查看完整版本: [-- ئېرۇسالىم --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> شېئىر روبايىلار -> ئېرۇسالىم [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

zero903 2011-12-04 16:53
ئېروسالىم
 
نىزار قەببانىي
 
 
ئېروسالىم،پەيغەمبەرلەرنىڭ شانلىق شەھرى،
ئاسمان ۋە زېمىن ئارىسىدىكى چىغىر يول!
 
ئېروسالىم، سەن ساناقسىز ئۈچلۇق مۇنارلاردا
ئايلاندىڭ گۈزەل كىچىك قىزغا كۆيگەن بارماقلار بىلەن.
قىزلىق ھالىتىدىكى شەھەر،سېنىڭ كۆزلۈرۈڭدە پىغان.
نومۇسچان بوستانلىقلار،ئۇيەرلەرنى پەيغەمبەرلەر كەزگەن،
كوچىلىرىڭىدىكى تاشلاردا ئۆسمەكتە ئازاب-پىغان،
مەسجىدنىڭ مۇنارلىرى روھسىز ئولتۇرۇشقان.
قاراڭغۇلۇققا ئورالغان شەھەر،كىم چالىدۇ بۇ قوڭغۇراقلارنى
مۇقەددەس قەبرىدە
 يەكشەنبە ئەتىگىنى ئۈچۈن؟
كىم ئېلىۋالىدۇ ئويۇنچۇقلارنى بالىلارغا
ھارپا كېچىسى ئۈچۈن؟
قاپسالغان شەھەر، بىر يوغان ياش تامچىسى
تىترەر ھامان كىرپىكىڭدە.
كىم ئىنجىلنى قوغدايدۇ؟
كىم قۇرئاننى قوغدايدۇ؟
كىم كىرىستنى قوغدايدۇ،كىم ئىنسانلارنى قوغدايدۇ؟
***
ئېروسالىم،مېنىڭ سۆيگەن شەھرىم،
ئەتە سېنىڭ لىمون دەرىخىڭ ئۆسىدۇ باراقسان،
سېنىڭ يېشىل نوتىلىرىڭ ۋە شاخلىرىڭ
ئۆرلەيدۇ كۆكلەرگە زوق-شوخ بىلەن.
كۆزلىرىڭ تولىدۇ تەبەسسۇمنىڭ ئەلۋەك نۇرلىرىغا
ئاۋۇ سەرسان كەپتەرلەر قايتىيدۇ يەنە
سېنىڭ مۇقەددەس پىشايۋانلىرىڭغا
بالىلار قايتىپ كېلىدۇ قايتىدىن تاتلىق ئويۇنلىرىغا
ئۇچرىشىدۇ باغرى كۆيگەن ئاتا بالا قايتىدىن
سېنىڭ نۇرلۇق كوچىلىرىڭىدا.
مېنىڭ شەھرىم،زەيتۇن دەرىخى ۋە تىنچلىقنىڭ شەھرى.

تەرجىمە قىلغۇچى يۇنۇس زۇننۇن
 


تاھىربەگ 2011-12-04 17:14
يۇنۇس زۇنۇن قېرىندىشىمىز يوقاپ كەتتىغۇ...  ئىسىل يازمىلارنى يېزىپ قوياتتى.

samanyoli 2011-12-04 17:17
مەن تېرورېزىم بىلەن بىرگە

تەرجىمە قىلغۇچى- يۇنۇس زۇنۇن

zero903 2011-12-04 17:18
شۇ ئاشۇ قېرىندىشىمىز نى ئەسلەپ يەنە بىر ئەۋەتتىم....ئۇ قېرىندىشىمىزنى نۇرغۇن ئېنتىېرنىىتلاردىنمۇ ئىزدەپ تاپالمىدىم....بەكلا سىرلىق

zero903 2011-12-04 17:19
ھەممە ئۈچۈن،بارلىق ئۈچۈن

مەن ئاۋازىمنى قويۇۋېتىپ ۋارقىرايمەن:

مەن تېرورىزىم بىلەن بىرگە

مەن تېرورىزىم بىلەن بىرگە

مەن تېرورىزىم بىلەن بىرگە...

samanyoli 2011-12-04 17:22
ئۇ قېرىندىشىمىز سالامەت ھالدا چەتئەلدىكى ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،

zero903 2011-12-04 17:27
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى samanyoli نىڭ 2011-12-04 17:22 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئۇ قېرىندىشىمىز سالامەت ھالدا چەتئەلدىكى ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،



چچ 272476780

qimpiyun 2011-12-04 17:35
يەنىلا شۇ بۇرۇختۇمۇلۇق بىزدە ھــــــــــــــــــــــــــــە ي...............

anisa 2011-12-04 19:13
allah rahmat qilsun

uygar 2011-12-04 19:35
    بۇ شېئىرنى يەھۇدى شائىر يازغان ئوخشىمامدۇ .ئىرۇسالىم قۇددۇسنىڭ ئىبرانىيچە ئاتىلىشىغۇ .بىزمۇ ياۋروپا تاراتقۇلىرىدىن خەۋەر ئالغاشقا شۇنى دەپ كۆنۈپ قالغان ئەلۋەتتە .

ئۆركەش 2011-12-04 21:08
شۇنداق قىلىپ ئەلقىسە ، فەلەستىن ب د ت غا كىرەلمىدى ؟ شۇنداقمۇ بۇرادەرلەر ...

جەڭچى 2011-12-04 21:36
شۇنداق ....

gherip 2011-12-05 00:02
ئامىرىكا كاسافەتنىڭ ئىشى ...

nida0998 2011-12-05 02:25
قانلىق تارىخ قاچانمۇ ئاخىرلىشا....................؟

muzepper 2011-12-05 02:29















nida0998 2011-12-05 02:46
كىچە سائەت بىر بولغاندا مۇنبەرگە چىقىدىغان مەنلام ئەمەسكەنمەن ھە...؟

ئۆركەش 2011-12-05 15:02
ئىسرائىلىيە ، زوڭتۇڭ نىجادنىڭ گېپى بويىچە خەرىتىدىن ئۆچمىگىچە ئاخىرلاشمايدۇ .

nida0998 2011-12-06 02:28
ئىنشا ئاللاھ..................................!


查看完整版本: [-- ئېرۇسالىم --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.046170 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us