查看完整版本: [-- <<ئىسلام بىدئەت ئىتىقاتلاردىن مۇستەسنا >>غا رەددىيە --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> مۇنبەر يېڭىلىقلىرى -> <<ئىسلام بىدئەت ئىتىقاتلاردىن مۇستەسنا >>غا رەددىيە [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

sayram0998 2010-08-08 21:27
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار،ئويغۇنۇش يازغان يۇقارقى تىمىدىكى ماقالىنى كۆرۈپ ئاپتورنىڭ ئىنتايىن ئالدىراقسانلىق بىلەن زىل مەسىلىلەردە كۆرەڭلىك بىلەن ھۆكۈم قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم، توغرىسى بەكمۇ ئېچىندىم.شۇڭا دەرھال ئۆزەمنى تىزىملىتىپ بۇ پىتنە پاساتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئالدىراشچىلىق ئىچىدە بۇ يازمىنى تەييارلىدىم.خاتا كەتكەن يەرلىرى بولسا قېرىنداشلارنىڭ يوللۇق ئىسپاتلار بىلەن  تۈزىتىش بىرىشىنى سورايمەن .ئاپتور ماقالىسىنىڭ بېشىدىلا  ئىنتايىن داغدۇغىلىق بىلەن ئەيمەنمەستىن ھۇجۇم باشلاپ‹‹ئىسلامدا يوق نەرسىلەرنى   (يەنى ئۈلۈكلەرگە  دۇئا  قىلىش ۋە ئۇندىن باشقائارقىسىدىن  نەزرە نۇزىرات بىرىش ، قەۋرە زىيارىتى )قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى  (يەنى ئىسلام  شە رىئىتىدە بايان  قىلىنمىغان  ، ئەمما  بۇتدا دىنىدىن  قېپ قالغان ،  بىتئەت ئىتىقاتلارنى ) ئىنسانلار ئۆز نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگىشىپ قۇبۇل قىلىۋاتىدۇ›› دىيىش ئارقىلىق توغرا –خاتانى ئارلاشتۇرۇۋەتكەن. بۇنىڭغا دەلىل سۈپىتىدە ‹‹شۇڭا بىزنىڭ ئىبىرەت ئېلىشىمىز ئۈچۈن قەۋرىلەرگە سەپەر قىلىشىمىزنىڭ زۆرىريىتى يوق . ئەگەردە   بۇنىڭ زۆرىريىتى بولغان بولسىيتتى ئاللاھمۇقۇرئان كەرىمدە بۇلارنى  زىكىر قىلغان بۇلاتتى . شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ نىڭ ئالچىلىرىمۇ  ئۈممەتلىرنى  بۇنىڭغا  ئۈندىگەن بۇلاتتى›› دىگەن، ھالبۇكى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ‹‹مەن قەۋرىلەرنى زىيارەت قىلىشتىن توسقان ئىدىم،ئەمدى زىيارەت قىلىڭلار››دىگەن سەھىھ ھەدىسىنى ھەم ئۆزىنىڭمۇ قەۋرىلەرنى زىيارەت قىلغانلىقى ھەققىدىكى سەھىھ ھەدىسىنى كۆرمەسكە سېلىۋالغان، سىزنىڭچە پەيغەمبەرلەر ئۈممەتلىرىنى قانداق ئۈندىگەن بولسا ئاندىن ئۈندىگەن بولاتتى.ياكى قەۋرىلەرنى ئاچقۇزۇپ زىيارەت قىلغان بولسا بولامتى؟؟؟  ئەسلىدە سىزنىڭ ھەدىسلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەيىڭىزدە مەسىلەبار، چۈنكى سىز ئۈممەتنىڭ سەرخىل ئىشەنچلىك ئۆلىمالىرى پۈتۈن ئۆمرىنى سەرپ قىلىپ تەتقىق قىلىپ  سەھىھ دەپ باھالىغان ھەدىسلىرىنىمۇ قۇرئاندا يوقكەن دىگەن باھانە بىلەن رەت قىلىپ سۈننەتنىڭ ئىسلامدىكى ئورنىنى يوقۇتۇشنى پىلانلاۋاتقان غەرپلىكلەرنىڭ ئىدىيەلىرىنى ئىمپورت قىلىۋاپسىز.بۇ-كاپىرلارنىڭ قەدىمدىن قالغان سۈيقەستلىك ھىلە-نەيرەڭلىرى.سىز ئەسلىدە ئىسلام بىلىملىرىدىن ئانچە ساۋاتى يوق پەقەت شۇ قۇرئان كەرىمىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ھەم بەزىبىر ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان ھەدىسلەرنى كۆرۈۋېلىپلا موللا خېنىم بولۇۋالغان ئوخشايسىز. سىز بەلكىم ھەدىسلەرنىڭ قانداق تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتىدىغانلىقىنى ،ھەدىس ئالىملىرىنىڭ بىر ھەدىسنى باھالاش ئۈچۈن قانداق خىزمەتلەرنى ئىشلەپ قانداق جاپالارنى تارتقانلىقىنى بىلمەيسىز،چۈنكى بۇ توغرىدىكى كىتاپلار تېخى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنمىدى.خوش ئەمدى سەپسەتىلىرىڭىزگە رەددىيە بىرەي. اللە تەئەلا قۇرئان كەرىمنىڭ بىرنەچچە يېرىدە ئۆزىنىڭ كىتاپ ۋە ھىكمەت چۈشۈرگەنلىكىنى مىننەت قىلىپ تىلغا ئالغان،كىتاپ سۆزى قۇرئان كەرىمنى كۆرسەتسە ھىكمەت سۆزى دەل سۈننەتنى كۆرسىتىدۇ.يەنە اللە تەئەلا ‹‹بىرەر نەرسىدە ئىختىلاپ قىلىشساڭلار ئۇنى اللە ۋە پەيغەمبەرگە قايتۇرۇڭلار›› دىيىش ئارقىلىق سۈننەتنىڭ ئىسلامدىكى ئورنىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بەردى.بۇ توغرىدىكى ئايەتلەر بەكمۇ كۆپ .دىمەك بۇ ئىككسى ھەدىستە دىيىلگەندەك قىيامەتكىچە ئايرىلمايدىغان بىر جۈپلەر.پەيغەمبىرىمىزمۇ بۇنى چۈشەندۈرۈپ ‹‹بىلىڭلاركى مەن كىتاپنى(قۇرئاننى) ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش بىرنەرسىنى(ھەدىسنى)بىرىلدىم.مۇشۇ ئىككىسىگە ئېسىلساڭلار ھەرگىزمۇ ئازمايسىلەر››دىگەن. بۇ ھەدىستىكى ئوخشاش بىر نەرسە بىرىلدىم دىيىلگىنىدىن شۇ ئېنىقكى ھەدىس ھەرگىزمۇ قۇرئانغا زىت كەلمەيدۇئەگەرشۇھەدىسنىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكى ئىسپاتلانسىلا.چۈنكى ئوخشاش ئىككى نەرسە بىر يەردىن  چىقىدۇھەم ھەر ئىككىسى ھەقىقەتنى سۆزلەيدۇ. ھەقىقەت بولغان ئىكەن ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش لازىم بولىدۇ. زىتلىق پەقەت بىزنىڭ ئايەت ياكى ھەدىسنى توغرا چۈشىنەلمىگەنلىكىمىزدىن كىلىپ چىقىدۇ. يەنە پەيغەمبىرىمىز ‹‹يېقىندا بەزىبىر ئادەملەر مەيدانغا كىلىدۇ،ئۇلار ساپالىرىغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ (ھاكاۋۇرلۇق بىلەن ئۆزىنى يامان بىلىملىك كۆرسىتىپ) مۇشۇ قۇرئاندا بارنى تۇتۇڭلار،باشقىسىنى تاشلاڭلا دەيدۇ ›› دىيىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ خەتەرلىك  ئازغۇن ئادەملەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. سىزنىڭ پىكرىڭىزچە بولغاندا ئىشەك گۆشى،قاغا-قۇزغۇن،بۆرە،يولۋاس،تۈلكىگە  ئوخشاش يىرتقۇچ ھايۋانلار ھالال بولىدۇ، چۈنكى قۇرئاندا ھارام ھايۋانلارنىڭ قاتارىدا ئىشەك گۆشى ۋە يۇقارقىلار سانالمىدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرئاندا ھارام قىلىنغان يىمەكلىكلەرنى سانىغاندا پەقەت مۇشۇلارلا ھارام قىلىندى دىگەن مەزمۇننى ئۇقتۇرىدىغان ئىبارىلەر ئىشلىتىلگەن. ھالبۇكى يۇقارقى نەرسىلەر سەھىھ ھەدىسلەر ئارقىلىق ھارام قىلىنغان،يەنە ھەدىس ئارقىلىق جىگەر،تال ھالال قىلىندى،ھالبۇكى قۇرئاندا قان ھارام قىلىنغان.ھەدىس ئارقىلىق بېلىق،چىكەتكە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان بولسىمۇ ھالال قىلىندى.لىكىن قۇرئاندا ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان ھارام قىلىنغان .يەنە بىر قىز بىلەن ئۇنىڭ ھاممىسىنى بىللە نىكاھىغا ئېلىش، ئىمىلدەشلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن بىكاھلىنىشى                                               1)R)+`y  
                                                              f/B--jq  
سۈننەت ئارقىلىق ھارام قىلىندى.ھالبۇكى اللە تەئەلا قۇرئان كەرىمدە نىكاھىغا ئېلىش ھارام قىلىنغان ئاياللارنى ساناپ بولۇپ ‹‹بۇلاردىن باشقىسى سىلەرگە ھالال قىلىندى›› دىگەن ،ئەرلەرگە ئالتۇن زىبۇ-زىننەت ،يىپەك كىيىم ھارام قىلىندى.بۇمۇ قۇرئان كەرىمدە دىيىلمىگەن .سىزنىڭچە بولغاندا يۇقارقى سەھىھ ھەدىسلەرنى رىۋايەت قىلغان، قوبۇل قىلغان ھەم شۇ ھەدىس بويىچە يۇقارقى نەرسىلەرنى ھارام دىگەن ساھابىلەردىن تارتىپ ئىمام بۇخارى ،ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل،ئىمام مالىك قاتارلىق مۇھەددىسلەرگىچە ھەممىسى كاپىر بولۇپ كەتكەن بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار اللە ھالال دىگەن نەرسىلەرنى ھارام دىدى،ھارام دىگەن نەرسىلەرنى ھالال دىدى ئەمەسمۇ؟ ئاندىن ئۇلار رىۋايەت قىلىپ بىزگە  يېزىپ قالدۇرۇپ كەتكەن ھەدىسلەرنىڭ ھىچقايسىىسىغا ئىشەنگىلى بولمايدۇ.چۈنكى ئۇلار دىگەن كاپىر ئەمەسمۇ؟!كاپىرلارنىڭ رىۋايەت قىلغان ھەدىسلىرىگە قانداقمۇ ئىشەنگىلى بولسۇن؟بۇنداق بولغاندا ھەدىس ئارقىلىق ھۆكۈم چىقىرىشنىڭ ھىچقانداق ئامالى قالمايدۇ.شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۈممەتنىڭ بارلىق تارىخى پۈتۈنلەي يالغانچىلارنىڭ قولى ھەم تىلى ئارقىلىق مەيدانغا كەلگەن بولىدۇ.شۇنىڭ بىلەن دۇنيادا بۇ ئۈممەت  اللە تەئالا ماختىغاندەك ئەڭ ياخشى ئۈممەت بولماي بەلكى دۇنيا بويىچە ئەڭ زور ئالدامچى،يالغانچىلارغا ئايلىنىدۇ.مانا بۇ سەھىھ ھەدىستىنمۇ گۇمانلىنىدىغان ئاتالمىش ئىلغارلىقنىڭ نەتىجىسى.شۇڭا ھەدىس سەھىھ بولسىلا بۇ شۇھەدىسنىڭ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئاغزىدىن چىققانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئاغزىدىن چىققان ئىكەن ئۇ ھەدىس ھەرگىزمۇ قۇرئانغا زىت كەلمەيدۇ. بەلكى ئۇ ھەدىس قۇرئان كەرىمنىڭ بىزلەر بىلەلمىگەن ،ئەقلىمىز يەتمىگەن يەرلىرىنى چۈشەندۈرگەنلىكى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.مۇشۇنداق مەسىلىدە بىز ھەرگىزمۇ سەھىھ ھەدىسنى رەت قىلىۋەتمەي ھەرئىككىسىنى تەڭ تۇتۇپ مېڭىشىمىز لازىم.مەسىلەن:قۇرئاندا ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان ھارام دىيىلدى،سەھىھ ھەدىستە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان بېلىق،چىكەتكە ھالال دىيىلدى.دىمەك قۇرئاندىكى ‹ ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان›  دىگىنى بېلىق بىلەن چىكەتكىدىن باشقا ھايۋان ئىكەنلىكىنى ھەدىس بىزگە تەپسىرلەپ بەرگەن بولىدۇ.يۇقۇردىكى ئاتالمىش قۇرئانغا زىت كەلگەن سەھىھ ھەدىسلەر دەل مۇشۇ تۈرگە كىرىدۇ. پەيغەمبىرىمىز ئەينى چاغدا مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى يەمەنگە قازى قىلىپ ئەۋەتكەن چاغدا ئۇنىڭدىن نىمە بىلەن ھۆكۈم چىقىرىسەن؟دەپ  سورىغان.مۇئاز  اللەنىڭ كىتاۋى بىلەن ھۆكۈم قىلىمەن دىگەن. پەيغەمبىرىمىز  ئەگەر ( اللەنىڭ كىتاۋىدىن)  تاپالمىساڭچۇ؟ دىگەندە رەسۇلۇللانىڭ سۈننىتى بىلەن ھۆكۈم قىلىمەن.دىگەن. (ئۇنىڭدىمۇ) تاپالمىساڭچۇ؟ دىگەندە ئەقلىمنى ئىشلىتىمەن دىگەن. شۇچاغدا پەيغەمبىرىمىزنىڭ اللەنىڭ كىتاۋىدا بولمىسا قانداق قىلىسەن دىمەي تاپالمىساڭچۇ دىگەنلىكى اللەنىڭ كىتاۋىنى چۈشىنىشتە ئادەملەرنىڭ پەرقلىق بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.شۇڭا پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسلىرى قۇرئان كەرىمنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك تەپسىرى بولىدۇكى ھەرگىزمۇ ئۇنى قۇرئانغا خىلاپكەن دەپ رەت قىلىشقا بولمايدۇ.يۇقارقىسى بۇنىڭ بىر مىسالى.ئەمدى تىمىغا قايتىپ كەلسەك ئۆلۈكلەرگە نەزرە قىلىشنىڭ بىدئەت ئىكەنلىكى بەكمۇ ئېنىق مەسىلە.چۈنكى نەزرەقىلىش پەيغەمبىرىمىز ۋەساھابىلەرنىڭ دەۋرىدە قەتئى بولمىغان ئىش.گەرچە ئۇدەۋردە جەڭگى جىدەل،ئۆلۈم يىتىم كۆپ يۈز بەرگەن بولسىمۇ.بۇ بىدئەت بىز ئۇيغۇرلارغا بۇددا دەۋرىدىن قېلىپ ھازىرغىچە تۈزەلمەي كىلىۋاتقان بىر ئىللەت ، ئەمما ئۆلۈكلەرئۈچۈن دۇئا قىلىش ،ئۇلارنىڭ قەۋرىلىرىنى زىيارەت قىلىشنىڭ ئاساسى بار ئىشلار بولۇپ بۇنى دىنى سەۋىيىسى بار توغرا ئەقىدىلىك ئادەم بولسا ئىنكار قىلغان ئەمەس. چۈنكى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئوھۇد شەھىدلىرى ئۇچۈن ئالايىتەن دۇئاقىلغانلىقى ،ئۇلارنىڭ قەۋرىسىنى يوقلىغانلىقى ھەتتا اللە ئىستىغپار ئېيتىشقا رۇخسەت قىلمىغان ئانىسىنىڭ قەۋرىسىنىمۇ يوقلاپ كۆزىدىن ياش ئاققۇزغانلىقى،ھەبەشىستان  پادىشاسى نەجاشىنىڭ جىنازا نامىزىنى مەدىنىدە ئوقۇغانلىقى سەھىھ ھەدىسلەر ئارقىلىق ئىسپاتلانغان.قۇرئان كەرىمدە مۇئمىنلارنىڭ مۇنداق دەپ دۇئا قىلىدىغانلىقى زىكىر قىلىنغان ‹ رەببىمىز،بىزنى كەچۈرگىن ۋە بىزدىن بۇرۇن ئىمان ئېيتقان قېرىنداشلىرىمىزنى كەچۈرگىن ›› ،يەنە ھەر بىر مۇسۇلمان كۈندە 5 ۋاق ئوقۇيدىغان نامىزىنىڭ ئاخىرىدىكى تەشەھھۇدتا ‹سالام ساڭا ئى پەيغەمبەر،اللەنىڭ رەھمىتى ۋە بەرەكەتلىرى بولسۇن،بىزگىمۇ اللەنىڭ سالامى بولسۇن ۋە اللەنىڭ ياخشى بەندىلىرىگە بولسۇن›دەيمىز.يەنە‹ ئى اللە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋەئۇنىڭ ئائىلىسىگە خۇددى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە رەھمەت قىلغاندەك رەھمەت قىلغىن›دەيمىزغۇ،ھالبۇكى مەزكۇر ئادەملەر ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتكەنلەردۇر. ئەڭ ئاددىسى ئۆلۈكلەر ئۈچۈن دۇئاقىلىپ ئۇلارنىڭ گۇناھىنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشىنى تىلەشنى بىدئەت دەۋالغانلار جىنازا نامىزىنى ئوقۇمامدىغاندۇ؟ جىنازا نامىزى دىگەن دەل شۇ ئۆلگەن ئادەمنىڭ مەغپىرىتىنى تىلەپ ئوقۇيدىغان دۇئا ئەمەسمۇ؟ئەسلىدە ئۇلارنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمەيدىغىنى بىراۋنىڭ گۇناھىنى يەنە بىراۋ تىلەپ قويسا پايدىسى بولامدۇ؟دىگەندەك شەيتانى پەلسەپىلەر. بۇ خۇددى رەھمان بەرسە شەيتان قىزغانغاندەك ئىش.  ئاخىرىدا دەيدىغىنىم:دىنى مەسىلىلەر ئوينىشىدىغان ئىش ئەمەس.بۇنىڭ ئىنتايىن زور مەسئۇلىيىتى بار.(يۇقۇرىدىكى ھەدىستە دىيىلگەندەك )ساپاغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇۋېلىپ قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئاندا-مۇندا كۆرۈپ قويۇپ بىدئەت ھەققىدە ئاغزىدىن كۆپۈك چىقىرىپ  سۆزلەپ ھەق ناھەقنى ئاستىن ئۈستۈن قىلىۋىتىشنىڭ ئاقىۋىتىنى  پەقەت ھەقىقى ئىمانى بار تەقۋادار ئادەملەر بىلىپ يىتەلەيدۇ.قىسقىسى ياغاچچىلار ياغاچچىلىقىنى،پايپاقچىلار پايپاقچىلىقىنى قىلسۇن. دىنى ماقالىلارنى ئەڭ ياخشىسى دىنى سەۋىيىسى تولۇق ئالىملار يازسۇن.ھەم دىنى تور بەتلەر ئىلان قىلسۇن.لازىم بولغانلارمۇ شۇ تور بەتلەردىن ئىزدىسۇن. چۈنكى ئۇتور بەتلەرنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى دىنى سەۋىيىسى بار ئادەملەر،ئىسلام پىرىنسىپلىرىغا زىت گەپلەرنى ئۇلار بىلىپ يىتەلەيدۇ  ياكى تەھرىرلەپ چىقىرىدۇ،باشقۇرغۇچىلارمۇ دىققەت قىلغايسىلەر.بولمىسا خەقنىڭ گۇناھىغا شىرىك بولۇپ قېلىشىڭلارمۇمكىن. بىلىپ قويۇش لازىمكى باشقۇرغۇچىلىقمۇ بىر خىل مەسئۇلىيەت.باشقۇرغۇچىلارمۇ اللە ئالدىدا بۇ مەسئۇلىيەتتىن جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ.  شۇڭا باشقۇرغۇچىلار ئۆزىنىڭ بىلىم دائىرىسىدە بولمىغان ماقالە-يوللانمىلارنى شۇ ساھەدە سەۋىيىسى بار كىشىلەرنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈپ ئاندىن تورغا چىقارسا اللە ئالدىدا جاۋاپكارلىقتىن قۇتۇلالايدۇ.(بەزى كىتاپ،ژورناللارنىڭ مۇھەررىرلىرى شۇنداق قىلىدۇ)بۇنداق قىلمىسا شۇ يوللانما سەۋەبىدىن ئېزىپ كەتكەن ئادەملەرنىڭ گۇناھى شۇ يوللانمىنى يازغان ،تەستىقلىغانلارنىڭ ئۈستىگە بولىدۇ.ئاخىرىدا اللەدىن ھەممەيلەنگە ھىدايەت ،مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن.                              
 4{?x(~  
hJ<2bgQo  
uM}O8N  
P Cf|^X#B  
,2`d3u^CW  
*LRGfk+h  
vFOv IVp  
تېما تەستىقلىغۇچى:ئوغلان

qutluq 2010-08-09 11:32
ئالدىرىماي بى ئوقۇي.

ھەمزە 2010-08-09 12:10
بۇرادەر مەن  ئويغۇنۇش قېرىندىشىمىز بىلەن بەك جىق مۇنارزىرلىشىپ كەتتىم ئۇنىڭغا ھەرقانچە دەلىل ئەكەلسىمۇ يەنىلا  شاتۇتتەك ئۇزىنىڭ گىپىنىلا قىلىپ تۇرىدۇ.

تاھىربەگ 2010-08-09 12:36
پەيغەمبرىمىز ۋاپات بولۇش ئالىدا : _مەن سىلەرگە ئىككى نەرسە قالدۇرۇپ كەتتىم ، بىرى ئاللانىڭ كالامى بولغان قۇرئان كەرىم، يەنە بىرسى مىنىڭ سۈننىتىم ،  مىنىڭ ئۈممۈتىم بولغانلار مۇشۇ ئىككى نەرسىنى چىڭ تۇتۇڭلار، دىگەن ،  ..  ئويغۇنۇش بۇنى ئوقۇپ باقمىغان ئوخشايدۇ !!!  

sirik 2010-08-09 13:06
ئىنكاسنى يىزىپ قوياي .......تىمىغا ئىپادە بىلدۈرگۈم يوق...

sayram0998 2010-08-10 20:54
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ،ئويغۇنۇش. سىز قۇرئانغا بەك ئەمەل قىلغاچقا سالام قىلىشتىنمۇ يىراق تۇرىدىكەنسىز بىدئەت دەپ. چۈنكى قۇرئان كەرىمدە << باشقىلار تەرىپىدىن سالام قىلىنساڭلار ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراقى بىلەن سالام قىلىڭلارياكى ئۆزىنى قايتۇرۇڭلار>>دىيىلگەن ئەمەسمۇ؟ باشقىلارغا ئاۋۋال سالام قىلىش ھەدىس ئارقىلىق تەكىتلەنگەن.قۇرئان ئارقىلىق ئەمەس.سىز شۇنداق چۈشەندىڭىز ھەم شۇنداق ئەمەل قىلدىڭىز؟؟ئەمدى مەخسەتكە كەلسەك سىز يۇقۇرىدىكى بىر تاغار گەپلىرىڭىز بىلەن ھالقىلىق مەسىلىلەردىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرۇپ  يەنىلا ئاتتىن چۈشسىڭىزمۇ ئۈزەڭگىدىن چۈشكىڭىز كەلمەي يوغانچىلىق بىلەن ئۆزىڭىزنى ئاقلاپ گۇناھىڭىزنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىشقا ھەركەت قىپسىز. سىزنىڭچە سىز ھەقتىن باشقىنى سۆزلىمەيدىغان ئايال پەيغەمبەر ئوخشىمامسىز؟باشقىلار خاتادىن باشقىنى سۆزلىمەيدىغان ئىبلىس شەيتان ئوخشىمامدۇ؟ سىزنىڭ ھەقىقەتەن ھەقىقەتنى تونۇش نىيىتىڭىز بولسا  ئۆزىڭىزنى ئەرشكە ئەچىقىۋېلىپ سۆزلىمەي باشقىلارنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرىنىىڭ خاتاكەتكەن يەرلىرىگە سەمىمىلىك بىلەن يوللۇق رەددىيە بىرىپ چىن ھەقىقەتنى تېپىشقا كۈچەيتىڭىز. ئەكسىچە سىز مەن دىگەن ھەقتىن باشقىنى سۆزلىمەيمەن دەپ پەيغەمبەردىن باشقا ھىچ ئىنسان دەپ باقمىغان گەپنى  قىلىپ ئۆزىڭىزنىڭ دۇمباق كەبى ئاۋازى يوغان ،ئىچى قۇرۇق  ھاكاۋۇرلۇقىڭىزنى نامايەن قىلدىڭىز.ھەتتا پەيغەمبەرمۇ بىر -ئىككى قېتىم خاتا ئىش ھەركەتلەرنى قىلىپ سالغان ئەمما اللە دەل ۋاقتىدىلا بۇنى ئەسكەرتىپ ئۈممەتنىڭ ئەگىشىپ قېلىشىدىن ئاگاھلاندۇرغان. دىمەك پەيغەمبەر ھەرگىزمۇ خاتالىق ئۈستىدە قالدۇرۇلمايدۇ. سىز يەنە مەن قۇرئاننى ئويلۇنۇپ ئوقۇيمەن دەپسىز. ئەگەر بۇ گىپىڭىز راست بولسا اللە نىڭ قۇرئان كەرىمدە<< اللەغا ئىتائەت قىلىڭلار، ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلارۋەئىچىڭلاردىن بولغان باشلىقلارغا>> دىگەن سۆزىدىكى ئىتائەت سۆزىنى قەستەن ئىككى قېتىم تەكرارلىغانلىقىنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەن بولاتتىڭىز. (دىمەك اللەقائىتائەت قىلىش ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىش شەرتسىزدۇر. بۇ ئىككىسىنى بىر-بىر بىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈش ھاجەتسىز دىگەنلىك بولىدۇ.ئەمما باشلىقلارغا ئىتائەت قىلىش شەرتلىكتۇر،شۇڭا ئىتائەت قىلىڭلار دىگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم دىمەي پەقەت ئىككى قېتىم دەپلا بولدى قىلدى )مانا بۇنىڭدىن شۇ ئېنقكى ھەدىس سەھىھ بولىدىكەن ئۇنى قۇرئانغا تەڭلەپ راست -يالغانلىقىنى ئېنىقلايمەن دەپ  يۈرۈش ئېغىر خاتالىق.سەھىھ ھەدىستە قۇرئاندا دىيىلمىگەن گەپنى دىسە رەت قىلىشنىڭ ئۆزى دەل پەيغەمبەردىن گۇمانلىنىپ پەيغەمبەرمۇ بەزىدە ھاۋايى-ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرىپ تايىنى يوق گەپلەرنى قىلىپ قويىدۇ،  دىگەنلىك بولمامدۇ. ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولسا اللە تەئالا <پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار> دەپ شەرتسىزلا دەۋەتمەي  ئەگەر پەيغەمبەر سىلەرنى قۇرئاندا بار ئىشقا بۇيرىسا ئاندىن ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىڭلار، قۇرئاندا يوق ئىشقا بۇيرىسا ئىتائەت قىلماڭلار دىگەن بولاتتى.ھەم يەنە سىز دىگەندەك بولسا اللەقىلا ئىتائەت قىلىڭلار دەپ توختاپ قالسا بولماسمىتى؟.پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار  دەپ قويۇشنىڭ ئەھمىيىتى نىمە؟بۇنىڭدىن شۇ كۆرۈنۈپ تۇرىدۇكى پەيغەمبەر اللەنىڭ بۇيرىقى بىلەن  قۇرئاندا ئوچۇق دىيىلمىگەن بەزى ھۆكۈملەرنى سۈننەت ئارقىلىق يولغا قويىدۇ،اللەنىڭ بۇنى كۆرۈپ ۋە بىلىپ تۇرۇپ رەددىيە بەرمىگەنلىكى مەزكۇر ئىشنىڭ ھەقىقەتەن اللەنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى بولالايدۇ،چۈنكى اللە قۇرئاندا<< ئۇ (پەيغەمبەر)بىزگە بەزى گەپلەرنى يالغاندىن توقۇيدىغان بولسا بىز ئۇنىڭ گۈرەن تومۇرىنى ئۇزۈپ تاشلايمىز>> دىگەن سۆزى ئارقىلىق سىز ۋە سىزگە ئوخشاش سەھىھ ھەدىستىنمۇ گۇمانلىنىدىغان كىشىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.  دىمەك سەھىھ ھەدىسلا بولىدىكەن ئۇنىڭ مەنسۇخ ئىكەنلىكى ئېنىق بولمىسىلا ئۇنى قۇرئانغا تەڭلەپ يۈرمەي ئۇنىڭدىكى ھۆكۈمگە چوقۇم ئەمەل قىلىشىمىز لازىم. ھەممەھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا قاراپ ھەدىسنىڭ سەھىھ ياكى زەئىپ ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىش پەقەت ساۋاتسىز ئادەملەرنىڭ ئىشى. بولمىسا نى -نى ھىكمەتلىك سۆزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يالغان ياكى زەئىپ ھەدىسلەر بارئەمەسمۇ؟ مەسىلەن : ئىلىم  -جۇڭگۇدا بولسىمۇ ئۈگىنىڭلار دىگەندەك ئېغىزدا مەشھۇر ھەتتا خېلى چوڭ كىتاپلاردىمۇ تېپىلىدىغان ئاتالمىش ھەدىسلەردەك.سىزنىڭ قۇرئاننى چۈشىنىپ ئوقۇغىنىڭىز شۇنچىلىكمۇ؟  اللە تەئالا بەزى ئىشلارنى قۇرئان كەرىم ئارقىلىق يەنە بەزى ئىشلارنى ھەدىس ئارقىلىق بەندىلىرىگە يەتكۈزسە،بەزى نەرسىلەرنى قۇرئان ئارقىلىق،يەنەبەزى نەرسىلەرنى ھەدىس ئارقىلىق ھارام قىلسا ياكى ھالال قىلسا سىز ئەجەپ بۇ ئىشقا ئىتىراز بىلدۈرۈپ كىتىپسىزغۇ؟  سىز قانچىلىك ئادەمتىڭىز؟ياكى اللەتەئالا سىز  قانداق ئورۇنلاشتۇرسىڭىز شۇنداق قىلىشى لازىممىتى؟  ئاددىسى سىز ئىت -ئىشەكنىڭ گۆشىنىمۇ يەۋىرىدىغان ئوخشىمامسىز قۇرئاندا يوقكەن دەپ؟  مەن ماقالەمدە ئوتتۇرىغا قويغان ھارام قىلىنغان.ھالال قىلىنغان نەرسىلەر ھەققىدە ئېنىق قايىل قىلارلىق جاۋاپ بەرمەمسىز؟ شۇ ئىسىڭىزدە بولسۇنىكى قۇرئاندا ھارام قىلىنغان ئاياللارنى ساناپ بولۇپ سىلەرگە بۇلاردىن باشقىسى ھالال قىلىندى دەپ ئېنىق دىيىلگەن. ھارام قىلىنغان ھايۋانلارنى سانىغان چاغدا سىلەرگە پەقەت مۇشۇ نەرسىلەرلا ھارام قىلىندى دىگەن ئىبارە ئىشلىتىلگەن.ئەگەر ئەرەپچىدىن ئازراق خەۋىرىڭىز بولسىلا بۇنى بىلەلەيسىز. قالغان گەپلەر مەزكۇر ماقالىدا ئىخچاملاشتۇرۇپ دىيىلدى. ئويلۇنۇپ ئوقۇغايسىز. اللەدىن ھەممىمىزگە ھىدايەت تىلەيمەن.

orda 2010-08-12 09:33
ياخشى

akram 2010-08-19 11:08
ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن قېرىداشلار  

oghuzhan 2010-08-19 11:59
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اللە نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن K)9j je  
جېمى ھەمدۇ سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اللە غا خاستۇر 5A2Y'ms,/  
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەلەم ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى ۋە ساھەبىلىرىگە دۇرۇت سالاملىرىمىزنى يوللايمىز uGuc._}=  
دىن بارىسىدا نېمە تۈگىمەيدىغان ئىختىلاب بۇ ؟ Q>}e IQ Y  
چۇشۈنۈش ۋە ئىلھام اللە دىن . ھەركىمنىڭ چۈشۈنىشى ئوخشاش بولمايدۇ ، گەپ چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈشتە . ="5k\1W1M  
ئۆزىنى مۇسۇلمان دېگۈچى قۇرئان بىلەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننەتلىرى ئايرىۋەتمەسلىكى لازىم . IKMs Y5i  
ئەمدى بۇ تېمىدىكى تىلغا ئېلىنغان قەبرىلەرنى زىيارەت قىلىش بولسا بىزنىڭ بىر كۈنى اللە تەرىپىدىن قەبزى روھ قىلىندىغانلىقىمىزنى دائىم ئەسلەپ تۇرىشىمىز ئۈچۈندۇر . قەبرىگە قاراپ دۇئا قىلىش ، ئۆلگەنلەرگە نەزىر بېرىش بولسا ھەقىقەتەن اللە غا شېرىك كەلتۈرۈشتىن باشقا ئىش ئەمەس .   J+/}K>2#  
ئۇلار پەقەت ئىبادەتنى اللە غا خالىس قىلغان ، ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا ( يالغۇز ) اللە غىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدى . نامازنى ئادا قىلىشقا ، زاكاتنى بېرىشكە ( بۇيرۇلدى ) ، ئەنە شۇلار ( يەنى ئىبادەت ، ئىخلاس ، ناماز ، زاكاتلار ) توغرا دىندۇر . ( بەييىنە 98 - سۈرە 5 - ئايەت ) "fX_gN?  
مەن سەھىھۇل بۇخارىدا بىر ساھەبىنىڭ ( كىم ئىكەنلىكى ئېسىمدە قالماپتۇ . ئەيىپكە بۇيرىماڭلار ) رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئوقۇغان : ;-3h~k  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن ، نەزىر دېگەن پەرز قىلىنمىغان ئىبادەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىۋالماقتۇر . ILkjz^  
تەۋسىيە : X;s 3y{ku  
1. ئويغۇنۇش خاپا بولماي ئىملاغا دېققەت قىلسىڭىز . Q q`3S>  
2. سىلەر ياخشى ئىش قىلىمىز دەيدىكەنسىلەر تولا ئىختىلاپ قىلىپ ئىسلامنى چۈشۈنىش ئىستىكىدە بولىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا زېرىكىش تۇيغۇسى قوزغاپ قويۇشتىن ھەزەر ئەيلىشىڭلار كېرەك . ئەڭ ياخشىسى دوستلىشىپ ئايرىم مۇنازىرە قىلىشساڭلار . |Q5H9<*  
توغرىسىنى بىلگۈچى اللە دۇر ! bh=\  
قۇدرەت ئىگىسى بولغان پەرۋەردىگارىمىز مۇشرىكلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاكتۇر ، ھەممە پەيغەمبەرگە سالاملار بولسۇن ،  جېمى ھەمدۇ سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اللە غا خاستۇر !

sayram0998 2010-08-19 15:50
/ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم، ھەي ئويغۇنۇش، سىز ھەقىقەتەن كاللا دىسە پاقالچاق دەيدىغانلارنىڭ بىرسىكەنسىز.باشقىلارنىڭ گىپىنى ئاڭقىرىپ ئاندىن گەپ قىلسىڭىز قانداق!سىز ئەسلىدە كەڭساي تورىدىكىلەرنىڭ ئىچىدە سالام قىلىشقا لايىق بىرمۇ مۇسۇلمان يوق،ھەممىسى كاپىر-مۇناپىقلار،شۇڭا سالام قىلمايمەن دىمەكچى،شۇنداققۇ؟ كىمنىڭ كاپىر،كىمنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى اللە ئىگەم ھەممىدىن بەك بىلىدۇ. بىر مۇسۇلماننى كاپىر دىگەن ئادەم ئۆزى كاپىر بولىدۇ دىگەن پەيغەمبىرىمىز، بۇگەپلەرنى قويۇپ ئەسلى گەپكە كىلەيلى،سىز ھازىرغىچە مەن سورىغان سوئاللارغا ئېنىق جاۋاپ بەرمەي نىگىزلىك مەسىلىلەردىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرۇپ يۇرۈۋاتىسىز، ئەسلىدە مۇنازىرە قىلىشنى بىلسىڭىز بۇنداق قىلماستىڭىز.سىزنىڭ ھەقىقەتنى بىلىش ۋەئەمەل قىلىش نىيىتىڭىز بولسا مەن مۇنازىرەمدە ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن دەلىل –ئىسپاتلارغا سەمىمىلىك بىلەن ئېنىق رەددىيە بەرگەن بولاتتىڭىز.ئەمما سىز ئۆزىڭىزنىڭ دىگەنلىرىگە قارشى كىلىدىغان ئايەتلەرنى قاتارىسىغا تىزىپ قويۇپ يەنىلا سەپسەتىلىرىڭىزنى بازارغا سېلىۋەرگەچكە مەنمۇ ئۇ سوئاللىرىمنى قايتا ئوتتۇرىغا قويۇشقا مەجبۇر بولدۇم.سىزيۈزىڭىز چۈشۈپ كىتىشتىن ئەنسىرىمەي ئاخىرەتتىكى ئازاپتىن قورقۇپ ھەقىقەتنى قوبۈل قىلىپ تەۋبە قىلىڭ. اللەتەئالانىڭ مۇنۇ ئايىتىنى ئوبدان تەپەككۇر قىلىپ ئوقۇپ چىقىڭ.<< (ئى مۇھەممەد) ئېيتقىنىكى ئەگەر سىلەر اللەنى سۆيسەڭلار ماڭا ئەگىشىڭلار،اللەمۇ سىلەرنى سۆيىدۇ ۋە گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ>> يەنە <<ئۇ (پەيغەمبەر ) ئۆز ھىسسياتىدىن سۆزلىمەيدۇ. (ئۇنىڭ سۆزلەۋاتقىنى) پەقەت ئۇنىڭغا قىلىنغان ۋەھيىدۇر >> يەنە شۇنداق دىگەن << كىمكى پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلسا ئۇ كىشى اللە غا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ>>ئەگەر سىزنىڭ نىيىتىڭىز ھەقىقەتنى تونۇش بولسا تۆۋەندىكى سوئاللارغا ئېنىق جاۋاپ بىرىڭ. 5 T!&r  
1.سىزنىڭچە ئۆلگەنلەرنىڭ كەينىدىن باشقىلارنىڭ دۇئا قىلىشى ئەھمىيەتسىز بولسا دىنىمىزدا جىنازا نامىزى نىمەئۈچۈن ئوقۇلىدۇ؟ جىنازا نامىزىدا نىمە ئۈچۈن ‹‹ئى اللە بىزنىڭ ھاياتلىرىمىزنى،ئۆلگەنلىرىمىزنى،قاتناشقانلىرىمىزنى ،قاتناشمىغانلىرىمىزنى ،كىچىكلىرىمىزنى ،چوڭلىرىمىزنى،ئەركەكلىرىمىزنى،ئاياللىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن››دەپ دۇئا قىلىشقا بۇيرىلىدۇ؟باشقىلار ئۇچۈن دۇئا قىلىشنىڭ پايدىسى بولمىسا ئۆلۈكلەرنى چامغۇر كۆمگەندەكلا كۆمۈۋەتسەكلا بولمىدىمۇ؟يەنە سىز ناماز ئوقۇغاندا تەشەھھۇدتا ئەتتەھىيياتۇنى ۋە ئىككى دۇرۇدنى ئوقۇمايدىغان ئوخشىمامسىز؟ئەگەر ئوقۇسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىتىقادىغا خىلاپلىق قىلغان بولىسىز!!!سىزقۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمىسىدىن باشقىنى بىلمەيدىغان ،ئوقۇسىڭىزمۇ تىرناق ئىچىدىكى سۆز بىلەن تېشىدىكى سۆزنىڭ پەرقىنى بىلەلمەيدىغان بولغاچقا ئاشۇنداق پەلىپەتىش گەپلەرنى قىلسىڭىز كىرەك؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز ئايال بولغاچقا جىنازا نامىزى دىگەن بىر نامازنىڭ بارلىقىنىمۇ ئاڭلاپ باقمىغان!چۈنكى بۇ نامازمۇ قۇرئان كەرىمدە يوق!!‹‹ شەك شۆبىسىزكى قۇر ئاندا بولغىنى ئەلبەتتە سەھى ھېدىستا بۇلىدۇ . دىمەك  قۇرئاندا بولمىغىنى سەھى ئەمەس ھېدىسلاردا بولغىنى بىلەن . ئەمما سەھى ھېدىسلاردا بولمايدۇ .››(بۇ سىزنىڭ گىپىڭىز)ئۇنداقتا جىنازا نامىزى ھەققىدىكى ھەدىسلەرمۇ يالغانمۇ؟ "AT&!t[J  
2.مەن ‹‹ئاددىسى سىز ئىت -ئىشەكنىڭ گۆشىنىمۇ يەۋىرىدىغان ئوخشىمامسىز قۇرئاندا يوقكەن دەپ؟ ››  دىسەم سىزنىڭ بۇنىڭغا بەرگەن جاۋابىڭىز ئادەمنىڭ كۈلكىسىنى قىستايدۇ،‹‹ قۇرئاندا يىمەيدىغان ھايۋانلار  بايان قىلىنمىغىنى بىلەن ، ئەمما  يەيدىغىنى بايان قىلىنغان . يەيدىغانلارنىڭ ئىچىدە سىز  تەۋسىيە قىلغانلار يوق شۇڭلاشقا مەن بۇلارنى يىمەيمەن . ››دەپسىز. كۈلۈپ كەتتىم سىز قايسى قۇرئاننى ئوقۇيدىغانسىز،سىزنىڭ كۆرگىنىڭىز ئىبلىسنىڭ قۇرئانى ئوخشىمامدۇ؟ اللە چۈشۈرگەن ،مەن ئوقۇۋاتقان قۇرئاندا دەل ئەكسىچەئىكەنغۇ،ئۇنىڭدا مۇنداق باركەن ‹‹ماڭا ۋەھيى قىلىنغان (قۇرئان)دا يەيدىغانلار ئۈچۈن ھارام قىلىنغان نەرسىنى تاپمايمەن،ئۇ پەقەت ئۆزى ئۆلۈپ قالغان نەرسەياكى قان ياكى چوشقا گۆشى،ياكى اللەنىڭ غەيرى تىلغا ئېلىنىپ بوغۇزلانغان نەرسە بولمىسىلا››. ھارام قىلىنغان نەرسىنى مۇشۇنداق بايان قىلسا سىزگە يەتمىدىمۇ ياكى مەن مۇشۇ ھەقتىكى ھەممە ئايەتنى بىر-بىرلەپ كەلتۈرەيمۇ؟ئەمدى سىزنىڭ ‹‹قۇرئانىڭىز›› دا ‹‹ئىت ،ئىشەكنىڭ گۆشى ھالال قىلىندى›› دەيدىغان ئايەت بولسا كۆرسىتىپ باقمامسىز؟ p])D)FsMB  
3.قۇرئان كەرىمدە تاھارەت ئالغاندا پۇتلىرىڭلارنى ئىككى ئوشۇققىچە يۇيۇڭلار دىيىلگەن.مەشھۇر ھەدىس ئارقىلىق ئۆتۈكنى تاھارەت بىلەن كەيگەن ئادەم پۇتىنى يۇماي مەسھ قىلسا بولىدۇ دىيىلگەن. سىزنىڭچە بۇھەدىسمۇ يالغان ھەدىسمۇ؟ 3wV86tH%  
4.قۇرئان كەرىمدە ھەممە مۇسۇلمانلارنى نامازئوقۇشقا بۇيرۇلغان.ھەدىستە ھەيزدار ئايالنىڭ ناماز ئوقۇمايدىغانلىقى دىيىلگەن. ئۇنداقتا بۇھەدىسمۇ يالغانمۇ؟سىزمۇ ھەيزدار ھالەتتىمۇ ناماز ئوقۇۋىرەمسىز؟ jIKBgsiF/  
5.قۇرئان كەرىمدە قان ۋە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان نەرسىلەرھارام قىلىنغان.ھەدىس ئارقىلىق بۇلارنىڭ ئىچىدىن جىگەربىلەن تال،ئۆزى ئۆلۈپ قالغان بېلىق بىلەن چىكەتكە ئايرىۋېلىنىپ ھالال دىيىلدى.ئۇنداقتا بۇھەدىسمۇ يالغانمۇ؟ سىزيۇقارقى نەرسىلەرنى جۈملىدىن جىگەر كاۋىپىنىمۇ ھارام دىمەكچىمۇ؟ 4#TnXxL  
بۇنداق مەسىلىلەر بەك جىق ،ئاخرى داۋاملىق يوللىنىدۇ.ھەممىنى يېزىپ بولغىچە سىز نۇرغۇن ئادەملەرنى ئازدۇرۇپ يۇرگىدەكسىز،يۇقارقى سوئاللارغا گەپ يورغىلاتماي ئېنىق جاۋاپ بىرىڭ. اللە ھەممەيلەننى ھىدايەت قىلسۇن.  يەنە بىرگەپ سىز مەندىن نەزرە يەمسىز-يىمەمسىز دەپ سوراپسىز.مەن بۇ سوئالغا ئاللىقاچان جاۋاپ بىرىپ بولغان.سىز ئاڭقىرالمىغان ئوخشايسىز.مەن نەزرە يىمىگىلى 20 يىل بولدى.يەنى ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدىلا.مەنمۇ سىزدىن بىر سوئال سوراپ باقاي.ئىسلام دۇنياسىدا سىز دىگەندەك گەپنى دەپباققان بىرەر مۆتىۋەر ئالىمنىڭ ئىسمىنى بىلەرسىزمۇ؟ ياكى بولمىسا بارلىق سەلەپ ھەم خەلەپ ئالىملىرىمىزنىڭ بىرسىمۇ سىز دىگەن< ھەقىقەتنى> بىلمەي ئازغۇنلۇقتا اللەغا يالغاننى توقۇپ ئۆمرى ئۆتۈپ كەتكەنمىدۇ؟ساھابىلار،تابىئىلار،ئىمام بۇخارى،ئىمام مالىك،ئىمام ئەھمەد كەبى داڭدار مۇھەددىسلىرىمىز ،ئىبنى تەيمىييە، ئىبنى قەييۇم قاتارلىق ئۆلىمالىرىمىزبىر ئۆمۈر اللەغا يالغاننى توقۇپ كىشىلەرنى ئالداپ مۇشرىكلىك ئىچىدە دەۋزەخقە تۇتۇرۇق بولغانمىدۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ قېنى ئادەملەردىن قورقماي پەقەت ۋەپەقەت بىر اللەدىنلا قورققان ھالدا بۇ سوئالغا جاۋاپ بىرىپ بېقىڭچۇ!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

oghuzhan 2010-08-19 16:36
مەن قاچتىم !

fatma 2010-08-19 20:32
ئەساللامۇ ئەليكوم باشقۇرغۇچىلار مۇشۇنداق يامان جىدەلنىڭ ئالدىنى ئالساڭلار .ئالانڭنە رەھمىتى بولسۇن !!!!

fatma 2010-08-19 20:35
ئەساللامۇ ئەليكوم باشقۇرغۇچىلار مۇشۇنداق يامان جىدەلنىڭ ئالدىنى ئالساڭلار .اللانىڭ رەھمىتى بولسۇن !!!!

ھۆر 2010-08-20 16:38
ئىشلىتىش
引用第5楼uygunux于2010-08-10 16:03发表的 : "63zc 1  
ھەي دورداشلار ! سىلەر نامانچە نادان ؟ دىمەك خاتا كەتكەن بولسا ، خاتا سۆزلەپ سالغان بولسام دەلىل بىلەن چۈشەنجە بىرەسىلەر دەپ ، ئۆزىڭلارنىڭ  ئېتقانلىرىغا ئۆزىڭلار ئۇنىڭ خاتا توغۇرسىغا ھۈكۈم چىقىرالماي تۇرغان يەردە  يەنى نىمە دەپ باشقىلارنىڭ  سۆزلىرگە ھۈكۈم چىقىرىسلەر ؟ چۈنكى مەن ئاللاھنىڭ بىلدۈرشى بىلەن  ئۆزۈمنىڭ ئېتقانلىرىمغا ئۆزۈم توغۇرا دەپ ھۈكۈم قىلالايمەن . دىمەك مەن ھەرقانداق ئىشقا  ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن قۇرئان ئارقىلىق ھۈكۈم قىلىمەن . ھەي شۇ پەيغەمبەرلەرمۇ شۇنداق قىلىدىغان تۇرسا ، مىنىڭ قۇرئاندىن چەتنەپ سۆز  قىلىدىغانغا  ھەددىممۇ ؟ ئەگەردە ئاللاھ نامىدىن يالغاننى سۆزلەيدىغان بولسا  ئاللاھ  شۇ پەيغەمبەرلەرنىمۇ ئاياپ قويمايدىغان تۇرسا ، ھەي تورداشلار ! ئاللاھ نامىدىن يالغاننى سۆزلەيدىغانغا مىنىڭ  كاللام ئونمىدى يەنى توقۇزى يالغاننى سۆزلەپ ئاللاھ تەرەپتىن نابۇت بۇلۇپ كەتسە بىرسى قالار دەيدىغانغا .مىنىڭمۇ كاللام بىرغۇ .دىمەك مەن ئۆزۈمنىڭ توغۇرا  دەۋاتقانلىقىمنى  بىلىپ تۇرۇپ سۆزلەيمەن . چۈنكى مەن قۇرئان كەرىمنى ئوبدانلا پىكىر قىلىپ ئۇقۇيدىغان ئادەم ، ئاللاھ نىڭ ئىلتىپاتى بىلەن شۇڭلاشقا مەن نىمىنىڭ ھەق- نىمىنىڭ باتىل ، نىمىنىڭ ئىمان - نىمىنىڭ كۇپۇر، نىمىنىڭ سەھى ھەدىس - نىمىنىڭ بىتئەت ئىكەنلىكىنى ، نىمىنىڭ ھالال - نىمىنىڭ ھارام ، نىمىنىڭ توغۇرا - نىمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئايرىيالغۇدەك بولدۇم . شۇڭا مەن بۇ ئىتىقاتىمدا  باشتىن ئاخىرى چېڭ تۇرۇپ كىلىۋاتىمەن . مەيلى ھەر قايسىڭلار  يازمىلىرىمغا قانداق باھا بەرسەڭلار  ئۇ ئۆزۈڭلارنىڭ ئىشى ماڭا  يالغۇز  ئاللاھلا  كۇپايەدۇر . ئەمدى ئۇنداق دىسەم  مىنى قۇرئانغىلا  ئېسلىۋېلىپ ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسلىرنى ئىنكار قىلدىڭىز دەپ مەن مۇشۇ تورغا كىرگەندىن باشلاپ مۇشۇ  بۆھتاندىن خالىي بولغۇنۇم يوق . تورداشلارغا چۈشەنجە بىرىپ مىنىڭ مۇشۇ  توغۇرادىمۇ نۇرغۇن ئىنكاسلىرىم يىزىلىپ كەتتى . ھەي تورداشلار  نىمىشقىمۇ  شۇلاردىن بىرەسىنى بىرەرقېتىم بولسىمۇ  پىكىر قىلىپ كۆرۈپ  باقمايدىغانسىلەر ؟ بىر نەرسە دىسەڭلار  شۇ بۇلىدۇ . بۇلىدۇ . دىيىشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان ، قۇرئان كەرىمدىن ئادەمنى قايىل قىلارلىق بىرەر دەلىل كۆرسىتىپ بىرەلمەيدىغان نىمەڭلەرگە كىمىڭلارنى قايىل قىلغۇدەكسىلەر ؟ ھەي شۇ پەيغەمبەرلەرمۇ ئاللاھنىڭ قانۇن پىرىنسىپلىردىن ھالقىپ سۆز قىلمايدىغان تۇرسا ، سىلەر چەتنەيدىغانغا  نىمىيتتىڭلار ؟ ۋاي سىلەرنىڭ ھالىڭلارغا ۋاي . ھەي تورداشلار مەن باكار قېلىپ سۆزلەۋاتمايمەن ، مەن بۇنىڭدىن باشقىمۇ تور بەتلىرگە كىرىمەن ، ئۆزۈم بىر ياشنىپ قالغان (يەنى   يېشىم  ئەللىكتىن ئاشقان ئاھىيلەمدە دەم  ئېلىشقا چىقىرىلغان بىر ئايال )مىنىڭمۇ دەم ئالغۇم كلەلمەمدۇ ؟ دىمەك مەنمۇ ئاللاھدىن قۇرقۇپ ، ئاللاھنىڭ رىزالىقىنى كۆزلەپ ، ھەرقانچە جاپا تارتساممۇ  بەزى كىچىلىرى ئوخلىماي تىما ئىنكاسلارنى قۇرئاننى دەلىللەپ تۇرۇپ ئۆزۈم بىر ۋاستە يەتكۈزۈۋاتىمەن ، سىلەرمۇ سۆزلىگەندە شۇنداق قۇرئاندىن دەلىللەپ تۇرۇپ سۆزلەڭلار ، بولمىسا ھەقتىن باشقىسى بىكار . ئۇنداق قۇرۇق گەپلەرگە ئاللاھدىن ساۋاپتۈگۈل جازاغا ئۇچۇراپ كىتىسلەر . ئاللاھ ساۋاپ دىگەننى ئۇنداق ئاسان بەرمەيدۇ .   تورداش سايرام سىز مىنى مەيلى قانداق چۈشۈنۈپ قالسىڭىز  قېلىيۋېرىڭ ئۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى. ئەمما  تورنى باشقۇرغۇچىلارغا  سىز رىۋايەت كۆرسەتمىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ . چۈنكى ئىشلار ھەرگىز  ئىنسان خاھىشىغا باقمايدۇ ، بەلكى ئاللاھ نىڭ خاھىشىغا باقىدۇ . دىمەك ئاللاھدىن  ئىزنىسىز بىر قىل مىڭ يىل تۇرسىما تەۋرىمەيدىغان تۇرسا  . يەنى نىمە دەپ ئىشلار ئىنسان خاھىشىغا باققۇدەك ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنسانغا باتىل سۆزلەرنى  شەيتان سۆزلەتكىنى بىلەن ، ھەق سۆزلەرنى ئاللاھ سۆزلىتىدۇ . دىمەك ھەقنىڭ ئىگىسى ئاللاھدۇر . شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ھەقتىن باشقىنى سۆزلىمەيمەن . سىز مەيلى ئىشىنىڭ  مەيلى ئىشەنمەڭ بىلەلىگەنلا بولسىڭىز مۇشۇ  سۆزلىرىممۇ ھەق باراسىدىلا يېزىلدى . (يەنى دەلىللىگىلى تۇرغان بولسام ئاللاھ نىڭ نۇرغۇن ھەق سۆزلىرى بىلەن دەلىللەپ بىرەلەيتتىم ) ئەمما  ئۈنىمى بولمايدىغاندەكلا قىلىدۇ . شۇڭا ئايەتلەرنى دەلىللەپ بولغۇچە يېزىيلاۋەردىم .  مەنمۇ  ئىلگىرى شۇنداق بىتئت ئىشلارنى قىلغان.  دىمەك خاتالىشىپ بولغان ، ئاللاھ خالىسا  ئەمدى خاتالاشمايمەن . چۈنكى مۆمۈنلەر  بىلمەسلىكتىن بىررەر خاتالىق ئۆتكۇزۇپ سالسا  دەرھال  خاتالىقىنى تۇنۇپ ، قايتا شۇ خاتالىقنى سادىر قىلمايدۇ . شۇنداق قىلغاندا ئاندىن  ئاللاھ خالىسا ئۇلارنىڭ ئىلگىركى خاتالىقلىرنى مەغپىرەت قىلىدۇ . دىمەك ئىنسان شۇنداق بىتئەت ئىشلاردىن  قول ئۈزۈپ ، يالغۇز بىر ئاللاھ غىلا يۈزلەنگەندىلا  ئاندىن ئاللاھ ئۇ ئىنساننى ئۆزىنىڭ توغۇرا يۇلىغا ئۆزى يىتەكلەيدۇ . ئاخىردا  سىزگە  تەۋسىيە قىلىدىغىنىم  قۇرئاننى ئوبدانراق پىكىر قىلىپ ئۇقۇڭ  شۇنداق قىلاللىسىڭىز  ئاندىن سىزمۇ  ھەر ئىشنىڭ خاتا توغۇرسىنى ئايرىيالايدىغان بۇلىسىز . دىمەك  ھەرقانداق ئىشقا  ئالدىراپ ھۈكۈم چىقارمايدىغان ، دىمەك نىمىنىڭ بىتئەت - نىمىنىڭ سەھى  ھېدىس ئىكەنلىكىنى ئايرىيالايدىغان بۇلىسىز . مەن ھەدىسنى ئىنكار قىلمايمەن شۇنداق ئايرىپ سەھى ھەدىسلەرنى قۇبۇل قىلىمەن . *`QdkVER  
>M8^ Jgh  
گەقىماڭە!!!!! بى گەقىماڭە!!!

sayram0998 2010-08-20 21:00
ئەساللامۇ ئەليكوم باشقۇرغۇچىلار مۇشۇنداق يامان جىدەلنىڭ ئالدىنى ئالساڭلار .اللانىڭ رەھمىتى بولسۇن !!!! h Vt+%tmNy  
|=h)efo}  
بۇ جىدەل ئەمەس بەلكى مۇنازىرە، سىز نىمە ئۈچۈن ئۆزىڭىزنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ھەقىقەتنى ياقلىمايسىز؟ R>YMGUH~w  
ھەر بىر ئىنكاس يازغۇچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئويلىغىنىنى ئېنىق يېزىپ قويۇشىنى سورايمەن. بۇ دىگەن مۇنبەرغۇ؟ نىمە ئەنسىرەش ؟

fatma 2010-08-22 03:12
ئىشلىتىش
引用第16楼sayram0998于2010-08-20 21:00发表的 : ]O(HZD%  
ئەساللامۇ ئەليكوم باشقۇرغۇچىلار مۇشۇنداق يامان جىدەلنىڭ ئالدىنى ئالساڭلار .اللانىڭ رەھمىتى بولسۇن !!!! r-"`Abev  
4hr+GO@o(  
بۇ جىدەل ئەمەس بەلكى مۇنازىرە، سىز نىمە ئۈچۈن ئۆزىڭىزنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ھەقىقەتنى ياقلىمايسىز؟ *l8vCa9Y  
ھەر بىر ئىنكاس يازغۇچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئويلىغىنىنى ئېنىق يېزىپ قويۇشىنى سورايمەن. بۇ دىگەن مۇنبەرغۇ؟ نىمە ئەنسىرەش ؟ 3&d +U)E  
x=r6vOj  
كەچۇرۇڭ قېرىندىشىم...مىنىڭ ئەسلىدە شۇنداق قىلغۇم بار ئدى.بىراق ..بۇنىڭ ئۇپ-ئۇچۇق ئغۋاگەرچىلىك ئكەنلىكىنى، يەنە بۇ قېرىنداشقا ئسپات-پاكىت كار قىلمايدىغانلىقىنى ،يەنە بىرسىگە بىلىمىم چەكلىك بولغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپتىمەن ،ئەمدى دىققەت قىلاي.

arkan1221 2010-08-22 11:08
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ! ئويغۇنۇش ھەدە  ،قۇرئاندا سالام قىلىش توغرۇلۇق گەپ بولغاندىن كىيىن .ئەمسە سىز نىمىشقا سالام قىلمايسىز ؟ .4)P=*  
ئەمزە ئاكىمىزنىڭ گەپلىرى ئېىغىر كىلىپ سالام قىلمىدىڭزمۇيا ؟  قۇرئاندا بىراۋدىن رەنجىسە سالام قىلماڭ دەپ بارمۇ يا ؟

halit 2010-08-22 11:53
ئاللا قۇرئان كەرىمدە ،   [ ئىنسان ھەقىقەتەن ئاجىز يارتىلدى]،     دىگەن قېرىنداشلار،  ئەڭ ياخىسى تالاشماي قۇرئان كەرىم ئايەت ھەدىسكە  قايتايلى ،  ئاللا ھەممىمىزنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغاي،ئامىن.............

ilim-izdap 2010-08-22 14:26
ئەسسىلامۇ  ئەلەيكۇم    ئى قىرىندىشىم ئوغۇزخان قىرىندىشىمنىڭ پىكىرىنى قۇللايمەن  شۇڭا بۇ يەرگە  دىننىڭ ئختىلاپىنى ئەمەس ھەققىتى ۋە تەۋھىدنى چۇشەندۇرۇڭلار   بۇبىكەتلەردە  سىلەرقىلۋاتقان ئىختىلاپلارنى نۇرغۇنىمىز  چۇشەنمەيدۇ  شۇڭا ھەرگەپنىڭ  قىلدىغان جايى بار ياخشىسى ئايرىم پىكىرلىشىڭلار    ئەڭ توغرىسىنى بىلگۇچى ئاللاھ

sayram0998 2010-08-22 20:51
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھەي قېرىنداشلار مىنىڭمۇ بۇنداق مۇنازىرىنى بۇنداق ئوچۇق ئاشكارا ھالدا مۇنبەردە قىلغۇم يوق ئىدى. بۇنى مەن نەچچە قېتىم دىدىم. لىكىن ئويغۇنۇش ئاشۇنداق ھىچقانداق يەردە بازار تاپالمىغان سەپسەتىلىرىنى بۇ مۇنبەردە ئاشكارا تەشۋىق قىلىۋەرسە،باشقۇرغۇچىلار تەستىقلاۋەرسە  مەنمۇ ئوچۇق رەددىيە بەرمەي يوشۇرۇن مۇنازىرلەشسەم ئىسلام ئەقىدىلىرىنى چۈشەنمەيدىغانلار ئۇنىڭكىنى توغرا ئوخشايدۇ دەپ قالمامدۇ؟ ھېلىغىچە ئۇ مىنىڭ قويغان پاكىتلىرىمغا ئېنىق ،ئىلمى رەددىيە بىرەلمەي يەنىلا تەرسالىق بىلەن ئۆزىنىڭ يايمىسىنى ئېچىۋاتمامدۇ؟ بۇنداق ئادەمگە نىمە ئامال؟

fatma 2010-08-23 18:39
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم «ئويغۇنۇش»ھەدە سىز ئەڭ ياخىشىسى قۇرئان بىلەن ھەدىسنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخىشىراق ئوگۇنۇپ ئاندىن بۇ يەردە ئۇچۇق مۇنازىرە قىلىڭ .ھازىر سىز ئوز پىكرىڭىزنى خالىغانچە يۇرغۇلۇتۇپ ئوزىڭىزنىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىنى بىلمىگۇدەك ھالەتكە كىلىپ قالدىڭىز....ماڭا ئىنكاس يازمىسىڭىزمۇ بولدۇ .

yawayi 2010-08-23 19:31
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! ئويغۇنۇش . سىز جاھىلكەنسىز ! يەنە بىلىملىكلەرنى ،دىننى مۇپەسسەل ئوقۇغانلارنى  ھۆرمەتلىمەيدىكەنسىز ! @Oay$gP{T  
ئەڭ ياخشىسى سىز ئىسلامىي بىلىملىرىڭىزنى تولۇقلاپ ئاندىن تورغا تېما  يوللىسىڭىز !

pakliq 2010-08-27 03:25
قىرنداشلاريوللۇق  مۇنازىرلىشۋاتقان   مۇنداق  مەدىنى  سۇرۇندا سۇزلەرنىڭ ئىشلىتىلىش  ئورنىغا  دىققەت قىلايلى  ! توغرىسنى تىپىپ چىقايلى  ! ياتلارغا ئويۇن بولمىسۇن.اللا ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى ،كۇرۇپ تۇرغۇچى،ھىكمەتبىلەن ئىش قىلغۇچې زات ھەممىنى بىلگۇچىدۇر.(ئاشۇ ھەممىنى بىلىگۇچى زات تەرپىدىن بىزلەرگە ئىبەرتىلگەن پەيغەمبىرمىز بولسا بالا  ۋاختىدلا  قەلبىدىكى  شەيتان جىبرېىل ئە لەيھىسالام تەرپىدىن ئىلۋىتىلگەن.پەيغەمبىرىمىز  مەكتەپتە ئوقۇغانمۇ ئەمەس .پەيغەمبىرمىز  سۇز قىلسا  ئۇز رايى بىلەن  سۇزلىمەيتى اللانىڭ  ئىلھا مى بىلەن سۇزلەيتى)<پايغەمبىرمىزدىن   كىيىن   ھىچ بىر  كىشىگە اللاتالامۇنداق الاھىدە ئىمتىيازنى بەرگەن ئەمەس> شۇنداق ئىكەن ھەر كىمنىڭ ئۇز رايى بۇيىچە  قۇرئان  بىلەن ھەدىسنى بىرـ بىرىدىن ئۇنداق ياكى مۇنداق سەۋەپلەر بىلەن ئايرىۋىتىشكە ئۇرۇنمىغىنى تۇزۇك.!خاتالاشقۇچلار   جامىئەسىدىن ئەمەس. توغرا  يولدا ماڭغۇچىلار قاتارىدا  قىلغايلا ئى اللا،  امىن.

pakliq 2010-08-27 13:32
ئويغينيش خانىم  سىز ئۇ پەيغەمبەرلەر دەپسىز  .سىز ئاخىر زامان  پەغەمبىرى  زامانىسدا ياشاۋاتسز  .يەنى مۇھەممەت سەللەلاھىەلەيھىۋەسەللەم زامانىسدا يەنى مۇسۇلمانلار بىلەن مۇنازىرە  قىلۋاتىسىز!ناۋدا توغرا تاپسىڭىز سىزنىڭ بىزلەرنىڭ تۇپقا قىتىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

fatih204 2010-08-29 19:33
سايرام   ئاۋارە بولماڭ     b=l }|)a  
          ئەگەر ئويغۇنۇش ئوزى سوزلىگەندەك قورئانغا ئەگىشىمەن دىسە ،ئونداقتا قورئان بىزنى رەسۇسولىغا ئەگىشىش چاقىرىدو "MN'%"/  
     ئەگەر ھەققە قايىل بولىدىغان كىشى بولسا  باشقا تورداشلار قايىل قىلالىغان بولاتتى [: j_Y3-9  
          تەكەببۇر كىشى ھەقنى قوبول قىلمايدۇ     بۇگۇن مەن ئەسلى ئوزبىك ئولىما ئابدۇۋەلى مىرزىنىڭ < سۇننەت ۋە ئۇنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى> دىگەن نوتقىنى ئەۋەتىشنى ئويلىغان    لىكىن تورغا چىقسام سىز بىرمونچە دەلىللەرنى كەلتۇرۇپسىز ،   لىكىن   بۇ يېرىم چىلەك سۇ  يەنە چولتۇقشىپ  يۇرۇپتۇ   ،شۇڭا بولدىلا دەپ ئەۋەتمىىدىم      ئابدۇۋەلى مىرزا ئاكىنىڭ 20يىل ئىلگىرى قالدۇرغان نۇتۇقلىرى بىلەن  ئوزبىكلەر ئەمەس ھەتتا نۇرغۇن ئويغۇر ياشلار قەلبىدىن تورىن ئالغان كىشى   ،بۇ زاتنىڭ 20يىل ئىلگىركى ئىدىيەلىرى ھېلى ھەم ئەىلىمىزنى لال قىلىپ تۇرۇپتۇ L+CSF ]  
     لىكىن ھەقتىن باش تارتقانلارغا بۇكىشى ئەمەس پەيغەمبەرنىڭ سوزىمۇ كار قىلمايدۇ   ،  شوڭا بولدى ئوفرىماڭ gk` .8o  
     ئەگەر مەن ھەققە باش ئىگىمەن دىسە ئابدۇۋەلى مىرزىنىڭ < سۇننەت ۋە ئۇنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى> دىگەن نوتقىنى تېپىپ ئاڭلىسۇن    قولىنى يۇرىكىگە قويۇپ ئوزىگە سۇئال قىلسۇن   ، بولمىسا ئوز گۇناھى ئوزىگە


查看完整版本: [-- <<ئىسلام بىدئەت ئىتىقاتلاردىن مۇستەسنا >>غا رەددىيە --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.062459 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us