باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 4980 قېتىم كۆرۈلدى
«123»Pages: 3/3     Go
تېما: قۇرئان ئايەتلىرى يېزىلغان كۆرۈنۈشلەرنى تامغا ئېسىشقا بولامدۇ؟
دوستلىشىش
ئابدۇلەي
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7087
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 6
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە6دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 80 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-14
ئاخىرقى: 2011-12-10
20-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-09 22:34

18-قەۋەت (ئابدۇنۇر) نىڭ يازمىسىغا

سىزنىڭ شەيخىڭىز مۇنەججىدنىڭ پەتىۋاسى بويىچە بولغاندا قۇرئان ئايەتلىرى ھۆسنىخەتلەپ يېزىلغان نەرسىلەرنى تاملارغا ئېسىشىمىزغا بولمايدۇ، گەرچە بىز ئۇنى ياخشى كۆرۈپ، ھەر كۈنى كۆزىمىز كۆرۈپ تۇرسۇن، ئۆيىمىزگە، كۆزىمىزگە، قەلبىمىزگە زىننەت بولسۇن دېگەن نىيەتتە ئاسساقمۇ. (ئەگەر ياخشى كۆرمىسەك، ئاسمايتتۇق. شۇنداققۇ؟ بىر كاپىرنىڭ ئۆيىدە يوق بۇنداق ئايەتلەر.)
كومپارتىيەنىڭ يوليۇرۇقى بويىچە، دىن مەسچىتتىن سىرتقا چىقىشقا رۇخسەت قىلىنمىغاچقا، كىشىلەرنىڭ ھەر قانداق يەردە  قۇرئان ئايەتلىرىدىن ئۇزاق تۇرۇشىنى تەكىتلەيدۇ. باشلانغۇچ ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى سىنىپلارنىڭ تاملىرىغا قارايدىغان بولسىڭىز، بۇ يەردە ماركىس، ئېنگلىس، ماۋزىدۇڭ، جىياڭ زېمىن، كوڭزى، لى شىجىن قاتارلىقلارنىڭ رەسىملىرى ياكى ئەقلىيە سۆزلىرى تامغا ئېسىغلىق. بۇ يەرگىمۇ قۇرئان ئايەتلىرىنى ئېسىشنى كومپارتىيە قاتتىق چەكلەيدۇ.
شەيخىڭىز مۇنەججىدنىڭ بۇ پەتىۋاسىنىڭ كومپارتىيەگە بەك خوش ياقىدىغانلىقى ئېنىق.
لېكىن، مەن ئىسلام ئۈلىمالىرىنىڭ ئىجتىھاد بىلەن چىقارغان پەتىۋالىرىغا گەرچە پەرقلىق پەتىۋا بولسىمۇ ھۆرمەت قىلىمەن. شەيخىڭىز مۇنەججىدنىڭ پەتىۋالىرىغا ئەگىشىدىغانلارغىمۇ ھۆرمەت قىلىمەن.
مۇستەقىل ئەقلى بار بىر مەخلۇق بولۇش سۈپىتىم بىلەن دوكتور ئابدۇلئەزىزنىڭ پەتىۋاسىنى شەخسەن مۇۋاپىق كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن، ئۆيۈمگە «ئەسمائۇل ھۇسنا» (ئاللاھنىڭ 99 ئىسمى)، ئەسىر سۈرىسى، ئايەتۇل كۇرسى ھۆسنىخەتلەپ يېزىلغان كەشتە ۋە ياغاچ جازىنى مېھمانخانا ئۆيۈم بىلەن كىتابخانامنىڭ تۆرىگە ئېسىپ قويىمەن. سۈرە بەقەرەنىڭ 286-ئايىتى ھۆسنىخەتلەپ يېزىلغان كەشتىنى تاپالىسام، ئۇنىمۇ ئۆيۈمنىڭ تۆرىگە ئاسىمەن. كۆزۈم كۆرىنىدىغان يەردە تۇرسا، كۆپرەك كۆرەرمەن. كۆزۈمنىڭ پىتىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن باشقا رەسىملەرنى كۆرۈشنىڭ ئورنىغا ئايەتكە قارامەن. يەنە «بىسمىللاھىررەھمانىررەھىيىم» ھۆسنىخەتلەپ يېزىلغان جازا بولسا ئىزدەۋاتىمەن. ئۇنىمۇ ئۆيۈمگە كىرىدىغان ئىشىكنىڭ ئۈستىگە ئاساي دەۋاتىمەن. ئۆيگە كىرىدىغان چاغدا «بىسمىللاھ» دېيىشنى ئۇنتۇپ قالغۇچىلار مۇشۇ جازىدىكى «بىسمىللاھ»قا قاراپ بولسىمۇ، بۇنداق دېيىشنى ئەسكە ئالسا ئەجەپ ئەمەس. «بىسمىللاھىررەھمانىررەھىيىم» قۇرئان-كەرىمدە 114 يەردە تەكرارلانغان ئايەت. بۇنى داۋاملىق زىكىر قىلىشنىڭ پايدىسى باركى، زىيىنى يوق.  
قورقۇنچاقلىق ئۆمۈرنى ئۇزارتالمايدۇ، باتۇرلۇق قىسقارتالمايدۇ.
دوستلىشىش
ئابدۇنۇر
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9633
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 7
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە7دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 72 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-18
ئاخىرقى: 2011-12-09
21-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-09 23:31

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
قايسى ئالىمنىڭ پەتىۋاسى سۈننەتكە ئۇيغۇن بولسا شۇنى ياقلاش كېرەك ! ئىختىلاپى مەسلە دەپ قويۇپ ، كەڭچىلىك بار...دەپ خاتىرجەم يۈرۈۈش كېرەكمۇ؟ «...ھەقىقەتتىن قالسىلا گۇمراھلىقتىن باشقا نەرسە مەۋجۇت ئەمەس ...»دېگەن ئايەتنى ئۇنۇتتۇڭلارمۇ ...  ئېسىڭلاردا بولسۇن ،مەن دوكتۇر ئابدۇلئەزىزنى سىلەردىنمۇ بەكرەك ھۆرمەتلىشىم مۈمكىن . ئاۋۇ گېپىم پەقەت ئاۋۇ ئۈستىدىكى كىشىنىڭ «دوكتۇر بىلگەچكە مانداق دېدى ، بىلمىگەن بولسا كېسىپلا...ماندا دەيتى ...»دەپ غەيپ دەۋاسى قىلىۋاتقاچقا دېيىلدى.
بىرەر گەپ قىلا قىلمايلا ،قايناپ كېتىدىكەنسىلەر ؟
خاتىرجەم بولۇڭلار قېرىنداشلىرىم ، مەن بىرىنى تېپىۋالسام ھارغۇچە ئۇچۇرۇپ ،بىرىنى ھارغۇچە چۆكۈرىدىغان تائىپىلەردىن ئەمەسمەن .شەيىخنىڭ پەتىۋاسىنى ماختىغىنىم - ئۇنىڭ شۇنچە كەڭ دائىرىدە ، ئەتراپىلىق ،ماھىيەتلىك كۆزەتكىنى بولدى . بۇ يۇقارقى  ئىككى پەتىۋادا ئېنىقلا تۇرۇپتۇ .
ئۇيغۇر جەمىئىتىدە ئۆزىنى بىر مۆئمىن دەپ ھېسابلاپ مېڭىپ يۈرىۋاتقان بىرىنىڭ - ئۆزى ۋە ئەتراپىدىكى مۆئمىنلەر ،ئۆلىمالار خاتا دەپ قاراۋاتقان بىر ئىش - تۈزۈك دەلىلسىز ياكى (سۈننەتتە بولماي تۇرۇپ) ھەق ھەتتا مۇستەھەب دەپ پەتىۋا بېرىلسە ، ئانچە مۇنچە سۈرۈشتۈرىشى نورمال ئىش دەپ بىلمەمسىلەر؟
سىلەرنىڭ قايسى نۇقتىدا يۇقاردىكى بىر قاتار تەنبىھلەرنى يازغىنىڭلارنى چۈشۈنۈپ تۇرۇپتىمەن . ھەم سىلەردىنمۇ رەنجىمىدىم .
ئەمما سىلەرنى يامان گۇماندىن يىراق تۇرۇشقا  ئاگاھلاندۇرىمەن ....
كىيىنكى ئىنكاسلىرىمىزدا مۇسۇلمانغا ۋە قېرىنداشلىققا خاس ھالدا سىلىق مۇنازىرە قىلىشىمىزنى ئۈمۈد قىلىمەن .
ئاللاھ ،ھەممىمىزنىڭ دىلىنى بىر بىرىمىزگە باغلىسۇن ، رەھمىتىنى ھەم بىزدىن ئايىمىسۇن ! ئامىن.
[ بۇ يازمىنىئابدۇنۇر 2011-12-09 23:48قايتا تەھرىرلىد ]
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9982
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە1دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 10 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-09
ئاخىرقى: 2011-12-20
22-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-09 23:51

ئاللاھ  رەھمەت  قىلسۇن
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9985
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 3
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە3دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 30 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-10
ئاخىرقى: 2011-12-22
23-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-10 01:45

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ؛ قىرىنداشلار ، مەن بۇ  تىمىنى  ناھايىتى كىيىنرەك  كورۇپتىمەن . ئاللا  رەخمەد  قىلسۇن ، يۇقۇردىكى ئابدۇ نۇر قىرىندىشىممىزغا :::: ھەقىقەتەن  ياخشى  ئېنكاس  بوپتۇ  بىلىمىڭىزنى ئاللا   زىيادە  قىلسۇن .  ئۇرۇمچىلىك  قىرىنداشلار  بولسا  شاڭموچىڭنىڭ  كەينى  تەرىپىدە مەدىنى بۇيۇملار نى  ساتىدىگان  بىنانىڭ2 چى 3چى  قەۋىتىگە  چىقىپ  كورۇپ  باقسۇن،  ئۇ  يەرلەردە  يىيىلىپ  ياتقان  قۇرئان  ئاياتلىرىنى  كورىسىز  بۇلانى  نىمە  دىيەلەيمىز.  كوپ  سوزلىمەيلى  نەزەر سىلىپ  جاھاننى  كورىلى.  بەرگەن  پەتىۋا  تازا   ياخشى  بولماپتۇ .
686994
دەرىجە: چەكلەنگەن

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9603
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 901
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە901دانە
ئۆسۈش: 490 %
مۇنبەر پۇلى: 1 سوم
تۆھپىسى: 55 كىشى
ياخشى باھا: 4789 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-16
ئاخىرقى: 2012-03-26
24-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-10 11:59

ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى
دەرىجە: چەكلەنگەن

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9603
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 901
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە901دانە
ئۆسۈش: 490 %
مۇنبەر پۇلى: 1 سوم
تۆھپىسى: 55 كىشى
ياخشى باھا: 4789 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-16
ئاخىرقى: 2012-03-26
25-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-10 12:34

ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى