باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 4988 قېتىم كۆرۈلدى
«123»Pages: 2/3     Go
تېما: قۇرئان ئايەتلىرى يېزىلغان كۆرۈنۈشلەرنى تامغا ئېسىشقا بولامدۇ؟
ئاللاھنىڭ قۇلى
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1442
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 457
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە457دانە
ئۆسۈش: 610 %
مۇنبەر پۇلى: 5023 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-02
ئاخىرقى: 2012-03-27
10-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-04 21:37

ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەن ئىككىم  ۋەقە
1- ئالدىنقى يىلى كۆرلىدىكى ۋاختىمدا بىردانە كىيىم مودىلى لازىم بۇلۇپ قېلىپ خۇلىڭغا بىرىپ  بىر خەنزۇنىڭ  دۇكانىغا كىرسەم پۇل ئالدىغان گۈتۈينىڭ بىر يېنغا بىر بۇتنىڭ رەسمىنى يانا بىر يېىنغا تېگى قارا خىتى سېرىق شاھادەت كەلىمىسنى ئېسىۋاپتۇ خەنزۇچىنى بىلمىگەچكە ئۇنۇڭ بىلەن جىق پاراڭلاشماي ئازراق ماددى مەنپەئەتنى دەپ ئاللاھنىڭ كالامىنى ساتقان بىرتۈركۈم كىشلەرگە ئاچچىغىم كىلىپ يېنىپ چىقتىم  
2يېقىندا دۇكاندا ئولتۇرسام بىر كىچىك بالا بىر يېىندا ئاللاھ يانا بىر يېىندا پەيغەمبىرىمنىڭ ئىسمى يېزىلغان گىلاپكىنى يەردە دىگىلتىپ ئوينىغىلى تۇرۇپتۇ  ئۇبالنىڭ قۇلدىن  ئېلۋىلىپ ئانسىغا ئازراق تەربىيە قىلىپ قۇلغا تۇتقۇزۇپ قويغان ئىدىم
دوستلىشىش
ئابدۇنۇر
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9633
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 7
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە7دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 72 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-18
ئاخىرقى: 2011-12-09
11-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-04 23:35

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار !
تاملارغا ئايەت يېزىلغان رامكا-جازىلارنى ئېسىشنىڭ ھۆكمى؟
مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد
تەرجىمە قىلغۈچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
254-نومۇرلۇق سوئال سوئال: بەزى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆيلىرىنى زىيارەت قىلغان ۋاقتىمدا تاملىرىغا قۇرئان ئايەتلىرى ۋە ئاللاھنىڭ ئېسىم-سۈپەتلىرى ياكى باشقا دۇئا-زىكىرلار يېزىلغان رامكا-جازىلارنى ئېسىۋالغانلىقىنى كۆردۈم؟، بۇنداق قىلىشنىڭ شەرىئەتتە دەلىلى بارمۇ؟.
جاۋاپ: بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر. قۇرئان ئايەتلىرى يېزىلغان رامكا-جازىلارنى ئۆينىڭ، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ، مەكتەپلەر ۋە كۇلۇپلارنىڭ تاملىرىغا ئېسىپ قويۇش بىرقانچە تەرەپتىن شەرىئەت چەكلىگەن مۇنكەر ئىشلاردىن ھېسابلىنىدۇ:
1- كۆپىنچە ھالدا قۇرئان ئايەتلىرى ۋە زىكىر-دۇئالار بىلەن چىرايلىق نەقىشلەنگەن رامكا-جازىلارنى تاملارغا ئېسىش زىننەت ئۈچۈن بولىدۇ. بۇ قۇرئان كەرىمنىڭ تىلاۋەت قىلىنىش، تەدەببۇر قىلىش ۋە كىشىلەرگە ھىدايەت، ۋەز-نەسىھەت قىلىشتىن ئىبارەت ئالى مەقسىتىگە توغرا كەلمەيدۇ. قۇرئان كەرىم ئەسلىدە تاملارنى زىننەتلەش ئۈچۈن چۈشۈرۈلمىگەن بەلكى كىشىلەرنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلىنغان.
2-بەزى كىشىلەر بۇنىڭغا ئوخشاش رامكا-جازىلارنى بەرىكەت تەلەپ قىلىش مەقسىتىدە ئاسىدۇ. بۇ بىدئەت ئىشلاردىن ھېسابلىنىدۇ. بەرىكەت تەلەپ قىلىش، قۇرئان ئايەتلىرىنى چىرايلىق ھۆسنىخەتلەر بىلەن يېزىپ تاملارغا ئېسىپ قويۇش بىلەن بولماستىن، بەلكى قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىش، ئۇنىڭدىكى ھېكمەتلەرنى تەپەككۇر قىلىش بىلەن بولىدۇ.
3- بۇنداق قىلىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، توغرا يول تۇتقۇچى خەلىپىلەر ئاللاھ رازى بولغان ساھابىلارنىڭ پرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھېچبىرى بۇنداق ئىشلارنى قىلمىغان. ئۇلارغا ئەگىشىش دىندا بىدئەت پەيدا قىلىش بىلەن بولماستىن، بەلكى  ياخشىلىقتا ئۇلارنى ئۆرنەك قىلىش بىلەن روياپقا چىقىدۇ. تارىخى ماتىرياللاردىمۇ قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنى نەقىشلىك رامكا-جازىلارغا ئېلىپ زىننەتلەپ ئۆينىڭ ۋە مەسچىتنىڭ تاملىرىغا ئېسىپ قويۇش تۈركىيە ۋە ئەندەلۇس دۆلەتلىرىدە مۇسۇلمانلار ئاجىزلىشىپ دىنى ئەقىدىسى سۇسلاشقاندا پەيدا بولغان ئىشلاردىن ئىبارەت دېيىلگەن.
4-ئايەتلەر بىلەن زىننەتلەنگەن جازىلارنى ئېسىش شېرىككە ئىلىپ بارىدىغان ۋەسىلىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى بۇنى تامغا ئاسقان كىشىلەر بۇ ئايەتلەرنىڭ سەۋەبىدىن ئائىلىمىز ھەر تۈرلۈك خېيىم-خەتەر، مۇسىبەتتىن ساقلىنىپ قالىدۇ دەپ قارايدۇ، بۇ شېركى قاراش ھېسابلىنىدۇ. ھەقىقى ھىمايە قىلغۇچى ئاللاھ تائالادۇر. ئاللاھنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىشنىڭ سەۋەبلىرىدىن؛ قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ۋە شەرىئەتتە كۆرسىتىلگەن زىكىر-دۇئالارنى ئىخلاس-ئىشەنچىدە ئوقۇش بىلەن ۋۇجۇتقا چىقىدۇ.
5-تۈرلۈك جازا ۋە رامكىلارغا ئايەت يېزىشنى تىجارەت شەكلىگە كىرگۈزۈپ، كۆپلەپ پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. قۇرئان ئايەتلىرىنى تىجارەت شەكلىگە ئايلاندۇرۇش مۇسۇلمانغا لايىق ئىش ئەمەس. بەلكى بۇ شەكىلدىكى رامكا-جازىلارنى سېتىۋېلىش مالنى ئىسراپ قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
6- بۇ شەكىلدىكى رامكا-جازىلارنىڭ تولىسى ئالتۇندىن ھەل بىرىلگەن بولۇپ، بۇنى تامغا ئېسىپ قويۇش ھارام بولىدۇ.
7- بەزى جازىلارنىڭ خەتلىرى يۆگىمەچ ھۆسنخەت شەكلىدە يېزىلغان بولۇپ، بۇ شەكىلدىكى خەتلەرنى ئوقۇش قېيىن بولغاچقا، ھېچقانداق مەنپەئەتى بولمايدۇ. بەلكى بەزىلىرى قۇشلارنىڭ ياكى سەجدە قىلىپ تۇرغان كىشىلەرنىڭ سۈرىتى شەكلىدە يېزىلغان بولۇپ، بۇنداق قىلغانلىق ئايەت بىلەن ئويناشقانلىق ھەم چەكلەنگەن سۈرەتلەرنى ئاسقانلىق ھېسابلىنىدۇ.
8-بۇنداق قىلىش قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنى تۆۋەن كۆرۈپ خارلىغانلىقتىن ئىبارەت، بولۇپمۇ ئۆيدىن ئۆيگە يۆتكەلگەندە ياكى تاملارنى يېڭىدىن بويىغاندا، بۇ ئايەتلەر پۈتۈلگەن جازىلار باشقا ئۆي جاھازىلىرىغا ئارلىشىپ قالايمىقان تاشلىنىدۇ ياكى ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقا نەرسىلەر قويۇلىدۇ.
9-بەزى دىنى چۈشەنچىسى تۆۋەن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىشلىرىنى دىنى شۇئارلارنى تۇرغۇزغانلىق دەپ ئويلايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇلارنىڭ ھېچقانداق بىر دىنى  مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلغانلىقىنى ئىپادىلىمەيدۇ.
10-بەزى مۇلازىمەت ئورۇنلىرىدا چاي چەينىكى ياكى پىيالە قاتارلىق ئىستىمال بۇيۇملىرىغا ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرى، سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېگەنگە ئوخشىغان ئۇلۇغ سۆزلۈكلەر يېزىلغان بولۇپ، بۇنداق قىلىش ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئېھتىرامسىزلىق قىلغانلىق بولىدۇ. ئۇ كىشىلەرنىڭ ئاللاھتىن قورقۇشى، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى ياخشى كۆرسە بۇ يولسىز ئۇسۇل بىلەن ئەمەس، بەلكى قۇرئان ۋە سۈننەتكە ھەقىقى رەۋىش بىلەن ئەگىشىش ئارقىلىق سۆيگۈسىنى ئىپادىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
گەپنىڭ خۇلاسىسى: بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلاردىن يىراق بولۇپ، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى رازى بولغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:  ئۇلار ئەقىدە، ئەدەپ-ئەخلاقتا، دىننى چۈشىنىشتە باشقىلارغا ئۈلگە بولىدۇ دەپ گۇۋاھلىق بەرگەن كىشىلەرنىڭ يولىغا ئەگىشىش لازىم. بەزىلەر بىز بۇنى زىننەتلەش ياكى ئىسراپ قىلىش ياكى كەمسىتىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى كىشىلەر توپلانغاندا ئاللاھنى ئەسلەپ ئايەتلەردىن ئىبرەت ئالامدىكىن دەپ قىلدۇق دېيىشى مۇمكىن. ئۇنداق دېگۈچىلەرگە بىزنىڭ جاۋابىمىز: ئۇلارنىڭ بۇ سۆزى رېئاللىقتىن يىراق بولۇپ، كىشىلەر بىر جايغا توپلاشقاندا باشلىرىنى كۆتۈرۈپ تامغا ئىسىلغان جازىدىكى ئايەت ۋە زىكىر-دۇئالارنى ئوقۇمدۇ؟!، بۇنىڭ ئەكسىچە بەزى كىشىلەر بىر جايغا توپلاشقاندا باشلىرى ئۈستىگە ئىسىلغان ئايەت-زىكىرلەردىن ئەيمەنمەستىن ئۆز-ئارا غەيۋەت -شىكايەت قىلىش، يالغان سۆزلەش ۋە بىر-بىرىنى مەسخىرە قىلىش، ئويۇن-چاقچاق بىلەن بولىدۇ، گەرچە بۇنىڭدىن پايدىلىنىدىغان كىشىلەر بار دېيىلسىمۇ ئۇلار ناھايتى ئاز ساندىكى كىشىلەر بولۇپ ئۇلار بۇ ھۆكۈمگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. مۇسۇلمانلاردىن ئاللاھنىڭ كىتابىغا يۈزلىنىپ ئىخلاس بىلەن تىلاۋەت قىلىپ ھۆكمىگە ئەمەل قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالادىن قۇرئان -كەرىمنى دىلىمىزنىڭ باھارى، قەلبىمىزنىڭ نۇرى، غەم-قايغۇلىرىمىزنى كەتكۈزۈۋېتىدىغان دىل راھىتى قىلىشىنى سورايمىز. جانابى پەيغەمبىرىمىزگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن. ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

2094تورىدىن ئېلىندى .  ئەسلى مەنبە:
http://www.2094.com.cn/article/2094_mezmun.php?aid=94&catid=111
MUJAHIT
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9335
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 118
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە118دانە
ئۆسۈش: 590 %
مۇنبەر پۇلى: 1652 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-21
ئاخىرقى: 2012-03-16
12-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-04 23:45

ئاللا  رەخمەت  قىلسۇن..........  
ھەممىز  ئاللانىڭ  دەرگاھىغا  قايىتقۇچلارمىز ...
دوستلىشىش
نۇرجۇلا
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9571
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 53
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە53دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 530 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-13
ئاخىرقى: 2012-01-24
13-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-05 18:07

6-قەۋەت (uygar) نىڭ يازمىسىغا

راس دەيسىز! يۇقارقى باياندىن نىمە مەقسەت بىلەن ئېسىش كۆزدە تۇتۇلۇپتۇ،  شۇنى ھېس قىلدىمكى ئامال بار ئاسماسلىق كېرەك ئىكەن، سىز دىگەندەك بىز ئۇيغۇرلارغا ھەممە يەرگە ئاسسىمۇ ئازلىق قىلىدۇ، شۇڭا ئاز تولا ئاللاھنى، قۇرئاننى، ئىماننى يادىغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئېسىش كېرەك!
دوستلىشىش
abdullajan
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8576
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 117
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە117دانە
ئۆسۈش: 330 %
مۇنبەر پۇلى: 1593 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-13
ئاخىرقى: 2012-03-26
14-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-06 04:37

دوكتۇر بۇ پەتۋادا خېلى سەل يەڭگىللىك قىپ قاپتۇ، دېمىسىمۇ  ئۇنداق قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۇنى بالا قازادىن ساقلايدۇ ياكى بەرىكەت كەلتۈرىدۇ، دەپ ئېسىشى مۇمكىن. دوكتۇر راسلا بۇ يەرنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز قاپتۇ، مەنمۇ بىر ساۋاقدىشىمىزنىڭ ياتىقىغا كىرسەم  تامدا ئاللاھنىڭ ئىسمى چۈشۈرۈلگەن بىر  رەخت ئېسىقلىق تۇرىدۇ، لېكىن قارىسام ياتىقىدىكى بەڭگىلەر خىيالىدا يوق تاماكىسىنى چېكىپ ئولتۇرىشىدۇ............توۋۋا دەپ قالدىم...........
http://www.tesniym.com/
دوستلىشىش
abdullajan
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8576
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 117
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە117دانە
ئۆسۈش: 330 %
مۇنبەر پۇلى: 1593 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-13
ئاخىرقى: 2012-03-26
15-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-06 04:41

تېخى يەنە رەختلەرگە تىكىدىغان قىپ ساتىدىغان بوپتۇ، دۆڭكۆرۈكتە مەخسۇس ساتقىلى خېلى بولدى... ئۇلار ئەمدى دوكتۇرنىڭ بۇ پەتۋاسىنى كۆرۈپ تېخىمۇ خاتىرجەم قىلىغان بولدى-دە، سودىسىنى.....ئەسلى بۇنداق ئىشلارنى زادى جائىز ئەمەس دەپ ھەممە ئالم - ئۆلما، موللا بىردەك قارشى چقىپ بىخ ھالىتىدىلا يوقىتىش كېرەك ئىدى. ئىسلام گۈللەنگەن مەمىلىكەتلەردە قىلسا بەلكى جائىز بولار لېكىن، بۇ بىزدەك نادان بىر خەق ئارىىدا ئۇنداق ھە دەپ بەرسەك، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنىڭ، ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىنىڭ خارلىنىشىغا سەۋەپ بوپ قېلىش ئېھتىماللىقىمىز چوڭ. ئاۋۋال قەلبىمىزنى زىننەتلىگەچ تۇرايلى، ئاندىن بەك زىننەتلەپ ئېشىپ كەتكەندە شۇنداق  قىلساقمۇ بولار...
ۋەللاھۇ ئەئلەم.
[ بۇ يازمىنىabdullajan 2011-12-06 04:49قايتا تەھرىرل ]
http://www.tesniym.com/
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9932
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 3
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە3دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 30 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-06
ئاخىرقى: 2011-12-06
16-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-06 14:31

.اللا رەخمەت قىلسۇن
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4555
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1172
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1172دانە
ئۆسۈش: 5440 %
مۇنبەر پۇلى: 15629 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2012-03-27
17-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-09 16:53

دوكتۇر بۇ پەتۋادا خېلى سەل يەڭگىللىك قىپ قاپتۇ، دېمىسىمۇ  ئۇنداق قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۇنى بالا قازادىن ساقلايدۇ ياكى بەرىكەت كەلتۈرىدۇ، دەپ ئېسىشى مۇمكىن. دوكتۇر راسلا بۇ يەرنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز قاپتۇ، مەنمۇ بىر ساۋاقدىشىمىزنىڭ ياتىقىغا كىرسەم  تامدا ئاللاھنىڭ ئىسمى چۈشۈرۈلگەن بىر  رەخت ئېسىقلىق تۇرىدۇ، لېكىن قارىسام ياتىقىدىكى بەڭگىلەر خىيالىدا يوق تاماكىسىنى چېكىپ ئولتۇرىشىدۇ............توۋۋا دەپ قالدىم...........  

.....................................................................
دىيارىمىزنىڭ شارائىتىنى بىلگەچكە يول قويغان گەپ ،بىلمىگەن بولسا كىسىپلام رەت قىلغان بولاتتى.
دوستلىشىش
ئابدۇنۇر
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9633
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 7
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە7دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 72 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-18
ئاخىرقى: 2011-12-09
18-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-09 19:35

ئىسلام شەرىئىتى مەيلى دوكتۇر ئابدۇلئەزىزنىڭ بولسۇن ياكى باشقا ئۆلىما ،پەتىۋاچىلارنىڭ بولسۇن ، ئۆز ئالدىغا كېسىدىغان ياكى يول قويىدىغان شەخسى پىچىم رەختى ئەمەس ! دوكتۇرنىڭ بۇ پەتىۋاسىدا دەلىللەردىن تارتىپ ، لوگىكىلىق ھۆكۈملەرگىچە ئېغىر بىر تەرەپلىمىلىك بار ! دىيارىمىزنى چۈشۈنۈشتىن تېخىمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ ! پات ئارىدا ،ئىنشائاللاھ ،بۇ پەتىۋاغا تەنقىد يېزىلغۇسى ...
ئالىملار  نېمىنى ئويلايدىكىن تاڭ ؟ پەتىۋاغا ئوبىكتىپ تەنقىد يېزىلسا ، قەتئى چىقارمايدۇيۇ - ماختاش ئىنكاسلىرىنى  ھەسسىلەپ چىقىرىدۇ . بۇنىڭ بىلەن خۇددى بۇ پەتىۋانىڭ توغرىلىقى يۈز پىرسەنتتەك ،خاتا يېرى يوقتەك ،ھەممە ئىلىم ئەھلى قوللاۋاتقاندەك خاتا  ئىپادە ھاسىل بولىدۇ.  بۇنىڭ بىلەن بىر بۆلۈك ئاق قارىنى ئاسان ئايرىيالمايدىغان بۇرادەرلەر سۈرۈشتۈرمەيلا ئەگىشىپ كېتىدۇ ۋە تەرەپ تەرەپلەردە تەشۋىق قىلىدۇ .
شەيىخ  مۇھمەد سالىھ ئەل مۇنەججىدگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ! تولىمۇ كەڭ دائىرىلىك ،ئەتراپلىق پەتىۋا بەرگەن بۇ كىشى !...
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9735
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 19
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە19دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 192 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-24
ئاخىرقى: 2012-02-25
19-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-09 20:15

ئىسلام شەرىئىتى مەيلى دوكتۇر ئابدۇلئەزىزنىڭ بولسۇن ياكى باشقا ئۆلىما ،پەتىۋاچىلارنىڭ بولسۇن ، ئۆز ئالدىغا كېسىدىغان ياكى يول قويىدىغان شەخسى پىچىم رەختى ئەمەس !
................................................................................................

دوكتۇرنىڭ بۇ پەتىۋاسىدا دەلىللەردىن تارتىپ ، لوگىكىلىق ھۆكۈملەرگىچە ئېغىر بىر تەرەپلىمىلىك بار ! دىيارىمىزنى چۈشۈنۈشتىن تېخىمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ ! پات ئارىدا ،ئىنشائاللاھ ،بۇ پەتىۋاغا تەنقىد يېزىلغۇسى...........
.......................................................................................................................

بىر ئالىم ئۆز ئىلمى ئىجتىھاد قۇۋۋىتى يەتكەن بويىچە  ھۆكۈم قىلىپ چىقارسا ھىچقانداق ئەھلى ئىلىمنىڭ ئۇنىڭغا قارىتا ئىسلام شەرىئىتى ئۇنىڭ نىمىسى ئەمەس، بۇنىڭ بىر نىمىسى ئەمەس دەپ ئۇنداق ساپاسىز رەددىيە بىرىدىغان ئىش نەدە بار؟ ھەممە ھۆكۈم سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكىدەك پىچىپ بىرىلىشى زۆرۈرمۇ ئۇنداقتا؟ ئۇنداق بولغاندا شەرىئەتنى پىچىم رەختى قىلىۋىلىۋاتقان نەخ ئۆزىڭىز بولمامسىز؟ 

  بىر تەرەپلىمىلىك بار دەپ قارىسىڭىز قوبۇل قىلمىسىڭىزلا بولمىدىمۇ، ئىختىلاپى مەسىلىدە بىرلا تەرەپنىڭ يۈز پىرسەن توغرا بوپ كىتىدىغان ئىش يوق، تەنقىد يازغۇڭىز كەلسە كىچىكتۈرمەڭ، بەرىبىر سىزنىڭلا يۈز پىرسەن توغرا بوپ كەتمەيدۇ. 
 ئىختىلاپى مەسىلىدە قايسىسىنىڭ دەلىلىنى كۈچلۈك دەپ قارىغانلا شۇنى قوبۇل قىلسا بۇ يوللۇق ئىش. مىنىڭ دىگىنىمدەك چىقمىغان پەتىۋاغا باشقىلار ئەگەشسە قانداق بولىدۇ دەپ ساراسىمگە چۈشۈشنىڭ ئورنى يوقتە.
 بولىدۇ دىگەن يالغۇز بىر دوكتۇرنىڭ قارىشى بولسىكەن كاشكى، پەتىۋادا ئىنىق ئسىلام ئالىملىرى ئارىسىدا ئۈچ خىل قاراشنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ۋە بىرسىگە ئۆزىنىڭ توختالغانلىقىنى ۋە بۇندىكى سەۋەپلەرنى تەپسىلى يىزىپتىغۇ، سىز  قالغان ئىككى خىل قاراشنىڭ بىرسىگە توختالسىڭىز ئۆزىنىڭ ئىختىيارى ئەمەسمۇ؟ شۈنچىلىك ئىشنى كاللىدا توغرا ھەل قىلالماي شەرىئەتتىن سۆزلەش سەل بالدۇرلۇقمۇ قانداق؟ فۇرۇئاتتىكى ئىختىلاپ مەسىللىرگە قانداق مۇئامىلە قىلىش توغرسىدا سەلەپ سالىھىنلاردىن كۆپرەك ئۆرنەك ئىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن قېرىندىشىم.