باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2500 قېتىم كۆرۈلدى
«123»Pages: 1/3     Go
تېما: رەددىيە: «ماددا ئاڭنى بەلگىلەيدۇ» دېگۈچىگە
ئويلانماقتىمەن...
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 475
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 820
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە820دانە
ئۆسۈش: 1923 %
مۇنبەر پۇلى: 9561 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-29
ئاخىرقى: 2012-05-01
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-08 23:59

رەددىيە: «ماددا ئاڭنى بەلگىلەيدۇ» دېگۈچىگە

«نىيوتۇننىڭ 1-2- قانۇنلىرى بىر بىرىنى ئىنكار قىلىدۇ» غا رەددىيە

باغداش ۋە مىسرانىم تورىدا بىر نەچچە ھەپتە ئىلگىرى: "نىيوتۇننىڭ 1-2- قانۇنلىرى بىر بىرىنى ئىنكار قىلىدۇ" ناملىق تېما يوللانغان بولۇپ، بۇ تېمىدا  ماركىسىزملىق پەلسەپەنى نىيوتۇن قانۇنلىرىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ۋە پۈتۈن دۇنيادا ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
مەن رەددىيە بەرمەكچى بولغان يازمىنىڭ  ئەسلى ئادېرىسلىرى:

http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=4629

http://bbs.misranim.com/thread-67591-1-1.html

تۆۋەندە، مەن شۇ ماقالىدىكى قىسمەن بايانلارغا قارىتا ئۆز پىكرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن:
*               *                   *                   *                    *                         *                    *
 نىيوتۇننىڭ قانۇنلىرى توغرىسىدا سۆز باشلاشتىن ئىلگىرى نىيوتۇن قانۇنلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتەيلى:
نىيوتۇننىڭ 1- قانۇنى: « جىسىم سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغاندا تىنىچ ھالىتىنى ياكى تۈز سىزىقلىق تەكشى ھەرىكەت ھالىتىنى ساقلايدۇ».
نىيوتۇننىڭ 2- قانۇنى: «جىسىمنىڭ ھەرىكەت تېزلىنىشى ئۇ ئۇچرىغان سىرتقى كۈچلەرنىڭ يىغندىسىغا ئوڭ تاناسىپ، جىسىمنىڭ ماسسىسىغا تەتۈر تاناسىپ بولىدۇ».
ئاپتور ماقالىنىڭ ئاساسىي لوگىكىسى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ماقالىدىكى ئاساسى لوگىكا ماركىسىزىملىق لوگىكىنى دۇنيا بويىچە ئورتاق پىكىر قىلىش ئۇسۇلىغا ئايلاندۇرۇش.»
ئاپتور ماركىسىزمنىڭ «ماددا بىرلەمچى، ئاڭ ئىككىلەمچى» دېگەن قارىشىنى مۇنداق بايان قىلغان: «ماددا بىرلەمچى، ئۇ ئاۋال پەيدا بولغان ھەم ھەرىكەت قىلغان، روھ (ئاڭ) ــ نيوتون ئېڭى كېيىن پەيدا بولغان ــ ئۇ ئىككىلەمچى».
ئاپتور ماقالىسىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا لوگىكىلىق تەپەككۇردىن ئايرىلىپ قالغان بولۇپ، ئۆزى نەقىل ئالغان ۋە رەددىيە بەرمەكچى بولغان بايانلارنىڭ ماھىيىتىنى ۋە مەنىسىنى چۈشىنىش نۇقتىسىدا تۇرماستىن، بەلكى سۆزنىڭ شەكلىگە ئەھمىيەت بەرگەن ۋە باشقىلارنىڭ گېپىدىن قەستەن پۇتاق چىقارماقچى بولغان.
ئاپتور بۇ ئاساسىي لوگىكىسىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، پىكىرلىرىنى بىر نەچچە نۇقتىغا بۆلگەن بولۇپ، مەن بۇ نۇقتىلار ئۈستىدە بىر - بىرلەپ پىكىر بايان قىلماقچىمەن، ئاۋۋال ئۇماقالىدىكى نۇقتىلىق جايلارنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭغا بولغان ئىپادەمنى بىلدۈرۈپ ئۆتىمەن. ئەڭ ئاخىرىدا، ماقالىنىڭ ئاساسىي ئىدىيىسى بولغان « ماددا بىرلەمچى، ئاڭ ئىككىلەمچى» دېگەن قاراشنىڭ خاتا تەرەپلىرىگە بولغان پىكىرلىرىمنى ئومۇملاشتۇرۇپ بايان قىلىمەن:
نىيوتۇننىڭ ئالەمنى مىخانىك سائەتكە ئوخشاتقانلىقى ۋە بۇ سائەتنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم بىر سىرتقى كۈچنىڭ بولۇشى لازىملىقىنى ھېس قىلىپ، « تەڭرىنى چاقىرغانلىقى»نى ئاپتور توغرا نۇقتىدىن چۈشىنەلمىگەن. ئاپتورنىڭ قارىشىچە: « نىيوتۇن بۇ سائەتنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان تەڭرىنى چاقىرىشتىن ئىلگىرىلا، ھەتتا، نىيوتۇن تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرىلا بۇ سائەت ھەرىكەت ھالىتىدە ئىدى، شۇڭا نىيوتۇننىڭ تەڭرىنى چاقىرىشى ئىنتايىن بىمەنە ئىش.»
ئالەمنىڭ نىيوتۇندىن ئىلگىرىلا ھەرىكەت ھالىتىدە ئىكەنلىكى ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت. ئەقلى ئادىشىپ قالمىغان ھەر قانداق بىر ئادەم نىيوتۇن تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرىلا ئالەمنىڭ ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى، نىيوتۇننىڭ ئالەمنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان كۈچلۈك زاتنى چاقىرىپ ئىشقا سالالمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئەجابا، نىيوتۇن شۇ گەپلەرنى قىلغاندا ئەقلىدىن ئادىشىپ قالغانمدۇ؟ 350 يىلدىن بۇيان دۇنياغا كەلگەن نۇرغۇن ئالىملارمۇ بۇ گەپنى چۈشىنەلمىگۈدەك دەرىجىدە ئادىشىپ قالغانمىدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. بەلكى، ئاپتور بۇ ماقالىسىدە نىيوتۇننىڭ لوگىكىسىنى بۇرمىلاپ چۈشەنگەن، يەنى گەپنىڭ شەكلىگە ئەھمىيەت بېرىپ مەنىسىگە قارىمىغان. ئەمەلىيەتتە، نىيوتۇن ھىچقاچان تەڭرىنى ئۆزىگە ئىشقا سېلىش ئۈچۈن چاقىرىپ كەلمىگەن ھەم ئاپتورنىڭ دېگىنىدەك خۇدادىن 1- ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچىنى ئېلىپ كەلمىگەن. بەلكى، ئالەمنىڭ ھەرىكەت قىلىشى ئۈچۈن غايەت زور كۈچكە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلگەن نىيوتۇن، ئالەم سىرتىدا مۇشۇنداق زور كۈچكە ئىگە بىر زاتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھىس قىلغان ۋە خۇدانى ئىتراپ قىلغان.
نىيوتۇن ھىچقانداق بىر جايدا: « مەن خۇدانى چاقىرتىپ كەلدىم ۋە خۇدانىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ئالەمنى ھەرىكەتلەندۈردۈم، مەن خۇدانى چاقىرتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى ئالەم ھەرىكەت قىلمايتتى» دېمىگەن. شۇڭا، ئاپتورنىڭ: « نىيوتون 1-ھەرىكەتلەندۇرگۇچ كۈچنى ئېلىشتىن بۇرۇنلا ئالەم بۇ كۇچكە ئېھتىياجلىق ئىدى» دېيىش ئارقىلىق نىيوتۇننى ئەيىبلىمەكچى بولۇشى تولىمۇ بىمەنىلىكتۇر، چۈنكى بۇ نىيوتۇنمۇ ئىتىراپ قىلىدىغان ھەقىقەت. « نىيوتۇننىڭ خۇدانى چاقىرىشى» قانداقتۇ خۇدانى تارتىپ ئەكىلىش بولماستىن بەلكى خۇدانىڭ كۈچ- قۇدرىتىنى ھېس قىلىش ۋە ئۇنى قۇبۇل قىلىشتۇر. شۇڭا، نىيوتۇن 1684- يىلى ئالەمنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئۈچۈن خۇدانى چاقىرغان، دېمەستىن ئالەمنى ھەرىكەتلەندۈرگەن خۇدانى تونۇغان، دېسەك مۇۋاپىق بولىدۇ.
قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېيىلىدۇ: [اﷲ سۈبھىنى (قاراڭغۇدىن) يېرىپ چىقارغۇچىدۇر (يەنى تاڭنى يورۇتقۇچىدۇر)، اﷲ كېچىنى (سىلەر ئۈچۈن) ئىستىراھەت قىلىپ ياراتتى، (سىلەرنىڭ) ۋاقىت ھېسابلىشىڭلار ئۈچۈن قۇياش بىلەن ئاينى ياراتتى.]( 6- سۈرە ئەنئام 96- ئايەت).
دېمەك، نىيوتۇن قۇياش سېستىمىسىنى سائەتكە ئوخشىتىشتىن 1100 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىلگىرىلا قۇرئان كەرىمدە قۇياش ۋە ئاينى سائەتكە ئوخشىتىپ بولغان.
نىيوتۇننىڭ 1- قانۇنىنىڭ مەزمۇنى: جىسىم سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغاندا تىنىچ ھالىتىنى ياكى تۈز سىزىقلىق تەكشى ھەرىكەت ھالىتىنى ساقلايدۇ.
ئاپتور ماقالىسىدە: « ئىنسانلار بىلەن ھايۋانلار بارلىق جىسىملار دائىرسىگە كىرىدۇ، بۇلارنىڭ يول يۈرۈشى، يۈگۇرۈشى، ساياھەت قىلىشى، ئۇخلىشى ...قاتارلىقلار باشقىلارنىڭ(يەنى سىرتقى كۇچنىڭ) ياردىمى بولمىسىمۇ بولىدۇ. نىيوتۇننىڭ 1- قانۇنى بۇنى ئىنكار قىلىدۇ» دېگەن. ماقالىدە ئاپتورنىڭ بۇ كۆز قاراشنى تەستىقلاش مەقسىتىدە ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ياكى ئىنكار قىلىش مەقسىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىمۇ ئېنىق بولمىغان. ئاپتور بۇ پىكىرنى توغرا دەپ ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، فىزىكا ئوقۇغان بىر ئادەمنىڭ يۇقىرىدىكى گەپنى قىلىشى ئەقىلگە سىغمايدۇ. چۈنكى، ئىنسانلار ۋە ھايۋانلار ھىچقاچان سىرتقى كۈچتىن ئايرىلغان ئەمەس. يول يۈرۈش ئۈچۈن ئايىغىمىز بىلەن يەر ئارىسىدا سۈركىلىش كۈچى بولۇشى، يەرگە دەسسەپ تۇرالىشى ئۈچۈن يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى بولۇشى... كېرەك. ئەگەر بۇ كۈچلەر بولمايدىكەن، ئادەم ۋە ھايۋاننىڭ يول مېڭىشى ئەمەس بەلكى ئۆزىمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ.
ئاپتور ماقالىسىدە: «بىر ئادەم ھارىۋا ھەيدەۋاتقان بولسا، ئات ھارۋىنى سۆرەيدۇ، ئاتنى ئادەم باشقۇرىدۇ، بۇ يەردە ھارۋا، ئات ۋە ئادەمدىن ئىبارەت 3 خىل جىسىمنىڭ ھەرىكىتى تەڭلا مەۋجۇت، تەڭلا ھەرىكەت قىلىدۇ، لېكىن نىيۇتۇن ھارۋا ھەرىكەت قىلىدۇ، باشقىلار تىنىچ تۇرىدۇ، دەپ قارايدۇ، سىز قاراپ بېقىڭ ،ئەمەلىيەت شۇنداق بولامدۇ، قۇغۇن باسقان بىر دېھقان ئات ھارۋىسىنى ھەيدەپ قۇغۇن سۇدىسى قىلىۋاتقان بولسۇن، ئات، ئادەم، ھارۋا قاتارلىقلار تەڭلا ھەركەت قىلىدىغۇ؟» دېگەن مىسالنى كەلتۈرگەن. بۇ مىسال نىيوتۇننىڭ پىكىرىنى ئىنكار قىلىشقا يارىمايدۇ. چۈنكى، نىيوتۇن ھىچقاچان: « ھارىۋا ھەرىكەت قىلىدۇ، باشقىلار مۇتلەق تىنىچ تۇرىدۇ» دېمىگەن. ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان تىنىچلىق مۇتلەق تىنچلىق بولماستىن بەلكى پايدىلىنىش سېستىمىسى ۋە كۆزەتكۈچىنىڭ ئورنىغا نىسبەتەن ئېيتىلغان تىنچلىقتىن ئىبارەت.
ئاپتور ماقالىسىدە: «ستىفىن خاۋكىڭ خۇدانى ئىنكار قىلىدىغان ئالىم. سىتىفىن خاۋكىڭنىڭ تەرەققى قىلدۇرغىنى ‹ئالەمنىڭ چوڭ پارتلاش نەزىريەسى› بولۇپ، بۇ مەيلى فىزىكىدىكى ماددا بولسۇن ياكى ماركىسىزىملىق پەلسەپەدىكى ماددا بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھامان بىر باشلىنىش نۇقتىسىنىڭ بارلىغىنى كۆرسىتىپ بەردى» دېگەن.
ئالەمنىڭ دەسلەپكى ئەھۋالى توغرىسىدا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېيىلىدۇ: [ئاندىن ئۇ ئاسماننى (يارىتىشقا) يۈزلەندى، ھالبۇكى، ئۇ تۇمان ھالىتىدە ئىدى، ئاسمان بىلەن زېمىنغا: «ئىختىيارىي ياكى ئىختىيارسىز ھالدا كېلىڭلار (يەنى ئەمرىمنى قوبۇل قىلىڭلار)» دېدى. ئىككىلىسى «ئىختىيارىي كەلدۇق» دېدى.](41- سۈرە فۇسىلەت 11- ئايەت)
[كاپىرلار بىلەمدۇكى، ئاسمانلار بىلەن زېمىن بىر-بېرىگە تۇتاش ئىدى، ئۇلارنى ئايرىۋەتتۇق، ھەممە جانلىق مەۋجۇداتنى سۇدىن ياراتتۇق، ئۇلار (اﷲ نىڭ قۇدرىتىگە) ئىشىنەمدۇ؟.] (21سۈرە ئەنبىيا 30- ئايەت)
ھالبۇكى، سىتىفىن خاۋكىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئالەمنىڭ دەسلەپكى ھالىتى (تۇمان ھالىتىدە ئىكەنلىكى)، بىر نۇقتىغا يىغىلغانلىقى ۋە زىچلىقى ئىنتايىن ئېشىپ، ئاندىن پارتلاپ پارچە- پارچە بولۇپ چېچىلىپ كەتكەنلىكى قۇرئان كەرىمدە ئاللىبۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بولغان.
ئاپتور ماقالىسىدە يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ماركسىزمنىڭ ‹ماددا بىرلەمچى، ئاڭ ئىككىلەمچى› نەزەرىيەسى تەڭرىنى ئىنكار قىلىدۇ، ماددا ۋە ئاڭنىڭ مۇناسىۋىتىنى (ماددا بىرلەمچى، ئاڭ ئىككىلەمچى نەزىريەسىنى) ئىسپاتىلىغىلى بولىدۇ، يەنى، ماددا پەيدا بولغىلى 13مىليارت 700مىليون يىل بولدى، نيۇتوننىڭ ئېڭى بولسا (چۇنكى نيۇتونمۇ بىر ئىنسان ، فىزىكا ئۇنى جىسىم دەيدۇ، ماركسىزم بولسا ماددا دەيدۇ) ئالەمنىڭ ئومومى يېشىغا سېلىشتۇرغاندا نەچچە سىكىنوت بۇرۇنقى ئىش.»
ئاپتور بۇ يەردە ئۆز مەقسىتىنى ئىپادىلەشتە لوگىكىلىق خاتالىق ئۆتكۈزگەن. يەنى، «نىيوتۇننىڭ ئېڭى بولسا ئالەمنىڭ ئومومى يېشىغا سېلىشتۇرغاندا نەچچە سىكىنوت بۇرۇنقى ئىش.» ئاپتور بۇ يەردە ئەسلى نىيوتۇننىڭ ئېڭى ئالەمنىڭ بارلىققا كېلىشىدىن خېلىلا كېيىنكى ئىش، دېمەكچى. يەنى: « نىيوتۇننىڭ ئېڭى بولسا ئالەمنىڭ يېشىغا سېلىشتۇرغاندا تېخى يېقىنقىلا بىر ئىش» دېمەكچى ئىكەن. ئەمما، لوگىكىلىق خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويۇپتۇ.
ئەمدى بۇ مەسىلىنىڭ ئۆزىگە قايتىپ كېلەيلى:
ئوتتۇرا مەكتەپ ئىدىيە- سىياسى دەرسلىكىدە بىر ھەجۋىي رەسىم بار. ئۇنىڭدا ئىدىيالىزم قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر ئادەم ۋە ماتىرىيالىزملىق قاراشقا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر ئادەم يەر شارى ئۈستىدە تۇرغان ھالەتتە سىزىلغان. چۈشەندۈرۈشتە، ئىدىيالىزمچىغا ۋاكالىتەن: «مەن ۋە مېنىڭ ئېڭىم بولغاچقىلا يەر شارى بولغان» دېگەن سۆزنى يېزىپ قويغان. ماتېرىيالىزمچىغا ۋاكالىتەن: «يەر شارى بولغاچقىلا مەن ۋە مېنىڭ ئېڭىم بولغان» دەپ يېزىپ قويغان. مانا بۇ «ئاڭ بىرلەمچى، ماددا ئىككىلەمچى» دېگەن ئىدىيالىزملىق قاراشنىڭ تولىمۇ كۈلكىلىك، ئەخمىقانە خىيال ئىكەنلىكىنى، ماركىسىزمنىڭ «ماددا بىرلەمچى، ئاڭ ئىككىلەمچى» دېگەن قارىشىنىڭ توغرىلىقىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن مىسال.
ئەمەلىيەتتە، ئىدىيالىزملىق دۇنيا قاراشتىكى ھىچقانداق بىر ئادەم «مەن ۋە مېنىڭ ئېڭىم بولغاچقىلا يەر شارى بولغان» دەپ باقمىغان. شۇ سەۋەبتىن، كىتابتىكى يۇقىرىدىكىدەك مىسال قوبۇل قىلىشقا يارىمايدۇ، چۈنكى ئۇ يالغان ئويدۇرمىدىن ئىبارەت. شۇڭا، ئىدىيالىزمنىڭ ئەخمىقانىلىك ئىكەنلىكىنى يۇقىرىدىكى مىسال بىلەن ئىسپاتلاش ھەقىقىي ئەخمىقانىلىكتۇر.
ئەمدى، ئاپتورنىڭ مىسالىغا كەلسەك، «ماددا پەيدا بولغىلى 13 مىليارد 700 مىليون يىل بولدى، نىيوتۇننىڭ ئېڭى بولسا تېخى يېقىندىكى بىر ئىش. شۇڭا ماددا بىرلەمچى، ئاڭ ئىككىلەمچى» مۇشۇ مىسالدىن پايدىلىنىپ ماددىنىڭ ئاڭدىن بۇرۇن پەيدا بولغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنۇش يەنىلا نادانلىقتۇر. 13 مىليارد 700 مىليون يىل ئىلگىرى بۇ ئالەم قانداق پەيدا بولغان؟ ھىچقانداق ئۆلچەم- تەرتىپلەر، بويسۇنىدىغان قانۇنىيەتلىرى يوق ھالەتتىلا پەيدا بولۇپ قالغانمۇ؟ ئەگەر قانۇنىيەت بولسا ئۇ قانۇنىيەت نەدىن كەلگەن؟ پەيدا بولغۇچى(مەخلۇق ياكى جىسىم ياكى ماددا) ئۆزىگە لازىملىق قانۇنىيەتنى ئۆزى تۈزۈپ چىقالامدۇ؟ بۇ ئالەم بويسۇنىۋاتقان قانۇنىيەت بۇرۇن بارمىدى ياكى ئالەم بۇرۇن بارمىدى؟ ئەگەر ئالەم باشتا بولغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇ بويسۇنىۋاتقان قانۇنىيەت پەيدا بولغۇچە ئارىلىقتا ئالەم قانداق قىلىپ مەۋجۇت بولالىدى؟ نىيوتۇننىڭ ئېڭى راستىنلا يىڭىدىن، يوق يەردىن پەيدا بولغانمۇ؟
قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېيىلىدۇ: [ئۇلار (يەنى شەيتانلار) غا ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىنىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يارىتىلىشىنىمۇ كۆرسەتكىنىم يوق (يەنى مەزكۇرلارنى خەلق ئەتكەن چېغىمدا ئۇلارنى ھازىر قىلغىنىم يوق)، (كىشىلەرنى) ئازدۇرغۇچىلارنى ياردەمچى قىلىۋالغىنىممۇ يوق.] (18- سۈرە كەھف 51- ئايەت)

ئاپتور ماقالىسىدە: « تەڭرىنىڭ سائەت پۈتمەي تۇرۇپ، ئۇنى ھەركەت قىلدۇرالىشىمۇ مۇمكىن ئەمەسقۇ؟» دەپ يازغان. بۇنىڭدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، ماقالە ئاپتورى تەڭرى دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى قىلچىمۇ چۈشەنمىگەن. بۇ يەردە تەڭرىنى خۇددى ئادەمگە ئوخشاش خىيال قىلغان. ھەقىقەتەنمۇ ئادەملەر بىر نەرسە ياسىماقچى بولسا ئۇنى پۈتتۈرۈشكە چوقۇم ۋاقىت ۋە مەلۇم شارائىت كېتىدۇ، يەنى ئادەملەر بىر نەرسە ياساش ئۈچۈن چوقۇم مەلۇم نەرسىلەرگە موھتاج بولىدۇ. ئىھتىياجىدىن چىقىدىغان ئاشۇ نەرسىلەر بولمىغۇچە ئۇ ئىشنى قىلالمايدۇ. ئەگەر خۇدانىمۇ شۇنداق ئاجىز ئىنسانلاردەك خىيال قىلىۋالساق، ئۇنىڭ نەرى خۇدا بولسۇن؟ ئۇنى كۈچ -قۇدرىتى بىزگە قارىغاندا يۇقىرىراق بولغان چوڭ ئادەم دەپ ئاتىساق بولىدۇغۇ؟ يەنە شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خۇدانىڭ ئالەمنى يارىتىشىنى شۇنداق خىيال قىلساق، ئۇنداقتا ئادەتتىكى ئادەملەرمۇھەممىسى كىچىك خۇدا بولۇپ قالمامدۇ؟ خۇدا دېگەن ھىچقانداق نەرسىگە موھتاج بولمايدىغان، ھىچقانداق نەرسە مەۋجۇت بولمىغان ئەھۋالدىمۇ يالغۇز مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىغان، ئۇنىڭغا ھىچكىمنىڭ كۈچى يەتمەيدىغان، ھىچكىم ئۇنى يوق قىلىۋېتەلمەيدىغان، ئۆزى خالىغاننى قىلالايدىغان زاتتۇر.
خۇدانىڭ يارىتىشى ئىنساننىڭ ياسىشىغا مۇتلەق ئوخشىمايدۇ، نۇرغۇن خاتالىشىشلار خۇدانى ئادەمگە ئوخشىتىشتىن كېلىپ چىققان.
قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېيىلىدۇ: [ اﷲ ئاسمانلار ۋە زېمىننى يوقتىن بار قىلغۇچىدۇر. بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشنى ئىرادە قىلسا، «ۋۇجۇدقا كەل» دەيدۇ-دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.]( 2- سۈرە بەقەرە 117- ئايەت )
[(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، ئۇ- اﷲ بىردۇر.(1)ھەممە اﷲ غا موھتاجدۇر .(2)اﷲ بالا تاپقانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس.(3)ھېچ كىشى ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايدۇ.(4)]( سۈرە ئىخلاس)
يۇقىرىدىكىلەر خۇدانىڭ مۇھىم سۈپەتلىرىدىندۇر. قانداقتۇ، خۇدا بىرەر نەرسىنى يارىتىش ئۈچۈن ۋاقىتقا ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ ياردىمىگە موھتاج بولۇپ قالمايدۇ.
ئاپتورنىڭ بىر ئابزاستىكى ئىككى جۈملىسى بىر- بىرىنى ئىنكار قىلىدۇ. ئۇ: «نىيوتوننىڭ مېخانىك ھەركەت نەزىرىيەسىدە ماددا پەيدا بولغان بىلەن ھەركەت قىلمايدۇ، پەقەت نيۇتون تەڭرىنى چاقىرىپ كەلگەندىن (توغراراق ئېيتقاندا، نىيۇتۇن تەڭرى بولغاندىن) كېيىنلا، بۇ سائەت ھەرىكەتكە كەلگەن.» دېگەن بولۇپ، بۇنى نىيوتۇنغا قىلىنغان تۆھمەت دېيىشكە بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، ئاپتور بۇ جۈملىنىڭ كەينىدىلا «نىيوتون تەڭرىنىڭ 4004-10-23كۇنى ئالەمنى ياراتقانلىغىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ» دېگەن. ئالدىدىكى جۈملىدە نىيوتۇننى ئۆزىنى تەڭرى ئورنىغا قويىۋالغان، دېگەن تۇرۇپ، كەينىدىنلا ئالەمنى باشقا بىر خۇدانىڭ ياراتقانلىقىنى قوللايدۇ، دەپ ئېيتقان. ئاپتورنىڭ بۇ سۆزلىرى روشەن قارىمۇ- قارشىلىققا ئىگە. ئۇنىڭدىن سىرت، نىيوتۇن ھىچقاچان: « مەن تەڭرىنى چاقىرىپ كەلمەستە ئالەم ھەرىكەت قىلمايتتى، مەن ھەرىكەتلەندۈردۈم، ياكى مەن ئۆزۈم تەڭرى» دېمىگەن، بەلكى ئۇ، ئالەمنىڭ ھەرىكىتىنى خۇدا ئىشقا ئاشۇرغان، قۇياش سېستىمىسىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ سائەتنىڭ ھەرىكەت قىلىشى چوقۇم خۇداغا ئېھتىياجلىق، دېگەن قاراشنى ياقلىغان، شۇڭا ياراتقۇچىنى «چاقىرىپ كەلگەن.»
يۇقىرىدا ئېيتقان ئابزاسنىڭ ئاستىدىلا يەنە لوگىكىغا چۈشمەيدىغان نۇرغۇن بايانلار بار: « جىسىملارنىڭ تۈز سىزىقلىق تەكشى ھەرىكەت قىلىشىغا سەۋەپ بولغان كۈچ زادى قايسى كۈچ؟ نيۇتون قانۇنلىرىنىڭ بۇنىڭغا بەرگەن جاۋابى، تۇز سىزىقلىق تەكشى ھەرىكەتمۇ دەل سىرتقى كۇچ سەۋەبىدىن بولغان دەپ قارايدۇ. ئۇنداقتا تۇز سىزىقلىق تەكشى ھەرىكەت قىلىشى ئۇچۇن سىرتقى كۇچ بولمايدۇ دىگەن خۇلاسە كېلىپ چىقىدۇ.» بۇ جۈملىدە ئېغىر دەرىجىدە لوگىكىلىق خاتالىق كۆرۈلگەن.
يۇقىرىدىكىلەر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان خاتا پىكىرلەرنىڭ ياكى لوگىكىلىق خاتالىقلارنىڭ بىر قىسىمى ۋە مېنىڭ ئۇ پىكىرلەرگە بولغان مەيدانىم.( يۇقىرىدا، ئاپتورنىڭ ماقالىسىدىن نەقىل ئالغان جۈملىلەرنىڭ ئىملاسى ئاساسەن تۈزىتىپ يېزىلدى.)
ئەمدى، ماقالە ئاپتورىنىڭ تەلىپى بويىچە، ماقالىنىڭ مەركىزىي ئىدىيىسى بولغان «ماركىسىزىملىق لوگىكىنى دۇنيا بويىچە ئورتاق پىكىر قىلىش ئۇسۇلىغا ئايلاندۇرۇش( يەنى، ‹ماددا بىرلەمچى، ئاڭ ئىككىلەمچى› دېگەن قاراشنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاش)» نىڭ خاتالىقىنى ئېچىپ بەرمەكچىمەن:
ماتېرىيالىزم مۇنداق قارايدۇ: «دىن بولسا تەبىئەت كۈچلىرىنىڭ ئىنسانلار مېڭىسىدىكى بۇرمىلانغان ئىنكاسىنىڭ مەھسۇلى.»
بۇ ئىدىينىڭ ئاساسى بولسا «ماددا ئاڭنى بەلگىلەيدۇ»غانلىقىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ قارىشىدا، ئىنسانلار مېڭىسىدىكى ھەرخىل ئاڭ-ئىدىيىلەر تەبىئەت(ماددا) دىن كېلىدۇ، تەبىئەتتىكى خىلمۇ-خىل ھادىسىلەر (ماددىي ھادىسىلەر)نىڭ بارلىققا كېلىشى ئىنسان مېڭىسىدە دىن ئۇقۇمىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ بىز كىچىكىمىزدىن باشلاپ ئۆگىنىۋاتقان «ماددا بىرلەمچى، ئاڭ ئىككىلەمچى» لىك نەزەرىيىسى.
ئاددىي تەھلىل: بىنا سېلىنىۋاتقان جايدىن ئۆتكىنىمىزدە قۇرۇلۇش مەيدانى ئەتراپىنىڭ ئېلان تاختىلىرى بىلەن توسۇپ قويۇلغانلىقىنى كۆرىمىز. بۇ تاختىلاردا ئادەتتە ئېسىل بىنانىڭ رەسىمى بولىدۇ. قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن شۇ رەسىمنىڭ كەينىدە رەسىمگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان بىر بىنا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغانلىقىنى كۆرىمىز. ئەجابا، قۇرۇلۇشچىلار ئاۋال بىنانى كۆرۈپ ئاندىن بۇ رەسىمنى سىزغانمۇ؟ قەتئىي ئۇنداق ئەمەس. بۇ بىنانىڭ سۈرىتى بۇ بىنا سېلىنىشتىن بۇرۇنلا مۇشۇ ئورۇندا بار ئىدى. شۇنداق بولغانىكەن، ئاۋال ئىنژىنىرلارنىڭ كاللىسىدا، ئاشۇنداق بىر بىنا سېلىشتىن ئىبارەت ئىدىيە(ئاڭ) بارلىققا كەلگەن، ئاندىن ئاشۇ ئىدىيىسى بويىچە بىر بىنانىڭ چىرتىيوژىنى لايىھىلەپ چىققان. ئاخىرىدا قۇرۇلۇشچىلار ئاشۇنداق بىنانى(ماددىي شەكىلنى) ياساپ چىققان. دىمەك، بۇ ماددا(بىنا) بىر خىل ئاڭ(لايىھە) ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن.
يۇقىرىدىكى مىسال بەزىلەرنىڭ چۈشىنەلمەسلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يۈزەكى، ئاددىي پىكىر قىلغۇچىلارغا قارىتا بېرىلدى. بۇنداق شەكىلدىكى مىساللار كۇرمىڭ. ئەمما، بۇ مىساللار بىر قىسىم كىشلەرنى قايىل قىلالماسلىقى مۇمكىن. تۆۋەندە بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ ئايدىڭ، تېخىمۇ كۈچلۈك دەلىللەر بىلەن چۈشەندۈرەلەيدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن.

بۇ كائىنات ئاڭسىز ھالدا ئۆزلىكىدىن بارلىققا كېلىپ قالغان ئەمەس، شۇنداقلا، ياراتقۇچى زات بۇ كائىناتنى ئاڭسىز ھالدا پىلانسىز يارىتىپ قويغان ئەمەس. بەلكى، بۇ كائىنات ياراتقۇچىنىڭ ئاجايىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە قۇدرىتى بويىچە ئاڭلىق تۈردە مەيدانغا كەلتۈرۈلگەن.
قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېيىلىدۇ: [پەرۋەردىگارىڭ ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن قارا لايدىن ياسىلىپ شەكىلگە كىرگۈزۈلگەن (چەكسە جىرىڭلايدىغان) قۇرۇق لايدىن ئىنسان (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالام) نى يارىتىمەن.] (15- سۈرە ھىجىر 28- ئايەت) يۇقىرىدىكى ئايەتنى ئوبدان تەھلىل قىلىدىغان بولساق، ئادەم( يەنى، جىسىم، ماددا) يارىتىلىشتىن ئىلگىرىلا ياراتقۇچى ئۇنى ئۆزىنىڭ قانداق يارىتىدىغانلىقىنى بىلەتتى. ياراتۇچىدىكى ئادەمنى يارىتىش ئېڭى ھەرگىزمۇ ماددىدىن كەلمىگەن، بەلكى ئۇ بىر خىل ئاڭ ئاساسىدا ماددىنى ياراتقان، دېگەننى چۈشىنىۋالالايمىز.
ئوقۇرمەنلەرگە ۋە ئالدىنقى ماقالىنىڭ ئاپتورىغا ئايدىڭ بولۇشى كېرەككى، مېنىڭ بۇ يازمامدا قۇرئان ئايەتلىرىدىن مىسال كەلتۈرۈشۈم ھەرگىزمۇ قۇرئان ئايەتلىرىنى مىسال كەلتۈرمەي تۇرۇپ ئۇ ماقالىگە رەددىيە بەرگىلى بولمايدىغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى، قۇرئان كەرىمدىكى بەزى ئايەتلەرنىڭ ئۆز‍ پىكرىمگە ماس كەلگەنلىكى سەۋەبىدىن پىكرىمنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن قىستۇرۇپ مېڭىۋاتىمەن.
مەلۇم بىر نەرسىنى ياسىماقچى بولغاندا ئەتراپىدىكى شەيئىلەردىن ئۆرنەك ئېلىش (يەنى، ئاڭ ھاسىل بولۇش)، ئەتراپتىكى شەيئىلەرنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇنىڭدا مەلۇم ئاڭ پەيدا بولۇش،دېگەندەك ئىشلار ئادەم ۋە باشقا ماددىي مەخلۇقاتلار ئارىسىدىكى ئەھۋال بولۇپ، بۇ ھەرگىزمۇ ماددىنىڭ ئاڭ پەيدا بولۇشتىن بۇرۇن پەيدا بولغانلىقىنى، ئاڭنىڭ ماددا تەسىرى ئاستىدا مەيدانغا كېلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. قۇرئان كەرىمدە نېمىلەر دېيىلگەنلىكىگە قارايلى:
[اﷲ ئاسمانلارنى ۋە يەرنى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچىدۇر] (6- سۈرە ئەنئام 101- ئايەت)
يۇقىرىدىكى ئايەتتە، ئاللاھ ئۆزىدىكى ھەر قانداق بىر ئاڭنىڭ(يارىتىش ئىرادىسىنىڭ) ماددا تەسىرى(ئۆرنەك) ئاساسىدا پەيدا بولمايدىغانلىقىنى، بەلكى، ھىچقانداق ئۆرنەك، ھىچقانداق ماددا، ھىچقانداق تەسىر پەيدا قىلغۇچى يوق ھالەتتە ماددىى شەكىللەرنى (ئاسمان-زىمىننى) ئۆز ئىرادىسى بويىچە ياراتقانلىقىنى، ئۆزىدىكى بۇ يارىتىش ئىرادىسىنىڭ ھىچقانداق بىر نەرسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغانلىقىنى بايان قىلغان.
ماددىنىڭ ئاڭنى بەلگىلىيەلمەيدىغانلىقى روشەن پاكىتتۇر. مەسىلەن: ئاڭغا ئىگە بولمىغان ھىچقانداق مەخلۇقات ئەتراپىدىكى شەيئىدىن تەسىر ئالالمايدۇ، يەنى، ئۆزىدە شۇ شەيئىگە نىسبەتەن ھىچقانداق ئاڭ شەكىللەندۈرەلمەيدۇ. تاغلارمۇ ماددا، دېڭىز ئوكيانلارمۇ ماددا، ئورمانلىقلارمۇ ماددا، بارلىق قۇرت- قوڭغۇر، ئۇچار قۇش، ھايۋانلارمۇ ھەم ماددا. ئەگەر ماددىدىن ئاڭ كېلىپ چىقىدىغان بولسا، نىمىشقا بۇ سانسىزلىغان ماددىلار ئەتراپىدىكى ماددىدىن تەسىر ئېلىپ ئۆزىدە مەلۇم ئاڭنى شەكىللەندۈرەلمىدى؟ ئەمەلىيەتكە قارايدىغان بولساق، پەقەت ئىنسانلا ئۆز ئەتراپىدىكى ماددىلاردىن تەسىر ئالىدۇ ۋە كاللىسىدا مەلۇم ئاڭ (ئىدىيە) پەيدا بولىدۇ. ئەمما، بۇ ئاڭ (ئىدىيە) ھەرگىزمۇ شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە يوقتىن پەيدا بولغان ئەمەس، بۇ ئاڭ ئىنسانلار، ھەتتا پۈتكۈل ماددىي دۇنيا پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرىلا بار ئىدى. مەزكۇر ماددىي دۇنيادا، ئاڭ ئۆزى يالغۇز ھالەتتە ئىپادىلىنىپ چىقالمايدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇرۇندىنلا بار بولغان بۇ ئاڭنى كىشلەر ھېس قىلالمايدۇ. بۇ ئاڭ ماددا بىلەن بىرلەشكەندە ئاشكارىلىنىپ چىقىپ، ئۆ‍ ئورنىنى تاپىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، بىر قىسىم كىشلەر، ماددا بولغاچقىلا ئاڭ شەكىللەندى، دەپ خاتا گۇمان قىلىدۇ.
مەسىلەن: ئالىملار يېقىندا( بىرنەچچە يۈز يىل ئىلگىرى) ئېنىرگىيەنىڭ ساقلىنىش قانۇنىنى بايقاپ چىقتى. ئېنىرگىيەنىڭ ساقلىنىش قانۇنى بىر خىل بىلىش بولۇپ، بۇ بىلىش ئاڭدىن ئىبارەت، يەنى، شۇنى بايقىغان چاغدا بايقىغۇچىنىڭ كاللىسىدا شۇنداق بىر ئاڭ مەيدانغا كەلدى. ئەجابا، ئالىملار بۇنى ئىسپاتلاپ چىقماستا بۇ قانۇن يوقمىدى؟ ئۇنداق ئەمەس، يەنى، بۇ قانۇن پۈتكۈل دۇنيادا ھىچقانداق بىر ئىنسان مەۋجۇد بولمىغان چاغلاردىمۇ بار ئىدى.
ماددىنىڭ تەسرىدىن ئاڭسىز مەخلۇقلاردا ئاڭ شەكىللەنمەيدىغانلىقى ئېنىق ھەقىقەت. ماركىسىزمدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ماددا بىرلەمچى، ئاڭ ئىككىلەمچى ئىدىيىسىدە، ئادەملەر يادرو قىلىنغان بولۇپ، ئادەملەر ئەتراپتىكى مۇھىت تەسىرىدە ھەر خىل ئاڭ (ئىدىيە) گە ئېرىشىدۇ، شۇڭا، ماددا بىرلەمچى(يەنى، ماددا بولمىغان بولسا بۇ ئاڭ مەيدانغا كەلمەيتتى)، دەپ قارىلىدۇ. ئەگەر ئاڭ مەۋجۇد بولماستىلا ماددا مەۋجۇد بولغان بولسا، ئۇنداقتا تۇنجى ئاڭ قانداق مەيدانغا كەلدى؟ ئاڭسىز مەخلۇقلار مۇھىت تەسىرىدە ئاڭغا ئېرىشەلمەيدىغان تۇرسا، ھازىر مەۋجۇد بولىۋاتقان ئاڭ نەدىن كەلدى؟ ئىنسانلار يوق زاماندا ئاڭ يوقمىدى؟ يوق دېگەن تەقدىردە ئەمدىلىكتە نەدىن كەلدى؟ بار دېگەن تەقدىردە، بۇقاراش ماددىدىن بۇرۇن ئاڭنىڭ مەۋجۇد ئىكەنلىكىنى كۆرسۈتۈپ بېرىدۇغۇ؟
ئەگەر ئالەم ئاڭسىز بارلىققا كەلگەن بولسا قانداقمۇ مەۋجۇد بولۇپ تۇرالىسۇن؟! ئالەمدە قانۇنىيەتكە، ئۆلچەمگە، تۈزۈمگە بويسۇنمايدىغان ۋە ئىھتىياجى بولمىغان شەيئى مەۋجۇد ئەمەس. ئاددىيسى بىر ۋىلىسپىت ياسىغان بولساقمۇ، ۋىلىسپىت ياسىلىشتىن ئىلگىرىلا، ۋىلىسپىت دېگەن نەرسىنىڭ قانداق تەلەپكە چۈشۈشى كېرەكلىكى ئېنىق بولىدۇ. مەسىلەن، چاقى ئايلىنىدىغان بولۇشى، پېدالى، چىشلىق چاقى بولۇشى، ئادەم ئولتۇرىدىغان يېرى بولۇشى، ماتېرىيالىنىڭ چىدامچانلىقى ئۈستىگە چىققان ئادەمنى كۆتۈرەلىگۈدەك بولۇشى.... ۋە ھاكازالار. مانا بۇلار ئۆلچەم- تۈزۈمدىن ئىبارەت. بۇلار ۋىلىسپىت ياسالماستىلا مەۋجۇت بولغان بولىدۇ. ۋىلىسپىت ماددا، ئەمما، ئۆلچەم- تۈزۈملەر ماددا ئەمەس.
ئۇنداقتا، نىمىشقا ئادەم شەيئىلەر تەسىرىدىن ئاڭغا ئىگە بولىدۇ؟ دېگەن مەسىلىگە كەلسەك، ئادەمنىڭ سەزگۈئەزالىرى پەقەت ماددىي نەرسىلەرنى ھېس قىلالايدۇ. كۆزنىڭ كۆرۈشى، قۇلاقنىڭ ئاڭلىشى، بۇرۇننىڭ پۇرىشى، تىلنىڭ تەم تېتىشى، تېرىنىڭ ئاغرىق سېزىشى ..... دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ماددىي دۇنيادىن ئايرىلالمايدۇ. چۈنكى بىزنىڭ جىسمىمىز ماددا، بىز ماددىي شەكىلگە ئىگە بولغان دۇنيادا ياشاۋاتىمىز. ئاڭ يۇشۇرۇن نەرسە بولۇپ ئۇنى سەزگۈ ئەزالار ياردىمىدە بىلگىلى بولمايدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئۇنى يەككە ھالىتىدە ھېس قىلالمايمىز. بىزدە مەۋجۇد بولغان ئاڭ قاچانىكى ماددا بىلەن بىر يەرگە كەلسە، بىزدىكى بۇ ئاڭ ئاشكارىلىنىپ چىقىدۇ. ئەمما، ئەقىل ئۇنىڭ مەۋجۇد ئىكەنلىكىنى تەپەككۇر قىلىپ بىلەلەيدۇ.
قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېيىلىدۇ: [ ئاندىن ئۇنى(ئادەمنى) راۋۇرۇس يارىتىپ، ئۇنىڭغا ئۆزىگە مەنسۇپ روھنى كىرگۈزدى (يەنى جاننى كىرگۈزدى). يەنە سىلەر ئۈچۈن قۇلاقلارنى، كۆزلەرنى ۋە يۈرەكلەرنى ياراتتى، سىلەر ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر.] (32- سۈرە سەجدە 9- ئايەت)
يۇقىرىدىكى ئايەتتىن شۇ نەرسە ئايان بولىدۇكى، خۇدا ئادەمنىڭ جىسمىنى (ماددىنى) ياراتقانلىقىنى (يەنى، يوقتىن بار قىلغانلىقىنى) ئېيتتى. ئەمما، روھنى بولسا ياراتقانلىقىنى ئېيتمىدى، بەلكى ئۆزىگە مەنسۇپ روھنى كىرگۈزدى، يەنى بىز ئېيتىۋاتقان ئىلىمنى، ئاڭنى كىرگۈزدى. دېمەك، ئاڭ يوقتىن بار قىلىنغان ئەمەس، ئۇ ياراتقۇچىنىڭ مەرىپىتىنىڭ بىر قىسمى، ئەمما، تەن(جىسىم) بولسا يوقتىن بار قىلىنغان. مۇشۇ ئايەتتىنمۇ كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ماددا مەۋجۇد بولۇشتىن ئىلگىرىلا ئاڭ مەۋجۇد ئىدى، بۇ ئاڭنى ئادەمنىڭ جىسمىغا كىرگۈزۈش ئارقىلىق ماددا بىلەن بىرلەشتۈردى.
ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، بىز ئېيتىۋاتقان بۇ ئاڭ ماددىي شەيئىلەر مەۋجۇد بولۇشتىن ئىلگىرىلا بار ئىدى. پۈتكۈل ئالەم يۈكسەك ئاڭ ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. ئاڭ ماددا ئارقىلىق ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ.
ماددا بىرلەمچى ئاڭ ئىككىلەمچى ئەمەس. بەلكى، باشلىنىش نۇقتىسىدا ئاڭ ماددىنى بەلگىلەيدۇ، ماددا ئاڭنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى بولىدۇ. ماددىي دۇنيادا ئىككىسى ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
قۇرئاندا مۇنداق دېيىلىدۇ: [ئۇلار سەندىن روھنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە سورىشىدۇ. «روھنىڭ ماھىيىتىنى پەرۋەردىگارىم بىلىدۇ» دېگىن، سىلەرگە پەقەت ئازغىنا ئىلىم بېرىلگەن.] (17- سۈرە بەنى ئىسرائىل 85- ئايەت)
ئىنساننىڭ ئەقلى چەكلىك دائىرىدە بولغانلىقتىن نۇرغۇن ئىشلارنى بىلىپ يېتەلمەيدۇ. ماددىمۇ ئاجىز بولغانلىقتىن ھەر قانداق ئىشنى تەجرىبە ئارقىلىق ھەل قىلغىلىمۇ بولمايدۇ، چۈنكى ماددىدىنمۇ يۇقىرى ئورۇنداق تۇرىدىغان ئاڭدىن ئىبارەت بىر نەرسە بولغانلىقى ئۈچۈن. ئاڭنى ماددا ئارقىلىق تەجرىبە قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، ئۇ مەنىۋىي دۇنيادۇر.
خۇلاسە كالام، پۈتكۈل ئالەم مەلۇم ئاڭ ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن، ئىنسانلارمۇ ئاڭ ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن ۋە ئۇنىڭغا باشقا مەخلۇقلارغا ئاتا قىلىنمىغان ئاڭ ئاتا قىلىنغان. ئىنسانلاردىن باشقا مەخلۇقلار ئاڭغا ئىگە ئەمەس. ئىنسان ئاڭنى يارىتالمايدۇ، يوق ئاڭنى بارلىققا كەلتۈرەلمەيدۇ. پەقەت، شەيئىلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئۆزىدە بار بولغان يۇشۇرۇن ئاڭنى ماددىي شەيئىلەر ياردىمىدە ئىپادىلەپ چىقىدۇ.
يۇقىرىدا ئاڭنىڭ بىرلەمچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ ئۆتتۈم. ئەگەر ئاڭ ماددىدىن كېيىن پەيدا بولغان، دەيدىغانلار بولسا، ئاڭنىڭ يوقلۇقتىن قانداق بارلىققا كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمەن.
تېما ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى.

پايدىلانغان مەنبە:
"نىيوتۇننىڭ 1-2- قانۇنلىرى بىر بىرىنى ئىنكار قىلىدۇ" ناملىق ماقالە
قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى
كائىنات ئۈستىدە ئويلانغان تەپەككۇرۇم

تەپەككۇر _ ئېسىل نېئمەتتۇر!
دوستلىشىش
samanyoli
شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،،،،،،،،،،،،،،
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1745
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1745دانە
ئۆسۈش: 8090 %
مۇنبەر پۇلى: 23682 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2012-05-09

خو پولكوۋنىك،،،،،،،،،،،،،،،،دەششەت كەلتۇرۈپسىزغۇ،،،،،،،،،،،،،،،،،مەن تېخى كەڭ سايلىقلار بۇنداق سەپسەتىلەرنى ئوقۇپمۇ باقمايدۇ دىسەم،،،،خېلى ئوقۇپتىكەنسىزدە ،،،،،،،،،،،،مەنمۇ بىر تەپسىلى ئوقۇپ باقاي ئۇ ئاداشنىڭ ماقالىسىنى،،،،،،،،،
ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىمان ئاتا قىل& ..
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3033
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 702
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە702دانە
ئۆسۈش: 480 %
مۇنبەر پۇلى: 4265 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-17
ئاخىرقى: 2012-05-09
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-09 10:58

تالانتىڭىزغا  بەك قايىل جۇمۇ مەن . ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلغاي .
بۇ زادى نېمىدۇ؟
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1913
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1389
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1389دانە
ئۆسۈش: 910 %
مۇنبەر پۇلى: 15413 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-14
ئاخىرقى: 2012-05-09
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-09 11:39

سەن  بىلەن بىر كۆرۈشكۈم با زادى
سىلەر بىزگە نېمىنى تىلىسەڭلار ئاللاھ سىلەرگە ئۇنى ھەسسىلەپ بەرسۇن!ئامىن!!!
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2470
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2470دانە
ئۆسۈش: 5440 %
مۇنبەر پۇلى: 30381 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-05-10
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-09 12:43

ئويلىنىش قان، كاللاڭ دەششەت ئىشلەيدۇ جۇمۇ سىنىڭ              ئۆتكەندە ئۇ ماقالىنى ئوقۇغاندىلا سىنىڭ بىر نەرسە يازىدىغانلىقىڭنى ئويلىغان.

   ۋاقتىم قىس بولۇپ بىشىنىلا ئوقۇدۇم. ساقلىۋىلىپ بوشىغاندا ئوقۇي
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دەرىجە: چەكلەنگەن

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9603
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 925
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە925دانە
ئۆسۈش: 490 %
مۇنبەر پۇلى: 1 سوم
تۆھپىسى: 83 كىشى
ياخشى باھا: 4789 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-16
ئاخىرقى: 2012-03-26
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-09 13:02

ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى
بۇ زادى نېمىدۇ؟
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1913
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1389
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1389دانە
ئۆسۈش: 910 %
مۇنبەر پۇلى: 15413 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-14
ئاخىرقى: 2012-05-09
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-09 13:12

5-قەۋەت (بىگان) نىڭ يازمىسىغا

شۇ ئارىلىق بەك  يىراق ئەمەسمۇ باراي دېسەم،ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاقتىممۇ تازا يار بەرمەيۋاتىدۇ كېلەشىڭدە  ئالغاچ  كېلە ئۇنىمۇ
سىلەر بىزگە نېمىنى تىلىسەڭلار ئاللاھ سىلەرگە ئۇنى ھەسسىلەپ بەرسۇن!ئامىن!!!
دەرىجە: چەكلەنگەن

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9603
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 925
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە925دانە
ئۆسۈش: 490 %
مۇنبەر پۇلى: 1 سوم
تۆھپىسى: 83 كىشى
ياخشى باھا: 4789 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-16
ئاخىرقى: 2012-03-26
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-09 13:40

ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى
دەرىجە: چەكلەنگەن

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9603
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 925
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە925دانە
ئۆسۈش: 490 %
مۇنبەر پۇلى: 1 سوم
تۆھپىسى: 83 كىشى
ياخشى باھا: 4789 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-16
ئاخىرقى: 2012-03-26
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-09 13:41

ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى
دوستلىشىش
زەڭگەر1-ئادەم
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10264
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە1دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 10 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-09
ئاخىرقى: 2012-01-09
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-09 14:16

مەن بۇ رەدىيەنى كۆرگەندىن كىيىن رەدىيە يازۇچىنىڭ پىكىرنى تولوق قوللايمەن .دۇيادىكى بارىلىق مەۋجۇدات ئەنە ئاشۇنداق
بىر ياراتقۇچى تەرپىدىن يەنى <ئاللا>تەرپىدىن ياتىلغان .
مەن كەڭساي تورىنى ياخشى كۆرىمەن.