ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار،ئويغۇنۇش يازغان يۇقارقى تىمىدىكى ماقالىنى كۆرۈپ ئاپتورنىڭ ئىنتايىن ئالدىراقسانلىق بىلەن زىل مەسىلىلەردە كۆرەڭلىك بىلەن ھۆكۈم قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم، توغرىسى بەكمۇ ئېچىندىم.شۇڭا دەرھال ئۆزەمنى تىزىملىتىپ بۇ پىتنە پاساتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئالدىراشچىلىق ئىچىدە بۇ يازمىنى تەييارلىدىم.خاتا كەتكەن يەرلىرى بولسا قېرىنداشلارنىڭ يوللۇق ئىسپاتلار بىلەن تۈزىتىش بىرىشىنى سورايمەن .ئاپتور ماقالىسىنىڭ بېشىدىلا ئىنتايىن داغدۇغىلىق بىلەن ئەيمەنمەستىن ھۇجۇم باشلاپ‹‹ئىسلامدا يوق نەرسىلەرنى (يەنى ئۈلۈكلەرگە دۇئا قىلىش ۋە ئۇندىن باشقائارقىسىدىن نەزرە نۇزىرات بىرىش ، قەۋرە زىيارىتى )قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى (يەنى ئىسلام شە رىئىتىدە بايان قىلىنمىغان ، ئەمما بۇتدا دىنىدىن قېپ قالغان ، بىتئەت ئىتىقاتلارنى ) ئىنسانلار ئۆز نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگىشىپ قۇبۇل قىلىۋاتىدۇ›› دىيىش ئارقىلىق توغرا –خاتانى ئارلاشتۇرۇۋەتكەن. بۇنىڭغا دەلىل سۈپىتىدە ‹‹شۇڭا بىزنىڭ ئىبىرەت ئېلىشىمىز ئۈچۈن قەۋرىلەرگە سەپەر قىلىشىمىزنىڭ زۆرىريىتى يوق . ئەگەردە بۇنىڭ زۆرىريىتى بولغان بولسىيتتى ئاللاھمۇقۇرئان كەرىمدە بۇلارنى زىكىر قىلغان بۇلاتتى . شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ نىڭ ئالچىلىرىمۇ ئۈممەتلىرنى بۇنىڭغا ئۈندىگەن بۇلاتتى›› دىگەن، ھالبۇكى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ‹‹مەن قەۋرىلەرنى زىيارەت قىلىشتىن توسقان ئىدىم،ئەمدى زىيارەت قىلىڭلار››دىگەن سەھىھ ھەدىسىنى ھەم ئۆزىنىڭمۇ قەۋرىلەرنى زىيارەت قىلغانلىقى ھەققىدىكى سەھىھ ھەدىسىنى كۆرمەسكە سېلىۋالغان، سىزنىڭچە پەيغەمبەرلەر ئۈممەتلىرىنى قانداق ئۈندىگەن بولسا ئاندىن ئۈندىگەن بولاتتى.ياكى قەۋرىلەرنى ئاچقۇزۇپ زىيارەت قىلغان بولسا بولامتى؟؟؟ ئەسلىدە سىزنىڭ ھەدىسلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەيىڭىزدە مەسىلەبار، چۈنكى سىز ئۈممەتنىڭ سەرخىل ئىشەنچلىك ئۆلىمالىرى پۈتۈن ئۆمرىنى سەرپ قىلىپ تەتقىق قىلىپ سەھىھ دەپ باھالىغان ھەدىسلىرىنىمۇ قۇرئاندا يوقكەن دىگەن باھانە بىلەن رەت قىلىپ سۈننەتنىڭ ئىسلامدىكى ئورنىنى يوقۇتۇشنى پىلانلاۋاتقان غەرپلىكلەرنىڭ ئىدىيەلىرىنى ئىمپورت قىلىۋاپسىز.بۇ-كاپىرلارنىڭ قەدىمدىن قالغان سۈيقەستلىك ھىلە-نەيرەڭلىرى.سىز ئەسلىدە ئىسلام بىلىملىرىدىن ئانچە ساۋاتى يوق پەقەت شۇ قۇرئان كەرىمىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ھەم بەزىبىر ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان ھەدىسلەرنى كۆرۈۋېلىپلا موللا خېنىم بولۇۋالغان ئوخشايسىز. سىز بەلكىم ھەدىسلەرنىڭ قانداق تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتىدىغانلىقىنى ،ھەدىس ئالىملىرىنىڭ بىر ھەدىسنى باھالاش ئۈچۈن قانداق خىزمەتلەرنى ئىشلەپ قانداق جاپالارنى تارتقانلىقىنى بىلمەيسىز،چۈنكى بۇ توغرىدىكى كىتاپلار تېخى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنمىدى.خوش ئەمدى سەپسەتىلىرىڭىزگە رەددىيە بىرەي. اللە تەئەلا قۇرئان كەرىمنىڭ بىرنەچچە يېرىدە ئۆزىنىڭ كىتاپ ۋە ھىكمەت چۈشۈرگەنلىكىنى مىننەت قىلىپ تىلغا ئالغان،كىتاپ سۆزى قۇرئان كەرىمنى كۆرسەتسە ھىكمەت سۆزى دەل سۈننەتنى كۆرسىتىدۇ.يەنە اللە تەئەلا ‹‹بىرەر نەرسىدە ئىختىلاپ قىلىشساڭلار ئۇنى اللە ۋە پەيغەمبەرگە قايتۇرۇڭلار›› دىيىش ئارقىلىق سۈننەتنىڭ ئىسلامدىكى ئورنىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بەردى.بۇ توغرىدىكى ئايەتلەر بەكمۇ كۆپ .دىمەك بۇ ئىككسى ھەدىستە دىيىلگەندەك قىيامەتكىچە ئايرىلمايدىغان بىر جۈپلەر.پەيغەمبىرىمىزمۇ بۇنى چۈشەندۈرۈپ ‹‹بىلىڭلاركى مەن كىتاپنى(قۇرئاننى) ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش بىرنەرسىنى(ھەدىسنى)بىرىلدىم.مۇشۇ ئىككىسىگە ئېسىلساڭلار ھەرگىزمۇ ئازمايسىلەر››دىگەن. بۇ ھەدىستىكى ئوخشاش بىر نەرسە بىرىلدىم دىيىلگىنىدىن شۇ ئېنىقكى ھەدىس ھەرگىزمۇ قۇرئانغا زىت كەلمەيدۇئەگەرشۇھەدىسنىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكى ئىسپاتلانسىلا.چۈنكى ئوخشاش ئىككى نەرسە بىر يەردىن چىقىدۇھەم ھەر ئىككىسى ھەقىقەتنى سۆزلەيدۇ. ھەقىقەت بولغان ئىكەن ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش لازىم بولىدۇ. زىتلىق پەقەت بىزنىڭ ئايەت ياكى ھەدىسنى توغرا چۈشىنەلمىگەنلىكىمىزدىن كىلىپ چىقىدۇ. يەنە پەيغەمبىرىمىز ‹‹يېقىندا بەزىبىر ئادەملەر مەيدانغا كىلىدۇ،ئۇلار ساپالىرىغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ (ھاكاۋۇرلۇق بىلەن ئۆزىنى يامان بىلىملىك كۆرسىتىپ) مۇشۇ قۇرئاندا بارنى تۇتۇڭلار،باشقىسىنى تاشلاڭلا دەيدۇ ›› دىيىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ خەتەرلىك ئازغۇن ئادەملەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. سىزنىڭ پىكرىڭىزچە بولغاندا ئىشەك گۆشى،قاغا-قۇزغۇن،بۆرە،يولۋاس،تۈلكىگە ئوخشاش يىرتقۇچ ھايۋانلار ھالال بولىدۇ، چۈنكى قۇرئاندا ھارام ھايۋانلارنىڭ قاتارىدا ئىشەك گۆشى ۋە يۇقارقىلار سانالمىدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرئاندا ھارام قىلىنغان يىمەكلىكلەرنى سانىغاندا پەقەت مۇشۇلارلا ھارام قىلىندى دىگەن مەزمۇننى ئۇقتۇرىدىغان ئىبارىلەر ئىشلىتىلگەن. ھالبۇكى يۇقارقى نەرسىلەر سەھىھ ھەدىسلەر ئارقىلىق ھارام قىلىنغان،يەنە ھەدىس ئارقىلىق جىگەر،تال ھالال قىلىندى،ھالبۇكى قۇرئاندا قان ھارام قىلىنغان.ھەدىس ئارقىلىق بېلىق،چىكەتكە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان بولسىمۇ ھالال قىلىندى.لىكىن قۇرئاندا ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان ھارام قىلىنغان .يەنە بىر قىز بىلەن ئۇنىڭ ھاممىسىنى بىللە نىكاھىغا ئېلىش، ئىمىلدەشلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن بىكاھلىنىشى J p+'"a
wWiYxBeN
سۈننەت ئارقىلىق ھارام قىلىندى.ھالبۇكى اللە تەئەلا قۇرئان كەرىمدە نىكاھىغا ئېلىش ھارام قىلىنغان ئاياللارنى ساناپ بولۇپ ‹‹بۇلاردىن باشقىسى سىلەرگە ھالال قىلىندى›› دىگەن ،ئەرلەرگە ئالتۇن زىبۇ-زىننەت ،يىپەك كىيىم ھارام قىلىندى.بۇمۇ قۇرئان كەرىمدە دىيىلمىگەن .سىزنىڭچە بولغاندا يۇقارقى سەھىھ ھەدىسلەرنى رىۋايەت قىلغان، قوبۇل قىلغان ھەم شۇ ھەدىس بويىچە يۇقارقى نەرسىلەرنى ھارام دىگەن ساھابىلەردىن تارتىپ ئىمام بۇخارى ،ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل،ئىمام مالىك قاتارلىق مۇھەددىسلەرگىچە ھەممىسى كاپىر بولۇپ كەتكەن بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار اللە ھالال دىگەن نەرسىلەرنى ھارام دىدى،ھارام دىگەن نەرسىلەرنى ھالال دىدى ئەمەسمۇ؟ ئاندىن ئۇلار رىۋايەت قىلىپ بىزگە يېزىپ قالدۇرۇپ كەتكەن ھەدىسلەرنىڭ ھىچقايسىىسىغا ئىشەنگىلى بولمايدۇ.چۈنكى ئۇلار دىگەن كاپىر ئەمەسمۇ؟!كاپىرلارنىڭ رىۋايەت قىلغان ھەدىسلىرىگە قانداقمۇ ئىشەنگىلى بولسۇن؟بۇنداق بولغاندا ھەدىس ئارقىلىق ھۆكۈم چىقىرىشنىڭ ھىچقانداق ئامالى قالمايدۇ.شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۈممەتنىڭ بارلىق تارىخى پۈتۈنلەي يالغانچىلارنىڭ قولى ھەم تىلى ئارقىلىق مەيدانغا كەلگەن بولىدۇ.شۇنىڭ بىلەن دۇنيادا بۇ ئۈممەت اللە تەئالا ماختىغاندەك ئەڭ ياخشى ئۈممەت بولماي بەلكى دۇنيا بويىچە ئەڭ زور ئالدامچى،يالغانچىلارغا ئايلىنىدۇ.مانا بۇ سەھىھ ھەدىستىنمۇ گۇمانلىنىدىغان ئاتالمىش ئىلغارلىقنىڭ نەتىجىسى.شۇڭا ھەدىس سەھىھ بولسىلا بۇ شۇھەدىسنىڭ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئاغزىدىن چىققانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئاغزىدىن چىققان ئىكەن ئۇ ھەدىس ھەرگىزمۇ قۇرئانغا زىت كەلمەيدۇ. بەلكى ئۇ ھەدىس قۇرئان كەرىمنىڭ بىزلەر بىلەلمىگەن ،ئەقلىمىز يەتمىگەن يەرلىرىنى چۈشەندۈرگەنلىكى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.مۇشۇنداق مەسىلىدە بىز ھەرگىزمۇ سەھىھ ھەدىسنى رەت قىلىۋەتمەي ھەرئىككىسىنى تەڭ تۇتۇپ مېڭىشىمىز لازىم.مەسىلەن:قۇرئاندا ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان ھارام دىيىلدى،سەھىھ ھەدىستە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان بېلىق،چىكەتكە ھالال دىيىلدى.دىمەك قۇرئاندىكى ‹ ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان› دىگىنى بېلىق بىلەن چىكەتكىدىن باشقا ھايۋان ئىكەنلىكىنى ھەدىس بىزگە تەپسىرلەپ بەرگەن بولىدۇ.يۇقۇردىكى ئاتالمىش قۇرئانغا زىت كەلگەن سەھىھ ھەدىسلەر دەل مۇشۇ تۈرگە كىرىدۇ. پەيغەمبىرىمىز ئەينى چاغدا مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى يەمەنگە قازى قىلىپ ئەۋەتكەن چاغدا ئۇنىڭدىن نىمە بىلەن ھۆكۈم چىقىرىسەن؟دەپ سورىغان.مۇئاز اللەنىڭ كىتاۋى بىلەن ھۆكۈم قىلىمەن دىگەن. پەيغەمبىرىمىز ئەگەر ( اللەنىڭ كىتاۋىدىن) تاپالمىساڭچۇ؟ دىگەندە رەسۇلۇللانىڭ سۈننىتى بىلەن ھۆكۈم قىلىمەن.دىگەن. (ئۇنىڭدىمۇ) تاپالمىساڭچۇ؟ دىگەندە ئەقلىمنى ئىشلىتىمەن دىگەن. شۇچاغدا پەيغەمبىرىمىزنىڭ اللەنىڭ كىتاۋىدا بولمىسا قانداق قىلىسەن دىمەي تاپالمىساڭچۇ دىگەنلىكى اللەنىڭ كىتاۋىنى چۈشىنىشتە ئادەملەرنىڭ پەرقلىق بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.شۇڭا پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسلىرى قۇرئان كەرىمنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك تەپسىرى بولىدۇكى ھەرگىزمۇ ئۇنى قۇرئانغا خىلاپكەن دەپ رەت قىلىشقا بولمايدۇ.يۇقارقىسى بۇنىڭ بىر مىسالى.ئەمدى تىمىغا قايتىپ كەلسەك ئۆلۈكلەرگە نەزرە قىلىشنىڭ بىدئەت ئىكەنلىكى بەكمۇ ئېنىق مەسىلە.چۈنكى نەزرەقىلىش پەيغەمبىرىمىز ۋەساھابىلەرنىڭ دەۋرىدە قەتئى بولمىغان ئىش.گەرچە ئۇدەۋردە جەڭگى جىدەل،ئۆلۈم يىتىم كۆپ يۈز بەرگەن بولسىمۇ.بۇ بىدئەت بىز ئۇيغۇرلارغا بۇددا دەۋرىدىن قېلىپ ھازىرغىچە تۈزەلمەي كىلىۋاتقان بىر ئىللەت ، ئەمما ئۆلۈكلەرئۈچۈن دۇئا قىلىش ،ئۇلارنىڭ قەۋرىلىرىنى زىيارەت قىلىشنىڭ ئاساسى بار ئىشلار بولۇپ بۇنى دىنى سەۋىيىسى بار توغرا ئەقىدىلىك ئادەم بولسا ئىنكار قىلغان ئەمەس. چۈنكى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئوھۇد شەھىدلىرى ئۇچۈن ئالايىتەن دۇئاقىلغانلىقى ،ئۇلارنىڭ قەۋرىسىنى يوقلىغانلىقى ھەتتا اللە ئىستىغپار ئېيتىشقا رۇخسەت قىلمىغان ئانىسىنىڭ قەۋرىسىنىمۇ يوقلاپ كۆزىدىن ياش ئاققۇزغانلىقى،ھەبەشىستان پادىشاسى نەجاشىنىڭ جىنازا نامىزىنى مەدىنىدە ئوقۇغانلىقى سەھىھ ھەدىسلەر ئارقىلىق ئىسپاتلانغان.قۇرئان كەرىمدە مۇئمىنلارنىڭ مۇنداق دەپ دۇئا قىلىدىغانلىقى زىكىر قىلىنغان ‹ رەببىمىز،بىزنى كەچۈرگىن ۋە بىزدىن بۇرۇن ئىمان ئېيتقان قېرىنداشلىرىمىزنى كەچۈرگىن ›› ،يەنە ھەر بىر مۇسۇلمان كۈندە 5 ۋاق ئوقۇيدىغان نامىزىنىڭ ئاخىرىدىكى تەشەھھۇدتا ‹سالام ساڭا ئى پەيغەمبەر،اللەنىڭ رەھمىتى ۋە بەرەكەتلىرى بولسۇن،بىزگىمۇ اللەنىڭ سالامى بولسۇن ۋە اللەنىڭ ياخشى بەندىلىرىگە بولسۇن›دەيمىز.يەنە‹ ئى اللە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋەئۇنىڭ ئائىلىسىگە خۇددى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە رەھمەت قىلغاندەك رەھمەت قىلغىن›دەيمىزغۇ،ھالبۇكى مەزكۇر ئادەملەر ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتكەنلەردۇر. ئەڭ ئاددىسى ئۆلۈكلەر ئۈچۈن دۇئاقىلىپ ئۇلارنىڭ گۇناھىنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشىنى تىلەشنى بىدئەت دەۋالغانلار جىنازا نامىزىنى ئوقۇمامدىغاندۇ؟ جىنازا نامىزى دىگەن دەل شۇ ئۆلگەن ئادەمنىڭ مەغپىرىتىنى تىلەپ ئوقۇيدىغان دۇئا ئەمەسمۇ؟ئەسلىدە ئۇلارنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمەيدىغىنى بىراۋنىڭ گۇناھىنى يەنە بىراۋ تىلەپ قويسا پايدىسى بولامدۇ؟دىگەندەك شەيتانى پەلسەپىلەر. بۇ خۇددى رەھمان بەرسە شەيتان قىزغانغاندەك ئىش. ئاخىرىدا دەيدىغىنىم:دىنى مەسىلىلەر ئوينىشىدىغان ئىش ئەمەس.بۇنىڭ ئىنتايىن زور مەسئۇلىيىتى بار.(يۇقۇرىدىكى ھەدىستە دىيىلگەندەك )ساپاغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇۋېلىپ قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئاندا-مۇندا كۆرۈپ قويۇپ بىدئەت ھەققىدە ئاغزىدىن كۆپۈك چىقىرىپ سۆزلەپ ھەق ناھەقنى ئاستىن ئۈستۈن قىلىۋىتىشنىڭ ئاقىۋىتىنى پەقەت ھەقىقى ئىمانى بار تەقۋادار ئادەملەر بىلىپ يىتەلەيدۇ.قىسقىسى ياغاچچىلار ياغاچچىلىقىنى،پايپاقچىلار پايپاقچىلىقىنى قىلسۇن. دىنى ماقالىلارنى ئەڭ ياخشىسى دىنى سەۋىيىسى تولۇق ئالىملار يازسۇن.ھەم دىنى تور بەتلەر ئىلان قىلسۇن.لازىم بولغانلارمۇ شۇ تور بەتلەردىن ئىزدىسۇن. چۈنكى ئۇتور بەتلەرنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى دىنى سەۋىيىسى بار ئادەملەر،ئىسلام پىرىنسىپلىرىغا زىت گەپلەرنى ئۇلار بىلىپ يىتەلەيدۇ ياكى تەھرىرلەپ چىقىرىدۇ،باشقۇرغۇچىلارمۇ دىققەت قىلغايسىلەر.بولمىسا خەقنىڭ گۇناھىغا شىرىك بولۇپ قېلىشىڭلارمۇمكىن. بىلىپ قويۇش لازىمكى باشقۇرغۇچىلىقمۇ بىر خىل مەسئۇلىيەت.باشقۇرغۇچىلارمۇ اللە ئالدىدا بۇ مەسئۇلىيەتتىن جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ. شۇڭا باشقۇرغۇچىلار ئۆزىنىڭ بىلىم دائىرىسىدە بولمىغان ماقالە-يوللانمىلارنى شۇ ساھەدە سەۋىيىسى بار كىشىلەرنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈپ ئاندىن تورغا چىقارسا اللە ئالدىدا جاۋاپكارلىقتىن قۇتۇلالايدۇ.(بەزى كىتاپ،ژورناللارنىڭ مۇھەررىرلىرى شۇنداق قىلىدۇ)بۇنداق قىلمىسا شۇ يوللانما سەۋەبىدىن ئېزىپ كەتكەن ئادەملەرنىڭ گۇناھى شۇ يوللانمىنى يازغان ،تەستىقلىغانلارنىڭ ئۈستىگە بولىدۇ.ئاخىرىدا اللەدىن ھەممەيلەنگە ھىدايەت ،مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن. i/1$uQ
FiUwy/,ZV J:Qx5;b; k_7b0dr%F h\w;SDwOk j9hfW' iBSg`"S^]C تېما تەستىقلىغۇچى:ئوغلان
[ oglanتەرىپىدىن2010-08-10 23:08قايتا تەھرىرلەندى ]