ئۇيقۇسىز كېچە، ئاجايىپ ھەدىيس.
تۈنۈگۈن كېچە مەلۇم سەۋەپ تۈپەيلى بالدۇرراق ئارام ئېلىشنى مەقسەت قىلىپ 11يېرىمدا كارۋىتىمغا چىقتىم، بىراق بەزى سۈرەت، پاراڭ خەتلىرى كۆز ئالىدىمغا كىلىۋىلىپ، دىققىتىم چېچىلىپ، خىيال دېڭىزىدا چۇڭقۇر ئۈزۈپ ئەتتىگەن سائەت 2يېرىمگىچە بىر مىنۇتمۇ ئۇخلاش نىسىپ بولمىدى. ئۇخلاشقا كۆزۈم يەتمەي ئۆزۈمنى چارچىتىش ئۈچۈن قولۇمغا تېلفۇنۇمنى ئېلىپ سەھىيھ بۇخارىينى ئېچىپ خىيالىي ھالدا ھۇدۇد بابىنى چىكىپ تۆۋەندىكى ھەدىسنى ئوقۇپ ئۇيقۇم تېخىمۇ ئېچىلىپ كەتتى.
ئۆمەر ئىبنى خەتتابتىن، رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرىدە (ئېشەك) دەپ لەقىمى بار {مېنى قىزىقتۇرغىنى دەل مۇشۇ گەپ } ئابدۇللاھ ئىسىملىك بىر ئادەم بولۇپ، ئۇ ئادەم رەسۇلۇللاھنى كۈلدۈرەتتى. رەسۇلۇللاھ ئۇ ئادەمنى شاراپ(مەست قىلغۇچى) ئىچكەنلىكى ئۈچۈن قامچىىلاتقان ئىدى. بىر كۈنى ئۇ ئادەم يەنە ئىچكەنلىكى ئۈچۈن رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلدى، رەسۇلۇللاھ يەنە قامچىلاشقا بۇيرىدى، جامائەت ئىچىدىن بىر ئادەم- ئۇنىڭ داۋاملىق قىلىۋەرگەن گۇناھى ئۈچۈن ئۇنىڭغا اللە نىڭ لەنىتى بولسۇن دىدى.
رەسۇلۇللاھ بۇ گەپنى ئاڭلاپ- ئۇنىڭغا لەنەت ئوقۇما! اللە بىلەن قەسەم مەن ئۇنىڭ اللە ۋە اللە نىڭ رەسۇلىنى ياخشى كۆردىغىنىنى بىلىمەن دىدى.
يۇقارقى ھەدىيسنى قايتا-قايتا ئوقۇپ زابويلارغا مۇناسىۋەتلىك باشقا بىر نەچچە ھەدىيسلەرنى كۆردۈم، مۇئمىنلىك دەۋاسى قىلغان كىشى شاراب (مەست قىلغۇچى) ئىچىۋاتقاندا ئۇنىڭدا ئىمان بولمايدىكەن، رەسۇلۇللاھ شاراب ئىچكۈچىنى ئۇرۇشقا بۇيرۇپتۇ ئەمما لەنەت ئوقۇشتىن توسۇپتۇ.