باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 11427 قېتىم كۆرۈلدى
«4567»Pages: 7/7     Go
تېما: مۇسۇلماننىڭ 24 سائىتى(ئۇخلاشتىن بۇرۇن...)
دوستلىشىش
dunyazad12
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11246
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 17
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە17دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 190 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-03-24
ئاخىرقى: 2012-05-10
60-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-05-07 12:58

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم رەھمۇتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ .ئاللانىڭ رەھمىتى سىزگە ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارغا بولسۇن .داۋامىنى تىزرەك يوللىغايسىز.
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2471
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2471دانە
ئۆسۈش: 5440 %
مۇنبەر پۇلى: 30391 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-05-10
61-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-05-07 18:23

ئۇخلاشتىن بۇرۇن...



  كۈندۈز ئاخىرلىشىپ، ئەتراپنى ئاستا - ئاستا قاراڭغۇلۇق قاپلىشى ــ كېچىنىڭ باشلىنىشىدا تەپەككۇر قىلغۇچىلار ئۈچۈن كۆپلەپ ھىكىمەتلەر باردۇر. ئاللاھ تائالا:
ئۇلارغا (اﷲ نىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) بىر ئالامەت كېچىدىن ئىبارەتكى، ئۇنىڭدىن كۈندۈزنى ئايرىۋېتىمىز - دە (يەنى كۈندۈزنىڭ نۇرىنى يوق قىلىۋېتىمىز - دە)، ئۇلار ناگاھان قاراڭغۇدا قالىدۇ›(سۈرە ياسىن 37ـ ئايەت).
   ‹كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىسەن، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىسەن (شۇنىڭ بىلەن، كېچە - كۈندۈزنىڭ ئۇزۇن - قىسقا بولۇشى پەسىللەر بويىچە نۆۋەتلىشىپ تۇرىدۇ)؛ جانلىقنى (يەنى تىرىك بولغان ئىنساننى، ھايۋاننى) جانسىزدىن (يەنى جانلىق بولغان ئابىمەنىيدىن) چىقىرىسەن، جانسىزنى (يەنى جانسىز بولغان ئابىمەنىينى) جانلىقتىن (يەنى جانلىق بولغان ئىنساندىن، ھايۋاندىن) چىقىرىسەن؛ ئۆزۈڭ خالىغان كىشىگە ھېسابسىز رىزىق بېرىسەن»(ئال ئىمران 27ـ ئايەت)، قاتارلىق ئايەتلىرى بىلەن ئۇ ھەقىقەتنى ئىنسانلارغا بىلدۈرگەن.
  قاراڭغۇ بولغان كىچىدە ئاستا - ئاستا تاڭنىڭ يورۇپ بېرىشى، خۇددى كىچە كۈندۈزنىڭ ئىچىگە كىرىپ كىتىۋاتقاندەك ياكى كىچە بولۇشقا باشلىغاندا، كۈندۈز كىچىنىڭ ئىچىگە كىرىپ كىتىۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ. بۇنىڭدىن تاشقىرى، قۇياشنىڭ ئاستا - ئاستا پېتىشى، قاراڭغۇلۇقنىڭ ئىتتىكلا ئەمەس، ئاستا - ئاستا چۈشىشى، بارلىقنى زۇلمەت قاپلاپ، ئاي ۋە يۇلتۇزنىڭ بىر - بىرلەپ كۆرىنىشىدەك ئاددى تەبىئەت ھادىسسىدە جانلىقلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ بۈيۈك مەرھەممىتى بار.
  پەرەز قىلىڭ، سىز بىردىنلا يورۇقلۇقتىن قاراڭغۇلۇققا كىرىپ قالدىڭىز. كۆزلىرىڭىز قاراڭغۇلۇققا كۆنگىچە خېلى ۋاقىت كىتىدۇ، قىينىلىسىز. ياكى ئەكسىنچە، بىردىنلا قاراڭغۇلۇقتىن قۇياش يورۇقىغا چىقىپ قالدىڭىز، ۋۇجۇدىڭىز قۇياش نۇرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي كىسەللىك كىلىپ چىقىشى مۇمكىن. كېچە ۋە كۈندۈزنىڭ ئالمىشىشىدا يورۇقلىقتىن قاراڭغۇلۇققا، ياكى قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا ئاستا - ئاستا ئۆتىشىدىكى تەبىئەت ھادىسسىگە بارچە جانلىقلار ئاسانلا ماسلىشىپ كىتەلەيدۇ. قۇرئان ئەخلاقى بىلەن خۇلۇقلانغان مۆئمىن بۇلارنى ئويلىغاندا يەنە بىر قېتىم ئاللاھنىڭ:
   ‹مەرھەممەتلىكلەرنىڭ ئەڭ مەرھەممەتلىكى›( يۈسۈف 92ـ ئايەت) ئىكەنلىكىنى ئىتراپ قىلىدۇ.
  شۈبھىسىزكى، كىچە ۋە كۈندۈزنىڭ ئارقىمۇ - ئارقا كېلىشى، بۇنىڭدىكى ھادىسىلەرنىڭ ئاستا - ئاستا يۈز بىرىشى ئاللاھنىڭ ئىنسانلار ئۈچۈن ياراتقان ھىساپسىز نىئمەتلىرىدىن بىرىدۇر. ئىنسانلارنىڭ بۇنى تېخىمۇ چۈشىنىشى ئۈچۈن رەببىمىز تۆۋەندىكىدەك مەرھەممەت قىلغان:
  «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر اﷲ كېچىنى سىلەر ئۈچۈن قىيامەت كۈنىگىچە ئۇزۇن سوزىدىغان بولسا، اﷲ تىن بۆلەك قايسى ئىلاھ سىلەرگە يورۇقلۇق ئېلىپ كېلەلەيدۇ، سىلەر ئاڭلىمامسىلەر؟» دېگىن. ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ؟ ئەگەر اﷲ كۈندۈزنى سىلەر ئۈچۈن قىيامەت كۈنىگىچە سوزىدىغان بولسا، اﷲ تىن بۆلەك قايسى ئىلاھ سىلەرگە ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن كېچىنى ئېلىپ كېلەلەيدۇ؟ سىلەر كۆرمەمسىلەر؟» دېگىن›( قەسەس 71،72ـ ئايەت).
   كېچە ۋە كۈندۈزنىڭ مۇنتىزىم رەۋىشتە ئالمىشىپ تۇرىشى، ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى مۇۋازىنەتنىڭ ساقلىنىشى، تۈننىڭ قىسقىرىشى ۋە كۈننىڭ ئۇزۇرىشى، ئەكسىنچە كۈننىڭ قىسقىراپ، تۈننىڭ ئۇزۇرىشى ــ بارلىقنىڭ ياراتقۇچىسى ئاللاھتىندۇر. ئىنسانلار تەرپىدىن ئەڭ مۇكەممەل يارىتىلغان سائەتلەرمۇ بىر كېچە كۈندۈزدە مەلۇم دەقىقىلەردە ئادىشىدۇ. بىراق كۈن بىلەن تۈننىڭ ئالمىشىشى، پەسىللەرنىڭ ئۆزگۈرىشى ئاللاھ تەرپىدىن بەلگىلەپ قويۇلغان قانۇنلار ئاساسىدىكى تەبىئەت ھادىسلىرىدە ھىچقانداق مەۋھۇملۇق يوق.
كۈن بەلگىلەنگەن جايىغا قاراپ سەير قىلىدۇ، بۇ، غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى اﷲ نىڭ ئالدىنئالا بەلگىلىگەن ئىشىدۇر. ئايغا سەير قىلىدىغان مەنزىللەرنى بەلگىلىدۇق، ئۇ (ئاخىرقى مەنزىلگە يېتىپ بارغاندا) خورمىنىڭ قۇرۇپ قالغان شېخىغا ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ. كۈننىڭ ئايغا يېتىۋېلىشى (يەنى ئىككىسىنىڭ جەم بولۇپ قېلىشى)، كېچىنىڭ كۈندۈزدىن ئېشىپ كېتىشى (يەنى ۋاقتى كەلمەستىن كۈندۈزنىڭ ئورنىنى ئېلىشى) مۇمكىن ئەمەس، ھەر بىرى پەلەكتە ئۈزۈپ تۇرىدۇ› (سۈرە ياسىن 38،39،40ـ ئايەت).
  ئەگەر ئاللاھ خالىسا يەر يۈزىدە پەقەت كۈندۈز ياكى قاپقاراڭغۇ كېچە بولىشى مۇمكىن. جانلىقلار بۇنىڭغا پەقەتلا چىدىيالمايدۇ. شۈبھىسىزكى ئاللاھ كىچە ۋە كۈندۈزنى خاتاسىز تۈزۈم ئاساسىدا يەر يۈزىدىكى جانلىقلار ۋە ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىنىڭ ياشىشى ئۈچۈن قولاي شارائىت قىلىپ ياراتقان. بۇ بولسا ئۇنىڭ شەپقەت ۋە مەرھەممىتىنىڭ چەكسىز زات ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر. يۇقىرىدا قەسەس سۈرىسىدىن كەلتۈرۈلگەن 71ـ72ـ ئايەتلەرنىڭ داۋامىدىكى ئايەتتە ئاللاھتائالا تۆۋەندىكىدەك مەرھەممەت قىلغان:
  ‹سىلەرنى كېچىدە ئارام ئالسۇن، كۈندۈزدە (ھاياتلىق يولىدا ھەرىكەتلىنىپ) اﷲ نىڭ پەزلىنى تەلەپ قىلسۇن ۋە (اﷲ نىڭ نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلسۇن دەپ، سىلەر ئۈچۈن كېچە بىلەن كۈندۈزنى يارىتىشى اﷲ نىڭ رەھمىتىدىندۇر›(قەسەس 73ـ ئايەت).
  كىچە ۋە كۈندۈزنىڭ تەرتىپ بىلەن كىلىشىدىكى ھېكىمەتلەرنى پەقەت تەپەككۇر قىلغۇچى ئەقىل ئىگىللىرى، ئاللاھتىن قورققۇچى ۋە قۇرئان ئەخلاقى بىلەن ياشىغۇچىلارلا ئىتراپ قىلىدۇ.
   ‹كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا، اﷲ ئاسماندا ۋە زېمىندا ياراتقان شەيئىلەردە (اﷲ تىن) قورقىدىغان قەۋم ئۈچۈن، ھەقىقەتەن، (اﷲ نىڭ بارلىقىنى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار›(سۈرە يۇنۇس 6ـ ئايەت)
  ‹شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن، ئەلۋەتتە، روشەن دەلىللەر بار›(ئال ئىمران 190ـ ئايەت).
  ‹ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىشىدە، كىشىلەرگە پايدىلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ دېڭىزدا ئۈزۈپ يۈرگەن كېمىلەردە، اﷲ بۇلۇتتىن ياغدۇرۇپ بەرگەن، ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرىدىغان يامغۇردا، يەر يۈزىگە تارقىتىۋەتكەن ھايۋاناتلاردا، شامال يۆنۈلۈشلىرىنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشىدا، ئاسمان - زېمىن ئارىسىدا بويسۇندۇرۇلغان بۇلۇتلاردا، چۈشىنىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن، ئەلۋەتتە (اﷲ نىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر باردۇر›( بەقەرە 164ـ ئايەت)
ئاللاھ كېچىنى بەندىللىرىنىڭ ئۇخلاپ ئارام ئېلىشى ئۈچۈن ياراتقانلىقىنى تۆۋەندىكى ئايىتىدە بىلدۈرگەن:
  ‹ئى ئىنسانلار! ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن اﷲ سىلەرگە كېچىنى ياراتتى، نەرسىلەرنى كۆرۈشۈڭلار ئۈچۈن كۈندۈزنى ياراتتى، (ئىبرەت قۇلىقى بىلەن) ئاڭلايدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا نۇرغۇن ئالامەتلەر بار›(يۇنۇس 67ـ ئايەت).
ئۇلارغا كېچىنى ئارام ئالىدىغان (ۋاقىت) قىلغانلىقىمىزنى، كۈندۈزنى (ھاياتلىق يولىدا ھەرىكەتلىنىش ئۈچۈن) يورۇق قىلغانلىقىمىزنى ئۇلار ئۇقمامدۇ؟ بۇنىڭدا ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن (اﷲ نىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار›(نەمىل 86ـ ئايەت)
‹(كۈندۈزى ئىشلەپ يەتكەن ھارغىنلىقتىن) ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن، اﷲ سىلەرگە كېچىنى (قاراڭغۇ قىلىپ) ياراتتى، (تىرىكچىلىك يولىدا ھەرىكەتلىنىشىڭلار ئۈچۈن) كۈندۈزنى يورۇق ياراتتى. اﷲ ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىكتۇر ۋە لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (اﷲ نىڭ ئېھسانىغا شۈكۈر قىلمايدۇ، اﷲ نىڭ مەرھەمىتى ۋە نېمەتلىرىگە نانكورلۇق قىلىدۇ)›(غافىر 61ـ ئايەت›.
كىچىنىڭ يارىتىلىشىدا ئىنسانلارنىڭ دەم ئېلىپ، ھاردۇق چىقىرىشىدىن تاقشىرى يەنە بۈيۈك بىر ھېكىمەت بار. پۈتۈن مەۋجۇدات ئۇيقۇغا كىتىپ، ئاسايىشلىق ھۆكۈم سۈرگەن بىر پەيىتتە ئىبادەت قىلىش مەقسىتىدە ئارامىدىن كەچكەن مۆئىمىن ئاللاھتائالانىڭ پەيغەمبىرمىز سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە بەرگەن تۆۋەندىكى خۇش خەۋىرىنى ئەسلەيدۇ:
  ‹ساڭا نەپلە (ئىبادەت) بولۇشى ئۈچۈن، كېچىنىڭ بىر قىسىمىدا (ناماز ئوقۇشقا، قۇرئان ئوقۇشقا) ئويغانغىن، (ئى مۇھممەد‍! (پەرۋەردىگارىڭنىڭ سېنى مەدھىيىلىنىدىغان ئورۇنغا (يەنى بۈيۈك شاپائەت ماقامىغا) تۇرغۇزۇشى ھەقىقەتتۇر›(ئىسرا 79ـ ئايەت)
   كىچىدە ئاسايىشلىقنىڭ ھۆكۈم سۈرىشى مۆئمىنگە ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى چوڭقۇرلاپ مۇلاھىزە قىلىش، قۇرئان ئوقۇش، دۇئا قىلىش قاتارلىق ئىبادەتلىرىنى بىجەرىشكە قۇلايلىق قىلىپ بىرىلگەن. بۇنى بىلگەن مۆئمىن تۈننىڭ مەلۇم قىسمىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈشكە ئىنتىلىدۇ. ئېھتىياجلىرىنى، كۈندۈز داۋامىدا ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىنىڭ مەغفىرەت قىلىشىنىشى دۇئا قىلىپ سورايدۇ. تۈننىڭ مەلۇم قىسمىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزگەن مۆئىمننى ئاللاھتائالا:
  ‹ئۇلار كېچىلەرنى پەرۋەردىگارىغا سەجدە قىلىش ۋە قىيامدا تۇرۇش بىلەن) يەنى ناماز ئوقۇش بىلەن) ئۆتكۈزىدۇ› (فۇرقان 64ـ ئايەت)
   ‹ئۇلارنىڭ يانلىرى ئورۇن - كۆرپىدىن يىراق بولىدۇ (يەنى ئۇلار كېچىسى ئىبادەت قىلىپ ئاز ئۇخلايدۇ)، ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ (ئازابىدىن) قورقۇپ، (رەھمىتىنى) ئۈمىد قىلىپ ئۇنىڭغا دۇئا قىلىدۇ، ئۇلارغا بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىدۇ›(سەجىدە 16ـ ئايەت).
   ‹(اﷲ قا شېرىك كەلتۈرگەن ئادەم ياخشىمۇ؟) ياكى ئاخىرەت (ئازابىدىن) قورقۇپ، پەرۋەردىگارىنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ كېچىنىڭ سائەتلىرىنى سەجدە قىلغان ۋە قىيامدا تۇرغان ھالدا ئىبادەت قىلىپ ئۆتكۈزگەن ئادەم (ياخشىمۇ؟)». ئېيتقىنكى، «بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟ پەقەت (ساغلام) ئەقىل ئىگىلىرى ئىبرەت ئالىدۇ»›(زۇمەر 9ـ ئايەت).
  تۈننىڭ مەلۇم قىسمىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزگەن مۆئىمىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە پەيغەمبىرمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىگىمۇ ئەمەل قىلغان بولىدۇ.
   ‹ئى مۇھەممەد!) شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ سېنىڭ ۋە سەن بىلەن بولغانلارنىڭ (يەنى ساھابىلەر) دىن بىر توپ ئادەمنىڭ (تەھەججۇد نامىزى ئۈچۈن) كېچىنىڭ ئۈچتىن ئىككى ھەسسىسىدە، يېرىمىدا ۋە ئۈچتىن بىر ھەسسىسىدە تۇرىدىغانلىقىڭلارنى بىلىدۇ...›( مۇززەممىل 20ـ ئايەتنىڭ بىر قىسىمى).
1
شۇنداق قىلىپ كىتاپنىڭ بىرىنجى بۆلىمى تۈگىدى. ئەمدى ئاللاھ خالىسا ئىككىنجى بۆلىمى ھوزۇرۇڭلاردا بولىدۇ.
1
ئىككىنجى بۆلۈم
مۆئمىن ھەرقانداق شارائىتتا قۇرئان ئەخلاقىغا كۆرە ھەركەت قىلىدۇ
ئائىلىسى ۋە يېقىنلىرى بىلەن مۇناسىۋەتتە...
داۋامى بارچۇ...
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5351
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 614
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە614دانە
ئۆسۈش: 760 %
مۇنبەر پۇلى: 6943 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-05-08
62-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: ئالدىنقى كۈنى

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم ناھايتى ياخشى تېمايوللاپسىز ئۇللۇغ ئاللاھ ئەجىرىڭىزنى زىيادە قىلسۇن،
دوستلىشىش
dunyazad12
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11246
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 17
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە17دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 190 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-03-24
ئاخىرقى: 2012-05-10
63-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاللا ئەجرىڭىزگە ئەجىر بەرسۇن داۋامىنى يوللىغايسىز .
دوستلىشىش
جۇندۇللاھ001
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11549
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 12
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە12دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 120 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-05-05
ئاخىرقى: 2012-05-10
64-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم!
ئاللاھ رازى بولسۇن قېرىندىشىم ھەقىقەتەنمۇ ياخشى تېمائىكەن.
بىلىڭلاركى جەننەت جاپا مۇشاقەت ۋەنەفسىڭلارغا ياقمايدىغان ئىشلار بىلەن قورشاغلىقتۇر.