بۇ مەزمۇن 22قەۋەتتىكى !adiyat نىڭ 2012-01-29 13:46 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
شۇنداق .. قولدىكى كىشەندىن ئازاد بولۇشنىڭ يولى چوقوم قولنى كىسىش بولىشى ناتايىن...
مۇسۇلمانلار ھەيۋىتى ئوسمانلىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ..غەرىب تەربىيىسىنى تۈركۈملەپ ئالغان مۇسۇلمان زىيالىلىرىغا ئاتا بۇۋىلىرى ئەبگا كۆرۈندى، قىلغان ھەممە ئىشى خۇراپات بىلىندى.. ئۇزۇن مەزگىل ئىسسىق سوغاقنى بىشىدىن ئۆتكۈزگەن ,ياشىنىپ پۇت قۇلى تىترەپ تۇرغان كىشىلەرنى رەھىسىزلىك بىلەن ئوپراتسىيە قىلىشقا باشلىدى. ئەمىليەتتە بۇ ئىشلار قارىماققا ياۋرۇپادىكى ئاقارتىش ھەركەتلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىدى.. ئاللانىڭ نەزىرىدە بىردىن -بىر مەقبۇل دىن ئىسلام دىنى ..مۇشۇنداق بىر ئىلاھى ھەقىقەت تۇرغان يەردە بىزگە غەيرى دىندىكىلەرنىڭ ئىدىيەۋى ئاقارتىش ھەركەتلىرىنى دوراشنىڭ ھىچ قانداق زۆرۈريىتى يوق،. قىرىنداشلارغا ياكى ئاتا-بۇۋىلارغا ئۆچمەنلىك قىلىش قىسمەتنى بەندىدىن كۆرۈش مۇسۇلماننىڭ يولى ئەمەس..
موھەممەت سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دىگەن: ئسلام بەش نەرسە ئۈستىگە قۇرۇلغان ، ئۇ بولسا: بىر ئاللادىن باشقا ھىچ خۇدا يوق، موھەممەت ئاللانىڭ بەرھەق پەيغەمبىرى،دەپ كەلىمە شاھادەت ئېيتىشتىن،پەرىز نامازلارنى ئادا قىلىشتىن زاكات بىرىشتىن، ھەج قىلىشتىن، رامزان روزىسى تۇتىشتىن ئىبارەت. قۇرئاندا ئاللا تائالا مۇنداق دىگەن:<سىلەرنىڭ كۈن چىققان ۋە كۈن پاتقان تەرەبكە يۈز كەلتۈرۈشۈڭلارنىڭ ئۆزىلا ياخشى ئەمەلگە ياتمايدۇ، بەلكى ئاللاغا ،ئاخىرەت كۈنىگە،پەرىشتىلەرگە،مۇقەددەس كىتاپلارغا، پەيغەمبەرلەرگە ئىمان ئىتىش ، ئاللانى سۆيۈش يۈزىسىدىن خىش -ئەقرىبالارغا،يىتىملەرگە،مىسكىنلەرگە ،مۇساپىرلارغا،سائىللارغاۋە قۇللارنىڭ ئازادلىققا ئېرىشىشىگە ياردەم بىرىش،ناماز ئوقوش،زاكات بىرىش،ۋەدىگە ۋاپا قىلىش،يوقسۇزلۇققا،كىسەللىككەۋە ئۇرۇشقا سەبرى قىلىش ياخشى ئەمەلگە كىرىدۇ.ئەنە شۇ ئەمەللەرنى ئىشلىگۈچىلەر راسچىل ئادەملەردۇر.ئەنە شۇلارتەقۋادار ئادەملەردۇر، شۇنداق مۆئمىنلەر نىجاتلىققا ئىرىشىدۇ>.
.......