باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 6413 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مەن تېرورىزىم بىلەن بىرگە
اللە بىردۇر،ئۇ ھەممىگە قادىردۇر
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3080
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 88
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە88دانە
ئۆسۈش: 1120 %
مۇنبەر پۇلى: 1454 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-19
ئاخىرقى: 2010-12-09
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-11-10 22:36

مەن تېرورىزىم بىلەن بىرگە

ئەسكەرتىش: بۇ يازما sirik تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-07-30)

 
مەن تېرورىزىم بىلەن بىرگە
 
نىزار قەببانىي (سۈرىيە)
 
بىز تېرورىستلار ئاتالدۇق
بىز ئاياللىرىمىز ۋە ئەتىرگۈللىرىمىزنى ،
مۇقەددەس ئايەتلىرىمىزنى،
كۆك ئاسمانلارنى...
قوغدىغان چېغىمىزدا.
بىر سۇلتانلىق...قالمىغان ئىدى ئۇندا ھىچنىمە...
سۇمۇ يوق، ھاۋامۇ يوق...
كەپىمۇ يوق، تۆگىمۇ يوق...
ئاددىيسى قارا رەڭلىك ئەرەب قەھۋەسىمۇ يوق !!
***
بىز تېرورىستلار ئاتالدۇق
غورۇر بىلەن،ساپ ۋىجدان بىلەن
بېلقىزنىڭ چاچلىرىنى،
مەيسۇمنىڭ لەۋلىرىنى قوغدىغان چېغىمىزدا.
  
ھىند ۋە دەئدنى
لۇبنا ۋە رەبەبنى...
سۈرمە ئېقىنلىرىنى قوغدىغان چېغىمىزدا.
بالدۇر چۈشكەن كىرپىكلەرگە ئوخشىغان ئىنقىلابنىڭ مىسرالىرىدەك
سەنمۇ مەندەك تاپالمايسەن
بىر سىرلىق شېئىر،
ياكى سىرلىق بىر ئوقۇلما،
ياكى مەن ئىشىك ئارقىسىغا سۇقۇپ قويغان كىتابنى.
***
بىز تېرورىستلار ئاتالدۇق
خاراب بولغان ۋەتىنىمىزنى يازغان چېغىمىزدا
ئېغىر ئازاب -ئوقۇبەت، ئاجىزلىق...
ئادرىسى يوق  ۋەتەن
قوينىدا ئىسمى يوق  خەلىق
***
مەن ۋەتىنىمنىڭ پارچىلىرىنى قېدىردىم
خەنسانىڭ ھەسرىتىدىن ئارتۇق
ھىچنىمە قالمىغان ئىدى ئۇ بۈيۈك شېئىرلاردا.
***
مەن ئۇنىڭ ئۇپۇقىدىن بىر سۇلتانلىقنى ئىزلىدىم
ھۆرلۈك يوق پەقەت تېپىلغىنى
قىزىل...كۆك ياكى يېشىل .
***
بىر ۋەتەن،بىزنى گېزىت سېتىۋېلىشتىن توسقان
ياكى خەۋەر ئاڭلاشتىن.
بىر سۇلتانلىق،ئىچىدىكى قۇشلار چەكلەنگەن
سايراشتىن.
بىر ۋەتەن ئىچىدە،ۋەھىمە[رۇئب]سەۋەبىدىن
يازغۇچىلىرى يېزىپ كۆنگەن تېما
ھىچنېمە.
بىر ۋەتەن،زېمىنىمىزدىكى شېئىرلارنىڭ تەمسىلى:
تاينى يوق قۇرۇق پاراڭ،
قاپىيەسىز،
توشۇپ كېلىنگەن.
ئەجەم،ساختىپەز چىراي ۋە تىل:
باشلىنىش يوق
ئاخىرلىشىش يوق
كىشىلەرنىڭ ئەندىشىلىرى بىلەن تۇققانچىلىقى يوق
زېمىن ئانا
ئىنسانلارنىڭ ھايات-ماماتلىق لەھزىسدە.
***
بىر سۇلتانلىق...
تىنچىلق توغرىسىدا سۆزلىمەكچى
يۈتتۈرگەن شان-شەرەپ بىلەن
يالاڭ ئاياق بىلەن.
***
بىر ۋەتەن،
كىشىلەر سىيمەكتە ئۆزلىرىنىڭ تەڭلىسىگە
ئاياللار ئۆز نومۇسلىرىنى قوغداشقا ئىمكانسىز قالغان.
***
كۆزلىرىمىزدە سۈچىگەن تۇز
لەۋلىرىمىزدە يېرىلغان شور
سۆزلىرىمىزدە يامرىغان قوقاس
كىم ئۆزىگە بۇنداق قۇرغاقچىلىقنى ئېلىپ يۈرەلەيدۇ؟
بۇ بىزگە ھىچنىمە بېرەلمەس قەھتاندىن قالغان مىراسمۇ؟
بىزنىڭ خەلقىمىزدە،مۇئاۋىيە يوق،ئەبۇ سوفيان يوق
ئۆزىگە"ياق"دېيىشنى ئېلىپ قويغان ھىچكىم يوق
مەيدانسىز كىشىلەرنىڭ يۈزلىرى
ئۇلار ئۆيلىرىمىزنى ،نانلىرىمىزنى،زەيتۇن ياغلىرىمىزنى بۇلاپ كەتتى
ئۇلار بىزنىڭ شانلىق تارىخىمىزنى پۇخراۋىي ھېكايىلىرىمىزنى ئۆرىۋەتتى.
***
بىزنىڭ ھاياتىمىزدا،
تاكى بىز سۇلتاننىڭ كارۋىتىدا ئۆز ئىپپىتىمىزدىن مەھرۇم قالغاندىن بېرى
شېئىرمۇ قالمىدى.
***
ئۇلار بىزگە كۆندى،بىزنى پەس كۆرگەن ھالىتىدە
ھەممە ساقلىنىپ قالغاننى يىغقاندا
ئشىپ قالغىنى كىشىلەرگە
بولدى نومۇس ۋە رەسۋالىق.
***
مەن تارىخ كىتابلىرىنى قېدىردىم
ئۇسامە ئىبن ئەلمۇنقىس
ئۇبادە ئىبن نەفىئ
ئۆمەر ۋە ھەمزە
ھەمدە خالىد،ئۇ ھەيدىگەنچە قوي پادىلىرىنى
بويسۇندۇرغانتى شام دىيارىنى
مەن بىر مۇئتەسىم بىللاھ ئىزلىدىم
ئاياللارنى قەبىھ باسقۇنچۇلۇقلاردىن ۋە ئوتتىن قۇتقۇزۋېلىشقا.
***
مەن كېيىنكى كۈنلەردىكى كىشىلەرنى ئىزلىدىم
مېنىڭ كۆرگىنىمنىڭ ھەممىسى قۇرقۇنۇچتىن تىترىگەن مۈشۈكلەر
ئۇلارنىڭ روھىغا سېلىنغان قورقۇنۇچ
كەلگەن ئىدى چاشقانلارنىڭ سۇلتانلىقىدىن.
***
بۇ بىر قارشى تۇرغۇسىز مىللىي نادانلىقمۇ؟
ياكى بىز رەڭگە قارغۇ بولدۇقمۇ؟
***
بىز تىرورىستلار ئاتالدۇق
بىز ئىسرائىليەنىڭ توپا تۈرتۈش ماشىنىسى بىلەن
زېمىنىمىزنى كېسىشكە قارشى
تارىخىمىزنى كېسىشكە قارشى
ئەجداد مىراسلىرىمىزنى كېسىشكە قارشى
قۇرئانىمىزنى كېسىشكە قارشى
پەيغەمبىرىمىزنىڭ قەبرىسىنى كېسىشكە قارشى
ئۆلۈشكە رازى بولغان چاغدا...
ئەگەر بۇ قارشىلىقىمىز بىزنىڭ گۇناھىمىز بولغان بولسا
ئۇنداقتا نېمە دىگەن گۈزەل ھە تېرورىزىم دېگەن...
***
بىز تېرورىستلار ئاتالدۇق
بىز مۇڭغۇل،يەھۇدى،ياۋايىلارنىڭ قولى بىلەن
ئۆچۈرۈ لۈپ كېتىشىمىزگە قارشى تۇرغان چاغدا...
قەيسەردىن كېيىنكى قەيسەرلەر كۆتۈرىۋالغان ئاشۇ تاشنى
بىز بىخەتەر ھۆكۈمەتنىڭ ئەينىكىگە ئاتقان چاغدا
***
بىز تېرورىستلار ئاتالدۇق
بىز بۆرىلەر بىلەن مۇرەسسەلىشىشنى
پاھىشەلەر بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشنى رەت قىلغان چاغدا
***
ئامرىكا
كىشىلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە ھۇجۇم قىلىدۇ
مەدەنىيەتسىزلىكى بىلەن
كىشىلەرنىڭ ئەخلاقىغا تاجاۋۇز قىلىدۇ
ئەخلاقسىزلىقى بىلەن
ئامرىكا
بەھەيۋەت كۈچلۈك قەلئە
قورشاۋ تاملىرى يوق !
***
بىز تېرورىستلار ئاتالدۇق
بىز بىر ئېرانى
ئۇندا كالامپايلىق،باياشاتچىلىق،كۈچ بىلەن كىرىپ كەلگەن ئامىرىكىنى
ئىبرانىيلار نىڭ ھازىرقى زامانغا ئۆرۈلگەن تەرجىمە نۇسخىسىنى
رەت قىلغان چاغدا
***
بىز تېرورىستلار ئاتالدۇق
بىز ئېروسالىمغا
خەلىلغا
غەززەگە
ئەننەسىراھقا ئەتىرگۈل تاشلىغان چاغدا
قورشاۋدا قالغان قېرىنداشلىرىمىزغا
بىر بوردا نان بىلەن بىر يۇتۇم سۇ ئەۋەتكەن چاغدا...
***
بىز تېرورىستلار ئاتالدۇق
بىز باشلىقىمىزنىڭ مۈلۈكچىلىكىگە قارشى
ئاۋازىمىزنى بوملاپ يۇقىرلاتقان چاغدا
ھەممە ئۆزگەردى ئۇلارنىڭ سەپىرىدە:
بىرلىك ئۇيۇشمىدىن دەللالىقىچە بولغان سەپەردە
***
ئەگەر بىز جىنايەت بىلەن تولغان جەمئىيەتكە بوي سۇنۇشنى رەت قىلساق
ئەگەر بىز خەلىپىنىڭ بۇيرۇقىغا ۋە خەلىپىلىك ئورنغا قارشى چىقساق
ئەگەر قانۇن ۋە سىياسىي كىتابلارنى ئوقۇساق
ئەگەر اللە نى زىكرى قىلساق
ئەگەر سۈرە فەتىھ نىڭ ئايەتلىرىنى ئوقۇساق
ئەگەر جۈمئە خۇتبىلىرىنى ئاڭلىساق
ئۇنداقتا ، بىز تېرورىستلار بولۇپ بەلگىلىنىپ چىقىدىكەنمىز.
***
بىز تېرورىستلار ئاتالدۇق
بىز زېمىنىمىزنى ۋە تۇپراقلىرىمىزنىڭ ھۆرمىتىنى قوغىدىغان چاغدا
باشقىلارنىڭ بىزنى ئاياق ئاستى قىلىشىغا قارشى ئازابلىق چىرقىرىغان چېغىمىزدا
قۇملۇقىمىزدىكى ئەڭ ئاخىرقى پالما دەرەخلىرىنى
ئاسمىنىمىزدىكى ئەڭ ئاخىرقى يۇلتۇزنى
ئىسىملىرىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يېشىمىنى
ئانىلىرىمىزنىڭ ئەمچىكىدىكى ئەڭ ئاخىرقى سۈتنى قوغدىغان چاغدا
ئەگەر بۇلار بىزنىڭ گۇناھىمىز بولغان بولسا
نېمە دېگەن گۈزەل ھە تېرورىزىم دېگەن ...
***
مەن تېرورىزىملار بىلەن بىرگە
ئەگەر ئۇ ماڭا بەرسە ئىمكان
روسىيە،رۇمىنىيە،ھۇنگىرىيە،پولشادا سەرسانلارچە يۈرۈشتىن
ئۆز ۋەتىنىمدە ئەركىن ئۆتۈشكە...
***
ئۇلار پەلەستىندە ئولتۇراقلاشتى
مانا پۇتلىرى مۈرىلىرىمىز ئۈستىدە
ئەل-قۇددۇسنىڭ ئۇچلۇق مۇنارىنى ئوغۇرلاشقا
ئەنە ئۇلار ئەقسانىڭ ئىشكى تۈۋىدە
ئۇنىڭدىكى ئەرەبلەرنىڭ كۆز يېغىنى
ۋە يۇمىلاق گۈمبەزنى ئوغۇرلاشقا
***
مەن تېرورىستلار بىلەن بىرگە
ئەگەر ئۇ نەزەرىستىكى مەسىھ،يەسۇسنى
ۋە قىز مەريەم بىتۇلانى
ۋە ئۆلۈم ۋە پىغاننىڭ ئەلچىسى بولۇپ قالغان
مۇقەددەس شەھەرنى  قۇتقۇزۇپ قالسا
***
ئۆتكەن يىلى
مىللەتچىلەر كوچىسى قىزىدى ئوتتەك
خۇددى بىر ياۋا ئاتتەك.
ئېقىنلار  جانلانغان ئىدى ياشلارنىڭ روھلىرى بىلەن.
***
ئەمما ئولسو دىن كېيىن
بىزنىڭ چىشىمىزمۇ قالمىدى
مانا ھازىر بىز قارىغۇ،بىز ماتەمدار
***
بىز تېرورىستچىلار ئاتالدۇق
بىز بار كۈچىمىز بىلەن شېئىرىي مىراسلىرىمىزنى
مىللىي گەۋدىمىزنى،
ئەتىرگۈلدەك مەدەنىيتىمىزنى قوغدىغان چاغدا
ئۇزۇن نەي مەدەنىيتى بىزنىڭ تاغ تىزمىلىرىمىزدا
جادۇ ئەينەك قارايغان كۆزلەرنى قايتا تەسۋىرلىگەن چاغدا
***
بىز تېرورىستلار ئاتالدۇق
بىز ئۆزىمىزنىڭ يازغانلىرىمىزنى
دېڭىزمىزنىڭ كۆكلىكىنى
سىياھلىرىمىزنىڭ خۇش پۇراقلىرىنى قوغدىغان چاغدا
سۆزلەرنىڭ ھۆرلۈكىنى
كىتابلىرىمىزنىڭ مۇقەددەسلىكىنى ھىمايە قىلغان چېغىمىزدا
***
مەن تېرورىزىم بىلەن بىرگە
ئەگەر ئۇ كىشىلەرگە تاغۇتلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇشقا ئىمكان بەرسە
ئەگەر ئۇ ئادەم ئەزگەن ئادەمنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشقا ئىمكان بەرسە
لىمون،زەيتۇن دەرەخلىرىنى،لىۋاننىڭ شىمالىدىكى قۇشلارنى قايتۇرۇپ كېلەلىسە
گولەننىڭ چىرايىغا شۇ تەبەسسۇمنى قايتۇرۇپ چېكەلىسە
***
مەن تېرورىزىم بىلەن بىرگە
ئەگەر ئۇ مېنى يەھۇدىي قەيسەردىن
روۇملۇق قەيسەردىن قۇتۇلدۇرۇپ قالسا
***
مەن تېرورىزىم بىلەن بىرگە
تاكى ئامرىكا ۋە ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى
ئۇلار مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن تۈزۈلگەن
بۇ يېڭى دۇنيا تەرتىپى چاك چېكىدىن كەتكىچە
***
مەن تېرورىزىم بىلەن بىرگە
مېنىڭ بارلىق شېئىرلىرىم بىلەن
مېنىڭ بارلىق سۆزلىرىم بىلەن
ھەم بارلىق چىشلىرىم بىلەن
تاكى بۇ يېڭى دۇنيا
ئاشۇ قىرغىنچىلارنىڭ قولىدىن يۇلقۇنۇپ چىققۇچە
***
مەن تېرورىزىملار بىلەن بىرگە
گەرچە ئامرىكا پارلامېنتى
ھۆكۈم كېسىشنى چاڭگىلىدا ئوينۇتۇپ
مۇكاپات ۋە جازاسىنى ئېلان قىلسىمۇ
***
مەن ئىرھاب بىلەن بىرگە
تاكى بۇ يېڭى دۇنيا تەرتىپى
بىزارلىقتا ئەرەبلەردىن ئۆلگۈچە
***
مەن تېرورىزىم بىلەن بىرگە
تاكى بۇ يېڭى دۇنيا تەرتىپى
مېنىڭ پۇشتۇمنى ئۆلتۈرمەككە قول سالغىچە
ئۇلارنى ئىتلارغا تاشلاپ بەرگىچە
***
ھەممە ئۈچۈن،بارلىق ئۈچۈن
مەن ئاۋازىمنى قويۇۋېتىپ ۋارقىرايمەن:
مەن تېرورىزىم بىلەن بىرگە
مەن تېرورىزىم بىلەن بىرگە
مەن تېرورىزىم بىلەن بىرگە...
 
1997-يىلى 15-ئاپرېل ،  لوندون
 
تەرجىمە قىلغۇچى يۇنۇس زۇننۇن

يۇنۇس زۇننۇن