باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 5693 قېتىم كۆرۈلدى
«910111213141516»Pages: 12/16     Go
تېما: ئاشىق -سۇپىلىرىم
دوستلىشىش
appakhoja
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1614
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 437
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە437دانە
ئۆسۈش: 1640 %
مۇنبەر پۇلى: 5763 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-07
ئاخىرقى: 2012-01-05
110-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-03 20:20

تىبەتلەرنىڭ ئىسلامدىنى بىلەن ئۇچرىشىش تارىخى ئۇيغۇرلار بىلەن تەڭ ياكى ئۇنىڭدىن ئۇنىڭدىن بۇرى ناراق  دەپ ئۈزۈپ ئېتىشقا بولۇدۇ..چۈنكى تىبەتلەر دانا ،باتۇر رەھبىرى سۇڭزەن گەنبۇ 618-يىلى   قۇرغان بۈيۈك تىبەت ئىمپىريىسى كېڭىيىپ ،غەربى شىمالى چېگرىسى 1000 چاقىرىمغا يېقىن ئابباسىلار ئىسلام خەلپىلىكى بىلەن تۇشۇپ كەتكەن بولۇپ،تاكى بۇ ئىمپىريە 841-يىلى گۇمران بولغىچە بۇگۈنكى شىزاڭ،چىڭخەي،گەنسۇ ،سىچۈئەن،يۈنەن،بوتان،نېپال ،كەشمىر ،ئافغاسىتان،تاجىكىستان ،فەرغانە ۋادىسى ،تۇرپان ۋە تارىم ئۇيمانلىقلىرى،بېنگال ۋە ھىندىستانىڭ شىمالى قىسىملىرىنى ئىگەنلىگەن ۋە ياكى ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرسىغا كىرگۈزگەن بولۇپ،دۇنيانىڭ شەرقى قىسمىدا شۇ ئىككى ئەسىردىكى تاڭ سۇلالىسى،كۆكتۈرۈك خانلىقى ۋە ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى قاتارلىقلار بىلەن مەشھور چوڭ دۆلەت ئىدى.751-يىلى بۇگۈنكى قازاقىستان ۋە قىرغىزىستانىڭ چېگرىسىدا جايلاشقان  تالاستا ئابباسىيلارنىڭ 200،000كىشلىك مۇسۇلمان قوشۇنى بىلەن تاڭ سۇلالىسى ۋە 50 مىڭ كىشلىك ئۇيغۇر ،تىبەتلەردىن تەشكىللەنگەن بىرلەشمە قوشۇنى بىلەن ئۇرۇش بولۇپ،ئۇرۇش تاڭ سۇلالىسىنىڭ مەغلوپ بولىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.ئابباسىلارنىڭ چېگرىسى سۈرلۈپ تاكى بۈگۈنلكى جۇڭگو چېگرىسىگىچە كەلدى،تىبەتلەر سەمەركەنت ۋە كابۇلنى مەركەز قىلىپ مۇسۇلمانلار بىلەن تاكى 815-يىلى كابۇل قولىدىن كەتكىچە ئابباسلىلار بىلەن ئۇزۇن مەزگىللىك كىچىك ئۇرۇشلانى قىلىپ تۇردى ،تىبەتلەردىن كىمنىڭ تۇنجى مۇسۇلمان بولغانلىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق،لېكىن ئۇممەييە ئىسلام خەلپىلىكىدىلە ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇل ئەزىزنىڭ زامانىدا تاڭ سۇلاسى،كۆكتۈرۈك دۆلىتى ۋە تىبەت ئىمپىريىسىگە مۇسۇلمان ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ ئۇلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلغانلىقى ،بولۇپمۇ تىبەت ئىمپىريە مەركىزىگە سالىھ بىن ئابدۇللا ھەنىفە ئىسىمىلىك كىشىنى باش ئەلچى قىلىپ 200 ئۇشۇق مۇسۇلمان بىلەن تىبەتككە ئەۋەتكەنلىكى ناھايىتى ئېنىق بايان قىلىنغان .ھەم بۇلارنىڭ شۇ جايلاردا ماكانلىشىپ قېلىشى بۇيرۇلغان ئىدى.بولۇپمۇ ئابباسىلار خەلپىلىك زامانلىرىدا تىبەت بىلەن ئىسلام خەلپىلىكىنىڭ چېگرىلىنىشى تىبەتلەر بىلەن مۇسۇلمانلارنى بىۋاستە ئۇچراشتۇردى .ئابباسىلار خەلپىلىكى تىببەتكە ناھايىتى ئەھمىيەت بىلەن قاراپ تىبەت دۆلىتىگە سودىگەرلەرنى ۋە سوفىلارنى  ئەۋۋەتىپ ئۇلارنىڭ شۇ جايدا مۇقۇم ئولتۇراقلىشىشىنى ۋە تىبەتلەر بىلەن تويلىشىشىغا بويرىدى...  812-يىلى كابۇلدىكى تىبەت باش ۋالىسى ئابباسىلار خەلپىلىگە تەسلىم بولۇپ ،كابۇل ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنى ئابباسىلار خەلپىلكىگە تاپشۇردى ۋە ئىمان ئېيتىپ زور بىرتۈركۈم تىبەتلەر بىلەن بىللە مۇسۇلمان بولدى.بۇ تەخمىنەن 812-815-يىللاردا بولغان ئىش دەپ قارىلدۇ.
Tibetans were active as far West as Samarkand and Kabul. Arab forces began to gain the upper hand, and the Tibetan governor of Kabul submitted to the Arabs and became a Muslim about 812 or 815
قارخانىلار سۇلالىسىنىڭ مۇسۇلمان بولىشى ،ھىندىستاننىڭ مۇسۇلمان بولشى ،كەشمىر ۋە لاداخ رايونلىرى ۋە تايلادنىڭ جەنۇبى قىسىم رايونلىرىنىڭ ئىسلامغا كېلىشى ،چىڭخەي ۋە گەنسۇدىكى دۇڭشىئا ،باۋئەن،سالا ،خۇيزۇ قاتارلىق مۇسۇلمان توپلىرىنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشى تىبەت رايونى پۈتۈنلەي مۇسۇلمانلارنىڭ قورشاۋىغا چۈشۈپ قالدى دىيىشكە بولۇدۇ...بۇ توپ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتنى بىرتەرەپ قىلىش ھەرقانداق تىبەت رەھبىرىنىڭ ئالدى بىلەن ئويلايدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى...ھەم مۇسۇلمانلارغا دوستانە بولۇش تىبەتلەرنى ئۇلارنىڭ فەتىھلىرىدىن ساقلاپ قالدى..  ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ ئەققىدە ئاساسىنى چۈشۈنگەن بولۇپ بۇنىڭ مىسالى دالاي 5-نىڭ كەشمىردىن كەلگەن پىر ياقۇپققا قىلغان مۇئامىلىسىدىن بىلگىلى بولۇدۇ.كەشمىرلىك داڭلىق ئىنشان پىر ياقۇپ 1650-يىللى لاساغا كېلىپ دالاي5-بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭدىن ماكانلىشىشقا جاي تەلەپ قىلغان ،دالاي 5- ئۇنىڭغا قاۋۇل ئەردىن 4 نەپەر تېپىپ بىر نوقتىدىن ئۇلارنىڭ 4 تەرەپكە ئۇق ئۈزدۈرۈپ 4  باشاق ئوق چۈشكەن جاينىڭ ئىچىدىكى دائىرنىڭ مۇسۇلمانلاغا تەئەللۇق بولىشىغا ئەمىر قىلغان ،شۇندىن كېيىن مۇسۇلمانلار لاساغا جايلىشىپ ئۇجايدا مەسچىت،مەدىرسە،ئاممىۋى قەبرىستانلىق ۋە 3 ئولتۇراق رايونى بەرپا قىلغان ھەم بۇ تارىخنى تاش تاختايغا ئۇيۇپ ،ئابىدە قىلىپ ئورناتقان...بۇ دەل ئاپپاق خوجا ھەزرەتنى لاساغا بېرىپ دالايغا سەجدە قىلدى دىگەن تارىختىن دەل 30 يىل بۇرۇنققى ۋەققە،ھەم مۇسۇلمانلارغا زور ئىلتىپات كۆرسەتكەن دالاي 5- دەل ئاپپاق خوجىنى ئاياغلىرىغا سەجدە قىلدۇردى دەپ تۆھمەت قىلدۇرغان لوساڭجاسۇ  5- دالاي(1617-1682) شۇ ...دالاي بەشىنچى زاڭنەننىڭ يادۇڭدا ئاق سۆڭەك ،ھۆكۈمدار  ئائىلىدە تۇغۇلغان بولۇپ دالاي ئىچىدىكى پەۋقۇلادە  بىلىملىك ،پاراسەتلىك رەھبەر بولۇپ شىزاڭ بۇددا دىنىدىكى 2 چوڭ مەزھەپنى ئىتپاقلاشتۇرۇپ تارىخى بىرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ،ھەم مۇڭغۇللارنىڭ خوشوت قەبىلسىدىن بولغان  گوشخاننى تىبەتكە تەكلىپ بىلەن ئەكىلىپ چاك-چېكىدىن بۆسۈلۈپ كەتكەن تىببەت جەميىتىنى  بىرلەشتۈرگەن ھەم گوشىخاننى تىببەتلەرگە پادىشاھ قىلغان.ئۇ ئۆز ھاياتىدا 30 ئۇشۇق كىتاپ يازغان بولۇپ ئۇنىڭ ئىچىدىنى ئەڭ مەشھۇرى<< تىبەت تارىخىدا ئۆتكەن پادىشدا ۋە ئەمىرلەر >> دىگەن كىتابى.
ھازىرغا كەلگۈچۈلۈك ئاپپاق خوجىنىڭ تىبەتكە بېرىپ دالاي 5- گە باش قويغانلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر ،پاكىزە مەنبە يوق ،بار دىيىلسىمۇ شۇنچىلىك بىلىمدار ،مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقىدە -ئىخلاسىنى چۈشەنگەن بىر دىن پىشۋاسى ئاپپاق خوجىنى سەجدە قىلىشقا بويرامۇ؟؟؟؟
[ بۇ يازمىنىappakhoja 2012-01-03 20:32قايتا تەھرىرلى ]
دوستلىشىش
大力士
ئابدۇرەھمان
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6476
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 63
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە63دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 640 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-12
ئاخىرقى: 2012-01-03
111-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-03 20:50

ئەسسالام ئەلەيكۇم قېرىندىشىم سىز ئەڭ ئاۋال مىللەت مۇھىممۇ مۇقەددەس ئىسلام دىنىمىزمۇ دىگەننى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىڭ.ئۇلۇغ ئاللا ھ بىزنى پەيغەمبىرمىز ئېيىتقان 73 قەۋىم ئىچىدىكى ھېلىقى 72دىن ئەمەس ئەكىسچە ئۈزىگەھەقىقى ئەگەشكەن ھېلىقى1 قەۋىم قاتاردىن قىلغاي.خاتا نى تەشۋىق قىلغانلىكى نەرسىنى رەت قىلىمىز.بىزدىكى مۇشۇ بىدئەتلەر يەتمىدىمۇ؟ئەمدى ھوشىمىزنى يىغمىساق،ئۆزىمىزنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرىتمىسەك شۇ 72 دىن بۇلۇپ كىتىشمىز مۇمكىن.سۇبھاناللاھ
دوستلىشىش
جەڭچى
没有共产党,没有新中国
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6814
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 996
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە996دانە
ئۆسۈش: 350 %
مۇنبەر پۇلى: 10428 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2012-01-07
112-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-03 21:30

قىنى ئاپپاق خوجىنى دالاينىڭ ئايقىغا يىقىلىپ  باش ئۇردى دىگۈچى قىرىنداشلىرمىز ...بۇ گىپىڭلاردا راسچىل بولساڭلار دەلىل ئىسپات كۆرسىتىڭلار......................................................
بولمىسا ......
没有共产党,没有新中国
دوستلىشىش
بىگان
جاننى كىم بەردى؟قانداق قايتۇرىمىز؟!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9603
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 402
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە402دانە
ئۆسۈش: 270 %
مۇنبەر پۇلى: 4284 سوم
تۆھپىسى: 12 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-16
ئاخىرقى: 2012-01-06
113-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-03 22:37

112-قەۋەت (جەڭچى) نىڭ يازمىسىغا

جەڭچى ئەپەندىم سىزمۇ ئاپاق خوجىنىڭ سىزىقىدا كىتىۋاتقان ئوخشىمامسىز؟
تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن شۇنى ئيتىمەنكى،بۇ مۇنازىرە ئاپاق خوجىنىڭ پۈچەك،ئۆز ئىددىيسى سىڭدۈرۋىتىلگەن،ئىشەنچسىز ۋە قايىل قىلارلىقى تۆۋەن ماتىرياللار بىلەن داۋام قىلماقتا،بۇ ئەھۋالنى داۋام قىلىش ئاپاق خوجىنىڭلا ئەمەس،مىللەت ۋە دىن مەسىلىسىدە مۈجمەل ئۇقۇمدىكى كىشلەرنىڭ ئىزىپ كىتىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ،نەزۇبىللاھ...ئەۋۋەل مەن مۇشۇلارغا سەۋەبچى بولۇپ قالغۇم يوق،ئاپاق خوجىدا ئۇنداق تەۋەككۇلچىلىك بولغىنى بىلەن مەندە يوق،مىنىڭ قىيامەتتە بىھۇدە ئىشلار سەۋەبلىك ئارتۇقراق سۇئال-سوراققا تارتىلغۇم يوق.
ئەمدى نەق سۆزگە كەلسەك،بۇ مۇنازىرىنى داۋام ئىتشنڭ ئەمدى زۆزرىيىتى قالمىدى،سەۋەبىنىمۇ ئىيتىپ ئۆتتۈم،بۇ تىما راۋاجلانسا مىللەت ۋە دىن مەسلىسىدىن ئىنىق ئايرىلغان ئاساستا داۋاملاشقىنى ياخشى،دىني قىرىنداشلار سىلەرنىڭمۇ بۇ ئىشلارغا ئارلاشماسلىقىڭلارنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن،بۇ تىمىنى مىللەت دەۋاگەرلىرى ئۆزلىرى ساۋام ئەتسۇن.دىننى كۆز ئىلمىغان،دىني ئىلمنى چەتكە قايرىپ ئەنئەنە ۋە مىللەت خائىشى بىلەنلا تەپەككۇر قىلىدىغانلارنىڭ سورىنى ئىكەن بۇ،شۇنى دەسلىپىدىلا تونۇپ يىتەلمىگەنلىكىم سەۋەبلىك يەنە قوشۇلۇپ ئۆز ھىسياتىمىنڭ جاھللارچە يىتەكلىشى بىلەن مۇنازىرىنى داۋام ئىتىپتىمەن...ئۆزراھلىق ۋە چوڭقۇر خىجىللىقىمنى بىلدۈرىمەن.ئاللاھ كەچۈرسۇن.
ئەمدىكى جاۋابىم شۇكى،مىنى تورداشلا مەيلى قانداق چۈشىنىڭلار،مۇنازىرنى دەرھال توختىتىش،سىز،مەن ۋە ئۇ ئۈچۈن ئەڭ ئاقىلانە تاللاش بولۇپ قالىدۇ.مەن ھەرقانداق پىكىر بىرىشنى ئەمدى توختىتىمەن،ئاللاىقاچان ئۆلۈپ كەتكەن كىشى ئۈچۈن بۇ يەردە سوت ئىچىش بىزنىڭ ئىشىمىز ئەمەس،سۆز تامام ۋەسسالام!!!
<ئىلىپ>نى بىلىپ،<بەر>نى ئۇنۇتماڭلار!ھاياتنى كىم بەرگەن؟قانداق قايتۇرىمىز؟
دوستلىشىش
appakhoja
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1614
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 437
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە437دانە
ئۆسۈش: 1640 %
مۇنبەر پۇلى: 5763 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-07
ئاخىرقى: 2012-01-05
114-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-03 22:42

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 111قەۋەتتىكى 大力士 نىڭ 2012-01-03 20:50 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
ئەسسالام ئەلەيكۇم قېرىندىشىم سىز ئەڭ ئاۋال مىللەت مۇھىممۇ مۇقەددەس ئىسلام دىنىمىزمۇ دىگەننى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىڭ.ئۇلۇغ ئاللا ھ بىزنى پەيغەمبىرمىز ئېيىتقان 73 قەۋىم ئىچىدىكى ھېلىقى 72دىن ئەمەس ئەكىسچە ئۈزىگەھەقىقى ئەگەشكەن ھېلىقى1 قەۋىم قاتاردىن قىلغاي.خاتا نى تەشۋىق قىلغانلىكى نەرسىنى رەت قىلىمىز.بىزدىكى مۇشۇ بىدئەتلەر يەتمىدىمۇ؟ئەمدى ھوشىمىزنى يىغمىساق،ئۆزىمىزنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرىتمىسەك شۇ 72 دىن بۇلۇپ كىتىشمىز مۇمكىن.سۇبھاناللاھ

ماڭا ئەلۋەتتە ئىسلامدىنى مۇھىم شۇنىڭغا مەن بۇ تېمىغا كۈچۈۋاتىمەن.بىر دىن رەھبىرى ئۈستىدە ئىزدىنۋاتىمەن...بىدەتنى يوقىتىش ،تەرەققى پەرۋەرلىك بايرىقىغا يۆگىنۋېلىپ ،دىنىمىزنى يۇشۇرۇن دەپسەندە قىلۋاتقان ،يۇقۇتۇشقا ئۇرۇنۋاتقان كىشلەر بىلەن كۆرەش قىلۋاتمەن دەپ بىلۋاتىمەن.ماڭا دىن رايونىمىز كىشلىرى قانداق ئەقىداتتا بولسا، شۇ بويىچچە مېڭىش ئەڭ ئاققىلىق دەپ قارايمەن.ئاللا ئۆزىنى تۇنغان كىشىنى نائۈمۈت قويمايدۇ .بىز ھۇش كالىمىز بىلەن يۈرۈپتىمىز ...ئاللا مېنى ئەڭ ئاخىرغىچە مۇشۇنداق قىلسۇن .
دوستلىشىش
جەڭچى
没有共产党,没有新中国
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6814
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 996
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە996دانە
ئۆسۈش: 350 %
مۇنبەر پۇلى: 10428 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2012-01-07
115-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-03 23:09

Re:112-قەۋەت (جەڭچى) نىڭ يازمىسىغا

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 113قەۋەتتىكى بىگان نىڭ 2012-01-03 22:37 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  112-قەۋەت (جەڭچى) نىڭ يازمىسىغا :
جەڭچى ئەپەندىم سىزمۇ ئاپاق خوجىنىڭ سىزىقىدا كىتىۋاتقان ئوخشىمامسىز؟
تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن شۇنى ئيتىمەنكى،بۇ مۇنازىرە ئاپاق خوجىنىڭ پۈچەك،ئۆز ئىددىيسى سىڭدۈرۋىتىلگەن،ئىشەنچسىز ۋە قايىل قىلارلىقى تۆۋەن ماتىرياللار بىلەن داۋام قىلماقتا،بۇ ئەھۋالنى داۋام قىلىش ئاپاق خوجىنىڭلا ئەمەس،مىللەت ۋە دىن مەسىلىسىدە مۈجمەل ئۇقۇمدىكى كىشلەرنىڭ ئىزىپ كىتىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ،نەزۇبىللاھ...ئەۋۋەل مەن مۇشۇلارغا سەۋەبچى بولۇپ قالغۇم يوق،ئاپاق خوجىدا ئۇنداق تەۋەككۇلچىلىك بولغىنى بىلەن مەندە يوق،مىنىڭ قىيامەتتە بىھۇدە ئىشلار سەۋەبلىك ئارتۇقراق سۇئال-سوراققا تارتىلغۇم يوق.
ئەمدى نەق سۆزگە كەلسەك،بۇ مۇنازىرىنى داۋام ئىتشنڭ ئەمدى زۆزرىيىتى قالمىدى،سەۋەبىنىمۇ ئىيتىپ ئۆتتۈم،بۇ تىما راۋاجلانسا مىللەت ۋە دىن مەسلىسىدىن ئىنىق ئايرىلغان ئاساستا داۋاملاشقىنى ياخشى،دىني قىرىنداشلار سىلەرنىڭمۇ بۇ ئىشلارغا ئارلاشماسلىقىڭلارنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن،بۇ تىمىنى مىللەت دەۋاگەرلىرى ئۆزلىرى ساۋام ئەتسۇن.دىننى كۆز ئىلمىغان،دىني ئىلمنى چەتكە قايرىپ ئەنئەنە ۋە مىللەت خائىشى بىلەنلا تەپەككۇر قىلىدىغانلارنىڭ سورىنى ئىكەن بۇ،شۇنى دەسلىپىدىلا تونۇپ يىتەلمىگەنلىكىم سەۋەبلىك يەنە قوشۇلۇپ ئۆز ھىسياتىمىنڭ جاھللارچە يىتەكلىشى بىلەن مۇنازىرىنى داۋام ئىتىپتىمەن...ئۆزراھلىق ۋە چوڭقۇر خىجىللىقىمنى بىلدۈرىمەن.ئاللاھ كەچۈرسۇن.
ئەمدىكى جاۋابىم شۇكى،مىنى تورداشلا مەيلى قانداق چۈشىنىڭلار،مۇنازىرنى دەرھال توختىتىش،سىز،مەن ۋە ئۇ ئۈچۈن ئەڭ ئاقىلانە تاللاش بولۇپ قالىدۇ.مەن ھەرقانداق پىكىر بىرىشنى ئەمدى توختىتىمەن،ئاللاىقاچان ئۆلۈپ كەتكەن كىشى ئۈچۈن بۇ يەردە سوت ئىچىش بىزنىڭ ئىشىمىز ئەمەس،سۆز تامام ۋەسسالام!!!

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .قىرىندىشىم مەن بەندىنىڭ سىزقىدا ئەمەس ،خۇدايىم بۇيرىغان بولسا جانابى ئاللاھنىڭ سىز قىدا ماڭىمەن.
يۇقىردىكى بايان لىرڭىزنى ئوقۇپ ئەپسۇس لاندىم .ئەگەر  تارىخى ئىلىم جەھەتتە  ئاجىز كەپ قالغان بولسىڭىز
چىرايلىق دىسىڭىز بولدۇ لىكىن ،بىرسىنىڭ ئىلمىنى ھۆرمەت قىلماي ،، 0 گە تەڭ قىلغانلىقىڭىزنى قوبۇل قىلغىنى بولمايدۇ. مەن يەنە شۇنى ئىيتىپ قوياي كى  مۇنبەردىشمىز ئاففاق غوجىننىڭ  تارىخى دەللىلى ھەقىقەتەن كۈچلۈك ئىكەن. ئەمدىكى گەپتە مەيلى سىز بولۇڭ ياكى باشقا قىرىنداشلىرمىز بولسۇن  ،دەلىل كۆرسەتسە بولدۇ .
مۇنازىرنى ئىلمىي ،پاكىزە قىلايلى . شۇنىسى ئىنىقكى ئاففاق غوجا قىرىندىشمىز  باشقا قىرىنداشلىرمىزنىڭ بەرگەن سورغان سۇئاللىرغا  ئىنىق ھەم ئەستايىدىل ،كۈچىنىڭ يىتىشچە جاۋاپ بەردى. بۇنداق تۇرۇقلۇق ھازىرچە بۇ قىرىندىشمىزغا ئوشۇق گەپ قىلىش مىنىڭچە توغرا بولمايدۇ .
باشقا قىرىنداشلارمۇ ئەستايىدىل ئويلۇنۇپ باقسا.
没有共产党,没有新中国
شۈكرى.اللە
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6386
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1097
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1097دانە
ئۆسۈش: 1100 %
مۇنبەر پۇلى: 11782 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-05
ئاخىرقى: 2012-01-07
116-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-03 23:43

بەك ھاياجانلىنىپ كەتتىڭلارمۇ قانداق دوسلار
ئىسلام دىنى پەيغەمبىرىمىز زامانىسىدىلا مۇكەممەللىشىپ بولغان دىنغا مىللەتنى ھىسسىياتنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ پەقەت قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسى رەسۇلۇللادىن دەلىل ئەكەلسەڭلار ئاندىن قايىل بولىمىز . بىر كۈن ئولتۇرۇپ تارىخ يازغىنىڭلار بىكار .
قارىسام بۇ مۇنازىرىدە بىرە ئىلمى دەلىل كۆرۈنمەيدۇ .
دەلىل - قۇرئان كەرىم - سەھىھ ھەدىس
اللە خالىسا بۇ ئۈممەت ئۆزى يوقاتقان ئىززەتنى ئۆزى قايتۇرىۋالىدۇ
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10181
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 63
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە63دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 630 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-03
ئاخىرقى: 2012-01-05
117-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-03 23:46

مۇنازىرە تازا قىزىپتۇغۇ  بۇ تىمىنىڭ
دوستلىشىش
yorungkax
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 42
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە42دانە
ئۆسۈش: 360 %
مۇنبەر پۇلى: 690 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2012-01-06
118-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-03 23:52

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 82قەۋەتتىكى astagfirulla نىڭ 2011-12-22 14:18 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل : 
 قەبرە  مەسلىسى نازۇك  مەسلە  بۇلۇپ    بۇددا دىننىڭ  مىەنبەسى   . بۇددىس لامۇ   يارات  قۇچىنىڭ  بىر  ئىكەنلىكىگە  ئىشىندۇ  لىكىن  ھاجەتلىرىنى بىۋاستە  دىسەك بىزنىڭ  نوقسانلىرمىز كوپ  بولغان  لىقتىن  دەپ ئىزا  تارتىپ  ئاۋۇ  بۇتلارنى. يەنى  (ھايات  ۋاختىداتاقۋادار  كىشلەر)  نى  ۋاستە  قىلساق  .ياراتقۇچى  ئاللاھ  قۇبۇل  قىلدۇ  دەپ  .بۇتنى  ئارچى. ۋاستىچى  كىلغان.  شۇسەۋەبلىك بۇلا  كاپىر  دۇر  .  راھىپلارمۇ  تەسبى  نى  بۇت.بۇت .بۇت.  دەپ  سىرمەي دۇ  لىكىن  ئۇلار  كاپىر..      

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام!
سىز بۇددا دىنى توغرىسىدا ھېچنېمە بىلمەيدىكەنسىز. بۇددا دىنىدا دۇنيانى ياراتقۇچى تەڭرى ياكى ئىلاھ دەيدىغان گەپ يوق. ئۇلار تەڭرىگە ياكى ئىلاھقا ئىشەنمەيدۇ.
خەنچە بىلسىڭىز، 佛教,转世轮回 دېگەندەك سۆزلەرنى بەيدۇ ياكى گوگۇلدا يېزىپ ئىزدەپ كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.
 پەقەت خرىستىئان دىنى، ئىسلام ۋە يەھۇدى دىنىدا دۇنيانى بىر ئاللاھنىڭ ياراتقىنىغا ئىشىنىدۇ. بۇددا دىنى بۇنىڭغا قەتئى ئىشەنمەيدۇ!
دوستلىشىش
appakhoja
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1614
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 437
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە437دانە
ئۆسۈش: 1640 %
مۇنبەر پۇلى: 5763 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-07
ئاخىرقى: 2012-01-05
119-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-04 00:02

بۇ مەسىلىنى ئىلىم ساھىسىگە سۆرەپ كىرگەن كىشى مەشھۇر قازاق تارىخچىسى چوقان ۋەلىخان .چوقان ۋەلىخان زادى كىم؟
چوقان چىڭغىزوۋىچ ۋەلىخانوف(1835-1865)-چاروسىيە دەۋرىدە ئۆتكەن قازاق مىللىتىدىن چىققان داڭلىق شەرقشۇناس.ئۇ قازاقلارنىڭ ئوتتۇرا يۈزدىكى ۋەلىخانوفلارنىڭ نەۋرىسى بۇلۇپ، بوۋىسىنىڭ ئىسمىنى ئۆزىگە فامىلە قىلغان. دادىسىنىڭ ئىسمى چىڭغىز،تەخەللۇسى چوقان،ئۆزىنىڭ ئەسلى ئىسمى بولسا مۇھەممەد خاقانىيە.چوقان ۋەلىخانوف دەسلەپتە قازاقىستاندا، كىيىن ئومىسكىدىكى ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇغان.1853-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ چارروسىيە قۇشۇنىدا ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن.1856-1857-يىللىرى ئۇ ئالار كۆلى بويىدىن ئىسىقكۆل بويىغىچە بولغان بىپايان زىمىن (جۇڭغارىيە ئويمانلىقى ۋە ئېلى دەرياسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نى تەكشۈرگەن.1858-1859-يىللىرى يەنە شىنجاڭدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.①
چوقان ۋەلىخانوف ئۇيغۇر تىلىنى پىششىق بىلىدىغان بولغاچقا، ئۆزىنىڭ تىل-يېزىق جەھەتتىكى بۇ ياخشى شارائىتىدىن پايدىلىنىپ،شىنجاڭغا قىلغان سەپىرى جەريانىدا شىنجاڭغا جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ماتىرىياللارنى توپلىغان ۋە بۇ ماتىرىياللار ئۈستىدە ئاز بولمىغان ئىلمىي تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان.ئۇ ئەنە شۇ شىنجاڭ تەتقىقاتىدىكى نەتىجىلىرى ئارقىلىق روسىيە ۋە دۇنيا شەرقشۇناسلىقىدا مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلمەكتە.
ئۇ <<1858-1859-يىللاردىكى تەڭرىتاغنىڭ قەنۇبىدىكى ئالتە شەھەرنىڭ ئەھۋالى>>دىگەن كىتاۋىنىڭ قىسقىچە تارىخ دىگەن كىتاۋىدا .ئاپپاق خوجىنىڭ دالاي لاما5- بىلەن كۆرۈشكەن تارىخنى تەخمىنى تەھلىللەر بىلەن يېزىپ چىققان...بولۇپ بۇ دوكىلات خاراكتىرلىق ئەسەر بولۇپ ،چار روسىيەنى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ ،ئۇلارنىڭ كېڭەيمىچىلىك قىلىشىغا يار -يۆلەك بولىدىغان ماتىريال.بۇ ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي جون مىكېل ۋە روبېرت مىكېل ئېنگىلىسچىگە تەرجىمە قىلدى..بۇ مەلوماتلارنى چوقان ۋەلىخان مۇھەممەد سادىق قەشقەرىنىڭ 1769-يىلى يېزىلغان <<تەزكىرەئى خوجىگان>>ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىنغانلىقىنى قەيت قىلىنغان ..لېكىن ئۇ ئەسەردە ئاپپاق خوجىنىڭ لاساغا بېرىپ دالاي بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ئېنىق ئۇسلۇپتا ئوتتۇرغا قويۇلمىغان...چوقان ۋەلى لوگىكىلىق تەپەكۈر بىلەن جۇدىگىنى لاسا،بىراھمان راھىبى دىگىنى دالاي...دىگەن...تارىخچى ن.ئېلىئاس   <<تەزكىرەئى خوجىگان>> تەرجىمىسىنى ئىشلەش جەريانىدا بۇ (مۇھەممەد سادىق قەشقىرى)نىڭ تارىخ ئىلمىدىن گۇمانلانغىنى ئېنىق ئوتۇرغا قويغان.
چوقان ۋەلىخان چار روسىيە ھەدەپ كاۋكاز ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇسۇلمان مىللەتلەرگە تاجاۋۇز قىلىپ ئۇلارنى مۇستەملىكە قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلۋاتقان چاغدا تۈرك مىللەتتى ئىچىدىن چار روسىيە يېتۈشتۈرۈپ چىقۋاتقان ئاتالمىش تەرەققى پەرۋەر  ياش باللىلارنىڭ بىرى بولۇپ ،چار روسىيە ئۇلارنى ئۆزىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ئۈچۈن يېتۈشتۈرۈپ چىققان  تەشۋىقاتچى ئاكتىپلاردۇر..چوقان ۋەلىخانىڭ شىنجاڭدىكى ياكى ئۇتتۇرا ئاسىيادىكى تەتققىقات ئىشلىرىنى ئىلمى خىزمەت دىگەندى كۆرە قەشقەريە دۆلىتىگە كەلگەن روس ئەلچىسى ن كۇرپانتىكىن دەك جاسوسلۇق خىزمىتى دىگەن تۈزۈك .چوقان ۋەلىخان شىنجاڭدىكى تەكشۈرۈش جەريانىدا پۈتۈلەي بىر روس پۇقراسى سالاھىتىدە تەكشۈرۈش ۋە ماتىريال توپلاشتا بولغان.
بۇ چاغنىڭ تارىخ ئارقا كۆرىنىشى:1820-يىلدىن باشلاپ  روسلار كاۋكازىيەدىكى چېچەن قاتارلىق مىللەتلەرگە قارتا تاجاۋۇزچىلىقىنى باشلىغان بولۇپ  ،1832-يىلى كاۋكازىيەدىكى مۇسۇلمانلار نەخشىبەندىيە سۈلكىنىڭ كاۋكازىيەدىكى 3- ئىمامى ئىمام شامىل<1797-1871> رەھبەرلىكىدە4000كىشلىك مۇرىدى  روسلارنى توسۇپ تۇرۋاتقان چاغلار ئىدى.70 مىڭ كىشلىك روس قوشۇنى كاۋكازىيەدە ئۇزۇن مەزگىلىك قارشىلىققا ئۇچرىغان ئىدى. 1895-يىلى روسلار كاۋكازىيەنى ئومومىيۈزلۇك ئىستىلاھ قىلىپ بولدى.ئاز كەم بىر ئەسىر كاۋكازىيە مۇسۇلمانلىرى ئۆزلىرنىڭ پىر مۇرشىدلىرىنىڭ رەھبەرلىكىدە روسلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇسۇلمان يۇرتلۇرىغا بولغان تاجاۋۇزچىلىقىنى  توسۇپ تۇردى. روسلار بۇ جەرياندا مۇسۇلمانلارنىڭ روھىيىتىنى چۈشۈنىشكە ۋە ئېتىقات ئاساسىنى تەۋرىتىشكە ،تەشكىلى ئاساسىنى يۇقۇتۇشقا ئېھتىياجلىق ئىدى.ئۇلار چوقان ۋەلىدەك ئاتالمىش شەرىق شۇناسلارغا ئېھتىيجلىق ئىدى.مۇسۇلمانلار ئامىسىغا ئۆز ئېتىقاتلىرىنى خۇنۇك ،رەھبەرلىرىنى ساتقىن ،شۇ ئاساستا مەيدانغا كەلگەن بارلىق مەدىنىيەتلىرىنى كېرەكسىز نەرسە ئىككەنلىگىنى بىلدۈرۈشى ،ئۇلارنى ئۆزىنىڭ  مەرىپەتلىرى ئاستىدا يېڭى بىر مەنزىلگە يەتكۈزىشىنى بىلدۈرۈشى كېرەك ئىدى.ئۇلار بىلەن قارشىلىشۋاتقان نەرسە ئىسلامى تەرىققەت پىكرىتى ۋە ئۇلارنىڭ پىر مۇرشىدلىرى ئىدى.سىز شىنجايغا كەلگەن روسلار تەربىلەپ چىققان تاتارياكى قازاق ،روس ئېسپىدىتچى ۋە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قەلمى ياكى ئاپراتى ئاستىدىكى مۇسۇلمانلار تۇرمۇشىنىڭ  غايەت خۇنۇك تەسۋىرلەنلىكىنى،مەسخىرە قىلىنغالىقىنى ئاسانلا بايقىيالايسىز.