باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 11453 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: مۇسۇلماننىڭ 24 سائىتى(ئۇخلاشتىن بۇرۇن...)
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2473
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2473دانە
ئۆسۈش: 5440 %
مۇنبەر پۇلى: 30411 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-05-11
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-29 19:06

مۇسۇلماننىڭ 24 سائىتى(ئۇخلاشتىن بۇرۇن...)

ئەسكەرتىش: بۇ يازما sirik تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-01-30)
 قۇرئان ئەخلاقىغا كۆرە مۆئمىننىڭ 24 سائىتى
 
ھارۇن يەھيا
تۈركچىدىن ئۆزبىكچىگە تەرجىمە قىلغۇچى: دىلفۇزە 
مەسئۇل مۇھەررىر: ھاجى مىرزا كەنجىبەگ
ماۋەرائۇننەھىر،  2006ـ يىل
 
ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچىدىن ئىلاۋە:
(مەزكۇر كىتاپتا مۇسۇلمان كىشىنىڭ بىر كۈن يەنى 24 سائەت ئىچىدىكى بولىدىغان بارلىق كۈندىلىك پائالىيەتلىرىنى < ئۇخلاش، قوپۇش، يۇيۇنۇش، تارىنىش، كىيىنىش، يىيىش_ئىچىش، مىھماندارچىلىق... ۋەھاكازالار> قانداق قىلغاندا قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئۇيغۇن ھالدا قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرستىپ بەرگەن بولۇپ، ئىسلامنى پەقەت 5 ۋاخ ناماز، روزا، زاكات... دەپلا چۈشۈنىۋالغان بەزى كىشىللىرىمىزنىڭ ئىسلامنى كەڭ دائىردە چۈشۈنىشىگە ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى بەزى ئىشلاردا ئىسلامنىڭ قانداق  كۆرسەتمىسى بارلىقىنى بىلەلمەي، سۈننەتنى ئەھلىيا قىلالمايۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا ياخشى يىتەكچى بولالايدۇ.
 ئەگەر قۇرئان ئەخلاقى بىلەن خۇلۇقلىنىپ، 24 سائەتنى قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئۇيغۇن ئۆتكۈزىمەن دىسىڭىز دىققىتىڭىز مەزكۇر كىتاپتا بولسۇن. كىتاپتىكى ئايەتلەر مۇھەممەد سالىھ داموللام تەرجىمە قىلغان  قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بويۇنچە ئېلىندى)
 
مەسئۇل مۇھەررىر ھاجى مىرزا كەنجىبەگدىن :
ئاللاھ ئىنساننى ئۇلۇغلاپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ يەردىكى خەلىفىسى قىلىپ ياراتتى. كۆرۈش، ھىدلاش ھەم تەم تېتىش، ئەقىل ۋە تەپەككۇر قىلىش ھىدايىتىنى ئاتا قىلدى.يەرنى ئىنسان ھاياتى ئۈچۈن زۆرۆر بولغان بارچە قولايلىقلارنى ئۆزىدە مۇجەسسەم قىلغان ماكانغا ئايلاندۇردى.ئۇنىڭدىكى جىمى نەرسىلەرنى ئىنسانغا بوي سۇندۇرۇپ، ئىنساننى سىناق ۋە ئىمتىھان قىلىشنى ئىرادە قىلدى.
 لىكىن ئادەم بالىسى بۇ قۇلايلىقلار ئىچىدە ياشاپ،كۆزى كۆرۈپ كۆنۈپ قالغانلىقى ئۈچۈن بۇنىڭغا ئىتبار قىلمىدى.ئەسلىدە ئاللاھ ياراتقان ھەربىر نەرسىدە - چۈمۈلىدمۇ، چىۋىندىمۇ مۆجىزە بار، مۆئمىنگە ئىبرەت بار.
  ئوقۇڭ، بىلىڭ، ئەمەل قىلىڭ. مەقسىدىمىز - قۇرئان ئەخلاقى بىلەن ھىدايەت تاپقان ئىنسانلارنىڭ بەختىيارلىقى، خاتىرجەملىكىنى نەمۇنە قىلىپ كۆرسىتىش، سىزنى ھەم ھەق يولغا دەۋەت قىلىشتۇر.
 

ئاگاھلىققا ئۈندىگۈچى كىتاپ

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.دۇنيادا بارچە بەندىللىرىگە، ئاخىرەتتە بولسا ئۆزى دوست تۇتقان بەندىللىرىگە رەھىم قىلغۇچى ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇسانالار بولسۇن. قۇرئان ئەخلاقى بىلەن خۇلۇقلىنىپ، ئەڭ ئۇلۇغ خۇلۇق ساھىبى بولغان سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ھەزىرتى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ساناقسىز دۇرۇت يوللايمىز.
 
 ئاللاھ تائالا مۇقەددەس كالامىدا:«ئى ئىنسانلار! سىلەر ئاللاھقا مۇھتاجسىلەر، ئاللاھ ھەممىدىن بىھاجەتتۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر»(سۈرە فاتىر 15ـ ئايەت)، دەپ مەرھەمەت قىلدى. دەرھەقىقەت، ئىنسان دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە مۇھتاجدۇر. ئاللاھ ئىنسانغا ئاتا قىلغان ئەڭ ئىسىل نىئمەتلەرنىڭ بىرى گۈزەل ئەخلاق بولۇپ، ئۇنىڭغا ساھىب بولۇش ئۈچۈن ئاللاھقا، قۇرئانغا مۇھتاجمىز.

  ئىنسان ئاگاھ قەلىب بىلەن ياشىسا، مۇقەددەس ئىسلام دىنى ئۇنىڭ پۈتۈن پائالىيتىنى ئىبادەت ھالىتىگە كەلتۈرىدۇ.«قۇرئان ئەخلاقىغا كۆرە مۆئمىننىڭ 24 سائىتى» دەپ ئاتالغان ئۈشبۇ كىتاپ ئىنساننى تەپەككۇرغا، ئاگاھلىققا، گۈزەل ئەخلاققا، پاكىزە ھاياتقا ئۈندەيدۇ، قۇرئانى كەرىم ئاساسىدا ياشاشقا چاقىردۇ.
  مۆئمىن ئادەم ئويغانغان چېغىدا ئۇيقۇ ۋە بىدارلىق، تىرىكلىك ۋە ئۆلۈم، كىچە ۋە كۈندۈز، ئەزايى بەدەن نىئمەتلىرىنى تەپەككۇر قىلىپ، شۈكۈر قىلىدۇ.

  يۇينىۋاتقاندا ۋۇجۇد نىئمىتى، سۇ ۋە پاكلىق نىئمەتلىرىنى ئويلاپ، ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتىدۇ.

 كىينىۋاتقاندا بەدىنىنى يوشۇرۇپ تۇرغان، ئىسسىقتىن، سوغۇقتىن ۋە تۈرلۈك زەرەرلەردىن ساقلايدىغان كىيىم - كىچەك نىئمىتىنى، غىزالىنىۋاتقان چاغدا ھالال لوقما، قۇۋۋەت ۋە ئىبادەت، مىۋە - چىۋە، تاتلىق - تۈرۈم نىئمەتلىرىنى تەپەككۇر قىلىپ، پەرۋەردىگارىغا شۈكۈر ئېيتىدۇ.

  يول يۈرۋاتقىنىدا بولسا يەر ۋە ئاسمان، سۇ ۋە قۇرۇقلۇق، قاتناش قۇراللىرىدىن - ئات، ئىشەك، تۆگە، ئاپتۇموبىل، پويىز، ئايرۇپلان،كىمە قاتارلىق نۇرغۇنلىغان قاتناش ۋاستىللىرىنى تەپەككۇر قىلىپ، شۇ قاتناش ۋاستىللىرىنىڭ ياسىلىشىغا سەۋەپ بولغان تۆمۈر، پولات، مىس ۋە خىلمۇخل ماتىرياللارنى ئويلاپ، شۇلارنى زىمىندىن چىقىرىپ بەرگەن ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتىدۇ.خىزمەت، سودا - سېتىق ئەسنالىرىدا رىزىقنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ ئاللاھنى ئۇنۇتماسلىققا، دۇنيا ھىرىسىگە بېرىلىپ، تەقۋانى ئۇنۇتماسلىققا، ئاخىرەتنى قولدىن بەرمەسلىككە ئۇرۇنىدۇ.
  ئىبادەت ئەسناسىدا بۇ نىئمەتنى ھەممىدىن ئۈستۈن قويۇپ، ئىخلاس ۋە مۇھەببەت بىلەن، خارلىق ۋە زارلىق، ئاگاھ قەلىب بىلەن پەرۋەردىگارىغا بەندىچىلىك قىلىشقا بىرىلىدۇ.

  ئۇخلاش ئالدىدا يەنە كىچە ۋە كۈندۈزنىڭ ئالمىشىشنى پىكىر قىلىدۇ، تەۋبە ئىستىخفار بىلەن، كىچىنى لىباس ۋە ئارام قىلىپ بەرگەن رەببىسىگە شۈكۈر قىلىدۇ. خۇپتەن ۋە بامدات نامىزى ئارلىقىدىكى ئۇيقىسىمۇ ئىبادەتكە ئۆتىدۇ.
  شۇنىڭدەك، مۆئمىن كىشى ئائىلىسى ۋە يېقىنلىرى بىلەن مۇناسىۋەتتە، تۈرلۈك نىئمەتلەر ئالدىدا، گۈزەللىك قارشىسىدا، بىتاپ بولغىنىدا، ئازار يەتكۈچى نەرسىلەرگە دۇچ كەلگىنىدە، ھەمىشە، ھەرقاچان، ھەر جايدا مۇقەددەس قۇرئانغا مۇۋاپىق ياشاشقا ئىنتىلىدۇ.

  ئىنساننىڭ ئورۇنلۇق سۈكىتىمۇ ئىبادەتكە ئايلىنىدۇ. جىملىق ئىككى خىلدۇر: سۈكۈت - ئاددى جىم تۇرۇش. سۈمۈت - ئاللاھنىڭ قۇدرىتى، سەنئىتى، نىئمەتلىرىنى تەپەككۇر قىلغان ھالدا جىم تۇرۇش. ئىككىنجى ھالدا ئىنسان ئاللاھقا يېقىن تۇرۇشنى ئىستىگەن بولىدۇ.

  «كۆڭۈل ئاللاھتا، قولى ئىشتا»، يەنى «زاھىرەن خەلق بىلەن، باتىنەن ھەق بىلەن».

  مەزكۇر ئىشنى بىجىرىشتە مۆئمىن ئىنسان تۆت ئۇلۇغ نىئمەتكە ئىرىشىدۇ:

1. كۈنلۈك ھاياتىنىڭ ھەممە جەريانىدا مۇقەددەس قۇرئان ئەخلاقىغا، ئۇنىڭ ئالىي نەمۇنىسى بولمىش ھەزىرتى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم خۇلىقلىرىغا رىئايە قىلىپ، ساۋاپ ۋە دەرىجىلەر تاپىدۇ.
2. ھەر قايسى پائالىيەت، ئىش - ھەركەتلەرگە تىگىشلىك ئايەت كەرىمىلەرنى تەپەككۇر قىلىپ، ئاللاھقا يېقىن بولىدۇ.
3.  قەلبى ۋە نىيىتىگە قاراپ، ئىنساننىڭ پۈتۈن ھەركەتلىرى ئىبادەت دائىرسىگە كىرىدۇ.
4. دۇنيادا بەختىيار بولۇپ، ئاللاھ زىكىرى ۋە پىكىرى بىلەن ۋۇجۇدى ئارام تېپىپ، ئىنشائاللاھ ئاخىرەتتىمۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە، جەننىتى ۋە جامالىغا مۇشەررەف بولىدۇ.

  بەس، ئۇشبۇ رىسالە ئىنساننىڭ غەپلەتتىن قۇتۇلىشىغا ياردەم بىرىدىغان مەنالار خەزىنىسىدۇر. رەببىمىز ئۇنىڭدىكى گۈزەل تەۋسىيەلەرگە ئەمەل قىلىپ ياشاشنى ھەممىمىزگە نىسىپ قىلسۇن!

 تەرجىمان دىلفۇزەنىڭ ئۈشبۇ كىتاپنى ئۆزبەك تىلىغا تەرجىمە قىلغىنى ئۈچۈن، مىھرىبان ئاللاھ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە كۆپلەپ ئەجىر بەرسۇن.

              ھاجى مىرزا كەنجىبەگ . 2006ـ يىل 1ـ ئاينىڭ 18ـكۈنى
 
سۆيۈملۈك پەيغەمبىرمىز ھەزىرتى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ خۇلۇقلىرى ئاللاھ ماختىغان، قۇرئان كەرىم ئۆگەتكەن خۇلۇقلار بولۇپ، قۇرئاندىكى بارچە ياخشىلىقلارنى ئۇزاتتا كۆرۈش مۇمكىن ئىدى. ساھابىلەر ئۇ زاتنىڭ ئەخلاقى توغرىسىدا ئۇممۇل مۆئمىنىن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن سورىغاندا، تۆۋەندىكىدەك جاۋاپ قىلغان:«سىزلەر قۇرئان ئوقۇمسىزلەر؟ ئۇ زاتنىڭ ئەخلاقى قۇرئان ئىدى».
 
 

قۇرئان ئەخلاقىغا كۆرە مۆئمىننىڭ 24 سائىتى

 
   ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

     قۇرئاننى بىزگە رەھبەر ۋە ھىدايەت مەنبىيى قىلىپ بەرگەن ھەمدە «بىز چۈشۈرگەن بۇ كىتاپ مۇبارەكتۇر.بەس، ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار ۋە تەقۋا قىلىڭلار»،دەپ مەرھەممەت قىلغان ئاللاھ تائالاغا جامالىغا يارىشا تۈگمەس ھەمدۇ سانالار بولسۇن.

  قۇرئان خۇلقىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلىپ، «ئەلۋەتتە سەن گۈزەل خۇلۇق ئۈستىدىسەن»، دەپ ماختالغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا مۇكەممەل سالاتۇ دۇرۇت بولسۇن.

  قۇرئان ئوقۇپ، بىلىپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغان ساھابە كىرەملەرگە ئاللاھنىڭ رازىلىقى بولسۇن.
 
   قۇرئان كەرىم ئىنسان ھاياتىنىڭ تەۋەللۇد باسقۇچىدىن تارتىپ، تا ھاياتىنىڭ ئاخىرغىچە كىلىپ چىقىدىغان بارچە ئىھتىياجلىرغا جاۋاپ بەرگۈچى، مەۋجۇد مۇئەممالارنىڭ ئادالەتلىك ۋە مۇفەسسەل ھەل قىلنىشىغا يول كۆرسەتكۈچى، ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندا دەستۇرۇلئەمەل بولغۇچى ئىلاھى كىتاپتۇر. ئۇ پەيغەمبىرمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەگە ئاللاھ تائالا تەرپىدىن ئاتا قىلىنغان مۆجىزىلەرنىڭ ئەڭ بۈيۈگى بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇنى ئوقۇپ، بىلىپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغانلارنى ئىككى دۇنيالىق سائادەتكە يىتەكلىگۈچى مەنبەدۇر. ئۇنىڭدا ھالال بىلەن ھارام، ھەق بىلەن ناھەق ئوچۇق بايان قىلىنىپ، ئاللاھ تائالا مەرھەممەت قىلغىنىدەك:
«بۇ كىتاپتا(يەنى قۇرئاندا) ھىچ شەك يوقتۇر، (ئۇ) تەقۋادارلارغا يىتەكچىدۇر»(سۈرە بەقەرە 2ـ ئايەت).
  باشقا ئايەتلەردە ئاللاھ تائالا:
«ئۇلارنىڭ قىسسىللىرىدىن ئەقىل ئىگىللىرى ئىبرەت ئالىدۇ. (قۇرئان) يالغاندىن توقۇلغان سۆز ئەمەس. لېكىن، ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل بولغان (ساماۋى) كىتاپلارنى تەسدىق قىلغۇچىدۇر، ھەممە نەرسىنى ئىنچىكە بايان قىلغۇچىدۇر، ئىمان ئېيتىدىغان قەۋىم ئۈچۈن ھىدايەتتۇر ۋە رەھمەتتۇر».
«... ساڭا بىز كىتاپنى (يەنى قۇرئاننى) ھەممە نەرسىنى (يەنى كىشىلەر مۇھتاج بولىدىغان دىنى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى) چۈشەندۈرۈپ بىرىدىغان، (دىللارغا) ھىدايەت، (بەندىلەرگە) رەھمەت، مۇسۇلمانلارغا مەڭگۈلۈك سائادەت بىلەن خۇش خەۋەر يەتكۈزدىغان قىلىپ نازىل قىلدۇق»(سۈرە نەھىل 89ـ ئايەت)، دەپ خەۋەر بەرگەن.

  ئاللاھنىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكىگە، ئۇنىڭ پەرىشتىللىرىگە، مۇقەددەس كىتاپلىرىغا، پەيغەمبەرلىرىگە، ئاخىرەت كۈنىگە، تەقدرگە يەنى  ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ ئاللاھ تەرپىدىن ئىكەنلىكىگە، ئۆلۈمدىن كىين قايتا تىرىلىشكە ئىمان كەلتۈرگەن ھەربىر ئىنسان ھاياتىنى قۇرئان ئايەتلىرىگە ماس ھالدا ئېلىپ بارىدۇ. ئوقۇغان ئايەتلىرىنى كۈندىلىك ھاياتىغا تەدبىق قىلىشقا ھەركەت قىلىدۇ. ئويغانغىنىدىن تاكى يەنە ئۇيقۇغا بارغۇچە ئارلىقتا قىلۋاتقان ئىشلىرىنى قۇرئان ئەخلاقىغا ماسلاشتۇرۇپ ئويلاشقا ۋە بىجىرىشكە ھەركەت قىلىدۇ. مۆئمىن ھاياتىنىڭ ھەربىر قىسمىدا بۇ مۇكەممەل ئەخلاقنىڭ ئەۋزەللىكى ھەققىدە ئاللاھ تائالا مۇنداق مەرھەمەت قىلغان:
«(ئى مۇھەممەد!) ئېيىتقىنكى،‹مىنىڭ نامىزىم،قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم (دۇنيادا قىلغان ياخشىلىقلىرىم ۋە تائەت ئىبادەتلىرىم) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۈچۈندۇر».

  ئەپسۇسكى، بەزى ئىنسانلار ئاللاھ تائالا قۇرئاندا ئەمىر قىلغان ئىبادەتلەر پەقەت ناماز، روزا، زاكات، ھەج چۈشىنىدۇ. قىلىنىشى لازىم بولغان پەرىز ئىبادەتلەرنى بىجىرىپ، كۈننىڭ قالغان قىسمىدا دۇنياۋى ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن «ئىسلام دىنى ئەتىگەندىن - كەچكىچە ناماز ئوقۇشنى تەرغىپ قىلىدۇ، دۇنياۋى ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشنى مەنئى قىلىدۇ»، دىگەن ناتوغرا چۈشەنچە پەيدا بولىدۇ.

 ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:
  «شۇنىڭدەك (يەنى سىلەرنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلغاندەك) كىشىلەرگە (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەلەرگە) شاھىت بولۇشىڭلار ئۈچۈن ۋە پەيغەمبەرنىڭ سىلەرگە شاھىت بولىشى ئۈچۈن، بىز سىلەرنى ياخشى ئۈممەت قىلدۇق»(سۈرە بەقەر 143ـ ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

 ئۈشبۇ ئايەت كەرىمدە ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارنى ياخشى ئۈممەت قىلغانلىقىنى ئىلان قىلماقتا. «ياخشى» دەپ تەرجىمە قىلغان سۆز خەيىرلىك، ئەۋزەل، ئادالەتلىك دىگەندەك بىر نەچچە مەنالارنى بىلدۈرىدۇ. شۇ ئارقىلىق بۇ ئۈممەتنىڭ ھەربىر ئىشتا ئوتتۇرھال يول تۇتىشى، دىنى ئىتقاد ۋە تەسەۋۋۇر، دۇنيا قاراش ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەت، يۈرۈش - تۇرۇش، تەپەككۇر، زامان ۋە ماكان، ئائىلە ۋەھاكازالاردا دائىم مۆتىدىل، ئادالەتلىك بولۇشى، بەزى ئۈممەتلەرگە ئوخشاش پەقەت روھى تەرەپكە، يەكى بەزىللىرىگە ئوخشاش پەقەت ماددى تەرەپكە ئېغىپ كەتمەسلىكى ئۇقتۇرۇلغان.

  ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ماكان جەھەتتىن ئوتتۇرھال ئۈممەت ھىساپلىنىشىغا سەۋەپ - ئۇنىڭ قىبلىسى، باشقىچە ئېيىتقاندا دىنى مەركىزىمۇ قۇرۇقلۇقنىڭ قاپ ئوتتۇرسىدا، يەر يۈزىنىڭ ئەڭ مۇقەددەس ۋە مۇبارەك جايىغا جايلاشقان. بارچە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاتىسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن ئوغۇللىرى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە بىنا قىلغان كەئىبىنىڭ مۇسۇلمان ئۈممىتى ئۈچۈن قىبلە قىلىنىشى بۇ ئۈممەتكە ناھايىتى چوڭ شەرەپتۇر!
 ئىسلام ئۈممىتى زامان جەھەتتىنمۇ ئوتتۇرھال ئۈممەت ھىساپلىنىدۇ. ئىنسانىيەت باشلىنىپ - ئۆسۈپ، بالىلىق، ئۆسمۈرلۈك ۋە ياشلىق دەۋرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كىيىن، ۋايىغا يەتكەندە ئىسلام ئەۋەتىلگەن.

  ئىسلام دىنى ئىنسان ھاياتىنى دىنى ۋە دۇنياۋىي ھاياتقا ئاجراتمايدۇ. ئاللاھ بىزلەرگە، ئۆزىنىڭ ئاخىرقى پەيغەمبىرى، ھەبىبى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۈممەتلىرىگە ياشاش نىئمەتىنىڭ ھەر دەقىقىسىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىنى بەرگەن. دىنىمىزدا ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ھالال كەسىپ قىلىش پەرىز ئىبادەت دەرجىسىگە كۆتۈرۈلگىنى، پەيغەمبىرمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم سۈننەتلىرىگە ئەگىشىش نىيىتىدە ئائىلىۋىي ھايات قۇرۇپ، ئۇنى ئىبادەتكە ئايلاندۇرۇش مۇمكىنلىكى كۆپچىلىككە مەلۇم. بىلمىگەنلەر شۇنى دائىم ئەستە تۇتىشى لازىمكى، ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن قىلىنغان ھەربىر ھەركەت، ھەتتا ئۇنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن بۇرادىرىنى ئوچۇق چىراي بىلەن كۈتىۋىلىش ياكى بىرەر ھايۋانغا ئاللاھ رىزالىقىغا ئىرشىش مەقسىتىدە سۇ بىرىش، ئىبادەت ئۈچۈن قۇۋۋەت بولۇشى نىيىتىدە ئاللاھ بەرگەن يىمەكلىكلەردىن، تەكرار ئېيتىمىزكى، ئاللاھ ئۆزى نىئمەت قىلىپ بەرگەن يىمەكلىكنى، «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن قۇۋۋەت بولسىكەن»، دىگەن مەقسەتتە يىيىشمۇ ئىبادەتتۇر. بۇ دىن ئاجايىپ ئاسان، ئاجايىپ خۇش خەۋەر بەرگۈچى دىندۇر. ھەربىر ئەمەل ئاللاھ رىزالىقىغا ئىرىشىش نىيىتىدە قىلىنسا، ئۇنىڭ ئىبادەت دەرىجىسىگە كۆتۈرىلىشى بىز مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بىرىلگەن ئەڭ چوڭ نىئمەتلەرنىڭ بىرىدۇر. بۇنىڭدا نىيەتنىڭ ئەھمىيىتى بەكمۇ چوڭ. مەسىلەن، غەيۋەت ۋە ھەسەت قىلىش ئىللىتىنى ئالايلۇق. ئۇنى تەرىك ئەتكەن ئىنسان بۇ يامان ئىللەتلەرنىڭ زەرەرىدىن پارىغ بولىدۇ، لىكىن ساۋاپ ئالمايدۇ. ئەمما شۇ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش يامان ئادەتلەرنى ئاللاھ رىزالىغا ئۈچۈن تەرك ئەتسە، ھەم بۇلار ئەقىدىسىدە كىلىپ چىقىدىغان يامانلىقلارنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ، ھەم ئەجىر - ساۋاپلارغا ئىرىشىدۇ. ئاللاھ تائالا بىزنىڭ مەخلۇقاتلارنىڭ ئەڭ خەيىرلىكى، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدەك بىر زاتقا ئۈممەت قىلغانلىقىنىڭ ئۆزى بۈيۈك بىر بەخىت. بەخت ئۈستىگە يەنە بىر بەخىت - بىزلەر ئۆز نىيىتىمىز ۋە ئەمىلىمىز بىلەن ئۇيقۇمىزنىمۇ ئىبادەتكە ئايلاندۇرشىمىز مۇمكىن. بۇنىڭغا مىسال قىلىپ ئۈشبۇ ھەدىسنى ئېلىشىمىز مۇمكىن: « كىشى خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇپ، تاھارەتلىك ھالەتتە ياتسا، ئەتىسى سەھەردە تۇرۇپ بامدات نامىزىنى ئوقۇسا، ئۇكىشى كىچىسى ئىبادەت قىلغاننىڭ ساۋابىنى ئالىدۇ». بىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۈممەتلىرى شۇنچىلىك بەختىيارمىزكى، ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلەپ، ئاددىي ھاياتىمىزنىمۇ ئىبادەتكە ئايلاندۇرالايمىز.

  ئۆز ھاياتىنى قۇرئان ئەخلاقىغا ماسلاشتۇرۇپ قۇرغان مۆئمىنلەر باشقىلارغا نىسبەتەن تىنىچ، ئازادە ھايات كەچۈرىدۇ. بۇ - مۆئمىنلەرنىڭ مۇئەمماسى بولمايدۇ ياكى ئۇلار مۇسىبەتكە ئۇچۇرمايدۇ، دىگەنلىك ئەمەس. ئاللاھ تائالا ئىنساننى ئۇلۇغلاپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ يەردىكى خەلىفىسى قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇنى سىناش ۋە ئىمتىھان قىلىشنى ھەم ئىرادە قىلغان. مۆئىمىنلەر، ئاللاھ ئۆز ھىكىمىتى بىلەن مۇسىبەتكە ئۇچراتقۇچىلارنىڭ ئاۋۋالقىللىرى بولىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ باشقىلاردىن ئەۋزەل، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇھىم تەرەپلىرى پەرۋەردىگارى رازىلىقىنى تىپىش مەقسىدىدە ئۇنىڭ تەقدىرىگە، ھۆكۈمىگە رازى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆزىگىلا تەۋەككۇل قىلىپ ياشاشلىرىدۇر. ئۇلار كەمبەغەل ياكى كىسەل بولۇپ قىلىشتىن قورىقمايدۇ. كۆڭۈلسىزلىك، مۇسىبەت ۋە تۈرلۈك دۇنياۋىي تەشۋىشلەر ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرالمايدۇ. قانداق ھادىسىگە دۇچ كىلىشىلىرىدىن قەتئىي نەزەر، بۇنىڭدا ئاللاھنىڭ ھىكىمەتلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلگىنىدىن سىرىت، ئۆزلىرىنى ئاللاھ خۇشال بولىدىغان تەرىزدە تۇتىدۇ. ئۇلار كوچىدا كىتىۋاتقىنىدا، تاماق يەۋاتقىنىدا، سۆھبەتلىشىۋاتقاندا، سوداـ سېتىق قىلۋاتقىنىدا، تىلۋوزۇر كۆرىۋاتقىنىدا، ھەتتا ئارام ئېلىۋاتقانلىرىدا ھەم قۇرئان ئەخلاقىغا ئەمەل قىلىش مەسئۇليىتىنى تەرك ئەتمەيدۇ. ھاياتنىڭ بارلىق ساھەسى ــ ئائىلىۋىي شارائىت، بازار، ئىشخانا، چايخانا، ياكى باشقا جامائەت مۇئەسسەسەلىرى كىشىلەرنىڭ ئىمتىھان مەيدانىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن مۆئمىنلەر قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى قۇرئان ھۆكۈملىرى بويۇنچە ئىشقا ئاشۇرىدۇ. دۇنيا ھاياتى ئاخىرەت سائادىتىگە ئىرىشىش ۋاستىسى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يىتىدۇ. بۇنداق بەختىيار ئىنسانلارغا ئاللاھ تۆۋەندىكىدەك خۇش خەۋەر بەرگەن:
    «ئەر - ئايال مۆئمىنلەردىن كىمكى ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە (دۇنيادا قانائەتچانلىق، ھالال رىزىق ۋە ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىپ) ئوبدان ياشىتىمىز. ئۇلارغا، ئەلۋەتتە، قىلغان ئەمىلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاپ بىرىمىز»(سۈرە نەھىل 97ـ ئايەت).

 قۇرئان ئەخلاقىنى ئۆز ھاياتىغا تەدبىق قىلغان مۆئمىنلەر ئىنسانىيەتنىڭ گۈلى، ئادەملەرنىڭ ئەڭ بەختىيارلىرىدىندۇر. ئۇلارنىڭ ئاددى كۈندىلىك ھەركەتلىرى، ۋەقەلەرگە بولغان مۇناسىۋەتلىرى باشقىلارنىڭكىدىن تۈپتىن پەرىقلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىلىمنى، ئىنساپنى، ئىدراكلىق ئادەملەر ئۈچۈن ھەر قەدەمدە مۆجىزىللىرىنى بايان قىلىپ قويغان، ئۆز مەرھەممىتى بىلەن ئۇلارغا باشقىلارغا نىسبەتەن كۆپرەك ئەقىل، تەپەككۇ قىلىش، چوڭقۇر پىكىر قىلىش قابىليىتىنى ئاتا قىلغان. ئۇلار ھاياتقا، ئۇنىڭدا بولىۋاتقان ۋەقە - ھادىسىلەرگە ئۆزگىچە نەزەر بىلەن قارايدۇ. ئاللاھ دۇنيادىكى جىمىكى نەرسىلەرنى ئىنسانغا ھەدىيە قىلغان ئىكەن، ئىنسانمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئەشۇ نىئمەتلەرنى بەرگەن زاتقا شۈكۈر قىلىپ ياشىماقلىقى لازىم.

 ئۈشبۇ كىتاپ مۇئەللىپى مۆئمىنلەرنىڭ 24 سائەت داۋامىدا، شارائىت قانداق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، قۇرئاندا بايان قىلىنغان گۈزەل خۇلۇققا ئەڭ مۈكەممەل تەرىزدە ئەمەل قىلىشنىڭ زۆرۆرلىكىنى بىلدۈرگەن. مەقسەت ــ قۇرئان ئەخلاقى بىلەن ھىدايەت تاپقان ئىنسانلارنىڭ بەختىيارلىقى، خاتىرجەملىكىنى نەمۇنە قىلىپ كۆرسىتىش، باشقىلارنىمۇ ئەنە شۇ ھەق يولغا دەۋەت قىلىشتۇر. دۇنيانىڭ تۈرلۈك تەشۋىشلىرىنى يېڭىش، ئاخىرەتتە ئەبەدىي سائادەتكە ئىرىشىشنىڭ يىگانە يولى قۇرئانغا ئەمەل قىلىشتۇر.

 مۆئمىنلەر قۇرئانغا ئەمەل قىلىشتا رەببىمىزنىڭ:
«(ئى مۇھەممەد!)سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن»(سۈرە قەلەم 4ـ ئايەت)، دەپ ماختىغان پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن ئىبرەت ئالىدۇ. چۈنكى پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئەخلاقى قۇرئان ئىدى. ئاللاھ بەندىللىرىگە كامىل ئىنسانلىق مەرتىۋىسىنى ئۇنىڭ مال - دۇنياسىغا قاراپ ئەمەس، بەلكى قۇرئانغا ئەمەل قىلىشىغا قاراپ بىرىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئاللاھ بەندىللىرىنى جەھەننەمگە ئېلىپ بارغۇچى يامانلىقلاردىن ساقلاپ، ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان ئەبەدىي جەننەتكە داخىل قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ چەكسىز نىئمەتلىرىگە ئىرىشتۈرىدۇ. ئادەملەر ئارىسىدا يۈز بىرىدىغان چۈشەنمەسلىكلەر، زىددىيەتلەر، ئادالەتسىزلىككە ئوخشاش مۇئەممالارنىڭ يىشىمى ھەم قۇرئان بىلەن خۇلۇقلىنىش ئارقىلىق يىشىلىدۇ.

  ئاللاھ نەزىرىدە پانىي دۇنيا قەدىرى پاشىنىڭ قانىتىچىلىك بولماسلىقى سەۋەپلىك، كافىرلار خاتىرجەملىكتە ياشايدۇ. كىبىر، دەبدەيۇ تەنتەنە بىلەن يۇرت كىزىدۇ. ھەممىگە ئۆزىنى كۆز - كۆز قىلىدۇ. بۇ ھالەت مۆئمىنلەرنى خاپا قىلىپ،«نىمىشقا بۇنداق بولىدۇ زادى؟»، دىگەن سۇئالنى كۆڭلىگە سېلىپ، ئاداشتۇرۇپ قويىشى مۇمكىن. بۇنداق خىيال ئىمانى زەئىپلەرگە خاس قۇسۇردۇر. ھەقىقى مۆئمىن كافىرلاردىكى ئازغىنە دۇنيا ماتاسىنىڭ ۋاقىتلىق ھايات ئىكەنلىكىنى، غەم - تەشۋىشسىز، راھەت - پاراغەتكە پەقەتلا جەننەتتە يىتىشىش مۇمكىنلىكىنى، جەننەتكە بولسا دۇنيا ھاياتىدا قۇرئانغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىقلا ئىرىشىش مۇمكىنلىكىنى ياخشى بىلىدۇ، چۈنكى ئىمان ئېيىتقان مۆئمىننىڭ قەلبى ئاللاھنىڭ زىكىرى بىلەن بولىدۇ ۋە ئۇ قەلىپ ئاسايىشقا ئىرىشىدۇ.

بىرىنجى بۆلۈم

سەھەردە ئويغانغاندا...

ئۆز ھاياتىغا قۇرئان ئەخلاقىنى تەدبىق قىلغان ھەربىر ئادەم يېڭى كۈننىڭ باشلىنىشىنى ــ ئاللانىڭ بارلىقى ۋە باقىي قالغۇچى زات ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى، ئۇنىڭ بىر ئىنئامى ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىشىدۇ. ئۇيقۇدىن ئويغۇنۇپ، ئەتراپىغا ئىبرەت نەزىرى بىلەن قارايدۇ. ئۇنىڭغا ئارام ئېلىشى ئۈچۈن تۈن ئۇيقۇسىنى بەرگەن ۋە روھىنى جەسىدىگە قايتا جايلىغان كىم؟ ئەلۋەتتە، بۇ سۇئالدا تەپەككۇر قىلغۇچىلار ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ ئىبرەت بار. ئېيتايلۇق، بىز چارچىدۇق، ئەزايى بەدىنىمىز ئارام ئېلىشى ئۈچۈن ئۇيقىغا كىتىمىز. روھىمىز تىنىمىزدىن ئايرىلىدۇ. ئۇزۇن ئۇيقىمىزدا كۆرگەن چۈشلىرىمىزدىن پەقەت ئۈچ - تۆت دەقىقىسى ئىسىمىزدە قالىدۇ خالاس. ئىنساننىڭ بۇ ۋاقىت ئارىسىدا دۇنياۋى ھايات بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلىدۇ. جىسم بىلەن روھنىڭ ئايرىلىشى ــ ئەسلى ئۆلۈمنىڭ كىچىك بىر كۆرىنىشىدۇر. بىز ئۆلگەن ئادەم ئارىمىزغا قايتا تىرىلىپ كەلسە (بۇنداق ئىشلار بەكلا كەم ئۇچرايدۇ) ھەيرانلىقتىن ياقا چىشلەيمىز. بەزىلەر ھەتتا بۇنى كۆرۈپ ھوشىدىن كىتىدۇ. لىكىن ھەر كۈنى بىزنى ئۆلتۈرۈپ، قاياتا تىرىلدۈرگەن ئاللاھنىڭ بۇ بۈيۈك قۇدرىتىگە نۇرغۇنلىغان ئىنسانلار ئىتبارسىز قارايدۇ.

      «ئىنسانلار ئۆلىدىغان چاغلىرىدا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ئالىدۇ. ئۆلمىگەنلەرنىڭ جانلىرىنى ئۇخلىغان چاغدا ئالىدۇ. ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان (يەنى ئەجەل يەتكەنلەر) نىڭ جانلىرىنى تۇتۇپ قېلىپ، قانغانلارنىڭ جانلىرىنى مۇئەييەن ۋاقىتلىرغىچە (ئەجىلى يەتكۈچە) قويۇپ بىرىدۇ. بۇنىڭدا پىكىر يۈرگۈزىدىغا قەۋىم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدىرتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار»(سۈرە زۇمەر42ـ ئايەت).

     «ئاللاھ سىلەرنى كىچىسى ئۇخلىتىدۇ، كۈندۈزدىكى قىلغان ئىشلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئاندىن بەلگىلەنگەن مۇددەتكىچە ياشىشىڭلار ئۈچۈن، كۈندۈزدە سىلەرنى ئويغۇتىدۇ. ئاندىن سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاندىن قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى ئاللاھ سىلەرگە ئېيتىپ بىرىدۇ»(سۈرە ئەنئام 60ـ ئايەت).

   ئۈشبۇ ئايەتنى تەپەككۇر قىلغان ئادەم ئۇيقۇغا بېرىشتىن ئاۋۋال قايتا ئويغىنالماسلىقى، ئويغانغان تەقدىردىمۇ ساق سالامەت بولماسلىقى، ئۇيقۇ ۋاقتىدا بىرەر پالاكەت يۈز بىرىپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلىدۇ.

  بۇ ھەقىقەتتىن ئاگاھ بولغان مۆئمىن يېڭى كۈننى ئاللاھنىڭ بىر نىئمىتى، ئۆزى ئۈچۈن گۇناھلاردىن تەۋبە قىلىش، ئاللاھ ۋە بەندىلەر ئالدىدىكى مەجبۇريەتلىرىنى ئادا قىلىش، ئاللاھقا يېقىنلىشىش، ئۇنىڭ رازىلىقى يولىدا ئىبرەتلىك ئەمەللەرنى قىلىش ئۈچۈن بىرىلگەن يەنە بىر ئىمكانىيەت دەپ بىلىدۇ. شۇ سەۋەپلىكك ئەخلەقى قۇرئان بولغان پەيغەمبىرمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئوخشاش ئۇخلاشتىن ئاۋۋال تۆۋەندىكى دۇئانى ئوقۇيدۇ:
   «ئى رەببىم، سىنىڭ ئىسمىڭ بىلەن يېنىمنى قويدۇم. سەن بىلەن ئۇنى كۆتۈرەرمەن. ئەگەر جېنىمنى تۇتۇپ قالساڭ، ئۇنى مەغفىرەت قىلغىن. ئەگەر ئۇنى قويۇپ بىرىدىغان بولساڭ، ئۇنى سالىھلارنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان نەرسە بىلەن مۇھافىزەت قىلغىن».
  
 ئۇيقۇدىن ئويغانغىنىدا بولسا:
  «ماڭا روھىمنى قايتۇرۇپ بەرگەن، بەدىنىمنى ساق سالامەت قىلغان ۋە ئۆزىنى زىكىر قىلىشىم ئۈچۈن ئىزىن بەرگەن ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇن»، دىيىش لازىم. بۇ شۇ كۈننى قۇرئان ئەخلاقىغا ماسلاپ ياشاش ئۈچۈن قىلىنغان دەسلەپكى ئەمەلدۇر. كۈننى ئىبرەت نەزىرى، تەپەككۇر بىلەن باشلىغان ھەربىر مۆئمىن، ئۇنىڭ قالغان قىسمىنىمۇ ھەم شۇ تەرىزدە ئۆتكۈزۈشكە ھەركەت قىلىدۇ. ئۇ كۈن داۋامىدا ئاللاھ رىزالىقىنى تېپىش، ئۇنىڭ ئەمرىگە بوي سۇنۇش نىيىتىدە غەيرەت قىلىدۇ. بىرەر كۆڭۈلسىزلىككە دۇچ كەلسە قايغۇغا چۈشمەيدۇ ياكى سۆيۈملۈك نىئمەتلەرگە بەكمۇ خۇرسەنىد بولۇپ، ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويمايدۇ. ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ بىر نىئمىتى ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ.

  شۈبھىسىزكى، ئارام ئېلىش ئۈچۈن ئۇيقۇ، ئويغانغاندىن كىيىن ئۇنىڭغا ئۆز نىئمەتلىرىنى ئاتا قىلغان قۇدرەت ساھىبى ئاللاھدۇر. بۇ ھەقىقەتنى بىلگەنلەر كۈننىڭ دەسلەپكى دەقىقىللىرىدە ئاللاھقا، بۇ چەكسىز نىئمەتلەرنى بەرگەن زاتقا نىسبەتەن قەلىبلىرىدىن يېقىنلىق ۋە سۆيۈنۈش ھىس قىلىدۇ. ئىمان نىئمىتىدىن بىبەھىر ئىنسانلار ھىچ قاچان مۆئمىنلەردىكى بۇ سۆيۈنۈشنى، بۇ رازىلىقنى ھىس قىلالمايدۇ. ھاياتىمىزدا ئاددىي ھالغا ئايلىنىپ قالغان ھادىسىلەرگە مۆئمىنلەر ئىبرەت نەزىرى بىلەن قارىسا، ئۇلار ئۈچۈن بۇ باش قاتۇرۇشقا ئەرزىمەيدىغان كۈندىلىك ئىش بولۇپ تۇيىلىدۇ. ئىيمان كەلتۈرمىگەن ھالدا تېخىچە غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغانمىغانلار ياشاپ تۇرغان كۈننى ئاللاھنىڭ بەرگەن ئاخىرقى ئىمكانىيىتى بولىشى مۇمكىنلىكىنى بىلمەيدۇ. ئۇلار بۈگۈن تۈنۈگۈنكىگە قارىغاندا كۆپرەك پۇل تېپىشنى، باشقا ئىنسانلارنىڭ دىققەت - ئىتبارىنى تارتىش، ئۇلار تەرپىدىن ياخشى كۆرۈلۈش، ئويۇن كۈلكە قىلىۋىلىش نىيىتىدە كۈننى باشلايدۇ. ئاللاھنىڭ ئىبادىتىنى قىلىش، ئۇنىڭ رازىلىقىغا ئىرىشىش، ئاخىرەت ھاياتى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىش ئۇلارنىڭ نەزىرىدە خىيالپەرەسلەرنىڭ گېپى، ھەقىقەتتىن يىراق چۈشەنچە.  ھەر نەرسىدە ئىسپات تەلەپ قىلىشىدۇ، ئاجىز ئەقىللىرى يەتمىگەن ھەر قانداق نەرسىنى ئىنكار قىلىشىدۇ. مۇقەددەس كۆرسەتمە قۇرئان كەرىمنى ۋە ھەدىس دەرىسلىرىنى تەتقىق قىلىش تەبىئەتلىرىگە مۇتلەقا يات چۈشەنچە. ئۇلاردىن پەرىقلىق بولغان مۆئمىنلەر غەييىپكە ئىمان كەلتۈرىدۇ.

ئاللاھنىڭ كالامى قۇرئاندا بايان قىلىنغان ھەقىقەتلەرنى بىلگەنلىرى ھالدا، ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىچى ياكى ئىتىبارسىز قارىغۇچىلارنى بىرلەشتۈرۈپ تۇرغان ئۇمۇمىي بىر ئىللەت بار. بۇ ئاللاھنىڭ نىئمەتلىرىدىن بەھرىمان بولۇپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئالدىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى بىجەرمەسلىك، بەندىلىك مەسئۇليىتىنىڭ يوقلىقىدۇر. ئاللاھ تائالا ئۇلاردىكى بۇ ھالەتنى «ئەنبىيا» سۈرىسىنىڭ بىرىنجى ئايىتىدە بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
«كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ ئەمىلىدىن ھېساپ ئېلىنىدىغان ۋاقىت (يەنى قىيامەت) يېقىنلاشتى. ھالبۇكى، ئۇلار غەپلەتتىدۇ. (قىيامەت توغۇرلۇق) ئويلىنىشتىن يۈز ئۆرىمەكتىدۇر»(سۈرە ئەنبىيا 1ـ ئايەت).

   ئۇنۇتماسلىق كىرەككى، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن روھىمىز تېنىمىزگە قايتىپ، ئويغانغان كۈنىمىز بىز ئۈچۈن رەببىمىز تەرىپىدىن بىرىلگەن ئاخىرقى ئىمكانىيەت، ناشتا قىلىۋىتىپ ئىچكەن چېيىمىز، يىگەن نېنىمىز ئاللاھنىڭ بىزئۈچۈن بۇ دۇنيادابەرگەن ئاخىرقى نىئمىتى بولىشى مۇمكىن. خىزمەتكە ياكى ئوقۇشقا كىتۋاتقىنىمىزدا ماشىنا سوقىۋىتىشى، توختىماي سوقۇپ تۇرغا يۈرىكىمىز تۇيۇقسىز توختاپ قېلىشى ياكى باشقا بىر ئەرزىمەس سەۋەپ بىلەن ئەجەل يىتىپ، ھاياتىمىزدىن ئايرىلشىمىز مۇمكىن. شۇ سەۋەپ، كۈننى بۈگۈن ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن نىمىلەر قىلالىشىمىزنى ئويلاپ، ياخشى نىيەت بىلەن باشلىشىمىز لازىم.

  پەيغەمبىرمىز سەللەللەھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۆز ھەدىسلەرىدە :« ئاللاھ بەندىسىنىڭ تەۋبىسىنى جېنى ھەلقۇمىغا كەلگۈچە قوبۇل قىلىدۇ»،دەپ بىز ئۈچۈن خۇش خەۋەر بەرگەن. شۇ سەۋەپلىك ئويغانغىنىمىزدا بىجىرىشىمىز شەرىت بولغان ئەمەللەرنىڭ دەسلەپكىسى ــ ئاللاھقا ئىستىغفار ئېيتىش، بەندىسى بىلەن باغلىنىشلىق گۇناھىمىز بولسا، ئارىمىزنى ئىسلاھ قىلىشتۇر.

 
يۇينىۋاتقاندا...

ئىنسان سەھەردە ئويغانغاندا ۋۇجۇدىدا بولىدىغان تۈرلۈك ئۆزگۈرىشلەرنىڭمۇ ئۆزىگە يارىشا ھىكىمەتلىرى بار. ئۇيقىدىن تۇرغىنىڭىزدا چاچلىرىڭىز بۇزۇلغان، يۈزلىرىڭىز بىرئاز مايلاشقان، ئاغزىڭىزدىن بىلىنەر - بىلىنمەس بەدبۇي پۇراق چىقىدۇ. ئويغانغاندىكى ھالىڭىز ھەر ۋاقىتتىكىدىن ھارغىنراق، يۈزىڭىزدىكى داغلار يەنە كۆپىيىپ كەتكەندەك، چاچلىرىڭىزمۇ ئەسلى رەڭڭىنى يوقاتقاندەك تۇيىلىدۇ.

   بۇ سىزنىڭ ئاددىيغىنا، ئاجىز ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدۈرىدۇ. ھەر بىر ئادەم، ئۇ مەيلى كىم بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، سەھەردە ئويغانغىنىدا يۈز - قوللىرىنى يۇيىدۇ، چىشلىرىنى تازىلايدۇ، بۇ ئىش ھەممەيلەن ئۈچۈن ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان. قۇرئان ئەخلاقىغا ماسلىشىپ ياشىغان ئىنسان ئۆزىنىڭ بۇ ھالىتىگىمۇ ئىبرەت بىلەن قارايدۇ.ئۇ ئۆزىنىڭ باشقىلاردىن ئۈستۈن قويىدىغان ھىچ نەرسىسى يوقلىقىنى، ئۆزگەرمەسلىكنىڭ پەقەت ئاللاھقىلا خاسلىقىنى بىلىپ، ياراتقۇچىسى ئالدىدا ئۆزىنى ئاجىز ھىس قىلىدۇ. ئۆزىنى چوڭ تۇتۇشقا، كىبىرلىنىشكە ئەرزىگۈدەك ھىچ نەرسىسى يوقلىقىنى بىلگەن مۆئمىن ئاللاھنىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرىنى ئەسكە ئالىدۇ:
     «ئىنسان نىمىدىن يارىتىلغانلىقىغا قارىسۇن، ئۇ ئېتىلىپ چىققۇچى مەنىدىن يارىتىلدى،ئۇ مەنى ئومۇرۇتقا بىلەن قوۋۇرغا سۆڭىكىنىڭ ئارىسىدىن چىقىدۇ»(سۈرە تارىق5ـ 6ـ 7ـ ئايەتلەر).
     «ئىنسان بىلمەمدۇكى، بىز ھەقىقەتەن ئۇنى ئابىمەنىدىن ياراتتۇق. ئەمدى ئۇ (پەرۋەردىگارىغا) ئاشكارە خۇسۇمەتچى بولۇپ قالدى»(سۈرە ياسىن 77ـ ئايەت).
«ئىنسان (بەچچىدانلارغا) تۆكۈلىدىغان (ئاجىز مەنى) ئەمەسمىدى؟ ئاندىن ئۇ لەختە قان بولدى، ئاندىن ئاللاھ ئۇنى چىرايلىق شەكىلدە ياراتتى. ئۇ مەنىدىن ئەرـ ئايال (ئىككى جىنىسنى) ياراتتى»(سۈرە قىيامەت 37ـ39 ئايەتلەر)
 «سىلەرنى بىز ئاجىز مەنىدىن ياراتمىدۇقمۇ؟ ئۇنى بىز مەلۇم ۋاقىتقۇچە (يەنى تۇغۇلغىچە) پۇختا ئارامگاھ (يەنى بەچچىداندا) قىلدۇق»(سۈرە مۇرسەلات 20ـ22 ئايەتلەر).

  ئۈشبۇ ئايەتلەرنى تەپەككۇر قىلغان مۆئمىن ئۆزىنى مەنى دىگەن بىر تامچە يىرگىنىشلىك سۇدىن ياراتقان زاتنىڭ ئاجىزغىنە بىر بەندىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، پەرۋەردىگارىغا ئاسىي بولىشتىن قورقۇپ، كەمتەر بولۇشقا ھەركەت قىلىدۇ.

 سەمىمىيەت بىلەن ئاللاھقا يۈزلەنگەن ئادەم ئەينەكتىكى ئۆز ئەكسىنى، ئۆزى خالىمىغان ھالدا جىسمىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ، ئۆز خاھىشى بىلەن جىسمانىي گۈزەللىككە ئىرىشەلمەيدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەن ئالىدۇ. كۆرۈپ تۇرغىنىڭىزدەك، ئاللاھ ئىنسانلارغا ئۇلارنىڭ ئاجىزلىقىنى ئەسلىتىپ تۇرغۇچى بىر قانچە نەرسە ياراتقان. ئۇ زات ــ نۇقسانسىزدۇر، ھېكىمەتسىز بىرەر ئىش قىلىشتىن پاكتۇر. ئۇ قىلىۋاتقان ھەربىر ئىشنىڭ ئۆزىگە يارىشا ھىكىمىتى بار. رەببىمىز ئۆز نىئمەتلىرىنى بىزلەرگە ئەسلىتىش بىلەن بىرگە، بەدپۇراقلارنى بىر تەرەپ قىلىش، كىرلەردىن خالاس بولۇش سەۋەپلىرىنىمۇ ياراتقان. بەدىنىمىزنى تەردىن مەينەتلەردىن پاكلاش ئۈچۈن سۇنى، چىشىمىزنىڭ پاكىز بولىشى ئۈچۈن چىش پاستىسىنى، كىيىملىرىمىزنىڭ تازىلىقى ئۈچۈن كىر يۇيۇش پاراشوكى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنى ئاتا قىلغان. ئاللاھنىڭ بۇ نىئمەتلىرى «ئىنشاراھ» سۈرىسىنىڭ:
«ئەلۋەتتە ھەربىر مۈشكۈللۈك بىلەن بىر ئاسانلىق بار، ئەلۋەتتە ھەربىر مۈشكۈللۈك بىلەن بىر ئاسانلىق بار»(سۈرە ئىنشاراھ 5ـ6 ئايەتلەر)، دىگەن ئايىتىگە ماس كىلىدۇ. شۇنى بىلىش كىرەككى، ئاللاھ  ئاتا قىلغان نەرسىلەردىكى ھىكىمىتىنى بىلىش ۋە شۈكۈر قىلىش بەختىنى ــ قۇرئان ئەخلاقىنى ئۆزىگە دەستىرۇلئەمەل قىلىغان ئىنسانغىلا نىسىپ قىلىدۇ.
 مەيلى كىچىسى، مەيلى كۈندىزى بولسۇن  يۇينىۋاتقان ئادەم ئاللاھ بىزلەرگە پاك بولىشىمىز ئۈچۈن سەۋەپ قىلىپ ئاتا قىلغان بۇ نىئمەتلەرنى كۆرۈپ، شۈكۈر قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ تازىلقنى ۋە ئۆزىنى دائىم پاكىز تۇتقۇچىلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىپ، ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان بۇ ئىشىنى ئىبادەت دەپ قەتئىي ئىشىنىدۇ ۋە ئاللاھ رازىلىقىنى تېپىشدىن ئۈمۈدۋار بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ:
   «كىيمىڭنى پاك تۇت»(سۈرە مۇددەسسىر4ـ ئايەت)، دىگەن ئەمرىگە ئەمەل قىلغان بولىدۇ.

  ئاللاھ تائالا قۇدرەت ۋە ھىكىمەت ساھىبىدۇر. ئۇ زات بەندىللىرىگە ئاسان قىلىش مەقسىدىدە مۇسەببەب، يەنى سەۋەپتىن سەۋەپ يارىتىپ، پاك بولىشىمىز ھەمدە باشقا ئىھتىياجلىرىمىزنى قاندۇرشىمىز ئۈچۈن سۇنى ياراتقان. سەۋەپتىن سەۋەپ مەناسىغا كەلسەك، مەسىلەن، چىش پاستىسىنى سۇسىز ئىشلىتەلمەيمىز. سۇدا ئاغزىمىزنى چايقىساق، ئۇ پاكىزلىنىدۇ. لىكىن ئۇنىڭدىكى بەدبۇي ھىد ۋە مىكروبلارنىڭ چىقماسلىقى ئىنىق. كىيىملىرىمىزنى كىر يۇيۇش پاراشۇكىدا يۇيساق، ئۇ پاكىز بولىدۇ. لىكىن كىر يۇيۇش پاراشوكىنى سۇسىز ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. شۇ سەۋەپلىك ئاللاھ ئۆز نىئمەتلىرىنى بەندىللىرى ئۇنىڭدىن بەھرىمان بولۇپ، ئۆزىگلا ئىبادەت قىلىشى، ئۆزىگىلا شۈكۈر قىلىشى ئۈچۈن بىرـ بىرىگە سەۋەپ قىلىپ ياراتقان. 

   «ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ تىنىچلاندۇرۇش يۈزسىدىن سىلەرگە ئۇيقۇ بېغىشلىدى. (تاھارەت ئېلىپ، غۇسلى قىلىپ) پاك بولۇشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىنى كەتكۈزۈش ئۈچۈن، (ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئشەنىچ قىلىپ) كۆڭلۈڭلارنىڭ توق تۇرىشى ئۈچۈن، قەدىمىڭلارنىڭ سابىت قەدەم بولىشى ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى»(سۈرە ئەنفال 11ـ ئايەت).
 
  ئاسماندىن سۇ چۈشۈرىلىشى ئاللاھنىڭ قۇدرىتى سۈپىتىدە قۇرئان كەرىمدە كۆپ تەكىتلىنىدۇ. ئاللاھ بەرمىسە ئۇنى ھىچكىم يارىتالمايدۇ. ئۇنىڭ ۋۇجۇتقا كىلىشىدە ئىنساننىڭ ھىچقانداق خىزمىتى يوق. ئىنسان پەقەت ئۇنى ئىچىش ۋە بۇلغانتىن باشقىغا ئارلىشالمايدۇ. شۇنى ئىستىمال قىلىدىغان چېغىدا بىرەر قېتىم بولىسىمۇ ئۇنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى ئويلاپ كۆرمەيدۇ. ئەگەر ئىنساپ بىلەن ئويلاپ، تەپەككۇر قىلغىنىدا ئىدى، ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە قايىل بولۇپ، ئۇنىڭ ئىبادىتىگە ئالدىرار ئىدى. تۆۋەندىكى ئايەتلەرمۇ ئاللاھنىڭ قۇدۇرتىنىڭ دالالىتىدۇر:
   «سىلەر ئىچىۋاتقان سۇنى دەپ بېقىڭلارچۇ، ئۇنى بۇلۇتتىن سىلەر چۈشۈردىڭلارمۇ ياكى بىز چۈشۈردۇقمۇ؟ ئەگەر بىز خالىساق ئۇنى تۇزلۇق قىلىپ قوياتتۇق، (پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ زور نىئمەتلىرىگە نىمىشقا شۈكۈر قىلمايسىلەر؟»(سۈرە ۋاقىئە 68ـ70 ئايەتلەر).

  سۇ پاكلىق بەلگىسى. دۇنيادا ھىچقانداق بىر دىن ئىسلام دىنىدەك پاكىزلىققا ئەمىر قىلمىغان. ئىسلام پاكىزلىقنى ئىماننىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدۇ. «پاكىزلىق ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر»،دىگەن ھەدىس شەرىف بۇنىڭغا دەلىل. شۇنىڭدەك، سۇ ــ ئىنسانىيەت، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك دۇنياسى ئۈچۈن ھايات مەنبەسى، سۇسىز ھاياتنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. ئىستىمال قىلىشتىن تاشقىرى، كۈندىلىك ھاياتتا پايدىلىنىدىغان ئىھتىياج بۇيۇملىرىنى تازىلاش ئۈچۈن زۆرۆر بولغان بىر نىئمەتتۇر. سۇ بىلەن كۆزگە كۆرىنەر - كۆرۈنمەس ھەممە مىكروپنى يوق قىلىش بىلەن بىرگە، ئىنسانغا راھەت بېغىشلىغۇچى، ھاردۇقنى كەتكۈزگۈچى شىپابەخىش خۇسۇسىيىتىمۇ بار. بۇنىڭدىن تاشقىرى ئىلمىي پەن - تەخنىكا تەرەققى قىلغان بىزنىڭ ئەسىرمىزگە كىلىپ، ئىلىكتىر ئىنىرگىيەسى، تۈرلۈك گازلارنىڭ چىقىدىلىلىرى ئەتراپ مۇھىتنى بۇلغاپ، نەپەس ئېلىشىمىزغا زىيانلىق بولدى. سۇ ئاشۇ زىيانلىق نەرسىلەرنى يۇيۇپ چىقارغۇچى، بەدەندىكى سىنتاتىك ئىلىكتىرنى چىقارغۇچى ئامىلدۇر. سىنتاتىك ئىلىكتىر كۆزگە كۆرۈنمەيدۇ. بەزى سىنتاتىك تالادىن توقۇلغان كىيىملىرىمىزنى سالغاندا، ياكى قولىمىز باشقا بىرەيلەننىڭ قولىغا تىگىپ كەتكەندە كىچىك توك سوقۇش ھادىسىسى پەيدا بولىدۇ. بەزىدە چېچىمىز سەل باشقىچىراق تۇرىدۇ. ئىنسان يۇيۇنغاندا بەدەندىكى بۇ ئىلىكتىر چىقىپ كىتىدۇ، بەدىنى بوشىشىپ، راھەتلىنىپ قالىدۇ. يامغۇردىن كىيىن ھاۋانىڭ سالقىن ۋە ئارەمبەخىش بولىشىمۇ يامغۇرنىڭ ھاۋادىكى سىنتاتىك ئىلىكتىرنى تازىلىشىغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك.

  دائىمىي رەۋىشتە تازىلىققا رىئايە قىلىش، ئۆزىنى پاكىز تۇتۇش ئاللاھ ياقتۇردىغان پەزىلەتتۇر. بۇنىڭدا ماددى تازىلىقلا ئەمەس، بەلكى مەنىۋىي پاكلىقنىڭمۇ ئەھمىيىتى چوڭ. مىسال ئۈچۈن، ناماز ئىبادىتىنى ئالايلۇق:
  نامازخان بەش قېتىم تاھارەت ئېلىپ، كىرلەردىن پاكلىنىپ، ئىبادەت قىلىدۇ. ناماز ئارقىلىق بەندە سەجىدە قىلغان ھالدا، ئاللاھ سۇبھانەۋەتەئەلاغا باغلىنىش بەختىگە مۇيەسسەر بولىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق چىدامچانلىق، روھىي قۇۋۋەت ئالىدۇ. كىيىملىرى ۋە قەلىبلىرى گۇناھلاردىن پاكلانغان مۆئمىنلەرلا يۈزلىرىنى ئاللاھقا قاراتقان ھالدا، نامازنى خۇشۇئ ۋە خۇزۇئ (ھوزۇر - ھالاۋەت) بىلەن ئادا قىلىدۇ، قەلىبلىرىنى ئاللاھنى زىكىر قىلىش بىلەن پاكلايدۇ.

 ئاللاھنىڭ كۆرۈپ تۇرغۇچى ۋە ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى ئىكەنلىكىنى يادىدا تۇتقان ھالدا، ئۇلار «پەقەت كوچىغا چىققاندا ۋە مىھماندارچىلىققا بارغاندىلا يۇيۇنۇپ - تارىنىپ، چىرايلىق كىيىنىش كىرەك»، دىگەن ناتوغرا چۈشەنچىدىن يىراقتۇر. مۆئمىن ھەردائىم ھەر جەھەتتىن باشقىلارغا ئىبرەت بولۇشنى يادىدا تۇتۇپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىدۇ. بەدبۇي پۇراقتىن ئەتراپىدىكىلەرنى كۆڭلى ئاينىغان دەرجىگە يەتكۈزۈش، كىيىمدىكى مەينەتلىكنى كۆرۈپ، يىرگىنىش ھالىتىگە كەلتۈرۈش قۇرئان بىلەن خۇلۇقلانغان ئىنسانلارغا خاس ئەمەس. ئۇلار شۇنداق ئىنسانلاركى، سۆھبەتلەشسىڭىز ھوزۇر ئالىسىز. ئاللاھنڭ ئەمرىگە بوي سۇنۇپ، ھەم جىسمانىي، ھەم روھىي پاكلىققا رىئايە قىلىشى نەتىجىسىدە قەلىبلىرى خاتىرجەم بولىدۇ، يۈزلىرىدىن نۇر يېغىپ تۇرىشى ئەتراپتىكىلەرنى ئۆزىگە تارتىدۇ. ئىنسانلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىش خۇسۇسىيىتى پەقەت قۇرئان ئەخلاقىنى ئۆز ھاياتىغا تەدبىق قىلىپ ئالغانلارغىلا ئاللاھ تەرىپىدىن ئاتا قىلىنىدۇ.

  قۇرئان ئەخلاقىدىن بىخەۋەر ئادەملەر، ياكى خەۋەردار بولۇپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئىتبارسىز قارىغۇچىلارنىڭ كۆپچىلىكى تازىلىققا يۈزەكى قارايدۇ. ئۇلار ئاساسەن كوچىغا چىققىنىدا ياكى ئۆيلىرىگە مىھمان كىلىدىغان ۋاقىتلىرىدا تازىلىققا ئىتبار بىرىپ قويىشىدۇ. ئۇلار تاھارەت دىگەن نىمە، غۇسۇل دىگەن نىمە، ھەتتاكى پەرىقىنىمۇ بىلمەيدىغانلاردۇر. ياۋرۇپا فىلىملىرىدە خوجايىنى ئۇيقۇدىن ئويغۇنىشىغىلا خىزمەتكار ئۇنىڭ ياتقان جايىغىلا ياكى يوتقىنىنىڭ قېشىغىلا ناشتىلىق ئەكىلىپ بىرىدۇ. كۈندىلىك ھاياتىمىزدىمۇ ئۇلارغا تەقلىد قىلغۇچىلار ئۇچراپ تۇرىدۇ. ھەتتا بەزىلەرنىڭ ئۇخلاپ قوپۇپ، يوتقاندا تۇرۇپلا بىرنەرسە يەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالىمىز. ھەم مەنىۋىي، ھەم جىسمانىي پاكىزلىققا دەۋەت قىلۇچى ئىسلام دىنى بۇنداق ھالەتلەرنى قەتئىي چەكلەيدۇ. پەيغەمبىرىمىز سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دىگەن:
   «ئۇيقىدىن ئويغانغان ئادەم تاكى قولىنى ئۈچ قېتىم يۇيمىغىنىچە يىمەكلىككە قول ئۇزاتمىسۇن. چۈنكى ئۇ ئۇخلاۋاتقىنىدا قولىنىڭ قەيەرلەردە يۈرۈيدىغىنىنى بىلمەيدۇ».  ئۇلارنىڭ ئۇيقىدىن قوپۇپ يۈزـ قوللىرىنى يۇيۇش كىرەكلىكىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس. ئەپسۇسكى، كۆپۈنچە ئۆزلىرىنى بەكمۇ ئىلغار مەدىنىيەتلىك سانىغان ئادەملەر يۇقارقىدەك خاتا يول تۇتىشىدۇ.

 

كىينىۋاتقاندا...

داۋامى بار، پات ئارىدا ئىنكاس شەكىلدە ئۈشبۇ تېمىغا يوللىنىدۇ ئىنشائاللاھ.    
[ بۇ يازمىنىتاھىربەگ 2012-05-07 18:31قايتا تەھرىرلىد ]
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2473
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2473دانە
ئۆسۈش: 5440 %
مۇنبەر پۇلى: 30411 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-05-11
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2012-02-01 12:37

كىينىۋاتقاندا...


مۆئمىن ئادەم كىيمىنى سېلىپ، كۆزلىگەن مەقسىدىگە مۇۋاپىق چىرايلىق كىيىملەرنى تاللار ئىكەن، بىر ھەقىقەتنى، يەنى بۇ كىيىمنىڭ ئاللاھنىڭ نىئمەتلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ يارىتىلىشىدا بىر قانچە ھىكىمەتنىڭ بارلىقىنى ھىس قىلىدۇ. مۆئمىنلەر قاتارى باشقا ئىنسانلارمۇ ھەر كۈنى بۇ نىئمەتتىن بەھرىمان بولىدۇ. لىكىن ئۇلارنىڭ ھىچقايسىسى قۇرئان بىلەن ئەخلاقلانغاندەك، بۇ نىئمەت ئاللاھنىڭ لۇتفى، مەرھەممىتى ئىكەنلىكىنى چۈشۈنەلمەيدۇ، ئۇنىڭ شۈكرىسىنى قىلالمايدۇ.

  مۆئمىنگە كۈندىلىك ھاياتىدا ئاللاھ نىئمەتلىرىنىڭ بىر كۆرنىشى سۈپىتىدە توسۇش، ساقلاش، پەردە - ھىجاپ ئۈچۈن ئاتا قىلىنغان لىباس، يۇڭ، پاختا، يىپەكتىن تەييارلانغان كىيىملەرنىڭ يارىتىلىش مەنبەسى ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانات ئالىمىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيىتقاندا، ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئاددىيسىدىن تارتىپ، ئەڭ كۆركەملىرگىچە بولغان كىيىم ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش سەۋەبى قىلىپ، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك دۇنياسىنى ياراتقان. كۆپچىلىك بۇ ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرۇپ، غەپلەتتە قالغانلىقلىرى سەۋەپلىك، بەھرىمان بولىۋاتقان نىئمەتلەرنىڭ شۈكىرىنى ئادا قىلىشمايدۇ. تۇغۇلغان ۋاقتىدىن باشلاپ ئىھتىياج بولغان كىيىملەر ئۇلارغا ئاسانلا بىرىلگىنى ئۈچۈن، ئاددىي نەرسىدەك تۇيىلىدۇ. بۇ ھالەت لىباسنىڭ بىر نىئمەت ئىكەنلىكىنى بىلىش ۋە ئۇنىڭ شۈكرىنى ئادا قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. ھالبۇكى رەببىمىز يەر يۈزىدىكى جىمىكى نىئمەتلەرنى ئىنسانغا ھەدىيە قىلغان ئىكەن، ئىنسانمۇ نۆۋىتىدە ئەشۇ نىئمەتلەرنى بەرگەن زاتقا شۈكۈر ئېيتىپ ياشىماقلىقى لازىم. شۇنداق بولغانكەن، رەببىمىز بىزلەر ئۈچۈن يارىتىپ قويغان لىباسلارنىڭ ھىكمەتلىرى ۋە بىزلەرگە بەرگەن پايدىسى توغرىسىدا سۆز يۈگۈرتەيلى.

   كىيىم ئىنسان ۋۇجۇدىنى ئىسسىقتىن، سوغۇقتىن، قۇياشنىڭ زىيانلىق نۇرلىرىدىن ھەمدە ئەتراپتىكى مۇھىت ئارقىلىق يىتىش مۇمكىن بولغان تۈرلۈك زىيانلىق تەسىرلەردىن ھىمايە قىلىدۇ. ئاللاھ بىزگە كىيىمنى ئاتا قىلمىغان بولسا ئىدى، نىپىز تىرە بىلەن ئورالغان بەدىنىمىز يۇقۇردا ئېيتىپ ئۆتۈلگەن ئامىللار تۈپەيلىدىن شىكەستىلىنىشى، ئاغرىشى ۋە يەنە بىر قانچە سەلبى تەسىرلەر ئاقىۋىتىدە تىزلا كېرەكتىن چىقىشى مۇمكىن ئىدى. مۇھاپىزەت قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە كىيىملەرنىڭ ھىكىمىتى ھەققىدە ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ كىتاۋى قۇرئان كەرىمدە مۇنداق مەرھەممەت قىلىدۇ:

«ئاللاھ سىلەرگە ئۆزى ياراتقان نەرسىلەر (يەنى دەرەخلەر، تاغلار ۋە بىنالار) دىن (كۈننىڭ ھارارىتىدىن ساقلىنىدىغان) سايىلەرنى قىلىپ بەردى. تاغلاردىن سىلەرگە (غار ۋە ئۆڭكۈرگە ئوخشاش) تۇرالغۇ قىلىدىغان جايلارنى قىلىپ بەردى. سىلەرگە ئىسسىقتىن ۋە سوغۇقتىن ساقلىنىدىغان كىيىملەرنى، ئۇرۇشتا سىلەرنى زىيان زەخمەتتىن ساقلايدىغان تۆمۈر كىيىملەرنى تەييار قىلىپ بەردى. ئاللاھ سىلەرنى ئىتائەت قىلسۇن دەپ، سىلەرگە ئەنە شۇنداق  مۇكەممەل نېئمەتلەرنى بېرىدۇ»(سۈرە نەھىل 81ـ ئايەت).  
    «ئى ئادەم باللىرى! سىلەرگە بىز ھەقىقەتەن ئەۋرىتىڭلارنى ياپىدىغان لىباسنى ۋە زىننەتلىندىغان لىباسنى چۈشۈردۇق...»(سۈرە ئەئراف 26ـ ئايەتنىڭ بىر قىسىمى).

   يۇقاردىكى ئايەتلەرگە دىققەت ئىتبارىمىزنى قاراتساق، لىباس (كىيم) ئەۋرىتىمىزنى توسۇش،  نازۇك تىنىمىزنى ئىسسىق - سوغۇقتىن ئاسراش بىلەن بىرگە، تاشقى كۆرىنىشىمىزنى چىرايلىق قىلىپ تۇرغۇچى ئامىل ئىكەن. تەرك ئىتەلمەيدىغان زۆرۆر دەرىجىدىكى ئىھتىياج بولغان لىباس نىئمىتى ئاللاھنىڭ بىزلەر ئۈچۈن چوڭ ئىنايىتىدۇر.
  بۇنى بىلگەن مۆئمىن ئۇلاردىن پايدىلىنىۋاتقانلىرىدا بەكمۇ تەلەپچان بولىشى لازىم. بۇ ئاللاھ نىئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن ئىكەنلىكىنىڭ ئەمەلدىكى ئىپادىسى بولىدۇ. يەنى، ئۇلار باشقا ئىھتىياجلىرىغا ئوخشاش لىباس ئۈچۈن پۇل سەرىپ قىلىۋاتقان ۋاقتىدا، ئىھتىياجى بارىنى، شەرىئەت كۆرسەتمىسىگە مۇۋاپىق كىلىدىغىنىنى سېتىۋىلىشى زۆرۆر. ئىھتىياجى بولمىغان كىيىم ئۈچۈن پۇل سەرىپ قىلىش،«ئەلۋەتتە، ئاللاھ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ»، دىگەن ئايەت كەرىمگە  زىت ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.
  لىباس نىئمىتىگە شۈكۈر قىلىشنىڭ ئەمەلدىكى كۆرىنىشلىرىدىن يەنە بىرى شۇ لىباس - كىيىملىرىمىزنى پاكىز تۇتۇشتىن ئىبارەت. بۇنىڭدا بىز تۆۋەندىكى ئايەتلەرنى دائىما يادىمىزدا تۇتۇپ، ئەمەل قىلىشىمىز لازىم:
    «...ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبە قىلغۇچىلارنى ۋە (ھارامدىن، نىجاسەتتىن) پاك بولغۇچىلارنى دوسىت تۇتىدۇ»(سۈرە بەقەرە 222ـ ئايەتنىڭ بىر قىسىمى).

   «...ئۇنىڭدا (گۇناھلاردىن) پاك بولۇشنى سۆيىدىغان كىشىلەر بار، ئاللاھ (ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىن) پاك بولغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ»(سۈرە تەۋبە 108ـ ئايەتنىڭ بىر قىسىمى).

   «كىيمىڭنى پاك تۇت»(سۈرە مۇددەسسىر 4ـ ئايەت).

  مۆئمىن ئادەم ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئەمىرلىرىنى ئۇنىڭ باشقا ئەمىرلىرىگە ئوخشاش بىجىرىشكە ھەركەت قىلىپ، ئىمكان قەدەر پاكىز كىيىنىشكە ئادەتلىنىدۇ. چۈنكى كىيىمنى، بەدەننى پاك تۇتۇش ئىنسانغا جىسمانىي ۋە روھىي زوق بېغىشلايدۇ.
  قۇرئان ئەخلاقى بىلەن ياشىغان ئىنسان كىيىم - كىچەكتە پەقەت تازىلىققا ئىتىبار بىرىپلا قالماي، ساغلاملىقىغا زىيان قىلمايدىغان رەخىتلەردىن، چىرايلىق كىيىنىشكە ھەم ھەركەت قىلىشى كىرەك. سۈرە «ئەئراف» تىكى «زىننەت لىباسىنى چۈشۈردۇق»، دىگەن مەزمۇندىكى ئايەتكە كۆرە، مۆئمىن ئادەم دائىما چىرايلىق كىيىنىشى، ئەخلەقى ۋە تاشقى كۆرىنىشى بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدا ياخشى تەسىراتلار قالدۇرۇشقا ئىنتىلىشى كىرەك. بۇ ئىنسانلارنى ھەق دىنغا دەۋەت قىلىشنىڭ بىر كۆرىنىشىدۇر. ئەلۋەتتە بۇ ئىش شارائىت يار بەرگەن دائىرىدە بولىشى لازىم.

  ھەزرىتى ھەسەن پەيغەمبىرمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ كىيىنىش ھەققىدىكى قاراشلىرىنى تۆۋەندىكىدەك ئىپادە قىلىدۇ:
  «پەيغەمبىرمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىزلەرگە قولىمىزدا بارلاردىن ئەڭ چىرايلىق كىيىنىشكە ۋە تاپالىغان ئەڭ خۇشبۇي نەرسىلەرنى سۈرتىشىمىزنى تەۋسىيە قىلاتتى» (بۇخارى رىۋايىتى).

شۇنىڭدەك پەيغەمبىرمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تاشقى كۆرىنىشىگە ئىتبارسىز قارىغان ساھابىلەرنى كۆرسە، نەسىھەت قىلاتتى. بۇ ھەققىدە بىر رىۋايەت بار.

  ئاددىي كىيىمدە پەيغەمبىرمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھۇزۇرىغا كەلگەن ئىدىم. ئۇ زات سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مەندىن:«سىنىڭ مېلىڭ يوقمۇ؟»، دەپ سورىدى. مەن «بار»، دەپ جاۋاپ بەردىم. ئۇ زات يەنە سورىدى:«قانداق مېلىڭ بار؟». مەن:«بارچە تۈردىكى ماللىرىم بار»،دىدىم. شۇندا رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:«ئاللاھ ساڭا دۆۋلەت ئاتا قىلغاندا بۇ نىئمەت سەندە كۆرىنىپ تۇرىشى لازىم»، دىدى.

   ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە زىننەت بويۇملىرى ۋە لىباسلانىڭ جەننەت نىئمەتلىرىدىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن:
   «ئاللاھ ھەقىقەتەن مۆئمىنلەرنى ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرغان جەننەتكە كىرگۈزىدۇ. ئۇلار جەننەتلەردە ئالتۇن بىلەيزۈكلەرنى ۋە مەرۋايىتلارنى زىننەت بويۇملىرى قىلىدۇ،ئۇلارنىڭ كىيىمى يىپەكتىن بولىدۇ»(سۈرە ھەج 23ـ ئايەت).
     «ئۇلار قېلىن ، يۇپقا - يىپەك كىيىملەرنى كىيىپ بىر - بىرىگە قاراپ ئولتۇرىشىدۇ»( سۈرە دۇخان 53ـ ئايەت)
   «ئۇلارنىڭ ئۇچىسىدا يۇپقا يىپەك ۋە قېلىن يىپەكتىن (تەييارلانغان) يېشىل كىيىملەر بولىدۇ، (ئۇلار) كۆمۈش ئۈزۈكلەرنى تاقايدۇ
...»(سۈرە ئىنسان 21ـ ئايەتنىڭ بىر قىسىمى).

  بۇ ئايەتلەردە جەننەت ئەھلىنىڭ كىيىمى يىپەك - شاھى، بىزەكلىرى ئالتۇن كۈمۈش ۋە مەرۋايىت مارجانلار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. ئەلۋەتتە بۇ نىئمەتلەر دۇنياۋىي ھاياتىمىزدا ھەم مەۋجۇد. ئىمان كەلتۈرگەنلەر ئۈچۈن بۇ نىئمەتلەرنى كۆرۈش، ئۇلاردا بۇ نىئمەتلەر بولۇش بولماسلىقىدىن قەتئىي نەزەر، جەننەت ھەققىدە بەك ئاز بولسىمۇ تەسەۋۋۇرغا ئىگە بولۇشقا، بۇ تەسەۋۇر جەننەتكە بولغان ئىنتىلىشكە، ئىنتىلىشى بولسا جەننەت سېغىنىشى بىلەن ياشاشقا سەۋەپ بولىدۇ. مۆئمىن بۇ نىئمەتنىڭ يارىتىلىش ھىكىمىتىنى كۆرىدۇ. بۇ نىئمەتلەرنىڭ دۇنيا ھاياتىدا باقىي ئەمەسلىكىنى، ئەبەدىي ھايات ۋە ئۇنىڭ باقىي نىئمەتلىرى بولسا پەقەت جەننەتكە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ ۋە دۇنيا ھاياتىدىكى ئۇلارغا زىنھار ھىرىس قىلمايدۇ.

«ئىمان ئېيىتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كېلىدىغان بولساق، بىز ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىنى يوققا چىقىرۋەتمەيمىز. ئەنە شۇلار ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان، ئۇلار دائىم تۇرىدىغان جەننەتلەردىن بەھرىمان بولىدۇ. جەننەتتە ئۇلار ئالتۇن بىلەيزۈكلەرنى سالىدۇ، نىپىز ۋە قېلىن يىپەكتىن ئىشلەنگەن يىشىل كىيىملەردىن كىيىدۇ. (ئالتۇن ۋە ئېسىل رەخىتلەر بىلەن قاپلانغان) تەخىتلەردە ئولتۇرىدۇ. بۇ نېمدىگەن ياخشى مۇكاپات! جەننەت نېمدىگەن گۈزەل جاي!»(سۈرە كەھىف 30،31 - ئايەتلەر).
 
  قۇرئاننى ئۆزىگە دەستۇر قىلىپ ئالغانلار لىباس ھەققىدە بىلىشلىرى لازىم بولغان جەھەتلەردىن يەنە بىرى، بۇ تاشقى كۆرۈنىشنىڭ ئىنسانلار بىلەن بولىدىغان مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئەھمىيىتىدۇر. مۆئمىن باشقىلارنىمۇ قۇرئان ئەخلاقى بىلەن ياشاشقا دەۋەت قىلىدىكەن، تاشقى كۆرىنىشىگە ئىتىبار بىرىشى لازىم. ئىمكانى يېتشىچە شارائىت دائىرسىدە، سۈننەتكە مۇۋاپىق چىرايلىق، پاكىز كىيىملەرنى كىيىشكە ھەركەت قىلىشى كىرەك. بۇ قىياپەت ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ ئەمرىنى بىجىرىشتە تىرىشچان ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئىنسانلارغا نىسبەتەن ھۆرمەت تۇيغۇسىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. ئىمان ئېيتىپ قۇرئان بىلەن خۇلۇقلانغانلار مەيلى ئۆيدە بولسۇن، مەيلى ئادەملەر ئرىسىدا بولسۇن، پاكىز، چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىشىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇنى كىبىر ئۈچۈن ئەمەس، ئاللاھ رىزالىقىغا ئىرىشىش ئۈچۈن قىلىشى كىرەك.

تاماق يەۋاتقاندا...
داۋامى داۋاملىق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلۇپ، پات ئارىدا يوللىنىدۇ ئىنشائاللاھ...



يېڭى مەزمۇن يوللانغاندا چوڭ ماۋزۇنىڭ ئارقىسىغا تىرناق ئىچىگە يېڭى يوللانغان كىچىك ماۋزۇنى يىزىپ قويىمەن، شۇ ئارقىلىق يېڭى مەزمۇن يوللىنىپتۇ دەپ بىلىڭ.
[ بۇ يازمىنىتاھىربەگ 2012-02-01 13:13قايتا تەھرىرلىد ]
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2473
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2473دانە
ئۆسۈش: 5440 %
مۇنبەر پۇلى: 30411 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-05-11
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-05 14:16

تاماق يەۋاتقاندا...

قۇرئان ئەخلاقى بىلەن يۈرۈش بەختىگە ئىرىشكەن مۆئمىنلەر، تاماق يىيىش ئۈچۈن ئاشخانىغا كىرگەندىمۇ، ئاللاھ ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇپ بەرگەن، ئىنسان مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇچى نىئمەتلەرگە ئىبرەت نەزىرى بىلەن قارايدۇ. شۇنداق ئىسىل نىئمەتلەردىن بىرى ــ ئوت. ئادەم ئاتا ۋە ھەۋۋا ئانىنىڭ يەردە ياشاش دەۋرىدىن  تارتىپ، مۇشۇ كۈنگىچە ئىنسان ھاياتىنى ئوتسىز تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. چۈنكى ھەر دائىم ئۇنىڭغا ئىنساننىڭ ھاجىتى چۈشۈپ تۇرىدۇ. ئۇ ياندۇرۇش، ئىسسىتىش، كۆيدۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە، يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش ئۈچۈن تەييارلاشتىمۇ ئەھمىيىتى زور. ئوتتىن پايدىلىنىش غۇنچىلىك ئاددىي ھالغا ئايلانغانكى، ئۇنى كىم يارتقان، يېنىش، ياندۇرۇش خۇسۇسىيىتىنى كىم بەرگەن، ھەممە نەرسىنى ياندۇرالامدۇ؟، دەپ ئويلاپ كۆرۈش ھەممەيلەننىڭ ئىسىگە كىلىۋەرمەيدۇ. يەر يۈزىدىكى بارلىق نەرسىلەرگە ئوخشاش ئوتمۇ ئىنسانلارغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن بويسۇندۇرلۇپ قويۇلغان. ئاللاھ تائالا:
«ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زىمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى (كامالى) پەزىلىدىن سىلەرگە بوي سۇندۇرۇپ بەردى، بۇنىڭدا ھەقىقەتەن (قۇدىرتى ئىلاھىنى) تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋىم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدىرتى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان روشەن) دەلىللەربار»(سۈرە جاسىيە 13ـ ئايەت).
  ئايەتتە ئېيتىلغاندەك، تەپەككۇر قىلغۇچىلارغا ئوت جەھەننەمنى ئىسىگە سالغۇچى ۋاستىدۇر.
     «ئۇنى (ئوتنى) بىز ئىبرەت ۋە يولۇچىلار پايدىلىندىغان نەرسە قىلدۇق»(سۈرە ۋاقىئە 73ـ ئايەت).
  قۇرئان كەرىم جەھەننەم ئەھلى توغرىسىدا خەۋەر بەرگەندە، كۆز ئالدىمىزغا شىددەتلىك ئوت ئىچىدە يېنىۋاتقان ئىنسانلار گەۋدىلىنىدۇ. بەزى ئايەتلەردە ئاللاھنى ئىنكار قىلغانلار ئۈچۈن ھازىرلانغان جەھەننەم ئاتىلىشى ھەققىدە شۇنداق خەۋەر بىرىدۇ:
«ئۇ كۈن ئۇلار دوۋزاختا ئازاپلىنىدىغان كۈندۇر»(سۈرە زارىيات 13ـ ئايەت).
«ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى ئوت كۆيدۈرىدۇ، كالپۇكلىرى قورۇلۇپ، چىشلىرى ئېچىلىپ (بەتچىراي) بولۇپ قالىدۇ»(سۈرە مۆئمىنۇن104ـ ئايەت).
  ئىمان ساھىبى بولغان كامىل مۇسۇلمان جەھەننەمنىڭ بۇ شىددەتلىك ئاتىلىشلىرىنى ئويلىغاندا، ئاللاھقا بولغان قورقۇشى تېخىمۇ ئاشىدۇ، تەقۋالىقى كۈچىيىدۇ. ئاللاھتىن قورقۇش ئىنسان ۋۇجۇدىدىكى جەمىئىي ئەزالاردا ئەكىس ئىتىدۇ.
بىرىنجىسى ــ تىلدا: ئاللاھتىن قورىققان ئادەم تىلىنى غەيۋەتتىن، تۆھمەتتىن، يالغاندىن ۋە ئىسلامدا مەنئىي قىلىنغان باشقا ئىللەتلەردىن يىغىدۇ.

قەلىبتە: ئاللاھتىن قورىققان ئادەم پەقەت مۆئمىن بۇرادەرلىرىگە، بەلكى ئاللاھ ياراتقان بارچە مەخلۇقاتلارغا يامانلىق قىلمايدۇ. غەيۋەت، تۆھمەت، ھەسەت، يالغان ۋە ئىسلامدا مەنئىي قىلىنغان بارچە ناچار ئىللەتلەردىن قەلبىنى پەك تۇتىدۇ.

كۆزدە: ئاللاھتىن قورىققان ئادەم كىيىنىش، يەپ - ئىچىش ۋە باشقا كۈندىلىك ھاياتىدا ئۇچرايدىغان ھەرىكەتلەردە كۆزىنى ھارامدىن ساقلايدۇ. باشقىلارغا ھەسەت، ھىرىس بىلەن ئەمەس، ئىبرەت نەزىرى بىلەن قارايدۇ.
تائاملىنىش ئەزالىرىدا: گېلىدىن ھارام لوقما ئۆتكۈزمەيدۇ. ھارام لوقما گۇناھلارغا باشلىغۇچى يول.

قولدا ۋە پۇتتا: قولىنى ھارامغا ئۇزاتمايدۇ، پۇتلىرى بىلەن دىنىغا مەنپەئەت بولىدىغان مەنزىللەرگە قەدەم قويىدۇ. بۇ ئىشلارنى باشقىلارغا كۆزـ كۆز قىلىپ بىجىرمەيدۇ. رىياغا يول قويمىغاندىلا ئۇ ھەقىقى مۆئمىن ھىساپلىنىدۇ. 
  بۇنى ياخشى بىلگەن مۆئمىن ئاللاھتىن قورقۇش دىگەندە قەلىبگە دەھشەت سالىدىغان، ئىنساننى ئەقىل - ھۇشىدىن ئايرىيدىغان، قورقۇشنى ئەمەس، بەلكى نەفسىنىڭ ھاۋايى ھەۋەسلىرىگە بىرىلمەي، ئاللاھ قايتۇرغاندىن قايتىش، ئەمىر قىلغانلىرىنى قەتئىي بىجىرىش، ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرغاندەك ئىخلاس بىلەن جەھەننەم ئازابىدىن پاناھ بىرىشنى سوراپ، دۇئا ئىلتىجا قىلىشنى چۈشىنىدۇ.
ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن تەپەككۇر قىلىش بەختىگە ئىرىشكەنلەر، داستىخاندىكى بارچە نىئمەتلەرنىڭ ئۆزىگە يارىشا ھېكمەتلىرى بارلىقىنى بىلىدۇ. ئۇنىڭدا نان، ھەسەل، چاي، قەھۋە، سۈت، تۇخۇم ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تەمى، رەڭگى ھەرخىل بولغان يىمەكلىكلەر تۇرۇپتۇ. ئويلاپ كۆرۈلسە، بۇلارنىڭ ھەربىرى ئالاھىدە بىر نىئمەت. ئۇلارنىڭ پايدىسى، ئىنىرگىيە قۇۋۋەتلىرىمۇ تۈرلۈك. ئۇلار بەدىنىمىزنى ياغ، ئاقسىل، ۋىتامىن ۋە مىنىراللار بىلەن تەمىنلىگۈچى ۋاستىدۇر. بۇ نىئمەتلەرنىڭ يارىتىلىشىدا بۈيۈك مۆجىزە بار. مىسال ئۈچۈن ھەسەلنى ئالايلى. ھەسەل تەركىبىدە فىراكتوزا، گىلىكوزا بىلەن بىر قاتاردا ئاز مىقداردا يود، تۆمۈر ۋە سىنىك ماددىسى بار. بىز ئۇنى ئىستىمال قىلۋاتقىنىمىزدا، ئۇنىڭ بىزلەرگە يىتىپ كىلىش جەريانىغا قىزىقمايمىز. ھەسەلنىڭ يارىتىلىشى مۆجىزە ئىكەنلىكى ھىچكىمنىڭ خىيالىغا كەلمەيدۇ. ئەسلىدە ئېغىرلىقى بىر نەچچە گىرام، گەۋدىسى بىر نەچچە سانتىمىتىر كېلىدىغان ھەسەل ھەرىسىنىڭ بىزلەر ئۈچۈن توننىلاپ ھەسەل يىتىشتۈرۈپ بىرىشىنىڭ ئۆزى بىر مۆجىزە. لىكىن ئۇ ھەسەلنى قانداق قىلىپ يىتىشتۈرىدۇ؟ بۇ ھەقتە «نەھىل» سۈرىسىدە ئاللاھ تائالا شۇنداق مەرھەمەت قىلغان:
  «پەرۋەردىگارىڭ ھەسەل ھەرىسىگە ئىلھام بىلەن بىلدۈردى:‹تاغلارغا، دەرەخلەرگە ۋە (كىشىلەرنىڭ ھەسەل ھەرىلىرى ئۈچۈن) ياسىغان ئۆيلىرىگە ئۇۋا تۈزگىن. ئاندىن كىيىن تۈرلۈك مىۋىلەر (يەنى گۈل چىچەكلەر) دىن يىگىن، پەرۋەردىگارىڭنىڭ يوللىرىغا ئىتائەتمەنلىك بىلەن كىرگىن›. ئۇنىڭ (يەنى ھەسەل ھەرىسىنىڭ) قارنىدىن ئىنسانلارغا شىپا بولىدىغان خىلمۇـ خىل رەڭلىك ئىچىملىك (يەنى ھەسەل) چىقىدۇ. بۇنىڭدا (ئاللاھنىڭ قۇدىرتىنىڭ چوڭلۇقىنى) تەپەككۇ قىلىدىغان قەۋىم ئۈچۈن ئىبرەت بار»(سۈرە نەھىل 68،69ـ ئايەتلەر).

ھەسەل نىئمىتىدىن بەھرىمان بولىۋاتقان مۆئمىن ئۇنىڭ بىزلەرگە مۇنداقلا يىتىپ كەلمىگىنىنى، ئۇنىڭ پەيدا بولىشىنىڭ بۈيۈك مۆجىزە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ھەسەل ھەرىسىنىڭ ئۆزى كىچىككىنە تۇرۇپ، ئاللاھقا بولغان چەكسىز ئىتائىتىدىن،پىكىر يۈرگىزىدىغانلار ئۆزلىرىگە كىرەكلىك خۇلاسىلەر چىقىرىدۇ. كىچىككىنە جىسمىغا مۇۋاپىق قانچىلىك ئەقلى بارلىقى ئىنىق بولمىغان ھەسەل ھەرىسى قەتئىي تەرتىپتە تىنماي ھەركەت قىلىپ، پەرۋەردىگارى ئەمرىنى خاتاسىز بىجىرۋاتسا، ئەقىل ۋە تەپەككۇر قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولغان، يەر يۈزىدىكى ھەممە نەرسە ئۇنىڭ خىزمىتىگە بوي سۇندۇرۇلغان ۋە ئاللاھنىڭ يەر يۈزىدىكى خەلىپىسى، ئورۇن باسارى بولغان ئنسان، رەببىسىنىڭ ياراتقۇچى ئىكەنلىكىنى تەن ئالمىسا قانداق بولار؟...

ئاللاھ تائالا بەندىلىرى بەھرىمان بولىشى ئۈچۈن گۆش، سۈت، پىشلاق، سارماي، تۇخۇمغا ئوخشاش نىئمەتلەر ھەققىدە قۇرئان كەرىمدە:
   «چارۋىلاردا ھەقىقەتەن سىلەرگە ئىبرەت بار، ئۇلارنىڭ قورسىقىدىكى نەرسىلەر (يەنى سۈتلەر) بىلەن سىلەرنى سۇغۇرىمىز، ئۇلاردا سىلەر ئۈچۈن نۇرغۇن مەنپەتلەر بار، ئۇلارنىڭ گۆشىنى يەيسىلەر»(سۈرە مۆئمىنۇن21ـ ئايەت).
 
ئايەتتە ئىنسانلارنىڭ ھايۋانلاردىن ئالىدىغان پايدىللىرى ھەققىدە دىيىلگەندە،«قورسىقىدىكى سۈت بىلەن سۇغۇرىمىز»، دىيىلگەن. تەسەۋۋۇر قىلىڭ، سىيىرنىڭ قورسىقىدا يىگەن يىمەكلىكى، ئىچكەن سۈيى، تومۇرلىرىدا ئېقىۋاتقان قېنى، ئىچكى ئەزالىرى بولىدۇ. شۇنچە ئارىلاش نەرسىلەر ئىچىدىن مەزىلىك، ۋىتامىن ۋە ئاقسىللارغا بەكمۇ تويۇنغان سۈتنىڭ ئاجىرىلىپ چىقىشى ئاللاھنىڭ مۆجىزىسى ئەمەسمۇ؟ ئاللاتائالانىڭ چەكسىز ئىلىمىگە يەنە بىر ئىسپات: بۇ ئاپپاق رەڭدىكى سىيىر سۈتىنىڭ مەنبەسى يىشىل ئوتلار، قۇرىغان سېرىق، جىگەر رەڭدىكى يەم - خەشەكلەردۇر.
ئاللاھنىڭ سۈت بەرگۈچى ھايۋانلارنى يارىتىشىدىكى چەكسىز قۇدرىتى قۇرۇق خەشەك ۋە يىشىل رەڭدىكى ئوتلاردىن سۇيۇق ۋە ئاپئاق نىئمەت ــ سۈت چىقىشىدا ھەم نامايەن بولىدۇ.
   «ھايۋانلاردا سىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئىبرەت بار، سىلەرنى ھايۋانلارنىڭ قارنىدىكى ماياق - تېزەكتىن ۋە قاندىن ئايرىلىپ چىققان پاكىز ۋە تەملىك سۈت بىلەن سۇغۇرىمىز»(سۈرە نەھىل 66ـ ئايەت).

  ھايۋانات ئالىمى سەۋەپلىك بەھرىمان بولۇنىۋاتقان نىئمەتلەردىن يەنە بىرى ئۆزى كىچىك، لېكىن ئىنىرگەيە قۇۋۋىتى كۈچلۈك بولغان تۇخۇمدۇر.  تەتقىقاتچىلارنىڭ پىكىرىگە كۆرە، بىر كۈندە بىر دانە تۇخۇم ئىستېمال قىلغان كىشىلەرنىڭ باشقىلارغا نىسبەتەن ئىممۇنىت كۈچى يۇقرى بولىدىكەن. ئىنسان تىنىگە بىر كۈندە 300 مىللىگىرام خولىستېرىن كېرەك. بىر تۇخۇمدا 70 مىللىگىرام خولىستېرىن بار، ئۇنىڭدىن باشقا تۇخۇمدا ئەستە ساقلاش ۋە ئەقىل يۈرگۈزۈش پائالىيىتىنى مۇستەھكەملەيدىغان ماددىلار بار.

  ئىنسان ئۈچۈن ئەنە شۇنداق مۇھىم ۋىتامىن ۋە مىنىراللار مەنبەسى بولغان تۇخۇمنىڭ بىزلەرگە يىتىپ كىلىشىگە ئۆزىگە خاس مۆجىزە بار. ھىچقانداق ئەقلى بولمىغان توخۇ ھەر كۈنى تۇخۇم كاكىلايدۇ ۋە كاكىلىغان تۇخۇمنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بېسىپ ياتىدۇ. تۇخۇم ئىچىدىكى سۇيۇقلۇق قانداق قىلىپ ئۇنىڭ شاكىلى ئەتراپىدا توپلانغىنى ياكى ھىچقانداق تۆشۈكى بولمىغان ھالدا شاكال ئىچىدا قانداق قىلىپ سۇيۇقلۇق پەيدا بولغىنىنى ئويلاش، ئاللاھنىڭ يارىتىش سەنئىتىگە بولغان ھەيرانلىقنى ئاشۇرىدۇ.

  داستىخىنىمىزدا ھەركۈنى پىشلاق، ياغ ۋە تۇخۇم بولماسلىقى مۇمكىن. لېكىن چاي ئەلۋەتتە بولىدۇ. ئۇ چاي ئۆسۈملىكىدىن ئېلىنىپ، ئۇنىڭ بەرگىللىرى قايتا ئىش قوشۇش ئارقىلىق ئاخىرىدا يېقىملىق، مەززىلىك ئىچىملىك ۋاستىسىگە ئايلىنىدۇ. بۇ ھەقتە «ئەنئام» سۈرىسىدە ئاللا تائالا:

  ئاللاھ بىدىشلىك ۋە بىدىشسىز باغلارنى بەرپا قىلدى، مېۋىلىرى، دانلىرى (رەڭگى، تەمى، ھەجىمى ۋە پۇرقى) بىرـ بىرىگە ئوخشىمايدىغان خورما دەرەخلىرىنى، زىرائەتلەرنى، (رەڭگى ۋە شەكلى) بىر بىرىگە ئوخشايدىغان، (تەمى) ئوخشىمايدىغان زەيتۇن ۋە ئانارنى ياراتتى...»(سۈرە ئەنئام 141ـ ئايەت).

  شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش جايىزكى، ئاللاھ بەندىللىرىنى ئۆزى خالىغانچە رىزىقلاندۇرىدۇ. بەزىلەرنىڭ داستىخىنى تۈرلۈك نازۇ - نىمەتلەرگە تولۇق بولسا، باشقا بىرەيلەننىڭكىدە ساناقلىق يىمەكلىك بولىشى مۇمكىن. دۇنياۋى ھاياتتا ئاللاھ ئىنسانلارنى تۈرلۈك ئۇسۇل بىلەن سىنايدۇ. شۇنداق سىناقلارنىڭ بىرى بەندىللىرىنى بايلىق ۋە پەقىرلىك بىلەن سىناشتۇر. بۇ سىناقلارنى گۈزەل خۇلۇقى بىلەن قارشى ئالغان بەندىسىگە ئاللاھ جەننەت خۇش - خەۋرىنى بەرگەن. پەقەت مۆئمىنگە قانداق ھالدا بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئاللاھ رازى بولىدىغان ھەركەتنى قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا سەمىمىيەت بىلەن شۈكۈر قىلىدۇ. باي بولسا، ئۇنىڭ شۈكىرىنى قىلىپ، كىبىرلەنمەيدۇ. پەقىرلىك كەلسە، چۈشكۈنلىشىپ، خاپا بولۇپ كەتمەيدۇ.
ئاللاھنىڭ نىئمەتلەرنىڭ يارىتىلىشىدىكى مۆجىزە ۋە ھېكىمەتلىرىنى بىلگەن ئىنسان، بۇ نىئمەتلەرنى ئىستىمال قىلىشتا بىزلەرگە قۇلاي بولىشى ئۈچۈن، ياردەم بەرگۈچى ئاغزىمىزنىمۇ يادىغا ئالىدۇ. يىمەكلىك يىيىشتە لەۋ، چىش، تىل، شۆلگەي، ئاشقازان، ئۈچەي ۋە مىليونلىغان ھۈجەيرىلەر ئىشقا چۈشىدۇ. بىر قوشۇق لوقمىنى ئاغزىڭىزغا يېقىنلاشتۇرشىڭىز بىلەن، شۆلگەي بەزلىرى ئىشقا چۈشىدۇ. چىشلار خىزمەتكە تەييارلىنىپ، لوقمىنى پارچىلاشقا باشلايدۇ. بۇ شۇنداق بىر جەريانكى، ئۇنىڭدا بىر ۋاقىت ئىچىدە بىر قانچە ئىشلار تەڭ بىجىرلىدۇ. چىش لوقمىنى چىشلەپ پارچىلاۋاتقاندا. تل ئۇنى تەكرار - تەكرار چىش ئارىسىغا يەتكۈزۈپ تۇرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاجىرلىپ چىققان شۆلگەيلەر چىشنىڭ چايناش پائالىيىتىگە ياردەم بىرىپ، تىل بىلەن ئۇيغۇنلىقتا ھەركەت قىلىدۇ. لەۋلىرىمىز بولسا يەۋاتقان نەرسىمىزنىڭ چىقىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئاغزىنى يېپىش ــ قورغان ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. شۇنىڭدەك چىشلىرىمىزنىڭ جايلىشىش ئورنىغا قاراپ، ئۇدۇلقى چىشقا ئۈزۈپ ئېلىش، ياندىكى چىشلارغا چايناش ۋەزىپىسى بىرىلگەن. چىشلىرىمىز بىجىرىلىشى لازىم بولغان ۋەزىپىسىگە ماس ھالدا ئۇيغۇنلۇق بىلەن جايلاشتۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىرلىكتە ھەركەت قىلىدۇ. لوقمىنى چايناش جەريانىدا ئاغزىمىزدىكى بەزلەردىن سۇيۇقلۇق چىقىپ لوقمىغا ئارلىشىدۇ ۋە خىميە قائىدىللىرىگە بىنائەن ئۇنىڭ ھەزىم بولىشىغا ياردەم بىرىدۇ. تىل بۇ لوقمىنى يىغىپ ئېلىپ، قىزىل ئۆڭگەچ ئارقىلىق ئاشقازانغا ئەۋەتىدۇ. ئاشقازاندىمۇ ئۇنىڭ دېۋارلىرىدىن باشقىچە سۇيۇقلۇق چىقىپ ئارلىشىدۇ، بۇ سۇيۇقلۇق «ئاشقازان ئىشقارى» دىيىلىدۇ. بۇ سۇيۇقلۇق تائامنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىدۇ. كىيىن تائام ئاشقازاندىن ئۈچەيلەرگە ئۆتىدۇ. بەدەنگە كىرەك بولمىغان تائام چىقىش يوللىرى بىلەن ئاشقازاندىن چىقىپ كىتىدۇ. بەدەن ئۈچۈن زۆرۆر بولغان بىر قىسىم تائام سۈزۈلۈپ قانغا ئۆتىدۇ، نەپەس يوللىرى بىلەن كىرگەن ھاۋاغا ئارلىشىپ، تەن ھارارىتىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، تېنىمىزدىكى تىل، چىش لەۋ، ئېڭەك، ئاشقازان، ئۈچەي كەبى ئەزالارغا ھىچقانداق ئەقىل بىرىلمىگەن. ئىنسان ۋۇجۇدىنىڭ يارىتىلىشىمۇ ئاللاھنىڭ مۈكەممەل ئىجاد ساھىبى ئىكەنلىكىگە تولۇق دەلىلدۇر.

    « ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ياراتتى، (ئاندىن ئۆزىنىڭ خاھىشى بويۇنچە) ئۇنىڭغا مۇناسىپ ئۆلچەمنى بەلگىلىدى»(سۈرە فۇرقان 2ـ ئايەتىڭ بىر قىسىمى).

   ئاللاھ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئىنسانغا ئاسان بولىشى ئۈچۈن مۈكەممەل، نۇقسانسىز قىلىپ يارىتىپ قويغان. بىر مىسال، ئاغزىمىزدىكى چىشلارنى ئالايلۇق: ئۇنىڭ قەدرىنى يېشى چوڭىيىپ، چىشلىرى چۈشۈپ، ماك - ماك بوپ قالغانلاردىن سوراڭ. دىققەت قىلغان بولسىڭىز، يېشى چوڭايغان كىشىلەر تائامنى ئۇزاق چايناپ ئولتۇرشىدۇ، تاماق يىيىشى كۆپ ۋاقىتنى ئالىدۇ. چالا چايناپ يۈتۈلگەن تائام تۈرلۈك ئاشقازان - ئۈچەي كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدۇ. زامانىۋى چىش دوختۇرلىرى ياساپ چىققان سۈنئىي چىشلار ئۆز ۋەزىپىسىنى ئاللاھ ئىجاد قىلغان چىشلار دەرىجىسىدە تولۇق بېجىرەلمەيدۇ.

  تاماق يەۋاتقاندا مۆئمىننىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىدىغان يەنە بىر مۆجىزە پۇراش ۋە تەمىنى بىلىش مۆجىزىسىدۇر. ئەلۋەتتە، ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىك قىسمى تائامنىڭ ھىد ۋە تەمىنى ھىچقانداق قىيىنچىلىقسىز بىلەلەيدۇ. ھىد ۋە تەم بىلىش خۇسۇسىيىتى ئىنسان ئۆمۈرىنىڭ ئاخىرغا قەدەر خاتاسىز، دەم ئالماستىن ئىنسان مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كۆزدە تۇتۇلغان. ئەگەر ئاللاھ ھىد ۋە تەم ھىدايىتىنى بەرمىگەن بولسا، ئىستىمال قىلىۋاتقان گۆش، تۇخۇم، مىۋە - چېۋە، شىرىنلىق ۋە باشقا نازۇ نىئمەتلەرنىڭ بىز ئۈچۈن ھىچقانداق ئەھمىيىتى قالماس ئىدى. ئەھمىيىتى بولمىغاچ، ئۇلارنى يىيىش ئويىمىزمۇ يوقالغان بولاتتى. ئاقىۋەتتە تېنىمىز ئىھتىياجلىق بولغان ۋىتامىن ۋە ئاقسىللارنىڭ كۈندىلىك مىقدارى قاندۇرۇلماي، ھەرخىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىشىمىز مۇمكىن. شۈبھىسىزكى ئاللاھ نىئمەتلىرىنىڭ ھەرـ بىرىنىڭ  ئۆزىگە خاس ھىدى ۋە تەمىنى خاتاسىز بىلىش، ئۇ زاتقا بولغان شۈكۈرنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەپ بولىدۇ. قۇرئان بىلەن خۇلۇقلانغانلار، ئەلۋەتتە، بۇ ھالدا ئاللاھ تائالانىڭ تۆۋەندىكى كالامىنى داۋاملىق يادىدا تۇتقۇچى ۋە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولۇشقا ھەركەت قىلىدۇ:

      «ئۆلۈك (يەنى قۇرغاق) زىمىننى (يامغۇر بىلەن) تېرىلدۈرۈپ، ئۇنىڭدىن ئۇلار يەيدىغان ئاشلىقنى ئۆستۈرگەنلىكىمىز ئۇلارغا (ئاللاھنىڭ قۇدىرتى كامىلەسىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتتۇر. بىز زىمىندا نۇرغۇنلىغان خورما باغلىرىنى، ئۈزۈم باغلىرىنى بەرپا قىلدۇق، شۇ زىمىندا بۇلاقلارنى ئېقىتتۇق.  ئۇلار ئۇنىڭ (يەنى باغلارنىڭ) مېۋىسىنى يىسۇن، (بۇ مىۋىلەرنى) ئۇلارنىڭ قوللىرى ياراتقان ئەمەس، ئۇلار ئاللاھنىڭ نىئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلمامدۇ؟»(سۈرە ياسىن 33،34،35ـ ئايەتلەر).

   «ئۇلار بىلمەمدۇكى، ئۇلار ئۈچۈن ھايۋانلارنى (قۇدرەت) قولىمىز خەلق ئەتتۇق.  ئۇلار ھايۋانلارنى باشقۇرۇپ تۇرغۇچىلاردۇر. ھايۋانلارنى ئۇلارغا بوي سۇندۇرۇپ بەردۇق، ئۇلار ئۇ ھايۋانلارنىڭ بەزىسىنى مىنىدۇ، بەزىسىنى يەيدۇ. ئۇلار شۇ ھايۋانلاردىن پايدىلىنىدۇ ۋە سۈتلىرىنى ئىچىدۇ، ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ بۇ نىئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلمامدۇ؟»(سۈرە ياسىن 71،72،73ـ ئايەتلەر).

مۆجىزە ئىزلىسەڭ ۋۇجۇدۇڭغا قارا، دەيدۇ ئالىملار.  ھازىرقى زامان ئالىملىرىنىڭ ئىنىقلىشىچە، ئادەم ئاددىي كۆز بىلەن ئوچۇق قاراڭغۇ تۈندە ئاسمانغا قاراپ، 6000 (ئالتە مىڭ) غا يېقىن يۇلتۇزنى كۆرەلەيدىكەن.  ئىنسانغا كۆرۈش ھىدايىتىنى ئاتا قىلغان ئاللاھ :
    «ئۇ ئىككى دېڭىزنى(بىرى تاتلىق، يەنە بىرى ئاچچىق) ئاققۇزدى، ئۇلار ئۇچۇرشىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا توسما بولۇپ، بىر بىرىگە قوشۇلۇپ كەتمەيدۇ»(سۈرە رەھمان 19،20 - ئايەتلەر)، بۇ ئايەتلەر ئارقىلىق زىمىندىكى ئىككى دېڭىزنىڭ يانمۇيان ئاقىدىغانلىقى، بىرىنىڭ سۈيىنىڭ شورلۇق، يەنە بىرىنىڭ تاتلىق بولۇپ، ئۇلار يانمۇيان ئاقسىمۇ قوشۇلۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  ئىنسان ۋۇجۇدىدىمۇ ئىككى دېڭىز بار. بىرى كۆز يېشى ــ شورلۇق. ئىككىنجىسى كۆز قارچۇقىنىڭ سۈيى ــ تاتلىق. بۇلار ئىككىسىمۇ بىر جايدا، ئەمما ئۇ ئىككىسى بىر بىرىگە قەتئىي قوشۇلۇپ كەتمەيدۇ. چۈنكى كۆزنىڭ ئەسلى ياغ بولۇپ، تۇزغا مۇھتاجدۇر. كۆز قارچۇغىنىڭ سۈيى شىرىن. ئەگەر كۆز يېشى شىرىن بولمىسا ئىدى، كۆز پۇراپ كىتەتتى. كۆز قارچۇغىنىڭ سۈيى شىرىن بولمىسا، كۆز كۆرمىگەن بولاتتى.
  دەرۋەقە، جەھەننەم ئوتى ناھايىتى شىددەتلىك. ئۇنىڭدا تاشمۇ، بىر پارچە قەغەزمۇ، ئادەممۇ بىر خىلدا كۆيىدۇ. ئۇ يەرنىڭ ئوت ئۆچۈرگۈچىللىرى يوق. ئۇنداق شىددەتلىك ئوتنى ئۆچۈرەلەيدىغان سۇنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ. ئەمما بىر تامچە سۇ ئۇ ئوتنى ئۆچۈرەلەيدۇ. پەقەت ۋە پەقەت بىر تامچە كۆز يېشى. بۇ كۆز يېشى بۇ دۇنيادا ئاللاھتىن قورقۇپ، يالغۇز قالغان، كىشى كۆرمىگەن يەردە تۆكۈلگەن بىر تامچە ياشتۇر... پەقەت شۇ سۇ دوۋزاخنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرەلەيدۇ. ئەي قېرىندىشىم، سىزنى كۆيدۈرۋاتقان شۇ دوۋزاخنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن، يالغۇز قالغاندا،  ئاللاھتىن قورقۇپ بىر تامچە ياش تۆكۈپ باقتىڭىزمۇ؟

يولدا كىتىۋاتقاندا...
داۋامىبار...
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2473
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2473دانە
ئۆسۈش: 5440 %
مۇنبەر پۇلى: 30411 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-05-11
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-12 15:04

34-قەۋەت (safana) نىڭ يازمىسىغا

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بولسا كىتاپنىڭ ئۇيغۇرچىسى پۈتكىچە باشقا مۇنبەرلەرگە يوللانمىسا ياخشى بولار ئىدى. بەزى مۇنبەرداشلار يېرىمى يوللاپ قويۇپ، ئاخىرىنى يوللىماي، تېما چالا پۇچۇق ھالەتتە مۇنبەرلەردە ئۇچۇپ يۈرىيدىكەن.
  يوللىغان بولسىڭىز مەيلى، لىكىن چوقۇم ئاخىرىنى تولۇق يوللاڭ.   كىتاپ ئاخىرى پات ئارىدا يوللىنىدۇ.  داۋاملىق كىرىپ تۇرغايسىز.
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2473
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2473دانە
ئۆسۈش: 5440 %
مۇنبەر پۇلى: 30411 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-05-11
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-13 20:26

37-قەۋەت (ekide) نىڭ يازمىسىغا

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. كىتاپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرلىۋاتىدۇ. پۈتمىدى تېخى. پۈتكەن چاغدا ئەۋەتىپ بىرەي. ئاخىرى داۋاملىق مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس شەكىلدە يوللىنىدۇ.
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2473
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2473دانە
ئۆسۈش: 5440 %
مۇنبەر پۇلى: 30411 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-05-11
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-28 20:32

يولدا كىتىۋاتقاندا ...

  مەلۇمكى بارلىق  ئىنسانلارنىڭ جەمىيەتتە، ئائىلىدە ئۆز ئورنى، بىجىرىلىشى بولغان ۋەزىپىسى بار. ناشتا قىلىپ يولغا چىققانلارنىڭ كەچكىچە قىلىدىغان ۋەزىپىللىرى بولۇپ، قۇرئانى كەرىمدە ئېيتىلغىنىدەك:
ھەقىقەتەن كۈندۈزى ئىش بىلەن ئالدىراش بولىسەن...›(سۈرە مۇزەممىل 7ـ ئايەت).
  ‹كۈندۈزنى تېرىكچىلىك ئۈچۈن بېرىلگەن ۋاقىت قىلدۇق›(سۈرە نەبە 11ـئايەت)
ئاللاھ سىلەرگە كېچىنى لىباس، ئۇيقۇنى بەدىنىڭلار ئۈچۈن راھەت قىلدى. كۈندۈزنى تىرىكچىلىك ئۈچۈن زىمىندا يېيىلىدىغان ۋاقىت قىلدى.› (سۈرە فۇرقان 47ـ ئايەت)
  ئىشقا، ئوقۇشقا ياكى بىرەر زۆرۈرىيەت بىلەن ئاتلىنىپ كوچىغا چىققان ئادەم يول بويى تەپەككۇر قىلىشقا، پىكىر قىلىشقا ئۈندۈگىچى ئاجايىباتلارغا دۇچ كىلىدۇ. قەلىبلىرى قۇرئان نۇرى بىلەن مۇنەۋۋەر بولۇپ، غەپلەتتىن ئويغانغانلارلار ئۇلارغا ئىبرەت نەزىرى بىلەن قارايدۇ. ئۇلار ئۇچراتقان بۇ ئاجايىباتلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىزنى ۋە قۇدرىتى بىلەن مەيدانغا كەلگەن، ھەر بىرىنىڭ ئۆزىگە يارىشا ھېكىمىتى بار. بۇ ھەقىقەتنى دائىما ئىسىدە تۇتقان مۆئمىن نەزىرىنى ئاسمانغا قاراتقاندا، ئۇنىڭ مۇكەممەل ھالدا بىر قادىر زات تەرىپىدىن يارىتىلغانلىقىنى بىلىدۇ، ھەمدە ‹ بىز ئاسماننى غۇلاپ چۈشمەس تام قىلىپ قويدۇق› دىگەن ئايەتنىڭ يارقىن دەلىلىنى كۆرىدۇ.
  بۇنىڭدىن تاشقىرى ئاللاھ يەر ۋە ئاسماننىڭ يارىتىلىشىغا ئىبرەت نەزىرى بىلەن قارىغۇچىلار ئۈچۈن دەلىللەر بارلىقىنى تۆۋەندىكى ئايەتلىرىدە بىلدۈرگەن:
  ‹ئۇلار ئاسماننى قانداق تۈۋرۈكسىز بەرپا قىلغانلىقىمىزغا، ئۇنى يۇلتۇزلار بىلەن بىزىگەنلىكىمىزگە، ئۇنىڭدا ھىچقانداق يوچۇق يوقلىقىغا قارىمامدۇ؟ يەر يۈزىنى ئۇزۇنىسىغا ۋە توغرىسىغا كەڭ يېيىپ ياراتتۇق، يەر يۈزىدە ئۇنىڭ تەۋرەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن تاغلارنى قىلدۇق ۋە ئۇنىڭدا تۈرلۈك چىرايلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق. ئاللاھقا قايىتقۇچى ھەربىر بەندىگە ئاللاھنىڭ قۇدرتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ۋە ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئەسلىتىش ئۈچۈن شۇنداق قىلدۇق.› (سۈرە قاف 6-7-8ـ ئايەتلەر) .
  نەزىرىنى ئاسماندىن ئۈزۈپ يەرگە قاراتقان مۆئمىن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە يەنە بىر دەلىلنى كۆرىدۇ. ھىچقانداق بىر ئەسۋاسىز مېڭىشىمىزغا قۇلايلىق قىلىنغان يەر ئاللاھنىڭ قۇدرىتى بىلەن ئۆز ئوقى ۋە قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ، ھەمدە تارتىش كۈچىگە ئىگىدۇر. ئاسمانۇ يەردىكى ئاجايىپ مۇتاناسىپلىق، پۈتۈن ئالەم تارتىشىش قانۇنىغا بوي سۇنىۋاتقانلىقىنى ئىلىم - پەنمۇ تەسدىقلىغان. بىراق بۇ تارتىش كۈچىنىڭ ئىجادكارى كىم؟ بۇ تۆۋەندىكى ئايەتتە بىلدۈرۈلگەن:
  ‹زىمىننى بىز ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان قىلمىدۇقمۇ؟ يەنى ئۆلۈكلەرنى ۋە تىرىكلەرنى ئۆز ئىچىگە (ئۆزىگە تارتىدىغان) ئالىدىغان قىلمىدۇقمۇ؟› سۈرە مۇرسەلات 5-6- ئايەتلەر).
  ‹زىمىندا كەڭ يوللاردا مېڭىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە زىمىننى بىسات قىلىپ بەردى› (سۈرە نوھ 20- ئايەت).
  ئاللاھ زىمىننى ئىنسانلارنىڭ ياشىشىغا مۇۋاپىق قىلىپ ياراتتى، يەر ئىنسان ھاياتى ئۈچۈن لازىم بولغان بارچە قولايلىقلارنى ئۆزىدە مۇجەسسەم قىلغان ماكانغا ئايلاندۇرۇلدى. لېكىن ئادەم بالىسى بۇ قۇلايلىقلار ئىچىدە ياشاپ، كۆنۈپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئېتىبار قىلمايدۇ.
  ھېكىمەت بىلەن قارىغان مۆئمىن ئاللاھ ياراتقان بارچە نەرسىدە مۆجىزە كۆرىدۇ. ئاسماندا ئۇچۇۋاتقان قۇشلار، يەردە ھەركەت قىلىۋاتقان قۇرۇت - قوڭغۇزلار، شاخلىرى مىۋىللىرى بىلەن ئىگىلگەن تۈرلۈك دەرەخلەر، ئوخشاش تۇپراقتا ئۆسۈپ، ئوخشاش قۇياش نۇرىدىن نۇرلىنىپ يىتىلگەن مىۋىللىرىنىڭ تەمى ۋە رەڭگىنىڭ تۈرلۈك ئىكەنلىكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى مۆئمىندە ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە بولغان ھەيرەتنى ئاشۇرىدۇ.
  يەردىكى مەخلۇقلارنىڭ ئەڭ كىچىكى، لېكىن ھەركەتلىرى بىلەن بەزى ئىنسانلارغا ئىبرەت بولىدىغان چۈمۈلىنى ئويلاپ كۆرۈڭ: ئۇلار چوڭ ئائىلە بولۇپ بىرلىكتە ياشايدۇ، ھەربىر چۈمۈلىنىڭ چوقۇم بىجرىشكە تىگىشلىك ۋەزىپىسى بار، يەنى ئىشچى چۈمۈلىلەر، ئەسكەر چۈمۈلىلەر، قورۇقچى چۈمۈلىلەر دىگەندەك. ئۇلارغا ھىچكىم قانداق ھەركەت قىلىش توغرىسىدا كۆرسەتمە بەرمەيدۇ، ھىچكىم نازارەت قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ نە قاتتىق قول باشلىقى، نە ھۆكۈمرانى يوق. ئىنسانلاردىكى مەنسەپ، مۇئاش مۇئەمماسى ئۇلاردا يوق. لېكىن شۇ زۇۋانسىز چۈمۈلىلەرمۇ ئاللاھ تەرپىدىن بەلگىلەپ قويۇلغان قانۇنلار ئاساسىدا قەتئىي ھەركەت قىلىپ، يېزى بىلەن تىنماي قىشلىق ئوزۇقلىقىنى ئۆيىگە يىغىدۇ. بەزى ئىنسانلار ئۆزىنىڭ ئەبەدىي بولغان ئاخىرەت ھاياتى ئۈچۈن چۈمۈلىچىلىك غەيرەت كۆرسىتىشمەيدۇ. ئىبادەت ئۇ بىر يەردە تۇرۇپ تۇرسۇنكى، ھەتتا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئاڭ كىچىك ئېھتىياجلىرى ئۈچۈنمۇ ھەركەت قىلمايدۇ.  ھورۇنلۇقلىرى تۈپەيلى قاششاقلىق ۋە نامراتلىقنىڭ چاراقچىغا ئوخشاش باستۇرۇپ كىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەي قالىدۇ.  ئەلۋەتتە، رىزىق بەرگۈچى ئاللاھدۇر!  بىراق ‹ خۇدايىم بىردىغۇ›، دەپ ھەركەت قىلماي، دومسىيىپ يېتىۋىلىپ سورىسىڭىز بولمايدۇ. ھورۇنلۇق مۆئمىنگە مۇتلەقا يات بولغان ئىللەتتۇر. ئاللاھ ياراتقان چۈمىلىدىمۇ مۆجىزە بار، مۆئمىنگە ئىبرەت بار.
  كوچىدا كىتىۋىتىپ ئاللاھنىڭ قۇدرىتى بىلەن يۈزلەشكەن مۆئمىن ئۆز ھەركىتىنى نازارەت قىلىپ، تۆۋەندىكى ئايەتنى ئەسلەيدۇ:
  ‹يولدا ماڭغاندا ئوتتۇرھال ماڭغىن، ئاۋازىڭنى پەسلەتكىن، ئاۋازلارنىڭ ئەڭ زېرىكەرلىكى ئىشەكنىڭ ئاۋازىدۇر› ( سۈرە لوقمان 19ـ ئايەت).
  مۆئىمىن كىشى ئاللاھنىڭ بۇ ئايىتىگە شەكسىز بوي سۇنىدۇ. بۇ ھەركىتى بىلەن ھەم ئاللاھنىڭ نەزىردە، ھەم ئىنسانلارنىڭ نەزىرىدە مەقبۇل يولنى تۇتقان بولىدۇ.
  ئىمان ئېيتىپ، سالىھ  ئەمەللەر قىلىشتا داۋام قىلغان مۆئمىنلەر ئۆزلىرىگە ئاتا قىلىنغان بارچە ياخشىلىقلارنى ئاللاھتىن دەپ بىلىشىدۇ. پەقەت قۇرئان ئەخلاقىدىن نىسىۋىسىز ئىنسانلار بۇ ھەقىقەتنى تەن ئالماي، بارچە ياخشىلىقلارغا ئۆزىنىڭ ھەتكىتى ئارقىلىق ئېرىشىۋاتقانلىقلىرىنى پەش قىلىشىدۇ. ئاللاھ تەرپىدىن گۈزەللىك، ئىلىم، بايلىق ۋە مۇۋاپىقيەت ئاتا قىلىنغىنىدا، ئۇلار بۇ نىئمەتلەرنىڭ ئاللاھ تەرپىدىن كەلگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ بىر ئمتىھان بولىشى مۇمكىنلىكىنى، ھەتتا خىياللىرغىمۇ كەلتۈرۈشمەيدۇ. شۇ سەۋەپلىك ئۆزلىرىگە ئاتا قىلىنغان بۇ نىئمەتلەر تۈپەيلى كىبىرلىنىدۇ. شۈبھىسىزكى بۇ كىبىرلىكلەرئۇنىڭ يۈرۈش - تۇرشىغا، ئادەملەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىرىنى ئۆتكەزمەي قالمايدۇ. كىبىرلىرى تۈپەيلى مەنمەنچىلىك قىلىپ، ئۆزىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن دەپ بىلىدۇ. ئەپسۇسكى، ئۇلارغا ئاتا قىلىنغا دۆۋلەت، ئىلىم، گۈزەللىكلەر ئاللاھنىڭ مۈلىكى، ئىلىمى، قۇدرىتى ئالدىدا ناھايىتى تۆۋەن ۋە ۋاقىتلىق ئىكەنلىكلىرىنى بىلمەيدۇ. باشلىرىغا مۇسىبەت چۈشكەنلىرىدە بولسا، بۇنى ئاللاھتىن دەپ بىلىدۇ ۋە ئاھ - ۋاھ، نىمە يامانلىقىم بار بولغۇيتى، نىمىشقا زادى بۇنداق بولىدۇ، دەپ يارىتىلغىنىغا ئىسيان قىلىدۇ.
  ھەر بىر ئىنسان ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئالدىدا ئاجىزدۇر. بىراق بۇنى ھەممە ھەم تەن ئېلىۋەرمەيدۇ. بەخىتلىك كۈنلىرىدە ئەسلىمىسىمۇ، قاتتىق قورىققىنىدا ياكى بىرەر نەرسىگە ئىرىشەلمىگىنىدە ئاللاھنى ئەسلەيدىغانلار تالايغىنە. قۇرئان بىلەن خۇلۇقلانغان مۆئمىنلەر بولسا ئۇلاردىن پەرىقلىق ھالدا، ھەر دائىم ئۆزلىرىنىڭ ئاجىزلىقىنى، ئاللاھنىڭ ئىستىكى بىلەن ياشاۋاتقانلىقىنى ۋە ئېرىشكەن بارچە ياخشىلىقلار كائىناتنىڭ يالغۇز ئىگىسى ــ ئاللاھتىن ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. قۇرئان ئەخلاقىدىن بىبەھىرلەرلا ئاللاھنىڭ چەكسىز قۇدرىتى، ئۇنىڭغا بولغان مۇھتاجلىقنى تەن ئالمايدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ئوچۇق ھەقىقەتنى تەن ئالماي كىبىرلەنگەن بەندىللىرىنىڭ ھەركىتى تەھقىقلەپ، تۆۋەندىكىدەك مەرھەمەت قىلغان:
  ‹كىشىلەرنى مەنسىتمەسلىك بىلەن يۈز ئۆرۈمىگىن، زىمىندا غادىيىپ ماڭمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھاكاۋۇر، ئۆزىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ› ( سۈرە لوقمان 18ـ ئايەت).
  ساغلام ئىنساننىڭ كۆپ ئولتۇرمايدىغانلىقى، كۈندىزى ئاساسەن ھەركەتتە بولىدىغانلىقى، كۆپ پىيادە مېڭىشى ھەممىمىزگە مەلۇم. مېڭىشىمىز ئۈچۈن سەۋەپ قىلىپ قويۇلغان پۇتىمىز قىسقا مۇساپىنى بېسىپ ئۆتىشىمىز ئۈچۈن ئاسانلىق تۇغدۇرىشى بىلەن، بىزگە ئاللاھنىڭ بۈيۈك نىئمىتىنى ئەسلىتىپ تۇرىدۇ. لېكىن ئاجىزلىقىمىز تۈپەيلى ئۇزاق مېڭىشقا كۈچىمىز يەتمەيدۇ. مەلۇم مۇساپە يۈرگەندىن كىيىن ۋۇجۇدىمىز ھالسىراپ، يەنە مېڭىشقا كۈچ تاپالمايمىز. بەدەنلەردىكى بۇ ئاجىزلىقنى بىلگەن رەببىمىز كۆزلىگەن مەنزىلىگە ئاسانلىق بىلەن يىتىش سەۋەبلىرىنىمۇ يارىتىپ قويغان. ئاللاھنىڭ بەندىللىرىگە بولغان چەكسىز شەپقەت ۋە مەرھەممىتى، قۇرئانى كەرىمنىڭ بەزى ئايەتلىرىدەك تۆۋەندىكىدەك بىلدۈرىلگەن:
  ‹ئۇلار يۈك تاقاڭلارنى سىلەر جاپا - مەشەققەت بىلەن ئاران كۆتۈرۈپ بارالايدىغان جايلارغا كۆتۈرۈپ بارىدۇ. سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار ھەقىقەتەن شەپقەتلىك ۋە مىھرىباندۇر. ئاللاھ ئاتنى،خېچىرنى ۋە ئىشەكنى مىنىشىڭلار ئۈچۈن ۋە زىننەت ئۈچۈن ياراتتى، ئاللاھ يەنە سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنىمۇ يارىتىدۇ› ( سۈرە نەھىل 7-8- ئايەتلەر).
اﷲ پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ تۈرلىرىنى ياراتتى، سىلەرگە ئۈستىگە چىقىشىڭلار ئۈچۈن كېمە ۋە مىنىشىڭلار ئۈچۈن ھايۋان قاتارلىقلارنى ياراتتى. ئاندىن سىلەر ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چىققانلىرىڭلاردا پەرەۋردىگارىڭلارنىڭ نېمىتىنى ئەسلەپ: «بىزگە بۇنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زات پاكتۇر، بىز ئۇنىڭغا (مىنىشكە) قادىر ئەمەس ئىدۇق، بىز ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز» دېگەيسىلەر. ( سۈرە زۇخرۇف 12ـ ئايەت).
   ‹اﷲ نىڭ يەر يۈزىدىكى نەرسىلەرنى، ئۆزىنىڭ ئەمرى بويىچە دېڭىزدا يۈرۈۋاتقان كېمىلەرنى سىلەرگە تويۇندۇرۇپ بەرگەنلىكىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ (ئاسماننىڭ زېمىنغا چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، اﷲ ئاسماننى توختىتىپ تۇرىدۇ، پەقەت اﷲ نىڭ ئىزنى بىلەن (ئاسماننىڭ قىيامەت بولغان چاغدا) چۈشۈپ كېتىشى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. اﷲ ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر›( سۈرە ھەج 65ـ ئايەت).
   ئاللاھ تائالا تۆمۈر، پولات، مىس قاتارلىق قېزىلما بايلىقلارنى بەندىللىرىنىڭ پايدىلىشىشى ئۈچۈن يارىتىپ، ئىنسانلارغا ئۇلاردىن مەنپەئەتلىنىش زاكاۋىتىنى بەرگەن.  ئىنسانلار ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئاپتوموبىل، تىرامۋاي، پويېز، كىمە، ئايرۇپلانغا ئوخشاش ئىنسانلارنىڭ ئۇزۇن سەپىرىنى يېقىنلاشتۇرغۇچى تىرانسىپورت ۋاستىللىرىنى ئىختىرا قىلدى. بۇلار بىلەن رەھمان، رەھىم بولغان رەببىمىز ئىنسانلارنىڭ تاقىتى يەتمەيدىغان ئۇزۇن سەپەرلەرنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگەن. ئۆزلىرىگە ئاتا قىلىنغان بۇ نىئمەتلەردىن بەھرىمان بولىۋاتقانلار، ئاللاھنى پاكلىق بىلەن ياد ئىتىپ، ئۇنىڭغا تۆۋەندىكى تەرىزدە شۈكۈر ئېيتىشى لازىم:
  ‹ اﷲ پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ تۈرلىرىنى ياراتتى، سىلەرگە ئۈستىگە چىقىشىڭلار ئۈچۈن كېمە ۋە مىنىشىڭلار ئۈچۈن ھايۋان قاتارلىقلارنى ياراتتى. ئاندىن سىلەر ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چىققانلىرىڭلاردا پەرەۋردىگارىڭلارنىڭ نېمىتىنى ئەسلەپ: «بىزگە بۇنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زات پاكتۇر، بىز ئۇنىڭغا (مىنىشكە) قادىر ئەمەس ئىدۇق، بىز ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز» دېگەيسىلەر› (سۈرە زۇخرۇپ 13ـ ئايەت).
قۇرئان بىلەن خۇلۇقلانغان مۆئمىن ئاللاھ ئۇلارغا بويسۇندۇرۇپ بەرگەن ۋاستىلەردىن پايدىلىنىدىكەن، مەزكۇر ئايەتكە بوي سۇنۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئايەتنىڭ ئاخىردىكى،‹بىز ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز›، دىگەن جۈملىگە مۇۋاپىق تەرىزدە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا يورۇق يۈز بىلەن بېرىشقا نىيەت قىلىپ، بۇ نىئمەت ئۈچۈن كىبىرلەنمەيدۇ.
  ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن پەن - تېخنىكا تەرەققى قىلغان ئەسىرمىزنىڭ تىرانسىفورىت ۋاستىللىرى ئۆتمۈشتىكى ئىپتىدائىي ئادەم توشۇش ۋاستىللىرىگە نىسبەتەن خىيال قىلمىغان دەرىجىدە قولايلاشتى. ئۆتمۈشتە ئايلاپ ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ماڭىدىغان مۇساپىگە ھازىر نەچچە سائەتتىلا يىتىپ بېرىش مۇمكىن. قۇرئان بىلەن خۇلۇقلانغان مۆئمىننىڭ بۇنى تەپەككۇر قىلىشى، ھەم ئاللاھقا يېقىن بولۇش، ھەم نىئمەتلەرگە شۈكۈر ئېتىشتە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. مۆئمىن ئۇلاردىن پايدىلانغان ئىكەن، يەنە بىر قېتىم ئاللاھنى ئەسلەشتىن، شۈكۈر قىلىشتىن چارچاپ قالمايدۇ. يېنىدىكى تىرانسىفورىتتىن پايدىلانغان ئادەم، ئۇنىڭ رەڭگى، مودىلى، ۋە ئەتراپىدىكى باشقا تىرانسىفورت ۋاستىللىرى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئادەملەر، ئۇلارنىڭ ھەركەتلىرى، يول بويىدا قەد كۆتۈرگەن ئاسمان پەلەك بىنالار، ئۇلارنىڭ شەكلى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاللاھنىڭ ئەزەلدىن بەلگىلەپ قويغان تەقدىرى بىلەن يارىتىلغان نىئمەتلىرىدۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقىقەتنى ئىنسانلارغا:
  ‹ئەلۋەتتە، بىز ھەربىر نەرسىنى ئۆلچەم بىلەن ياراتتۇق›(سۈرە قەمەر 49ـ ئايەت)، ئايىتى ئارقىلىق خەۋەر بىرىپ، بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاللاھقا ئاۋۋالدىنلا مەلۇم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
  ئاللاھ پەقەت مۇسۇلمان ئۈممىتى ئەمەس، بەلكى يەر يۈزىدىكى مىلياردلارپ ئىنسانلارنى ۋە ئۇمۇمەن پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ھەر دەقىقىدە دۇچ كىلىدىغان ھادىسلىرىنى ئالدىن بەلگىلەپ قويغان. ئىمان كەلتۈرۈپ، قۇرئان بىلەن خۇلۇقلانغان ئىنسان بۇنى بىلىدۇ ۋە بۇ سەزگۈ ئاللاھنىڭ ھەردەم، ھەرۋاقىت ئۇنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى، ھەمدە ھەربىر ھەركىتىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۆز ھەركىتىنى ئۆزى نازارەت قىلىدۇ. شۇ سەۋەپلىك يولدا كىتىۋاتقاندا ئۇلار تىرانسىفورىتنىڭ كىچىكىپ كىلىشى، ماشىنىنىڭ لاي چاچرىتىپ ئۆتىشى، بىراۋنىڭ بىلمەستىن ئىتتىرىپ مېڭىشى قاتارلىق كىچىك كۆڭۈلسىزلىكلەرگە كۆڭۈل ئاغرىتىپ كەتمەيدۇ.  ئاللاھنىڭ ئۆز بەندىللىرىنى تۈرلۈك سىناقلار بىلەن ئىمتىھان قىلىشىنى بىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى، ئاز كۆپلىكىگە قارىماي سەبىر قىلىدۇ. مۆئمىنلەرگىلا خاس بولغان بۇ سۈپەتنى ئاللاھ تائالا:
ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى اﷲ ياد ئېتىلسە، ئۇلارنىڭ دىللىرى قورقۇپ (تىترەيدۇ)، ئۆزلىرىگە يەتكەن ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلىدۇ، ناماز ئۆتەيدۇ، ئۇلارغا بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (ياخشىلىق يوللىرىغا) بېرىدۇ›(سۈرە ھەج 35ـ ئايەت)، دەپ ۋەسىف قىلغان.
  دۇنياۋىي ھاياتنىڭ ھەر دەقىقىسىدە قۇرئانى ھاياتنى دەستۇر قىلغان مۆئمىن يولدا كىتىۋاتقاندا خىيالىنى كەلسە كەلمەس، پايدىسىز نەرسىلەر بىلەن بەنىد قىلمايدۇ. ئۇلار تپەكۇر قىلىشنىڭ ھەم ئىبادەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ، پۈتۈن پىكىر - زىكىرلىرى، دىققەت - ئېتىبارىنى تەپەككۇر قىلىشقا ئۈندەيدىغان بارلىقتىكى ھادىسىلەرگە قارىتىدۇ.  مىسان ئۈچۈن، ئىمان نىئمىتىدىن بىبەھرە، قۇرئان ئەخلاقىدىن نىسىۋىسىز قالغان ئىنسانلار ئاسماندا ئۇچۇپ كىتىۋاتقان قۇشلارغا ئىتبارسىزلىق بىلەن، خۇددى شۇنداق بولىشى تەبىئىيدەك قارىشىدۇ.  قەلبى قۇرئان بىلەن نۇرلانغانلار بولسا، يەردىن ئۈستۈن ھالەتتە، ھاۋا بوشلىقىدا نازۇك قاناتلىرىنى قېقىپ ئۇچۇۋاتقان قۇرشلارغىمۇ ئىبرەت نەزىرى بىلەن قارايدۇ. ھاۋا بوشلىقىدا سائەتلەپ ئەركىن ئۇچۇش، كۆزلىگەن مەنزىلىگە ئاداشماي يېتىپ بىرىش،تاكتىكلىق ھالەتلەردە ھەرخىل ئاۋازلارنى چىقىرىش قاتارلىق ئۇلارغىلا خاس بولغان ھەركەتلەرمۇ ئاللاھنىڭ چەكسىز ئىلىمى ۋە قۇدرىتىنىڭ دەلىلىدۇر.
  ‹ ئۇلار قاناتلىرىنى يايغان ۋە يىغقان ھالدا ئۈستىدە ئۇچۇپ كېتىۋاتقان قۇشلارغا (ئىبرەت كۆزى بىلەن) قارىمامدۇ؟ (قاناتلىرىنى كەرگەن ۋە يىغقان ھالدا) ئۈستىلىرىدە ئۇچۇۋاتقان قۇشلارنى (قاناتلىرىنى ئاچقان ۋە يىغقان چاغدا يەرگە چۈشۈپ كېتىشتىن) پەقەت اﷲ (قۇدرىتى بىلەن) تۇتۇپ تۇرىدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر›(سۈرە مۈلىك 19ـ ئايەت).
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2473
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2473دانە
ئۆسۈش: 5440 %
مۇنبەر پۇلى: 30411 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-05-11
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-28 20:36

مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى كىتاپ ئاخىرى كىچىكىپ كەتتى، قېرىنداشلارغا ئۆزرە ئېيتىمەن. ئاللاھ خالىسا بۇندىن كىيىن ئۈچ كۈندە بىر يېڭى باپ يوللىنىدۇ.
ئىش پائالىيەتلىرىدە...


داۋامى بار...
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2473
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2473دانە
ئۆسۈش: 5440 %
مۇنبەر پۇلى: 30411 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-05-11
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-31 22:59

  ئىش پائالىيەتلىرىدە...
  ۋايىغا يەتكەن ئىنسانلار كۈنىنىڭ  كۆپۈنچە قىسمىنى  بىجرىشى مۇسىم بولغان ئىشلىرىغا قارىتىدۇ. قۇرئان بىلەن خۇلۇقلانغان مۆئمىنمۇ ئۇلارغا ئوخشاش مەلۇم ئىشلىرىنى بىجەرسىمۇ، ئۇلاردىن پەرىقلىق بولغان مۇھىم جەھەتلىرى بار. بۇ ئۇلار بىجىرۋاتقان ئىش قانچىلىك ئېغىر، قانچىلىك مەسئۇليەت، كۆپ ۋاقىت تەلەپ قىلىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئاللاھ ئالدىدىكى بەندىلىك بۇرچىنى ئۇنىڭدىن ئۈستۈن قويۇشىدۇر.  ئۇلار ئۈشبۇ ئايەتكە ئەمەل قىلىشقا ھەركەت قىلىدۇ:
  ‹اﷲ نىڭ دەرگاھىدىكى نەرسە (يەنى ساۋاب ۋە نېمەت) تاماشادىن ۋە تىجارەتتىن ياخشىدۇر، اﷲ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر›(سۈرە جۈمە 11ـ ئايەت).
  قۇرئان بىلەن خۇلۇقلانغا مۆئمىن بۇنى بىلىدۇ ۋە ھىچقانداق بىر ئىش ئۇنى ئاللاھنى زىكىر قىلىشتىن، ئىبادەتلىرىنى ۋاقتى بىلەن ئادا قىلىشتىن توسىيالمايدۇ. ئۇلار ماددىي مەنپەئەتنى كۆزلەپ شەرىئەت ھۈكۈملىرىگە بىپەرۋالىق قىلىشتىن قەتئىي ئۇزاق تۇرىدۇ. ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ تۆۋەندىكى ئەمىرىنى سادىقلىق بىلەن بىجىرگۈچىلەردۇر:
  ‹مۆمىنلەر! ماللىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار سىلەرنى اﷲ نىڭ زىكرىدىن (يەنى اﷲ نىڭ تائەت - ئىبادىتىدىن) غەپلەتتە قالدۇرمىسۇن، كىملەركى شۇنداق قىلىدىكەن، ئۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر›(سۈرە مۇنافىقۇن 9ـ ئايەت).
   ئۇلارغا خاس بولغان بۇ پەزىلەتنى ئاللاھتائالا:
  ‹ئۇلار شۇنداق ئەرلەركى، سودا - سېتىق ئۇلارنى اﷲ نى زىكىر قىلىشتىن، ناماز ئۆتەشتىن، زاكات بېرىشتىن غەپلەتتە قالدۇرمايدۇ، ئۇلار دىللار ۋە كۆزلەر قالايمىقانلىشىپ كېتىدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) دىن قورقىدۇ›(سۈرە نۇر 37ـ ئايەت)، دەپ رەھمەت قىلغان.
  ئەلۋەتتە، دۇنيا ئىشلىرىنى دەپ، رىسىقنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ ئىبادەتلەرنى تەرك ئىتىش ياخشى ئەمەس. رىسىق بەرگۈچى، ئۇنىڭ سەۋەپلىرىنى ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ ئۆزى. ھەرقانچە يۈگۈرۈپ ماڭسىمۇ، ھىچكىم ئاللاھ بەرگەن رىسىقتىن تاشقىرىنى ئالالمايدۇ. ئىبادىتىنى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلسا، ئاللاھنىڭ رىسىق بەرگۈچى رازاق ئىكەنلىكىگە كۆڭۈل ئەمىن بولىدۇ. لېكىن بۇ دىگىنى كىچە - كۈندۈز ئىبادەت قىلىپ، دۇنيا ئىشلىرىنى تەرك ئەت، دىگىنى ئەمەس. مۆئىمىن ئادەم ھەممىنى ئۆز يولىدا ئېلىپ بېرىشى لازىم. بىجىرىدىغان ئىشى قانچىلىك ئېغىر ۋە مەسئۇلىيىتى قانچىلىك چوڭ بولسۇن، ئۇ ئاللاھنىڭ ئىبادىتىنى بىجەرمەسلىككە، شەرئىي ھۆكۈملەرگە ئىتىبارسىز قاراشقا سەۋەپ بولالمايدۇ.
  يۇقارقى ئايەتتە تىجارەت، ئېلىم - سېتىمغا ئىتىبار قارىتىلىشى سەۋەبىلىرىدىن بىرى ــ ماددى مەنپەئەت ئۈچۈندۇر. ئۇ كۆپچىلىكنىڭ زەئىف تەرىپى. ئىنسان يەنىمۇ كۆپرەك پۇل تېپىش، كۆپرەك مال - مۈلۈككە ئىگە بولۇش ئىستىكىنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇ سەۋەپتىن شەرئىي ھۆكۈملەرگە بوي سۇنۇش ئۇلارغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدۇ. شۇنداق ئىنسانلار باركى، ئۇلار كىچە - كۈندۈز تىنماستىن ئىشلىشىدۇ، ئابروي، شۆھرەت، بايلىقنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىشىدۇ. لىكىن ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشقا، ئۇنىڭ ئەمرىنى بىجىرىشكە كەلگەندە ئۇلاردا مال - دۇنيا توپلاشتىكى غەيرەتتىن ئەسەرمۇ قالمايدۇ. ئەلۋەتتە، مۆئمىنلەتمۇ دۆلەتمەن بولۇشنى خاھلىشىدۇ. ھەركەت قىلىپ، پۇل تېپىپ، دۆلەتمەنمۇ بولىدۇ. لېكىن، ئۇلارنىڭ باشقىلاردىن ئەۋزەل يېرى بايلىقنى قايسى يول بىلەن تېپىش ۋە ئۇنى قايسى يولغا سەرىپ قىلىشتا بەكمۇ ئىتىبار بىرىدۇ. ئۇلار جىق پۇل تاپقىلى بولىدىكەن دەپ، ھەرقانداق ئىشنى قىلىۋەرمەيدۇ. ياكى ئاللاھ ئۆزى دۆلەت بىرىپتۇ، خالىغىنىمچە سەرىپ قىلىمەن دەپ، نەدىكى ئىشلارغا پۇل سەرىپ قىلىپ يۈرمەيدۇ. ئۇلار بايلىق توپلاشقا بىرىلىپ كىتىپ، شەرىئەتنىڭ ھۆكۈملىرىگە بوي سۇنماسلىقتىن مۇتلەقا يىراقتۇر. ئۇلار ئاللاھنىڭ بەندىسىنى پېقىرلىق بىلەن ئىمتىھان قىلىشىنى بىلگىنى كەبى، مال - دۇنيا بىلەنمۇ سىنىشى مۇمكىنلىكىنى بىلىدۇ. شۇ سەۋەپتىن ھەرقانداق ھالەتلىرىدە ئاللاھنىڭ ئىمتىھانىدىن مۇۋاپىقيەت بىلەن ئۆتۈشكە غەيرەت قىلىدۇ. ھەرقانداق ھالەتلىرىدە، ئۇلار ئاللاھ خۇشال بولىدىغان ئەمەللەرنى دەسلەپكى ئورۇنغا قويىدۇ. قۇرئان ئەخلاقى بىلەن خۇلۇقلانغان مۆئىمىن ھەرقانداق ھالىتىدە نەفسى ئۈستىدىن ھاكىملىق قىلىدۇ. ئۇلار ھەر دائىم ئاللاھنىڭ تۆۋەندىكى ئايىتىنى ئەستە تۇتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىدۇ:
  ‹ئى پەيغەمبەرلەر! ھالال نەرسىلەرنى يەڭلار، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى ئوبدان بىلىمەن›(سۈرە مۆئىمىنۇن 51ـ ئايەت).
ھالال تىجارەت ـــ ئاخىرەت ياخشىلىقلىرىغا ئىرىشىشكە، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا دەرىجىنىڭ كۆتۈرىلىشىگە سەۋەپ بولىدىغان سالىھ ئەمەلدۇر. تىجارەت قىلىشتا توغرا بولۇش، ئادەملەرگە نىسبەتەن ھەقسىزلىك قىلماسلىق، ئاللاھ رىزالىقىنى كۆزلەشتە مۇھىم ئورۇن تۇتۇشنى ئاللاھ تائالا شۇنداق بىلدۈرگەن:
  ‹ سىلەر (باشقىلارغا ئاشلىق قاتارلىقلارنى) ئۆلچەپ بەرگەندە، تولۇق ئۆلچەڭلار ۋە تارازىدا تارتىپ بېرىڭلار، بۇنداق قىلىش (سىلەرگە دۇنيادا) ياخشىدۇر، ئاخىرەتلىكىڭلار ئۈچۈن تېخىمۇ ئوبداندۇر›(سۈرە ئىسرا 35ـ ئايەت).
  ئىمام تىرمىزىيدىن راۋايەت قىلىنغان بىر  ھەدىستە پەيغەمبىرمىز رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:‹راسىتچىل، ئامانەتلىك تىجارەتچى پەيغەمبەرلەر، سىددىقلەر ۋە شەھىدلەر بىلەن بىرگىدۇر›، دىگەن.
ئاللاھ تائالا قۇرئانى كەرىمنىڭ بىر نەچچە ئايەتلىرىدە تىجارەتنى ھالال قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن:

  ‹ اﷲ سودا - سېتىقنى ھالال قىلدى، جازانىنى، (بەدەلسىز بولغانلىقى، شەخسكە ۋە جەمئىيەتكە زىيانلىق بولغانلىقى ئۈچۈن) ھارام قىلدى›(سۈرە بەقەرە 275ـ ئايەتنىڭ بىر قىسىمى).
پەرۋەردىگارىڭلاردىن (ھەج مەۋسۈمىدە تىجارەت ۋە باشقا ئوقەت ئارقىلىق) رىزىق تەلەپ قىلساڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ›(سۈرە بەقەرە 198ـ ئايەتنىڭ بىر قىسمى).
  ‹ ئى مۆمىنلەر! بىر - بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى (ئوغرىلىق، خىيانەت قىلىش، بۇلاش، جازانىخورلۇق، قىمار ئويناش قاتارلىق) ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار، ئىككى تەرەپ رازى بولۇشۇپ قىلىشقان سودا - سېتىق ئارقىلىق ئېرىشىلگەن نەرسە بۇنىڭدىن مۇستەسنا.› (سۈرە نىسا 29ـ ئايەتنىڭ بىر قىسىمى).
  تىجارەت، ماددى مەنپەئەتنى شەرىئەت ھۆكۈملىرىدىن ئۈستۈن قويۇش، پاسىقلارغا خاس ئىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، ئاللاھ تائالا تۆۋاندىكىدەك رەھمەت قىلغان:
  ‹ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەرنىڭ ئاتاڭلار، ئوغۇللىرىڭلار، قېرىندىشىڭلار، خوتۇنلىرىڭلار، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىڭلار (ھەمدە ئۇلاردىن باشقىلار)، تاپقان پۇل - ماللىرىڭلار، ئاقماي قېلىشىدىن قورققان تىجارىتىڭلار، ياخشى كۆرۈدىغان ئۆيلىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن اﷲ تىن، اﷲ نىڭ پەيغەمبىرىدىن ۋە اﷲ نىڭ يولىدا جىھاد قىلىشتىنمۇ سۆيۈملۈك بولسا (يەنى شۇلار بىلەن بولۇپ كېتىپ، اﷲ نىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم بەرمىسەڭلار)، ئۇ ھالدا سىلەر تاكى اﷲ نىڭ ئەمر (يەنى مەككىنى پەتھى قىلىش ئىزنى) كەلگۈچە كۈتۈڭلار، اﷲ پاسىق قەۋمنى (يەنى اﷲ نىڭ دىنىنىڭ چەك - چېگرىسىدىن چىقىپ كەتكۈچىلەرنى) ھىدايەت قىلمايدۇ›(سۈرە تەۋبە 24ـ ئايەت).
     مۆئىمىن ئىھتىياج چىگرالىرىنى تەن ئالمايدىغان نەفسىنىڭ توزىقىغا چۈشمەسلىككە ھەركەت قىلىپ، ئاللاھ ئەمىر قىلغان يۈكسەك ئەخلاق تەلەپلىرىگە جاۋاپ بىرىشكە ئىنتىلىدۇ. ئۇلار بارچە ھەركەتلىرىدە ئاللاھ رىزالىقىنى ئىزدەپ، ھالال بىلەن ھارامنىڭ چىگراسىنى ئىنىق بەلگىلەيدۇ. قانداق ئىش بىجىرمىسۇن، ھەممىسىدە دىققەتچان، ئادالەتلىك، غەيرەتلىك بولىدۇ.
  ئىنسان ھاياتىنىڭ ھەممە تەپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرئانى كەرىمدە تىجارەت ۋە ئېلىم - سېتىمنىڭ قائىدىللىرمۇ بايان قىلىنغان. تىجارەت پائالىيىتىدىكى مالىيەۋى مەسىللەردە جازانە ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئىشلارنى تەرك قىلىش، پايدا ئېلىشتا ھەددىدىن ئاشماسلىق، راسىتچىل بولۇش، قەرىز بىرىشكەندە ئۇنى يېزىپ قويۇش، ھۆججەتلىشىش ۋە ئۇنىڭغا گۇۋاھچى قىلىش، راست بولسىمۇ قەسەم ئىچىشتىن ساقلىنىش، تارازىنى توپتوغرا تۇتۇش قاتارلىقلار ئەمەل قىلىشقا تىگىشلىك شەرىتلەردۇر.
  
     ئېلىم - سېتىم ۋاقتىدا...
داۋامى بار
[ بۇ يازمىنىتاھىربەگ 2012-04-17 21:53قايتا تەھرىرلىد ]
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2473
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2473دانە
ئۆسۈش: 5440 %
مۇنبەر پۇلى: 30411 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-05-11
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-19 11:20

ئېلىم - سېتىم ۋاقتىدا...


  ھازىرقى كۈندە ئاساسەن دىگۈدەك ھەممەيلەن ئېلىم - سېتىم قىلىشىدۇ. بۇ كۆپچىلىكنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قالدى. شۇنداق ئادەملەر باركى، دوستلىرى ئارىسىدا رىقابەت قىلىپ، ئىھتىياجى بولمىسىمۇ تۈرلۈك كىيىم - كىچەك، ئۆي بىزەك بويۇملىرىنى ۋە باشقا نەرسىلەرنى سېتىۋالىدۇ. ئۇلار ئىھتىياج يۈزسىدن ئەمەس، بەلكى ئارتۇقچە پۇلنى قەيەرگە سەرپ قىلىشنى بىلمەي بەتخەجلىك قىلىدۇ. ئۇلار سائەتلەپ، ھەتتا بىر نەچچە كۈنلەپ دۇككانمۇ - دۇككان چۆگىلەپ، بازارچىلىق قىلىدۇ. كىيملىرىنىڭ كۆپلىكىدىن، ھەتتا، ئىنىق بىر نەرسە ئېلىشنىمۇ بىلمەيدۇ.  ئەلۋەتتە، يېڭى نەرسە سېتىۋىلىش ئۇ خاھ كىيم - كېچەك بولسۇن، خاھ ئۆز جاھازىسى بولسۇن ئادەمگە زوق بېغىشلايدۇ. لېكىن بۇ زوق ئىھتىياجدىن ئارتۇق نەرسىنى سېتىۋىلىشقا، ئاخىرەتنى ئۇنتۇپ دۇنياغا ھىرىس بولۇشقا باشلاپ قويماسلىقى كېرەك. شۇنداق ئىنسانلار باركى، ئېلىم - سېتىم قىلىش ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قالغان. ئۇلار ئۈچۈن گويا دۇنيادا بۇنىڭدىن ئارتۇقراق ئىش يوق. ئەفسۇسكى ئۇلار ئاللاھ تەرپىدىن بىر قېتىملا بىرىلىدىغان ياشاش نىئمىتىنى، ئۆمۈر سائىتىنى شۇ كەبى ئەرزىمەس نەرسىلەرگە سەرىپلەپ، ئاللاھ رىزالىقىنى تېپىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ئاددى بەندىچىلىك بۇرچىنىمۇ ئۇنتۇپ قالىدۇ. قۇرئان بىلەن خۇلۇقلانغانلارنىڭ ئېھتىياجلىرى ئۇلارنىڭ ئاللاھ ئالدىدىكى مەجبۇريىتىنى ئادا قىلىشقا توسالغۇ بولالمايدۇ.
  ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن بازارغا چىققان ئادەم، تۆۋەندىكى ھەقىقەتنى دائىم ئەستە تۇتىشى لازىم:  ئاللاھ بەندىللىرى ئۈچۈن ئوزۇق - تۈلۈك، كىيىم - كېچەككە ئوخشاش تۈرلۈك تۈمەن نىئمەتلەرنى ياراتقان. پەقەت بەزى يەرلەردە ھۆكۈم سۈرۋاتقان ئىشسىزلىق، قاششاقلىق، ئاچارچىلىق، تۈلۈك زىددىيەتلەر، تەپئىي ئاپەتلەر تۈپەيلى، ئاھالىلەرنىڭ كۆپ قىسىمى بۇنداق كاتتا نىئمەتلەردىن بىبەھرە. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن بولۇپ، بۇ ھەقتە قۇرئانى كەرىمدە شۇنداق مەرھەممەت قىلىنغان:
   ‹ئۇلار بىلمەمدۇكى، اﷲ (سىناش يۈزىسىدىن) خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ، (خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى) تار قىلىدۇ، شەك - شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئىمان ئېيتقان قەۋم ئۈچۈن نۇرغۇن ئالامەتلەر بار›(سۈرەھى زۇمەر 52ـ ئايەت).
  ‹سىلەرنى بىز يامانلىققا مۇپتىلا قىلىش، ياخشىلىق بېرىش ئارقىلىق سىنايمىز› (سۈرە ئەنبىيا 35ـ ئايەتنىڭ بىر قىسىمى).
   يۇقارقى ئايەتكە كۆرە ئاللاھ ئىنسانلارغا تۈرلۈك - تۈمەن سىناقلارنى ئىۋەتىدۇ. پەقەت مۆئمىنلەرلا قانداق ھالەتتە بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۆزىگە بىرىلگەن نىئمەتلەر ئۈچۈن شۈكۈر قىلىدۇ، ھەمدە سىناق قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىپ، ئاللاھ خۇشال بولىدىغان تەرىزدە يول تۇتىدۇ. ئۇنىڭ شۈكىرانىسىنى قەلىپ، تىل ۋە ھەركەتلىرىدە ئىپادە قىلىدۇ.  ئاللاھ تەرىپىدىن  ئاتا قىلىنغان مىئمەتلەرنى خەيىرلىك يوللارغا سەرپ قىلىدۇ. ئەگەر ئاللاھ رىزىقنى قىسسا، بۇنداق ھالەتلەردىمۇ گۈزەل سەبىر قىلىپ، ئاللاھقا قەلبى بىلەن شۈكۈر قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ئۆزىنى فەقىرلىك بىلەن ئىمتىھان قىلۋاتقىنىنى بىلىپ، ئاللاھتىن ياردەم سوراپ دۇئا قىلىدۇ. ئۇلار ھەرقانداق ۋاقىتتا ئاللاھتىن رازى بولىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ رىزالىقى تېپىش يولىدا ماڭىدۇ. قۇرئان ئەخلاقىدىن نىسىۋىسىز كىشىلەر تېرىقتەك مۇسىبەت ئالدىدىمۇ ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويۇپ، ئاللاھقا ئىسيان قىلىدۇ. ئۇلاردىكى بۇ ھالەتنى ئاللاھتائالا تۆۋەندىكىدەك بىلدۈرگەن:
  ‹پەرۋەردىگارى ئىنساننى سىناپ ئەزىز قىلسا ۋە ئۇنىڭغا نېمەت بەرسە، ئۇ پەرۋەردىگارىم مېنى ئەزىز قىلدى» دەيدۇ. پەرۋەردىگارى ئىنساننى سىناپ رىزقنى تار قىلسا، ئۇ: «پەرۋەردىگارىم مېنى خار قىلدى» دەيدۇ›(سۈرە فەجىر 15،16ـ ئايەت).
يەر يۈزىدىكى بارچە نىئمەتلەرنىڭ ياراتقۇچىسى ئاللاھتۇر. بۇنى بىلمىگەنلەر سېتىۋالغان ئوزۇق - تۈلۈك، كىيىم - كېچەك، ئۆي جاھازىللىرىگە ئوخشاش نىئمەتلەرگە ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن يىتىشكەنلىرىنى ئۇنىتىدۇ. خىراجەت قىلىش چېغىدا ئاساسىي مەقسەتلىرى ئادەملەر ئارىسىدا ئابرويىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت بولىدۇ. بۇلار ئۆزلىرىگە ئاتا قىلىنغان نىئمەتلەرگە قانائەت قىلماي، ناشۈكۈرلىك قىلغان بۇ ئىنسانلارنى ئاللاھ تائالا تۆۋەندىكىدەك بايان قىلىدۇ:
  ‹اﷲ سىلەرگە سورىغان نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسىنى بەردى، سىلەر اﷲ نىڭ نېمەتلىرىنى ساناپ تۈگىتەلمەيسىلەر، كاپىر ئادەم، شەك - شۈبھىسىزكى، زۇلۇم قىلغۇچىدۇر، (اﷲ نىڭ نېمەتلىرىگە) كۇفرىلىق قىلغۇچىدۇر›(سۈرە ئىبراھىم 34ـ ئايەت).
قۇرئان بىلەن خۇلۇقلىنىش بەختىگە ئىگە بولغان مۆئمىن پايدىسىز، ئىھتىياجىدىن تاشقىرى بولغان نەرسىگە ۋاقتىنىمۇ، پۇلنىمۇ سەرىپ قىلماسلىققا ھەركەت قىلىدۇ. خىراجەت قىلىدىغان چېغىدا ئىسراپچىلىقققا يول قويمايدۇ، تۆۋەندىكى ئايەتنى يادىدا تۇتىدۇ:
  ‹ئى ئادەم بالىلىرى! ھەر ناماز ۋاقتىدا (ياكى تاۋاپ ۋاقتىدا ئەۋرىتىڭلارنى سەترى قىلىپ تۇرىدىغان) كىيىمىڭلارنى كىيىڭلار، يەڭلار، ئىچىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار، اﷲ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن ياقتۇرمايدۇ›(سۈرە ئەئراف 31ـ ئايەت).
  شۇنىڭدەك ئۇلار ‹ئىسراپ قىلغۇچىلار شەيتاننىڭ دوستلىرىدۇر، شەيتان بولسا پەرۋەردىگارىغا پۈتۈنلەي كۇفۇر بولغاندۇر›، دىگەن ئايەتنى داۋاملىق يادىدا تۇتىدۇ.
ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلىشتا... 
 داۋامى بار...
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2473
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2473دانە
ئۆسۈش: 5440 %
مۇنبەر پۇلى: 30411 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-05-11
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-24 11:55

ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلىشتا...


  ئاللاھ تائالا زارىيات سۈرىسىنىڭ 56ـ ئايىتىدە:
  ‹جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم›، دىگەن
ئايىتى ئارقىلىق جىنلارنى ۋە ئىنسانلارنى پەقەت ئۆزى ئۈچۈنلا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن  ياراتقانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن. باشقىچە قىلىپ ئېيىتقاندا، ئىنساننىڭ يارىتىلىشىدىكى مەقسەت، ھەرنەرسىنىڭ خالىقى بولغان رەببىمىزگە، قۇرئاندا كۆرسۈتۈلگەندەك بەندىچىلىكىمىزنى بىلدۈرۈشتۇر. بۇنى بىلىپ، قۇرئاننى ئۆزىگە رەھبەر قىلغان كىشى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشنى ھەممە نەرسىدىن ئۈستۈن قويىدۇ، ھەمدە ئوتتۇرچە 60،70 يىللىق قىسقا ئۆمۈرىدە، ئەبەدىي بولغان ئاخىرەت ھاياتى ئۈچۈن جىددىي تەييارلىق كۆرۈپ، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تېپىشقا ھەركەت قىلىدۇ. مۆئمىنلەر قۇرئان خۇلقىنى ھاياتنىڭ مەلۇم قىسىم، مەلۇم تەرەپلىرىگە ئەمەس، بەكى ھەممە تەرەپلىرىگە، ھەممە ساھەسىگە دەستۇر قىلىپ ئالىدۇ. ئاللاھنىڭ ئەمرىنى بىجىرىشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، سالىھ ئەمەللەرنى قىلىشتا داۋاملىق بولىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ:
  ‹(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «مېنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم (دۇنيادا قىلغان ياخشىلىقلىرىم ۋە تائەت - ئىبادەتلىرىم) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲ ئۈچۈندۇر›(سۈرە ئەنئام 162ـ ئايەت).
  بۇ ئايەتنى داۋاملىق يادىدا تۇتۇپ، كۆپلەپ سالىھ ئەمەللەرنى قىلىشقا ئىنتىلىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن بۇ ئىنتىلىشنىڭ چىگراسى، توختاۋى بولمايدۇ. مۆئمىن ئۈچۈن بىر ئىشنىڭ تامام بولىشى، باشقا ئىشنى باشلاش كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى مۆئمىن دۇنيادا ئۆزى ئۈچۈن ئىمكان سۈپىتىدە بىرىلگەن ھەر مۈلۈكنى ئاللاھ رىزالىقىنى تېپىش ئۈچۈن سەرىپلەيدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەربىر ئىقتىساتنىڭ ھىسابىنى ئاخىرەت كۈنى ئاسان بىرىپ، ياراتقۇچىسى ئالدىدا يۈزى يورۇق بولۇشنى كۆزلەيدۇ. شۇ سەۋەپلىك ئۇلار ئۆمۈرىنىڭ ھەر دەقىقىسىنى ئاللاھ خۇشال بولىدىغان تەرىزدە ئۆتكۈزۈشكە ھەركەت قىلىدۇ.
   ‹اﷲ ھىدايەت تاپقۇچىلارنىڭ ھىدايىتىنى زىيادە قىلىدۇ، باقى قالىدىغان ياخشى ئەمەللەر ساۋاب جەھەتتىن ۋە ئاقىۋەت جەھەتتىن پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدا ئارتۇقتۇر› سۈرە مەريەم 76ـ ئايەت).
   جاھىل ئىنسانلارنىڭ بۇ تەرەپتىكى خىيالى مادد پەرەسلىك مەنتىقىسىگە ئاساسلانغان بولۇپ، ئاخىرەت ھاياتىغا ئىشەنچىسىزلىك ۋە شۈبھە بىلەن قارايدۇ. شۇڭا ئۇلار ئىبادەتلەرنى تولۇق ئادا قىلىشقا ئىتبارسىزلىق بىلەن قارايدۇ. مۆئمىنلەرنىڭ ئۈستۈنلىكى تۆۋەندىكى ئايەت تەلەپلىرىگە تولۇق جاۋاپ بىرىشلىرى بىلەن نامايەن بولىدۇ:
  ‹ئۇلار غەيبكە ئىشىنىدۇ، نامازنى ئادا قىلىدۇ، ئۇلار بىز بەرگەن مال - مۈلۈكتىن (خۇدا يولىغا) سەرپ قىلىدۇ. ئۇلار ساڭا نازىل قىلىنغان كىتابقا، سەندىن ئىلگىرىكى (پەيغەمبەرلەرگە) نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىشىنىدۇ ۋە ئاخىرەتكە شەكسىز ئىشىنىدۇ. ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ توغرا يولىدا بولغۇچىلاردۇر، ئەنە شۇلار بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر›(سۈرە بەقەرە 3،4،5ـ ئايەتلەر).
  ئايەتتە زىكىر قىلىنغان سۈپەتلەر ئىنسانلار ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىدە مۇجەسسەم قىلغانلارلا قۇرئان ھىدايىتىدىن بەھرىمان بولالايدۇ.
  ھەر يېڭى كۈننى ئاللاھ رىزالىقى تېپىش ھەركىتىدە ئۆتكۈزگەن مۆئمىن ئۈچۈن ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلىش ئۇنىڭغا بۈيۈك زوق بېغىشلايدۇ، ئۇ كۈن بويى بىجىرگەن ھەربىر ئىشىدا ئاللاھنى ئەسلەيدۇ. ئاللاھنىڭ چەكسىز قۇدرىتى، ئىلىمى، مەرھەممىتى ۋە باشقا سۈپەتلىرى ھەققىدە چوڭقۇر پىكىر يۈرگىزىدۇ. بۇنداق قىلىش تۆۋەندىكى ئايەتنى ھاياتىغا تەدبىق قىلىشنىڭ بىر كۆرىنىشىدۇر:
  ‹(نېمىتىمگە شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن) پەرۋەردىگارىڭنى كۆپ ياد ئەت، كەچتە، ئەتىگەندە تەسبىھ ئېيت» دېدى›(سۈرە ئال ئىمران 41ـ ئايەتنىڭ بىرقىسىمى).
  ‹پەرۋەردىگارىڭنى يېلىنغان ۋە ئۇنىڭدىن قورققان ھالدا ئىچىڭدە ياد ئەتكىن، ئەتىگەندە - ئاخشامدا ئۇنى پەس ئاۋازدا زىكرى قىلغىن، غاپىللاردىن بولمىغىن›(سۈرە ئەئراف 205ـ ئايەت).
بىلىڭلاركى، دىللار اﷲ نى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ›(سۈرە رەئىد 28ـ ئايەت).
   بۇ ئايەتتە رەببىمىز قەلىبلەر يالغۇز ئاللاھنى ياد ئىتىش بىلەنلا ئارام تاپىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
  قۇرئاننى ئۆزلىرى ئۈچۈن دەستۇر قىلغانلار، ئاللاھ ئەمىر قىلغان بەش ۋاقىت ناماز، روزا، زاكات ، ھەجگە ئوخشىغان پەرىز ئىبادەتلەرنى تىرىشچانلىق بىلەن بىجىرىدۇ.
  ھىچنەرسە ئۇلارنىڭ بۇ ئىبادەتلەرنى ئادا قىلماسلىقىنىڭ سەۋەبى بولالمايدۇ. مىسال ئۈچۈن ناماز: ئۇلار بەش ۋاقىت نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىشقا جىددى قارايدۇ. دۇنياۋى ئىشلارنىڭ نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشىغا يول قويمايدۇ. ئۇلار ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرغۇچى بۇ ئىبادەتلەرنى ناھايىتى زوق بىلەن، ھاياجان ۋە خۇشۇئ - خۇزۇئ بىلەن ئادا قىلىدۇ. ئاللاھقا قەلبى بىلەن يۈزلەنمىگەن، رىيا ئۈچۈن ناماز ئوقۇغانلار ھىچقاچان مۆئمىنگە ئوخشىغان ئىبادەت قىلىش بەختىنى، لەززىتىنى تېتىيالمايدۇ. مىڭ ئەپسۇسكى، ئۇلار بەندىلىك بۇرچى بولغان ناماز ئىبادىتىنى يالغۇز قالغان چاغلىرىدا ‹ئۇنتۇپ› قالىدۇ. رىياكارلارغا خاس بۇ سۈپەت ھەققىدە ئاللاھ تائالا تۆۋەندىكىدەك مەرھەممەت قىلىدۇ:
   ‹شۇنداق ناماز ئوقۇغۇچىلارغا ۋايكى، ئۇلار نامازنى غەپلەت بىلەن ئوقۇيدۇ. نامازنى رىيا بىلەن ئوقۇيدۇ.›(سۈرە مائۇن 5،6ـ ئايەتلەر).
بەزىلەر ئىبادەتنى ناماز، روزا، زاكات، ھەجلا دەپ تار دائىرىدە چۈشۈنىدۇ. بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇپ، رامىزان روزىسىنى تۇتۇپ ئىبادەتلىرىنى تولۇق بىجىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ سۆزى بويۇنچە ئېيىتقاندا، ‹جەننەتكە يوللانما ئالدىم›، دەپ ئويلايدۇ. ۋەھالەنكى، ئىبادەت پەقەت ناماز، روزا، زاكات ۋە ھەج بىلەنلا چەكلەنگەن ئەمەس. ئەسلىدە ئىبادەت ئاللاھقا بوي سۇنۇش، ئىتائەت قىلىش، يەنى ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن ھەركەت قىلىشتۇر. مۆئمىن ئۈچۈن ناماز قانچىلىك مۇھىم ئىبادەت بولسا، غەزەپىنى يېڭىش، خۇش مۇئامىلىدە بولۇش، بىھۇدە ئىشقا تارتىشماسلىققا ئوخشىغان ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن قىلىنغان ھەربىر ھەركەت ئىبادەتتۇر. مۆئمىنلەر قۇرئان خۇلىقىنى ئىمكان قەدەر ھاياتىغا تەدبىق قىلاركەن، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇش، قۇرئان خۇلىقى بىلەن ياشاشقا دەۋەت قىلىش قاتارلىق ئىبادەتلەر كۈندىلىك ھاياتىنىڭ مەزمۇنىنى تەشكىل قىلىشى كىرەك. ئۇلار ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ، ئىسلام ئەخلاقىنىڭ نەقەدەر گۈزەل ئىكەنلىكىنى ئۆزىنىڭ ئىش - ھەركەتلىرى ئارقىلىق ئىنسانلارغا يەتكۈزۈش مەسئۇليىتى بىلەن ياشايدۇ. بۇ مەسئۇلىيەت پەقەت غەيرى دىنلار ئارسىدىلا ئەمەس، بەلكى مۆئىمىنلەرنىڭمۇ ئۆز - ئارا مۇناسىۋەتلىرىدىمۇ ئەكىس ئىتىپ، بىر بىرىگە ئىبرەت بولۇشقا ھەركەت قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ سۈپەلىرى سۈرە تەۋبىدە تۆۋەندىكىدەك بايان قىلىنغان:
  ‹مۆمىن ئەرلەر، مۆمىن ئاياللار بىر - بىرى بىلەن دوستتۇر، ئۇلار (كىشىلەرنى) ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، نامازنى (تولۇق) ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ، اﷲ قا ۋە اﷲ نىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدۇ، ئەنە شۇلارغا اﷲ رەھىم قىلىدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر›(سۈرەھى تەۋبە 71ـ ئايەت).
  مۆئمىن باشقىلارنى گۈزەل ئەخلاققا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن ئىمكانىنىڭ يىتىشىچە غەيرەت كۆرسىتىدۇ. ئاللاھنىڭ بارلىقى، بارلىقى، ئىسىم - سۈپەتلىرى، ئىنساننىڭ يارىتىلىشىدىكى مەقسەت، ئاللاھقا خۇش كىلىدىغان ئەمەللەر، قۇرئانغا كۆرە ياخشى - يامان ئەمەللەر، جەننەت ۋە جەھەننەم قاتارلىق كۆپلەپ دىنىي ماۋزۇلاردا چۈشەنچە بىرىدۇ. مۆئمىنلەرنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلىرى ئاددى مۇلاقەت بولماستىن، بەلكى ئىسلامى بىلىملەرنى بېيىتىشقا، بىر - بىرلىرىدىن ئۈگۈنۈشكە، بىر - بىرلىرىنىڭ كەمچىلىكلىرىنى تولدۇرۇشقا ھەركەت قىلىدۇ. ئۇلار ئىسلام ئەخلاقىنىڭ گۈزەللىكىنى كۆرسىتىشتە پەقەت ئۆز ئارا سۆھبەتلەردىلا ئەمەس، بەلكى رادىيو، تىلۋوزۇر، ئېنتىرنىت، كىتاپ، ژورنال قاتارلىق ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاستىللىرىدىنمۇ پايدىلىنىدۇ. ئىنسانلارنى قۇرئان ئەخلاقىغا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن ئىسلامى بىلىملەرنى چوڭقۇر ئىگەللەش ۋە قەتئىي ئەمەل قىلىش لازىملىقىنى بىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىزچىل تۈردە قۇرئان بىلىملىرى ۋە جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننەتلىرىنى ئۈگۈنۈپ، بۇ توغرىسىدىكى بىلىملىرىنى بېيىتىپ، ئەخلاقلىرىنى شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا تاكاممۇللاشتۇرۇشقا ھەركەت قىلىدۇ.



 ئۇيقۇدىن بۇرۇن...
  داۋامى بار...
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ