باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 6781 قېتىم كۆرۈلدى
«1234567»Pages: 3/7     Go
تېما: بىزگە « مەزھەپ » كىرەكمۇ « مەزھەپسىزلىك» مۇ ؟
ئەي ئاللاھ ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز، سەندىنغىنا ي ..
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2631
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1154
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1154دانە
ئۆسۈش: 2560 %
مۇنبەر پۇلى: 9146 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-04
ئاخىرقى: 2012-09-06
20-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-08 15:45

ئەھلى سۇننىي جامائىتىنىڭ ھەممىسى بىر تۈپ دەرەخ  قايسىنىڭ پەتىۋاسى ئايەت ھەدىس بىلەن ھوكۈم قىلغان بولسا شۇنىڭ كۈچلۈك ئورۇندا تۇردۇ  شۇنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەل قىلساق بولىدۇ. بۇ توتنىڭ ھەممىسى ئەھلى سۇننى ھازىرقى دۇنيادا ئەھلى سۇننىي شىئە دەپ ئاساسەن ئىككىگە ئايرىلدى ئەمدى بۇ ئەھلى سۇننىنىمۇ نەچچىەگە بۆلمەي ئەھلى سۇننىنىڭ بىرىگە ئەمەل قىلساق بولىدۇ.
بۇ تىمنى يولۇغۇچى،( ھەرگىزمۇ بۇ ئىككى گوروھ مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا ئختىلاپنى كۈچەيتىپ ، جىدەل - ماجىرا تېرىپ ، مىللەتنى بۈلۈش ئەمەس . بۇنداق بۇلۇشتىن خۇدا ساقلسۇن) دەپ چىرايلىق يېزىپ قويۇپ  بۇتىمىنى يوللىغاننىڭ ئۈزى
ئىختىلاپقا ئۇرۇغ سالماي نىمە   ئۆز ۋاختىدا ئەرەپ زىمىنلىرىدا   دىننىڭ دۇشمەنلىرى مۇسۇلمانلارنى بۆلۈش ئۈچۈن يازغان كىتاپلىرىنىڭ بېشىغا بىسمىللاھىر راھمانىر رەھىم دەپ يېزىپ قويۇپ ھەدىس ئايەتتىن بىرمۇنچە دەلىل كەلتۇرۇپ يېزىپ    
ئارقىسىدىن بىرمۇنچە ئىختىلاپ گەپلەرنى يېزىپ مۇسۇلمانلارنى پارچىلىدى، مەن تىما ئىگىسىنى ھەرگىزمۇ ئۇنداغ ئويلىمايمەن  ئىنشا ئاللاھ ياخشى نىيەتتە يازغاندۇر  لىكىن بۇ ۋەقەلەر بىزلەرگە بىر ئاچچىق ساۋاق
بۇ تىمىنىڭ ماۋزۇسىمۇ. (مەزھەبچىلىك ۋە مەزھەبسىزلىك) دىگەن گەپتىنمۇ پىتنە كۆرنۇپتۇردۇ
پالچىلارنىڭ  بىر گىپى بار  پالغا ئىشەنمە پالسىزمۇ يۇرمە دەيدىغان  ئەمىلىيەتتە بۇ گەپنىڭ مەنىسى پالغا قىزىقتۇرۇپ پالنى  ئاشۇ پالچىنىڭ  گىپىگە ئىشەندۈرۈپ كىشىلەرنى ئازدۇرۇپ  پالنى باقتۇرىشنى مەخسەت قىلىدۇ. ماڭا  شۇ پالچىنىڭ گىپىگە ئوخشاش تۇيۇلۇپ قالدى بىلگغچى ئاللاھ
   بۇ تىمىنىڭ بېشىدا نايىتتى ياخشى سۆزلەر بولسىمۇ  لىكىن ئىنكاس يازغان كىشىلەر تىمىنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزۈپتۇ
بەزى دوسلەر تەپ تارىتماسدىن  ئايەتنىڭ ماناسىنى قەرىپ تولغاپ ئۈزىنىڭ قارىشىغا توغۇرلاپتۇ  مەزھەب تۇتۇش ۋاجىپ بولسا رەسۇللانىڭ ۋاختىدىكى ساھابە كىراملار بۇ ۋاجىبنى تەركى قىلغانمىدۇ. دەپ ئويلاپ قالدىم ئاللاھغا ئامانەت مەنمۇ بۇ پىتنىگە ئارلىشىپ قالدىم ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ گۈنايىنى كۈچۈرگەي  
[ بۇ يازمىنىoguzhan 2012-03-08 16:17قايتا تەھرىرلىدى ]
دەرىجە: چەكلەنگەن
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10144
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 51
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە51دانە
ئۆسۈش: 110 %
مۇنبەر پۇلى: 521 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-21
ئاخىرقى: 2012-04-30
21-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-08 16:04

ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى
[ بۇ يازمىنىmuratxah 2012-03-08 16:29قايتا تەھرىرلىد ]
دوستلىشىش
مەھلىيا
ئاللاھدىن شىھىتلىق مەرتىۋىسى بىرىشنى تىلەيمەن،
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10900
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 266
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە266دانە
ئۆسۈش: 1140 %
مۇنبەر پۇلى: 2935 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 270 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-22
ئاخىرقى: 2012-09-08
22-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-08 16:33

ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھى سالامنىڭ ياشىغان ۋاقتى تەخمىنەن بۇنىڭدىن ئون تۆت ئەسىر ئىلگىرى بولغان ئۇۋاقىتلاردا ھازىرقى دەۋىردە دەۋىر ئىھتىياجىغا ئاساسەن ياساسالغان بەزى نەرسىلەر تېخى ۋۇجۇدقا كەلمىگەن مەسىلەن كومپىيوتىر تىلفۇن ماشىنا دىگەندەك...... پەيغەمبەر ئەلەيھى سالام ۋاپات بولغاندىن كىيىن ئىسلام دىنى كېڭىيىپ نۇرغۇن يىڭى يىڭى ئۆرپ ئادىتى خىلمۇخىل كىشىلەر ئىسلام دىنىغا كىرىشكە باشلىغان شۇڭا ئۇلارنىڭ بەزى ئىشلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھى سالامنىڭ دەۋرىدىكى ئۆرپ ئادىتىگە ئوخشىمىغان شۇڭا مەزھەپ ئۆلىمالىرى زاماننىڭ ئۆزگىرىشى يىڭى نەرسىلەرنىڭ پەيدا بولىشى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھى سالامنىڭ ئىشلىرىدا قىياس قىلىپ ئىجمائ قىلىپ تۇرۇپ بەزى ئىشلاردا ئورتاقلاشقان ئۇلارنىڭ بۇ ئىشلىرى ھەرگىزمۇ قۇرئان ۋە سۈننەتتىن چەتنەپ كەتكەن ئەمەس، مەسىلەن ھازىرقى زاماندا كۆپ نەرسىلەر پەيدا بولدى ئۇ ۋاقىتلاردا سەپەرگە چىقسا ئات ئۇلاغ بىلەن چىقاتتى، ھازىر مەككە مۇكەررىمىگىمۇ بىر كىچە كۈندۈزدە بېرىپ بولىدۇ  زاماننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ خىلمۇ خىل نەرسىلەر پەيدا بولىدۇ شۇنڭغا ئەگىشىپ ھەم پەيغەمبەر ئەلەيھى سالامنىڭ ئىش ئىزلىرىغا قىياس قىلىنىپ بەزى ھۆكۈملەر ئىلىنىدۇ،  مەزھەپكە كەلسەك بۇنىڭ ھېچ خاتاسى يوق ھەممە ئۆلىما بىر نەرسىگە ئاساسلىنىپ ئاندىن يېڭى ھۆكۈم ئالىدۇ 
ھاياتىم ئۇنچىلا ئەرزىمەس ئەمەس،
جەڭ قىلىپ ئۆلۈشكەرازى بۇ يۈرەك.
ئالەمگە تارالسۇن شانۇ شۆھرىتىم،
مەنىسىز ياشىماق ماڭا نە كىرەك.
ئاللاھنىڭ قۇلى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1442
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 805
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە805دانە
ئۆسۈش: 730 %
مۇنبەر پۇلى: 8884 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-02
ئاخىرقى: 2012-08-29
23-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-08 17:03

مەزھەپ ئەسەبىيلىكى قىلماسلىق

ـ ئىجتىھاد قىلىش ۋە مەزھەپ ئەسەبىيلىكى قىلماسلىق

ئېنىقلىما:

بۇ ئېقىم، مۇئەييەن فىقھىي مەزھەپكە يېپىشىۋالماستىن، تۆت مەزھەب ۋە ئۇنىڭدىن باشقا دەلىلى كۈچلۈك بولغان مەزھەبلەردىن ھۆكۈم ئېلىشىقا چاقىرىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

قۇرۇلۇشى ۋە ئاساسلىق كىشىلىرى:

مۇئەييەن فىقھىي مەزھەبكە ئېسىلىۋالماسلىق، تەقلىدنى چۆرۈپ تاشلاش ۋە سالاھىيىتى توشقان كىشىلەرنىڭ قۇرئان ۋە سۈننەتتىن بىۋاسىتە ھۆكۈم ئېلىشى مەزھەبچىلىك ۋە تەقلىد قىلىشتىن ئىلگىرىكى ئىسلامىي مېتودتۇر. ئۇنىڭ ئاساسىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سالغان بولۇپ، فىقھىي مەزھەبنىڭ ئىماملىرىدىن باشقا دەسلەپكى ياخشى زامانلار دەپ تونۇلغان دەۋر ئەھلىمۇ بۇ يولدىن ماڭغان. ئەمما، كېيىنكى ئەسىرلەردە مەزھەبچىلىك ئەۋج ئېلىشى، تەقلىدنىڭ مەيدانغا كېلىشى ، مەزھەبلەرگە بولغان مۇتەئەسسىپلىكنىڭ ئەتراپنى قاپلىشى مۇسۇلمانلارنىڭ پارچىلىنىشى، كاپىرلارنىڭ ئىسلام ئەللىرىنى بېسىۋېلىشى، ئىجتىھاد بابىنىڭ تاقىلىشى، ئەگەشكەن ئىماملىرىنىڭ سۆزلىرىنى قۇرئان كەرىم ۋە سۈننەتنىڭ ئۈستىگە قويۇش، ئۇ ئىككىسىدىن پايدىلىنىشنى ئۇنتۇش قاتارلىقلارغا ئېلىپ باردى. مۇئەييەن مەزھەبكە ياردەم بېرىش ، بىر مەزھەبنىڭ ئىچىگە بۈكۈنىۋېلىش ، باشقا مەزھەبلەردىن قول ئۈزۈش قاتارلىق ئىشلار ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتتى. دوست - دۈشمەنلىك قارىشى مەزھەبكە بولغان تەۋەلىكىگە ئاساسەن بېكىتىلدى . ھەتتا قارشى مەزھەبتىكىلەر بىلەن قودىلاشماسلىق، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇماسلىق دېگەندەك ئىشلارمۇ مەيدانغا كەلدى. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييەنىڭ ئەلھافىز ئەززەھەبى تەرىپىدىن قىسقارتىلغان كىتابى "المنتقۈ من منھاج الاىتدال" غا يازغان ئىلاۋىسىدە ئۇستاز مۇھىببۇددين ئەلخەتىيبنىڭ بايان قىلغىنىغا ئاساسەن ئىراندىكى دۆلەتنىڭ شىئەلىشىشىگىمۇ مەزھەب مۇتەئەسسىپلىكى سەۋەب بولغانكەن. مەزكۇر كىتابنىڭ 18 ۋە 19 - بەتلىرىدە قىسقىچە مۇنداق دەيدۇ: خۇدابەندە ئىسىملىك ئىران شاھلىرىدىن بىرى ئەھلى سۈننەتتىن ئىدى، بىر كۈنى ئايالىغا غەزەپلىنىپ ئۇنى ئۈچ تالاق قىلغان. كېيىن ئۇنى نىكاھىغا قايتۇرۇۋېلىشنى كۆڭلىگە پۈككەن. ئۇنىڭغا ئەھلى سۈننەتنىڭ فىقھىي ئالىملىرى ئۇ ئايال باشقا بىر ئەر بىلەن نىكاھلىنىپ، ئاجراشمىغۇچە ساڭا يول يوق، دەپ جاۋاب بەرگەن. پادىشاھ بۇ پەتىۋا ئېغىر كەلگەن. ئۇ ئاخىرى شىئەلەرنىڭ فىقھىي ئالىملىرىدىن بىرى سانىلىدىغان ئىبنى ئەلمۇتەھھىردىن پەتىۋا سورىغان. ئۇ شەرتلىرى ھازىر بولمىغان بولغاچقا تالاقنىڭ چۈشمىگەنلىكى ۋە ئايالىنى قايتۇرۇۋېلىشقا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا پەتىۋا بەرگەن. پادىشاھ بۇ پەتىۋادىن سۆيۈنگەن ۋە ئىبنى ئەلمۇتەھھىرنى ئۆز يېنىغا تارتقان. بۇ ئىشنىڭ تەسىرى پادىشاھ ۋە خەلقىنىڭ ئۇنى تەقلىد قىلىپ شىئە بولۇپ كېتىشىگە ئېلىپ بارغان.

بۇ ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى شەرتلىرى ئاساسىدا ئىجتىھاد بابىنى ئېچىپ سەلەپلەرنىڭ فىقھىي مېتودىدىكى ئاساسنى يېڭىلاش، مەزھەبلەر ۋە مۇئەييەن كىشىلەرگە مۇتەئەسسىپلىك قىلماسلىق، قۇرئان ۋە سۈننەتتىن ئېلىنغان دەلىللەرگە تايىنىشقا چاقىرىدىغانلار ئوتتۇرىغا چىققان. بۇنىڭغا چاقىرغانلارنىڭ ئەڭ مەشھۇرلىرى:

� ئەللامە ئىبنى ھەزم؛ تولۇق ئىسمى: ئەلىي ئىبنى ئەھمەد ئىبنى سەئىيد ئىبنى ھەزم بولۇپ، ئەبۇ مۇھەممەد دەپ چاقىرىلاتتى، ئەمما ئىبنى ھەزم نامى بىلەن شۆھرەت قازانغان. ئۇ، ھىجرىيە 384 - يىلى رامىزان ئېيىدا ئىسپانىيەنىڭ قۇرتۇبە رايونىدا دۇنياغا كەلگەن.

ئۇ ئىززەت - ھۆرمەتكە سازاۋەر، جەمئىيەتتە ئورنى بار، پۇلدار بىر ئائىلىدە ئۆسۈپ يېتىلدى. ئۇنىڭ دادىسى ئىسپانىيەدىكى بەنى ئۇمەييە ئەمىرلىرىنىڭ بەزىلىرىگە ۋەزىرلىك قىلاتتى. ئۇ كىچىكىدىنلا ئىلىمگە بېرىلگەن . ئۇ دەسلەپتە ئىسپانىيەدە كەڭ تارقالغان ۋە شۇ چاغدىكى دۆلەتنىڭ رەسمىي مەزھىپى بولغان مالىكىي مەزھىبىنى ئۆگىنىشكە كىرىشكەن. ئىبنى ھەزم ئىمام مالىكنى تەنقىد قىلىدىغانلارنىڭ سۆزلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ۋە شافىئىي مەزھىبىگە يۆتكەلگەن، شۇنىڭ بىلەن ئىبنى ھەزمدا كۆرۈلگەن تەنقىد روھى ۋە پىكرى ئەركىنلىك شافىئيىنىڭ كىتابلىرىدىكى رىۋايەتلەر بىلەن ئۇچراشقان.

ـ ئىبنى ھەزم شافىئىي مەزھىبىنى ئۆگىنىپ، ئۇنىڭدىكى نەسلەرنى قاتتىق چىڭ تۇتۇش، فىقھىنى نەس ياكى نەسنىڭ مەنىسى دەپ قاراش روھى ئۇنى ھەيران قالدۇرغان. ئۇنى يەنە ئىمام شافىئىينىڭ ئىستىھسان ۋە مەسالىھ ئەلمۇرسەلەنى چىقىش قىلىپ پەتىۋا بەرگەنلەرگە قىلغان ھۇجۇمىنىڭ قاتتىقلىقىمۇ ئەجەبلەندۈرگەن.

ـ ئۇ شافىئىي مەزھىپىدە بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن، شافىئىينىڭ تالىپى ۋە زاھىرىي مەزھىبىنىڭ شەيخى داۋۇد ئەلئىسفەھانىنىڭ پەقەت نەسلەرنىلا تۇتۇپ مېڭىش چاقىرىقىغا ئائىت قاراشلىرىنى توغرا تاپقان ۋە بۇ قاراشقا كۆڭۈل بۆلگەن؛ چۈنكى بۇ مەشھۇر مەزھەبلەرنىڭ بىرىگە باغلىنىپ قالمايتتى.

ـ ئىبنى ھەزم ئۆز يۈرتى ۋە سىرتلاردىن بولۇپ، شەيخ ئەھمەد ئىبنى ئەلجۇسۇر، شەيخ ئەبۇلھۇسەين ئەلفارىسى، ئەبۇ بەكىر ئىبنى ئىسھاق، ئابدۇللاھ ئىبنى يەھيا، ئەبۇلقاسىم ئەلئەزدى، ئابدۇللاھ ئىبنى دەھھۇن قاتارلىق نۇرغۇن ئىلىم ئەھلىلىرىدىن تەلىم ئالغان. ئۇ زامانداشلىرىدىن ئەللامە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلبىر بىلەن ئۇچراشقان .

ـ "نفچ الطيب" ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى مۇنداق دېگەن: "سائىدنىڭ دېيىشىچە : ئىبنى ھەزم قۇرتۇبىلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئسىلام ئىلىملىرىگە توپلىغان، مەرىپەت دائىرىسىنى كېڭەيتكەن ۋە ئۇلارنىڭ تىلشۇناسلىق، بالاغەت، ئەدەبىيات، تەرجىمىھال ۋە ئەخبار قاتارلىقلاردىمۇ تونۇشىنى بېيىتقان." زەھەبى ئۇنىڭ ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئۇ ئەقىلدە، ئۆتكۈرلۈكتە ۋە قۇرئان، سۈننەت، مەزھەب ۋە ئەلمىلەل ۋە ئەننىھەل[1] ، ئەرەب تىلى، لوگىكىغا ئائىت ئىلىملەردە، سەمىمىيەت، دىيانەت، ئىپپەتكە ئائىت شېئىر، ئىززەت - ھۆرمەت ۋە كىتابلىرىنىڭ كۆپلىدە ۋايىغا يەتكەن ئىدى." يەنە ئۇنىڭ ھەققىدە ئابدۇلۋاھىد ئۆزىنىڭ "المىجب" ناملىق كىتابىدا مۇنداق يازىدۇ: "ئىسپانىيە ئۆلىمالىرىدىن بىر قانچە كىشىنىڭ ماڭا دېيىشىچە، ئىبنى ھەزمنىڭ فىقھىي، ھەدىس، ئۇسۇل، ئەننىھەل ۋەلمىلەل، تارىخ، نەسەب، ئەدەبىيات قاتارلىق تېمىلاردا يازغان كىتابلىرى تۆت يۈز جىلدقا يەتكەن بولۇپ، سەكسەن مىڭغا يېقىن بەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن."

ـ ئىبنى ھەزم تەقلىدچىلىكنى ھارام دەپ قارايدىغان زاھىرى مەزھىبىنى تاللىغان؛ چۈنكى ئۇ، پەقەت قۇرئان، سۈننەت ۋە ئىجمائنىلا ياقلايدىغان مەزھەب ئىدى.

ـ ئىبنى ھەزم "النبۇ" دە "تەقلىد قىلىش ھارام، ھېچكىمگە بىرسىنىڭ سۆزىنى پاكىتسىز قوبۇل قىلىش ھالال ئەمەس، بۇ مەسىلىدە ئالىممۇ نادانمۇ ئوخشاش" دەيدۇ.

ـ ئىبنى يەنە بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ "تولىمۇ ھەيران قالارلىق، ئىسپانىيەدە تۇرىدىغان بىر ئوقۇمىغان ئادەم مالىكقا ئەگەشسە، يەمەندە شافىئىيغا، خۇراساندا ئەبۇ ھەنىيفەگە تەقلىد قىلسا، ئۇلارنىڭ پەتىۋالىرى بىر - بىرىگە زىت تۇرسا، بۇمۇ ئاللاھنىڭ دىنىمۇ؟ ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئاللاھ تائالا بىزنى بۇنداق قىلىشقا قەتئىي بۇيرىمىغان. بەلكى دىن بىر ۋە ئاللاھنىڭ ھۆكمى بىردۇر."

ئىبنى ھەزمنىڭ ئوقۇمىغان ئادەم ئۈچۈن تەقلىد قىلىشنى چەكلىشى، ئۇنىڭمۇ دىنىنىڭ ئەھكاملىرىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ھەممە ئىشىنى تاشلىشى كېرەك، دېگەننى مەقسەت قىلمايدۇ. چۈنكى بۇنداق قىلىش تىرىكچىلىككە ئائىت مەنپەئەتلەرنى كاردىن چىقىرىدۇ. چەكلەنگىنى پەقەت ئىككى ئىشتۇر:

1 - بىر ئىمامنىڭ شەخسىيىتىگە تەقلىد قىلىش، يەنى بۇ ئىمامغا تەقلىد قىلىشنىڭ مەنىسى ئۇنىڭ مەزھىپىگە بۇ ئاللاھنىڭ شەرىئىتى دەپ ئەگىشىش. بۇ ھەقىقەتكە ئويغۇن كەلمەيدۇ.

2 - ئوقۇمىغان، بىلمىگەن بىر كىشىنىڭ باشقىلاردىن قۇرئان ۋە سۈننەتكە تايانمىغان ياكى ئۇنىڭ فىقھىشۇناسى مانا بۇ ئاللاھنىڭ ھۆكمى دەپ داۋا قىلغان پەتىۋالارنى قوبۇل قىلىشى.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئىبنى ھەزم ئوقۇمىغان بىر كىشىگە مۇپتى پەتىۋا بەرگەندە "ئاللاھنىڭ ھۆكمى ياكى پەيغەمبەرنىڭ ھۆكمى مۇشۇنداقمۇ؟" دەپ سورىشىنى ۋاجىپ دەپ قارىغان. ئەگەر مۇپتى "ھەئە، شۇنداق" دەپ جاۋاب بەرسە، ئوقۇمىغان ئادەمنىڭ ئۇنى قوبۇل قىلىشى زۆرۈر. ئەگەر مۇپتى "ياق" دېسە، ياكى جىمجىت تۇرۇۋالسا ۋە ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن باشقا بىر ئادەمنىڭ سۆزىنى بايان قىلىپ بەرسە، ئۇ چاغدا بۇ ئوقۇمىغان، بىلمىگەن كىشىنىگە ئۇنى باشقىلاردىن سورىشى ۋاجىپ بولىدۇ. مانا ئىلىم باسقۇچلىرىدىكى پەيدىن پەيلىككە ئۇيغۇن .

ـ ئىبنى ھەزم تەقلىد قىلىشنىڭ ھاراملىقىغا قۇرئاندىن دەلىللەرنى كەلتۈرىدۇ . ئۇلارنىڭ ئىچىدە، ئاللاھ تائالانىڭ "(ئى ئىنسانلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ئەگىشىڭلار، اللھ نى قويۇپ، (جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان، سىلەرنى ئازدۇرىدىغان) دوستلارغا ئەگەشمەڭلار"[2] ۋە "ئەگەر سىلەر بىر شەيئىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار، بۇ توغرىدا اللھ غا ۋە پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىڭلار"[3] دېگەن سۆزلىرى باردۇر.

ـ ئىبنى ھەزمنىڭ نەزىرىدە ئۇسۇل (ئاساس) قۇرئان، سۈننەت، ئىجمائ ۋە دەلىلدىن ئىبارەت،

تۆتتۇر: ئىبنى ھەزمنىڭ نەزىرىدىكى تۆتىنچى ئاساس دەلىلدىن ئۇ، باشقا ئۇسۇللاردىن ئېلىنغان مەنا تەتبىقلىنىدىغان مەسىلىدىكى ھۆكۈمنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئۇ مەسىلە ئىجمائ ياكى نەستىن ئېلىنغان بولىدۇ. ئەمما ئۇ، نەستىن سەۋەبنى چىقىرىش، ئاندىن نەسنىڭ ھۆكمىنى سەۋەب ئەمەلىيلىشىدىغان بارلىق مەسىلىلەرگە بېرىشنى ئاساس قىلغان قىياسقا قارشى تۇرىدۇ. ئىبنى ھەزم ھىجرىيەنىڭ 456 ـيىلى شەئبان ئېيىدا يەتمىش ئىككى يىلغا يېقىنلاشقان ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئىسپانىيەنىدىكى يېزىسى مىيت لىشيمدا ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ داڭلىق ئەسەرلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: "الإچكام في ۆپول الۆچكام"، "الإيپال إلۈ فھم الخپال"، "الجامىە لمچپل شراېى الإسلام في الواجب والچلال والچرام والسنە الإجماى"، "المچلۈ بالژڭار"، "مداواە النفوس"، "المغرب في تاريخ المغرب"، "الفپل بين ۆھل الۆھواء والنچل"، "الالتباس فيمابين ۆپچاب الئاھرە و ۆپچاب القياس" ۋە باشقىلار.

� ئەھمەد ئىبنى ئابدۇلھەلىيم ئىبنى ئابدۇسسالام ئىبنى تەيمىييە، شەيخۇل ئىسلام، شامنىڭ ھىران رايونىدا ئىلىمگە باغلىنىشلىق ۋە ئۇنى سۆيىدىغان بىر ئائىلىدە 661ھـ دۇنياغا كەلگەن. دادىسى شىھابۇددين ئابدۇلھەلىيم ئىبنى ئابدۇسسالام ھەنبەلىيلەرنىڭ ئاساسلىق كىشىلىرىدىن سانىلىدۇ. چوڭ دادىسى شەيخۇل ئىسلام مەجدۇددين ئەبۇ ئەلبەركات ئابدۇسسالام ئىبنى ئابدۇللاھ كۆزگە كۆرۈنگەن ھافىزلارنىڭ بىرى بولۇپ، فىقھىدا، تەپسىردە، ئوقۇشتا ۋە گرامماتىكىدا ئەلگە تونۇلغان كىشى ئىدى.

ـ شەيخۇل ئىسلام ئەھمەد ئىبنى تەيمىييەنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى، مەتىنلىرىنى يادلاش ۋە ئۇنىڭدىن ھۆكۈم چىقىرىشتىكى ئىنچىكىلىگى بىلەن بىرگە رىۋايەت قىلغۇچىلىرىنىڭ ئەھۋاللىرى بىلىشتە تولۇق تەجرىبىسى بار ئىدى. بۇ خۇسۇستا ئىبنى ئەلۋەردى مۇنداق دەيدۇ: "ئىبنى تەيمىييە بىلمەيدىغان ھەرقانداق ھەدىس ھەدىس ئەمەس. ھەممىنى بىلىش ئاللاھقا خاستۇر، بىراق باشقا ئىماملار كۆلدىن كەچكەن بولسا، ئۇ دېڭىزدىن كەچكەن."

ـ ھافىز ئەززەھەبىي ئۇنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: "ئىلىم - مەرىپەت، جاسارەت ۋە زېرەكلىك ، ئاللاھنىڭ يولىدا ئاقارتىش ئېلىپ بېرىش، ئۈممەت ئۈچۈن نەسىھەت ۋە ھۆرمەت، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆز ئەسرىنىڭ يېگانە كىشىسى ئىدى... كىشىلەر فىقھىنى بىلىش ئۈچۈن جان تالىشىۋاتاتتى، مەزھەبلەر، ساھابىلەر ۋە تابىئىنلارنىڭ پەتىۋالىرىدا ئوخشىماسلىقلار بار ئىدى، ئەمما ئۇ پەتىۋا بەرگەندە مۇئەييەن مەزھەبكە تايىنىۋالماي، قارىشىدىكى توغرا دەلىلنى ئوتتۇرىغا قوياتتى."

ـ ئۇ – ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن - پەتىۋالىرىدا ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇشتا مۇئەييەن مەزھەبكە ئەگىشىشنىڭ ۋاجىپلىقىنى يوققا چىقىرىپ، ئىجتىھاد قىلىشقا سالاھىيىتى توشىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئىجتىھاد بابىنى ئېچىۋېتىشقا چاقىراتتى. بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن باشقا كىشىگە توغرا كەلمەيدىغان مەرتىۋە ئىدى، ئۆلىمالار توپى ئىچىدىكى ئىلىمگە تەۋە تەقلىدچىلەرمۇ ئىبنى ئابدۇلبەر رىۋايەت قىلغان سەئىي ئىبنى ئەبى ئۇرۇبەنىڭ "ئىختىلاپقا قۇلاق سالمىغانلارنى ئالىم ھېسابلىماڭلار" دېگەن سۆزىنىمۇ ئېتىبارغا ئېلىشمىدى.

ـ شەيخۇل ئىسلام (ئىبنى تەيمىييە - ت) ھەقىقەتكە ياردەم بېرىش ، باتىلنى چەيلەپ - يەنجىش يولىدا قولى ۋە قىلىچى، قەلىمى ۋە تىلى ئارقىلىق شۇنداق جىھاد قىلغانكى، ئېغىر كۈن ۋە ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلەر ئۇنى جىھادتىن توسۇپ قالالمىغان. ھەقىقەتكە قوللاش يولىدا، تاتارلارغا، ئىسلام شەرىئىتىدىن چىقىپ كەتكەنلەرگە قارشى تۇرغاندەك، پىرقە، ھاۋايى - ھەۋەس ۋە پەيلاسوپلار ، كالامچىلار، تەسەۋۋۇپچىلار، مەزھەب مۇتەئەسسىپلىرى ۋە باشقىلاردىن تەركىب تاپقان گۇرۇھلارغا قارشى تۇرغان. بۇ ئىشلار ئۇنىڭ بىر قانچە قېتىم تۈرمىگە تاشلىنىشىغا سەۋەب بولغان. ئۇنىڭ شوئارى مۇنداق ئىدى: "دۈشمەنلىرىم ماڭا زىيان سالالمايدۇ، مېنىڭ جەننىتىم ۋە بوستانىم قەلبىمدىدۇر، نەگىلا باراي، ئۇ ھامان مەن بىلەن بىرگە، مېنى قاماپ قويۇشسا، مەھبۇسلىقىم خالىلىقىم، يۇرتۇمدىن چىقىرىۋېتىشسە بۇ مېنىڭ ساياھىتىم، ئەگەر مېنى ئۆلتۈرۈشسە ئۆلۈمۈم شاھادىتىمدۇر."

ـ شەيخۇل ئىسلامنىڭ دەۋرداشلىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائە ۋە سەلەپ  ـ سالىھلارنىڭ يولىنى تۇتۇپ كەلگەن كىشىلەرگە ناھايىتى زور تەسىرى بولغان ئىدى. ئۇنىڭ مەشھۇر تالىپلىرىدىن ئىمام ئىبنى قەييۇم ئەلجەۋزىييە، مۇپەسسىر ھافىز ئىبنى كەسىر ۋە ھافىز شەمسىددىن ئەززەھەبىلەرنى ساناش مۇمكىن. ئۇ (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) نەزەر دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى ، پەتىۋانىڭ ئوقى ئەتراپلىرىدا ئايلىنىدىغان فىقھىي ئىماملارنىڭ سۆزلىرىنى قانچىلىك بىلىدىغانلىقى، سەھىھ دەلىللەرنى قاتتىق چىڭ تۇتۇپ، ئۇنى باشقا ھەر كىمنىڭ سۆزىدىن يۇقىرى قويىدىغانلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىدىغان بىر ئىلمىي بايلىقنى ئارقىسىدا قالدۇرۇپ، ھىجرىيەنىڭ 728 - يىلى تۈرمىدە ۋاپات بولغان. بۇلارنىڭ مەشھۇرلىرى "مجموى الفتاوۈ"، "درء تىارگ الىقل والنقل"، "نقگ المنطق" ۋە "منھاج السنە النبويە في الرد ىلۈ الرافگە والقدريە" ناملىق كىتابلىرىدۇر.

� ئىبنى قەييۇم ئەلجەۋزىييە؛ تولۇق ئىسمى: مۇھەممەد ئىبنى ئەبى بەكىر ئىبنى ئەييۇب ئىبنى سەئد... ئەبۇ ئابدۇللاھ شەمسىددىن ئەززەرئىي ئەددەمەشقىي بولۇپ، ئىبنى قەييۇم ئەلجەۋزىييە نامى بىلەن تونۇلغان. ھىجرىيە 691 - يىلى سەپەر ئېيىنىڭ يەتتىنچى كۈنى دۇنياغا كەلگەن، ئىلىملىك ۋە دىندار بىر ئائىلىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن. ئاتىسى جەۋزىييە مەدرىسىسىنىڭ مەسئۇللىقىنى ئۈستىگە ئالغان، توغرا - دۇرۇسلۇقى بىلەن تونۇلغان كىشى ئىدى.

ـ ئىبنى قەييۇم دادىسىنىڭ قولىدا ئوقۇپ، ئۇنىڭدىن مىراس ئىلمىنى ۋە شۇ دەۋردىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىملاردا ھەممە پەنلەر بويىچە ئىلىم ئىگەللىگەن. ئۇ ئەڭ كۆپ تەسىرىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ بىرى شەيخۇل ئىسلام تەقىييۇددين ئىبنى تەيمىييە ئىدى. ئۇنىڭ دەرسلىرىدە مەتىن ئوقۇپ بەرگەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئون بەش يىل بىرگە يۈرگەن. ئۇنىڭدىن قۇرئان، سۈننەت، تەپسىر، ھەدىس، فىقھىي، ئىلمى كالام ۋە مىراس ئىلىملىرىنى ئۆگەنگەن. ئۇ - ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن - كۆپ ئىبادەت قىلىدىغان، دۇنياغا بېرەلمەيدىغان ، ھارامدىن قورقىدىغان، ئىستىغپار ۋە زىكىرنى كۆپ ئېيتىدىغان كىشى ئىدى. بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ناماز قىلغان ئورنىدا ئاللاھنى زىكىر قىلىپ ئولتۇراتتى ـدە، كۈندۈزمۇ خېلى بىر يەرلەرگە بېرىپ قالاتتى. ئۇ مۇنداق دېگەن: "بۇ مېنىڭ ئەتىگەنلىكىم ، ئەگەر ئۇنىڭغا ئولتۇرمىسام موسكۇللىرىم ئاجىزلاپ كىتىدۇ". ئۇ ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسقانلىقى ۋە ھەقنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىىكى جاسارىتى سەۋەبىدىن بىر قانچە قېتىم تۈرمىگە تاشلانغان.

ـ ئۇنىڭ توغرىسىدا ئىمام شەۋكانى مۇنداق دېگەن: "ھەممە ئىلىمدە يىتىشكەن، تەڭتۇشلىرىدىن ئېشىپ كىتىپ، شۆھرىتى ئوپۇققىچە تارقالغان، سەلەپلەرنىڭ مەزھەبلىرىنى بىلىشتە بىر دېڭىزغا ئايلانغان... چۈشەنچىلەر سۆزىگە ئاشىق، زىھىنلەر مايىل ۋە قەلبلەر ئۇنى سۆيگۈدەك دەرىجىدە، ئۇنىڭ ئارتۇق جايلارنى بىر تەرەپ قىلىش ماھىرلىقى، كۆپىنچە يازغۇچىلارنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان گۈزەل سىياقى بار ئىدى. ئۇ كۆپىنچە ھاللاردا دەلىلسىز گەپ قىلمايتتى. نادىر ئەھۋاللاردا ئۆزى تەربىيلەنگەن مەزھەبكە مايىل بولۇپ قالاتتى... ئىزدىنىشلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە ئوتتۇرا ھال ئىدى. مايىل بولغان تەرەپلىرىگە ھامان دەلىل بىلەن بىرگە مايىل بولاتتى... "

ـ مەككە مۇكەررەمە تۇرغان، مىسىرغا بىر قانچە قېتىم سەپەر قىلغان ۋە سەپەرلىرى جەريانىدا ئىلمىنىڭ كۆپلىكى، كۆرگەنلىرىنىڭ بىپايانلىقى ۋە ئەستە تۇتۇشىنىڭ كۈچلۈكلىكىگە ئىشارە قىلىدىغان نۇرغۇن كىتابلارنى يازغان. بۇ كىتابلار : "كتاب مفتاچ دار السىادە ومنشور ولايە دار الىلم والإرادە"، "روگە المچبين ونزھە المشتاقين"، "زاد المىاد في ھدي خير الىباد"، "بداېى الفواېد"، "تھۇيب سنن ۆبي داود" ۋە باشقىلار.

ـ ئۇ - ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن - ئىسلام كۈتۈبخانىلىرىغا تەسىر كۆرسەتكۈدەك دەرىجىدە ئىلمىي بايلىقلارنى قالدۇرۇپ، ھىجرىيە 751 - يىلى، رەجەب ئېيىنىڭ ئون ئۈچىنچى كۈنى ۋاپات بولغان. بۇ كىتابلارنىڭ مەشھۇرلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: "شفاء الىليل في مساېل القگاء والقدر والتنزيل"، "إىلام الموقىين ىن رب الىالمين"، "طريق الھجرتين" ۋە "الپواېق المرسلە ىلۈ الجھميە والمىطلە"

� ئىمام ئەللامە مۇھەممەد ئىبنى ئەلىي ئەششەۋكانىي ئەسسەنئانىي، ھىجرىيە 1173 ـيىلى زۇلقەئدە ئېيىدا يەمەندىكى خولان قەبىلىلىرىنىڭ بىرى بولغان سەھامىييە يېزىلىرىنىڭ بىرى، ھىجرەت شەۋكان دېگەن جايدا دۇنياغا كەلگەن. سەنئادا ئۆسۈپ يېتىلگەن ۋە ئۇ يەرنىڭ ئەللامە ئەلقاسىم ئىبنى يەھيا ئەلخۇلانىي، شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى ئىسمائىل ئەننەھمىي، ئەلھەسەن ئىبنى ئەلمەغرىبىي ۋە باشقىلارغا ئوخشاش ئۆلىما ۋە شەيخلىرىدىن تەلىم ئالغان. ئۇ، تەپسىر، ھەدىس، فىقھىي، ئۇسۇل، تارىخ، گىرامماتىكا، ئەدەبىيات ۋە لوگىكىلاردا يىتىشكەن. ئىمام شەۋكانى ئىمام زەيدنىڭ مەزھىبىدە فىقھىي ئۈگەنگەن. كېيىن، تەقلىدنى تاشلاپ، ئىجتىھادقا ئائىت قاراشلىرىنى تارقاتقان. ئۇ "السيل الجرار المتدفق ىلۈ چداېق الۆزھار" ناملىق كىتابىنى يېزىپ، ئۇسۇل ۋە قوشۇمچە مەسىلىلەردىكى ئۆز دەۋرىنىڭ تەقلىدچىلىرىنى ئۇنىڭغا ئەگىشىشكە چاقىرغان. ئۇ يەنە "شرچ الۆزھار الۇي ھو فقھ ۆھل بيت المختار" ناملىق كىتابىنى يېزىپ، ئۇنىڭدا تەقلىد قىلىشنىڭ ھاراملىقىغا ئائىت دەلىللەرنى ئىزاھلىغان ۋە تەقىلد قىلىشتىن قاچقان. ئۇ، قازىلىق ۋەزىپىسى ئۆتىگەن. ھەدىس شەرىفنى چۈشنىشكە ئائىت "نيل الۆوطار"، تارىخقا ئائىت "إرشاد الفچول إلۈ تچقيق ىلم الۆپول" ۋە "البدر الطالى بمچاسن من بىد القرن السابى"، تەپسىر ئىلمىگە ئائىت "فتچ القدير"، مەۋزۇئ ھەدىسلەر ئىلمىگە ئائىت "الفواېد المجموىە"، تەۋھىدكە ئائىت "الدر النگيد" ۋە باشقا نۇرغۇن كىتابلارنى مىراس قالدۇرۇپ، ھىجرىيە 1250 ـيىلى، جەمادىيەلئاخىر ئېيىدا سەنئادا ۋاپات بولغان.

� ئەللامە، ھەدىسشۇناس ئەھمەد شاكىر ئەبۇ ئەلئەشبال؛تولۇق ئىسمى: ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد شاكىر ئىبنى ئەھمەددۇر. ئۇ ئەبى ئەليائ ئائىلىسىدىن بولۇپ، نەسىبى ئەلھۇسەين ئىبنى ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇماغىچە تۇتىشىدۇ. ئۇنىڭغا دادىسى ئىماملارنىڭ قوياشى، ئەبۇ ئەلئەشبال، دەپ لەقەم قويۇپ قويغان. ئۇ ھىجرىيە 1309 - يىلى جەمادىئ ئەلئاخىر ئېيىنىڭ 29 - كۈنى قاھىرىدە دۇنياغا كەلگەن.(مىلادى 1892 - يىلى، 29 يانۋار)

ـ ئۇ - ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن - مەرىپەتپەرۋەر بىر ئائىلىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن، دادىسى شەيخ مۇھەممەد شاكىر ئەزھەرنىڭ پەتىۋا ئىشلىرىنىڭ مەسئۇلى ۋە ۋەكىلى، سۇدان قازىلىرىنىڭ قازىسى، ئىسكەندەرىييە ئۆلىمالىرىنىڭ شەيخى ئىدى. ئۇ سەبىلىك ۋە ياشلىق چاغلىرىدىن باشلاپلا ئىلىم تەلەب قىلىشقا بەكلا تىرىشقان، شېئىر ۋە ئەدەبىيات ئوقۇغان، ئۇ يىگىرمە ياشقا توشماي تۇرۇپلا ھەدىس ئىلىملىرى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك پەنلەرنى ئۈگەنگەن. بۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئىلىم تەلەب قىلىشتا تەدرىجى ھالدا بىر قانچە ئىلىم ئەھلىگە يۆتكەلگەن. ئۇلارنىڭ ئاساسلىقلىرى دادىسى، شەيخ ئابدۇسسالام ئەلفەقي، شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى ئىدرىيس ئەسسەنۇسىي، شەيخ ئەھمەد ئىبنى ئەششەمس ئەششەنقېيتى، شەيخ شاكىر ئەلئىراقىي، شەيخ جامالۇددين ئەلقاسىمىي، شەيخ مۇھەممەد رەشىيد رىزا، شەيخ تاھىر ئەلجەزائىرىي ۋە باشقىلاردىن ئىبارەت.

ـ ئۇ ئەزھەردە ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن، بەزى مەكتەبلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، كېيىن مەھكىمە خىزمەتچىلىكىگە، ئارقىدىن قازىلىققا ۋە ئالىي سوتنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن. ئۇ تاكى 1951 - يىلى پېنسىيىگە چىققانغا قەدەر ئاخىرقى سوتنىڭ مۇتەۋەللىسى بولۇپ ئىشلىگەن. بۇنىڭدىن باشقا ئۇ مىسىردىكى سۈننەتى مۇھەممەدىييە ئەنسارلىرى جامائىتىگە قاراشلىق ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىملار ھەيئىتىنىڭ بىر ئەزاسى ئىدى.

ـ ئۇنى دوستى ئەللامە مۇھەممەد ھامىد ئەلفەقي مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: "سۈننەت كىتابلىرىنى جانلاندۇرۇشتا رەھمەت ئېيتىشقا تىگىشلىك دەرىجىدە ھەسسە قوشتى. نۇرغۇن كىتابلىرىنى ئىلمىي ۋە ناھايىتى ياخشى نەشىر قىلدۇردى. "المسند للإمام ۆچمد بن چنبل" ناملىق كىتاب نەشىر قىلىنىپ، ئۇنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنى بېسىپ چۈشتى."

ـ ئۇنىڭ ئىلمىي مېتودى ساغلام ئىلىم، يەنى سەلەپ  ـ سالىھلار ۋە كېيىنكىلەردىن بىرەر قاراش ياكى ھاۋايى - ھەۋەسكە مۇتەئەسسىپلىك قىلمىغان، تەقلىد يولىدا چىڭ تۇرىۋالمىغان توغرا دەلىلگە تايىنىدىغان كىشىلەرنىڭ تۇتقان ئۇسۇلى بۇيىچە چۈشىنىلگەن قۇرئان ۋە سۈننەت ئاساسىغا قورۇلغان.

ـ ئۇنىڭ يازغان ۋە تەھقىقلىغان ئەسەرلىرى ئەللىك پارچىغا يېقىنلاشقان. شۆھرەت قازانغانلىرى: "شرچ المسند" ۋە ئىبنى كەسىرنىڭ تەپسىرىنى قىسقارتىپ يازغان "ىمدە التفسير" قاتارلىق كىتابلىرىدۇر. ئەبۇ ئەلئەشبال - ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن - بۇ ئىككى كىتابىنى تاماملاشقا ئۈلگۈرمەيلا ھىجرىيە 1377 ـيىلى، زىلقېئدە ئېيىنىڭ 26 ـكۈنى (شەنبە) ۋاپات قىلدى.(مىلادى 1958 ـيىلى، 14 - ئىيون).

ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ گەۋدىلىك كىشىلىرى:

� ئەللامە ئەششەنقىيتى مۇھەممەد ئەلئەمىين ئىبنى مۇھەممەد ئەلمۇختار ئىبنى ئابدۇلقادىر ئىبنى يەئقۇب ئىبنى جاكىن ئەلئەمىير (ھىميەرگە تەۋە ئەلجىكنىييىن نامى بىلەن تونۇلغان مەشھۇر قەبىلىنىڭ چوڭ ئاتىسى) دۇر. ئۇ ھىجرىيە 1335 ـيىلى ھازىرقى مورىتانىيەنىڭ كىيگا ئىشچىلار ئويۇشمىسىغا قاراشلىق تەنبىھ رايۇنىدىكى خوش پىئىل، ئىلىمنى سۈيىدىغان، ئۆلىمالارنى ھۆرمەتلەيدىغان بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ كىچىڭ چېغىدىلا دادىسى ۋاپات بولۇپ كېتىپ، تاغىسىنىڭ تەربىيىسىگە ئۆتكەن. ئۇ تاغىسىنىڭ ئۆيىدە قۇرئان كەرىمنى يادلاش، ئەدەبىيات، گىرامماتىكا قائىدىلىرى، ئەرەبلەرنىڭ نەسىبى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمالىغا ئوخشىغان تۈنجى باسقۇچ ئىلمىنى ئىگەللىگەن. ئون ئالتە ياشقا كىرگەن چېغىدا ۋەرش ۋە قالۇننىڭ رىۋايەتلىرىنى چىقىش قىلغان ئىككى خىل قىرائەتنى ياخشى ئىگەللىگەن. بۇنىڭدىن كېيىن ئىلىم ئىگەللەشتە ئۆز يۇرتىنىڭ ئەخرەم نامى بىلەن تونۇلغان شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ، ئەللامە ئەھمەد ئىبنى ئۆمەر ۋە باشقىلارغا ئوخشىغان مەشھۇر ئۆلىمالىرىنىڭ قېشىغا بارغان. كېيىنچە دەرس ئۆتۈش ۋە پەتىۋا بىرىش ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئالغان، ھۆكۈم چىقىرىش، ئەقىل - پاراسىتى بىلەن شۆھرەت قازانغان ۋە يۇرتىنىڭ ئۆلىما ۋە خەلقلىرىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن.

ـ ھەج قىلىپ قايتىش نىيىتى بىلەن سەئۇدى دىيارىغا كەلگەن. ھەج سەپىرى جەريانىدا ئەمر خالىد ئەسسىدەيرىي بىلەن ئۇچىراشقان. سىدەيرىي ئۇنىڭ ئىلىم دائىرىسنىڭ كەڭلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن، يۇرتىغا قايتىش پىكرىدىن توسقان ۋە شەيخ ئابدۇللاھ ئەززاھىم، شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى سالىھتىن ئىبارەت ئىككى شەيخ بىلەن ئۇچرىشىشىنى تەۋسىيە قىلغان. نەتىجىدە ئۇ پادىشانىڭ ئابدۇلئەزىز –ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن - نىڭ تەكلىۋىگە بىنائەن مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە ئاللاھنىڭ كىتابىنى تەپىسىر قىلىپ بىرىش ئۈچۈن قېلىپ قالغان.

ـ شەيخنىڭ تەپسىر قىلىشتا ئۆزىگە خاس بىر خىل فىقھىي مېتودى بولۇپ، ئالىملارنىڭ سۆزلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، دەلىلنىڭ تەقەززاسىغا ئاساسەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرىنى مۇئەييەن مەزھەبكە بېقىنمىغان ھالدا كۈچلەندۈرەتتى.

ـ شەيخ ئىلمىي ئېنىستىتوتلارنى قۇرۇش، ساغلام ئەقىدە، دۇرۇس ئىلىملەر ئارقىلىق يېڭى بىر ئەۋلاد تەربىيلەپ چىقىش ئىشىلىرىغا قاتنىشىش مەقسىدىدە رىيادقا يۆتكىلىپ كەلگەن. شۇنىڭدەك مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىكى ئىسلام ئۇنۋېرسىتىتىنى قورۇشقىمۇ قاتناشقان. رىيادتىكى ئالىي مەھكىمە ئېنىستىتوتىدا لىكسىيەلەرنى سۆزلەشكە ئىشتىراك قىلغان. بىر قىسىم ئىسلام دۆلەتلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان دەۋەت پائالىيەتلىرىگە سۆھبەتلەشكۈچى ياكى لىكسىيە سۆزلىگۈچى سۈپىتىدە بارغان. بۇلاردىن باشقا ئۇ –ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن - ئالدىنقى قاتاردىكى ئۆلىمالار ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى ۋە مەككە مۇكەررەمەدىكى دۇنيا ئىسلام بىرلىكىنىڭ قورۇلۇش مەجلىسى ئەزاسى ئىدى.

ـ ئۇ – ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن - قول يازما ۋە نەشىر قىلىنغان بولۇپ، نۇرغۇن ئەسەرلەرنى قالدۇرۇپ، ھىجرىيە 1393 ـيىلى ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ كىتابلىرىنىڭ مەشھۇرلىرى "تفسير ۆگواء البيان في إيگاچ القرژن بالقرژن"، "منى جواز المجاز في المنزل المتىبد والإىجاز" ۋە "مۇكرە ۆپول ىلۈ روگە النائر" لاردىن ئىبارەت.

� فىقھىشۇناس، ھەدىسشۇناس شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئابدۇرراھمان ئال باز: ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقىنىڭ رىياد شەھىرىدە ھىجرىيە 1330 - يىلى زۇلھەججە ئېيىدا دۇنياغا كەلگەن.ھىجرىيە 1346 - يىلى ئىككى كۆزىگە كېسەل تېگىش سەۋەبى بىلەن ئاجىزلاپ كەتكەن. بۇنىڭدىن كېيىن شۇ ئىككى كۆزى بىلەن ھىجرىيە 1350 - يىلى پاكولتېتقا بارغان ۋە دەرس باشلاپ، كىچىكىدىنلا ئىلىم تەھسىل قىلىشقا كىرىشكەن. بالاغەتكە يەتمەي تۇرۇپلا قۇرئان كەرىمنى يادلاپ بولغان. ئۇ سەبىي چېغىدىلا نەجد (ھازىرقى رىياد ئەتراپىدىكى رايونلار - ت) ۋە باشقا يەرنىڭ چوڭ ئالىملىرىنىڭ قولىدا شەرىئەت ۋە ئەرەب تىلى ئىلىملىرىنى ئىگەللىگەن. ئۇنىڭ شەيخلىرىنىڭ مۇھىملىرى شەيخ ئابدۇلئەزىز ئال ، شەيخ سەئد ئىبنى ھەمەد ئىبنى ئەتىيق، شەيخ ھەمەد ئىبنى فارس ۋە ئۇزۇن مەزگىل سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقىنىڭ مۇپتىسى بولغان شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم ئال شەيخلاردىن ئىبارەت.

ـ نۇرغۇن ئىلمىي مەنسەپلەرنى ئۆتىگەن؛ قازىلىق مەنسىپىنى ئۈستىگە ئالغان، ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شوغۇللانغان، كېيىن مەدىنە مۇنەۋۋەردەدىكى ئىسلام ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىر يارىدەمچىلىكىگە تەيىنلىنگە ۋە بۇ تاكى ئۇنۋېرسىتېتنىڭ مودىرى شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم ئال شەيخنىڭ ۋاپاتىغا قەدەر داۋاملاشقان. ھىجرىيە 1390 - يىلى ئۇنۋېرسىتېتنىڭ مۇدىرلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، بۇ خىزمەتنى، ھىجرىيە 1395 - يىلى ئىلمىي ئىزدىنىش، پەتىۋا بىرىش، دەۋەت - ئىرشاد ئىشلىرى قاتارلىق ئىدارىلەرنىڭ ۋەزىر دەرىجىسىدىكى باش مودىرى بولۇپ تەيىنلەنگە قەدەر داۋاملاشتۇرغان. بۇنىڭدىن كېيىن يەنە سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقىنىڭ ۋەزىر دەرىجىلىك باش مۇپتىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن. شەيخ ئىبنى باز بۇنىڭدىن باشقا دۇنيا مەسجىدلەر ئالىي مەجلىسىنىڭ رەئىسلىكى، دۇنيا ئىسلام بىرلىكىگە قاراشلىق ئىسلام فىقھىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى، دۇنيا ئىسلام بىرلىگى قورۇلۇش مەجلىسىنىڭ رەئىسى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى دائىرىسىدىكى دەۋەت ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان.

ـ شەيخ ئابدۇلئەزىر ئىبنى باز كۆپ ھوسۇللۇق، پائالىيەتچان، ھامان ئەسلەپ تۇرۇشقا ئەرزىيدىغان كىشى بولۇپ، ئۇ ئاللاھنىڭ دىنىغا ھىكمەت ۋە يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن دەۋەت قىلاتتى، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توساتتى. بىدئەت ئەھلىگە قاتتىق قارشى تۇراتتى، تەۋھىد خالىس ھالدا ئاللاھ تائالاغا مەركەزلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلاتتى. ئۇنىڭدىن ئالىملار، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئىسلام ئالەمىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر پايدىلاندى. ئۇنىڭ ئاساسلىق كىتابلىرى: "نقد القوميە الىربيە"، "چكم الإسلام فيمن طىن في القرژن والرسول"، "الجھاد في سبيل اللھ"، "الفواېد الجليە في المباچڭ الفرگيە" قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلاردىن باشقا يۈزلىگەن پەتىۋالىرى بولۇپ، بەزىلىرى بىر قانچە توملۇق كىتابلارغا توپلانغان.

� مەشھۇر ھەدىسشۇناس ۋە نۇرغۇنلىغان ھەدىسكە ئائىت تەھقىق ۋە ئەسەرلەرنىڭ ئاپتۇرى شەيخ ناسىرۇددين ئەلئالبانى: ئۇ مىلادى 1914 - يىلى ئالبانىيە دۆلىتىنىڭ ئەشقۇدرە شەھرىدىكى بىر مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. پادىشا ئەھمەد زوگو ئىسپانىيەگە ھۆكۈمدار بولۇپ، تۈركىيەدە ئاتا تۈرك تۇتقان يولنى تۇتۇپ ماڭغاندىن كېيىن، دىنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن سۈرىيەگە ھىجرەت قىلغان.

ـ دادىسى ھەنەفىي مەزھىبىنىڭ رادىكال ئىخلاسمەنى ئىدى. بۇ ئونىڭغا تەسر قىلغان ئىشلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ ھەنەفىي مەزھىبى بۇيىچە ئىلىم ئىگەللىگەندىن كېيىن، ھەدىس ئىلمى ئۈگىنىشكە يۈزلىنىپ، ئۇنىڭدا يىتىشىپ چىقتى ۋە ئۆزى ئۆزىنى ئوقۇتتى ۋە سالاھىيىتى توشقان بارلىق كىشىلەرنىڭ بارلىق فىقھىي ۋە ئېتىقادىي مەسىلىلەردە بىۋاسىتە ھالدا قۇرئان ۋە سۈننەتكە قايتىش چاقىرىنى تارقاتتى. ئۇنىڭ "سلسلە الۆچاديڭ الپچيچە"، "سلسلە الۆچاديڭ الگىيفە"، "پچيچ الجامى الپغير"، "گغيف الجامى الپغير" ۋە باشقا نۇرغۇن ئەسەرلىرى بار.

ـ شەيخ ناسىرۇددين ئالبانىنىڭ چاقىرغان يولىغا چاقىرىدىغان ۋە ئۇنىڭ مېتودى بويىچە ماڭغان شاگىرتلىرى بار بولۇپ، ئۇلار:

1 - ئۇستاز مۇھەممەد ئېيد ئەلئابباسى: ئۇ شەيخنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن تالىبلىرى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە يۈرگەنلەردىن بىرى بولۇپ، ھازىر دەمەشىقتە. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن بىرى "بدىە التىپب المۇھبي وملچقھ" ناملىق كىتابىدۇر.

2 - شەيخ ئابدۇرراھمان ئابدۇلخالىق: مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىكى ئىسلام ئۇنۋېرسىتىتىنى پۈتتۈرگەن، ئۇ دەۋەت ۋە ئىرشاد ساھەسىدە نۇرغۇن ئەسەرلەرنىڭ ئاپتۇرى. ئۇ ھازىر كۇۋەيتتە بولۇپ، ئۇ يەردىكى ئالدىنقى قاتاردىكى دەۋەتچى ئالىملارنىڭ بىرى.

3 - ئۇستاز خەيرۇددين ۋانلىي: ھازىر دەمەشىقتە تۇرىدۇ. ئۇ يازغۇچى ۋە مول ھۇسۇللۇق شائىر. ئۇنىڭ "المسجد في الإسلام"، "مىجزات المپطفۈ"، "دليل الخيرات و سبيل الجنات"، "ديوان الچق المبين"، "ديوان ىپر الإسلام" قاتارلىق ئەسەرلىرىدىن باشقا، يەنە بالىلارغا ئائىت شېئىرلار توپلاملىرى ۋە باشقا ئەسەرلىرىمۇ بار.

4 - شەيخ مۇقبىل ئىبنى ھادي ئەلۋادىئېي: يەمەنلىك ھەدىسشۇناس، ئۇنىڭمۇ نۇرغۇن ئەسەرلىرى بولۇپ، شۆھرەت قازانغانلىرى: "الپچيچ المسند مما ليس في الپچيچين"، "الپچيچ المسند من ۆسباب النزول"، "الشفاىە" ۋە باشقىلار.

5 - زەھىير ئەششاۋيش: ئۇ "المكتب الإسلامي" ناملىق كىتابنىڭ ئاپتۇرى. ئۇنىڭ ئۇستازىنىڭ كىتابلىرىنى نەشىر قىلدۇرۇش ۋە ئۇنى ئەرەب ئەللىرىدە تارقىتىش ساھەسىدە ناھايىتى چوڭ رولى ۋە ئاكتىپچانلىقى بار.

6 - بۇلاردىن باشقا سەلىم ئەلھىلالىي، ئەلىي ھەسەن ئابدۇلھەمىيد، مۇھەممەد ئىبنى ئىسمائىل ئەلمەقدەم، ئەبۇ ئىسھاق ئەلھۇۋەينى ۋە باشقىلار ئوخشاش بۇ دەۋەتنى ئۆزلىرىنىڭ پرىنسىپى قىلغان ۋە ئۇنىڭغا چاقىرىپ كەلگەن بىر قاتار ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىلارمۇ بار.

پىكىر ۋە ئەقىدىلىرى:

� ئۇلارنىڭ ھازىرقى زاماندىكى كىشىلىرىنىڭ دەۋەتلىرىنىڭ مۇددىئاسىنى ئالتە ئاساسىي نوقتىغا خۇلاسىلەپ چىقتى. بۇ ئالتە نوقتا تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

1 - قۇرئان ۋە سەھىھ سۈننەتكە قايتىش ۋە ئۇنى سەلەپ  ـ سالىھ (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) لارنىڭ چۈشەنگەن مېتودى بويىچە چۈشىنىش

2 - مۇسۇلمانلارغا ئۇلارنىڭ ھەق دىنىنى تونۇتۇش ۋە ئۇلارنى دىنىنىڭ تەلىماتى ۋە ئەھكاملىرى بۇيىچە ئەمەل قىلىشقا، ئۇلارغا شەرەپ ۋە بەخىت ئېلىپ كىلىدىغان، ئاللاھ رازى بولىدىغانلىقى بىلەن كاپالەت بەرگەن بۇ دىننىڭ ئەدەب ۋە پەزىلەتلىرى بىلەن ئۆزلىرىنى زىننەتلەشكە چاقىرىش.

3 - مۇسۇلمانلارنى ھەر خىل تۈردىكى شىرك، بىدئەت، زەھەرلىك پىكىرلەر ۋە ئىسلامنىڭ ئوبرازىنى خونۇكلەشتۈرىدىغان، مۇسۇلمانلارنى ئىلگىرلەتكۈزمەيدىغان مەۋزۇئ ۋە مۇنكەر ھەدىسلەردىن ئاگاھلاندۇرۇش.

4 - ئىسلامنىڭ قائىدە - پرىنسپلىرى دائىرىسىدە ئەركىن ئىسلامىي تەپەككۇرنى جانلاندۇرۇش.

5 - كۆپ ساندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقلىگە ئورنىۋېلىپ، ئۇلارنى ئىسلامنىڭ سۈزۈك بولاقلىرىدىن يىراقلاشتۇرىۋاتقان پىكىر قاتماللىقىنى ئېلىپ تاشلاش.

6 - ئىسلامچە ھايات ئۇسلۇبىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش، ئسىلامىي جەمئىيەت بەرپا قىلىش ۋە زېمىندا ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى تەتبىقلاش.

ئۇلار سۆزلىرىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرىدۇ: بۇ بىزنىڭ چاقىرىقىمىز. بىز مۇسۇلمانلارنى ئىسلامنىڭ مەڭگۈلۈك رىسالىسىنى تارقىتىدىغان ۋە مۇسۇلمانلارنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان بۇ ئامانەتنى يەتكۈزۈشتە بىزگە ھەمكارلىشىشقا چاقىرىمىز.

� ئۇستاز مۇھەممەد ئېيد ئەلئابباسىي ئۆزىنىڭ "بدىە التىپب المۇھبي" ناملىق كىتابنىڭ ئىلاۋىسىدە ئۇلارنىڭ مەزھەبلەرگە بولغان كۆز قارىشىنى ۋە ئۇنىڭغا ئىجتىھاد ۋە تەقلىدتە ئەگىشىشنىڭ يوللۇقلۇق ئىكەنلىكىنى مۇنداق خۇلاسىلەيدۇ:

ـ ئىجتىھاد ئىسلام شەرىئەت مەنبەلىرىنىڭ مۇھىم بىر مەنبەسى ۋە ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ئۆزلۈكسىز داۋاملىشىشىدىكى ئىھتىياجلارنىڭ بىرى. ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭ ئاللاھ ئېچىپ بەرگەن ئىشىكىنى تاقىۋېلىشى ۋە ئاللاھنىڭ يولغا قويغان ئەمرىنى بىكار قىلىۋېتىش ھەققى يوق.

ـ سالاھىيىتى ۋە ھازىرلىقى بار كىشىلەر ئۈچۈن بۇ يول ئۇچۇق. ھەر دەۋر ۋە ھەر يەردە ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە ئۇنىڭ دەلىللىرىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان مۇجتەھىدلارنىڭ بولۇشى ۋاجىپ بولغاندەك، مۇسۇلمانلارنىڭمۇ شۇنىڭغا مۇناسىپ شارائىت ھازىرلاپ بېرىشىمۇ ۋاجىپ.

ـ ئوقۇمىغان، بىلمىگەن ئادەمنىڭ تەقلىد قىلىشىنى ئىنكار قىلمايمىز. بەلكى ئۇنى، كېيىنچە پەيدا بولغان بىر بىدئەت بولغانلىقى ئۈچۈن مۇئەييەن مەزھەبكە ئېسىلىشنى مەقسەت قىلماسلىق شەرتى بىلەن تەقلىد قىلىشقا تەۋسىيە قىلىمىز. يەنە بىر شەرتى شۇكى، دىنى ۋە ئىلمىغا ئىشەنچ قىلغىلى بولىدىغان بىر كىشى ئارقىلىق قۇرئان ۋە سۈننەتكە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلگەن ھەرقانداق مەسىلىدە تەقلىد قىلماسلىق.

ـ ئىجتىھاد بىلەن تەقلىد قىلىش باسقۇچلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئەگىشىشتىن ئىبارەت بىر ئوتتۇراھال بىر باسقۇچ بار، ئۇ بولسىمۇ، چۈشىنىشتە مۇناسىپ ئىقتىدارى بار ھەر قانداق بىر مۇسۇلماننىڭ ئۆلىمالارنىڭ سۆزلىرىگە ئۇنىڭدىكى شەرئىي دەلىلەرنى بىر قاتار كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن ئەگىشىشى زۆرۈر دەپ قارايمىز.

ـ ئەمما مەزھەبلەرگە كەلسەك، ئۇلارنى ئۈچ قىسىمغا ئايرىلىدۇ، دەپ قارايمىز:

بىرىنچىسى: ھەممە بىرلىككە كەلگەن مەسىلىلەر بولۇپ، بۇ ھەقتۇر. ئۇنى ئاساس دەپ قاراش ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش ۋاجىپ.

ئىككىنچىسى: ئوتتۇرىدا تالاش - تارتىش بار مەسىلەر بولۇپ، بۇ يەردىكى تالاش - تارتىش قارىمۇ قارشىلىقتا ئەمەس، ھەر خىللىقتا بولماستا، بۇلارنىڭ بىرىگە ئەمەل قىلىش جائىز. ياخشىسى ئۇنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلىش ئەڭ ياخشى.

ئۈچىنچىسى: قارىمۇ قارشىلىقلار بار مەسىلىلەر بولۇپ، ئوخشىمىغان قاراشلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇمكىن بولمىسا، بارلىق مەزھەبلەردىكى توغرىنى، ھەقىقەتنى ئىزدەش ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى دەلىلى ئەڭ كۈچلۈك بولغان بىرىنى قوبۇل قىلىش.

ـ ئوخشمىغان ئەسىرلەردە فىقھىي مەزھەبلەرگە نۇرغۇنلىغان ئەيىبلەر ئارىلىشىۋالدى؛ بۇلارنىڭ مۇھىمى، قۇرئان ۋە سۈننەتكە قارشى نۇرغۇن يولسىزلىقلارغا ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدىكى تورغۇنلۇقنىڭ يامرىشىغا ئېلىپ بارغان مۇتەئەسسىپلىكتىن ئىبارەت، دەپ قارايمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ھازىرقى دەۋردىكى ئىختىلاپنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى سانىلىدىغان ھەدىسلەرنى ئۆگەنمەسلىك ۋە تەھقىق قىلىنماسلىق خاھىشىنى يوقاتقاندىن كېيىن، مەزھەبلەرنى ئەيىپ ۋە زىيانلىق ئامىللاردىن تازىلاش، ئاندىن كۈچلۈك پاكىت، ئورۇنلۇق دەلىللەرگە ئاساسەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى يېقىنلاشتۇرۇش ياكى مۇمكىن بولسا بىرلەشتۈرۈشكە چاقىرىمىز.

ـ ھازىرقى شارائىتتا ئوقۇغۇچىلار، تەلەپ قىلىنىۋاتقان ۋەزىيەتكە ھازىر تۇرۇشى ئۈچۈن، مۇتەئەسسىپلىكتىن خالىيلىق شەرتى ئاساسىدا تونۇلغان مەزھەبلەرنىڭ ئوسۇلى بويىچە فىقھىي ئۈگۈنۈپ تۇرسا بۇنىڭدا مەسىلە يوق، دەپ قارايمىز.

ـ فىقھىشۇناسلارنى سۆيىمىز، ئۇلارنى قەدىرلەيمىز ۋە ئۇلارنى تۈۋەن كۆرگەن ياكى ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغان بارلىق كىشىلەردىن ئالاقىمىزنى ئۈزىمىز. بىز يولىمىزنى ئۇلارنىڭ بۇيرىغانلىرىنى ئىجرا قىلىش، دەپ ئېتىقاد قىلىمىز. چۈنكى ئۇلار "ئەگەر ھەدىس سەھىھ بولسا، ئۇ مېنىڭ مەزھىبىم" دېيىشكەن ئىدى. ئىمام مالىك: "مەن بىر ئىنسان، توغرىمۇ قىلىمەن، خاتامۇ قىلىمەن. پىكرىمگە قاراپ بېقىڭلار - دە، قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئويغۇن كەلسە قوبۇل قىلىڭلار، ئۇ ئىككىسىگە توغرا كەلمەيدىغان ھەرقانداق گەپنى چۆرىۋېتىڭلار." دېگەن بولسا، شافىئىي: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بىر ھەدىس رىۋايەت قىلىنسا، ئۇنى مەن ئوتتۇرىغا قويمىسام، مېنى قايسى زېمىن كۆتىرىدۇ، قايسى ئاسمان ماڭا سايىۋەن بولىدۇ: شۇنداق باش ئۈستىگە، شۇنداق باش ئۈستىگە" دېگەن ئىدى. ئىمام ئەھمەد ئەبۇ داۋۇدقا مۇنداق دېگەن: "مېنىمۇ، مالىكنىمۇ، شافىئىينىمۇ، ئەۋزائىينىمۇ، سەۋرىينىمۇ تەقلىد قىلمىغىن، سەنمۇ ئۇلار ئالغان يەردىن ئال".

� بۇلارغا ئاساسەن، مۇسۇلماننىڭ كىشىنىڭ بىر مەزھەبكە ئۇنىڭ مەزھەبلىكىنى دەپلا ئەگەشمەسلىكى ياكى بىرەر ئالىمنىڭ شەخسىيىتىنى دەپلا دېگەن ھەممە گىپىنى تەقلىد قىلماسلىقى ئىلگىرى سۈرىلىدۇ. ئەمما، قۇرئان، سۈننەتكە قارشى كىلىپ قالغان جايلاردىمۇ ئۇنىڭغا مۇتەئەسسىپلىك قىلىپ تۇرىۋالماسلىق شەرتى ئاساسىدا ئەھلى سۈننەت مەزھەبىلىرىنىڭ بىرىگە ئەگىشىش ۋە ئالىملاردىن بىرەرىنى تەقلىد قىلىش قىلسا بولىدۇ. بۇ ھالدا ئاللاھ خالىسا ئۇ گۇناھكار ھېسابلانمايدۇ.

� ئەيىپلىنىدىغان خىلاپلىق، ئەقىدە ۋە ھاۋايى - ھەۋەسلەردىكىگە ئوخشاشلا، مەيلى دىن ياكى دۇنيا، ئەقىدە ۋەياكى فىقھىيدا بولسۇن كىشىلەرنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك بارلىق ئىشىلىرىدا ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى بىلىش، ئاندىن ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىدا ئىزچىل تۇرىۋېلىشتۇر. خىلاپلىق قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن ئايەتلەر ئومۇمىي بولۇپ، ئۇنى چەكلەپ قويىدىغان شەكىل بىلەن كەلمىگەن.

� دەلىلى ئايدىڭ بولمىغان مەسىلىلەردە ئىجتىھاد قىلىش مۇباھ، ئەمما روشەن دەلىل بار مەسىلىلەردە ئىجتىھاد قىلىشقا بولمايدۇ ھەم جائىز ئەمەس.

كېڭىيىشى ۋە تارقالغان رايۇنلار:

� دەلىلىگە ئېسىلىپ مېڭىش مېتودىغا ئەگىشىش، مەزھەبلەر ۋە كىشىلەرگە قارىتا مۇتەئەسسىپلىك قىلماسلىق قەدىمى چاقىرىقتۇر. ئىسلام ئۆلىمالىرى ھەر زامان ئۇنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ، ئۇنىڭغا چاقىرىپ كەلگەن. پەقەت بىر چاغلارغا كەلگەندە، ئىسلام ئۈممىتى ئاجىزلىشىپ، ئىجتىھاد بابىنى تاقاش چاقىرىقى ئوتتۇرىغا چىقتى ۋە دەلىلگە تايىنىش چاقىرىقى غېرىپلىق ئىچىدە قالدى. بىراق ئىسلام ئويغىنىش ھەرىكىتىنىڭ قايتىپ كىلىشى بىلەن يېڭىدىن جانلاندى ۋە پۈتۈن ئىسلام ئالىمىگە تارقالدى. بولۇپمۇ نۇرغۇنلىغان ئىسلام ئۆلىمالىرى بىر قىسىم ئەرەبچە سۆزلەشمەيدىغان ئىسلام ئەللىرىدە مەزھەب مۇتەئەسسىپلىكى ۋە تەقلىدنىڭ ناچار تەسىرىنى كۆرگەندىن كېيىن تېخىمۇ جانلاندى. ھەتتا بەزىدە تەقلىدچىلىك ۋە مەزھەب مۇتەئەسسىپلىكى ئىسلامنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن ھەقىقەتنى ئىزدەۋاتقان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ مەزھەبكە ئەگەشكۈچىلەر ياكى تەقلىد قىلغۇچىلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىخىتلاپلارنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكى ھەتتا خىرىستىيان ۋە يەھۇدى دىنلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ ئىختىلاپلىرىغا ئوخشىشىپ قالغىلى ئاز قالغانلىقىنى كۆرۈپ، باشقا ياقلارغا كىتىپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان.

يۇقىرىقىلاردىن شۇ نەرسە ئايدىڭلىشىدۇكى، ئىجتىھاد بابىنى ئېچىش، مەزھەب مۇتەئەسسىپلىكى قىلماسلىق چاقىرىقى تارىخى نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تەقلىد ۋە مەزھەبچىلىكتىن بورۇن مەيدانغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاساسىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سالغان بولۇپ، دەسلەپكى ئۈچ ئەسىردە بۇ يۈنۈلۈش ھۆكۈمران ئورۇندا تۇراتتى، پەقەت كېيىنكى دەۋرلەرگە كەلگەندە، مەزھەبلەرگە چاقىرىش ۋە ئۇنىڭغا مۇتەئەسسىپلىك قىلىش باشلىنىپ كەتتى. بۇ ئاقىۋەتتە ئىجتىھاد بابىنى تاقاش قارىشى ۋە ئۆلىمالار ۋە ئارقىسىغا ئادەم ئەگەشكەن كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىنى قۇرئا ۋە سۈننەتنىڭ ئالدىغا قويۇشلارغا ئېلىپ باردى. مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكى پارچىلاندى. بۇ ئەھۋال شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە ۋە باشقا ئۆلىمالارنى ئىجتىھاد بابىنى ئېچىش، سەھىھ بولغان دەلىللەرنى چىڭ تۇتۇش، بىر فىقھىي مەزھەبكە مۇتەئەسسىپلىك قىلىشنى يوق قىلىش قاتارلىقلارغا ۋە بىر كىشىنىڭ مۇئەييەن شەخىس ياكى مۇئەييەن بىر مەزھەبنى بارلىق ئىشلاردا تەقلىد قىلىشى زۆرۈر ئەمەس، بەلكى دەلىلنى بىلىشتىن ئاجىز كەلسە، مەۋجۇد مەزھەبلەرنىڭ بىرىنى مەزھەبنىڭ قارشىسىدا دەلىل ئېنىقلانغان چاغدا يەنىلا ئۇ مەزھەبكە مۇتەئەسسىپلىك قىلماسلىق شەرتى ئاساسىدا تەقلىد قىلسا بولىدۇ، دېگەنلەرگە چاقىرىق قىلىشقا ئېلىپ باردى. ئاللاھ تائالا مۇئەييەن بىر ئالىمدىنلا سوئال سوراشنى ئەمەس، بەلكى ئالىملاردىن سوئال سوراشقا بۇيرىغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: "(ئى قۇرەيش جامائەسى!) بۇنى بىلمىسەڭلار، ئىلىم ئەھلىلىرىدىن سوراڭلار" - نەھل سۈرىسى، 43 - ئايەت.

ـ ئىجتىھادنىڭ بابى قىيامەتكىچە ئوچۇق. ئاللاھ تائالا ئېچىپ قويغان بۇ ئىشىكنى ھېچكىم تاقاش سالاھىيتىگە ئىگە ئەمەس. تەييارلىقى ۋە سالاھىيىتى توشقان كىشىلەر ئۈچۈن ئۇ ھامان مەۋجۇد. تەقلىد بىلەن ئىجتىھادنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئەگىشىش باسقۇچى بولۇپ، چۈشىنىشتە مۇناسىپ ئىقتىدار بار ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ھەرقانداق بىر سۆزگە ئەگىشىشتىن بورۇن ئۇنىڭ دەلىلىنى بىلىشى لازىم.

ـ بۇ قاراشنىڭ ساھىبلىرى مۇجتەھىد ئىماملاردىن پايدىلىشقا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ ۋە بىرىنى يەنە بىرىدىن يوقىرى كۆرمىگەن ھالدا ئۇلارنىڭ چىقارغان كۈچلىرىنى قەدىرلەيدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھەقىقەتنىڭ ئالدىدا باب - باراۋەر. سۆزلىگۈچىسىنىڭ كىم بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، دەلىلى كۈچلۈك، پاكىتى چەك باسىدىغان بارلىق قاراشلارنى قوبۇل قىلىشنى ۋاجىپ، دەپ قارايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن دەلىلىنى بىلمەي تۇرۇپ ئەگەشمەسلىككە بۇيرۇيدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: "سۆزگە قۇلاق سېلىپ ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدىغانلارغا (يەنى تەقۋادار بەندىلىرىمگە) خۇش خەۋەر بەرگىن"  ـ زۇمەر سۈرىسى، 17،18 ـئايەتلەر.

ئەتراپلىق مەلۇمات ئۈچۈن پايدىلنىش مەنبەلىرى:

ـ           ئىبنى ھەزم: الإچكام في ۆپول الۆچكام

ـ     توپلىغۇچى ئابدۇرراھمان ئىبنى قاسىم: مجموى فتاوۈ شيخ الإسلام ابن تيميە،  ـ 10،11، 19، 20، 21، 22، 24، 28، 30، 33 ۋە 35 - بەشىنچى جىلد.

ـ    مۇھەممەد شاكىر ئەششەريف: الدرە البھيە في التقليد والمۇھبيە من كلام شيخ الإسلام ابن تيميە

ـ           ئىبنى قەييۇم ئەلجەۋزىييە: إىلام الموقىين ىن رب الىالمين

ـ           ئىبنى ئابدۇلبىر: جامى بيان الىلم وفگلھ

ـ           ئەششاتېبىي: الموافقات في ۆپول الفقھ

ـ           ئەششاتېبىي: الاىتپام

ـ           ئەششەۋكانى: إرشاد الفچول في تچقيق الچق من ىلم الۆپول

ـ    مۇھەممەد سۇلتان ئەلمەئسۇمىي ئەلخوجەندى ئەلمەككىي: ھل المسلم ملزم باتباى مۇھب مىين من المۇاھب الۆربىە

ـ           سالىھ ئەلفۇلانىي: إيقائ ھمم ۆولۈ الۆبپار

ـ           سەييىد ئەسسابىق: فقھ السنە (المقدمە)

ـ           مۇھەممەد ناسىرۇددين ئەلئەلبانىي: پفە پلاە النبي كۆنك تراھ

ـ           مۇھەممەد ناسىرۇددين ئەلئەلبانىي: تسديد الإپابە لمن زىم نپرە الخلفاء الراشدين والپچابە

ـ           ئابدۇلكەرىيم زەيدان: الوجيز في ۆپول الفقھ

ـ           مۇھەممەد ئەلئەمىين ئەششەنقېيتى: القول السديد في بطلان التقليد

ـ     ئەھمەد ئىبنى ئابدۇرراززاق ئەددۇۋەيش، ئابدۇللاھ ئىبنى قەئۇد، ئابدۇللاھ ئىبنى غەديان، ئابدۇرراززاق ئەفىيفىي ۋە ئابدۇلئەزيز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز قاتارلىقلانىڭ پەتىۋالىرى: فتوۈ اللجنە الداېمە للبچوڭ الىلميە والإفتاء، 5 - جىلد

ـ           ئابدۇرراھمان ئابدۇلخالىق: الۆپول الىلميە للدىوە السلفيە

ـ           مۇھەممەد ئېيد ئەلئەبباسى: المۇھبيە التىپبيە ھي البدىە ۆو بدىە التىپب المۇھبي

ـ           مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھيم ئەششەيبانىي: چياە الۆلباني وژڭارھ

ـ           يۇسۇف ئەلقەرداۋىي: الإجتھاد في الشريىە الإسلاميە

ـ           مۇھەممەد ئەبۇ زوھرە: ابن چزم - چياتھ وىپرھ – ژراءھ وفقھھ

[1] تەرجىماننىڭ ئىزاھاتى ........

[2] ئەئراف سۈرىسى، 3ـئايەت.
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+1(sayram0998) مۇنەۋۋە ماقا ..
  • ئېىسىت بىزدىكى دۆتلۈك
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2723
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 389
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە389دانە
    ئۆسۈش: 130 %
    مۇنبەر پۇلى: 2325 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-10-07
    ئاخىرقى: 2012-09-03
    24-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-08 17:03

    مەزھەپ دەپ تۇگەشكەن مۇسۇلمانلار ئاز ئەمس قىرىنداشلار بۇ ئىشتىن بىز بولساقمۇ ساقلنايلى !!!!!!!!!!
    ئىگەم ئاللا ! مەن مۇسۇلمان.  مۇشۇ بىزگە يىتەرلىك. ئاللانىڭ ئاغامچىسى قۇرئاندۇر. مەزھەپ مەنپەئەتى ئۇچۇن ئەمەس ئسىلام ھۆرمىتى ، مەنپەئەتى ئۇچۇن ياشايمىز!!!!!!!!!1
    [ بۇ يازمىنى281151976 2012-03-08 17:54قايتا تەھرىرلى ]
    asliyat
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2142
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 252
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە252دانە
    ئۆسۈش: 140 %
    مۇنبەر پۇلى: 2856 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-09-20
    ئاخىرقى: 2012-07-17
    25-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-08 17:05

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    تۆت مەزھەپتە(ھەنەفىي،مالىكى،شافىئى،ھەنبەلى) بىز ئەنسىرەپ كەتكۈدەك كۆپ ئىختىلاپ يوق.بۇ 4مەزھەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ دىنىي(ئېتقادى)ئىختىلاپ بولماستىن پەقەت ھۆكۈمدىكى ۋە قانۇندىكى ئازغىنە ئىختىلاپتۇر. ئەگەر ئازراقلا ئىزدىنىشنى خالىسىڭىز بۇ مەزھەپلەرنىڭ كۆز قاراشلىرىنىڭ (ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن قويغان)قائىدىلەردە،ۋە فىھى مەسىللەرنىڭ كۆپ قىسمىدا بىردەك ئىكەنلىگىنى قىينالمايلا بىلەلەيسىز.بۇ مەزھەپلەرنىڭ كۆز قارىشىنىڭ بەزى مەسىللەردە ئوخشىماسلىقى بولسا ئىسلام شەرىئىتىنىڭ بىر ئارتۇقچىلىقى ۋە ئالاھىلىگى بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ.يەنى ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ھەر زامان،ھەر ماكان،ھەر شارائىتتا ھۆكۈمگە بولغان خىلمۇ خىل ئېھتىياجلارنى قاندۇرۇش ئۈچۈن،ئىسلام شەرىئىتىنىڭ كەڭرى ۋە ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بىر شەرىئەت ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىدۇ.
    مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ قۇرئان ۋە ھەدىسنى چۈشىنىشى تەدبىقلىشى ۋە فىقھى ھۆكۈملەرنى چىقىرىشتا كۆز قارىشىنىڭ ئوخشىماسلىقى ،ئۇ فىقھى ھۆكۈملەرنىڭ بىزگە يول قۇيۇپ بەرگەن ھۆكۈم ۋە ئەمەل قىلىشقا بىزنى بۇيرىغان ھۆكۈم بۇلىشىدىن چىقىرىۋەتمەيدۇ..بىر پاكىت:
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەندەك ئۇرۇشى بۇلىۋاتقان مەزگىلدە كىلىشىمنى بۇزغان قۇرەيىز جەمەتى بىلەن غازاتتىن كېيىن ئۇرۇش قىلماقچى بۇلۇپ ساھابىلەرگە:«ھەر بىر كىشى ئەسىر نامىزىنى پەقەت قۇرەيىز جەمەتىگە يىتىپ بارغاندا ئۇقىسۇن»دىگەن.بەزى ساھابىلەر ھەدىسنىڭ ئاشكارە مەنىسىنى تۇتۇپ يولدا ناماز ۋاقتى كىرسىمۇ شۇ يەرگە يىتىپ بارمىغۇچە نامازنى ئۇقىمىغان.يەنە بىر قىسىم ساھابىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ سۆزى ئارقىلىق بىزنىڭ نامازنى شۇ يەرگە بېرىپ ئوقۇشىمىزنى ئەمەس بەلكى بىزنىڭ تېز يولغا چىقىشىمىزنى مەقسەت قىلغان دەپ نامازنى يولدىلا ئۇقىغان.كېيىن ساھابىلەر بۇ ئىشنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سۆزلەپ بەرگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر ئىككى تەرەپنى ئەيىپلىمىگەن.
    بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئىسلامنى قۇبۇل قىلغان 1000يىلدىن بىرى ھەنەفى مەزھىپى ھۆكۈملىرىدە ياشاپ كەلدۇق،بىزنىڭ تۈرلۈك ئىبادەتلىرىمىز(سىياسى،ئىقتىسادى،مەدەنىي قاتارلىق تۈرلۈك پائالىيەتلىرىمىز) ئىسلامنى قۇبۇل قىلغان تارىخى جەريانلىرىمىز قىسقىسى ھەر كۈنلۈك ئىش پائالىيەتلىرىمىز ھەنەفى مەزھىپى ھۆكۈملىرى دائىرىسىدە بۇلۇپ كەلدى... بىزنىڭ دەۋرىمىزگە كەلگەندە بۇنى ئۆزگەرتىمەن دىيىش ئۆزىگىمۇ ئۆزگىگىمۇ زۇلۇم ۋە زىيان سالغانلىق.... ئوسمانلى قېرىندىشىمىز ئوتتۇرىغا قويغان جاۋاب توغرا ئېيتىلىپتۇ.
    شۇڭا بىز ئىلگىرىكى فىقھىلىرىمىز مۇجتەھىد ئالىملىرىمىز  كۆرسىتىپ بەرگەن يولدا ماڭساق ئىنشائاللا ئازمايمىز.
    دوستلىشىش
    dulbarqin310
    بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر...
    دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5357
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 1599
    ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1599دانە
    ئۆسۈش: 600 %
    مۇنبەر پۇلى: 16988 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-12-31
    ئاخىرقى: 2012-09-06
    26-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-08 18:27

    بەزى باھالارغا ئاچچىقلاپ كەتمىسەكمۇ بۇلىدۇ، چۈنكى بىزدە باھانىڭ مەزمونىغا ئەمەس، بەلكى باھا بەرگۈچىنڭ قانداقلىقىغا قارا دەيدىغان گەپ بار.....

    osmanli  نىڭ يازمىسىغا ئالاھىدە تەشەككۇر.
    دانالار توغرا ئېيتقان ئۆمۈر ئاتقان ئوق،
    ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز بۇنىڭ دورىسى يوق.
    ئىتىپاقسىزلىق ئىسلامىيەتنىڭ مەغلۇبىيتى
    دەرىجە: چولپان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8724
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 1
    ئومۇمىي يازما: 686
    ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە686دانە
    ئۆسۈش: 1110 %
    مۇنبەر پۇلى: 7610 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-08-24
    ئاخىرقى: 2012-09-07
    27-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-08 18:45

    ئىسىت................ كەڭسايلىقلارغا قىلغىلى ئىش تېپىلماپتۇدە...................................
    بۇ مەسىلە بىر تىما يېزىش بىلەنلا كىشىلەرنىڭ كاللىسىدىن ئۆتكۈزىۋەتكىلى بۇلىدىغان تىما ئەمەس.  
    ئەڭ ياخشىسى بۇ تىما توغۇرلۇق پىكىرلەشمىگەن ياخشى. چۇنكى بۇ ئسلامىي مۇنبەر ئەمەس.
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10262
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 2
    ئومۇمىي يازما: 224
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە224دانە
    ئۆسۈش: 1690 %
    مۇنبەر پۇلى: 3237 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2012-01-09
    ئاخىرقى: 2012-09-07
    28-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-08 18:52

        بەزىلەر «مەزھەپ» دېگەن سۆزنى ئاڭلىسىلا، بىر-بىرى بىلەن داۋاملىق ئىختىلاپ قىلىدىغان ، دۈشمەنلىشىپ ئاداۋەتلىشىدىغان ۋە ھەتتا ئۆلۈم يىتىمگە سەۋەپ بولىدىغان بىر توپ كىشىلەر دەپ خاتا چۈشىنىۋاپتۇ.  بۇ سۈپەتلەر پەقەت باتىل ۋە ئازغۇن مەزھەپلەردىلا باردۇر. ئەھلى سۈننەتنىڭ ئىچىدىكى تۆت مەزھەپنىمۇ مۇشۇنداق ئۆز-ئارا دۈشمەن ياكى داۋاملىق ئىختىلاپ قىلىشىدىغان دەپ ئويلىماسلىق كېرەك. ئەھلى سۈننەت مەزھەپلىرى بىر-بىرىنى ئىنكار قىلمايدۇ، ھۆرمەت قىلىدۇ. باشقا مەزھەپتىكىلەرنىڭ قارىشىنى خاتا دەپ قارىمايدۇ، بەلكى بىر مەسىلىنىڭ بىر قانچە خىل ھەل قىلىش ئۇسۇلى دەپ قارايدۇ.  تۆت مەزھەپ ھەرگىزمۇ ياشلار تېلىۋېزوردا كۆپ كۆرىدىغان بىر-بىرىنىڭ مەسجىتلىرىنى پارتىلىتىدىغان مەزھەپلەردىن ئەمەس.  شۇڭا، مۇشۇ خىل خاتا چۈشەنچە بىلەن مەزھەپكە سەلبىي نەزەر بىلەن قارىماسلىق كېرەك.  
         مەزھەپكە ئەگىشىشنىڭ پايدىسىنى مۇنداق بىر كىچىك مىسال بىلەن تېخىمۇ ياخشى چۈشەنگىلى بولىدۇ :  ھەممە ئادەمنىڭ سۇغا ئېھتىياجى بار. مەھەللىدە ئاتا-بوۋىلىرىمىز قېزىپ قويغان بىر قۇدۇق بار بولۇپ، ھەممە كىشى شۇ قۇدۇقنىڭ سۈيىنى ئىچىدۇ. ئەگەر بىر كىشى چىقىپ، «مەن بۇ قۇدۇقنىڭ سۈيىدىن گۇمان قىلىمەن. شۇڭا بۇ سۇدىن ئىچمەيمەن، ئۆزۈم بىر قۇدۇق قېزىپ شۇ قۇدۇقۇمنىڭ سۈيىنى ئىچىمەن.» دەپ ئۆزى قۇدۇق قېزىشقا باشلاپتۇ.  مەزھەپكە ئەگەشكەنلەر مىسالدىكى كونا قۇدۇقنىڭ سۈيىنى ئىچكەنلەرگە--ھەم قولايلىق ھەم ئىشەنچلىك سۇدىن بەھىرلىنىدۇ. سۇ ئىزدەش ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلۇپ، ئۆز ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇندىغان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ. يەنى، قانداق قىلارمەن دېگەن سۇئاللىرىنىڭ جاۋابىنى بىر مەزھەپ ئالىملىرىدىن سورايدۇ، جاۋابىنى ئالىدۇ. شۇ بويىچە قىلىدۇ. ۋە  ئىبادەت قىلىشتىن ئىبارەت بولغان ئەسلى ۋەزىپىسىىنى ئورۇنداشقا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت چىقىرالايدۇ. مەزھەپكە ئەگەشمىگەنلەر بولسا، ئۆزۈم قۇدۇق قازىمەن دەپ زەخمەتكە، جاپاغا قالغان كىشىگە ئوخشايدۇ. ھەم كاللىسى نۇرغۇن ئىختىلاپلارغا تولىدۇ، زىھنىنى شۇ ئىختىلاپلارغا سەرپ قىلىدۇ. ئاللاھنى تونۇش، ئاللاھنى ئەسلەشتەك مۇھىم ۋەزىپىسىنى ھەقىقىي ئورۇندىيالماي قالىدۇ. ئورۇندىسىمۇ، باشتىكى مەزھەپكە ئەگەشكەن كىشىگە ئوخشاش دەرىجىدە ئورۇندىيالمايدۇ. بۇ ئىجتىھاد قىلماسلىق كېرەك دېگەن گەپ ئەمەس، خۇددى قۇدۇقنى مۇداپىيە قىلىش ۋە رېمونت قىلىش لازىم بولغىنىدەك، دىندىمۇ يېڭى فىقھى مەسىلىلەر مەيدانغا كېلىپ تۇرىدۇ. ھەل قىلىنىپ بولغان مەسىلىلەرنى چۇۋۇيمەن دېمەي، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەم قىلىش كېرەك. شۇنداقلا شۇ ھەل قىلىنىپ بولغان مەسىلىلەرنىڭ ھەر مەزھەپتە قانداق ھەل قىلىنغانلىقىنى ئۆگىنىش ۋە باشقىلارغا يەتكۈزۈش لازىم. بۇمۇ ئىجتىھادنىڭ ئىچىگە كىرىدۇ.
        
    دوستلىشىش
    مۇرسالات
    9495
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10230
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 85
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە85دانە
    ئۆسۈش: 50 %
    مۇنبەر پۇلى: 890 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2012-01-06
    ئاخىرقى: 2012-09-08
    29-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-08 19:52

    ئەسسالامۇ  _ئەلەيكۇم  تورداشلار : ھەممىمىز  بۇ  يەردە   ئوز   ئالدىمىزغا   ئالىم  ئەمەس  ...مۇنبەر   باشقۇرغۇچىنىڭ   بۇنداق  تالاش   تاتىش  قىلىدىغان  ،،تىمىلارنى   تەستىقلىماسلىغىنى   سورايمەن...    بۇنىڭدا   ئۇيۇن   بامۇ  نىمە؟   دىن   دۇشمەنلىرىنىڭ  دىپىغا  ئۇسۇل   ئوينىمايلى.!