![]() |
![]() |
باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى |
تېما: ئىران ئۇرۇشامدۇ ؟ |







0-قەۋەت
يوللانغان ۋاقت: 2011-12-02 21:48
ئىران ئۇرۇشامدۇ ؟
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() ![]() مۇشۇ ئاينىڭ 29-كۈنى ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى ئىرانغا ،ئەنگىلىيىنىڭ ئىراندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىدىن كېلىپ چىققان ئېغىر ئاقىۋەتكە مەسئۇل بولۇشىنى ئېيتتى. ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى يەنە :«بىز قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئىرانغا ھەرقانداق ۋاستە ئىشلىتىشنى ئويلىشىمىز،ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنگىلىيە كونسۇلخانىسىدىكى خادىم ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغدىماسلىقى بىز ئۈچۈن ئېغىر ھاقارەت» دېدى. ئىران ئوقۇغۇچىلىرى ئەنگىلىيە ئەلچىخانىسنىڭ ئالدىغان يېتىپ كەلگەندە ،زوراۋانلىققا قارىشى تۇرغۇچى ساقچىلار نەق مەيداندا بولسىمۇ،نامايىشچىلار كونسۇلخانىنىڭ ئىچىگە تامدىن سەكرەپ كىرىپ، ئەنگىلىيە دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرگەن، مۇشۇ ئاينىڭ 9-كۈنى ئىران زۇڭتۇڭى ئەھمەدى نىجات بىر قېتىملىق نۇتۇقىدا ئامېرىكىنى قورال كۈچى ئىشلەتمەسلىككە ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئەگەر ئىران ھۇجۇمغا ئۇچرىسا ،تاجاۋۇزچىلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ئۇلارنى قىلمىشى ئۈچۈن پۇشايمان قىلغۇزىدۇ» دېگەن. چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرى تەھلىل قىلىپ:« ئەگەر ئامېرىكا ئىرانغا ھۇجۇم قىلىپ قالسا 3-دۇنيا ئۇرۇشى پارتىلايدۇ» دېدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئاق ساراي :«ئەڭ كۈچلۈك پوزىتسىيە بىلەن ئىراننىڭ بۇ قىلمىشىغا نارازىلىق بىلدۈرىمىز،ئىراننىڭ دىپلوماتىيە تەرتىپى ۋە ئەلچىخانىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋەزىپىسى بار» دەپ ئىپادە بىلدۈردى .ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئەنگىلىيە ئەلچىخانىسنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسىگە مۇنداق دېدى :«بۇ قەتئىي قوبۇل قلىشقا بولمايدىغان ئىش، بىز قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئىرانغا قوللىندىغان ھەرىكەتنىڭ خاراكتىرى توغرىسىدا قارار چىقىرىمىز،بۇ مەسلىگە قارىتا روسىيە بىلەن قارىشىمىز بىردەك» دېدى . يۇقارقى مەزمۇنلار يەرشارى تورى ۋە سۇمۇرۇغ تورىنىڭ ئىران ۋەزىيتگە ئائىت خەۋەرلىرىدىن تەرجىمە قىلىندى . قېنى بىزمۇ بۇ يەردە ئۆز كۆز قاراشلىرىمىزنى دەپ باقساق، ئارىمىزدا خېلى تەھلىلچىلەر بار، ئامېرىكا ئىرانغا راستىنلا قورال ئىشلىتەرمۇ؟، ئەگەر ئىشلەتمىسە بۇنداق قاتتىق دېپلوماتىيە ئۇرۇشى قىلىپ ئىراننى قورقۇتماقچىمۇ ؟ پاكىستاننى بومباردىمان قىلغان ئىشىنى قانداق قىلار؟ [ بۇ يازمىنىsamanyoli 2011-12-03 09:56قايتا تەھرىرلى ] | ![]() |
![]() |
![]() |
![]() |