باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 514 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئۇيقۇسىز كېچە، ئاجايىپ ھەدىيس.
ئەتىلىگىمنى بۈگۈنۈمدىن ياخشى قىلغىن ئاللاھىم!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9913
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 32
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە32دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 375 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-04
ئاخىرقى: 2012-01-03
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-22 08:17

ئۇيقۇسىز كېچە، ئاجايىپ ھەدىيس.

ئۇيقۇسىز كېچە، ئاجايىپ ھەدىيس.

تۈنۈگۈن كېچە مەلۇم سەۋەپ تۈپەيلى بالدۇرراق ئارام ئېلىشنى مەقسەت قىلىپ 11يېرىمدا كارۋىتىمغا چىقتىم، بىراق بەزى سۈرەت، پاراڭ خەتلىرى كۆز ئالىدىمغا كىلىۋىلىپ، دىققىتىم چېچىلىپ، خىيال دېڭىزىدا چۇڭقۇر ئۈزۈپ ئەتتىگەن سائەت 2يېرىمگىچە بىر مىنۇتمۇ ئۇخلاش نىسىپ بولمىدى. ئۇخلاشقا كۆزۈم يەتمەي ئۆزۈمنى چارچىتىش ئۈچۈن قولۇمغا تېلفۇنۇمنى ئېلىپ سەھىيھ بۇخارىينى ئېچىپ خىيالىي ھالدا ھۇدۇد بابىنى چىكىپ تۆۋەندىكى ھەدىسنى ئوقۇپ ئۇيقۇم تېخىمۇ ئېچىلىپ كەتتى.

ئۆمەر ئىبنى خەتتابتىن، رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرىدە (ئېشەك) دەپ لەقىمى بار {مېنى قىزىقتۇرغىنى دەل مۇشۇ گەپ } ئابدۇللاھ ئىسىملىك بىر ئادەم بولۇپ، ئۇ ئادەم رەسۇلۇللاھنى كۈلدۈرەتتى. رەسۇلۇللاھ ئۇ ئادەمنى شاراپ(مەست قىلغۇچى) ئىچكەنلىكى ئۈچۈن قامچىىلاتقان ئىدى. بىر كۈنى ئۇ ئادەم يەنە ئىچكەنلىكى ئۈچۈن رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلدى، رەسۇلۇللاھ يەنە قامچىلاشقا بۇيرىدى، جامائەت ئىچىدىن بىر ئادەم-  ئۇنىڭ داۋاملىق قىلىۋەرگەن گۇناھى ئۈچۈن ئۇنىڭغا اللە نىڭ لەنىتى بولسۇن دىدى.
رەسۇلۇللاھ بۇ گەپنى ئاڭلاپ- ئۇنىڭغا لەنەت ئوقۇما! اللە بىلەن قەسەم مەن ئۇنىڭ اللە ۋە اللە نىڭ رەسۇلىنى ياخشى كۆردىغىنىنى بىلىمەن دىدى.

يۇقارقى ھەدىيسنى قايتا-قايتا ئوقۇپ زابويلارغا مۇناسىۋەتلىك باشقا بىر نەچچە ھەدىيسلەرنى كۆردۈم، مۇئمىنلىك دەۋاسى قىلغان كىشى شاراب (مەست قىلغۇچى) ئىچىۋاتقاندا ئۇنىڭدا ئىمان بولمايدىكەن، رەسۇلۇللاھ  شاراب ئىچكۈچىنى ئۇرۇشقا بۇيرۇپتۇ ئەمما لەنەت ئوقۇشتىن توسۇپتۇ.
بەخت ئىمان نۇرىغا تويۇنغان قەلىبتە!
ئۆلۈم ھايات جۈملىسىگە ئۇرۇلغان چىكىت!!!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2066
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 171
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە171دانە
ئۆسۈش: 330 %
مۇنبەر پۇلى: 1981 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-18
ئاخىرقى: 2012-01-04
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-12-22 11:26

ئەسسىلامۇئەلەيكۈم:
....................خىيال دېڭىزىدا چۇڭقۇر ئۈزۈپ ئەتتىگەن سائەت 2يېرىمگىچە بىر مىنۇتمۇ ئۇخلاش نىسىپ بولمىدى..................
ۋوي،بۇ قانداق ئىش ئەمدى؟؟؟ سىلەرنىڭ مەھەللىدە سائەت ئىككى يىرىمدا ئەتتىگەن بولامدۇ؟ ؟؟ئۇنداق خىيال دىڭىزىدا شۇڭغۇپ يۈرۈۋەرمەي رىئاللىققا ۋاقتىدا قايتىۋالغۇلۇق.
بىزلەرگە ئويلىنىشقا تىگىشلىك ھەدىس يەتكۈزگىنىڭىزدىن ئاللاھ رازى بولسۇن. ھەدىستە دىيىلگىنىدەك يىگىتلىرىمىزنىڭ  شۇنداق نىجىس،گۇناھقا باشلىغۇچى <شەيتان>لاردىن يىراق بولۇشىغىمۇ نىسىپ قىلسۇن،ئامىن!!!