ئويلىنىش ئەپەندى ئاللاھتىن بىزگە ئىمانى نۇر بېرىشنى سورايمەن! ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە ئۆزىمىزدىن بولغانلارنىڭ سۆزلىرىنىلا تەستىقلايمىز. مەخلۇقاتنى ماختاش ۋە مەخلۇقاتتىن قايىل بولۇش ئاللاھنى مەدھىيلەش سانالمايدۇ. نىيۇتوننىڭ قانۇنىغا قايىل بولۇش دوستلۇق ئىزھارى بولۇپ شۇلاردىن سانىلىشتىن باشقا ئىش ئەمەس. نىيۇتوندىن مۆمىنلەردە بولىدىغان قايسى سۇپەتنى بايقىغانسىز؟ راست سۆزلىدىمۇ؟ قىيامەتتە نىيۇتون يالغان سوزلىگەن بولسا، سىز راستچىل سانىلارسىزمۇ؟ راستچىللىق مۆمىننىڭ سۇپىتىدۇر. بۇ كىشىگە قارىتا داۋد ئەپەندى(مۇسۇلمان بولمىغان يەنە بىر ئالىم) باشقا پىكىر قىلغان داۋدنى پىكرىنى قوللىمايمەن شۇندىمۇ 1700 خىلدىن ئارتۇق قانۇننىڭ ساختىلىقىنى بايقاپتۇ. ئاللاھ كائىناتنى خالىغانچە تەسەۋۇپ قىلىدۇ. مانا بۇلا توغرا جاۋاب. پاراخوت ماشىنا بولمىغاندا ھارۋا، قېيىق بىلەن قاتنايمىز دىسەك. بۇ قانۇن بولاتتى. كېيىن پاراخوت قوشۇلدى. ھازىر ماشىن، ئايرۇپىلان، راكىتا قوشۇلدى. مانا بۇلار ئوخشىمىغان دەۋرلەردە مەيدانغا كەلگەن ئاتالمىش ئىنساننىڭ ئازغۇن قانۇنلىرىدۇر. يېقىلغۇلارمۇ ئۆزگىرەۋاتىدۇ. مۆمىنلا راست گەپ قىلىدۇ؟! باشقىچە پىكرىڭىز بولسا مەن بىلەن ئالاقە قىلىڭ!
ئاللاھ قۇرئاندا ئالىملارنى مۇنداق تونۇشتۇرىدۇ.
بىز ئىنسانلارغا (قۇرئاندا ئۇلارنىڭ زېھنىغا يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن)بايان قىلغان بۇ تەمسىللەرنى پەقەت ئالىملارلا چۈشىنەلەيدۇ [43].[سۈرە ئەنكەبۇت]
شۇنىڭدەك ئىنسانلارنى، ھايۋانلارنى، چاھارپايلارنىمۇ خىلمۇخىلرەڭلىك قىلىپ ياراتتى، اﷲ نىڭ بەندىلىرى ئىچىدە اﷲ تىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ، اﷲھەقىقەتەن غالىبتۇر، (بەندىلىرى ئىچىدە تەۋبە قىلغانلارنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر[28].[سۈرە فاتىر]
(اﷲ قا شېرىك كەلتۈرگەن ئادەم ياخشىمۇ؟) ياكى ئاخىرەت (ئازابىدىن) قورقۇپ، پەرۋەردىگارىنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ كېچىنىڭ سائەتلىرىنى سەجدە قىلغان ۋە قىيامدا تۇرغان ھالدا ئىبادەت قىلىپ ئۆتكۈزگەن ئادەم (ياخشىمۇ؟)». ئېيتقىنكى، «بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟ پەقەت (ساغلام) ئەقىل ئىگىلىرى ئىبرەت ئالىدۇ» [9]. ئېيتقىنكى، «ئى (اﷲ نىڭ) مۆمىن بەندىلىرى! پەرۋەردىگارىڭلارغا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، بۇ دۇنيادا ياخشى ئىش قىلغانلار (ئاخىرەتتە) ياخشىلىققا (يەنى جەننەتكە) ئېرىشىدۇ. اﷲ نىڭ يېرى كەڭدۇر (كۇففارلار ئارىسىدىن شۇ يەرگە ھىجرەت قىلىڭلار)، پەقەت سەۋر قىلغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ ئەجرى ھېسابسىز بېرىلىدۇ» [10]. [39 - سۈرە زۇمەر]