ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار مەن تۈكچىدە  كەسپى ئۇقۇمىغانلىقىم ،  يىتەكچى ئۇستاز تەرىپىدىن تەربىيلەنمىگەنلىكىم ئۈچۈن ۋە سۆزلەر ئارىسىدىكى مۇزىكا قاتارلىق بەزى سەۋەپلەر تۈپەيلى بىر جۈملە-بىر جۈملە تەرجىمە قىلىشقا ئاجىز كەلدىم لىكىن بۇ كىشىنىڭ نۇتىقىنىڭ ئۇمۇمى مەزمۇنىنى قۇدرىتىمنىڭ يىتىشىچە تەرجىمە قىلىشقا تىرىشتىم قېرىنداشلارنىڭ تەرجىمە جەريانىدىكى سەھۋەنلىكنى توغرا چۈشىنىشىنى خاتا يەرلىرىنى تۈزىتىپ قۇيىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
             .....           .......          .......                 .........                     .........          .....
تۈركىيەدىكى قىرىنداش ،باي-باياشات ، ئىناق-ئىتپاق خەلقنى بىر-بىرىدىن ئايرىش ، بىر-بىرىگە دۈشمەن ، رەقىپ قىلىپ كۈرسىتىش كىمنىڭ ھەققى ؟!
سالاھىددىن ئەييۇپىنىڭ قۇماندانلىقى ئاستىدا ئىناق-ئىتپاق ،باي-باياشات ئوردا قۇرغان خەلىق بىز ئەمەسمۇ ؟!
ياۋۇز سۇلتان ئوردىسىدا بىر-بىرى بىلەن قېرىنداش بولغان بىز ئەمەسمۇ ؟!
يەمەندە ،قانات قەلئەدە  ۋە پۈتۈن ۋەتەن تۇپراقلىرىدا ئۇز-ئارا بىر سەپ بۇلۇپ ،جەڭ قىلغان ، نۇرغۇن شەھىتلەرنى بەرگەن بىز ئەمەسمۇ ؟!
بىر گەۋدە بۇلۇپ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇش جەڭلىرىنى  قىلغان بىز ئەمەسمۇ ؟!
تۈركىيە جۇمھۇرىيتىنى قۇرغان ، بىرلىكتە ئىدارە قىلغان ، بىرلىكتە ئىسلاھات پىلانلىرىنى ئوتتۇرغا قويغان بىز ئەمەسمۇ ؟!
ئەركىنلىك ، ھۆرلىك پەريادلىرىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ ھەممىمىزنىڭ  قەلبى تەسىرلەنمەيۋاتىدۇ ، يەمەندىكى پەريادلارنى ئاڭلاپ تۇرۇپ ھەممىمىزنىڭ كۆزلىرى ياشلانمايۋاتىدۇ ، فۇزۇلىنىڭ شىئىرلىرى روھىمىزغا نىمىلەرنىدۇر خىتاپ قىلماقتا . .  . . . . . . . . قاتارلىق ئەجداتلىرىمىز كۈڭۈل دۇنيارىمىزنىڭ گۈزەللىكىنى بايان قىلماقتا .
. . . . . . . . . قاتارلىق ئەجداتلىرىمىز بۇ تۇپراقلارنىڭ لېيىنى يۇغۇرغاندا قايسى تۇپراقتىكى زۇلۇمنى ، قايسى قىرىندىشىمىزنى ئۇنۇتقان ؟!  تۇپراقلار بىزنىڭ تۇپرىقىمىز  .  دوست ، قېرىنداشلار بىزنىڭ قىرىنداشلىرىمىز . خەلىق بىزنىڭ خەلقىمىز . بىزنى بىر-بىرىمىزدىن ئايرىماق نىمە دىمەك ؟!  بىزنىڭ قىرىنداشلىقىمىزغا قەست قىلىش كىمنىڭ ھەددى ؟!  بىزنى بىر-بىرىمىزگە قارشى  دۈشمەن قىلىش كىمنىڭ ھەددى ؟! تۈركىيە جۇمھۇرىيتىدىكى پۈتۈن ۋەتەنداشلارنى قېرىنداش ،  بىر گەۋدە  كۆرمەسلىك كىمنىڭ ھەددى ؟!  پۈتۈن دۇنيادا تارقاق ئولتۇراقلاشقان  ۋەتەنداشلىرىمىز  تۈرۈك بولسۇن ، كورت بولسۇن ،ئەرمەن بولسۇن ، كىم بولسا بولسۇن بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىزدۇر .
                              ......               .....               ......            .....                    .....             .....
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلىرىم  بالا دەردىدىن قاتتىق دەت بولمىسا كىرەك ، ئاللا ھىچكىمگە بۇنداق دەتنى  بەرمىسۇن ! ھېچكىمنى بۇنداق ئوت ئىچىگە تاشلىمىسۇن !  لىكىن ئۆلكىمىزدە يىقىندىن بىرى  ئانىلار تىلفۇن ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا يۈرەكلىرى ئاغزىغا تىقىلپ قالماقتا .  تىلفۇنغا قۇلىنى ئۇزاتقاندا باللىرىنىڭ ساقلىق خەۋىرى  بىلەن  ئۆلۈم  شاھادەت خەۋىرىنى ئىلىشى ئارىسىدا ئەنسىزلىك ئىچىدە تۇرۇپ قالماقتا .
30يىلدىن بېرى بىزنىڭ ئانىللىرىمىز تىلفۇن يېنىدا بىزلەرنىڭ خەۋىرىمىزنى كۈتمەكتە . ئاتىللىرىمىزنىڭ كۆز يېشى دەريا بۇلۇپ ئاقماقتا ، مانا بۇ بىزنىڭ ئەھۋالىمىز .  ئانىلىقنىڭ ئىدۇلوگىيەسى يوق ، ئانىلىقنىڭ سىياسىتى يوق ،ئوغلى قايسى يولدا ئۆلسە ئۆلسۇن ، ئوغۇللىرىنىڭ بېشىدا دۇئا قىلىدۇ .
[ بۇ يازمىنىئىزھار1 2011-12-16 19:42قايتا تەھرىرلىدى ]