/ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم، ھەي ئويغۇنۇش، سىز ھەقىقەتەن كاللا دىسە پاقالچاق دەيدىغانلارنىڭ بىرسىكەنسىز.باشقىلارنىڭ گىپىنى ئاڭقىرىپ ئاندىن گەپ قىلسىڭىز قانداق!سىز ئەسلىدە كەڭساي تورىدىكىلەرنىڭ ئىچىدە سالام قىلىشقا لايىق بىرمۇ مۇسۇلمان يوق،ھەممىسى كاپىر-مۇناپىقلار،شۇڭا سالام قىلمايمەن دىمەكچى،شۇنداققۇ؟ كىمنىڭ كاپىر،كىمنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى اللە ئىگەم ھەممىدىن بەك بىلىدۇ. بىر مۇسۇلماننى كاپىر دىگەن ئادەم ئۆزى كاپىر بولىدۇ دىگەن پەيغەمبىرىمىز، بۇگەپلەرنى قويۇپ ئەسلى گەپكە كىلەيلى،سىز ھازىرغىچە مەن سورىغان سوئاللارغا ئېنىق جاۋاپ بەرمەي نىگىزلىك مەسىلىلەردىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرۇپ يۇرۈۋاتىسىز، ئەسلىدە مۇنازىرە قىلىشنى بىلسىڭىز بۇنداق قىلماستىڭىز.سىزنىڭ ھەقىقەتنى بىلىش ۋەئەمەل قىلىش نىيىتىڭىز بولسا مەن مۇنازىرەمدە ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن دەلىل –ئىسپاتلارغا سەمىمىلىك بىلەن ئېنىق رەددىيە بەرگەن بولاتتىڭىز.ئەمما سىز ئۆزىڭىزنىڭ دىگەنلىرىگە قارشى كىلىدىغان ئايەتلەرنى قاتارىسىغا تىزىپ قويۇپ يەنىلا سەپسەتىلىرىڭىزنى بازارغا سېلىۋەرگەچكە مەنمۇ ئۇ سوئاللىرىمنى قايتا ئوتتۇرىغا قويۇشقا مەجبۇر بولدۇم.سىزيۈزىڭىز چۈشۈپ كىتىشتىن ئەنسىرىمەي ئاخىرەتتىكى ئازاپتىن قورقۇپ ھەقىقەتنى قوبۈل قىلىپ تەۋبە قىلىڭ. اللەتەئالانىڭ مۇنۇ ئايىتىنى ئوبدان تەپەككۇر قىلىپ ئوقۇپ چىقىڭ.<< (ئى مۇھەممەد) ئېيتقىنىكى ئەگەر سىلەر اللەنى سۆيسەڭلار ماڭا ئەگىشىڭلار،اللەمۇ سىلەرنى سۆيىدۇ ۋە گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ>> يەنە <<ئۇ (پەيغەمبەر ) ئۆز ھىسسياتىدىن سۆزلىمەيدۇ. (ئۇنىڭ سۆزلەۋاتقىنى) پەقەت ئۇنىڭغا قىلىنغان ۋەھيىدۇر >> يەنە شۇنداق دىگەن << كىمكى پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلسا ئۇ كىشى اللە غا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ>>ئەگەر سىزنىڭ نىيىتىڭىز ھەقىقەتنى تونۇش بولسا تۆۋەندىكى سوئاللارغا ئېنىق جاۋاپ بىرىڭ.
#"iu|D 1.سىزنىڭچە ئۆلگەنلەرنىڭ كەينىدىن باشقىلارنىڭ دۇئا قىلىشى ئەھمىيەتسىز بولسا دىنىمىزدا جىنازا نامىزى نىمەئۈچۈن ئوقۇلىدۇ؟ جىنازا نامىزىدا نىمە ئۈچۈن ‹‹ئى اللە بىزنىڭ ھاياتلىرىمىزنى،ئۆلگەنلىرىمىزنى،قاتناشقانلىرىمىزنى ،قاتناشمىغانلىرىمىزنى ،كىچىكلىرىمىزنى ،چوڭلىرىمىزنى،ئەركەكلىرىمىزنى،ئاياللىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن››دەپ دۇئا قىلىشقا بۇيرىلىدۇ؟باشقىلار ئۇچۈن دۇئا قىلىشنىڭ پايدىسى بولمىسا ئۆلۈكلەرنى چامغۇر كۆمگەندەكلا كۆمۈۋەتسەكلا بولمىدىمۇ؟يەنە سىز ناماز ئوقۇغاندا تەشەھھۇدتا ئەتتەھىيياتۇنى ۋە ئىككى دۇرۇدنى ئوقۇمايدىغان ئوخشىمامسىز؟ئەگەر ئوقۇسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىتىقادىغا خىلاپلىق قىلغان بولىسىز!!!سىزقۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمىسىدىن باشقىنى بىلمەيدىغان ،ئوقۇسىڭىزمۇ تىرناق ئىچىدىكى سۆز بىلەن تېشىدىكى سۆزنىڭ پەرقىنى بىلەلمەيدىغان بولغاچقا ئاشۇنداق پەلىپەتىش گەپلەرنى قىلسىڭىز كىرەك؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز ئايال بولغاچقا جىنازا نامىزى دىگەن بىر نامازنىڭ بارلىقىنىمۇ ئاڭلاپ باقمىغان!چۈنكى بۇ نامازمۇ قۇرئان كەرىمدە يوق!!‹‹ شەك شۆبىسىزكى قۇر ئاندا بولغىنى ئەلبەتتە سەھى ھېدىستا بۇلىدۇ . دىمەك قۇرئاندا بولمىغىنى سەھى ئەمەس ھېدىسلاردا بولغىنى بىلەن . ئەمما سەھى ھېدىسلاردا بولمايدۇ .››(بۇ سىزنىڭ گىپىڭىز)ئۇنداقتا جىنازا نامىزى ھەققىدىكى ھەدىسلەرمۇ يالغانمۇ؟
9o:Lz5o 2.مەن ‹‹ئاددىسى سىز ئىت -ئىشەكنىڭ گۆشىنىمۇ يەۋىرىدىغان ئوخشىمامسىز قۇرئاندا يوقكەن دەپ؟ ›› دىسەم سىزنىڭ بۇنىڭغا بەرگەن جاۋابىڭىز ئادەمنىڭ كۈلكىسىنى قىستايدۇ،‹‹ قۇرئاندا يىمەيدىغان ھايۋانلار بايان قىلىنمىغىنى بىلەن ، ئەمما يەيدىغىنى بايان قىلىنغان . يەيدىغانلارنىڭ ئىچىدە سىز تەۋسىيە قىلغانلار يوق شۇڭلاشقا مەن بۇلارنى يىمەيمەن . ››دەپسىز. كۈلۈپ كەتتىم سىز قايسى قۇرئاننى ئوقۇيدىغانسىز،سىزنىڭ كۆرگىنىڭىز ئىبلىسنىڭ قۇرئانى ئوخشىمامدۇ؟ اللە چۈشۈرگەن ،مەن ئوقۇۋاتقان قۇرئاندا دەل ئەكسىچەئىكەنغۇ،ئۇنىڭدا مۇنداق باركەن ‹‹ماڭا ۋەھيى قىلىنغان (قۇرئان)دا يەيدىغانلار ئۈچۈن ھارام قىلىنغان نەرسىنى تاپمايمەن،ئۇ پەقەت ئۆزى ئۆلۈپ قالغان نەرسەياكى قان ياكى چوشقا گۆشى،ياكى اللەنىڭ غەيرى تىلغا ئېلىنىپ بوغۇزلانغان نەرسە بولمىسىلا››. ھارام قىلىنغان نەرسىنى مۇشۇنداق بايان قىلسا سىزگە يەتمىدىمۇ ياكى مەن مۇشۇ ھەقتىكى ھەممە ئايەتنى بىر-بىرلەپ كەلتۈرەيمۇ؟ئەمدى سىزنىڭ ‹‹قۇرئانىڭىز›› دا ‹‹ئىت ،ئىشەكنىڭ گۆشى ھالال قىلىندى›› دەيدىغان ئايەت بولسا كۆرسىتىپ باقمامسىز؟
YcK|.Mq': 3.قۇرئان كەرىمدە تاھارەت ئالغاندا پۇتلىرىڭلارنى ئىككى ئوشۇققىچە يۇيۇڭلار دىيىلگەن.مەشھۇر ھەدىس ئارقىلىق ئۆتۈكنى تاھارەت بىلەن كەيگەن ئادەم پۇتىنى يۇماي مەسھ قىلسا بولىدۇ دىيىلگەن. سىزنىڭچە بۇھەدىسمۇ يالغان ھەدىسمۇ؟
+@iA;
2& 4.قۇرئان كەرىمدە ھەممە مۇسۇلمانلارنى نامازئوقۇشقا بۇيرۇلغان.ھەدىستە ھەيزدار ئايالنىڭ ناماز ئوقۇمايدىغانلىقى دىيىلگەن. ئۇنداقتا بۇھەدىسمۇ يالغانمۇ؟سىزمۇ ھەيزدار ھالەتتىمۇ ناماز ئوقۇۋىرەمسىز؟
bYQRB
i 5.قۇرئان كەرىمدە قان ۋە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان نەرسىلەرھارام قىلىنغان.ھەدىس ئارقىلىق بۇلارنىڭ ئىچىدىن جىگەربىلەن تال،ئۆزى ئۆلۈپ قالغان بېلىق بىلەن چىكەتكە ئايرىۋېلىنىپ ھالال دىيىلدى.ئۇنداقتا بۇھەدىسمۇ يالغانمۇ؟ سىزيۇقارقى نەرسىلەرنى جۈملىدىن جىگەر كاۋىپىنىمۇ ھارام دىمەكچىمۇ؟
m<"WDU?y; بۇنداق مەسىلىلەر بەك جىق ،ئاخرى داۋاملىق يوللىنىدۇ.ھەممىنى يېزىپ بولغىچە سىز نۇرغۇن ئادەملەرنى ئازدۇرۇپ يۇرگىدەكسىز،يۇقارقى سوئاللارغا گەپ يورغىلاتماي ئېنىق جاۋاپ بىرىڭ. اللە ھەممەيلەننى ھىدايەت قىلسۇن. يەنە بىرگەپ سىز مەندىن نەزرە يەمسىز-يىمەمسىز دەپ سوراپسىز.مەن بۇ سوئالغا ئاللىقاچان جاۋاپ بىرىپ بولغان.سىز ئاڭقىرالمىغان ئوخشايسىز.مەن نەزرە يىمىگىلى 20 يىل بولدى.يەنى ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدىلا.مەنمۇ سىزدىن بىر سوئال سوراپ باقاي.ئىسلام دۇنياسىدا سىز دىگەندەك گەپنى دەپباققان بىرەر مۆتىۋەر ئالىمنىڭ ئىسمىنى بىلەرسىزمۇ؟ ياكى بولمىسا بارلىق سەلەپ ھەم خەلەپ ئالىملىرىمىزنىڭ بىرسىمۇ سىز دىگەن< ھەقىقەتنى> بىلمەي ئازغۇنلۇقتا اللەغا يالغاننى توقۇپ ئۆمرى ئۆتۈپ كەتكەنمىدۇ؟ساھابىلار،تابىئىلار،ئىمام بۇخارى،ئىمام مالىك،ئىمام ئەھمەد كەبى داڭدار مۇھەددىسلىرىمىز ،ئىبنى تەيمىييە، ئىبنى قەييۇم قاتارلىق ئۆلىمالىرىمىزبىر ئۆمۈر اللەغا يالغاننى توقۇپ كىشىلەرنى ئالداپ مۇشرىكلىك ئىچىدە دەۋزەخقە تۇتۇرۇق بولغانمىدۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ قېنى ئادەملەردىن قورقماي پەقەت ۋەپەقەت بىر اللەدىنلا قورققان ھالدا بۇ سوئالغا جاۋاپ بىرىپ بېقىڭچۇ!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
[ sayram0998تەرىپىدىن2010-08-19 16:00قايتا تەھرىرلەن ]