شەرىئەتنى راۋاجلاندۇرغۇچى، ئۆلىما ۋە دانالارنى دوست تۇتقۇچى، پۇقرالارنىڭ تەربىيەتچىسى، يامان ئىش ۋە زۇلۇمنى يوق قىلغۇچى، ئاھالىنىڭ شەپقەتلىك مېھرىبان ئاتىسى مۇھەممەت ياقۇپبەگ ئاتىلىق غازىنىڭ ياتقان جايى ۋە قەبرىلىرى تەڭرىنىڭ نۇرىغا تولسۇن.
تەڭرىم ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ قۇدرىتى بىلەن ئاتىلىق غازىنى ياراتقاندا ئەقىل-پاراسىتىنى يۇقىرى قىلغانىكەن. شۇڭا پەم-پاراسەتتە، ئەقىل-ئىدراكتا تەڭدىشى يوق، ئېسىدە ساقلاش قابىلىيىتىدە يەككە-يېگانە ئىدى. ھېچقانداق پادىشاھلارنىڭ ۋۇجۇدىدا بۇنداق خۇسۇسىيەتلەر كۆرۈلمىگەنىدى. نۇرغۇن كىشىلەر ئاتىلىق غازىنىڭ پەم-پاراسەتلىرىنى ئەۋلىيالارنىڭ كارامەتلىرىگە ئوخشىتاتتى.

جانابىي ئاتىلىق غازى ئۆز قول ئاستىغا كىرگۈزگەن يۇرتلارنىڭ شەرق تەرىپى كومادىدىن غەرب تەرىپى سېرىققۇلغىچە بولۇپ 100 كۈنلۈك يول، شىمالىي چېگرىسى مۇز داۋاندىن تارتىپ، جەنۇب تەرىپى قاراڭغۇ تاغقىچە بولۇپ 80 كۈنلۈك يول ئىدى. ئۇ بۇ چېگرا ئىچىدىكى يەتتە شەھەرگە تەۋە چوڭ-كىچىك 34 شەھەرگە 14 يىل مۇستەقىل ھاكىم بولدى. بۇ جەرياندا ئەسلىدىكى ئادەت ۋە مىجەزلىرىنى ئۆزگەرتمىدى. ناھايىتى ئېغىر-بېسىقلىقى ۋە كەمتەرلىكىدىن، ئىلگىرىكى مەنسىپىگە «بەدۆلەت غازى» سۆزىنى قوشۇپ ئاتىغاندىن باشقا ئۆزىنى يا پادىشاھ، يا سۇلتان، يا خان دەپ ئاتىمىدى. غەيرىي يول تۇتۇپ دۇمباقنى باشقا پەدىگە چالغان، ئۆزىدىن باشقا پادىشاھلارنى كۆزگە ئىلمىغان تۆت پادىشاھ ۋە خاننى ئۆز بۇيرۇقىغا كىرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ خەزىنە، سىپاھ، ئەمەلدار پۇقرالىرىغا ئىگە بولدى. ئالدى بىلەن ئۆزىنى چىڭ تۇتۇپ، ھەمىشە ئۆزىنى ئۆزى تەكشۈرۈپ، شەرىئەتنىڭ ئۆلچىمى ۋە مىزانى ئىچىدە تۇتتى.
ئۇنىڭ خۇلق-پېئىلى تەقۋادار ئىشان ياكى ئۆلىماغا ئوخشىشاتتى. تون-سەرۇپاي، كىيىم-كېچەكلىرى بىر سودىگەردىن پەرقى يوق ئىدى. ئات-ياراق، ئەسلىھەلىرى ئەللىك بېشىچىلىك بار ئىدى. ھەمىشە ئاق كىگىز جايناماز ياكى بورا ئۈستىدە سەللە چاپان بىلەن نامازدا ئولتۇرغاندەك يۈكۈنۈپ ئولتۇراتتى. بېلىدىن كەمەرنى يېشىپ ئېلىۋەتكەنلىكىنى، يا چازا قۇرۇپ ئولتۇرغانلىقىنى ھېچ كىشى كۆرمىگەنىدى. ئېگىز يەردە ياكى كارىۋات ئۈستىدە ئولتۇرمايتتى. تولا چاغلاردا چېدىر-بارگاھلىرىنىڭ ئالدىدا پەس يەردە ئولتۇراتتى. تەرەتسىز يەرگە دەسسىمەيتتى. «پادىشاھ قايسى دىندا بولسا، خالايىقمۇ شۇ دىندا بولىدۇ»، دېگەن ھەدىسكە مۇۋاپىق، ھەممە چوڭ-كىچىك ئەمىرلەر ۋە يىگىت-سەرۋازلارمۇ دائىم تەرەت بىلەن يۈرەتتى. نامازنىڭ ۋاقتى كېلىپ ئاتىلىق غازىنىڭ مەسجىتىنىڭ مۇئەززىنى ئەزان ئېيتىشى بىلەن تەڭ ھەممە يەردە باراۋەر ئەزان ئېيتىلاتتى.
ئاتىلىق غازى ھەر ۋاقىت سەپەر قىلسا ئاز دېگەندە 7000 چېدىر قوشۇن بىللە يۈرەتتى. ھەر چېدىردا بىر ئادەم ئەزان ئېيتاتتى. ھەتتا بازارچىلار ئىچىدە ھەر بىر دۇكاندىن بىر ئادەم ئەزان ئېيتاتتى. شەھەر سەھرالاردىكى مەسجىدلەرنىڭ مۇئەززىنلىرى بىرلا ۋاقىتتا تەڭ-باراۋەر ئەزان ئېيتاتتى. ھەرگىز ئىلگىرى-كېيىن قىلمايتتى. مۇئەززىنلەر پەشتاقلارغا چىقىپ ئاتىلىق غازىنىڭ مەسجىدىنىڭ مۇئەززىنىنىڭ ئەزان ئېيتىشىغا ئىنتىزار بولۇپ مەسجىدلەرنىڭ ئۆگزىلىرىگە چىقىپ سالاۋات ئېيتىپ، دۇئا ۋە توۋا ئىستىغپار بىلەن قاراپ تۇراتتى. چوڭ-كىچىك ھەر قانداق كىشى سەللە يۆگىمەي كوچىلاردا يۈرەلمەيتتى. رەئىسلەر كوچا-بازارلاردا ھەمىشە شەرىئەتكە خىلاپ ئىش-ھەرىكەتلەرنى سۈرۈشتۈرۈپ تەكشۈرەتتى. تۇماق ياكى دوپپا بىلەن يۈرگەن كىشىنى كۆرسە، تۇماق-دوپپىلىرىنى يىرتىپ ياكى قايچا بىلەن كېسىپ پارچە-پارچە قىلىپ تاشلايتتى. شاراب، بوزا، تاماكا ۋە نەغمە-ناۋا، ئۇسسۇل-ساما قاتارلىق ئىشلار مەنئى قىلىنغانلىقتىن مەخپىي ياكى ئاشكارا كۆرگىلى بولمايتتى. بەلكىم خالايىق ئارىسىدا مۇنداق ئىشلار تۈگىگەن ۋە ئۇنتۇلغان بولۇشى مۇمكىن، بويسۇنمايدىغان، گەدەنكەشلىك قىلىدىغان ئادەملەر پىتنە-پاسات پەيدا قىلىپ، ئۇرۇش-تالاش قىلىدىغان باشباشتاقلار، ئوغرى، قىمارۋاز، لۈكچەك، كەپتەرۋازلارمۇ ئاتىلىق غازىنىڭ قەھرى-غەزەپ ۋە قىلىچلىرىدىن قورقۇپ توۋا-ئىستىغپار ئېيتىپ ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولاتتى، مۇبادا ئۇرۇش-تالاش قىلغان، يالغان تۆھمەت ۋە خۇسۇمەت قىلغان ئادەملەر ياقۇپبەگنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالسا، دەرھال يۈز بېشى، پانساتلارغا ياكى جاللاتلارغا تاپشۇرۇپ قاتتىق جازالايتتى. ھەر كۈنى ئىككى قېتىم پۇقرالارنىڭ ئەرز-دادلىرىنى سورايتتى. تېگىشلىكلىرىنى ياساۋۇل يىگىتلەرنى قوشۇپ قازى مەھكىمىسىگە ئەۋەتىپ بېرەتتى، ھەرقانچە چوڭ جېدەل، چىرماش دەۋا ۋە خۇسۇمەت بولسىمۇ شەرىئەتنىڭ ھۆكمى بويىچە بىر كۈندە تۈگەيتتى، تەكەببۇر ئەمەلدارلار، بەگ ۋە بەگزادىلەر، يانچى، كانچى، پۇقرا ۋە خالايىقلارنىڭ ھەممىسى تەڭ-باراۋەر ئىدى. شۇ زامانلاردا بۆرە بىلەن قوي بىر كۆلچەكتە سۇ ئىچتى، كەپتەر بىلەن لاچىن بىر دەرەختە چۈجە چىقاردى، دېيىشكە بولاتتى.
ئېتىبارلىق تارىخ كىتابلىرىدا بۇرۇن ئۆتكەن پادىشاھلارنىڭ ― جۈملىدىن ئەمىر كەبىر تېمۇر ساھىبقىران كوراگان ۋە مىرزا سۇلتان ھۈسەيىن بىننى بايقارا كوراگان (قەبرىلىرى تەڭرىنىڭ نۇرىغا تولسۇن) لارنىڭ تەرىپ ۋە تەۋسىپىلىرنى بايان قىلىپتۇ. ئۇلارنىڭ يۇرت ۋە لەشكەرلىرى كۆپ بولسا بولغاندۇ، ئەمما دۆلەت ۋە ھەشىمەتتە جانابىي ئاتىلىق غازى ھەرگىز ئۇلاردىن كەم ئەمەس ئىدى. مەزكۇر ئۆتكەن پادىشاھلار شارابتىن خالىي ئەمەس ئىكەن. ھەتتا ھەقىقىي خەلىپە بولغان ئابباسىيە خەلىپىلىرىمۇ شارابقا ئوخشاش شەرىئەت مەنئى قىلغان ئىشلارغا ئەھمىيەت بەرگەن ۋە ئۇنى دوست تۇتقانىكەن. لېكىن خانابىي ئاتىلىق غازىنىڭ ئۆزى ياكى پۇقرا-رەئىيەلىرىدە بۇنداق مەنئى قىلىنغان ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ھېچكىشى ئىشىتكەن ئەمەس. شۇ سەۋەپتىن ئاتىلىق غازىنى ئۆتكەن پادىشاھلاردىن يۇقىرى ۋە ئۈستۈن تۇرىدۇ، دېيىلسە ھەرگىز مۇبالىغە بولمايدۇ.
ئاتىلىق غازى ئىسلامنىڭ راۋاجىغا كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، شەرىئەت ئۆلىمالىرى، ئەمىرلەر ۋە يىگىت-سەرۋازلار پەيغەمبىرىمىزنىڭ شەرىئەتلىرىگە ئازراقمۇ خىلاپلىق قىلمايتتى. ئەگەر ئۆلىمالار تەرىپىدىن سەل-پەل خاتالىق سادىر بولسا، قاتتىق ئازاب ۋە جازاغا مۇپتىلا بولاتتى، شەھەرلەردە كىمكى موللا-ئۆلىما، شەرىئەت قائىدىلىرىنى چوڭقۇر بىلىدىغان، ئېتىقادى مۇستەھكەم كىشى بولسا، ئۇنىڭ ئاتا-بوۋا، ئەجداد-نەسەبلىرىگە قارىماي، «ئۆلىمالار پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرى»، دېگەن ھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا مۇۋاپىق شۇ كىشىنى قازى ئەلەم، مۇپتى، رەئىس ۋە مۇدەررىس قىلىپ يارلىق چۈشۈرۈپ ئۇلارنى رازى قىلاتتى. قوشۇنلىرى ئىچىدىمۇ ئالاھىدە قازى ئەسكەر، مۇپتى ئەسكەر، رەئىس، مۇھتەسىپ لەر تەييار ئىدى.جېدەل-ماجىرالار كۆرۈلسە شەرىئەت ھۆكمى بويىچە كەسكىن بىر تەرەپ قىلىناتتى.
«ئىسلام دىنى ئۆزىدىن بۇرۇنقىلارنى ۋەيران قىلىدۇ» دېگەن ھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا ئەمەل قىلىپ، ئاتىلىق غازى بۇ يەتتە شەھەرنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇزۇن زامان كاپىرلانىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ئۆتكەن چاغلاردا نۇرغۇن بىدئەت يامان ئىش، ناچار ئادەتلەر خالايىقنىڭ كۆزىگە ئوبدان كۆرۈنۈپ، ئادەتلىنىپ خۇددى قىلمىسا گۇناھ بولىدىغان سۈننەتتەك قائىدە بولۇپ كەتكەنىدى. «كىم بىلەن ھەمسۆھبەت بولساڭ شۇنىڭ تەسىرىدە بولىسەن»، دېگەندەك، ئادەتكە ئايلىنىپ، خەلق ئارىسىدا جارى بولۇپ كېلىۋاتقان يامان ئىش، ناچار ئەخلاقلارنى، شەرىئەت ۋە ئۇلۇغ ئۆلىمالارنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىگە تەتبىقلاپ تامامەن يوقاتتى.
بۇ يەتتە شەھەردە ھاممام يوق ئىدى. ئاتىلىق غازى قەشقەر، يەكەن، خوتەن، ئاقسۇدا ھاممام بىنا قىلدۇردى. زاكىرجان قارىينى مەككە مۇكەررەمگە ئەۋەتىپ يەتتە شەھەر نامىدا «تەكيەخانا» (مېھمانخانا) بىنا قىلىشقا تۇتۇش قىلغانىدى، پۈتكىچە ئۆمرى يار بەرمىدى، شەھەر-شەھەرلەردىكى ئەمەلدارلارغا بۇيرۇق بېرىپ، ئۇستا بېشىلارنى تەيىنلەپ، بۇ يەتتە شەھەر دائىرىسىدىكى ئۇلۇغ مازارلارنىڭ سەھنىلىرىنى كېڭەيتىپ، بىنالىرىنى يېڭىباشتىن ياسىتىپ چىقتى. مەسجىد-خانىقالارنىڭ پەشتاقلىرىنى ئېگىز ۋە ھەيۋەتلىك قىلىپ كاھىش-رەڭلىك خىشلار بىلەن زىننەتلەپ، گۈل نەقىشلەرنى چىقىرىپ جۇلالىق قىلىپ ياساتتى. شەھەر ئىچىدىكى مەسجىد ۋە خانىقالارنىڭ كۆپچىلىكىنى پۇختا، مۇستەھكەم خىشلار بىلەن قايتىدىن رېمونت قىلدۇردى. يوللاردىكى مەنزىل-ئۆتەڭلەرگە پۇختا خىشلار بىلەن ئالىي، گۈزەل ئىمارەتلەرنى ياسىتىپ، قورغان ۋە چۈشكۈنخانىلارنى بىنا قىلدى. شۇ جۈملىدىن قەشقەردىكى ھەزرىتى ئاپاق خوجا يەنى ھىدايىتۇللا ئىشاننىڭ مازار، خانىقا-مەسجىدلىرىنى ياساتتى. خۇسۇسەن گۈمبەزلىرىنى بۇزۇپ كېڭەيتىپ، پۇختا خىش، گۈزەل كاھىشلار بىلەن قايتىدىن گۈمبەز بىنا قىلدى. بۇ يەتتە شەھەر ئىچىدە بەلكى موغۇلىستان ئۆلكىسىدە بۇنداق ئالىي گۈمبەز ھېچ زاماندا ياسالمىغان بولۇشى مۇمكىن. ھەممە شەھەرلەردىكى مەسجىد، خانىقا، پەشتاقلارنى ياساپ پۇختا، مۇستەھكەم قىلدى. بۇنىڭدىن كېيىن قەرنە-قەرنە زامان-زامانلارغىچە شۇنداق مۇستەھكەم تۇرۇشى ۋە بۇزۇلماسلىقى مۇمكىن.
جانابىي ئاتىلىق غازىنىڭ دەبدەبە-داغدۇغىسى، سۆلەت ۋە ھەشىمەتلىرى كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىدىن غايىپ بولدى، ئەمما بىنا قىلغان ئىمارەتلىرى خالايىقنىڭ كۆز ئالدىلىرىدا ھازىر ۋە ئاشكارا تۇرۇپتۇ. ئاتىلىق غازىنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا بىنا قىلغان ئىمارەتلىرى گۇۋاھ ۋە شاھىتتۇر.
جانابىي ئاتلىق غازى ھەر شەھەرگە قەدەم تەشرىپ قىلغاندا، شۇ شەھەرگە بىر مەنزىل يېقىن قالغاندا ئىشەنچلىك بىر مەھرىمىدىن شۇ شەھەردىكى مەكتەپ ئوقۇتىدىغان موللىلارغا تون-سەرۇپاي، بىردىن قىزىل تىللا ھەدىيە كىرگۈزۈپ مەكتەپ بالىلىرىنى ئازاد قىلىشنى ۋە دۇئا قىلىشنى ئىلتىماس قىلاتتى. مەھرەم يېتىپ بېرىپ مەكتەپ موللىسىغا، ئاتىلىق غازىنىڭ سوۋغا-ھەدىيەلىرنى تاپشۇرۇپ، مەكتەپ بالىلىرىنى ئازاد قىلدۇرۇپ، ئاتىلىق غازى ھەققىدە دۇئا ئېلىپ ياناتتى. بۇ مەكتەپ موللىلىرى شەھەرنىڭ تېشىغا مەكتەپ بالىلىرىنى ئاچىقىپ ئاتىلىق غازىنى قارشى ئالاتتى ۋە دۇئا قىلاتتى. ئاتىلىق غازى ئېتىدىن چۈشۈپ مۇلايىم خۇلق، ئوچۇق چىراي بىلەن مەكتەپ بالىلىرىنى كۆرەكتىن ئۆتكۈزۈپ، بالىلارغا ئىككى تەڭگە، بەش تەڭگە، ئون تەڭگىدىن ئاق تەڭگە ئىنئام قىلاتتى. قۇرئان ئوقۇيدىغان بالىلارغا قۇرئان، ھەپتىيەك ئوقۇيدىغان بالىلارغا ھەپتىيەك ھەدىيە قىلاتتى. ئاندىن ئاتلىنىپ شەھەرگە ياكى بارگاھ ئالىيلىرىغا بېرىپ چۈشەتتى.