باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 4970 قېتىم كۆرۈلدى
«23456»Pages: 5/6     Go
تېما: ئىران ئۇرۇشامدۇ ؟
پەقەت ئاللاھنى ھەقىيقى تونىسىلا بولدى ھەممە ھەل& ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7009
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 172
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە172دانە
ئۆسۈش: 380 %
مۇنبەر پۇلى: 2003 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-11
ئاخىرقى: 2012-01-08
40-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-04 00:45

بىلىپ قىلىڭلار قىرىنداشلار داڭلىق ئالىم ۋە ئىسلام ئويغۇنۇش ھەركىتىنىڭ باشچىلىردىن بىرى بولغان سەئىيدى قۇتۇپ دۇشمەنلەرنى رەتكە تىزىپ بىرىنجىسى كۇففار ئىككىنجىسى كىتاپ بىرىلگەنلەر ئۇچۇنجىسى بىدئەتخورلار دىگەن .بۇ ھىسياتقا تاينىپ مۇنداقلا دىيىلگەن گەپ ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭ ئىسلامغا بولغان زىينىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان كۈزتۇپ چىقىرىلغان يەكۇن.شۇڭا ئىران بىدئەتچى بولسىمۇ كۆڭلىدە سۇنئىيلەرنىڭ خاراپلىقىنى ئويلىسىمۇ لىكىن بىۋاستە قول تىقىپ ئۇلارنى ئوچوق ئاشكارا قىرغىن قىلىشتىن ئىھتىيات قىلدۇ.لىكىن ئامرىكا قاتارلىق يات ئەللەر بولسا مۇسۇلمانلارنى ئوتۇرۇشتە ئۆزلىرنىڭ قانلىق قىساسىنى ئىلۋاتقاندەك كۆزنى مىت قىلىپ قويمايدۇ ۋە قىلچە ئىچ ئاغرىتمايدۇ.سىلەر ئىراق تۇرمسدىكى بىر ئايالنىڭ دۇنيا مۇسۇلمان ئەرلىرگە يازغان نالە خىتىنى ئاڭلىغان بولساڭلار ئاندىن ئامرىكىغا ھىسداشلىق قىلغىنىڭلارنى بىر كۆرەر ئىدىم.
سەئۇدىينى پەلەستىنگە ياردەم بىرۋاتىدۇ دىگەنلەر خاتا ئويلاپ قاپسىلەر .سەئۇدىينىڭ ھەريىلى يىغقان سەدىقىسنىڭ بىر يىللىقىنى پەلەستىنگە بىردىغان بولسا پەلەستىن 10يىل ھەتتا ئۇنىڭدىن كۆپ ۋاقىت يىتىپ يەيدۇ.(مىليۇنلىغان ھاجىلار ھەربىرى بىرقوپ ئاللاھ يولدا نەزىر قىلدۇ ۋە مال مۇلۇك زاكات قىلدۇ،بايلىرنىڭ 40تەن بىر زاكات پۇلىچۇ تىخى.) ئۇلار ھەرگىز ياردەم قىلمايدۇ.ياردەم قىلاي دىسىمۇ بىر تال شوخلىنىمۇ ئىتتتىپاقدىشى ئىسرائىلنىڭ روخسىتىسىز قىلالمايدۇ.ئەگەر قىلغان بولسا 50يىل مابەينىدە پەلەستىنلىكلەر دۇنيادىكى ھاللىق سەۋيەگە يەتكەن قەۋىم بولوپ قالار ئىدى.بۇ قىتىملىقىنى دەيلى ئۇلار ئەگەر ئامرىكا پەلەستىننى ئىتراپ قىلمىسا ئۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى توختىتىمىز دىگەن سەئۇدىي باشلىق ئەرەپ دۆلەتلىرى يەنلا مەزۇم كىشدەك (بۇنداق دىسەم ئاياللارغا ھاقارەت)گىپىدىن ئۇيالماي موزايدەك يىنۋىلىپ ئاكسىنىڭ يىندا تۇرمامدۇ.ئىرانغۇ بىرەر ئغىز گەپ قىپتۇ ئۇلارچۇ؟
ياردەم قىلغان ئازغىنە ئەرەپ بايلىرى دۆلىتىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئەمەس بەلكى ئاللاھنىڭ رازىلىقى بىلەن قىلماقتا.ئۇلارنىڭ (تۇركىيدىن باشقا )ئىغىزىدا دىگەنلىرمۇ يوق تىخى.شۇڭا بىدئەتچى بولسىمۇ پارىسلارنىڭ ئازراق پوقىنى يىسە داۋا ئۇ ناشۇكۇر ئاللاھنىڭ دۇشمىننى ئاكا دىگەنلەرگە.يەنە كىلىپ تىخى ئوزۋاقتىدىكى ئىسرائىل بىلەن ئالدى بىلەن دىپلىماتىيە ئورناتقانمۇ شۇ ھازىرقى مىسىر ۋە سەئۇدىي باشچىقىدىكى ھاكىميەتلەر.ئۇلارغا بىرسى ئورناتمىساڭ ئاتمەن دەپ قۇرال تەڭلەپتىكەنما؟
بىلسەڭلا سىلەر قوللىغان شۇ ئەرەپ سۇنئىي ھاكىميىتى دەپ داۋراڭ سىلىپ ئۆزمەنپەتىگە چوغ تاترىۋاتقانلار ئەڭ خەتەرلىك .
خۇدا شۇڭا ئۇلارغا ئۇلگە ئىلىپ ئۇچۇن توختىماي ،ئاللاھدىن ئۆزگىدىن ياردەم سورماي كۆرەش قىلدىغان ئافخان مۇجاھىدلىرنى چىقرىپ بەردى.ئۇلار ھەقىيقى يۇسۇندا مۇسۇلمانلارنىڭ تۇپ مەنپەتىنى چىقىش قىلۋاتىدۇ.ئۇلارنى تىرورچى دىگەنلەرنڭ باشچىسى ۋە ئۇلار ئۇستىدىن بىدئەت دەپ ھۆكۇملەرنى چىقارغىنى ئىران بولماستىن بەلكى شۇ بىرمەزھەپتىكى شۇنئىي ھاكىملىرى ۋە ئالىملىرى .بۇنى نىمدەمىز؟ تىخى بەزى ئالىملار خەلىپىلىكنى ئاڭدا قۇرمىز ئەمەللەتتە قۇرمىز دىيىپ زەئىپىلىك دىگەندەك قالايمىغان جويلىشلىرى ئادەمنىڭ غىدىقىنى كەلتۇردۇ.ئۇلارمۇ دەل ئەھلى سۇنئىي مەن دىگۇچىلەر.ئەجەبا ئۇلار ئۆزلىرنىڭ ئىجماسىنى روسۇلىمىزنىڭ ھەدسلىردىن ئارتۇق كۆرەمدۇ؟ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسىۇلغا جەڭ ئىلان قىلش دىگەن شۇ.ئىغزىدا ئىتراپ قىلمىسىمۇ ھۆكۇم چىقرلىپ بولغانغا ئىنىق دەلىل تۇرسىمۇ جەميەتكە ماسكەلمىگەن دىيش دەل ئەمىلىي ھەركەت ئارقىلىق جەڭ ئىلان قىلغانلق.ئۇلار مۇھىم بولغان تەبەررا تەۋەللا مەسىلسىنى قانداق قىلدىكەن؟
شۇڭا سەپنى 2003-يىلى بوشنىڭ ئاۋازى ئارقىلىق مۇسۇلمانلار ئايرىپ بولغان.ئۇچاغدا ئىران نىملا بولمىسۇن مۇسۇلمانلار سىپىدە ئىكەنلىكىنى ئىلان قىلغان.بىراق.....................گەپ قىلسام ئۇزاق لىكىن بىر سىياسىي مەسلىگە باھا بەرگەندە دوسلار ئۇلارنىڭ سىپىگە بەك بەك دىققەت قىلىڭلار .مۇسۇلمان سىپىدىكىلەرنىڭ ھەرقانچە خاتا قىلغان ئىشلىرى بولسىمۇ ئۇلارنى ماھىل قىلىپ قايتۇرۇپ ئەكىلەيلى.كاپىرلارنىڭ بولسا ياخشى ئىشى بولسىمۇ گۇمانىي نوقتىدا قارايلى.چۇنكى ئاللاھدىن باشقا ۋە مۇسۇلمان قىرىندىشىدىن باشقا ھەرقانداق ئادەم قىلغان ياخشىلىقنىڭ كەينىدە بىر ئويۇن ياكى غەيرى مەخسەت بار.
شىيە سۇنىي دەل دۇشمەنلەرنىڭ ئارنى ئايرىش ھىلسى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ ئاجىز نوقتىسى .بۇنىڭغا كاللىسىدا ئاللاھنڭ دىننى ئۇستۇنلىككە كۆترۇشنى ئويلايدىغان مۇسۇلمان ھەرگىز ئالدانمايدۇ.لىكىن سەيتاننىڭ قوشۇنى بولغان يەھۇدىي ناسارالارنىڭ ھاميلىرى ئىشنىپ ياقا يىرتىدۇ خالاس،ۋە ئۇلارنىڭ قاپىقىدا مەڭگۇ كولدۇرلايدۇ.
ئسلام ئىتتىپاقى ياشىسۇن.مۇسۇلمانلار بىرلىگى ياشىسۇن.ئاللاھ مەيلى شىييە مەيلى سۇنئىي بولسۇن ھەممىسىنى بىرقەلىپ قىلۋەتسۇن!شۇنداقلا ئۇلارنىڭ توغرىلىرنى كۆرسۇتۇپ ھىس قىلدۇرۇپ بىرىپ كاپىرلارنىڭ ئويۇنچىقى بولوشتىن ساقلىسۇن.
خەير ئاللاھ ھەممىمىزگە كاپىرلارنىڭ ھىلسىنى بايقىغىدەك رۇشەن كۆز ئاتا قىلسۇن.
پەقەت ئاللاھنى ھەقىيقى تونىسىلا بولدى ھەممە ئىللەت تۇزلىدۇ!
ھۇرۇنلۇق، مۇۋەپپىقىيەتسىزلىكنىڭ تۈپ يىلتىزى!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9809
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 28
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە28دانە
ئۆسۈش: -20 %
مۇنبەر پۇلى: 260 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-28
ئاخىرقى: 2011-12-10
41-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-04 09:52

3-دۇنيا ئۇرىشى پارتىلسىلا بۇلاتتى، شۇندىلا ھەممە ئىشلار ياخشىلناتتى، مۇنبەر تۇقۇنىشىمۇ ھەل بۇلاتتى.. 3-دۇنيا ئۇرۇشى مۇسۇلمانلار بىلەن كۇپرى ئوتتتۇرسىدا بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىنگە بەكلا يېقىن ئىنشائاللا. بۇ ئۇرۇشتا كۇپپارلارنىڭ يېڭىلىشى مۇقەررەر قالغىنىنى بىلگۇچى ئاللاھ ئەززە ۋە جەللە..
ياشىسۇن ئىسلامى قانۇن!
ناھەقچقلىككە سۈكۈت قىلىش ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلى ..
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 481
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 990
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە990دانە
ئۆسۈش: 2000 %
مۇنبەر پۇلى: 11306 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-30
ئاخىرقى: 2012-01-08
42-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-04 15:51

ئەبدۇللاھ ئىبنى سەبباھ شىئە مەزھىپى تەلىماتلىرىنىڭ ئاساسچىسى، دەپ قارىلىدۇ. ئۇ ئەسلى يەھۇدى بولۇپ، كېيىن ئىسلامنى قوبۇل قىلغان ۋە خەلىپە ئوسمان دەۋرىدە ئەلىنىڭ كۈچلۈك تەرەپدارلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە ئۆز پائالىيەتلىرىنى باشلىغان. ئۇ خرىستىئان تەلىماتلىرىغىمۇ كامىل بولۇپ ، دەسلەپتە شىئە مەزھىپىنىڭ ئىماملىققا ئائىت تەلىماتلىرىنى تۈزۈپ چىقىدۇ . بۇ تەلىماتتا، ئىماملىق خۇدا بەندىلىرىگە شاپائەت تەرىقىسىدە بېغىشلىغان ئىلاھىي مەرھەمەتدۇر، دەپ قارىلىدۇ . ئەبدۇللاھ ئىبنى سەبباھنىڭ پىكرىچە، ئىماملىقمۇ خۇددى پەيغەمبەرلىككە ئوخشاش سايلام يولى بىلەن ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈلىدىغان مەرتىۋە بولماستىن ، بەلكى قانداشلىق ئارقىلىق ۋارىسلىق قىلىنىدىغان، ئالدىنقى ئىمام ئۆز ئىختىيارى بىلەن كېيىنكى ئىمامنى تەيىنلەيدىغان ئىلاھىي مەرھەمەتتۇر. مەزكۇر تەلىماتتا، ئادەملەر بۇ دۇنيادا ئىمامسىز ياشىيالمايدۇ ۋە ئۆز ئىمامىنى تونۇمايدىغان ھەرقانداق شەخس جاھىل ھەم ناداندۇر . ئىمام پەيغەمبەرلەرنىڭ خەلقنى خۇدا يولىغا دەۋەت قىلىشىدىكى ۋە يەر يۈزىدە ئادالەت ئورنىتىشىدىكى ياردەمچىسىدور، دەپ قارىلىدۇ. ئىماملارنىڭ ئىلاھىي مەرھەمەتلەردىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ ، شىئە ئەھلى ئىمام بولغۇچىلارنى ھەرقانداق چوڭ - كىچىك گۇناھلاردىن خالىي،ھەممە جەھەتتىن پاك ۋە ئۆزگىچە پەۋقۇلئاددە سۈپەتلەرگە ئىگە، دەپ قارىشىدۇ . ھەرقانداق دىنىي، سىياسىي مەسىلىلەردە ئۇلارنىڭ دېگىنى توغرا ، ھېچقانداق بەس - مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ، دەپ ھېسابلىشىدۇ . ئىماملارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە ئىشەنمەي ، ئۇلارنى بېھىشتە مەڭگۈ تىرىك ياشايدۇ، دەپ قارىشىدۇ . شىئە مەزھىپىنىڭ ئىلاھىي نۇر توغرىسىدىكى تەلىماتىدا، ئىلاھىي نۇر ئادەم ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىن باشلاپلا ئۇلۇغ كىشىلەر ئارىسىدا كۆچۈپ يۈرگەن ، كېيىن ئۇ پەقەت پەيغەمبەردىن پەيغەمبەرگە كۆچىدىغان بولغان . شۇنداق قىلىپ ئۇ ئىلاھىي مەرھەمەت تۈپەيلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بوۋىسى ئەبدۇلمۇتەللىپنىڭ تېنىگە كۆچكەن ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىلاھىي نۇر ئىككىگە بۆلۈنۈپ ، بىر قىسمى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دادىسى ئەبدۇللاھنىڭ تېنىگە ۋە ئۇنىڭدىن مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئۆزىگە كۆچۈپ توختىغان . ئىلاھىي نۇرنىڭ يەنە بىر قىسمى ئەبدۇلمۇتەلىپتىن مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ تاغىسى، يەنى ئەلىنىڭ دادىسى ئەبۇتالىپقا، ئۇنىڭدىن ئەلىگە كۆچكەن . ئەلىدىن يەنە ئۇنىڭ ۋارىسلىرىغا كۆچىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇزاققىچە داۋام قىلىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ . شىئە مەزھىپىنىڭ بۇ خىل تەلىماتى ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدا نۇرغۇن ئوخشىمىغان پىكىر ئېقىملىرىنىڭ بارلىققا كېلىپ، كۆپلىگەن پىرقىلەرگە ۋە پىرقىلەرنىڭ يەنە ئۆز ئىچىدىن تارماقلارغا بۆلۈنىشىگە سەۋەب بولدى. شىئە مەزھىپىدىكى غۇلات (ئىسلامدىكى چېكىدىن ئاشقان )پىرقىلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە بۇنداق پىرقىلەرنىڭ سانى جەھەتتىن كۆپىيىشى ھەمدە بەزى غۇلات پىرقىلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئىلگىرىكى قاراشلارغا نۇرغۇن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ ئىماملارغا ئىلاھىي سۈپەتلەرنى نىسبەتلەشتۈرۈشى ، بەزىدە ئىماملارنى خۇدا بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويىدىغان پىكىرلەرنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇشى نەتىجىسىدە، ئاخىرقى ھېسابتا غايىپ ئىمام ، رىجئەت قىلغان ئىمام ، سەتر ( پەردە ئىچىدىكى ) ئىمام ، مۇنتەزەر ( كۈتىلىۋاتقان ) ئىمام ، مەھدى ئىمام ، قائىم ئىمام قاتارلىق نۇرغۇن نەزەرىيىلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئاساس سالدى. شۇنداق قىلىپ شىئە مەزھىپى ئىلاھىيەتشوناسلىقىدا ئىماملارغا ئىلاھىي نۇرنىڭ روسۇخ قىلىدىغانلىقى ( سىڭىپ كىرىدىغانلىقى ) توغرىسىدىكى تەلىمات مەيدانغا كەلتۈرۈلدى . بۇ تەلىمات ئوتتۇرا ئەسىردە « نۇرى مۇھەممەدى » نامى بىلەن ئاتالغانىدى . شۇنىڭ بىلەن شىئە مەزھىپىنىڭ تەلىماتىمۇ كۆپ تەرەپلىمىلىككە يۈزلىنىپ ، مۇرەككەپ تۈس ئالدى ؛ تەناسۇخ (روھنىڭ تەندىن تەنگە كۆچۈشى) ، ھولۇل ( روھنىڭ تەن بىلەن بىرلىشىشى ) مۇشەببىھە ( ئانتراپومورفىزم ) گە ئوخشاش نەزەرىيىلەر بارلىققا كېلىپ ، بەزى پىرقە ئاساسچىلىرى ھەتتا خۇدالىق دەۋاسى قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ يۈز بەردى . شىئە مەزھىپى تەلىماتلىرى دەسلەپكى دەۋرلەردە سۈننىي مەزھىپى تەلىماتلىرىدىن ئانچە پەرقلەنمەيتتى ، ھەتتا شىئە مەزھىپى ئۆز ئىچىدىن بىر نەچچە پىرقىگە بۆلۈنگەن دەۋرلەردىمۇ، ئاساسىي پىرقىلەرنىڭ دىنىي ئۇسۇل جەھەتتىكى قاراشلىرىدا سۈننىيلەر بىلەن چوڭ پەرقلەر يوق دېيەرلىك ئىدى . بۇ جەھەتتە ھەر ئىككى تەرەپ ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىكى تۆت خەلىپە دەۋرىدە شەكىللەنگەن قاراشلارنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆز تەلىماتلىرىنى راۋاجلاندۇراتتى. كونكرېتراق ئېيتقاندا ، شىئەلەرنىڭ بىر قىسمى خۇددى سۈننەت ئەھلىگە ئوخشاشلا ئەبۇبەكر، ئۇمەر ۋە ئوسماننىڭ خەلىپىلىكىنى ئېتىراپ قىلىشاتتى ، يەنە بىر قىسمى پەقەت ئوسماننىڭ خەلىپىلىكىنىلا ئىنكار قىلىشاتتى ، قالغان قىسىملىرى ئەلىدىن باشقىسىنى ئېتىراپ قىلىشمايتتى . ئەمما، كېيىنچە شىئە مەزھىپى تەلىماتىدا ئىماملىققا ئائىت نەزەرىيىنىڭ شەكىللىنىشى ، پەيغەمبەرنىڭ ئەلى شەخسىيىتىدە قايتىدىن تىرىلىشى توغرىسىدىكى غايىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ئۇنىڭ روھىنىڭ ۋارىسلىرىغا كۆچىدىغانلىقىدىن ئىبارەت « نۇرى مۇھەممەد » نامى بىلەن ئاتالغان تەناسۇخ نەزەرىيىسىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى، شىئە بىلەن سۈننىي مەزھىپىنىڭ تەلىماتلىرىدىكى پەرقنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇۋەتتى . تەناسۇخچىلار روھنىڭ كۆچۈشىنى نەسخ ، مەسخ ، رەسخ ۋە فەسختىن ئىبارەت تۆتكە بۆلىدۇ. بەزى پىرقىلەر ھەر تۆت خىل تەناسۇخنى، يەنە بەزىلىرى بىر ياكى ئىككى خىلىنىلا ئېتىراپ قىلىشىدۇ . ئۇلار، روھ بىر ئادەمنىڭ تېنىدىن چىقىپ يەنە بىر ئادەمنىڭ تېنىگە كۆچكەن بولسا ، ئۇنى نەسخ دەپ، ئادەمدىن ئايرىلغان روھ ھايۋانلارنىڭ بەدىنىگە كۆچسە مەسخ دەپ ، دەرەخ ۋە ئۆسۈملۈكلەرگە كۆچسە رەسخ، زىيانلىق ھاشارەتلەرگە كۆچسە فەسخ دەپ ئاتىشىدۇ . ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئىنساننىڭ روھى قايسىلا شەكىلدىكى تەناسۇختا بولمىسۇن، ئەنبىيا ۋە رەسۇلىللانىڭ يول كۆرسىتىشىدە ئالەمنى كېزىدۇ. ئالەمنىڭ ئايلىنىشىمۇ روھنىڭ بىر جىسىمدىن يەنە بىر جىسىمغا كۆچۈشىدە ئىپادىلىنىدۇ . روھنىڭ بەدەننى تەرك ئېتىشى ھەقىقىي قىيامەتتۇر . ئەگەر ئىنسان خەيرلىك ئىشلارنى قىلغان بولسا، ئۇنىڭ روھىمۇ خەيرلىك بىر تەنگە كۆچىدۇ ، ئەكسىچە بولغاندا، ئۇنىڭ روھىمۇ گۇناھكار بىر جىسىمغا كۆچۈرۈلىدۇ. سۈننەت ئەھلى تەناسۇخنى قوبۇل قىلمايدۇ . كېيىنكى دەۋرلەردە تەناسيخىيە مەسىلىسى پەلسەپە ساھەسىدىمۇ ئەكس ئېتىدۇ . مەششا ئېقىمىنىڭ نۇرغۇن ۋەكىللىرى بۇ خىل قاراشنى ئېتىراپ قىلماي ئۇنى قاتتىق تەنقىت قىلىدۇ ، مۇئتەزىلەچىلەرمۇ ئوخشاش پوزىتسىيە تۇتىدۇ. ئەمما، شىئە مەزھىپىدىكى مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئىدىيىۋى سىستېمىسىدا تەناسۇخىيە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ . بۇ خىل ئىدىيىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا، 8- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ شىئە مەزھىپى بىلەن سۈننىي مەزھىپىنىڭ ئىسلام ئەھكاملىرىغا ئەمەل قىلىش ۋە ئۇنى چۈشىنىش جەھەتتىكى پەرقى زورىيىپ كېتىپ، بۇ ئىككى مەزھەپ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كەسكىنلىشىپ، تا بۈگۈنگە قەدەر ئىسلام دۇنياسىدا كۆپلىگەن توقۇنۇشلارنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولماقتا. بۇ ئىككى مەزھەپ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئاساسلىقى تۆۋەندىكى جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ: بىرىنچى ، خەلىپە مەسىلىسى. سۈننىي مەزھىپىدە، تۆت چوڭ خەلىپىنىڭ ھەممىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قانۇنلۇق ۋارىسلىرى، دەپ قارىلىدۇ ؛ شىئە مەزھىپىدە بولسا ، ھەزرىتى ئەلى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بىردىنبىر ۋارىسلىرى، دەپ قارىلىدۇ . ئىككىنچى ، « قۇرئان كەرىم » نى چۈشىنىش مەسىلىسى. سۈننىي مەھىپىدىكىلەر « قۇرئان كەرىم »نىڭ ھازىرقى نۇسخىسى (خەلىپە ئوسمان رەتلەتكۈزگەن) غا ئىشىنىدۇ ۋە ئۇنىڭ كىتابى مەنىسىگە كۆپرەك ئېتىبار بىلەن قارايدۇ. شىئە مەزھىپىدىكىلەر « قۇرئان كەرىم »نىڭ يوشۇرۇن مەنىسىگە كۆپرەك ئېتىبار قىلىپ، «قۇرئان كەرىم»نىڭ كىتابى مەنىسىدىن باشقا ئۇنىڭدا يوشۇرۇن مەنە بولىدۇ، ئۇنىڭدىكى يوشۇرۇن مەنىنى پەقەت ئىماملارلا بىلىدۇ. شۇڭا، « قۇرئان كەرىم » نىڭ كىتابى مەنىسىنى بىلىش بىلەن بىللە، ئۇنىڭ يوشۇرۇن مەنىسىنىمۇ چۈشىنىش كېرەك،دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، ئۇلار « قۇرئان كەرىم » نىڭ ئەسلى نۇسخىسىدا ئەلىنىڭ ئىماملىقىغا ئائىت مەزمۇنلار بارئىدى . ئەمما، كېيىن زەيد ئىبنى سابىت تەرىپىدىن تەھرىرلەنگەندە ئەلىنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ قۇتراتقۇلىقى بىلەن ئەلىگە ئائىت مەزمۇنلار چىقىرىۋېتىلگەن دېگەن قاراشنى ياقىلاپ،« قۇرئان كەرىم » نىڭ مەتنىگە باشقىچە نەزەردە قاراپ ، ئۇنىڭدىكى بەزى سۆزلەرنى ئۆزگىچە ئىنتۇناتسىيىدە ئوقۇيدۇ ۋە « قۇرئان كەرىم » نى ئۆزگىچە ئۇسۇلدا تەپسىرلەشنى تەۋسىيە قىلىشىدۇ. مەسىلەن، شىئەلەر ئەسلىدە «ئەلا» دەپ ئوقۇلىدىغان سۆزنى «ئەلى» (يېزىلىشى ئوخشاش)، «ئۇممە» دەپ ئوقۇلىدىغان سۆزنى «ئەئىممە» ( ئىماملار ) دەپ ئوقۇشىدۇ . «قۇرئان كەرىم » گە ئۇلار مۇھەممەد ۋە ئەلى دېگەن ئۇقۇمنى ئىپادىلەيدىغان « نۇرەين » سۈرىسىنى قوشۇپ كىرگۈزگەن بولۇپ، بۇمۇ ئۇلارنىڭ سۈننەت ئەھلىدىن پەرقلىنىدىغان مۇھىم تەرەپلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن، سۈننىي مەزھىپىدىكىلەر شىئە مەزھىپىدىكىلەرنى « قۇرئان كەرىم » نى بۇرمىلاپ چۈشەندى، ئايەتلەردىكى تەنبىھلەرگە سەل قارىدى، قۇرئانغا بىھۆرمەتلىك قىلدى، دەپ ئەيىبلىسە ، شىئە مەزھىپىدىكىلەرمۇ سۈننىي مەزھىپىدىكىلەرنى ئوخشاش ئەيىبلەيدۇ. ئۈچىنچى، ھەدىسكە مۇئامىلە قىلىش مەسىلىسى. سۈننىي مەزھىپىدىكىلەر ئالتە ھەدىسلەر توپلىمىنى ئىشەنچلىك ھەدىس دەپ قاراپ، ئۇنى قانۇن چىقىرىشنىڭ مۇھىم ئاساسلىرىدىن بىرى قىلىدۇ؛ شىئە مەزھىپىدىكىلەر بولسا، بۇ ھەدىسلەرنى ساختا دەپ قاراپ، ئۆزلىرى تۈزگەن ھەدىسنى ئاساس قىلىدۇ .يەنى، شىئەلەر 10 - ئەسىردىن باشلاپ ئۆزگىچە سۈننىتىنى رەتلەپ، ئۇنى « ئەخبار » نامى بىلەن ئېلان قىلىشقان. « ئەخبار » غا كىرگۈزۈلگەن ھەدىسلەرمۇ سۈننىيلەرنىڭ ھەدىسلىرىدىن خېلى كۆپ جەھەتتىن پەرقلىنىدۇ. « ئەخبار » دىكى ھەدىسلەر تامامەن باشقا مەنبەلەر ئاساسىدا تۈزۈلگەن. ئۇلاردا پەقەت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، ئەلى ۋە باشقا ئىماملارنىڭ ئۆزلىرىگىلا تەئەللۇق دەپ قارالغان رىۋايەتلىك نەقىللەر ئاساس قىلىنغان بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ باشقا ساھابىلىرىگە تەئەللۇق بولغان نەقىللەر تامامەن ئىنكار قىلىنىدۇ . تۆتىنچى ، دىنىي داھىيلارغا قاراش مەسىلىسى . سۈننىي مەزھىپىدىكىلەر خەلىپىنى دىنىي داھىي، دەپ بىلىدۇ . شىئە مەزھىپىدىكىلەر، ئىمامنى دىنىي داھىي، دەپ قارايدۇ . ئۇلارنىڭ دىنىي داھىي توغرىسىدىكى چۈشەنچىسى ئوخشىمايدۇ . سۈننىي مەزھىپىدىكىلەر، خەلىپە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىي ئىشلارنى ۋاكالىتەن باشقۇرغۇچىسى، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئەمەللىرىگە رىئايە قىلىشىغا رەھبەرلىك قىلىدۇ ، ئۇ ئەدلىيە ، مەمۇرىيەت ، ھەربىي، دىنىي ئىشلاردا باشلىق بولسىمۇ ، ئۇنىڭدا قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى بولمايدۇ. « قۇرئان كەرىم » نى ۋە ھەدىسنى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقىغىلا ئىگە ؛ ئىلگىرىكىلەرگە ئۇچراپ باقمىغان ئىشلار ئۇچرىغاندا ، يەنە كېلىپ قۇرئان ۋە ھەدىستىن ئۇ ھەقتە بايان تېپىلمىغاندا ، خەلىپە ئىشلەپ چىقسا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ . شىئە مەزھىپىدىكىلەر بولسا ، ئىمام كىشىلەر ئارىسىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئۇستازدۇر ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەممە ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىدۇ ، ئۇ نۇقسانسىز ئادەم بولۇپ، ئاللاھنىڭ قوغدىشىغا نائىل بولىدۇ ، مەڭگۈ خاتالىق سادىر قىلمايدۇ، دەپ قارايدۇ . بەشىنچى، شىئەلەر «ئىلمى شاھادەت»كە ئەلىنىڭ نامىنى قوشۇپ ئوقۇيدۇ، ئەزان توۋلاش، رامىزاندىكى تارابېھ نامىزى ۋە شېھىتلەرنىڭ قەبرىلىرىنى زىيارەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ سۈننىيلەردىن پەرقلىنىدۇ. شىئەلەر ھەج قىلغاندا مەككە، مەدىنىگە بېرىش بىلەن بىللە نەجەف ، كەربەلا ، مەشھەد ۋە قۇمرا قاتارلىق شەھەرلەرنى تاۋاپ قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، شىئەلەر «فاتىمەنىڭ تۇغۇلغان كۈنى»، « ئاشۇرا » ( ھۆسەين قەتلە قىلىنغان كۈن ) ۋە ئىماملارنىڭ تۇغۇلغان، قازا قىلغان كۈنلىرىنى خاتىرىلىشىدۇ . خەلىپە ئومەر ئۆز ۋاقتىدا بىكار قىلغان ۋاقىتلىق نىكاھ ( سىغە ) غا يول قويۇشىدۇ . شىئەلەر بىلەن سۈننىيلەر ئارىسىدا يەنە بەزى ئادەتلەرنى بەجا كەلتۈرۈش جەھەتتىمۇ قىسمەن پەرقلەر مەۋجۇت. خۇلاسىلىغاندا، شىئە مەھىپى بىلەن سۈننىي مەھىپى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئىسلامىيەتنىڭ ھەممە ساھەلىرىگە دېگۈدەك تاقىلىدىغان بولۇپ، شىئە مەزھىپىدىكى بەزى غولات پىرقىلارنىڭ چەكتىن ئاشقان بەزى تەشەببۇسلىرى بۇ ئىككى مەزھەپ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى تېخىمۇ ئۇلغايتىپ،
ئېتقاد - جاندىن مۇھېمدۇر!
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1636
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 791
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە791دانە
ئۆسۈش: 1130 %
مۇنبەر پۇلى: 8790 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-08
ئاخىرقى: 2012-01-07
43-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-04 17:45

1999- يىلى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ،  يۇگوسلاۋىيە ئىتتىپاقىنى كۆپ قېتىم ، ئەينى چاغدا ئۇنىڭ بىر ئۆلكىسى بولغان ، كوسوۋودىكى ئالبان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىنسانىي ھەق- ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇردى . ئەمما يۇگۇسلاۋىيىدىكى سېربلار كوسوۋودىكى ئالبانلارغا قارىتا  داۋاملىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزدى ، نەتىجىدە ،  ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھوقۇق بەرمىگەن بولسىمۇ يۇگۇسلاۋىيىنى78 كۈنلۈك ھاۋادىن قاتتىق بومباردىمان قىلدى ، ئۇندىن كېيىن كوسوۋو 9 يىل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بۇلۇپ ، 2008 يىلىغا كەلگەندە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كۈچلۈك قوللىشى نەتىجىسىدە ، يۇگۇسلاۋىيىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىللىقىنى جاكارلىدى . بۇ قېتىم ئامېرىكا دۇنياغا كىشىلىك ھوقۇق بىر دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىدىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ ،  ھېچ قانداق بىر دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقنى باھانە قىلىپ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشىغا بولمايدۇ دېگەن قىممەت قارىشىنى بىلدۈرۈپ قويۇشتەك قىلاتتى .  
ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان 11- سېنتەبىر ۋەقەسى يۈز بەردى ، ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي ، بۇنىڭ پارىس قولتۇقى ئۇرۇشىدا ، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ، ئىسلام مۇقەددەس زېمىنلىرىغا ئامېرىكا ئارمىيىسىنى چىللاپ كىرمەي سادام ھۆسەيىننى ئاللاھقا بولغان ئەقىدىمىز بىلەن مەغلۇپ قىلىمىز ، دېگەن سۆزىنى سەئۇدى پادىشاھى ئەقىلگە سىغمايدىغان بىمەنىلىك دەپ قاراپ ، ئامېرىكا ئارمىيىسىنى چىللاپ كىرگەندىن كېيىن  ، ئامېرىكىغا قاتتىق زەربە بېرىش نىيىتىدە بۇلۇپ كەلگەن سەئۇدى ئەرەبىستانلىق كاتتا باي ، ئوساما بىنلادىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىدى . ئۇندىن كېيىن ئامېرىكا كۆپ قېتىم ئافغانىستان تالىبان ھۆكمىتىدىن ، بېنلادىننى تاپشۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى ، ئەمما تالىبلارنىڭ ئالىي رەھبىرى موللا مۇھەممەد ئۆمەر ، بۇنداق قىلىشنى رەت قىلدى . شۇنىڭ بىلەن سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئورۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى جەڭ مەيدانى بولغان ، ئافغانىستاندا يەنە ئورۇش باشلىنىپ كەتتى . بۇ قېتىم ئامېرىكا تاشقى دۇنياغا ، يا بىز بىلەن بىر سەپتە تۇر يا تېررورچىلار بىلەن دېگەن ئۇچۇرنى يەتكۈزدى ، نەتىجىدە ، ئەينى چاغدا ئۇنى قوللىمىغان دۆلەت يوق دېيىش مۇمكىن ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن "ئوتتۇرا شەرقتىكى غالجىر ئىت ، سېسىق نامى پۇر كەتكەن "تېررورچى دەپ قارالغان ، ئەزەلدىن غەرب بىلەن قارشىلىشىپ كەلگەن كازافىي ، ئەرەب رەھبەرلىرى ئىچىدە ،  بىرىنچى بۇلۇپ بىنلادىننى توتۇش كېرەك دېدى ۋە ئامېرىكىغا ئاكتىپ ماسلاشتى. دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش، ئەرەبلەرمۇ ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى ئورۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
تۆمۈرنى قىزىقىدا سۇق دېگەندەك ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتمەي ئامېرىكا ،ئەنگلىيە ئىراققا ھۇجۇم قىلدى ، ئەمما بۇ قېتىم ئۇ ئافغانىستان ئورۇشىغا ئوخشاش ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك قوللىشىغا ئېرىشەلمىدى ، ئەمما ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتمەي باغداد ئىشغال قىلىندى ، سادام ھۆسەيىنمۇ تۇتۇلۇپ دارغا ئېسىلدى ، بۇ قېتىم ئامېرىكىنىڭ ، ئامېرىكا بىلەن قارشىلاشقانلار مۇقەررەر ئامېرىكىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرايدۇ دېگەننى بىلدۈرۈپ قويىشىدەك قىلاتتى ، بۇ چاغدا كازافىي ئاكتىپ ھالدا ئۆزىنىڭ خىمىيىلىك قوراللىرىنى كۆيدۈرۈپ ، 88-يىلى يۈز-بەرگەن لوكېربى ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرگە تۆلەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ، شۇنىڭ بىلەن كازافىي بىلەن غەربنىڭ مۇناسىۋىتى بىر مەزگىل شېرىن باسقۇچقا كىردى  .
2011- يىلىغا كەلگەندە " ئەرەب باھارى ئىنقىلابى" نىڭ نەتىجىسىدە ئەرەب مۇستەبىتلىرى ئارقا-ئارقىدىن تەخىتتىن قوغلاندى ، جۈملىدىن غەرب بىلەن ،  لىۋىيەنى 42 يىل سورىغان مۇستەبىت كازافىينىڭ، مۇناسىۋىتىمۇ يامانلىشىپ ، بىزگە مەلۇم بولغاندەك ، بىر مەھەل ئىلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتنىڭ نەتىجىسىدە مۇستەبىت كازافىي ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلۇپ ھوقۇق خەلققە ئۆتكەندەك قىلدى ، كازافىيمۇ لىۋىيىلىكلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.
دۇنيا جامائەتچىلىكى " كېيىن قېتىملىقى كىم ؟ " دەپ سوئال قويۇشتى .  ئىككى ھەپتە ئىلگىرى كىشىلەرنىڭ نەزىرى بەلكىم سۈرىيە زۇڭتۇڭى بەشىرگە چۈشكەن بۇلىشى مۇمكىن . ئەمما ئۆتكەنكى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئورگىنىنىڭ ئىران يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار دوكلاتى كىشىلەرنىڭ دىققەت-نەزىرىنى تېزلا بۇرىۋەتتى ،ئىراندىن ئىبارەت بۇ " ئەرەب دۆلەتلىرى قالايمىقان بولغان چاغلاردا كەينىدە تورۇپ ئوغرىلىقچە كۈلگەن " چوڭ ئىسلام دۆلىتى بىردىنلا سەھنە مەركىزىگە تارتىپ چىقىرىلدى . گەرچە دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ۋەزىيەت كونترول قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە يامانلىشىپ كەتمىگەن بولسىمۇ ، بىز شۇنى تېخى ئۇنتۇپ قالمىدۇقكى 2003- يىلىدىكى ئىراق ئۇرۇشىنىڭ باھانىسى دەل خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئورگىنىنىڭ ئاتالمىش "ئىراقنىڭ يادرو تۈرىگە ئالاقىدار دوكلاتىغا" تايانغان ، ئەمما 10 - نويابىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بەش بۈرجەكلىك بىنانىڭ خەۋەر ئېلان قىلىش يېغىنىدا ، ئىرانغا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىلسا ئىراننىڭ مۇددىئاسىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ قالغىلى بولمايلا قالماي يەنە ئۇ يەردە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسىگە ئېغىر ئاقىۋەت ئىلىپ كېلىشى مۇمكىن ، شۇڭا  يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ھەرقانداق ئاقىۋەتنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئويلىنىش كېرەك دېدى . بۇ دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ بىر مەزگىل جىددىيلەشكەن نېرۋىسىنى بىر ئاز پەسەيىتكەندەك قىلدى ، چۈنكى 9- نويابىردىكى  خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئورگىنىنىڭ ئىران يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار دوكلاتىنى كىشىلەر ئامېرىكا ئىرانغا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشتىكى ئاچقۇچلۇق باھانە سەۋەپكە ئېرىشتى دەپ قارىغان ئىدى ، بۇ ئاينىڭ بېشىدا ئېچىلغان 20 دۆلەت باشلىقلىرى يېغىنىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما فىرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىغا ئىراننىڭ يادرو تۈرى بىزگە ئۇزۇن مەزگىللىك تەھدىت ، خەلقئارا جەمئىيەت چوقۇم ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە تېھرانغا قاتتىق بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك دېدى ، ئەمسە بۇ ئاتالمىش "ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە بېسىم ئىشلىتىش"  زادى ھەربىي ۋاسىتە قوللىنىشنى ئۆز- ئىچىگە ئالامدۇ ؟ 21 ئۆكتەبىر ئوباما ۋاشىنگىتوندا ئامېرىكا ئارمىيىسى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئەسكەرلىرىنى پۈتۈنلەي چېكىندۈرۈپ چىقىپ كېتىدۇ دەپ بىلدۈردى ،  تاشقى دۇنيا ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەربىي ئورنى تۆۋەنلىدى دەپ بەس-بەس بىلەن مۇنازىرە قىلىشىۋاتقاندا ، نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى ئامېرىكىنىڭ پارىس قولتۇقىدا قايتىدىن ھەربىي قىسىمىنى ئورۇنلاشتۇرۇدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەردى . ئىگىلىنىشىچە ، ئامېرىكا ئىراقتىن ئەسكەر چىكىندۈرگەندىن كېيىن كۇۋەيتتە بىر ئۇزاق ۋاقىت تۇرىدىغان قورۇقلۇق قىسىمى تەسىس قىلىدىكەن ، ھەمدە پارىس قولتۇقى رايونىغا تېخىمۇ كۆپ ھەربىي پاراخوتلارنى ئەۋەتىدىكەن ، بۇندىن باشقا يەنە ئامېرىكا ئەرەب ھەمكارلىق ھەيئىتىگە ئەزا 6 دۆلەت بىلەن ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى پىلان قىلىۋېتىپتۇ ، يەنى بۇ دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ھاۋادا ، دېڭىزدا چارلاش ئىلىپ بېرىش ۋە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش ، ھەمدە باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش ھەمكارلىقى قاتارلىقلار ، شۇ ئارقىلىق ئۇ  يېپيېڭى پارىس قولتۇقى "بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسى " نى قورۇپ چىقماقچى ئىكەن . بۇنىڭدىن بىز ئۇ گەرچە ئىراق ۋە ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرگەن بىلەن ئەمما ئوتتۇرا شەرقنى قويۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىدا پۈتۈن ئوتتورا شەرقتىكى ئورونلاشتۇرۇلۇشى نەزەردە توتۇلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز ، ئىران بۇنىڭ بىر قىسىمى ، ئۇنىڭ ئەڭ ئەۋۋەل كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ئىرانغا قاراپ تۇرۇش ، ئۇ ئىراقتىن ئەسكەر چىكىندۈرگەندىن كېيىن ، ئىراق ھاكىمىيىتى ئۆزگىرىپ ئىراننىڭ قول تىقىپ كىرىۋىلىشىدىن قورقىدۇ ، بولۇپمۇ سۈرىيە ، چۈنكى سۈرىيە بىۋاستە لىۋانغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ، يەنى لىۋان ئاللا پارتىيىسى ، گازا رايونىدىكى خاماس قاتارلىق كۈچلەرگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ ، ئەگەر بۇ رايۇندا ئۇ ئىراننىڭ قوللىشىنى ئۈزۈپ تاشلىسىا سۈرىيە مەسىلىسى بىر قەدەر ئاسان ھەل بولىدۇ ، ئەنگلىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ئورگىنى ئامېرىكا پارلامېنتىغا ئىرانغا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش توغرۇلۇق كۆپ خىل لايىھىسىنى سۇنغان ، ئەمەلىيەتتە ، ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ ئامېرىكا ئارمىيىسى زور مەبلەغ ئاجرىتىپ بەھرەيندىكى ئامېرىكا 5- فلوتىنىڭ قوماندانلىق شىتابى بازىسىنى 5 يىل ئىچىدە كېڭەيتىش پىلانىنى قىلغان ، ئۆز ۋاقتى كەلگەندە مەزكۇر بازىدىكى پاراخوتنىڭ سانى ھازىرقى 300 دىن 400 گە يېتىدىكەن ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق ھەربىي بازىسىنى 120 كۈرەشچى ئايروپىلانى بىلەن 10 مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرىنى  سىغدۇرالايدىغان ستراتېگىيىلىك تۈگۈنگە ئايلاندۇرۇش ئىكەن ، بۇندىن باشقا ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئىلغار كۆرۈنمەس كۈرەشچى ئايروپىلانى F-22 ئاللىقاچان ئوتتورا شەرىققە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ بولدى ، قاتار ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ، بەھرەين ۋە كۇۋەيت قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئامېرىكىنىڭ بۇ دۆلەتلەردە ۋەتەنپەرۋەر -3  تىن ئىبارەت باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش قالقان سىستېمىسنى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قوشۇلدى ، بۇلار ئامېرىكىنى بىزگە ئازراق شامال چىقسىلا ئوت يېقىشقا تەييار تۇرۇۋاتقاندەك قىلىپ كۆرسىتىدۇ . ئەمما ئىران يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئامېرىكا بۇنىڭغا ئىنتايىن سەۋىرچان پوزىتسىيىدە بولدى ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىن كەلگەن خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا ، نۆۋەتتە ئامېرىكا ئاساسلىق زېھنىنى يەنىلا ئىراننى جازالاشقا قاراتقان ، ئىرانغا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش مۇھاكىمە قىلىش دائىرىسىدە يوق ئىكەن ، بىز ئۆتكەندە دېگەندەك ، تا ھازىرغىچە ، ئامېرىكا ئىرانغا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش تەييارلىقىنى قىلمىدى ، ئەمما ئوباما زۆرۈر تېپىلغاندا ئىرانغا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىدۇ ، سايلامغا قارايمىز ، ئەگەر ئىقتىسادتا ھەقىقەتەن بىر چىقىش يولى بولمىسا ، بۇ يۈك بەك ئېغىر بولسا ، ئىران مەسىلىسى ئۇنىڭ تاللىشىنىڭ بىرى بۇلۇپ قىلىشى ئېھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن ، شۇڭا كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرى يەنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا بىلەت تاشلاشتىن بۇرۇنقى بىر مەزگىل ۋاقىت  ئىنتايىن خەتەرلىك مەزگىل بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ .
ئىگىلىنىشىچە ، ھازىر ئامېرىكا ئىران بىلەن ئىسرائىليىگە بولغان نازارىتىنى كۈچەيتكەن ، ئامېرىكىنىڭ ئەندىشە قىلىدىغىنى بولسا ئىسرائىلىيىنىڭ ئامېرىكىنىڭ روخسىتىسىز ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشى ، شۇ ئارقىلىق ئامېرىكىنى بۇ پاتقاققا سۆرەپ كىرىش ئىكەن ، بىزگە ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ ئىسرائىلىيە ئىرانغا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشقا ئامېرىكىدىن ئالدىراش ، ئەمما ئۇ سۈرىيەدەك كىچىك دۆلەتنىڭ ئىنتايىن يەككە - يېگانە تۇرغان يادرو ئەسلىھەلىرىنى پاچاقلىۋەتكەن بىلەن ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىنى بىر قېتىملىق ھاۋا ئورۇشى ئارقىلىق پاچاقلاپ تاشلىشى مۇمكىن ئەمەس ، ئەگەر ئۇ شۇنداق قىلىپ قالسا 10 ياكى 20 مىنۇت قالماي ئىراننىڭ ئۆچ ئىلىشىغا ئۇچرايدۇ ، ئىسرائىلىيە يادرو قورالىغا ئىگە بولغىلى ئون نەچچە يىل بولدى ، ئىسرائىلىيىدىن قېچىپ چىققان ئاتوم ئالىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە ، 100 گە يېقىن يادرو قورالىغا ئىگە بولغان ، ئۇنىڭ يادرو قورالى كىچىكلەشتۈرۈلگەن بۇلىشى ئېھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن ، ئۇ جىددىي ئەھۋالدا ئالدى بىلەن يادرو قورالىنى ئىشقا سېلىشى مۇمكىن ، چۈنكى ئىسرائىليە بىر كىچىك دۆلەت ، مەيلى ئۇنىڭ نوپۇسى جەھەتتىن بولسۇن ، مەيلى ئۇنىڭ زېمىنى جەھەتتىن  بولسۇن ۋە ياكى بايلىق مەنبىيى جەھەتتىن بولسۇن ئۇ بىر كىچىك دۆلەت ،ياشاش ئۈچۈن ، ئەگەر ئۇ ئاكتىپ ھۇجۇمغا ئۆتمىسە ئۇ ئۇرۇشتا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ  ، ئىسرائىلىيە بىر خىل ستراتېگىيىلىك تاللاش ئاستىدا ئىرانغا يەككە چىقىدۇ ، ئۇ بولسىمۇ ستراتېگىيىلىك مۇددىئاسى ئامېرىكىنى زورلاپ ئورۇشقا سۆرەپ كىرىش . بۇ خىل مۇمكىنچىلىك بار ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسرائىليىنىڭ چوقۇم مۇشۇنداق ئويى بار . ئەمما ئىسرائىليىگە مەلۇم ، ئەگەر ئىران يادرو قورالىغا ئىگە بولسا ئۇ بۇنى ئىسرائىليىگە ئىشلىتەلمەيدۇ ، چۈنكى ئىسرائىليىگە ئىشلەتسە ئىسرائىلىيە بىر كىچىك دۆلەت ، ئۇ نۇرغۇن ئەرەبلەرنىڭ ئۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، ھەمدە ، بىزگە مەلۇم بولغاندەك ئىسرائىلىيە ئوتتۇرا شەرقتىكى بىردىنبىر يادرو قورالى بىلەن ئۆچ ئىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە دۆلەت ، ئەگەر ئىران بۇنداق قىلىپ قالسا بۇنىڭ ئاقىۋىتى ئىران دۆلىتى مۇنقەرز بولىدۇ ، ئىرانلىقلارنىڭ نەسلى قورۇپ كېتىدۇ دېسەكمۇ مۇبالىغە قىلىۋەتكەنلىك بولمايدۇ .ئەمسە ئىسرائىليە نىمە ئۈچۈن ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا نىسبەتەن بۇنچىۋالا تىت-تىت بۇلۇپ كېتىدۇ ؟ ئۇ رايوننى  ئاشكارا ئويغىنىشقا چاقىرماقچى ، بۇنداق مەسئۇلىيەتتىن باش تارتمايلى دېمەكچى ،  ئىسرائىليە ئۈچۈن ئىران بىلەن ئۇرۇش قىلىشمۇ تەس ، قىلماسلىقمۇ تەس ، چۈنكى ئۇ خەلقىگە ئەزەلدىن ئىران يوشۇرۇن يادرو قورالى ياساۋاتىدۇ ، ئىران ئىسرائىيىنىڭ ئەڭ خەتەرلىك دۈشمىنى دەپ  تەشۋىق قىلىپ كەلدى ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ، ئۇ ئۆز خەلقىنىڭ بۇ خىل كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىشى ئاسان ئىش ئەمەس . ئىران زوڭتۇڭىمۇ : ئىران ئىككى دانە ئاتوم قورالى ياساپ چىقىپ سىلەرنىڭ 20 مىڭ ئاتوم قورالىڭلار بىلەن بەسلىشىدىغان ئۇنداق ھاماقەتلىشىپ كەتمىدى ، سىلەر شۇنى ئېنىق بىلىسىلەر بىزگە ئاتوم قورالى كېرەك ئەمەس ، ئىران بىر ئاقىلانە دۆلەت ، ئىران ياسىماقچى بولغان قورالنى سىلەر ھەرگىز توسۇپ قالالمايسىلەر ، ئۇ بولسىمۇ ئېتىكا ئەخلاق ، ھەمدە ئاللاھقا  ۋە ئۇنىڭ قانۇنىغا بولغان ئەقىدىمىزدۇر دېدى . ئۇ يەنە ئىراننىڭ يادرو پىلانى تىنچلىقنى مەقسەت قىلىدۇ ، ئىران بۇ پىلانىدىن بىر قەدەممۇ كەينىگە چېكىنمەيدۇ دېدى . ئەمسە ئىرانلىقلار ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشىدىن قورقمامدىغاندۇ ؟  ئىران ئامېرىكىدىن ئىبارەت بۇ پەۋقۇلئاددە كۈچلۈك دۆلەتنىڭ ھەربىي بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يادرو قورالىغا ئىگە بۇلۇش نىيىتى راستلا يوقمىدۇ ؟ ھازىر ئىران ئىنتايىن ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ دېسەك بولىدۇ ، ئەمما ئۇ قورقۇپ ئىشتىنىغا سېيۋەتمىدى ، ئۇ بۇ خىل تەھدىتنىڭ بارغانچە رېئاللىققا ئايلىنىپ قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى ، ھازىر ئۇ بۇرۇنقىدەك ئامېرىكا بىزگە ھۇجۇم قىلسا بۇ رايون تېخىمۇ قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ دېيەلمەيدۇ ، ھازىر ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بولدى ، بۇرۇنقى ئامېرىكا تايانغان ، ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە تېررورىزمغا قارشى تۇرغان ئەرەب مۇستەبىتلەر بىر - بىرلەپ يوقىدى ، ئىران بۇرۇن ئامېرىكىنىڭ مۇددىئاسىغا سەل قارىغانلىقىنى ، ئامېرىكىنىڭ ئىرادىسىگە سەل قارىغانلىقىنى ھېس قىلدى ، ئەمدى ئۇ ئەستايىدىل بولمىسا بولمايدۇ ، يادرو قورالى ياساشنىڭ ئىرانغا پايدىلىقمۇ ياكى ئەمەسمۇ دېگەن مەسىلىنى  ياخشى ئويلانمىسا بولمايدۇ ، يادرو قورالىغا ئىگە بۇلۇش ئۇنى بىر ئاتوم كۈچلۈك دۆلىتىگە ئايلاندۇرامدۇ ياكى ئۇنىڭ دۆلىتىنى خارابىگە ئايلاندۇرامدۇ ؟ ھازىر ئىراننىڭ ئالدىغا  ئىنتايىن مۇھىم بىر تاللاش قويۇلدى . يۇقىردا تىلغا ئالغان سادام كازافىيلارنىڭ ئۆلۈمى ئۇلارنىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولمىغانلىقتىن بولغانمۇ ، ئەلۋەتتە ، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ئىرانغا بىرخىل ئاگاھلاندۇرۇشدۇر ، گەرچە ھازىر بىۋاستە ئىسپات بولىسىمۇ ، ئەمما ستراتېگىيىلىك مۇددىئاسىدىن ھۆكۈم قىلساق ئۇنىڭ يادرو قورالى ياساش پىلانى بار ، چۈنكى ئامېرىكىدەك بۇنداق كۈچلۈك دۆلەتنىڭ بېسىمىغا قارىتا يادرو قورالىغا ئىگە بۇلۇش بىردىنبىر چىقىش يولىدۇر
سىلەرگە ئىشىنىمەن ، چۈنكى سىلەر قېرىنداشلىرىم ،
سىلەرنى سۆيىمەن ، چۈنكى سىلەر ۋەتەنداشلىرىم.
دوستلىشىش
ئۈرۈمچى
ئۈرۈمچىنىڭ زارى فەلەستىندىنمۇ بەتەر.....
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9120
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 24
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە24دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 260 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-01
ئاخىرقى: 2011-12-13
44-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-04 18:55

پۈتۈن شىئە ئىران ئىسلام جۇمھۇر يىتنى ھەقىقى ئەقىدىسى ساق بىر مۆكمۈنكىمۇ ۋەكىللىك قىلالمايدۇ...
تۇپراقتەك كەمتەر بول ....--
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3034
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 766
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە766دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 7901 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-17
ئاخىرقى: 2012-01-08
45-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-04 19:43

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى تاھىربەگ نىڭ 2011-12-02 23:08 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئىران ئامرىكا ئۇرىشىدۇ.  پەقەت سۈرىيە مەسىلسىگىلا قاراپ قالدى. ئەسەد بىر تەرەپ بولغان كۈن، ئامرىكا_ئىران ئۇرىشىنىڭ تەتۈر سانىقى باشلانغان كۈن.



مومكىن ئەمەس  ..
ئەللەر  ياخشى بىز  يامان ، ئەللەر بۇغداي بىز سامان ...
تۇپراقتەك كەمتەر بول ....--
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3034
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 766
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە766دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 7901 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-17
ئاخىرقى: 2012-01-08
46-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-04 19:46

ئېران بىلەن  ئامرىكىنىڭ ئوينى  بەك  ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ  كەتتى  ...  
ئەللەر  ياخشى بىز  يامان ، ئەللەر بۇغداي بىز سامان ...
دوستلىشىش
شەھىدە432
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7310
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 34
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە34دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 490 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-09
ئاخىرقى: 2012-01-07
47-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-04 20:12

44-قەۋەت (ئۈرۈمچى) نىڭ يازمىسىغا

ئاجايىپ ئىنسانلار باردە...
ھەرقانداق مىللەت، قەۋىم،پۈتۈن بىر  دۆلەت كىشىلىرىنى بۇنداق بىر تاياقتا ھەيدەش ئالجىغانلىقتىن باشقا ئىش ئەمەس.
يەھۇدى ، ناسارالار ئىچىدىمۇ ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتىدىغانلار بار.
بىزمۇ مۇسۇلمان دەپ ياشاۋاتقان بىر توپنى بۇنداق دىيىش بىر مۇسۇلماننىڭ دەيدىغان گېپى ئەمەس.
قۇللارنىڭ ۋەتىنى بولمايدۇ.
دوستلىشىش
ئۆركەش
تارىم ئۆركىشى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6241
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 778
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە778دانە
ئۆسۈش: 2890 %
مۇنبەر پۇلى: 9772 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-24
ئاخىرقى: 2012-01-08
48-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-04 20:53

ب د ت خادىملىرىنىڭ تەكشۈرۈشىچە، ئىران ئاللىقاچان يادرو قۇرال ياسايدىغان تېخنىكىغا ئىگە بولۇپ بولغان. ئەگەر ئۇلار يادرو قورالى ياساشنى پىلان قىلسا 6ئاي ئىچىدىلا ئېھتىياجلىق ئۇراننى سۇيۇلدۇرۇپ بولالايدىكەن. ئەمما ئىران ئىراق ئەمەس. ئىران دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دۇنيادىكى قوراللىرى ئەڭ ئىلغار دۆلەتلەردىن كەلگەن تەھدىتكە تەمكىنلىك بىلەن جاۋاپ قايتۇردى. توغرا، ئىران ھەقىقەتەنمۇ ئىراق ئەمەس،نوپۇسى  ئىراقتىن 2.5ھەسسە كۆپ،يەر مەيدانى  بولسا 4ھەسسە كۆپ،ئۇنۋېرسال دۆلەت كۈچى دېڭىز قولتۇقى رايونىدا ئالدىنقى قاتاردا. ئىران ئىقتىسادىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، يېقىنقى يىللار مابەينىدە ئىراننىڭ ھەربى كۈچىمۇ ئۆرلەشكە باشلىدى.
ئەلۋەتتە، ئۇرۇشنىڭ بۇ تۇمانلىرى ھەرگىزمۇ ئۇرۇش ئەمەس، روسىيە زۇڭتۇڭى ئسرائىليەنىڭ قىلمىشى>بىر مەيدان ئاپەت<پەيدا قىلىدۇ دېدى، ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئەگەر ئۇرۇش بولۇپ قالسا ۋەيران قىلىش ئۇنچە ئېغىر بولمايدۇ، ئۆلىدىغانلارنىڭ سانى 500دىن ئېشىپ كەتمەيدۇ دەپ ئېلان قىلدى. ئەگەر ئامېرىكا ئۆزىنى بېسىۋالمىسا ،ئىران راستىنلا قىلىچنىڭ ئۈستىگە چىقىپ قېلىشى مۇمكىن.
قالغىنى بۇ داۋالغۇش بىر مەيدان ئۇرۇشنىڭ باشلىنىشىمۇ،ياكى تېرە تاراقئىتىشمۇ بۇنى ئىسپاتلايدىغىنى ۋاقىت خالاس...
ئۈمىدلىك بولۇڭ ، غەلبە ئالدىڭىزدا ...
دوستلىشىش
ئۆركەش
تارىم ئۆركىشى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6241
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 778
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە778دانە
ئۆسۈش: 2890 %
مۇنبەر پۇلى: 9772 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-24
ئاخىرقى: 2012-01-08
49-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-04 20:56

ئۇرۇشنىڭ ھىدى پۇراپلا تۇرىدۇ ، ئاخىرى بىر كۈنى پارتلايدىغاندەكلا ...
ئىرانغا ئۇرۇش ئىلان قىلسا ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ نېفىت باھاسى بىراقلا ئۆسىدۇ ، شۇنىڭ تەسىرىدە مەملىكەتتىمۇ ماي باھاسى سىز ۋە بىز تەسەۋۋۇر قىلالىغۇسىز دەرىجىدە ئۆسۈپ كېتىشى مۇمكىن ، ئۇنىڭ نەتىجىىسى ئالتۇننىڭ باھاسىنى ئۆستۈرىدۇ ، ئاندىن ئاشلىق ۋەھاكازالارنىڭ ھەممىسىنىڭ باھاسى ئۆسۈپ كېتىدۇ ، ر م ب پاخاللىشىپ كېتىدۇ ، ئىشقىلىپ ياخشى ئىش يوق ، كاساپەت 2012-يىلى دۇنيا خاراكتېرلىك  بىر ئىش بولىدىغاندەكلا سېزىم بارغانسېرى چىرمىۋالغىلى تۇردى ، راستىنلا يادرو ئۇرۇشى پارتلاپ قالسا : - شەرقتىن غايەت زور ئوت كۆتۈرۈلۈپ ، پۈتۈن ئادىمىيزات غەربكە يىغىلسا .....
ئۈمىدلىك بولۇڭ ، غەلبە ئالدىڭىزدا ...