查看完整版本: [-- ئۇيقۇسىز كېچە، ئاجايىپ ھەدىيس. --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> تەرجىمە ئەسەرلەر -> ئۇيقۇسىز كېچە، ئاجايىپ ھەدىيس. [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

aliali 2011-12-22 08:17
ئۇيقۇسىز كېچە، ئاجايىپ ھەدىيس.

تۈنۈگۈن كېچە مەلۇم سەۋەپ تۈپەيلى بالدۇرراق ئارام ئېلىشنى مەقسەت قىلىپ 11يېرىمدا كارۋىتىمغا چىقتىم، بىراق بەزى سۈرەت، پاراڭ خەتلىرى كۆز ئالىدىمغا كىلىۋىلىپ، دىققىتىم چېچىلىپ، خىيال دېڭىزىدا چۇڭقۇر ئۈزۈپ ئەتتىگەن سائەت 2يېرىمگىچە بىر مىنۇتمۇ ئۇخلاش نىسىپ بولمىدى. ئۇخلاشقا كۆزۈم يەتمەي ئۆزۈمنى چارچىتىش ئۈچۈن قولۇمغا تېلفۇنۇمنى ئېلىپ سەھىيھ بۇخارىينى ئېچىپ خىيالىي ھالدا ھۇدۇد بابىنى چىكىپ تۆۋەندىكى ھەدىسنى ئوقۇپ ئۇيقۇم تېخىمۇ ئېچىلىپ كەتتى.

ئۆمەر ئىبنى خەتتابتىن، رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرىدە (ئېشەك) دەپ لەقىمى بار {مېنى قىزىقتۇرغىنى دەل مۇشۇ گەپ } ئابدۇللاھ ئىسىملىك بىر ئادەم بولۇپ، ئۇ ئادەم رەسۇلۇللاھنى كۈلدۈرەتتى. رەسۇلۇللاھ ئۇ ئادەمنى شاراپ(مەست قىلغۇچى) ئىچكەنلىكى ئۈچۈن قامچىىلاتقان ئىدى. بىر كۈنى ئۇ ئادەم يەنە ئىچكەنلىكى ئۈچۈن رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلدى، رەسۇلۇللاھ يەنە قامچىلاشقا بۇيرىدى، جامائەت ئىچىدىن بىر ئادەم-  ئۇنىڭ داۋاملىق قىلىۋەرگەن گۇناھى ئۈچۈن ئۇنىڭغا اللە نىڭ لەنىتى بولسۇن دىدى.
رەسۇلۇللاھ بۇ گەپنى ئاڭلاپ- ئۇنىڭغا لەنەت ئوقۇما! اللە بىلەن قەسەم مەن ئۇنىڭ اللە ۋە اللە نىڭ رەسۇلىنى ياخشى كۆردىغىنىنى بىلىمەن دىدى.

يۇقارقى ھەدىيسنى قايتا-قايتا ئوقۇپ زابويلارغا مۇناسىۋەتلىك باشقا بىر نەچچە ھەدىيسلەرنى كۆردۈم، مۇئمىنلىك دەۋاسى قىلغان كىشى شاراب (مەست قىلغۇچى) ئىچىۋاتقاندا ئۇنىڭدا ئىمان بولمايدىكەن، رەسۇلۇللاھ  شاراب ئىچكۈچىنى ئۇرۇشقا بۇيرۇپتۇ ئەمما لەنەت ئوقۇشتىن توسۇپتۇ.

qiqak119 2011-12-22 11:06
مەن مۇسۇلمان دەپ تۇرۇقلۇق شاراپ ئىچكەن ، تاماكا چەككەن ،زىنا قىلغان ، ئوغۇرلۇق قىلغان ............ .....دەك ھارام ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغان  ۋاقىتتا ئىمان ئۇ ئادەمدىن چىقىپ كىتىدىكەن ، كىيىن قىلغان گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلغاندىلا ، ئاندىن ئىمانى قايتىپ كىلىدىكەن .

anjura 2011-12-22 11:26
ئەسسىلامۇئەلەيكۈم:
....................خىيال دېڭىزىدا چۇڭقۇر ئۈزۈپ ئەتتىگەن سائەت 2يېرىمگىچە بىر مىنۇتمۇ ئۇخلاش نىسىپ بولمىدى..................
ۋوي،بۇ قانداق ئىش ئەمدى؟؟؟ سىلەرنىڭ مەھەللىدە سائەت ئىككى يىرىمدا ئەتتىگەن بولامدۇ؟ ؟؟ئۇنداق خىيال دىڭىزىدا شۇڭغۇپ يۈرۈۋەرمەي رىئاللىققا ۋاقتىدا قايتىۋالغۇلۇق.
بىزلەرگە ئويلىنىشقا تىگىشلىك ھەدىس يەتكۈزگىنىڭىزدىن ئاللاھ رازى بولسۇن. ھەدىستە دىيىلگىنىدەك يىگىتلىرىمىزنىڭ  شۇنداق نىجىس،گۇناھقا باشلىغۇچى <شەيتان>لاردىن يىراق بولۇشىغىمۇ نىسىپ قىلسۇن،ئامىن!!!

ahlak 2011-12-22 14:18
سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:<ئاللاھ ساڭا لەنەت قىلسۇن،ئاللاھ ساڭا غەزەپ قىلسۇن، دوزىخىي بۇلۇپ كەتكەيسەن دەپ ،ئۆز-ئارا قارغاشماڭلار>.-- ئەبۇ داۋۇت ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان

saifulla 2011-12-22 14:21
  بۇ ھەدىستە     رەسۇلۇللاھ ( س ئە ۋ  ) نىڭ ئەمدى يەنە ھاراق ئىشسەڭ ئۈلۈمگە بۇيىرىمەن دىگەندەك  مەزمۇنى يوقمىكەن

ئەركىنئابلەت 2011-12-22 22:54
599

چىمەنگۈل 2011-12-22 23:13
ئالا ھەركىمنىڭ ئمانىنى سالامەت قىلسۇن شەيتانىڭ ئازدۇرىشىدىن يىراق قىلسۇن.............!


查看完整版本: [-- ئۇيقۇسىز كېچە، ئاجايىپ ھەدىيس. --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.050745 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us