ئېروسالىم
نىزار قەببانىي
ئېروسالىم،پەيغەمبەرلەرنىڭ شانلىق شەھرى،
ئاسمان ۋە زېمىن ئارىسىدىكى چىغىر يول!
ئېروسالىم، سەن ساناقسىز ئۈچلۇق مۇنارلاردا
ئايلاندىڭ گۈزەل كىچىك قىزغا كۆيگەن بارماقلار بىلەن.
قىزلىق ھالىتىدىكى شەھەر،سېنىڭ كۆزلۈرۈڭدە پىغان.
نومۇسچان بوستانلىقلار،ئۇيەرلەرنى پەيغەمبەرلەر كەزگەن،
كوچىلىرىڭىدىكى تاشلاردا ئۆسمەكتە ئازاب-پىغان،
مەسجىدنىڭ مۇنارلىرى روھسىز ئولتۇرۇشقان.
قاراڭغۇلۇققا ئورالغان شەھەر،كىم چالىدۇ بۇ قوڭغۇراقلارنى
مۇقەددەس قەبرىدە
يەكشەنبە ئەتىگىنى ئۈچۈن؟
كىم ئېلىۋالىدۇ ئويۇنچۇقلارنى بالىلارغا
ھارپا كېچىسى ئۈچۈن؟
قاپسالغان شەھەر، بىر يوغان ياش تامچىسى
تىترەر ھامان كىرپىكىڭدە.
كىم ئىنجىلنى قوغدايدۇ؟
كىم قۇرئاننى قوغدايدۇ؟
كىم كىرىستنى قوغدايدۇ،كىم ئىنسانلارنى قوغدايدۇ؟
***
ئېروسالىم،مېنىڭ سۆيگەن شەھرىم،
ئەتە سېنىڭ لىمون دەرىخىڭ ئۆسىدۇ باراقسان،
سېنىڭ يېشىل نوتىلىرىڭ ۋە شاخلىرىڭ
ئۆرلەيدۇ كۆكلەرگە زوق-شوخ بىلەن.
كۆزلىرىڭ تولىدۇ تەبەسسۇمنىڭ ئەلۋەك نۇرلىرىغا
ئاۋۇ سەرسان كەپتەرلەر قايتىيدۇ يەنە
سېنىڭ مۇقەددەس پىشايۋانلىرىڭغا
بالىلار قايتىپ كېلىدۇ قايتىدىن تاتلىق ئويۇنلىرىغا
ئۇچرىشىدۇ باغرى كۆيگەن ئاتا بالا قايتىدىن
سېنىڭ نۇرلۇق كوچىلىرىڭىدا.
مېنىڭ شەھرىم،زەيتۇن دەرىخى ۋە تىنچلىقنىڭ شەھرى.
تەرجىمە قىلغۇچى يۇنۇس زۇننۇن