باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 3213 قېتىم كۆرۈلدى
«123»Pages: 1/3     Go
تېما: ياقۇپبەگنىڭ ياخشى ئەخلاقلىرى ۋە يامان سۈپەتلىرى
islam yoli
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10207
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 90
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە90دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 610 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-05
ئاخىرقى: 2012-05-12
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-27 16:06

ياقۇپبەگنىڭ ياخشى ئەخلاقلىرى ۋە يامان سۈپەتلىرى

شەرىئەتنى راۋاجلاندۇرغۇچى، ئۆلىما ۋە دانالارنى دوست تۇتقۇچى، پۇقرالارنىڭ تەربىيەتچىسى، يامان ئىش ۋە زۇلۇمنى يوق قىلغۇچى، ئاھالىنىڭ شەپقەتلىك مېھرىبان ئاتىسى مۇھەممەت ياقۇپبەگ ئاتىلىق غازىنىڭ ياتقان جايى ۋە قەبرىلىرى تەڭرىنىڭ نۇرىغا تولسۇن.
تەڭرىم ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ قۇدرىتى بىلەن ئاتىلىق غازىنى ياراتقاندا ئەقىل-پاراسىتىنى يۇقىرى قىلغانىكەن. شۇڭا پەم-پاراسەتتە، ئەقىل-ئىدراكتا تەڭدىشى يوق، ئېسىدە ساقلاش قابىلىيىتىدە يەككە-يېگانە ئىدى. ھېچقانداق پادىشاھلارنىڭ ۋۇجۇدىدا بۇنداق خۇسۇسىيەتلەر كۆرۈلمىگەنىدى. نۇرغۇن كىشىلەر ئاتىلىق غازىنىڭ پەم-پاراسەتلىرىنى ئەۋلىيالارنىڭ كارامەتلىرىگە ئوخشىتاتتى.


جانابىي ئاتىلىق غازى ئۆز قول ئاستىغا كىرگۈزگەن يۇرتلارنىڭ شەرق تەرىپى كومادىدىن غەرب تەرىپى سېرىققۇلغىچە بولۇپ 100 كۈنلۈك يول، شىمالىي چېگرىسى مۇز داۋاندىن تارتىپ، جەنۇب تەرىپى قاراڭغۇ تاغقىچە بولۇپ 80 كۈنلۈك يول ئىدى. ئۇ بۇ چېگرا ئىچىدىكى يەتتە شەھەرگە تەۋە چوڭ-كىچىك 34 شەھەرگە 14 يىل مۇستەقىل ھاكىم بولدى. بۇ جەرياندا ئەسلىدىكى ئادەت ۋە مىجەزلىرىنى ئۆزگەرتمىدى. ناھايىتى ئېغىر-بېسىقلىقى ۋە كەمتەرلىكىدىن، ئىلگىرىكى مەنسىپىگە «بەدۆلەت غازى» سۆزىنى قوشۇپ ئاتىغاندىن باشقا ئۆزىنى يا پادىشاھ، يا سۇلتان، يا خان دەپ ئاتىمىدى. غەيرىي يول تۇتۇپ دۇمباقنى باشقا پەدىگە چالغان، ئۆزىدىن باشقا پادىشاھلارنى كۆزگە ئىلمىغان تۆت پادىشاھ ۋە خاننى ئۆز بۇيرۇقىغا كىرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ خەزىنە، سىپاھ، ئەمەلدار پۇقرالىرىغا ئىگە بولدى. ئالدى بىلەن ئۆزىنى چىڭ تۇتۇپ، ھەمىشە ئۆزىنى ئۆزى تەكشۈرۈپ، شەرىئەتنىڭ ئۆلچىمى ۋە مىزانى ئىچىدە تۇتتى.

ئۇنىڭ خۇلق-پېئىلى تەقۋادار ئىشان ياكى ئۆلىماغا ئوخشىشاتتى. تون-سەرۇپاي، كىيىم-كېچەكلىرى بىر سودىگەردىن پەرقى يوق ئىدى. ئات-ياراق، ئەسلىھەلىرى ئەللىك بېشىچىلىك بار ئىدى. ھەمىشە ئاق كىگىز جايناماز ياكى بورا ئۈستىدە سەللە چاپان بىلەن نامازدا ئولتۇرغاندەك يۈكۈنۈپ ئولتۇراتتى. بېلىدىن كەمەرنى يېشىپ ئېلىۋەتكەنلىكىنى، يا چازا قۇرۇپ ئولتۇرغانلىقىنى ھېچ كىشى كۆرمىگەنىدى. ئېگىز يەردە ياكى كارىۋات ئۈستىدە ئولتۇرمايتتى. تولا چاغلاردا چېدىر-بارگاھلىرىنىڭ ئالدىدا پەس يەردە ئولتۇراتتى. تەرەتسىز يەرگە دەسسىمەيتتى. «پادىشاھ قايسى دىندا بولسا، خالايىقمۇ شۇ دىندا بولىدۇ»، دېگەن ھەدىسكە مۇۋاپىق، ھەممە چوڭ-كىچىك ئەمىرلەر ۋە يىگىت-سەرۋازلارمۇ دائىم تەرەت بىلەن يۈرەتتى. نامازنىڭ ۋاقتى كېلىپ ئاتىلىق غازىنىڭ مەسجىتىنىڭ مۇئەززىنى ئەزان ئېيتىشى بىلەن تەڭ ھەممە يەردە باراۋەر ئەزان ئېيتىلاتتى.

ئاتىلىق غازى ھەر ۋاقىت سەپەر قىلسا ئاز دېگەندە 7000 چېدىر قوشۇن بىللە يۈرەتتى. ھەر چېدىردا بىر ئادەم ئەزان ئېيتاتتى. ھەتتا بازارچىلار ئىچىدە ھەر بىر دۇكاندىن بىر ئادەم ئەزان ئېيتاتتى. شەھەر سەھرالاردىكى مەسجىدلەرنىڭ مۇئەززىنلىرى بىرلا ۋاقىتتا تەڭ-باراۋەر ئەزان ئېيتاتتى. ھەرگىز ئىلگىرى-كېيىن قىلمايتتى. مۇئەززىنلەر پەشتاقلارغا چىقىپ ئاتىلىق غازىنىڭ مەسجىدىنىڭ مۇئەززىنىنىڭ ئەزان ئېيتىشىغا ئىنتىزار بولۇپ مەسجىدلەرنىڭ ئۆگزىلىرىگە چىقىپ سالاۋات ئېيتىپ، دۇئا ۋە توۋا ئىستىغپار بىلەن قاراپ تۇراتتى. چوڭ-كىچىك ھەر قانداق كىشى سەللە يۆگىمەي كوچىلاردا يۈرەلمەيتتى. رەئىسلەر كوچا-بازارلاردا ھەمىشە شەرىئەتكە خىلاپ ئىش-ھەرىكەتلەرنى سۈرۈشتۈرۈپ تەكشۈرەتتى. تۇماق ياكى دوپپا بىلەن يۈرگەن كىشىنى كۆرسە، تۇماق-دوپپىلىرىنى يىرتىپ ياكى قايچا بىلەن كېسىپ پارچە-پارچە قىلىپ تاشلايتتى. شاراب، بوزا، تاماكا ۋە نەغمە-ناۋا، ئۇسسۇل-ساما قاتارلىق ئىشلار مەنئى قىلىنغانلىقتىن مەخپىي ياكى ئاشكارا كۆرگىلى بولمايتتى. بەلكىم خالايىق ئارىسىدا مۇنداق ئىشلار تۈگىگەن ۋە ئۇنتۇلغان بولۇشى مۇمكىن، بويسۇنمايدىغان، گەدەنكەشلىك قىلىدىغان ئادەملەر پىتنە-پاسات پەيدا قىلىپ، ئۇرۇش-تالاش قىلىدىغان باشباشتاقلار، ئوغرى، قىمارۋاز، لۈكچەك، كەپتەرۋازلارمۇ ئاتىلىق غازىنىڭ قەھرى-غەزەپ ۋە قىلىچلىرىدىن قورقۇپ توۋا-ئىستىغپار ئېيتىپ ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولاتتى، مۇبادا ئۇرۇش-تالاش قىلغان، يالغان تۆھمەت ۋە خۇسۇمەت قىلغان ئادەملەر ياقۇپبەگنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالسا، دەرھال يۈز بېشى، پانساتلارغا ياكى جاللاتلارغا تاپشۇرۇپ قاتتىق جازالايتتى. ھەر كۈنى ئىككى قېتىم پۇقرالارنىڭ ئەرز-دادلىرىنى سورايتتى. تېگىشلىكلىرىنى ياساۋۇل يىگىتلەرنى قوشۇپ قازى مەھكىمىسىگە ئەۋەتىپ بېرەتتى، ھەرقانچە چوڭ جېدەل، چىرماش دەۋا ۋە خۇسۇمەت بولسىمۇ شەرىئەتنىڭ ھۆكمى بويىچە بىر كۈندە تۈگەيتتى، تەكەببۇر ئەمەلدارلار، بەگ ۋە بەگزادىلەر، يانچى، كانچى، پۇقرا ۋە خالايىقلارنىڭ ھەممىسى تەڭ-باراۋەر ئىدى. شۇ زامانلاردا بۆرە بىلەن قوي بىر كۆلچەكتە سۇ ئىچتى، كەپتەر بىلەن لاچىن بىر دەرەختە چۈجە چىقاردى، دېيىشكە بولاتتى.
ئېتىبارلىق تارىخ كىتابلىرىدا بۇرۇن ئۆتكەن پادىشاھلارنىڭ ― جۈملىدىن ئەمىر كەبىر تېمۇر ساھىبقىران كوراگان ۋە مىرزا سۇلتان ھۈسەيىن بىننى بايقارا كوراگان (قەبرىلىرى تەڭرىنىڭ نۇرىغا تولسۇن) لارنىڭ تەرىپ ۋە تەۋسىپىلىرنى بايان قىلىپتۇ. ئۇلارنىڭ يۇرت ۋە لەشكەرلىرى كۆپ بولسا بولغاندۇ، ئەمما دۆلەت ۋە ھەشىمەتتە جانابىي ئاتىلىق غازى ھەرگىز ئۇلاردىن كەم ئەمەس ئىدى. مەزكۇر ئۆتكەن پادىشاھلار شارابتىن خالىي ئەمەس ئىكەن. ھەتتا ھەقىقىي خەلىپە بولغان ئابباسىيە خەلىپىلىرىمۇ شارابقا ئوخشاش شەرىئەت مەنئى قىلغان ئىشلارغا ئەھمىيەت بەرگەن ۋە ئۇنى دوست تۇتقانىكەن. لېكىن خانابىي ئاتىلىق غازىنىڭ ئۆزى ياكى پۇقرا-رەئىيەلىرىدە بۇنداق مەنئى قىلىنغان ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ھېچكىشى ئىشىتكەن ئەمەس. شۇ سەۋەپتىن ئاتىلىق غازىنى ئۆتكەن پادىشاھلاردىن يۇقىرى ۋە ئۈستۈن تۇرىدۇ، دېيىلسە ھەرگىز مۇبالىغە بولمايدۇ.
ئاتىلىق غازى ئىسلامنىڭ راۋاجىغا كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، شەرىئەت ئۆلىمالىرى، ئەمىرلەر ۋە يىگىت-سەرۋازلار پەيغەمبىرىمىزنىڭ شەرىئەتلىرىگە ئازراقمۇ خىلاپلىق قىلمايتتى. ئەگەر ئۆلىمالار تەرىپىدىن سەل-پەل خاتالىق سادىر بولسا، قاتتىق ئازاب ۋە جازاغا مۇپتىلا بولاتتى، شەھەرلەردە كىمكى موللا-ئۆلىما، شەرىئەت قائىدىلىرىنى چوڭقۇر بىلىدىغان، ئېتىقادى مۇستەھكەم كىشى بولسا، ئۇنىڭ ئاتا-بوۋا، ئەجداد-نەسەبلىرىگە قارىماي، «ئۆلىمالار پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرى»، دېگەن ھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا مۇۋاپىق شۇ كىشىنى قازى ئەلەم، مۇپتى، رەئىس ۋە مۇدەررىس قىلىپ يارلىق چۈشۈرۈپ ئۇلارنى رازى قىلاتتى. قوشۇنلىرى ئىچىدىمۇ ئالاھىدە قازى ئەسكەر، مۇپتى ئەسكەر، رەئىس، مۇھتەسىپ لەر تەييار ئىدى.جېدەل-ماجىرالار كۆرۈلسە شەرىئەت ھۆكمى بويىچە كەسكىن بىر تەرەپ قىلىناتتى.
«ئىسلام دىنى ئۆزىدىن بۇرۇنقىلارنى ۋەيران قىلىدۇ» دېگەن ھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا ئەمەل قىلىپ، ئاتىلىق غازى بۇ يەتتە شەھەرنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇزۇن زامان كاپىرلانىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ئۆتكەن چاغلاردا نۇرغۇن بىدئەت يامان ئىش، ناچار ئادەتلەر خالايىقنىڭ كۆزىگە ئوبدان كۆرۈنۈپ، ئادەتلىنىپ خۇددى قىلمىسا گۇناھ بولىدىغان سۈننەتتەك قائىدە بولۇپ كەتكەنىدى. «كىم بىلەن ھەمسۆھبەت بولساڭ شۇنىڭ تەسىرىدە بولىسەن»، دېگەندەك، ئادەتكە ئايلىنىپ، خەلق ئارىسىدا جارى بولۇپ كېلىۋاتقان يامان ئىش، ناچار ئەخلاقلارنى، شەرىئەت ۋە ئۇلۇغ ئۆلىمالارنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىگە تەتبىقلاپ تامامەن يوقاتتى.
بۇ يەتتە شەھەردە ھاممام يوق ئىدى. ئاتىلىق غازى قەشقەر، يەكەن، خوتەن، ئاقسۇدا ھاممام بىنا قىلدۇردى. زاكىرجان قارىينى مەككە مۇكەررەمگە ئەۋەتىپ يەتتە شەھەر نامىدا «تەكيەخانا» (مېھمانخانا) بىنا قىلىشقا تۇتۇش قىلغانىدى، پۈتكىچە ئۆمرى يار بەرمىدى، شەھەر-شەھەرلەردىكى ئەمەلدارلارغا بۇيرۇق بېرىپ، ئۇستا بېشىلارنى تەيىنلەپ، بۇ يەتتە شەھەر دائىرىسىدىكى ئۇلۇغ مازارلارنىڭ سەھنىلىرىنى كېڭەيتىپ، بىنالىرىنى يېڭىباشتىن ياسىتىپ چىقتى. مەسجىد-خانىقالارنىڭ پەشتاقلىرىنى ئېگىز ۋە ھەيۋەتلىك قىلىپ كاھىش-رەڭلىك خىشلار بىلەن زىننەتلەپ، گۈل نەقىشلەرنى چىقىرىپ جۇلالىق قىلىپ ياساتتى. شەھەر ئىچىدىكى مەسجىد ۋە خانىقالارنىڭ كۆپچىلىكىنى پۇختا، مۇستەھكەم خىشلار بىلەن قايتىدىن رېمونت قىلدۇردى. يوللاردىكى مەنزىل-ئۆتەڭلەرگە پۇختا خىشلار بىلەن ئالىي، گۈزەل ئىمارەتلەرنى ياسىتىپ، قورغان ۋە چۈشكۈنخانىلارنى بىنا قىلدى. شۇ جۈملىدىن قەشقەردىكى ھەزرىتى ئاپاق خوجا يەنى ھىدايىتۇللا ئىشاننىڭ مازار، خانىقا-مەسجىدلىرىنى ياساتتى. خۇسۇسەن گۈمبەزلىرىنى بۇزۇپ كېڭەيتىپ، پۇختا خىش، گۈزەل كاھىشلار بىلەن قايتىدىن گۈمبەز بىنا قىلدى. بۇ يەتتە شەھەر ئىچىدە بەلكى موغۇلىستان ئۆلكىسىدە بۇنداق ئالىي گۈمبەز ھېچ زاماندا ياسالمىغان بولۇشى مۇمكىن. ھەممە شەھەرلەردىكى مەسجىد، خانىقا، پەشتاقلارنى ياساپ پۇختا، مۇستەھكەم قىلدى. بۇنىڭدىن كېيىن قەرنە-قەرنە زامان-زامانلارغىچە شۇنداق مۇستەھكەم تۇرۇشى ۋە بۇزۇلماسلىقى مۇمكىن.
جانابىي ئاتىلىق غازىنىڭ دەبدەبە-داغدۇغىسى، سۆلەت ۋە ھەشىمەتلىرى كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىدىن غايىپ بولدى، ئەمما بىنا قىلغان ئىمارەتلىرى خالايىقنىڭ كۆز ئالدىلىرىدا ھازىر ۋە ئاشكارا تۇرۇپتۇ. ئاتىلىق غازىنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا بىنا قىلغان ئىمارەتلىرى گۇۋاھ ۋە شاھىتتۇر.
جانابىي ئاتلىق غازى ھەر شەھەرگە قەدەم تەشرىپ قىلغاندا، شۇ شەھەرگە بىر مەنزىل يېقىن قالغاندا ئىشەنچلىك بىر مەھرىمىدىن شۇ شەھەردىكى مەكتەپ ئوقۇتىدىغان موللىلارغا تون-سەرۇپاي، بىردىن قىزىل تىللا ھەدىيە كىرگۈزۈپ مەكتەپ بالىلىرىنى ئازاد قىلىشنى ۋە دۇئا قىلىشنى ئىلتىماس قىلاتتى. مەھرەم يېتىپ بېرىپ مەكتەپ موللىسىغا، ئاتىلىق غازىنىڭ سوۋغا-ھەدىيەلىرنى تاپشۇرۇپ، مەكتەپ بالىلىرىنى ئازاد قىلدۇرۇپ، ئاتىلىق غازى ھەققىدە دۇئا ئېلىپ ياناتتى. بۇ مەكتەپ موللىلىرى شەھەرنىڭ تېشىغا مەكتەپ بالىلىرىنى ئاچىقىپ ئاتىلىق غازىنى قارشى ئالاتتى ۋە دۇئا قىلاتتى. ئاتىلىق غازى ئېتىدىن چۈشۈپ مۇلايىم خۇلق، ئوچۇق چىراي بىلەن مەكتەپ بالىلىرىنى كۆرەكتىن ئۆتكۈزۈپ، بالىلارغا ئىككى تەڭگە، بەش تەڭگە، ئون تەڭگىدىن ئاق تەڭگە ئىنئام قىلاتتى. قۇرئان ئوقۇيدىغان بالىلارغا قۇرئان، ھەپتىيەك ئوقۇيدىغان بالىلارغا ھەپتىيەك ھەدىيە قىلاتتى. ئاندىن ئاتلىنىپ شەھەرگە ياكى بارگاھ ئالىيلىرىغا بېرىپ چۈشەتتى.
دوستلىشىش
kroran2010
رەببىم ئۇيغۇرۇمغا مەدەت بەرگىن !
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4290
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 276
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە276دانە
ئۆسۈش: 170 %
مۇنبەر پۇلى: 2073 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-05
ئاخىرقى: 2012-09-10

تارىخ ھەمىدىيە دىگەن كىتاپتىن ئىلىنغان،يۇرتىمىزدىن چىققان شۇ چاغدىكى بىلىملىك بىر ئۆلمانىڭ بەدۆلەتكە بەرگەن ئنتايىن توغرا باھاسى .
ئائىلە- كىچىك ۋەتەن. ۋەتىنىمنى مۇھتاجلىقتىن، قۇل ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4524
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 253
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە253دانە
ئۆسۈش: 140 %
مۇنبەر پۇلى: 1440 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2012-08-27
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-27 18:39

مەن ئاتىلىق غازى ئەمەس ئاتالىق غازى دەپ كۆرگەندەك قىلىۋىدىم. قايسى توغرا
ئائىلە- كىچىك ۋەتەن. ۋەتىنىمنى مۇھتاجلىقتىن، قۇللىقتىن ساقىلىغىن ئاللاھ!
دوستلىشىش
قالقان
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10528
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 49
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە49دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 505 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-27
ئاخىرقى: 2012-09-10
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-27 18:47

ياخشى  تىما  ئكەن  رەھمەت   
ئالدىم يا بىلەن ئوقنى ياۋنى ئاتارمەندەپ-كەيدىم پ ..
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6814
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2122
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2122دانە
ئۆسۈش: 1040 %
مۇنبەر پۇلى: 22364 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2012-09-02
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-27 19:52

<ئاتلىق غازى >دىگىنى توغرا  بولشى مۇمكىن .  تىما ئىگسى ياقۇپ بەگ<قوش بىگى> نى ،خۇددى پەيغەمبەرلەردەك  تەسۋۇرلەپ تۇ ،،تەپ تارىتماستىن ياقۇپ بەگدىن بۇرۇن ئۆتكەن پادىشاھ ،سۇلتانلارنى ئۇنىڭغا تەڭ قىلماپتۇ ،
ئۇنداقتا ھەزىرتى <سۇلتان سۇدۇق بۇغراخان >مۇ ،ياقۇپبەگ قوش بىگنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇپ بىرەلمەيدىكەندە؟
مەن ئوقۇغان <داغ> دىگەن روماندا  ھەجەپ ئۇنىڭ سىز يۇقىردا دەپ ئۆتكەن ئاتالمىش ياخشى پەزىلەتلىرنى
ئۇچۇرتالمىدىمغۇ ؟ شۇچاغدىكى  خوتەن خاقانى ھەبىبۇللا خاننى ،ئوغلى شاھزادە نىممۇتىللا خاننى . نىياز ھىكىمبەگ دىگەن
لەنىتىنىڭ تۈزۈپچىققان ھىلمىكىرلىرى بىلەن خۇمسىلارچە ئۆلتۈردىغۇ ،،،،ئادەملىرنى  ھەبىبۇللا خاننىڭ ئالدىغا ئەۋەتىپ
شەرىئەتنى قايرىپ قويۇپ ھىلمىكىرى بىلەن قەس قىلدىغۇ ،يەنى  ياقۇپ بەگ قوش بىگى ئەۋەتكەن  ئەلچى قۇرئان تۇتۇپ
قەسەم ئىچىپ ھەبىبۇللا خاننى ،ئالداپ ئەپچىقىپ سۈيقەسىت بىلەن ئۆلتۈردى . بۇنىڭغا تىما ئىگسى نىمدەيسىز ؟
خوتەن شەھرىنى  ئىشغال قىلىپ بولغاندىكىيىن  ئۆز قوشۇندىكى كەسپى قاسساپلارنى يىغىپ ئەپ كىلىپ  ،
بىچچارە خوتەن خەلقىنى  مال بوغۇزلىغاندەك بوغۇزلاتتىغۇ ، مۇشۇنداق ئىشلارنى بىر مۇسۇلمان قىلامدۇ ؟ تىخى ئۇنى
پەيغەمبەرلەرنى  تەسۋىرلىگەندەك تەسۋىرلەپسىز .
ئۇنداقتا سىز دىن ئىككى سۇئال سوريمەن .جاۋاپ بەرگەيسىز .
ياقۇپ بەگ < قوشبىگى > ئۇيغۇرمۇ ؟
ئۇنىڭ < ئاتلىق غازى >دىگەن  تىخەللۇسى ياكى ئۇنۋانى قەيەردىن كەلگەن ؟
دوستلىشىش
kroran2010
رەببىم ئۇيغۇرۇمغا مەدەت بەرگىن !
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4290
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 276
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە276دانە
ئۆسۈش: 170 %
مۇنبەر پۇلى: 2073 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-05
ئاخىرقى: 2012-09-10
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-27 22:18

بۇ مەزمۇنلار  كىتاپتىن ئىلىنغان  .تىما ئگىسىنىڭ كۆز قارىشى ئەمەس.
كۆزۆڭنىڭ بارىدا شە كۆ
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8183
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1020
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1020دانە
ئۆسۈش: 190 %
مۇنبەر پۇلى: 10773 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-17
ئاخىرقى: 2012-09-03
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-27 22:31

جەڭچى ..بولدى ئىلگىرى ئوقىغان كىتاپلارنىڭ  ھەممىنى ئۇنتۇپ،  كاللىنى پاكىز  بىر  يۇيۇپ، نامازنى باشلاپ،بولسا ھەپتىدە بىر كۈن روزى تۇتۇپ قۇرئاننى بىر  ئوقوپ  چىقىڭلار . ئاندىن دۇنيا كۆزۈڭلارغا باشقىچە كۆرۈنسە ماڭا دۇئا  قىپ  قويارسىلە،،  
ئادىيات
ئەلدىن -ئەلگە نەپ
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8340
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 67
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە67دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 700 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-27
ئاخىرقى: 2012-08-30
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-27 22:33

ياقۇپ بەگ يالاقچىنىڭ قولىدا زەھەرلىنىپ ئۆلدى.ئالتە شەھەرنى بىرلىككە كەلتۇردى.ئاللانىڭ يولىنى تۇتتى.باشقىلار تەرىپىدىن تاجاۋۇزچى دەپ ئاتالدى،كاپىرلارنى خاتىرجەمسىزلەندۇردى.مەن مۇشىنچىلىك بىلىمەن.
ئالدىم يا بىلەن ئوقنى ياۋنى ئاتارمەندەپ-كەيدىم پ ..
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6814
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2122
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2122دانە
ئۆسۈش: 1040 %
مۇنبەر پۇلى: 22364 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2012-09-02
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-27 23:22

قىرىنداشلىرىمنىڭ ياخشى پىكىرلەرنى بەرگىنگە تەشەككۈر.
پەقەت ئاللاھنى ھەقىيقى تونىسىلا بولدى ھەممە ھەل& ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7009
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 214
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە214دانە
ئۆسۈش: 560 %
مۇنبەر پۇلى: 2817 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-11
ئاخىرقى: 2012-07-05
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-28 03:15

ئىشقىلىپ ياقۇپ بەگ مىنىڭچە سەئىيدىيە خانلىقىدىن كىيىنكى خەلقىمىزگە ھۆكۇمرانلىق قىلغانلىرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياخشىسى دەپ بىلمەن .ھەممە ئدەمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئەيىپى بولدۇ.لىكىن ياقۇپ بەگنىڭ باشقىلارغا سىلىشتۇرغاندا ھىچ  نىمە ئەمەس. سىڭسىسەيدىن مىڭمىڭ ھەسسە ياخشى.ئاللاھ ئۇزۇن ئومور بەرسە ئىدى ئاللاھ خالىسا ئۇكىشى چىڭ سولالىسىغا يىڭىلمەس ئىدى.شىڭسىسەينىڭ زۇلومى بولماس ئىدى.بۇمۇ بىزنىڭ ئاتا بولۋلىرمىزغا بىرىلگەن سىناق.شۇ بانادا ھەق ئۈچۈن ئولوپ شىيىت بولۋالدى ئەمەسمۇ؟! ئاسانمۇ شۇنداق جەننەتكە كىرمەك! بولدىلا ھازىر مانا ياخشى بوپكەتتى.پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ تىرىشساق ھازىر ئەركىن بوپقالدۇق ھە باللا......بولدىلا ياتقان يىرى جەننەت بولسۇن شۇ ئجداتلىرمىزنىڭ بىرتۇرۇك ئەمەسمۇ.ھەي بۇندىن كىيىپ ھازىرقىدىنمۇ  بەخىتلىك ياشىساقلا خەلىق ھەق ئۇستىدە ئامان بولسىلا بولدى .كۇنلىرمىزنى تىخمۇ ياخشى قىلىپ بىرشىنى ئاللادىن تىلەپ توختىماي تىرشايلى دوسلا !
پەقەت ئاللاھنى ھەقىيقى تونىسىلا بولدى ھەممە ئىللەت تۇزلىدۇ!