باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2563 قېتىم كۆرۈلدى
«1234»Pages: 4/4     Go
تېما: ئەردوغاننىڭ تەسىرلىك نۇتقى
ئەتىلىگىمنى بۈگۈنۈمدىن ياخشى قىلغىن ئاللاھىم!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9913
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 32
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە32دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 375 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-04
ئاخىرقى: 2012-01-08
30-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-18 00:26

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 29قەۋەتتىكى ئىزھار1 نىڭ 2011-12-17 23:26 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بۇ سامان يولى قېرىندىشىمىز يوللىغان تىما ئىكەن ئۇقۇپ بېقىڭلار !
ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن باتۇر قاراخانلې
باش نازىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئەرەب بىرلىكى تاشقىي ئىشلار نازىرلىرى يىغنىدا بىر نۇتۇق سۆزلىدى.ئەردوغاننىڭ نۇتۇقىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
     تۈركلەر ۋە ئەرەبلەر نەچچە ئەسىرلىك دوستلۇق رىشتىگە ئىگە. غەززەدە يىغلىغان پەلەستىنلىك بىر بالا ئەنقەرەدىكى بىر ئانىنىڭ يۈرەك – باغرىنى تىترىتىدۇ. بىز بىر بەدەننىڭ ۋە بىر رۇھنىڭ ئامىللىرىمىز. بىز چوڭقۇر يىلتىز تارتقان چوڭ بىر ئائىلە. تارىخى بىر باسقۇچتا تۇرىۋاتىمىز. بىر بىرىمىزنى ھەر زاماندىكىدىن تېخىمۇ ياخشى چۈشۈنىمىز، تېخىمۇ ئوبدان بىلىشىمىز. تولۇپ تاشقان ئىشەنچ ۋە ئۈمىد بىلەن كېلەچەككە قاراۋاتىمىز.تېخىمۇ كەڭ دائىرىدىكى دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى ھەممىمىزنىڭ ئورتاق شۇئارى بولىشى كېرەك. خەلقلىرىمىزنىڭ يوللۇق تەلەپلىرىنى قانۇنىي يوللار بىلەن قاندۇرۇشقا مەجبۇرمىز. قانۇنسىز يوللار بىلەن كۈچ ئىشلىتىپ باستۇرۇشقا ئۇرۇنغانلار بۈگۈن بىلىپ يەتمىسە، ئەتە ئۆزىنىڭ چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلىپ قالىدۇ.سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىسلاھاتلار ئېلىپ بېرىشىمىز زۆزۈر. تارىخ بۇرۇلۇش ياسىغان بۇ مەزگىلدە قېرىنداش ئەرەب خەلقىنىڭ سالماقلىق بىلەن تىك تۇرۇشىغا چىن قەلبىمدىن ئېھتىرام بىلدۈرىمەن.قېرىنداشلىرىمنىڭ شان – شەرەپلىك بىر كېلەچەككە ئىگە بولىشى ئۈچۈن بۇ ئىسلاھاتنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن.
  تۈرك ۋە ئەرەب خەلقى، ئەبەدىي قېرىنداشلىقىمىزدىن ئالغان كۈچ بىلەن ئارىمىزدىن شامال ئۆتمىگىدەك دەرىجىدە سېپىمىزنى مۇستەھكەم تۇتىشىمىز كېرەك. ئوخشىاش بولمىغان تىلغا ئىگە، ئەمما ئوخشاش بىر جۇغراپىيگە ۋە ئوخشاش بىر قىسمەتكە ئىگە بولغان بىزلەر ئۈچۈن، قايتىدىن ئورتاق كېلەچەككە ئىگە بولىدىغان زامان يېتىپ كەلدى.خەلقنىڭ يوللۇق تەلەپلىرى ئالدىدا بۈگۈن بىلدۈرىدىغان پوزىتسىيىمىز ۋە باسىدىغان قەدەملىرىمىزنىڭ ھېسابىنى پەقەت خەلق سورالايدۇ. بۇ چاقىرىقىم، رايونىمىزدىكى پۈتۈن ئەللەر ۋە ئىسرائىل ئۈچۈن.بەزىلەرگە ئوخشاش لىۋىيىنىڭ يەر ئاستى بايلىقغا كۆز تىككەنلىكىمدىن ئەمەس، بەلكى لىۋىيە خەلقىنى سۆيگەنلىكىم ئۈچۈن سۆزلەۋاتىمەن.نەچچە ئەسىر بويىچە تەبىئىي پەندىدىن ئەدەبىياتقا، سەنئەتتىن پەلسەپىگىچە گۈللىنىش مەيدانغا كەلتۈرگەن بۇ رايوننىڭ كىشىلىرى بۈگۈن ئىگە بولىشى كېرەك بولغان يەردە ئەمەس.لىۋىيە خەلقىنىڭ ئەركىنلىك كۆرىشىنى زەپەر بىلەن ئاخىرىلاشتۇرىشى كىشىنى مەمنۇن قىلىدۇ.ئوتتۇرا شەرقتە مەيدانغا كەلگەن ئۆزگۈرۈشلەرگە قارىتا سۈكۈتتە تۈرىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. بۇنى پەقەت بۇ رايوندا يەر ئالغانلىمىز سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى ئەبەدىي قېرىنداشلىقىمىزنى نەزەرگە ئېلىپ تۇرۇپ ئېيتىۋاتىمەن.ئوتتۇرا شەرقتە يېڭىلىققا ئۆتۈش جەريانىدا بىزگە ھاجىتى چۈشكەنلەرنىڭ ھەممىسىگە دوستلۇق قولىمىزنى ئۇزاتتۇق. قولىمىزنى تۇتمىغانلار بولدى. دوستانە نەسىھەتلىرىمىزنى قايتا – قايتا بىلدۈردۇق.
.......


ئەپسۇس!  بىر قىسىم سامان قوساق تەخىت بەندىللىرى ئەردوغاننى قوللاشنى خالىمايدۇ.
بەخت ئىمان نۇرىغا تويۇنغان قەلىبتە!