ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 35قەۋەتتىكى kelem نىڭ 2011-12-03 18:32 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بۇقېتىم ئىران ھۈكىمىتى ئەنگىلىيە ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە ئىتىبارسىز قاراپ خاتا قىلدى..
ئەمدى بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم بەدەل تۆلىشى مۇمكىن!!!
ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى يەنە :بىز قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئىرانغا ھەرقانداق ۋاستە ئىشلىتىشنى ئويلىشىمىز،ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنگىلىيە كونسۇلخانىسىدىكى خادىم ۋە مال-مۆلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغدىماسلىقى بىر ئۈچۈن ئېغىر ھاقارەت دېدى.
==============================
ئىراق ئىشخالىيتىدە، ئاكىتىپلىق بىلەن ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە تۇرغان ئىنگىلىسلار،ئىراقتىن ھىچقانداق نىسىۋىگە ئىرىشەلمەي ئىراقتىن ئايرىلغاندىن كىيىن،ئەمدىكى نۆۋەت ئىرانغا كەلگەندە،چوقۇم ئىراندىكى نىسىۋىسىگە ئىرىشىش ئۈچۈن ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن يانمايدىغاندەك قىلىدۇ.ئەنگىليە ئەلچىخانىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچۇرۇشىدا،ئىنىقكى ئىنگىلىس جاسۇسلىرىنىڭ قولى بار.رەڭلىك ئىنقىلاپ قوزغاش ئارقىلىق ئىران ھاكىىيتىنى تىنىچ ئۆزگەرتىش مەقسىتىگە يىتەلمىگەنلەر، بۇ قىتىم رەسمى مۇش كۆتۈرۈپ چىقىۋاتىدۇ.موللىلار ھاكىمىيەت بىشىغا كەلگەندىن كېيىن،ئىران شاھى پەھلىۋىنىڭ سادىق ئەگەشكۈچىلىرى ياكى موللىلار ھاكىمىيتىگە قارشى ئۆكتىچىلەر ياكى شۇلارغا باغلانغان ھەر خىل تەبىقىدىكى كىشىلەر، 1979-يىلىدىن ئىتىبارەن ھەرقانداق ۋاقىتتا پۇرسەت تاپسىلا غەرىپتىن سىياسى پاناھلىق تىلەش يولى ئارقىلىق،ئىراندىن تۈركۈملەپ غەرىب دۇنياسىغا يەرلىشىۋاتىدۇ.ھەتتاكى ئىرانلىقلارنىڭ سىياسى پاناھلىق ئىلتىمسى ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان،بارلىق غەرىب دۇنياسىدا ناھايىتى تىزلا قوبۇل قىلىنىۋاتىدۇ.1979-يىلىدىن ھىساپلىغاندىمۇ بۈگۈنگە قەدەر، نەچچە مىلىيۇن ئىرانلىقلار غەرىب دۇنياسىدا ياشاش بىلەن بىرگە،شۇلارنىڭ ئىچىدىن تاللانغان بىر تۈركۈم ئىران ياشلىرى كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىرانغا قارىتا ئىلىپ بىرىلىدىغان ھەربىي ھەركەتتە،موللىلار ھاكىمىيتىگە قارشى تۇرشاۋۇل قىسىم رولىنى ئويناشتىنمۇ باش تارتمايۋاتىدۇ.رەسمى ئۇرۇش باشلانغاندىن كىيىن،چەتئەل ھەربىي فورمىلىرى ۋە قوراللىرى بىلەن قۇراللانغان پارىسلارنىڭ، ئىران زىمىنىغا كىرگەنلىكىنى كۆرگىنىڭىزە ھەيران قالمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ئامېرىكىنىڭ ئىراننى ئىشخال قىلىشى،ئىراققا قارىغاندا سەل قىيىن بولغىنى ئۈچۈن، بۇ قىتىم ئىنگىلىسلارنىمۇ سەپكە قوشۇۋىلىشنىمۇ ئۇنۇتمىغاندەك قىلىدۇ. ئىنگىلىس-يەھۇدى ئېتتىپاقىنىڭ ئىسرائىليە قانىتى،ئەزەربەيجاننى مۇكەممەل كونتۇرۇل قىلىۋالغىنى ئۈچۈن ئىرانغا قارىتا ئىلىپ بىرىلغان ھەربىي ھەركەتتە،ئىنگىلىسلار چەتكە قىقىلسا ئامېرىكىنىڭ تۆلەيدىغان بەدىلى سەل كۆپرەك بولىدۇ.چۈنكى ئەزەربەيجان ئەل باشى ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداۋاتقانلار باشقا بىرى ئەمەس دەل موسساد ئالاھىدە خادىملىرى بولغىنى ئۈچۈن،ئەزەربەيجان ھەر ۋاقىت ئەزەربەيجان ئايدۇرۇملىرىنى ئامېرىكا ئېتتىپاقداشلىرىنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يول قويىشىغا گەپ كەتمەيدۇ.ئەرمەنلەر بىلەن ئازەرىلەرنىڭ ئوتتۇرسىدا تارىختىن بىرى زىدىيەت داۋاملىشىپ كىلىۋاتىدۇ.ئەرمەنلەر رۇسلارنىڭ كۈچلۈك ھەربىي يارىدىمى ئاستىدا قاراباغنى يولسىزلىق بىلەن بىسىۋالغاندىن كېيىن،گىروزىيە،ئەزەربەيجان،تۈركىيە دوسلۇق ھەمكارلىق شەرتنامىسى ئىمزالىنىپ، ئەرمەنلەرگە قارشى بىرلەشكەندىن كىيىن ،ئەرمەنلەر پەقەت ھاۋا يولى ئارقىلىق تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقە قىلىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان بىر پەيىتتە، ئىراننىڭ ئەرمەنلەرگە دوسلۇق قولىنى سۇنۇپ ئەرمەنلەرنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن قىلىدىغان بارلىق سودا مۇناسىۋەتلىرىگە ئىران زىمىنىنى ۋە پورتلىرىنى كەڭرى ئىچىۋەتكىنى ئۈچۈن،ئىقتىزادى ھالسىرغان،دۆلەت ۋەيران بولۇش گېرداۋىغا بىرىپ قالغان ئەرمەنلەر، يىڭى ھاياتلىق لىنىيەسىگە ئىرىشىپ بۈگۈنگە قەدەر جان ساقلاپ كىلىۋاتىدۇ.ناۋادا ئىران ئەرمەنلەرنىڭ ئۆلۈپ تىرىلىشى بىلەن كارى بولمىغان بولمىغان بولسا ئىدى،ئەزەربەيجان بۈگۈنكى كۈندە غەرىپكە ماسلىشىپ ئىران ئىشخالىيتى ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ياردەمگە تەييار تۇرمغىان بولاتتى.ئازەرىلەرگە نىسبتەن،قىيامەتلىك دۈشمىنى ئەرمەنلەرگە ياردەم قىلىۋاتقان پارىسلاردىن ئۆچ ئىلىشى ئۈچۈن، بۇنىڭدىنمۇ ياخشى پۇرسەت بولمىسا كىرەك.
بىز قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئىرانغا قوللىندىغان ھەرىكەتنىڭ خاراكتىرى توغرىسىدا قارار چىقىرىمىز،بۇ مەسلىگە قارىتا روسىيە بىلەن قارىشىمىز بىردەك دېدى .
===========================
جانابى ئەل باشى ئوباما،ئىنتايىن قورقۇنۇچلۇق گەپلەرنى دېپلوماتىك سۆزلەر بىلەن ئاددىلا چۈشەندۈرۈپتۇ.بۇ سۆزلەرنىڭ ئەسلى مەنىسى مۇنداق.‹‹ئىرانغا قارىتا ئىلىپ بىرىلىدىغان ھەربىي ھەركەت نەچچە يىل بۇرۇن تۈزۈلۈپ بولۇنغان،بىراق ھەركەت خاراكتىرىنى بىكىتىشتە ھۆكۈمەت بىلەن بەش بۇرجەكلىك بىنا ئوتتۇرسىدا ئازراق ئىختىلاپ مەۋجۇت ئىدى،بىر مەيدان ۋەيران قىلىش كۈچى كۈچلۈك بولغان يادرو زەربىسى بىرەمدۇق؟ ياكى دائىمى قوراللارنى ئىشلىتىپ زەربە بىرەمدۇق؟ مۇشۇ مەسىلە ھەققىدە ئەمدى كەسكىن قارار چىقىرىمىز.رۇسلار ك گ ب ئارقىلىق ئىرىشكەن ئىراننىڭ سىياسى،ئىقتىزادىي،ھەربىي جەھەتتىن ئىگىلىگەن بارلىق ئاخباراتلىرى بىلەن بىزنى تەمىنلەشكە ھەر ۋاقىت تەييار.رۇسلارمۇ ئىراندا ھاكىمىيەت ئالمىشىشىنى خالايدۇ.ئىران زەربىگە ئۇچۇرسا خەلقئارا خام نىفىت باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ، رۇسلار كۆپ پۇل تىپىش بىلەن بىرگە،چىگرا سىزىقى ئايرىلىپ تۇرۇدىغان كۈچلۈك خوشنىسى ئاجىزلاپ،رۇسلارغا شەرىقتىن كىلىدىغان ھەربىي تەھدىت تۆۋەنلەيدۇ.ئىراننىڭ ھەربىي زەربىگە ئۇچۇرۇشىنى رۇسلار كىچە-كۈندۈز تىلەۋاتىدۇ...››