كىينىۋاتقاندا...
مۆئمىن ئادەم كىيمىنى سېلىپ، كۆزلىگەن مەقسىدىگە مۇۋاپىق چىرايلىق كىيىملەرنى تاللار ئىكەن، بىر ھەقىقەتنى، يەنى بۇ كىيىمنىڭ ئاللاھنىڭ نىئمەتلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ يارىتىلىشىدا بىر قانچە ھىكىمەتنىڭ بارلىقىنى ھىس قىلىدۇ. مۆئمىنلەر قاتارى باشقا ئىنسانلارمۇ ھەر كۈنى بۇ نىئمەتتىن بەھرىمان بولىدۇ. لىكىن ئۇلارنىڭ ھىچقايسىسى قۇرئان بىلەن ئەخلاقلانغاندەك، بۇ نىئمەت ئاللاھنىڭ لۇتفى، مەرھەممىتى ئىكەنلىكىنى چۈشۈنەلمەيدۇ، ئۇنىڭ شۈكرىسىنى قىلالمايدۇ.
مۆئمىنگە كۈندىلىك ھاياتىدا ئاللاھ نىئمەتلىرىنىڭ بىر كۆرنىشى سۈپىتىدە توسۇش، ساقلاش، پەردە - ھىجاپ ئۈچۈن ئاتا قىلىنغان لىباس، يۇڭ، پاختا، يىپەكتىن تەييارلانغان كىيىملەرنىڭ يارىتىلىش مەنبەسى ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانات ئالىمىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيىتقاندا، ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئاددىيسىدىن تارتىپ، ئەڭ كۆركەملىرگىچە بولغان كىيىم ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش سەۋەبى قىلىپ، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك دۇنياسىنى ياراتقان. كۆپچىلىك بۇ ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرۇپ، غەپلەتتە قالغانلىقلىرى سەۋەپلىك، بەھرىمان بولىۋاتقان نىئمەتلەرنىڭ شۈكىرىنى ئادا قىلىشمايدۇ. تۇغۇلغان ۋاقتىدىن باشلاپ ئىھتىياج بولغان كىيىملەر ئۇلارغا ئاسانلا بىرىلگىنى ئۈچۈن، ئاددىي نەرسىدەك تۇيىلىدۇ. بۇ ھالەت لىباسنىڭ بىر نىئمەت ئىكەنلىكىنى بىلىش ۋە ئۇنىڭ شۈكرىنى ئادا قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. ھالبۇكى رەببىمىز يەر يۈزىدىكى جىمىكى نىئمەتلەرنى ئىنسانغا ھەدىيە قىلغان ئىكەن، ئىنسانمۇ نۆۋىتىدە ئەشۇ نىئمەتلەرنى بەرگەن زاتقا شۈكۈر ئېيتىپ ياشىماقلىقى لازىم. شۇنداق بولغانكەن، رەببىمىز بىزلەر ئۈچۈن يارىتىپ قويغان لىباسلارنىڭ ھىكمەتلىرى ۋە بىزلەرگە بەرگەن پايدىسى توغرىسىدا سۆز يۈگۈرتەيلى.
كىيىم ئىنسان ۋۇجۇدىنى ئىسسىقتىن، سوغۇقتىن، قۇياشنىڭ زىيانلىق نۇرلىرىدىن ھەمدە ئەتراپتىكى مۇھىت ئارقىلىق يىتىش مۇمكىن بولغان تۈرلۈك زىيانلىق تەسىرلەردىن ھىمايە قىلىدۇ. ئاللاھ بىزگە كىيىمنى ئاتا قىلمىغان بولسا ئىدى، نىپىز تىرە بىلەن ئورالغان بەدىنىمىز يۇقۇردا ئېيتىپ ئۆتۈلگەن ئامىللار تۈپەيلىدىن شىكەستىلىنىشى، ئاغرىشى ۋە يەنە بىر قانچە سەلبى تەسىرلەر ئاقىۋىتىدە تىزلا كېرەكتىن چىقىشى مۇمكىن ئىدى. مۇھاپىزەت قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە كىيىملەرنىڭ ھىكىمىتى ھەققىدە ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ كىتاۋى قۇرئان كەرىمدە مۇنداق مەرھەممەت قىلىدۇ:
«ئاللاھ سىلەرگە ئۆزى ياراتقان نەرسىلەر (يەنى دەرەخلەر، تاغلار ۋە بىنالار) دىن (كۈننىڭ ھارارىتىدىن ساقلىنىدىغان) سايىلەرنى قىلىپ بەردى. تاغلاردىن سىلەرگە (غار ۋە ئۆڭكۈرگە ئوخشاش) تۇرالغۇ قىلىدىغان جايلارنى قىلىپ بەردى. سىلەرگە ئىسسىقتىن ۋە سوغۇقتىن ساقلىنىدىغان كىيىملەرنى، ئۇرۇشتا سىلەرنى زىيان زەخمەتتىن ساقلايدىغان تۆمۈر كىيىملەرنى تەييار قىلىپ بەردى. ئاللاھ سىلەرنى ئىتائەت قىلسۇن دەپ، سىلەرگە ئەنە شۇنداق مۇكەممەل نېئمەتلەرنى بېرىدۇ»(سۈرە نەھىل 81ـ ئايەت).
«ئى ئادەم باللىرى! سىلەرگە بىز ھەقىقەتەن ئەۋرىتىڭلارنى ياپىدىغان لىباسنى ۋە زىننەتلىندىغان لىباسنى چۈشۈردۇق...»(سۈرە ئەئراف 26ـ ئايەتنىڭ بىر قىسىمى).
يۇقاردىكى ئايەتلەرگە دىققەت ئىتبارىمىزنى قاراتساق، لىباس (كىيم) ئەۋرىتىمىزنى توسۇش، نازۇك تىنىمىزنى ئىسسىق - سوغۇقتىن ئاسراش بىلەن بىرگە، تاشقى كۆرىنىشىمىزنى چىرايلىق قىلىپ تۇرغۇچى ئامىل ئىكەن. تەرك ئىتەلمەيدىغان زۆرۆر دەرىجىدىكى ئىھتىياج بولغان لىباس نىئمىتى ئاللاھنىڭ بىزلەر ئۈچۈن چوڭ ئىنايىتىدۇر.
بۇنى بىلگەن مۆئمىن ئۇلاردىن پايدىلىنىۋاتقانلىرىدا بەكمۇ تەلەپچان بولىشى لازىم. بۇ ئاللاھ نىئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن ئىكەنلىكىنىڭ ئەمەلدىكى ئىپادىسى بولىدۇ. يەنى، ئۇلار باشقا ئىھتىياجلىرىغا ئوخشاش لىباس ئۈچۈن پۇل سەرىپ قىلىۋاتقان ۋاقتىدا، ئىھتىياجى بارىنى، شەرىئەت كۆرسەتمىسىگە مۇۋاپىق كىلىدىغىنىنى سېتىۋىلىشى زۆرۆر. ئىھتىياجى بولمىغان كىيىم ئۈچۈن پۇل سەرىپ قىلىش،«ئەلۋەتتە، ئاللاھ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ»، دىگەن ئايەت كەرىمگە زىت ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.
لىباس نىئمىتىگە شۈكۈر قىلىشنىڭ ئەمەلدىكى كۆرىنىشلىرىدىن يەنە بىرى شۇ لىباس - كىيىملىرىمىزنى پاكىز تۇتۇشتىن ئىبارەت. بۇنىڭدا بىز تۆۋەندىكى ئايەتلەرنى دائىما يادىمىزدا تۇتۇپ، ئەمەل قىلىشىمىز لازىم:
«...ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبە قىلغۇچىلارنى ۋە (ھارامدىن، نىجاسەتتىن) پاك بولغۇچىلارنى دوسىت تۇتىدۇ»(سۈرە بەقەرە 222ـ ئايەتنىڭ بىر قىسىمى).
«...ئۇنىڭدا (گۇناھلاردىن) پاك بولۇشنى سۆيىدىغان كىشىلەر بار، ئاللاھ (ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىن) پاك بولغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ»(سۈرە تەۋبە 108ـ ئايەتنىڭ بىر قىسىمى).
«كىيمىڭنى پاك تۇت»(سۈرە مۇددەسسىر 4ـ ئايەت).
مۆئمىن ئادەم ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئەمىرلىرىنى ئۇنىڭ باشقا ئەمىرلىرىگە ئوخشاش بىجىرىشكە ھەركەت قىلىپ، ئىمكان قەدەر پاكىز كىيىنىشكە ئادەتلىنىدۇ. چۈنكى كىيىمنى، بەدەننى پاك تۇتۇش ئىنسانغا جىسمانىي ۋە روھىي زوق بېغىشلايدۇ.
قۇرئان ئەخلاقى بىلەن ياشىغان ئىنسان كىيىم - كىچەكتە پەقەت تازىلىققا ئىتىبار بىرىپلا قالماي، ساغلاملىقىغا زىيان قىلمايدىغان رەخىتلەردىن، چىرايلىق كىيىنىشكە ھەم ھەركەت قىلىشى كىرەك. سۈرە «ئەئراف» تىكى «زىننەت لىباسىنى چۈشۈردۇق»، دىگەن مەزمۇندىكى ئايەتكە كۆرە، مۆئمىن ئادەم دائىما چىرايلىق كىيىنىشى، ئەخلەقى ۋە تاشقى كۆرىنىشى بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدا ياخشى تەسىراتلار قالدۇرۇشقا ئىنتىلىشى كىرەك. بۇ ئىنسانلارنى ھەق دىنغا دەۋەت قىلىشنىڭ بىر كۆرىنىشىدۇر. ئەلۋەتتە بۇ ئىش شارائىت يار بەرگەن دائىرىدە بولىشى لازىم.
ھەزرىتى ھەسەن پەيغەمبىرمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ كىيىنىش ھەققىدىكى قاراشلىرىنى تۆۋەندىكىدەك ئىپادە قىلىدۇ:
«پەيغەمبىرمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىزلەرگە قولىمىزدا بارلاردىن ئەڭ چىرايلىق كىيىنىشكە ۋە تاپالىغان ئەڭ خۇشبۇي نەرسىلەرنى سۈرتىشىمىزنى تەۋسىيە قىلاتتى» (بۇخارى رىۋايىتى).
شۇنىڭدەك پەيغەمبىرمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تاشقى كۆرىنىشىگە ئىتبارسىز قارىغان ساھابىلەرنى كۆرسە، نەسىھەت قىلاتتى. بۇ ھەققىدە بىر رىۋايەت بار.
ئاددىي كىيىمدە پەيغەمبىرمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھۇزۇرىغا كەلگەن ئىدىم. ئۇ زات سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مەندىن:«سىنىڭ مېلىڭ يوقمۇ؟»، دەپ سورىدى. مەن «بار»، دەپ جاۋاپ بەردىم. ئۇ زات يەنە سورىدى:«قانداق مېلىڭ بار؟». مەن:«بارچە تۈردىكى ماللىرىم بار»،دىدىم. شۇندا رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:«ئاللاھ ساڭا دۆۋلەت ئاتا قىلغاندا بۇ نىئمەت سەندە كۆرىنىپ تۇرىشى لازىم»، دىدى.
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە زىننەت بويۇملىرى ۋە لىباسلانىڭ جەننەت نىئمەتلىرىدىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن:
«ئاللاھ ھەقىقەتەن مۆئمىنلەرنى ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرغان جەننەتكە كىرگۈزىدۇ. ئۇلار جەننەتلەردە ئالتۇن بىلەيزۈكلەرنى ۋە مەرۋايىتلارنى زىننەت بويۇملىرى قىلىدۇ،ئۇلارنىڭ كىيىمى يىپەكتىن بولىدۇ»(سۈرە ھەج 23ـ ئايەت).
«ئۇلار قېلىن ، يۇپقا - يىپەك كىيىملەرنى كىيىپ بىر - بىرىگە قاراپ ئولتۇرىشىدۇ»( سۈرە دۇخان 53ـ ئايەت)
«ئۇلارنىڭ ئۇچىسىدا يۇپقا يىپەك ۋە قېلىن يىپەكتىن (تەييارلانغان) يېشىل كىيىملەر بولىدۇ، (ئۇلار) كۆمۈش ئۈزۈكلەرنى تاقايدۇ...»(سۈرە ئىنسان 21ـ ئايەتنىڭ بىر قىسىمى).
بۇ ئايەتلەردە جەننەت ئەھلىنىڭ كىيىمى يىپەك - شاھى، بىزەكلىرى ئالتۇن كۈمۈش ۋە مەرۋايىت مارجانلار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. ئەلۋەتتە بۇ نىئمەتلەر دۇنياۋىي ھاياتىمىزدا ھەم مەۋجۇد. ئىمان كەلتۈرگەنلەر ئۈچۈن بۇ نىئمەتلەرنى كۆرۈش، ئۇلاردا بۇ نىئمەتلەر بولۇش بولماسلىقىدىن قەتئىي نەزەر، جەننەت ھەققىدە بەك ئاز بولسىمۇ تەسەۋۋۇرغا ئىگە بولۇشقا، بۇ تەسەۋۇر جەننەتكە بولغان ئىنتىلىشكە، ئىنتىلىشى بولسا جەننەت سېغىنىشى بىلەن ياشاشقا سەۋەپ بولىدۇ. مۆئمىن بۇ نىئمەتنىڭ يارىتىلىش ھىكىمىتىنى كۆرىدۇ. بۇ نىئمەتلەرنىڭ دۇنيا ھاياتىدا باقىي ئەمەسلىكىنى، ئەبەدىي ھايات ۋە ئۇنىڭ باقىي نىئمەتلىرى بولسا پەقەت جەننەتكە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ ۋە دۇنيا ھاياتىدىكى ئۇلارغا زىنھار ھىرىس قىلمايدۇ.
«ئىمان ئېيىتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كېلىدىغان بولساق، بىز ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىنى يوققا چىقىرۋەتمەيمىز. ئەنە شۇلار ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان، ئۇلار دائىم تۇرىدىغان جەننەتلەردىن بەھرىمان بولىدۇ. جەننەتتە ئۇلار ئالتۇن بىلەيزۈكلەرنى سالىدۇ، نىپىز ۋە قېلىن يىپەكتىن ئىشلەنگەن يىشىل كىيىملەردىن كىيىدۇ. (ئالتۇن ۋە ئېسىل رەخىتلەر بىلەن قاپلانغان) تەخىتلەردە ئولتۇرىدۇ. بۇ نېمدىگەن ياخشى مۇكاپات! جەننەت نېمدىگەن گۈزەل جاي!»(سۈرە كەھىف 30،31 - ئايەتلەر).
قۇرئاننى ئۆزىگە دەستۇر قىلىپ ئالغانلار لىباس ھەققىدە بىلىشلىرى لازىم بولغان جەھەتلەردىن يەنە بىرى، بۇ تاشقى كۆرۈنىشنىڭ ئىنسانلار بىلەن بولىدىغان مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئەھمىيىتىدۇر. مۆئمىن باشقىلارنىمۇ قۇرئان ئەخلاقى بىلەن ياشاشقا دەۋەت قىلىدىكەن، تاشقى كۆرىنىشىگە ئىتىبار بىرىشى لازىم. ئىمكانى يېتشىچە شارائىت دائىرسىدە، سۈننەتكە مۇۋاپىق چىرايلىق، پاكىز كىيىملەرنى كىيىشكە ھەركەت قىلىشى كىرەك. بۇ قىياپەت ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ ئەمرىنى بىجىرىشتە تىرىشچان ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئىنسانلارغا نىسبەتەن ھۆرمەت تۇيغۇسىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. ئىمان ئېيتىپ قۇرئان بىلەن خۇلۇقلانغانلار مەيلى ئۆيدە بولسۇن، مەيلى ئادەملەر ئرىسىدا بولسۇن، پاكىز، چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىشىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇنى كىبىر ئۈچۈن ئەمەس، ئاللاھ رىزالىقىغا ئىرىشىش ئۈچۈن قىلىشى كىرەك.
تاماق يەۋاتقاندا...
داۋامى داۋاملىق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلۇپ، پات ئارىدا يوللىنىدۇ ئىنشائاللاھ...
يېڭى مەزمۇن يوللانغاندا چوڭ ماۋزۇنىڭ ئارقىسىغا تىرناق ئىچىگە يېڭى يوللانغان كىچىك ماۋزۇنى يىزىپ قويىمەن، شۇ ئارقىلىق يېڭى مەزمۇن يوللىنىپتۇ دەپ بىلىڭ.[ بۇ يازمىنىتاھىربەگ 2012-02-01 13:13قايتا تەھرىرلىد ]