قۇرئان ئەخلاقىغا كۆرە مۆئمىننىڭ 24 سائىتى
ھارۇن يەھيا
تۈركچىدىن ئۆزبىكچىگە تەرجىمە قىلغۇچى: دىلفۇزە
مەسئۇل مۇھەررىر: ھاجى مىرزا كەنجىبەگ
ماۋەرائۇننەھىر، 2006ـ يىل
ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچىدىن ئىلاۋە:
(مەزكۇر كىتاپتا مۇسۇلمان كىشىنىڭ بىر كۈن يەنى 24 سائەت ئىچىدىكى بولىدىغان بارلىق كۈندىلىك پائالىيەتلىرىنى < ئۇخلاش، قوپۇش، يۇيۇنۇش، تارىنىش، كىيىنىش، يىيىش_ئىچىش، مىھماندارچىلىق... ۋەھاكازالار> قانداق قىلغاندا قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئۇيغۇن ھالدا قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرستىپ بەرگەن بولۇپ، ئىسلامنى پەقەت 5 ۋاخ ناماز، روزا، زاكات... دەپلا چۈشۈنىۋالغان بەزى كىشىللىرىمىزنىڭ ئىسلامنى كەڭ دائىردە چۈشۈنىشىگە ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى بەزى ئىشلاردا ئىسلامنىڭ قانداق كۆرسەتمىسى بارلىقىنى بىلەلمەي، سۈننەتنى ئەھلىيا قىلالمايۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا ياخشى يىتەكچى بولالايدۇ.
ئەگەر قۇرئان ئەخلاقى بىلەن خۇلۇقلىنىپ، 24 سائەتنى قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئۇيغۇن ئۆتكۈزىمەن دىسىڭىز دىققىتىڭىز مەزكۇر كىتاپتا بولسۇن. كىتاپتىكى ئايەتلەر مۇھەممەد سالىھ داموللام تەرجىمە قىلغان قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بويۇنچە ئېلىندى)
مەسئۇل مۇھەررىر ھاجى مىرزا كەنجىبەگدىن :
ئاللاھ ئىنساننى ئۇلۇغلاپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ يەردىكى خەلىفىسى قىلىپ ياراتتى. كۆرۈش، ھىدلاش ھەم تەم تېتىش، ئەقىل ۋە تەپەككۇر قىلىش ھىدايىتىنى ئاتا قىلدى.يەرنى ئىنسان ھاياتى ئۈچۈن زۆرۆر بولغان بارچە قولايلىقلارنى ئۆزىدە مۇجەسسەم قىلغان ماكانغا ئايلاندۇردى.ئۇنىڭدىكى جىمى نەرسىلەرنى ئىنسانغا بوي سۇندۇرۇپ، ئىنساننى سىناق ۋە ئىمتىھان قىلىشنى ئىرادە قىلدى. لىكىن ئادەم بالىسى بۇ قۇلايلىقلار ئىچىدە ياشاپ،كۆزى كۆرۈپ كۆنۈپ قالغانلىقى ئۈچۈن بۇنىڭغا ئىتبار قىلمىدى.ئەسلىدە ئاللاھ ياراتقان ھەربىر نەرسىدە - چۈمۈلىدمۇ، چىۋىندىمۇ مۆجىزە بار، مۆئمىنگە ئىبرەت بار. ئوقۇڭ، بىلىڭ، ئەمەل قىلىڭ. مەقسىدىمىز - قۇرئان ئەخلاقى بىلەن ھىدايەت تاپقان ئىنسانلارنىڭ بەختىيارلىقى، خاتىرجەملىكىنى نەمۇنە قىلىپ كۆرسىتىش، سىزنى ھەم ھەق يولغا دەۋەت قىلىشتۇر.
ئاگاھلىققا ئۈندىگۈچى كىتاپ
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.دۇنيادا بارچە بەندىللىرىگە، ئاخىرەتتە بولسا ئۆزى دوست تۇتقان بەندىللىرىگە رەھىم قىلغۇچى ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇسانالار بولسۇن. قۇرئان ئەخلاقى بىلەن خۇلۇقلىنىپ، ئەڭ ئۇلۇغ خۇلۇق ساھىبى بولغان سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ھەزىرتى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ساناقسىز دۇرۇت يوللايمىز. ئاللاھ تائالا مۇقەددەس كالامىدا:«ئى ئىنسانلار! سىلەر ئاللاھقا مۇھتاجسىلەر، ئاللاھ ھەممىدىن بىھاجەتتۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر»(سۈرە فاتىر 15ـ ئايەت)، دەپ مەرھەمەت قىلدى. دەرھەقىقەت، ئىنسان دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە مۇھتاجدۇر. ئاللاھ ئىنسانغا ئاتا قىلغان ئەڭ ئىسىل نىئمەتلەرنىڭ بىرى گۈزەل ئەخلاق بولۇپ، ئۇنىڭغا ساھىب بولۇش ئۈچۈن ئاللاھقا، قۇرئانغا مۇھتاجمىز. ئىنسان ئاگاھ قەلىب بىلەن ياشىسا، مۇقەددەس ئىسلام دىنى ئۇنىڭ پۈتۈن پائالىيتىنى ئىبادەت ھالىتىگە كەلتۈرىدۇ.«قۇرئان ئەخلاقىغا كۆرە مۆئمىننىڭ 24 سائىتى» دەپ ئاتالغان ئۈشبۇ كىتاپ ئىنساننى تەپەككۇرغا، ئاگاھلىققا، گۈزەل ئەخلاققا، پاكىزە ھاياتقا ئۈندەيدۇ، قۇرئانى كەرىم ئاساسىدا ياشاشقا چاقىردۇ. مۆئمىن ئادەم ئويغانغان چېغىدا ئۇيقۇ ۋە بىدارلىق، تىرىكلىك ۋە ئۆلۈم، كىچە ۋە كۈندۈز، ئەزايى بەدەن نىئمەتلىرىنى تەپەككۇر قىلىپ، شۈكۈر قىلىدۇ. يۇينىۋاتقاندا ۋۇجۇد نىئمىتى، سۇ ۋە پاكلىق نىئمەتلىرىنى ئويلاپ، ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتىدۇ. كىينىۋاتقاندا بەدىنىنى يوشۇرۇپ تۇرغان، ئىسسىقتىن، سوغۇقتىن ۋە تۈرلۈك زەرەرلەردىن ساقلايدىغان كىيىم - كىچەك نىئمىتىنى، غىزالىنىۋاتقان چاغدا ھالال لوقما، قۇۋۋەت ۋە ئىبادەت، مىۋە - چىۋە، تاتلىق - تۈرۈم نىئمەتلىرىنى تەپەككۇر قىلىپ، پەرۋەردىگارىغا شۈكۈر ئېيتىدۇ. يول يۈرۋاتقىنىدا بولسا يەر ۋە ئاسمان، سۇ ۋە قۇرۇقلۇق، قاتناش قۇراللىرىدىن - ئات، ئىشەك، تۆگە، ئاپتۇموبىل، پويىز، ئايرۇپلان،كىمە قاتارلىق نۇرغۇنلىغان قاتناش ۋاستىللىرىنى تەپەككۇر قىلىپ، شۇ قاتناش ۋاستىللىرىنىڭ ياسىلىشىغا سەۋەپ بولغان تۆمۈر، پولات، مىس ۋە خىلمۇخل ماتىرياللارنى ئويلاپ، شۇلارنى زىمىندىن چىقىرىپ بەرگەن ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتىدۇ.خىزمەت، سودا - سېتىق ئەسنالىرىدا رىزىقنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ ئاللاھنى ئۇنۇتماسلىققا، دۇنيا ھىرىسىگە بېرىلىپ، تەقۋانى ئۇنۇتماسلىققا، ئاخىرەتنى قولدىن بەرمەسلىككە ئۇرۇنىدۇ. ئىبادەت ئەسناسىدا بۇ نىئمەتنى ھەممىدىن ئۈستۈن قويۇپ، ئىخلاس ۋە مۇھەببەت بىلەن، خارلىق ۋە زارلىق، ئاگاھ قەلىب بىلەن پەرۋەردىگارىغا بەندىچىلىك قىلىشقا بىرىلىدۇ. ئۇخلاش ئالدىدا يەنە كىچە ۋە كۈندۈزنىڭ ئالمىشىشنى پىكىر قىلىدۇ، تەۋبە ئىستىخفار بىلەن، كىچىنى لىباس ۋە ئارام قىلىپ بەرگەن رەببىسىگە شۈكۈر قىلىدۇ. خۇپتەن ۋە بامدات نامىزى ئارلىقىدىكى ئۇيقىسىمۇ ئىبادەتكە ئۆتىدۇ. شۇنىڭدەك، مۆئمىن كىشى ئائىلىسى ۋە يېقىنلىرى بىلەن مۇناسىۋەتتە، تۈرلۈك نىئمەتلەر ئالدىدا، گۈزەللىك قارشىسىدا، بىتاپ بولغىنىدا، ئازار يەتكۈچى نەرسىلەرگە دۇچ كەلگىنىدە، ھەمىشە، ھەرقاچان، ھەر جايدا مۇقەددەس قۇرئانغا مۇۋاپىق ياشاشقا ئىنتىلىدۇ. ئىنساننىڭ ئورۇنلۇق سۈكىتىمۇ ئىبادەتكە ئايلىنىدۇ. جىملىق ئىككى خىلدۇر: سۈكۈت - ئاددى جىم تۇرۇش. سۈمۈت - ئاللاھنىڭ قۇدرىتى، سەنئىتى، نىئمەتلىرىنى تەپەككۇر قىلغان ھالدا جىم تۇرۇش. ئىككىنجى ھالدا ئىنسان ئاللاھقا يېقىن تۇرۇشنى ئىستىگەن بولىدۇ. «كۆڭۈل ئاللاھتا، قولى ئىشتا»، يەنى «زاھىرەن خەلق بىلەن، باتىنەن ھەق بىلەن». مەزكۇر ئىشنى بىجىرىشتە مۆئمىن ئىنسان تۆت ئۇلۇغ نىئمەتكە ئىرىشىدۇ: 1. كۈنلۈك ھاياتىنىڭ ھەممە جەريانىدا مۇقەددەس قۇرئان ئەخلاقىغا، ئۇنىڭ ئالىي نەمۇنىسى بولمىش ھەزىرتى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم خۇلىقلىرىغا رىئايە قىلىپ، ساۋاپ ۋە دەرىجىلەر تاپىدۇ. 2. ھەر قايسى پائالىيەت، ئىش - ھەركەتلەرگە تىگىشلىك ئايەت كەرىمىلەرنى تەپەككۇر قىلىپ، ئاللاھقا يېقىن بولىدۇ. 3. قەلبى ۋە نىيىتىگە قاراپ، ئىنساننىڭ پۈتۈن ھەركەتلىرى ئىبادەت دائىرسىگە كىرىدۇ. 4. دۇنيادا بەختىيار بولۇپ، ئاللاھ زىكىرى ۋە پىكىرى بىلەن ۋۇجۇدى ئارام تېپىپ، ئىنشائاللاھ ئاخىرەتتىمۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە، جەننىتى ۋە جامالىغا مۇشەررەف بولىدۇ. بەس، ئۇشبۇ رىسالە ئىنساننىڭ غەپلەتتىن قۇتۇلىشىغا ياردەم بىرىدىغان مەنالار خەزىنىسىدۇر. رەببىمىز ئۇنىڭدىكى گۈزەل تەۋسىيەلەرگە ئەمەل قىلىپ ياشاشنى ھەممىمىزگە نىسىپ قىلسۇن! تەرجىمان دىلفۇزەنىڭ ئۈشبۇ كىتاپنى ئۆزبەك تىلىغا تەرجىمە قىلغىنى ئۈچۈن، مىھرىبان ئاللاھ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە كۆپلەپ ئەجىر بەرسۇن. ھاجى مىرزا كەنجىبەگ . 2006ـ يىل 1ـ ئاينىڭ 18ـكۈنى
سۆيۈملۈك پەيغەمبىرمىز ھەزىرتى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ خۇلۇقلىرى ئاللاھ ماختىغان، قۇرئان كەرىم ئۆگەتكەن خۇلۇقلار بولۇپ، قۇرئاندىكى بارچە ياخشىلىقلارنى ئۇزاتتا كۆرۈش مۇمكىن ئىدى. ساھابىلەر ئۇ زاتنىڭ ئەخلاقى توغرىسىدا ئۇممۇل مۆئمىنىن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن سورىغاندا، تۆۋەندىكىدەك جاۋاپ قىلغان:«سىزلەر قۇرئان ئوقۇمسىزلەر؟ ئۇ زاتنىڭ ئەخلاقى قۇرئان ئىدى».
قۇرئان ئەخلاقىغا كۆرە مۆئمىننىڭ 24 سائىتى
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. قۇرئاننى بىزگە رەھبەر ۋە ھىدايەت مەنبىيى قىلىپ بەرگەن ھەمدە «بىز چۈشۈرگەن بۇ كىتاپ مۇبارەكتۇر.بەس، ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار ۋە تەقۋا قىلىڭلار»،دەپ مەرھەممەت قىلغان ئاللاھ تائالاغا جامالىغا يارىشا تۈگمەس ھەمدۇ سانالار بولسۇن. قۇرئان خۇلقىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلىپ، «ئەلۋەتتە سەن گۈزەل خۇلۇق ئۈستىدىسەن»، دەپ ماختالغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا مۇكەممەل سالاتۇ دۇرۇت بولسۇن. قۇرئان ئوقۇپ، بىلىپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغان ساھابە كىرەملەرگە ئاللاھنىڭ رازىلىقى بولسۇن. قۇرئان كەرىم ئىنسان ھاياتىنىڭ تەۋەللۇد باسقۇچىدىن تارتىپ، تا ھاياتىنىڭ ئاخىرغىچە كىلىپ چىقىدىغان بارچە ئىھتىياجلىرغا جاۋاپ بەرگۈچى، مەۋجۇد مۇئەممالارنىڭ ئادالەتلىك ۋە مۇفەسسەل ھەل قىلنىشىغا يول كۆرسەتكۈچى، ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندا دەستۇرۇلئەمەل بولغۇچى ئىلاھى كىتاپتۇر. ئۇ پەيغەمبىرمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەگە ئاللاھ تائالا تەرپىدىن ئاتا قىلىنغان مۆجىزىلەرنىڭ ئەڭ بۈيۈگى بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇنى ئوقۇپ، بىلىپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغانلارنى ئىككى دۇنيالىق سائادەتكە يىتەكلىگۈچى مەنبەدۇر. ئۇنىڭدا ھالال بىلەن ھارام، ھەق بىلەن ناھەق ئوچۇق بايان قىلىنىپ، ئاللاھ تائالا مەرھەممەت قىلغىنىدەك: «بۇ كىتاپتا(يەنى قۇرئاندا) ھىچ شەك يوقتۇر، (ئۇ) تەقۋادارلارغا يىتەكچىدۇر»(سۈرە بەقەرە 2ـ ئايەت). باشقا ئايەتلەردە ئاللاھ تائالا: «ئۇلارنىڭ قىسسىللىرىدىن ئەقىل ئىگىللىرى ئىبرەت ئالىدۇ. (قۇرئان) يالغاندىن توقۇلغان سۆز ئەمەس. لېكىن، ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل بولغان (ساماۋى) كىتاپلارنى تەسدىق قىلغۇچىدۇر، ھەممە نەرسىنى ئىنچىكە بايان قىلغۇچىدۇر، ئىمان ئېيتىدىغان قەۋىم ئۈچۈن ھىدايەتتۇر ۋە رەھمەتتۇر». «... ساڭا بىز كىتاپنى (يەنى قۇرئاننى) ھەممە نەرسىنى (يەنى كىشىلەر مۇھتاج بولىدىغان دىنى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى) چۈشەندۈرۈپ بىرىدىغان، (دىللارغا) ھىدايەت، (بەندىلەرگە) رەھمەت، مۇسۇلمانلارغا مەڭگۈلۈك سائادەت بىلەن خۇش خەۋەر يەتكۈزدىغان قىلىپ نازىل قىلدۇق»(سۈرە نەھىل 89ـ ئايەت)، دەپ خەۋەر بەرگەن. ئاللاھنىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكىگە، ئۇنىڭ پەرىشتىللىرىگە، مۇقەددەس كىتاپلىرىغا، پەيغەمبەرلىرىگە، ئاخىرەت كۈنىگە، تەقدرگە يەنى ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ ئاللاھ تەرپىدىن ئىكەنلىكىگە، ئۆلۈمدىن كىين قايتا تىرىلىشكە ئىمان كەلتۈرگەن ھەربىر ئىنسان ھاياتىنى قۇرئان ئايەتلىرىگە ماس ھالدا ئېلىپ بارىدۇ. ئوقۇغان ئايەتلىرىنى كۈندىلىك ھاياتىغا تەدبىق قىلىشقا ھەركەت قىلىدۇ. ئويغانغىنىدىن تاكى يەنە ئۇيقۇغا بارغۇچە ئارلىقتا قىلۋاتقان ئىشلىرىنى قۇرئان ئەخلاقىغا ماسلاشتۇرۇپ ئويلاشقا ۋە بىجىرىشكە ھەركەت قىلىدۇ. مۆئمىن ھاياتىنىڭ ھەربىر قىسمىدا بۇ مۇكەممەل ئەخلاقنىڭ ئەۋزەللىكى ھەققىدە ئاللاھ تائالا مۇنداق مەرھەمەت قىلغان: «(ئى مۇھەممەد!) ئېيىتقىنكى،‹مىنىڭ نامىزىم،قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم (دۇنيادا قىلغان ياخشىلىقلىرىم ۋە تائەت ئىبادەتلىرىم) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۈچۈندۇر». ئەپسۇسكى، بەزى ئىنسانلار ئاللاھ تائالا قۇرئاندا ئەمىر قىلغان ئىبادەتلەر پەقەت ناماز، روزا، زاكات، ھەج چۈشىنىدۇ. قىلىنىشى لازىم بولغان پەرىز ئىبادەتلەرنى بىجىرىپ، كۈننىڭ قالغان قىسمىدا دۇنياۋى ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن «ئىسلام دىنى ئەتىگەندىن - كەچكىچە ناماز ئوقۇشنى تەرغىپ قىلىدۇ، دۇنياۋى ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشنى مەنئى قىلىدۇ»، دىگەن ناتوغرا چۈشەنچە پەيدا بولىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «شۇنىڭدەك (يەنى سىلەرنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلغاندەك) كىشىلەرگە (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەلەرگە) شاھىت بولۇشىڭلار ئۈچۈن ۋە پەيغەمبەرنىڭ سىلەرگە شاھىت بولىشى ئۈچۈن، بىز سىلەرنى ياخشى ئۈممەت قىلدۇق»(سۈرە بەقەر 143ـ ئايەتنىڭ بىر قىسمى). ئۈشبۇ ئايەت كەرىمدە ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارنى ياخشى ئۈممەت قىلغانلىقىنى ئىلان قىلماقتا. «ياخشى» دەپ تەرجىمە قىلغان سۆز خەيىرلىك، ئەۋزەل، ئادالەتلىك دىگەندەك بىر نەچچە مەنالارنى بىلدۈرىدۇ. شۇ ئارقىلىق بۇ ئۈممەتنىڭ ھەربىر ئىشتا ئوتتۇرھال يول تۇتىشى، دىنى ئىتقاد ۋە تەسەۋۋۇر، دۇنيا قاراش ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەت، يۈرۈش - تۇرۇش، تەپەككۇر، زامان ۋە ماكان، ئائىلە ۋەھاكازالاردا دائىم مۆتىدىل، ئادالەتلىك بولۇشى، بەزى ئۈممەتلەرگە ئوخشاش پەقەت روھى تەرەپكە، يەكى بەزىللىرىگە ئوخشاش پەقەت ماددى تەرەپكە ئېغىپ كەتمەسلىكى ئۇقتۇرۇلغان. ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ماكان جەھەتتىن ئوتتۇرھال ئۈممەت ھىساپلىنىشىغا سەۋەپ - ئۇنىڭ قىبلىسى، باشقىچە ئېيىتقاندا دىنى مەركىزىمۇ قۇرۇقلۇقنىڭ قاپ ئوتتۇرسىدا، يەر يۈزىنىڭ ئەڭ مۇقەددەس ۋە مۇبارەك جايىغا جايلاشقان. بارچە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاتىسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن ئوغۇللىرى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە بىنا قىلغان كەئىبىنىڭ مۇسۇلمان ئۈممىتى ئۈچۈن قىبلە قىلىنىشى بۇ ئۈممەتكە ناھايىتى چوڭ شەرەپتۇر! ئىسلام ئۈممىتى زامان جەھەتتىنمۇ ئوتتۇرھال ئۈممەت ھىساپلىنىدۇ. ئىنسانىيەت باشلىنىپ - ئۆسۈپ، بالىلىق، ئۆسمۈرلۈك ۋە ياشلىق دەۋرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كىيىن، ۋايىغا يەتكەندە ئىسلام ئەۋەتىلگەن. ئىسلام دىنى ئىنسان ھاياتىنى دىنى ۋە دۇنياۋىي ھاياتقا ئاجراتمايدۇ. ئاللاھ بىزلەرگە، ئۆزىنىڭ ئاخىرقى پەيغەمبىرى، ھەبىبى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۈممەتلىرىگە ياشاش نىئمەتىنىڭ ھەر دەقىقىسىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىنى بەرگەن. دىنىمىزدا ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ھالال كەسىپ قىلىش پەرىز ئىبادەت دەرجىسىگە كۆتۈرۈلگىنى، پەيغەمبىرمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم سۈننەتلىرىگە ئەگىشىش نىيىتىدە ئائىلىۋىي ھايات قۇرۇپ، ئۇنى ئىبادەتكە ئايلاندۇرۇش مۇمكىنلىكى كۆپچىلىككە مەلۇم. بىلمىگەنلەر شۇنى دائىم ئەستە تۇتىشى لازىمكى، ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن قىلىنغان ھەربىر ھەركەت، ھەتتا ئۇنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن بۇرادىرىنى ئوچۇق چىراي بىلەن كۈتىۋىلىش ياكى بىرەر ھايۋانغا ئاللاھ رىزالىقىغا ئىرشىش مەقسىتىدە سۇ بىرىش، ئىبادەت ئۈچۈن قۇۋۋەت بولۇشى نىيىتىدە ئاللاھ بەرگەن يىمەكلىكلەردىن، تەكرار ئېيتىمىزكى، ئاللاھ ئۆزى نىئمەت قىلىپ بەرگەن يىمەكلىكنى، «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن قۇۋۋەت بولسىكەن»، دىگەن مەقسەتتە يىيىشمۇ ئىبادەتتۇر. بۇ دىن ئاجايىپ ئاسان، ئاجايىپ خۇش خەۋەر بەرگۈچى دىندۇر. ھەربىر ئەمەل ئاللاھ رىزالىقىغا ئىرىشىش نىيىتىدە قىلىنسا، ئۇنىڭ ئىبادەت دەرىجىسىگە كۆتۈرىلىشى بىز مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بىرىلگەن ئەڭ چوڭ نىئمەتلەرنىڭ بىرىدۇر. بۇنىڭدا نىيەتنىڭ ئەھمىيىتى بەكمۇ چوڭ. مەسىلەن، غەيۋەت ۋە ھەسەت قىلىش ئىللىتىنى ئالايلۇق. ئۇنى تەرىك ئەتكەن ئىنسان بۇ يامان ئىللەتلەرنىڭ زەرەرىدىن پارىغ بولىدۇ، لىكىن ساۋاپ ئالمايدۇ. ئەمما شۇ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش يامان ئادەتلەرنى ئاللاھ رىزالىغا ئۈچۈن تەرك ئەتسە، ھەم بۇلار ئەقىدىسىدە كىلىپ چىقىدىغان يامانلىقلارنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ، ھەم ئەجىر - ساۋاپلارغا ئىرىشىدۇ. ئاللاھ تائالا بىزنىڭ مەخلۇقاتلارنىڭ ئەڭ خەيىرلىكى، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدەك بىر زاتقا ئۈممەت قىلغانلىقىنىڭ ئۆزى بۈيۈك بىر بەخىت. بەخت ئۈستىگە يەنە بىر بەخىت - بىزلەر ئۆز نىيىتىمىز ۋە ئەمىلىمىز بىلەن ئۇيقۇمىزنىمۇ ئىبادەتكە ئايلاندۇرشىمىز مۇمكىن. بۇنىڭغا مىسال قىلىپ ئۈشبۇ ھەدىسنى ئېلىشىمىز مۇمكىن: « كىشى خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇپ، تاھارەتلىك ھالەتتە ياتسا، ئەتىسى سەھەردە تۇرۇپ بامدات نامىزىنى ئوقۇسا، ئۇكىشى كىچىسى ئىبادەت قىلغاننىڭ ساۋابىنى ئالىدۇ». بىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۈممەتلىرى شۇنچىلىك بەختىيارمىزكى، ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلەپ، ئاددىي ھاياتىمىزنىمۇ ئىبادەتكە ئايلاندۇرالايمىز. ئۆز ھاياتىنى قۇرئان ئەخلاقىغا ماسلاشتۇرۇپ قۇرغان مۆئمىنلەر باشقىلارغا نىسبەتەن تىنىچ، ئازادە ھايات كەچۈرىدۇ. بۇ - مۆئمىنلەرنىڭ مۇئەمماسى بولمايدۇ ياكى ئۇلار مۇسىبەتكە ئۇچۇرمايدۇ، دىگەنلىك ئەمەس. ئاللاھ تائالا ئىنساننى ئۇلۇغلاپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ يەردىكى خەلىفىسى قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇنى سىناش ۋە ئىمتىھان قىلىشنى ھەم ئىرادە قىلغان. مۆئىمىنلەر، ئاللاھ ئۆز ھىكىمىتى بىلەن مۇسىبەتكە ئۇچراتقۇچىلارنىڭ ئاۋۋالقىللىرى بولىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ باشقىلاردىن ئەۋزەل، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇھىم تەرەپلىرى پەرۋەردىگارى رازىلىقىنى تىپىش مەقسىدىدە ئۇنىڭ تەقدىرىگە، ھۆكۈمىگە رازى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆزىگىلا تەۋەككۇل قىلىپ ياشاشلىرىدۇر. ئۇلار كەمبەغەل ياكى كىسەل بولۇپ قىلىشتىن قورىقمايدۇ. كۆڭۈلسىزلىك، مۇسىبەت ۋە تۈرلۈك دۇنياۋىي تەشۋىشلەر ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرالمايدۇ. قانداق ھادىسىگە دۇچ كىلىشىلىرىدىن قەتئىي نەزەر، بۇنىڭدا ئاللاھنىڭ ھىكىمەتلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلگىنىدىن سىرىت، ئۆزلىرىنى ئاللاھ خۇشال بولىدىغان تەرىزدە تۇتىدۇ. ئۇلار كوچىدا كىتىۋاتقىنىدا، تاماق يەۋاتقىنىدا، سۆھبەتلىشىۋاتقاندا، سوداـ سېتىق قىلۋاتقىنىدا، تىلۋوزۇر كۆرىۋاتقىنىدا، ھەتتا ئارام ئېلىۋاتقانلىرىدا ھەم قۇرئان ئەخلاقىغا ئەمەل قىلىش مەسئۇليىتىنى تەرك ئەتمەيدۇ. ھاياتنىڭ بارلىق ساھەسى ــ ئائىلىۋىي شارائىت، بازار، ئىشخانا، چايخانا، ياكى باشقا جامائەت مۇئەسسەسەلىرى كىشىلەرنىڭ ئىمتىھان مەيدانىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن مۆئمىنلەر قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى قۇرئان ھۆكۈملىرى بويۇنچە ئىشقا ئاشۇرىدۇ. دۇنيا ھاياتى ئاخىرەت سائادىتىگە ئىرىشىش ۋاستىسى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يىتىدۇ. بۇنداق بەختىيار ئىنسانلارغا ئاللاھ تۆۋەندىكىدەك خۇش خەۋەر بەرگەن: «ئەر - ئايال مۆئمىنلەردىن كىمكى ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە (دۇنيادا قانائەتچانلىق، ھالال رىزىق ۋە ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىپ) ئوبدان ياشىتىمىز. ئۇلارغا، ئەلۋەتتە، قىلغان ئەمىلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاپ بىرىمىز»(سۈرە نەھىل 97ـ ئايەت). قۇرئان ئەخلاقىنى ئۆز ھاياتىغا تەدبىق قىلغان مۆئمىنلەر ئىنسانىيەتنىڭ گۈلى، ئادەملەرنىڭ ئەڭ بەختىيارلىرىدىندۇر. ئۇلارنىڭ ئاددى كۈندىلىك ھەركەتلىرى، ۋەقەلەرگە بولغان مۇناسىۋەتلىرى باشقىلارنىڭكىدىن تۈپتىن پەرىقلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىلىمنى، ئىنساپنى، ئىدراكلىق ئادەملەر ئۈچۈن ھەر قەدەمدە مۆجىزىللىرىنى بايان قىلىپ قويغان، ئۆز مەرھەممىتى بىلەن ئۇلارغا باشقىلارغا نىسبەتەن كۆپرەك ئەقىل، تەپەككۇ قىلىش، چوڭقۇر پىكىر قىلىش قابىليىتىنى ئاتا قىلغان. ئۇلار ھاياتقا، ئۇنىڭدا بولىۋاتقان ۋەقە - ھادىسىلەرگە ئۆزگىچە نەزەر بىلەن قارايدۇ. ئاللاھ دۇنيادىكى جىمىكى نەرسىلەرنى ئىنسانغا ھەدىيە قىلغان ئىكەن، ئىنسانمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئەشۇ نىئمەتلەرنى بەرگەن زاتقا شۈكۈر قىلىپ ياشىماقلىقى لازىم. ئۈشبۇ كىتاپ مۇئەللىپى مۆئمىنلەرنىڭ 24 سائەت داۋامىدا، شارائىت قانداق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، قۇرئاندا بايان قىلىنغان گۈزەل خۇلۇققا ئەڭ مۈكەممەل تەرىزدە ئەمەل قىلىشنىڭ زۆرۆرلىكىنى بىلدۈرگەن. مەقسەت ــ قۇرئان ئەخلاقى بىلەن ھىدايەت تاپقان ئىنسانلارنىڭ بەختىيارلىقى، خاتىرجەملىكىنى نەمۇنە قىلىپ كۆرسىتىش، باشقىلارنىمۇ ئەنە شۇ ھەق يولغا دەۋەت قىلىشتۇر. دۇنيانىڭ تۈرلۈك تەشۋىشلىرىنى يېڭىش، ئاخىرەتتە ئەبەدىي سائادەتكە ئىرىشىشنىڭ يىگانە يولى قۇرئانغا ئەمەل قىلىشتۇر. مۆئمىنلەر قۇرئانغا ئەمەل قىلىشتا رەببىمىزنىڭ: «(ئى مۇھەممەد!)سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن»(سۈرە قەلەم 4ـ ئايەت)، دەپ ماختىغان پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن ئىبرەت ئالىدۇ. چۈنكى پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئەخلاقى قۇرئان ئىدى. ئاللاھ بەندىللىرىگە كامىل ئىنسانلىق مەرتىۋىسىنى ئۇنىڭ مال - دۇنياسىغا قاراپ ئەمەس، بەلكى قۇرئانغا ئەمەل قىلىشىغا قاراپ بىرىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئاللاھ بەندىللىرىنى جەھەننەمگە ئېلىپ بارغۇچى يامانلىقلاردىن ساقلاپ، ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان ئەبەدىي جەننەتكە داخىل قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ چەكسىز نىئمەتلىرىگە ئىرىشتۈرىدۇ. ئادەملەر ئارىسىدا يۈز بىرىدىغان چۈشەنمەسلىكلەر، زىددىيەتلەر، ئادالەتسىزلىككە ئوخشاش مۇئەممالارنىڭ يىشىمى ھەم قۇرئان بىلەن خۇلۇقلىنىش ئارقىلىق يىشىلىدۇ. ئاللاھ نەزىرىدە پانىي دۇنيا قەدىرى پاشىنىڭ قانىتىچىلىك بولماسلىقى سەۋەپلىك، كافىرلار خاتىرجەملىكتە ياشايدۇ. كىبىر، دەبدەيۇ تەنتەنە بىلەن يۇرت كىزىدۇ. ھەممىگە ئۆزىنى كۆز - كۆز قىلىدۇ. بۇ ھالەت مۆئمىنلەرنى خاپا قىلىپ،«نىمىشقا بۇنداق بولىدۇ زادى؟»، دىگەن سۇئالنى كۆڭلىگە سېلىپ، ئاداشتۇرۇپ قويىشى مۇمكىن. بۇنداق خىيال ئىمانى زەئىپلەرگە خاس قۇسۇردۇر. ھەقىقى مۆئمىن كافىرلاردىكى ئازغىنە دۇنيا ماتاسىنىڭ ۋاقىتلىق ھايات ئىكەنلىكىنى، غەم - تەشۋىشسىز، راھەت - پاراغەتكە پەقەتلا جەننەتتە يىتىشىش مۇمكىنلىكىنى، جەننەتكە بولسا دۇنيا ھاياتىدا قۇرئانغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىقلا ئىرىشىش مۇمكىنلىكىنى ياخشى بىلىدۇ، چۈنكى ئىمان ئېيىتقان مۆئمىننىڭ قەلبى ئاللاھنىڭ زىكىرى بىلەن بولىدۇ ۋە ئۇ قەلىپ ئاسايىشقا ئىرىشىدۇ.
بىرىنجى بۆلۈم
سەھەردە ئويغانغاندا...
ئۆز ھاياتىغا قۇرئان ئەخلاقىنى تەدبىق قىلغان ھەربىر ئادەم يېڭى كۈننىڭ باشلىنىشىنى ــ ئاللانىڭ بارلىقى ۋە باقىي قالغۇچى زات ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى، ئۇنىڭ بىر ئىنئامى ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىشىدۇ. ئۇيقۇدىن ئويغۇنۇپ، ئەتراپىغا ئىبرەت نەزىرى بىلەن قارايدۇ. ئۇنىڭغا ئارام ئېلىشى ئۈچۈن تۈن ئۇيقۇسىنى بەرگەن ۋە روھىنى جەسىدىگە قايتا جايلىغان كىم؟ ئەلۋەتتە، بۇ سۇئالدا تەپەككۇر قىلغۇچىلار ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ ئىبرەت بار. ئېيتايلۇق، بىز چارچىدۇق، ئەزايى بەدىنىمىز ئارام ئېلىشى ئۈچۈن ئۇيقىغا كىتىمىز. روھىمىز تىنىمىزدىن ئايرىلىدۇ. ئۇزۇن ئۇيقىمىزدا كۆرگەن چۈشلىرىمىزدىن پەقەت ئۈچ - تۆت دەقىقىسى ئىسىمىزدە قالىدۇ خالاس. ئىنساننىڭ بۇ ۋاقىت ئارىسىدا دۇنياۋى ھايات بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلىدۇ. جىسم بىلەن روھنىڭ ئايرىلىشى ــ ئەسلى ئۆلۈمنىڭ كىچىك بىر كۆرىنىشىدۇر. بىز ئۆلگەن ئادەم ئارىمىزغا قايتا تىرىلىپ كەلسە (بۇنداق ئىشلار بەكلا كەم ئۇچرايدۇ) ھەيرانلىقتىن ياقا چىشلەيمىز. بەزىلەر ھەتتا بۇنى كۆرۈپ ھوشىدىن كىتىدۇ. لىكىن ھەر كۈنى بىزنى ئۆلتۈرۈپ، قاياتا تىرىلدۈرگەن ئاللاھنىڭ بۇ بۈيۈك قۇدرىتىگە نۇرغۇنلىغان ئىنسانلار ئىتبارسىز قارايدۇ. «ئىنسانلار ئۆلىدىغان چاغلىرىدا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ئالىدۇ. ئۆلمىگەنلەرنىڭ جانلىرىنى ئۇخلىغان چاغدا ئالىدۇ. ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان (يەنى ئەجەل يەتكەنلەر) نىڭ جانلىرىنى تۇتۇپ قېلىپ، قانغانلارنىڭ جانلىرىنى مۇئەييەن ۋاقىتلىرغىچە (ئەجىلى يەتكۈچە) قويۇپ بىرىدۇ. بۇنىڭدا پىكىر يۈرگۈزىدىغا قەۋىم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدىرتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار»(سۈرە زۇمەر42ـ ئايەت). «ئاللاھ سىلەرنى كىچىسى ئۇخلىتىدۇ، كۈندۈزدىكى قىلغان ئىشلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئاندىن بەلگىلەنگەن مۇددەتكىچە ياشىشىڭلار ئۈچۈن، كۈندۈزدە سىلەرنى ئويغۇتىدۇ. ئاندىن سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاندىن قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى ئاللاھ سىلەرگە ئېيتىپ بىرىدۇ»(سۈرە ئەنئام 60ـ ئايەت). ئۈشبۇ ئايەتنى تەپەككۇر قىلغان ئادەم ئۇيقۇغا بېرىشتىن ئاۋۋال قايتا ئويغىنالماسلىقى، ئويغانغان تەقدىردىمۇ ساق سالامەت بولماسلىقى، ئۇيقۇ ۋاقتىدا بىرەر پالاكەت يۈز بىرىپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلىدۇ. بۇ ھەقىقەتتىن ئاگاھ بولغان مۆئمىن يېڭى كۈننى ئاللاھنىڭ بىر نىئمىتى، ئۆزى ئۈچۈن گۇناھلاردىن تەۋبە قىلىش، ئاللاھ ۋە بەندىلەر ئالدىدىكى مەجبۇريەتلىرىنى ئادا قىلىش، ئاللاھقا يېقىنلىشىش، ئۇنىڭ رازىلىقى يولىدا ئىبرەتلىك ئەمەللەرنى قىلىش ئۈچۈن بىرىلگەن يەنە بىر ئىمكانىيەت دەپ بىلىدۇ. شۇ سەۋەپلىكك ئەخلەقى قۇرئان بولغان پەيغەمبىرمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئوخشاش ئۇخلاشتىن ئاۋۋال تۆۋەندىكى دۇئانى ئوقۇيدۇ: «ئى رەببىم، سىنىڭ ئىسمىڭ بىلەن يېنىمنى قويدۇم. سەن بىلەن ئۇنى كۆتۈرەرمەن. ئەگەر جېنىمنى تۇتۇپ قالساڭ، ئۇنى مەغفىرەت قىلغىن. ئەگەر ئۇنى قويۇپ بىرىدىغان بولساڭ، ئۇنى سالىھلارنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان نەرسە بىلەن مۇھافىزەت قىلغىن». ئۇيقۇدىن ئويغانغىنىدا بولسا: «ماڭا روھىمنى قايتۇرۇپ بەرگەن، بەدىنىمنى ساق سالامەت قىلغان ۋە ئۆزىنى زىكىر قىلىشىم ئۈچۈن ئىزىن بەرگەن ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇن»، دىيىش لازىم. بۇ شۇ كۈننى قۇرئان ئەخلاقىغا ماسلاپ ياشاش ئۈچۈن قىلىنغان دەسلەپكى ئەمەلدۇر. كۈننى ئىبرەت نەزىرى، تەپەككۇر بىلەن باشلىغان ھەربىر مۆئمىن، ئۇنىڭ قالغان قىسمىنىمۇ ھەم شۇ تەرىزدە ئۆتكۈزۈشكە ھەركەت قىلىدۇ. ئۇ كۈن داۋامىدا ئاللاھ رىزالىقىنى تېپىش، ئۇنىڭ ئەمرىگە بوي سۇنۇش نىيىتىدە غەيرەت قىلىدۇ. بىرەر كۆڭۈلسىزلىككە دۇچ كەلسە قايغۇغا چۈشمەيدۇ ياكى سۆيۈملۈك نىئمەتلەرگە بەكمۇ خۇرسەنىد بولۇپ، ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويمايدۇ. ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ بىر نىئمىتى ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئارام ئېلىش ئۈچۈن ئۇيقۇ، ئويغانغاندىن كىيىن ئۇنىڭغا ئۆز نىئمەتلىرىنى ئاتا قىلغان قۇدرەت ساھىبى ئاللاھدۇر. بۇ ھەقىقەتنى بىلگەنلەر كۈننىڭ دەسلەپكى دەقىقىللىرىدە ئاللاھقا، بۇ چەكسىز نىئمەتلەرنى بەرگەن زاتقا نىسبەتەن قەلىبلىرىدىن يېقىنلىق ۋە سۆيۈنۈش ھىس قىلىدۇ. ئىمان نىئمىتىدىن بىبەھىر ئىنسانلار ھىچ قاچان مۆئمىنلەردىكى بۇ سۆيۈنۈشنى، بۇ رازىلىقنى ھىس قىلالمايدۇ. ھاياتىمىزدا ئاددىي ھالغا ئايلىنىپ قالغان ھادىسىلەرگە مۆئمىنلەر ئىبرەت نەزىرى بىلەن قارىسا، ئۇلار ئۈچۈن بۇ باش قاتۇرۇشقا ئەرزىمەيدىغان كۈندىلىك ئىش بولۇپ تۇيىلىدۇ. ئىيمان كەلتۈرمىگەن ھالدا تېخىچە غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغانمىغانلار ياشاپ تۇرغان كۈننى ئاللاھنىڭ بەرگەن ئاخىرقى ئىمكانىيىتى بولىشى مۇمكىنلىكىنى بىلمەيدۇ. ئۇلار بۈگۈن تۈنۈگۈنكىگە قارىغاندا كۆپرەك پۇل تېپىشنى، باشقا ئىنسانلارنىڭ دىققەت - ئىتبارىنى تارتىش، ئۇلار تەرپىدىن ياخشى كۆرۈلۈش، ئويۇن كۈلكە قىلىۋىلىش نىيىتىدە كۈننى باشلايدۇ. ئاللاھنىڭ ئىبادىتىنى قىلىش، ئۇنىڭ رازىلىقىغا ئىرىشىش، ئاخىرەت ھاياتى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىش ئۇلارنىڭ نەزىرىدە خىيالپەرەسلەرنىڭ گېپى، ھەقىقەتتىن يىراق چۈشەنچە. ھەر نەرسىدە ئىسپات تەلەپ قىلىشىدۇ، ئاجىز ئەقىللىرى يەتمىگەن ھەر قانداق نەرسىنى ئىنكار قىلىشىدۇ. مۇقەددەس كۆرسەتمە قۇرئان كەرىمنى ۋە ھەدىس دەرىسلىرىنى تەتقىق قىلىش تەبىئەتلىرىگە مۇتلەقا يات چۈشەنچە. ئۇلاردىن پەرىقلىق بولغان مۆئمىنلەر غەييىپكە ئىمان كەلتۈرىدۇ. ئاللاھنىڭ كالامى قۇرئاندا بايان قىلىنغان ھەقىقەتلەرنى بىلگەنلىرى ھالدا، ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىچى ياكى ئىتىبارسىز قارىغۇچىلارنى بىرلەشتۈرۈپ تۇرغان ئۇمۇمىي بىر ئىللەت بار. بۇ ئاللاھنىڭ نىئمەتلىرىدىن بەھرىمان بولۇپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئالدىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى بىجەرمەسلىك، بەندىلىك مەسئۇليىتىنىڭ يوقلىقىدۇر. ئاللاھ تائالا ئۇلاردىكى بۇ ھالەتنى «ئەنبىيا» سۈرىسىنىڭ بىرىنجى ئايىتىدە بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ ئەمىلىدىن ھېساپ ئېلىنىدىغان ۋاقىت (يەنى قىيامەت) يېقىنلاشتى. ھالبۇكى، ئۇلار غەپلەتتىدۇ. (قىيامەت توغۇرلۇق) ئويلىنىشتىن يۈز ئۆرىمەكتىدۇر»(سۈرە ئەنبىيا 1ـ ئايەت). ئۇنۇتماسلىق كىرەككى، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن روھىمىز تېنىمىزگە قايتىپ، ئويغانغان كۈنىمىز بىز ئۈچۈن رەببىمىز تەرىپىدىن بىرىلگەن ئاخىرقى ئىمكانىيەت، ناشتا قىلىۋىتىپ ئىچكەن چېيىمىز، يىگەن نېنىمىز ئاللاھنىڭ بىزئۈچۈن بۇ دۇنيادابەرگەن ئاخىرقى نىئمىتى بولىشى مۇمكىن. خىزمەتكە ياكى ئوقۇشقا كىتۋاتقىنىمىزدا ماشىنا سوقىۋىتىشى، توختىماي سوقۇپ تۇرغا يۈرىكىمىز تۇيۇقسىز توختاپ قېلىشى ياكى باشقا بىر ئەرزىمەس سەۋەپ بىلەن ئەجەل يىتىپ، ھاياتىمىزدىن ئايرىلشىمىز مۇمكىن. شۇ سەۋەپ، كۈننى بۈگۈن ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن نىمىلەر قىلالىشىمىزنى ئويلاپ، ياخشى نىيەت بىلەن باشلىشىمىز لازىم. پەيغەمبىرمىز سەللەللەھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۆز ھەدىسلەرىدە :« ئاللاھ بەندىسىنىڭ تەۋبىسىنى جېنى ھەلقۇمىغا كەلگۈچە قوبۇل قىلىدۇ»،دەپ بىز ئۈچۈن خۇش خەۋەر بەرگەن. شۇ سەۋەپلىك ئويغانغىنىمىزدا بىجىرىشىمىز شەرىت بولغان ئەمەللەرنىڭ دەسلەپكىسى ــ ئاللاھقا ئىستىغفار ئېيتىش، بەندىسى بىلەن باغلىنىشلىق گۇناھىمىز بولسا، ئارىمىزنى ئىسلاھ قىلىشتۇر. يۇينىۋاتقاندا...
ئىنسان سەھەردە ئويغانغاندا ۋۇجۇدىدا بولىدىغان تۈرلۈك ئۆزگۈرىشلەرنىڭمۇ ئۆزىگە يارىشا ھىكىمەتلىرى بار. ئۇيقىدىن تۇرغىنىڭىزدا چاچلىرىڭىز بۇزۇلغان، يۈزلىرىڭىز بىرئاز مايلاشقان، ئاغزىڭىزدىن بىلىنەر - بىلىنمەس بەدبۇي پۇراق چىقىدۇ. ئويغانغاندىكى ھالىڭىز ھەر ۋاقىتتىكىدىن ھارغىنراق، يۈزىڭىزدىكى داغلار يەنە كۆپىيىپ كەتكەندەك، چاچلىرىڭىزمۇ ئەسلى رەڭڭىنى يوقاتقاندەك تۇيىلىدۇ. بۇ سىزنىڭ ئاددىيغىنا، ئاجىز ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدۈرىدۇ. ھەر بىر ئادەم، ئۇ مەيلى كىم بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، سەھەردە ئويغانغىنىدا يۈز - قوللىرىنى يۇيىدۇ، چىشلىرىنى تازىلايدۇ، بۇ ئىش ھەممەيلەن ئۈچۈن ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان. قۇرئان ئەخلاقىغا ماسلىشىپ ياشىغان ئىنسان ئۆزىنىڭ بۇ ھالىتىگىمۇ ئىبرەت بىلەن قارايدۇ.ئۇ ئۆزىنىڭ باشقىلاردىن ئۈستۈن قويىدىغان ھىچ نەرسىسى يوقلىقىنى، ئۆزگەرمەسلىكنىڭ پەقەت ئاللاھقىلا خاسلىقىنى بىلىپ، ياراتقۇچىسى ئالدىدا ئۆزىنى ئاجىز ھىس قىلىدۇ. ئۆزىنى چوڭ تۇتۇشقا، كىبىرلىنىشكە ئەرزىگۈدەك ھىچ نەرسىسى يوقلىقىنى بىلگەن مۆئمىن ئاللاھنىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرىنى ئەسكە ئالىدۇ: «ئىنسان نىمىدىن يارىتىلغانلىقىغا قارىسۇن، ئۇ ئېتىلىپ چىققۇچى مەنىدىن يارىتىلدى،ئۇ مەنى ئومۇرۇتقا بىلەن قوۋۇرغا سۆڭىكىنىڭ ئارىسىدىن چىقىدۇ»(سۈرە تارىق5ـ 6ـ 7ـ ئايەتلەر). «ئىنسان بىلمەمدۇكى، بىز ھەقىقەتەن ئۇنى ئابىمەنىدىن ياراتتۇق. ئەمدى ئۇ (پەرۋەردىگارىغا) ئاشكارە خۇسۇمەتچى بولۇپ قالدى»(سۈرە ياسىن 77ـ ئايەت). «ئىنسان (بەچچىدانلارغا) تۆكۈلىدىغان (ئاجىز مەنى) ئەمەسمىدى؟ ئاندىن ئۇ لەختە قان بولدى، ئاندىن ئاللاھ ئۇنى چىرايلىق شەكىلدە ياراتتى. ئۇ مەنىدىن ئەرـ ئايال (ئىككى جىنىسنى) ياراتتى»(سۈرە قىيامەت 37ـ39 ئايەتلەر) «سىلەرنى بىز ئاجىز مەنىدىن ياراتمىدۇقمۇ؟ ئۇنى بىز مەلۇم ۋاقىتقۇچە (يەنى تۇغۇلغىچە) پۇختا ئارامگاھ (يەنى بەچچىداندا) قىلدۇق»(سۈرە مۇرسەلات 20ـ22 ئايەتلەر). ئۈشبۇ ئايەتلەرنى تەپەككۇر قىلغان مۆئمىن ئۆزىنى مەنى دىگەن بىر تامچە يىرگىنىشلىك سۇدىن ياراتقان زاتنىڭ ئاجىزغىنە بىر بەندىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، پەرۋەردىگارىغا ئاسىي بولىشتىن قورقۇپ، كەمتەر بولۇشقا ھەركەت قىلىدۇ. سەمىمىيەت بىلەن ئاللاھقا يۈزلەنگەن ئادەم ئەينەكتىكى ئۆز ئەكسىنى، ئۆزى خالىمىغان ھالدا جىسمىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ، ئۆز خاھىشى بىلەن جىسمانىي گۈزەللىككە ئىرىشەلمەيدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەن ئالىدۇ. كۆرۈپ تۇرغىنىڭىزدەك، ئاللاھ ئىنسانلارغا ئۇلارنىڭ ئاجىزلىقىنى ئەسلىتىپ تۇرغۇچى بىر قانچە نەرسە ياراتقان. ئۇ زات ــ نۇقسانسىزدۇر، ھېكىمەتسىز بىرەر ئىش قىلىشتىن پاكتۇر. ئۇ قىلىۋاتقان ھەربىر ئىشنىڭ ئۆزىگە يارىشا ھىكىمىتى بار. رەببىمىز ئۆز نىئمەتلىرىنى بىزلەرگە ئەسلىتىش بىلەن بىرگە، بەدپۇراقلارنى بىر تەرەپ قىلىش، كىرلەردىن خالاس بولۇش سەۋەپلىرىنىمۇ ياراتقان. بەدىنىمىزنى تەردىن مەينەتلەردىن پاكلاش ئۈچۈن سۇنى، چىشىمىزنىڭ پاكىز بولىشى ئۈچۈن چىش پاستىسىنى، كىيىملىرىمىزنىڭ تازىلىقى ئۈچۈن كىر يۇيۇش پاراشوكى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنى ئاتا قىلغان. ئاللاھنىڭ بۇ نىئمەتلىرى «ئىنشاراھ» سۈرىسىنىڭ: «ئەلۋەتتە ھەربىر مۈشكۈللۈك بىلەن بىر ئاسانلىق بار، ئەلۋەتتە ھەربىر مۈشكۈللۈك بىلەن بىر ئاسانلىق بار»(سۈرە ئىنشاراھ 5ـ6 ئايەتلەر)، دىگەن ئايىتىگە ماس كىلىدۇ. شۇنى بىلىش كىرەككى، ئاللاھ ئاتا قىلغان نەرسىلەردىكى ھىكىمىتىنى بىلىش ۋە شۈكۈر قىلىش بەختىنى ــ قۇرئان ئەخلاقىنى ئۆزىگە دەستىرۇلئەمەل قىلىغان ئىنسانغىلا نىسىپ قىلىدۇ. مەيلى كىچىسى، مەيلى كۈندىزى بولسۇن يۇينىۋاتقان ئادەم ئاللاھ بىزلەرگە پاك بولىشىمىز ئۈچۈن سەۋەپ قىلىپ ئاتا قىلغان بۇ نىئمەتلەرنى كۆرۈپ، شۈكۈر قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ تازىلقنى ۋە ئۆزىنى دائىم پاكىز تۇتقۇچىلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىپ، ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان بۇ ئىشىنى ئىبادەت دەپ قەتئىي ئىشىنىدۇ ۋە ئاللاھ رازىلىقىنى تېپىشدىن ئۈمۈدۋار بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ: «كىيمىڭنى پاك تۇت»(سۈرە مۇددەسسىر4ـ ئايەت)، دىگەن ئەمرىگە ئەمەل قىلغان بولىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇدرەت ۋە ھىكىمەت ساھىبىدۇر. ئۇ زات بەندىللىرىگە ئاسان قىلىش مەقسىدىدە مۇسەببەب، يەنى سەۋەپتىن سەۋەپ يارىتىپ، پاك بولىشىمىز ھەمدە باشقا ئىھتىياجلىرىمىزنى قاندۇرشىمىز ئۈچۈن سۇنى ياراتقان. سەۋەپتىن سەۋەپ مەناسىغا كەلسەك، مەسىلەن، چىش پاستىسىنى سۇسىز ئىشلىتەلمەيمىز. سۇدا ئاغزىمىزنى چايقىساق، ئۇ پاكىزلىنىدۇ. لىكىن ئۇنىڭدىكى بەدبۇي ھىد ۋە مىكروبلارنىڭ چىقماسلىقى ئىنىق. كىيىملىرىمىزنى كىر يۇيۇش پاراشۇكىدا يۇيساق، ئۇ پاكىز بولىدۇ. لىكىن كىر يۇيۇش پاراشوكىنى سۇسىز ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. شۇ سەۋەپلىك ئاللاھ ئۆز نىئمەتلىرىنى بەندىللىرى ئۇنىڭدىن بەھرىمان بولۇپ، ئۆزىگلا ئىبادەت قىلىشى، ئۆزىگىلا شۈكۈر قىلىشى ئۈچۈن بىرـ بىرىگە سەۋەپ قىلىپ ياراتقان. «ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ تىنىچلاندۇرۇش يۈزسىدىن سىلەرگە ئۇيقۇ بېغىشلىدى. (تاھارەت ئېلىپ، غۇسلى قىلىپ) پاك بولۇشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىنى كەتكۈزۈش ئۈچۈن، (ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئشەنىچ قىلىپ) كۆڭلۈڭلارنىڭ توق تۇرىشى ئۈچۈن، قەدىمىڭلارنىڭ سابىت قەدەم بولىشى ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى»(سۈرە ئەنفال 11ـ ئايەت). ئاسماندىن سۇ چۈشۈرىلىشى ئاللاھنىڭ قۇدرىتى سۈپىتىدە قۇرئان كەرىمدە كۆپ تەكىتلىنىدۇ. ئاللاھ بەرمىسە ئۇنى ھىچكىم يارىتالمايدۇ. ئۇنىڭ ۋۇجۇتقا كىلىشىدە ئىنساننىڭ ھىچقانداق خىزمىتى يوق. ئىنسان پەقەت ئۇنى ئىچىش ۋە بۇلغانتىن باشقىغا ئارلىشالمايدۇ. شۇنى ئىستىمال قىلىدىغان چېغىدا بىرەر قېتىم بولىسىمۇ ئۇنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى ئويلاپ كۆرمەيدۇ. ئەگەر ئىنساپ بىلەن ئويلاپ، تەپەككۇر قىلغىنىدا ئىدى، ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە قايىل بولۇپ، ئۇنىڭ ئىبادىتىگە ئالدىرار ئىدى. تۆۋەندىكى ئايەتلەرمۇ ئاللاھنىڭ قۇدۇرتىنىڭ دالالىتىدۇر: «سىلەر ئىچىۋاتقان سۇنى دەپ بېقىڭلارچۇ، ئۇنى بۇلۇتتىن سىلەر چۈشۈردىڭلارمۇ ياكى بىز چۈشۈردۇقمۇ؟ ئەگەر بىز خالىساق ئۇنى تۇزلۇق قىلىپ قوياتتۇق، (پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ زور نىئمەتلىرىگە نىمىشقا شۈكۈر قىلمايسىلەر؟»(سۈرە ۋاقىئە 68ـ70 ئايەتلەر). سۇ پاكلىق بەلگىسى. دۇنيادا ھىچقانداق بىر دىن ئىسلام دىنىدەك پاكىزلىققا ئەمىر قىلمىغان. ئىسلام پاكىزلىقنى ئىماننىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدۇ. «پاكىزلىق ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر»،دىگەن ھەدىس شەرىف بۇنىڭغا دەلىل. شۇنىڭدەك، سۇ ــ ئىنسانىيەت، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك دۇنياسى ئۈچۈن ھايات مەنبەسى، سۇسىز ھاياتنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. ئىستىمال قىلىشتىن تاشقىرى، كۈندىلىك ھاياتتا پايدىلىنىدىغان ئىھتىياج بۇيۇملىرىنى تازىلاش ئۈچۈن زۆرۆر بولغان بىر نىئمەتتۇر. سۇ بىلەن كۆزگە كۆرىنەر - كۆرۈنمەس ھەممە مىكروپنى يوق قىلىش بىلەن بىرگە، ئىنسانغا راھەت بېغىشلىغۇچى، ھاردۇقنى كەتكۈزگۈچى شىپابەخىش خۇسۇسىيىتىمۇ بار. بۇنىڭدىن تاشقىرى ئىلمىي پەن - تەخنىكا تەرەققى قىلغان بىزنىڭ ئەسىرمىزگە كىلىپ، ئىلىكتىر ئىنىرگىيەسى، تۈرلۈك گازلارنىڭ چىقىدىلىلىرى ئەتراپ مۇھىتنى بۇلغاپ، نەپەس ئېلىشىمىزغا زىيانلىق بولدى. سۇ ئاشۇ زىيانلىق نەرسىلەرنى يۇيۇپ چىقارغۇچى، بەدەندىكى سىنتاتىك ئىلىكتىرنى چىقارغۇچى ئامىلدۇر. سىنتاتىك ئىلىكتىر كۆزگە كۆرۈنمەيدۇ. بەزى سىنتاتىك تالادىن توقۇلغان كىيىملىرىمىزنى سالغاندا، ياكى قولىمىز باشقا بىرەيلەننىڭ قولىغا تىگىپ كەتكەندە كىچىك توك سوقۇش ھادىسىسى پەيدا بولىدۇ. بەزىدە چېچىمىز سەل باشقىچىراق تۇرىدۇ. ئىنسان يۇيۇنغاندا بەدەندىكى بۇ ئىلىكتىر چىقىپ كىتىدۇ، بەدىنى بوشىشىپ، راھەتلىنىپ قالىدۇ. يامغۇردىن كىيىن ھاۋانىڭ سالقىن ۋە ئارەمبەخىش بولىشىمۇ يامغۇرنىڭ ھاۋادىكى سىنتاتىك ئىلىكتىرنى تازىلىشىغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. دائىمىي رەۋىشتە تازىلىققا رىئايە قىلىش، ئۆزىنى پاكىز تۇتۇش ئاللاھ ياقتۇردىغان پەزىلەتتۇر. بۇنىڭدا ماددى تازىلىقلا ئەمەس، بەلكى مەنىۋىي پاكلىقنىڭمۇ ئەھمىيىتى چوڭ. مىسال ئۈچۈن، ناماز ئىبادىتىنى ئالايلۇق: نامازخان بەش قېتىم تاھارەت ئېلىپ، كىرلەردىن پاكلىنىپ، ئىبادەت قىلىدۇ. ناماز ئارقىلىق بەندە سەجىدە قىلغان ھالدا، ئاللاھ سۇبھانەۋەتەئەلاغا باغلىنىش بەختىگە مۇيەسسەر بولىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق چىدامچانلىق، روھىي قۇۋۋەت ئالىدۇ. كىيىملىرى ۋە قەلىبلىرى گۇناھلاردىن پاكلانغان مۆئمىنلەرلا يۈزلىرىنى ئاللاھقا قاراتقان ھالدا، نامازنى خۇشۇئ ۋە خۇزۇئ (ھوزۇر - ھالاۋەت) بىلەن ئادا قىلىدۇ، قەلىبلىرىنى ئاللاھنى زىكىر قىلىش بىلەن پاكلايدۇ. ئاللاھنىڭ كۆرۈپ تۇرغۇچى ۋە ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى ئىكەنلىكىنى يادىدا تۇتقان ھالدا، ئۇلار «پەقەت كوچىغا چىققاندا ۋە مىھماندارچىلىققا بارغاندىلا يۇيۇنۇپ - تارىنىپ، چىرايلىق كىيىنىش كىرەك»، دىگەن ناتوغرا چۈشەنچىدىن يىراقتۇر. مۆئمىن ھەردائىم ھەر جەھەتتىن باشقىلارغا ئىبرەت بولۇشنى يادىدا تۇتۇپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىدۇ. بەدبۇي پۇراقتىن ئەتراپىدىكىلەرنى كۆڭلى ئاينىغان دەرجىگە يەتكۈزۈش، كىيىمدىكى مەينەتلىكنى كۆرۈپ، يىرگىنىش ھالىتىگە كەلتۈرۈش قۇرئان بىلەن خۇلۇقلانغان ئىنسانلارغا خاس ئەمەس. ئۇلار شۇنداق ئىنسانلاركى، سۆھبەتلەشسىڭىز ھوزۇر ئالىسىز. ئاللاھنڭ ئەمرىگە بوي سۇنۇپ، ھەم جىسمانىي، ھەم روھىي پاكلىققا رىئايە قىلىشى نەتىجىسىدە قەلىبلىرى خاتىرجەم بولىدۇ، يۈزلىرىدىن نۇر يېغىپ تۇرىشى ئەتراپتىكىلەرنى ئۆزىگە تارتىدۇ. ئىنسانلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىش خۇسۇسىيىتى پەقەت قۇرئان ئەخلاقىنى ئۆز ھاياتىغا تەدبىق قىلىپ ئالغانلارغىلا ئاللاھ تەرىپىدىن ئاتا قىلىنىدۇ. قۇرئان ئەخلاقىدىن بىخەۋەر ئادەملەر، ياكى خەۋەردار بولۇپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئىتبارسىز قارىغۇچىلارنىڭ كۆپچىلىكى تازىلىققا يۈزەكى قارايدۇ. ئۇلار ئاساسەن كوچىغا چىققىنىدا ياكى ئۆيلىرىگە مىھمان كىلىدىغان ۋاقىتلىرىدا تازىلىققا ئىتبار بىرىپ قويىشىدۇ. ئۇلار تاھارەت دىگەن نىمە، غۇسۇل دىگەن نىمە، ھەتتاكى پەرىقىنىمۇ بىلمەيدىغانلاردۇر. ياۋرۇپا فىلىملىرىدە خوجايىنى ئۇيقۇدىن ئويغۇنىشىغىلا خىزمەتكار ئۇنىڭ ياتقان جايىغىلا ياكى يوتقىنىنىڭ قېشىغىلا ناشتىلىق ئەكىلىپ بىرىدۇ. كۈندىلىك ھاياتىمىزدىمۇ ئۇلارغا تەقلىد قىلغۇچىلار ئۇچراپ تۇرىدۇ. ھەتتا بەزىلەرنىڭ ئۇخلاپ قوپۇپ، يوتقاندا تۇرۇپلا بىرنەرسە يەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالىمىز. ھەم مەنىۋىي، ھەم جىسمانىي پاكىزلىققا دەۋەت قىلۇچى ئىسلام دىنى بۇنداق ھالەتلەرنى قەتئىي چەكلەيدۇ. پەيغەمبىرىمىز سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دىگەن: «ئۇيقىدىن ئويغانغان ئادەم تاكى قولىنى ئۈچ قېتىم يۇيمىغىنىچە يىمەكلىككە قول ئۇزاتمىسۇن. چۈنكى ئۇ ئۇخلاۋاتقىنىدا قولىنىڭ قەيەرلەردە يۈرۈيدىغىنىنى بىلمەيدۇ». ئۇلارنىڭ ئۇيقىدىن قوپۇپ يۈزـ قوللىرىنى يۇيۇش كىرەكلىكىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس. ئەپسۇسكى، كۆپۈنچە ئۆزلىرىنى بەكمۇ ئىلغار مەدىنىيەتلىك سانىغان ئادەملەر يۇقارقىدەك خاتا يول تۇتىشىدۇ.
كىينىۋاتقاندا...
داۋامى بار، پات ئارىدا ئىنكاس شەكىلدە ئۈشبۇ تېمىغا يوللىنىدۇ ئىنشائاللاھ.
[ بۇ يازمىنىتاھىربەگ 2012-05-07 18:31قايتا تەھرىرلىد ]