بۇ مەزمۇن 11قەۋەتتىكى ansar514 نىڭ 2011-12-02 23:43 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئىران بىلەن چوقوم ئۇرشىدۇ.چۇنكى ئىران مەيلى رۇسيەگە ئىشەنسۇن ياكى جوڭگوغا ئىسىلسۇن ئىش قىلىپ ئۇلار دۇنيادا ھازىرچە ئامرىكىغا بىردىن بىر بويۇن تاۋلىق قىلىپ ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىردىن قۇسۇر ئىزدەپ ئۇلارنىڭ جانيىرىگە يىڭنە سانجىپ ئۇلارنىڭ ئىشلىرغا پۇتلا كاشاڭ بولوپ ئامرىكىنى بىئارام قىلىپ ئارام بەرمىگەنلەرنىڭ ئەڭ كۈچلىكى.يىقىندىن بۇيان ئىران تىخمۇ كۆرەڭلەپ ئۆزىنى باتۇر ھىساپلاۋاتىدۇ. ئىنىق قىلىپ ئىيىتقاندا ئۇ پۇتۇن دۇنيا مۇسۇلمانلىرنىڭ نازۇك ۋە ئىشەنچىسىگە ئىرشىش يولى بولغان ئىسرائىل بىلەن تۇتۇش قىلدى،ئۇلارنىڭ بو ئىشى دۇنيا مۇسۇلمانلىرنى خۇشال قىلدۇ.ئىسرائىل ھەم ئاشكارە دىمسىمۇ ھەردائىم ئىراندىن ئەندىشىدە يۇرىيدۇ.ۋە مۇسۇلمانلارغا بولغان بەزى ھەددىدىن ئاشقان قىلىقلىردىن تەپ تارتىدۇ.ئەگەر بۇ قىتىم تۇرۇكلەرمۇ دادىللىق بىلەن پەلەستىنگە ياردەم ئىۋەرتىپ ۋە ئىسرائىلغا سوغۇق تىگىپ مۇسۇلمانلارنى ئومودلەندۇرگەن بولمىسا مۇسۇلمانلار ئاللىبۇرۇنلا ئەرەپ دۆلەتلىردىن كۆڭلى سوۋۇپ ئىرانغا ھىسداشلىق قىلشقا باشلىغان .بۇ ئارقىلىق ئىرانغا گۇناھلىرغا تەۋبە قىلىش پۇرسىتى بىرلىپ مۇسۇلمانلارنىڭ بەزى شىيە قىساسلىرى قايرىپ قويۇلغان.لىكىن ئىران ئۇلارنىڭ كۇتكەن يىردىن چىقامدۇ ؟ بۇ بىىر مەسلە. ئاساسى گەپكە كەتسەك ئامرىكا مۇسۇلمانلارنىڭ دىققىتىنىڭ ئامرىكىدىن ئىرانغا ئۆتۇپ كىتىشىدىن ھەم بىئارام بولدۇ،ۋە بەزى خاتالىقلىرنى توغرا دەيدىغان ئەرەپلەرنى سەللا چاندۇرۇپ قويسا ئەيمەنمەستىن ئالەمگە جاكارلاپ ئۇلارنىڭ يىغىرىنى تاتلايدىغان ئىرانغا چوقوم كەلتۇرۇپ بىر شاپلاق سالمىسا بولمايدۇ.دىمسىمۇ ھازىر ئەرەپ كۈچلۇك دۆلەتلىرى ۋە بايلىرى پەلەستىن مەسىلسىدە ئىراننىڭ لىۋاننى قوللىغىننىڭ يىرىمىنىمۇ قىلالمىدى.شۇڭا ئۇلارنڭ مۇسۇلمانلىرى بۇ ھاكىميەتتىن مەرى ياندى.ھەم مۇسۇلمان كاپىر سىپىدە ئىران نىملا بولمىسۇن ھازىرچە مۇسۇلمان سىپىدە تۇرىۋاتىدۇ.گەرچە بەزى كۈچلۇك غەيرى دىندىكىلەرنى ھامىي قىلغان ئۇلارغا تايانغان بولسىمۇ.شۇڭا ئامرىكا ئىراننىڭ چاۋشەن ۋە باشقا يادرۇ تەرەققى قىلدۇرغان كۈشەندىلىردىن ئالدىنقى قاتارغا قويدۇ.باشقىلارنىڭ تەسىرى رايۇن خاراكتىرلىك بولسىمۇ ئىراننىڭ ئوموميۇزلۇك مەۋجۇت .ۋە مۇسۇلمانلا بولدىكەن ياردەم قىلمىسىمۇ ئوچوق ئاشكارە ئۇرۇش ئاچمايدۇ ۋە تىگىشلىك بولسىمۇ ئىھتىيات قىلدۇ.شۇڭا قانداقلا قىلسا بۇ بەزى مۇسۇلمانلارنىڭ ئومىدىنى چوقوم يوق قىلىپ ئامرىكىنىڭ دۇنيادىكى ھۆكۇم مۇتلەقلىق ئورنىنى چوقوم يەنە نامايەن قىلشى كىرەك.بولمىسا كەلگۇسى تەرەققىياتتا ئامرىكىنىڭ سۆزلىرى بەزىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ ئۇلارنىڭ ئاۋازىغا ئاكتىپىلىق قىلشتىن شۇشلاشتۇرۇپ قويولدۇ.مۇسۇلمانلارغا بىر باش بولۈىدەك ،ئۇلارنىڭ ھەق گىپىنى قىغۇدەك بىرى بولمىسا ئۇلارنىڭ ئۆز ھوقوقلىرنى قوغداش ھەركەتلىرى ئامرىكا خالىسا تىرۇرچى خالىسا ئۆكتىچى ۋە خالىسا قانۇنلۇق بولدىغان بولدۇ.ۋە دۇنيا نوپوسىنڭ تولىسىنى ئىگەللىگەن مۇسۇلنانلارنىڭ تىخمۇ موتدىل يول تۇتۇپ ئۇلارنىڭ ئىسلامىنى بەش پەزىر ۋە سودا قارلىق ئىشلاردىلا چەكلەپ يوۋاش قويدەك مۇسۇلمانلارنى خالىغان تەرەپكە ئىلىپ ماڭدۇ.ھازىرقىدەك ئامرىكىنىڭ خاتالىقلىرنى قوبول قىلمايدىغانلار ۋە ئۇلارنڭ دىپىغا ئۇسسۇل ئوينىمىغانلارنى ئىسلامنى جاندىل بىلەن قولىغانلارغا تىنىچلىقنى بۇرغان <رادكال><ئەسەبى دىننى قاراشتىكىلەر>دىگەندەك ناملارنى ئۆزىنىڭ مۇتلەق مەتبەئەت مونوپول كۈچىدىن پايدىلنىپ ئۇلارغا كەيدۇرۇپ ، بارلىق ماھىيەتتىن خەۋەرسىز قالغان مۇسۇلمان ئالىملىرى ۋە خەلىقلىرنى ئۇلارنىڭ ھەركەتلىردىن ئۇلارنى ئىسلامنىڭ يولغا تەتۇر يول تۇتقۇچىلار دىگەندەك تۇيغۇغا ئەكلىپ ئۇلارنى تەنھا قويدۇ.ۋە قاپىقىغا مۇسۇلمانلارنىمۇ سىلىپ تازا كولدۇرلىتالايدۇ.(خۇددى روسلارنىڭ 450مىڭ چىچەننى ئولتۇرسە،ئىنگىلىزلارنىڭ فىرانسۇسلارنىڭ ھەرقايسى مۇستەملىك رايۇنلىردا سانسىزلىغان قولدا تۇمۇرنىڭ سۇنقى يوق ئەرەپ ،ئافخان،تۇرۇك ۋە باشقا مىللەتلەرنى خالىغانچە ئولتۇرسە شۇنىڭدەك 1-،2-دۇنيا ئۇرۇشلىدا زورلۇق قىلىپ ئۆزىنى ياخشى كۆرسەتسە ۋە قان توكسە ،ئۆز دۆلىتىدە نامايىش بولسا باشتۇرسا ھىچ ئۆزلىرنى جىنايەتچى دىمەيدۇ ،لىكىن نىشانلىرنىڭ كىىچىكىنە خاتالىقلىرنى كۆرسە قانلىق قىساس خەنجىرنى چىقىرىپ ئۇلارنىڭ يۇرگىگە ئۇردۇ.خۇددى بىللادىن،كازافى،سادام ۋە شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ قار قالپىقىنى كەيگنلەرگە ئوخشاش)
يىغىپ ئىيىتساق ئامرىكا ئۆزىنىڭ ئوتتىرا شەرىقتىكى مەنپەتىنى تولوق قوغداش ئۈچۈن ئىراندەك بويۇنتاۋلىق قىلغان كونا دوستىدىن يىڭى كۈشەندىگە ئايلانغان دۈشمىنى چوقوم جازالايدۇ.لىكىن كونكىرىت ئۇسسۇلى ئىنىق ئەمەس.قۇرال كۈچى بىلەن دىگەن بىلەن ئىرانمۇ بىرقانچە يىلدىن بىرى ئىراقنىڭ مەغلۇبىيتىدىن ساۋاق ئىلىپ ئاكا دۆلەتلىردىن توختىماي قۇرال سىتلىۋىلىپ خىللا كۈچلىنىپ قالدى.ئىراقنىڭ زور قىغۇچى قۇرالى بولمىغان بىلەن روسلارنىڭ قوللىشى بىلەن ئىران يادرۇ قۇرالغا ئىگە ھەم ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ياشىغان يىرىق مۇساپىلىك باشقۇرۇلدىغان بومبىلىرمۇ بىكار تۇرماس،شۇنداقلا ئىراققا ھچقانداق دۆلەتنىڭ ھەربىي سۇنئىي ھەمراسى يول باشلىمىغان بىلەن ئىرانغا روسلارنىڭ رادار ياردىمى زور.بۇنداق بولغاندا ئامرىكا ۋە ئىسرائىلغا خىللا بىسىم ئىلىپ كىلدۇ.ۋە ئۇلار ئىراقنى بومباردىمان قىلغاندەك ئىراننى ئاسان بومباردىمان قىلالمايدۇ.چۇنكى ئۇلارنىڭ باشقۇرۇلدىغان بومبىسىنىڭ مۇساپىسى ئۇزاق،ھەم ئىراقنىڭكىدىن توغۇرلىقى يۇقرى.رادارلىرى ئىلغار،ئامرىكا ئايرۇپىلانلىرى ئىراق ئاسمىندا ئوينىغاندەك ئىران ئاسمىندا ئوينىيالمايدۇ،ئەكىسچە ئىھتىيات سىزىقىنى ئەڭ يۇقرى چەكتە يۇرىدۇ.ئىراقننى كۇزەتكەن رادارلىق جاسۇس ئايرۇپىلانىمۇ ئىران ئاسمىنىدا كالامپاي بوكەندەك ئىراننىڭ يىراق مۇساپىلىك بومبىسىنىڭ ئوۋچىقى بولوپ قالدۇ.شۇڭا ئۇلار قانچە يىللاردىن بىرى بىشنى قاتۇرۇپ ئىراننىڭ بومبىلىرنى ئۇرۇشتىن بۇرۇن ئىشلىمەس قىلىپ قويۇشنىڭ كويدا.لىكىن ئىران ئىراقتەك بولوپ قىلىشتىن قورقۇپ شىپيۇنلارنى قاتتىق پايلاپ ئۇلارنى ئامالسىزلىقتا قويماقتا.پارىسلارنىڭ ئوملىكى يەنە بىر ئاۋارچىلىك بولماقتا.ئۇلار يللاردىن بۇيان ئىىرانغا شۇڭا ھۇجوم قوزغامايۋاتىدۇ.لىكىن قانچە كىچىكسە ئىراننىڭ لۈچى زوريۇپ تىخمۇ بۇي بەرمەيۋاتىدۇ.شۇڭا قىلسا قانچە تىز قىلسا پايدىلىق لىكىن كىيىن قالسا يەنە 10 يىلدىن كىيىن ئىراننىڭ ھازىرقى تەرەققىيەت سۇرئىتىدە ئامرىكىنىڭ بۇيونتاۋ كۈشەندىسى ئامرىكىنىڭ ئولجىسىغا قول ئۇزارتىشقا تامامەن مومكىنچىلكى بار.ئۇنىڭ ئۇستىگە ئامرىكا ۋە ياۋۇرپا ئىتتىپاقى ئۇچرىغان ئىقتىسادى بوھرانلارغا ئىران ۋە جوڭگودەك ئاساسى ئاجىز دۆلەتلەرنىڭ ئۇچرىمىغىنى قىززىق.بۇمۇ كۈچلۇكلەرنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ ئاجىز كۈشەندىلىرگە پۇرسەت يارتىپ خەلىقنى ياۋۇرپا ئىقتىسادى تەدبىرلىردىن گۇمانلارندۇرۇپ بەزى دۆلەتلەرگە ھەۋەس قىدۇرماقتا.
شۇڭا ھۇجۇم قىلدۇ،لىكىن تىزدىن قىلمىسا سوزالغانچە ئۇلارنىڭ مەنپەتى زىيانغا ئۇچرايدۇ.ئەگەر يەنە 5يىل قىلمىسا بولدى ،سىيىپ كىرىپ ئۇخلاپ قالسۇن.
