالاتتى. تاھارەتنى كامىلى نامىزىنى خۇشئى ئوتەتتى. بىز بىرەر بولسىمۇ تۇرۇپ ئاللاھتىن پىتنى-پاساتلارنى بىزدىن كۆتۈرۋېتىشىنى سورىۋالايلى!
روزىدا؛ پەرز روزىدىن باشقا ھەپتىنىڭ دۇشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى، ئاي تولغان كۇنلىرى روزا تۇتاتتى. تەپسىلاتىنى ئائىت كىتاپلاردىن كۆرىۋېلىڭ. مەۋلۇت كۇنىدىمۇ، دۇشەنبە تۇغۇلغاچقا روزا تۇتاتتى. بىز بولسا مەۋلۇد كۇنىدە نەفلە روزا تۇتساق دورىغان بولار ئىدۇق. بىزچۇ دورامچى(ئۈممەت) بولالىدىقمۇ؟
ئەخلاقىدا؛ راستچىل، بىھۇدە سۆز قىلماسلىقى، قايىل قىلارلىق ھەق سۆزلىرى بىلەن ھېكمەتلىك ئۇسلۇپتا دەۋەت قىلاتتى. بىز بولساق ھەقنى تىللاشتىن، قاخشاشتىن، مەنمىسمەتلىكتىن كىبىرلەر قاينىمىدا قايناپ قالىمىز. دەۋەت بىلەن جاندىن بىرنى تاللاشقا توغرا كەلسە ئەلۋەتتە دەۋەتنى تاللايمىز. بىز بولسا چىگرا ئايرىشنى ۋە قول ئېلىشىپمۇ كۆرۈشمەسلىكنى گۇروھۋازلىقنى ياخشى كۆرۈپ قالدۇق. پەيغەمبىرىمىز زامانىدا كىشىلەر مال ۋە جېنىنى ئاياشمىسا بىس سالاملىشىپ ئەھىۋاللىشىشنىمۇ ئايايدىغان بولىۋالدۇق.
ئاللاھ بىزنىڭ چىرايىمىزغا بىلىمىمىزگە، يىگەن - ئىچكىنىمىزگە ۋە يۇز-ئابرويىمىزغا قارىمايدۇ. تەقۋادارلىقىڭلارغا (ئاللاھنىڭ رەسولىنى دوراشتا) قارايمەن دېگەن ئىدى. بەزىلەر پۇلدار بولسا گىدىيۋالسا، بەزىلەر بىلىملىك بولسا گىدىيۋالىدۇ، بەزىلەر تەجۋىد بىلگىنىدىن گىدىيىۋالىدۇ، بەزىلەر كۈندە گۆش-پولو يىگىنىدىن، بەزىلەر بىرقانچە تىل بىلگىنىدىن پەخىرلىنىپ گىدىيىۋالىدۇ. پەقەت تەقۋادارلارلا ئاللاھتىن قورقۇپ تىتىرەپ تۇرىشىدۇ. ئويىدە مۇھتاج تۇرۇقلۇق بارى يوقى مىڭ سومنى(ۋەياكى بىلىمىنىڭ ھەممىسىنى) ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلغان ئادەم ياخشىمۇ؟ ياكى پۇلدار تۇرۇپ ئاللاھ يولىدا مىڭ سوم(بىلىمدار تۇرۇپ بىلىمدىن ئازراقنى) سەرىپ قىلغان(بىلىمىگە ئەمەل قىلغان) ئادەم ياخشىمۇ؟! قوپال دەۋەت ياخشىمۇ، مۇلايىم دەۋەت ياخشىمۇ؟ كىبىر ياخشىمۇ؟ شېرىكسىز ياساشنى، قۇلاقلىرىمىزنى، كۆزلىرىمىزنى، قول-پۇتلىرىمىزنى، بۇرۇنلىرىمىزنى، ئىشتىھا، تائاملىرىمىزنىڭ ھالال بولىشىنى ئاللاھتىن سوراپراق ياشاش ياخشىمۇ؟ ئاللاھنىڭ سېغىنىپ ئوتتۇرا سۈرئەتتە تاماق يىگەن ياخشىمۇ ياكى ئالدىراش ۋە مىش-مىش غىزالانغان ياخشىمۇ؟
كىم ئىختىلاپ تاپقان ئىكەن شۇ چوڭ پىتنا تېرىغان بولىدۇ. پىتنىچى ھەتتا ئائىلىسىدىكى ئۆزى ئاشنىڭ بۇرنىنى(ئەۋۋەلىنى، دەسلەپكى ساپلىقىنى) يىيىشنى ياخشى كۆرۈپ تۇرۇپ دەسلەپكى ساپلۇق ئاشنى ئېرىگە ئۇسۇپ ئاندىن ئۆزىگە ئۇسقان ئۆزى ياخشى كۆرگەننى ئېرىگە ياخشى كۆرگەن ئىمانىدا راستچىل ھىكمەت لىباسىنى ئارتىۋالغان ئايالىنى تونۇمايدۇ. قاخشاپراق ياشايدۇ.
ئاللاھنىڭ ئىلاھىيىتىنى (ياراتقۇچى ئىكەنلىكىنى) ۋە روبۇبىيىتىنى (ھەر دەقىقە ئاڭلاتقۇچى، كۆرسەتكۇچى، ھۆزۈرلاندۇرغۇچى، ھەر ماكرو ۋە مىكرو دۇنياغا رىزىق بەرگۇچى، ئالەملەرنى ئۆزى يالغۇزلا تىزگىنلەپ تۇرغۇچى) قوبۇل قىلىش بىلەن ئەمەلىيەتتە پەيغەمبەرنى كۈندىلىك ئىش-ھەركىتىمىزدە دورىمىساق دورىغۇچى(ئۈممىتى) بولالمايمىز. پەيغەمبىرىمىزنى دورايلى باشقا ھىچكىمنى دورىمايلى....
بىر-بىرىمىزگە مۇھتاجمىز، شەيتاننى ئارىغا قىسىۋالماي ياغاچچى، تۆمۈرچى، موللا، تەجۋىد ئۇستازى، تىل ئۇستازى بولسۇن كىم تەقۋادار بولسا شۇ ئاللاھتىن قورقۇچىدۇر. شۇنى ئالىم سانايلى! دىندا پىرقىچىلىق ۋە پىرقىچىلىقتا ئەسەبىيلىك قوزغىمايلى. ئىتتىپاقلىق بىزنى كۈچەيتسە ئىختىلاپ ئاجىزلىتىدۇ. ھۆكۈم چىقارغۇچى پەقەتلا ئاللاھدۇر. تەۋەككۇل قىلساق ئاللاھقىلا قىلايلى، ئىنسانغا قىلمايلى!
كۈندە بىرەر بولسىمۇ ئايەتنىڭ ۋە بىر قۇرئان سۆزىنىڭ مەنىسىنى ئۆگىنىۋالايلى ۋە ئەمەل قىلىش ئۈچۈن ئاللاھتىن ئاسانلىق سورىۋالايلى!
ھەدىس بولسا قۇرئانىمىزنىڭ يەشمىسىدۇر. دورامچىلىقنىڭ(ئۈممەتچىلىكنىڭ) ئاساسىدۇر. ئىجما ۋە تەقلىد بولسا ئىسلامىي پەتىۋا (قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ) كومتىتىدىكى ئۆزىمىزدىن بولغان تەقۋادار كىشىلەرنىڭ چۈشۈندۇرىشلىرىدۇر. «ئۇلار قۇرئاننى چۈشىنىشكە تىرىشمامدۇ؟ ياكى بولمىسا ئۇلارنىڭ دىللىرىدا قۇلۇپ بارمۇ؟.» (مۇھەممەد سۈرىسى، 24-ئايەت). ھەممىمىز ئازغۇچىمىز. كىمدە كىم ئۆزىنى، كىمدە كىمنى <ئازمايدۇ> دېسە ئىمانىدىن چەتنەپ كېتىدۇ. <مەن توغرا يولدىمەن> دىگۇچى ئەسەبىيلارچە مەزھەبۋازلىق قىلىدۇ. تەقۋادارلىق ۋە دەۋەتنى تەبلىخ قىلمايدىغان كىشى ئىختىلاپنى، گەپ توشۇش، گەپ تېپىشتەك، ئىماكىرانە(باشقىلارنى كورسىتىپ ئۆزىنى كاتتا چاغلاش) زەئىپ ئىماندا قالىدۇ. ئاللاھ ھەممىمىزنى بۇيۇك كۈننىڭ ئازابىدىن ساقلىسۇن! ئامىن!
مۇشۇنىڭدەك پىتنىلەر بىلەن خوراپ كەتمەيلى دىسىڭىزلەر مۇشۇنىڭدەك مەزغەپ كېرەكمۇ كېرەك ئەمەس دەيدىغان ئىختىلاپلاردىن قانچىكى يىراق قاچالىسىڭىزلار شۇنچىلىك يىراق قېچىڭىزلار. ئاللاھتىنلا ياردەم سوراپ تەقۋالىققا ئالدىرىڭىزلار!
[ بۇ يازمىنىnewruz 2012-03-09 12:39قايتا تەھرىرلىدى ]