ئىش پائالىيەتلىرىدە...
ۋايىغا يەتكەن ئىنسانلار كۈنىنىڭ كۆپۈنچە قىسمىنى بىجرىشى مۇسىم بولغان ئىشلىرىغا قارىتىدۇ. قۇرئان بىلەن خۇلۇقلانغان مۆئمىنمۇ ئۇلارغا ئوخشاش مەلۇم ئىشلىرىنى بىجەرسىمۇ، ئۇلاردىن پەرىقلىق بولغان مۇھىم جەھەتلىرى بار. بۇ ئۇلار بىجىرۋاتقان ئىش قانچىلىك ئېغىر، قانچىلىك مەسئۇليەت، كۆپ ۋاقىت تەلەپ قىلىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئاللاھ ئالدىدىكى بەندىلىك بۇرچىنى ئۇنىڭدىن ئۈستۈن قويۇشىدۇر. ئۇلار ئۈشبۇ ئايەتكە ئەمەل قىلىشقا ھەركەت قىلىدۇ:
‹اﷲ نىڭ دەرگاھىدىكى نەرسە (يەنى ساۋاب ۋە نېمەت) تاماشادىن ۋە تىجارەتتىن ياخشىدۇر، اﷲ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر›(سۈرە جۈمە 11ـ ئايەت).
قۇرئان بىلەن خۇلۇقلانغا مۆئمىن بۇنى بىلىدۇ ۋە ھىچقانداق بىر ئىش ئۇنى ئاللاھنى زىكىر قىلىشتىن، ئىبادەتلىرىنى ۋاقتى بىلەن ئادا قىلىشتىن توسىيالمايدۇ. ئۇلار ماددىي مەنپەئەتنى كۆزلەپ شەرىئەت ھۈكۈملىرىگە بىپەرۋالىق قىلىشتىن قەتئىي ئۇزاق تۇرىدۇ. ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ تۆۋەندىكى ئەمىرىنى سادىقلىق بىلەن بىجىرگۈچىلەردۇر:
‹مۆمىنلەر! ماللىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار سىلەرنى اﷲ نىڭ زىكرىدىن (يەنى اﷲ نىڭ تائەت - ئىبادىتىدىن) غەپلەتتە قالدۇرمىسۇن، كىملەركى شۇنداق قىلىدىكەن، ئۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر›(سۈرە مۇنافىقۇن 9ـ ئايەت).
ئۇلارغا خاس بولغان بۇ پەزىلەتنى ئاللاھتائالا:
‹ئۇلار شۇنداق ئەرلەركى، سودا - سېتىق ئۇلارنى اﷲ نى زىكىر قىلىشتىن، ناماز ئۆتەشتىن، زاكات بېرىشتىن غەپلەتتە قالدۇرمايدۇ، ئۇلار دىللار ۋە كۆزلەر قالايمىقانلىشىپ كېتىدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) دىن قورقىدۇ›(سۈرە نۇر 37ـ ئايەت)، دەپ رەھمەت قىلغان.
ئەلۋەتتە، دۇنيا ئىشلىرىنى دەپ، رىسىقنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ ئىبادەتلەرنى تەرك ئىتىش ياخشى ئەمەس. رىسىق بەرگۈچى، ئۇنىڭ سەۋەپلىرىنى ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ ئۆزى. ھەرقانچە يۈگۈرۈپ ماڭسىمۇ، ھىچكىم ئاللاھ بەرگەن رىسىقتىن تاشقىرىنى ئالالمايدۇ. ئىبادىتىنى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلسا، ئاللاھنىڭ رىسىق بەرگۈچى رازاق ئىكەنلىكىگە كۆڭۈل ئەمىن بولىدۇ. لېكىن بۇ دىگىنى كىچە - كۈندۈز ئىبادەت قىلىپ، دۇنيا ئىشلىرىنى تەرك ئەت، دىگىنى ئەمەس. مۆئىمىن ئادەم ھەممىنى ئۆز يولىدا ئېلىپ بېرىشى لازىم. بىجىرىدىغان ئىشى قانچىلىك ئېغىر ۋە مەسئۇلىيىتى قانچىلىك چوڭ بولسۇن، ئۇ ئاللاھنىڭ ئىبادىتىنى بىجەرمەسلىككە، شەرئىي ھۆكۈملەرگە ئىتىبارسىز قاراشقا سەۋەپ بولالمايدۇ.
يۇقارقى ئايەتتە تىجارەت، ئېلىم - سېتىمغا ئىتىبار قارىتىلىشى سەۋەبىلىرىدىن بىرى ــ ماددى مەنپەئەت ئۈچۈندۇر. ئۇ كۆپچىلىكنىڭ زەئىف تەرىپى. ئىنسان يەنىمۇ كۆپرەك پۇل تېپىش، كۆپرەك مال - مۈلۈككە ئىگە بولۇش ئىستىكىنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇ سەۋەپتىن شەرئىي ھۆكۈملەرگە بوي سۇنۇش ئۇلارغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدۇ. شۇنداق ئىنسانلار باركى، ئۇلار كىچە - كۈندۈز تىنماستىن ئىشلىشىدۇ، ئابروي، شۆھرەت، بايلىقنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىشىدۇ. لىكىن ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشقا، ئۇنىڭ ئەمرىنى بىجىرىشكە كەلگەندە ئۇلاردا مال - دۇنيا توپلاشتىكى غەيرەتتىن ئەسەرمۇ قالمايدۇ. ئەلۋەتتە، مۆئمىنلەتمۇ دۆلەتمەن بولۇشنى خاھلىشىدۇ. ھەركەت قىلىپ، پۇل تېپىپ، دۆلەتمەنمۇ بولىدۇ. لېكىن، ئۇلارنىڭ باشقىلاردىن ئەۋزەل يېرى بايلىقنى قايسى يول بىلەن تېپىش ۋە ئۇنى قايسى يولغا سەرىپ قىلىشتا بەكمۇ ئىتىبار بىرىدۇ. ئۇلار جىق پۇل تاپقىلى بولىدىكەن دەپ، ھەرقانداق ئىشنى قىلىۋەرمەيدۇ. ياكى ئاللاھ ئۆزى دۆلەت بىرىپتۇ، خالىغىنىمچە سەرىپ قىلىمەن دەپ، نەدىكى ئىشلارغا پۇل سەرىپ قىلىپ يۈرمەيدۇ. ئۇلار بايلىق توپلاشقا بىرىلىپ كىتىپ، شەرىئەتنىڭ ھۆكۈملىرىگە بوي سۇنماسلىقتىن مۇتلەقا يىراقتۇر. ئۇلار ئاللاھنىڭ بەندىسىنى پېقىرلىق بىلەن ئىمتىھان قىلىشىنى بىلگىنى كەبى، مال - دۇنيا بىلەنمۇ سىنىشى مۇمكىنلىكىنى بىلىدۇ. شۇ سەۋەپتىن ھەرقانداق ھالەتلىرىدە ئاللاھنىڭ ئىمتىھانىدىن مۇۋاپىقيەت بىلەن ئۆتۈشكە غەيرەت قىلىدۇ. ھەرقانداق ھالەتلىرىدە، ئۇلار ئاللاھ خۇشال بولىدىغان ئەمەللەرنى دەسلەپكى ئورۇنغا قويىدۇ. قۇرئان ئەخلاقى بىلەن خۇلۇقلانغان مۆئىمىن ھەرقانداق ھالىتىدە نەفسى ئۈستىدىن ھاكىملىق قىلىدۇ. ئۇلار ھەر دائىم ئاللاھنىڭ تۆۋەندىكى ئايىتىنى ئەستە تۇتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىدۇ:
‹ئى پەيغەمبەرلەر! ھالال نەرسىلەرنى يەڭلار، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى ئوبدان بىلىمەن›(سۈرە مۆئىمىنۇن 51ـ ئايەت).
ھالال تىجارەت ـــ ئاخىرەت ياخشىلىقلىرىغا ئىرىشىشكە، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا دەرىجىنىڭ كۆتۈرىلىشىگە سەۋەپ بولىدىغان سالىھ ئەمەلدۇر. تىجارەت قىلىشتا توغرا بولۇش، ئادەملەرگە نىسبەتەن ھەقسىزلىك قىلماسلىق، ئاللاھ رىزالىقىنى كۆزلەشتە مۇھىم ئورۇن تۇتۇشنى ئاللاھ تائالا شۇنداق بىلدۈرگەن:
‹ سىلەر (باشقىلارغا ئاشلىق قاتارلىقلارنى) ئۆلچەپ بەرگەندە، تولۇق ئۆلچەڭلار ۋە تارازىدا تارتىپ بېرىڭلار، بۇنداق قىلىش (سىلەرگە دۇنيادا) ياخشىدۇر، ئاخىرەتلىكىڭلار ئۈچۈن تېخىمۇ ئوبداندۇر›(سۈرە ئىسرا 35ـ ئايەت).
ئىمام تىرمىزىيدىن راۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە پەيغەمبىرمىز رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:‹راسىتچىل، ئامانەتلىك تىجارەتچى پەيغەمبەرلەر، سىددىقلەر ۋە شەھىدلەر بىلەن بىرگىدۇر›، دىگەن.
ئاللاھ تائالا قۇرئانى كەرىمنىڭ بىر نەچچە ئايەتلىرىدە تىجارەتنى ھالال قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن:
‹ اﷲ سودا - سېتىقنى ھالال قىلدى، جازانىنى، (بەدەلسىز بولغانلىقى، شەخسكە ۋە جەمئىيەتكە زىيانلىق بولغانلىقى ئۈچۈن) ھارام قىلدى›(سۈرە بەقەرە 275ـ ئايەتنىڭ بىر قىسىمى).
‹پەرۋەردىگارىڭلاردىن (ھەج مەۋسۈمىدە تىجارەت ۋە باشقا ئوقەت ئارقىلىق) رىزىق تەلەپ قىلساڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ›(سۈرە بەقەرە 198ـ ئايەتنىڭ بىر قىسمى).
‹ ئى مۆمىنلەر! بىر - بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى (ئوغرىلىق، خىيانەت قىلىش، بۇلاش، جازانىخورلۇق، قىمار ئويناش قاتارلىق) ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار، ئىككى تەرەپ رازى بولۇشۇپ قىلىشقان سودا - سېتىق ئارقىلىق ئېرىشىلگەن نەرسە بۇنىڭدىن مۇستەسنا.› (سۈرە نىسا 29ـ ئايەتنىڭ بىر قىسىمى).
تىجارەت، ماددى مەنپەئەتنى شەرىئەت ھۆكۈملىرىدىن ئۈستۈن قويۇش، پاسىقلارغا خاس ئىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، ئاللاھ تائالا تۆۋاندىكىدەك رەھمەت قىلغان:
‹ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەرنىڭ ئاتاڭلار، ئوغۇللىرىڭلار، قېرىندىشىڭلار، خوتۇنلىرىڭلار، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىڭلار (ھەمدە ئۇلاردىن باشقىلار)، تاپقان پۇل - ماللىرىڭلار، ئاقماي قېلىشىدىن قورققان تىجارىتىڭلار، ياخشى كۆرۈدىغان ئۆيلىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن اﷲ تىن، اﷲ نىڭ پەيغەمبىرىدىن ۋە اﷲ نىڭ يولىدا جىھاد قىلىشتىنمۇ سۆيۈملۈك بولسا (يەنى شۇلار بىلەن بولۇپ كېتىپ، اﷲ نىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم بەرمىسەڭلار)، ئۇ ھالدا سىلەر تاكى اﷲ نىڭ ئەمر (يەنى مەككىنى پەتھى قىلىش ئىزنى) كەلگۈچە كۈتۈڭلار، اﷲ پاسىق قەۋمنى (يەنى اﷲ نىڭ دىنىنىڭ چەك - چېگرىسىدىن چىقىپ كەتكۈچىلەرنى) ھىدايەت قىلمايدۇ›(سۈرە تەۋبە 24ـ ئايەت).
مۆئىمىن ئىھتىياج چىگرالىرىنى تەن ئالمايدىغان نەفسىنىڭ توزىقىغا چۈشمەسلىككە ھەركەت قىلىپ، ئاللاھ ئەمىر قىلغان يۈكسەك ئەخلاق تەلەپلىرىگە جاۋاپ بىرىشكە ئىنتىلىدۇ. ئۇلار بارچە ھەركەتلىرىدە ئاللاھ رىزالىقىنى ئىزدەپ، ھالال بىلەن ھارامنىڭ چىگراسىنى ئىنىق بەلگىلەيدۇ. قانداق ئىش بىجىرمىسۇن، ھەممىسىدە دىققەتچان، ئادالەتلىك، غەيرەتلىك بولىدۇ.
ئىنسان ھاياتىنىڭ ھەممە تەپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرئانى كەرىمدە تىجارەت ۋە ئېلىم - سېتىمنىڭ قائىدىللىرمۇ بايان قىلىنغان. تىجارەت پائالىيىتىدىكى مالىيەۋى مەسىللەردە جازانە ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئىشلارنى تەرك قىلىش، پايدا ئېلىشتا ھەددىدىن ئاشماسلىق، راسىتچىل بولۇش، قەرىز بىرىشكەندە ئۇنى يېزىپ قويۇش، ھۆججەتلىشىش ۋە ئۇنىڭغا گۇۋاھچى قىلىش، راست بولسىمۇ قەسەم ئىچىشتىن ساقلىنىش، تارازىنى توپتوغرا تۇتۇش قاتارلىقلار ئەمەل قىلىشقا تىگىشلىك شەرىتلەردۇر.
ئېلىم - سېتىم ۋاقتىدا...
داۋامى بار
[ بۇ يازمىنىتاھىربەگ 2012-04-17 21:53قايتا تەھرىرلىد ]